باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش
بۇئوقۇش ماۋسۇمىدىكى پائالىيەت 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىپ 2014-يىلى1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئومۇمى ۋاقــىت 21ھەپتە101 كۈن. ساپ دەرس ۋاقتى18 ھەپتە90 كۈن بولىدۇ. (1-ئاينىڭ10- كۈنى دەرس توختايدۇ). 15كۈن ھېيىت،بايرام ، 5كۈن تەكرار ۋە ئىمتىھان ۋاقتى قىلىپ بىكتىلدى.(تەپسىلاتى جەدۋەلدە بىرىلدۇ)1-ئاينىڭ20-كۈنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلدۇ.
يەتمەكچى بولغان نىشان
دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە تۈرلۈك ئەمەلى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى مۇۋاپىق كىڭەيتىپ، تۇرمۇش ۋە ئىجدىمائى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەن نەزىريىۋى بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش؛ ئۇلارنى جەمىئەتكە بىركىشلىك تۆھپە قۇشالايدىغان ياكى يەنىمۇ يۇقۇرلاپ بىلىم ئالالايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش.
بۇ ماۋسۇمدا ئوقۇ- ئوقۇتۇش جەھەتتە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخىشى ئىشلەيمىز.
1. دۆلەت تۈزۈپ تارقاتقان دەرىس پىلانى قاتتىق ئجرا قىلنىدۇ.دەرىسلەر دۆلەت بەلگىلگەن دەرىس پىلانى بويىچە تولۇق تەسسىس قىلنىدۇ. قوياش نۇرۇى تەنتەربىيە ھەركىتى داۋاملىق تۈردە چۇڭقۇرلاشتۇرلىدۇ،شۇ كۈنى تەنتەربىيە دەرسى يوق سىنىپلارغا قارتا بىرسائەت تەنتەربىيە چىنىقشقا تەشكىللىنىدۇ ھەمدە دەرىس سەتكىسى ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزىلدۇ.مەكتەپنىڭ ئومۇمى دەرىس سەتكىسى،سىنىپنىڭ دەرىس سەتكىسى،مەشخۇليەت ۋاقىت جەدۋىلى،پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى ئۆلچەملىك قىلىپ تامغا يوپۇشتۇرلىدۇ.
2.ئوقوتۇش خىزمىتى كۇچايتىلىپ، مەكتەپنىڭ بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىيلەشتەك ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئوقوتۇش پىلانىنى دەرىس ئۆلچىمىنى ھەقىقى ئىزچىللاشتۇرىدۇ. خىللاشقان ئوقوتۇش ئۇسۇلىنى لايھىلەپ،دەرىسخانا ئوقوتۇشىنى جانلاندۇرىدۇ.دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرىس ۋاقتى،دەرىس سائىتى،بىلىم ئۆزلىششى،لاياقەتلىكى،تاپشۇرۇق بىرىپ ئوموملاشتۇرۇش قىتىم سانى،ئىمتاھان ئارقىلىق سۈپەت تەھلىلى ئىلىپ بىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئالدىن پىلانلىنىدۇ
3.ئوقۇتۇش جەريانغا بولغان باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ ،15كۈن بۇرۇن دەرىس تەييارلاش ،دەرىس لاھىيىسىنى ھەپتە بۇرۇن تەستىقلىتىش،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ھەپتىسىدە كام دىگەندە1سائەتتىن2سائەتكىچە دەرىس ئاڭلاش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ
4.دەرىس باھالاش تۈزۈملىرى بىكتىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.تەييارلىقسىز ،تەستىقسىز دەرىسكە كىرىشنىڭ قەتئى ئالدى ئىلنىدۇ.
5.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ ھەپتىدە ئىككى سائەت كەسپى ئۆگىنىش مۇنتىزىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر ھەپتىدىكى كەسپى ئۆگىنىش ۋاقتىدا زۇجاڭلار بىلەن كەسىپنى بىرلىك قىلىپ، دەرس تەييارلارش، دەرس ئۈتۈش ئۇسۇلى، يۇلۇققان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەم ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش ئېلىپ بېرلىدۇ.
6.دەرس تەقسىماتى ئادىل بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. كەسىپنى ئاساس قىلىپ، دەرس تەقسىم قىلىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئورتاق كۈچ سەرىپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
7.ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز كىتاپ تارقىتىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىدۇ؛ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپ تارقاتقاندا مەخسۇس ھەقسىز كىتاپ تارقىتىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپنى ياخشى ئاسىراشنى بولۇپمۇ تەكرار ئىشلىتىلىدىغان كىتاپلارغا قارىتا كىتاپنى مۇقاۋىلاپ سۈپەتلىك ساقلاش، ئىسم يازماسلىق، جىجىيىماسلىق توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ.شۇنداقلا كىتاپلارغا بەلگۈلەنگەن تامغۇ بېسىلىپ، يېڭى كىتاپ بىلەن ئالدىنقى يىلىدىكى كىتاپلار ئوقۇغۇچىلارغا تىزىملىك ئاساسىدا تارقىتىلىدۇ.
8.بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك شەكىلدىكى دەرىسلىك ئىسلاھاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا كەسىپتە پىشقان ئىختىدارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنى قاتناشتۇرۇپ تايانىچ ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىلەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىدۇ. مەكتەپدە ئۇچۇق دەرس تەشكىللەپ، بىر تۈركۈم تايانىچ ئوقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۈرۈپ شەھەر بويىنىچە ئوچۇق دەرس ئۈتۈش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشقا ئويۇشتۇرلىدۇ.
9.مەكتەپتە خالىغانچە دەرس ئالماشتۇرۇش، ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن دەرس قالدۇرۇش قىلمىشلىرىغا قەتئى يول قۇيۇلمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشىغا سېلىشقا، بالا باققۇزۇشقا بىردەك يول قۇيۇلمايدۇ.ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۈرۈلسە پىرىنسىپ بۇيىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
10. تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش كۈچەيتىلىدۇ.تەجرىبىخانا، قىرائەتخانا، ئەسلىھە ئۆيلىرىگە بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ ھەرۋاقىت ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ.شۇنداقلا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ئارخىپلاشتۇرلىدۇ.«ئىككىنجى دەرسخانا »، كۇرژۇك پائالىيىتى ۋە يىتەكلەش زۈرۈر بولغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئول ئادەم بەلگۈلەپ ئەستايىدىل پىلان تۈزۈپ، سورۇن ھازىرلاپ، ئەمەلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ مەكتەپلەردە جانلىق بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرلىدۇ.
11.دۆلەتلىك خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتاھانىغا تىزىملىتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش، ۋە كومپىيوتىر سەۋىيە سىناش ئىمتاھانىسىغا ئوقۇتقۇچىلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.
12. .ئايدا بىر قېتىم پۈتۈن پەنلەردىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتاھانى ئېلىپ پەنلەرنىڭ ئۆزلىشىشىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ، ياخشى ئۆزلەشكەن پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش، ئۇدا ئۆزلىشىشى تۈۋەن بولغان دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا تەنقىدى- تەربىيە ئېلىپ بېرش، تۈۋەن بولۇش سەۋەپلىرى ۋە ئۇسۇل ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرلىشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرلىدۇ.
13.مەكتەپنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشى ۋە ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر رەسىم، مودىل، ھۆسنىخەت قاتارلىق ئىجادىيەت ئەسەرلەرنى سىزىش،ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈپ،كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ ئىككىنجى دەرسخانا خىزمىتىنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرلىدۇ.
14.تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈشتە،شەكىلىنىڭ كۆپ خلىقىغا ،مەزمۇنغا،سانىغا ،ھەجىمىگە ئەھمىيەت بىرىلىپ ناھىيە تارقاتقان ئۆلچەم قاتتىق ئىجرا قىلنىدۇ.
15.ئوقوتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقوتۇش تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. مەكتەپنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش تەتقىقاتى،تۈزۈم قۇرلىشى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.بۇ ماۋسۇمدا كەم دىگەندە 1قىتىم مەكتەپ خاراكتىرلىق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى،ئوقۇتۇش تەجىربىللىرىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، قوشتىل بويىچە 2قىتىم ئۆلگۈلۈك دەرىس ئۇيۇشتۇرلىدۇ. 1 قىتىم كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش پائالىيتى قانات يايدۇرلىدۇ.ئىلمى ماقالە ئىلان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلدۇ، ئاز بولغاندا 1قېتىم كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش،1قېتىم ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ، قوش تىل ئوقوتۇشى ھەقىقى چىڭ تۇتۇلىدۇ. پەنلەر بويىچە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى، ئەلاچىلار ئىمتىھانى ، تاپشۇرۇق كۆرگەزمىسى، قوشتىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ،سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھانى ،تىمىلىق سىنىپ يىغىنى،ئاتا-ئانىلار دەرىس ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىلىقى ئۇرغۇتۇلدۇ،ئىلمى مۇدىرنىڭ يىتەكچىلكىدە سىنىپ مۇدىرى ۋەئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مەسئۇل بولۇپ مەكتەپنىڭ ساۋات چىقىرىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ مەكتەپتە ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ، سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھان ئىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلار نەتىجىسىگە ئاساسەن ،ئىش ئۈنۈمى بىكىتىپ چىقىلىدۇ.ماۋسۇم ئاخىرىدا يىزا ئالغان سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتاھانىدا ئىمتاھان نەتىجىسى يىزىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇش قولغا كەلتۈرلىدۇ.شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ ئايرىم تەربىيىلەش كۈچەيتىلىدۇ.
16.ئىمتاھان ئېلىپ خۇلاسىلاش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ؛ ئايلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتاھانى، ماۋسۇملۇق ئىمتاھانلاردىكى سۇئال ساقلاش، ئىمتاھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، خۇلاسىلاش خىزمەتلىرىدە باشتىن-ئاخىرى مەسئولىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ ئىمتاھاننىڭ ساغلام ئېلنىشى، خۇلاسىنىڭ ئادىل چىقىرلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.ھەرقايسى پەنلەر بۇيىچە سۈپەت ئانالىزى يېزىشقا ئويۇشتۇرلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى جايلاردىن خام كەتكەنلىكىدەك مەسىلىلەر تېپىپ چىقىلىپ، ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىلىنىدۇ.
بۇ ماۋسۇمدا يۇقارقى بىر قاتار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئارقىلىق مەكتۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئالدىنقى ماۋسۇمدىكىگە قارىغاندا %5~3ئەتىراپىدا يوقۇرى كۈتۈرۈپ،يىىمىزدىكى مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئۇرۇن ئېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگىنىش پىلانى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خ
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگى
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىل
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمە
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- 2013-2014学年度上学期小学三年级班主任工作计划
- 班级学期工作计划
- غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تە
- 库木库萨尔乡中心小学教研组工
- 库木库萨尔乡中心小学2012-2013年度第1学期工作安排
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
شاتىرى تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-11-01 02:11 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-01 04:11
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەرب
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگىنىش پ
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىلانى
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىل
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل