خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ خىزمەت پىلانى
小学第一学期工作计划
پىلاننىڭ يىتەكچى ئىددىيەسى:
ماركىسىزىم ،لىنىنىزىم،ماۋزىدوڭ ئىددىيىسى، دىڭشاۋپىڭ نەزىريەسى ۋە‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ››موھىم ئىددىيىسنىڭ روھىنى ئەمىلى خىزمەتلىرمىزگە يىتەكچى قىلىپ پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومومىيۈلىك ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرنىڭ تۈرلۈك سىياسەت فاڭجىنىلىرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ساپا مائارىپىنى ئومومىيإزلىك يولغا قۇيۇپ يىڭى دەرىسلىك ئسلاھاتىنىڭ روھىغا ماسلىشىپ نىشانلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تەربىيلەنگإچىلەرنى ئەخلاقى ،ئەقلى ،جىسمانى،گإزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يىتىشكەن، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش روھىغا ئىگە جەنگىۋار ئىز باسارلاردىن قىلىپ يىتشتۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
يەتمەكچى بولغان نىشان:
مەكتەپلەردىكى ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت-ئوقوتۇش خىزمىتى.ئوقوغۇچىلارغا پەن-مەدىنيەت بىلىملىرنى ئەتراپلىق ئىگەللىتىش ئاساسىدا ئەخلاقى ،ئەقلى تەربىيە ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تەربىيسى قاتارلىق ئىددىۋى تەربىيلەرنى بىرىشمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.بىز خەنزۇتىلى ئوقوتۇش گۇرپپىسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرىسخانا ئوقوتۇشىدا ئسلاھاتنى ھەقىقى تۈردە چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئوقۇتۇشنى قانۇنىيەتلىك ئىلىپ بىرىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئإچۇن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.
1.يىل بىشىدىلا ئوقۇتۇشنىڭ كالىندار پىلانىنى تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل تإزۇپ دەرىسلىكنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ ،ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ ،ئەستايىدىل دەرىس تەييارلاش ،ئەستايىدىل دەرىس تەستىقلاشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىمىز .
2.دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ئوقوتقۇچى مەركەز بولۇشتەك كونا ،پاسىپ ئوقوتۇش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ئوقوغۇچى ئاساس ،ئوقۇتقۇچى يىتەكچى بولۇشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئوقۇچىلارغا ئازادە سۆزلىشش موھىتى يارتىپ بىرىمىز .
3.ئوقۇتۇش مەسىللىرى ئإستىدە ئىزدىنىپ ،ئوقۇتۇش گۇرۇپپىمىزدا ‹‹قانداق قىلغاندا خەنزۇتىلى دەرسىنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلغاندا خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش سۇپتىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ ؟››دىگەن تىمىدا موھاكىمە ئىلىپ بىرىپ ،ئۆز-ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئوقوتۇش سەۋىيمىزنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىمىز .
4.ئوقوغۇچىلارنىڭ سىناق ۋە ئىمتاھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئإگىنىشىگە باھا بىرىشتەك ئەنئەنىۋى ،كونا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ نىشانلىق ئوقۇتۇش ،ئىلىكتىرلىك ئوقوتۇش ،يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش قاتارلىق ئوقوتۇش ئۇسۇللىرنى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ ئىجابى تەرەپلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتإرۇپ ساپا مائارىپىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئوقوتۇش ئىلىپ بىرىپ ،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى ۋە ئەمىلى ئىقتىدارنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرمىز .
5. ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنى تەييارلىغاندا شۇ دەرىس مەزمۇنى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى سەۋىيسى ،دەرىس ئۆتۇش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە ئۇسۇلىنى بەلگىلەپ ،ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ پسخىك ئالاھىدىلىكى ،مىجەزى ،قىزىقىشى ،تەپەككۇرى قاتارلىقلارنى ئوبدان چۈشىنىپ شۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوقوتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىمىز .
6.پەقەت كىتابى بىلىمگە تايىنىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش ‹‹يىڭى ئاياغ كىيىپ كونا يولدا مىڭىش ››تەك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ،ئوقۇتۇش گۇرۇپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىر يەڭدىن قۇل بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ تۇرلۇك ياخشى ئاماللار ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئىلغار ئوقوتۇش ۋاستىلىردىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى قىزىقارلىق،ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىشقا تىرىشىمىز .
7. دەرىس تەييارلىقى بىلەن دەرس ئۆتۈشنىڭ ماسلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ نىمىنى تەييارلىغان،لاھىيەلىگەن بولسا دەرسخانىدا شۇ بويىچە يەتكۈزۈش ۋە كىڭەيتىپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ .ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
8. ئوقوغۇچىلارغا سىستىمىلىق ،قاراتمىلىقى بولغان ئاساستا تإرلىك دەرىستىن سىرتقى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ دەرىسلىكتىن پايدىلىنىش ئإنىمىنى يۇقىرى كۆتىرمىز.
9. ئوقوغۇچىلار بىلەن ياخشى تونۇشۇپ ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان ئإگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئوقوتۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ دەرىسلىكنىڭ ئەمىلىيەتكە ئإيغۇن بولىشىغا ئاساس يارتىمىز .
10.ئوقۇتۇش گۇرپپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يىڭى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتإرۇش ئإچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا خەنزۇتىلى دەرسىنىڭ ئۆزلىشىشنى% 70گە، ،ئوتتۇرچە نومورنى75گە يەتكۈزۈىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز .
خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى
2013-يىلى8-ئاينى22-كۈنى
(تەھرىر : بەشتاش)
«خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ خىزمەت پىلانى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ماتىماتېكا بىلىملىرىدىن زىھىن سىناش پائالىيىتىنىڭ لاھىيەسى
- ماتىماتېكا بىلىملىرىدىن زىھىن سىناش پا
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ خىزمەت پ
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خ
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگى
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىل
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمە
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- 2013-2014学年度上学期小学三年级班主任工作计划
- 班级学期工作计划
- غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تە
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
سورىما تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-28 23:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-01-27 16:01
- ماتىماتېكا بىلىملىرىدىن زىھىن سىناش پائالىي
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ خىزمەت پىلانى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەرب
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگىنىش پ
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىلانى
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىل