باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت پىلانى
ئىشلىنىدىغان ئاساسىي خىزمەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. دەرس ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش جەھەتتە ئۆزگىچە يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشى ئۈچۈن، دەرس تەييارلىقى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە تەييارلاپ، ئوقۇتقۇچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە بېرىپ، دەرس تەييارلىقىنىڭ ئەتراپلىق، پۇختا بۇلىشىغا بەلگىلىك ئاساس سېلىنىدۇ.
2.دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈلۈپ،ساقلانغان مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ،ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.:
3.مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا دەرس ئاڭلاپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە كۈڭۈل بۆلىشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
4.دەرس ئوقۇتقۇچىلرىنىڭ دەرس تەييارلاش ئەھۋالى قەرەللىك تەكشۈرۈلۈپ، دەرس تەستىقلاش تۈزۈمى قاتتىقلاشتۇرۇلىدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان دەرس ئوقتقۇچىلرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
5.دەرس تەستىقلاش ۋاقتى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بۇلۇپ، بارىلىق ئوقۇتقۇچىلار بىردەك دەرس تەستىقلاش ۋاقتىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا تەستىقلىشىغا ئىلمىي بۆلۈمنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقى مەسئۇل بولىدۇ.
6.گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ دەرس تەستىقلاش خاتىرىسنى ۋاقتىدا، ئەينەن يېزىشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، دەرس لايىھىسىنىڭ ۋاقتىدا تەستىقلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەر بىلەن دەرس لايىھىسىنى تەستىقلاتماسلىق ئەھۋاللىرىغا ۋاقتىدا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
7.دەرس باھالاش ئۆلچىمى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈرۈلۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىتودىنى ياخشىلاشقا ئاساس سېلىنىدۇ. ئىلمىي بۆلۈمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇق دەرس ئاڭلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
8 .ھەر ئايدابىر قېتىم ئوقۇتۇش مۇھاكىمىسى ئېلىپ بېرىشنى يولغا قۇيۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ، ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئورتاق تېرىشىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.
9.ھەر ھەپتىدىكى كەسپىي ئۆگىنىش چىڭ تۇتۇلۇپ، لېكسىيە سۆزلەش، خاتىرە قالدۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتۇشتىكى يېڭى ئەندىزە، يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
10.مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ رولىدىن ئۈنۇملۈك پايدىلىنىپ، كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆرۈش ۋاقىت جەدۋېلى بويىچە كۈتۈپخانا باشقۇرۇش خادىمىنىڭ خىزمەت ئورنىدا مۇنتىزىم تۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەر خىل ماتېرىياللارنى كۆرىشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
11.ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلۇپ، مەكتەپتە بار بولغان ئۈسكىنىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك بولغان ماتېرياللارنى سەپلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
12.ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇپ، ساپا مائارىپى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىگە مەسئۇل خادىملارنى تاللاپ بېكىتىپ، پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ، قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، مەۋسۈم ئاخىردا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
13.ئەسلىھەلەر ئۆيىگە سەپلەپ بېرىلگەن سايمانلارنى باشقۇرۇشنى، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشتىكى رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش ئۆنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ئاساس سېلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ.
14.يەرلىك دەرس مەزمۇنىدا ئۆتىلىشكە تېگىشلىك دەرسلەر تۇلۇق ئۈتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار خەۋەردار بۇلۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن توللۇق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
15.«قۇياش نۇرى تەنتەربىيە» پائالىيىتىنى داۋاملىق پۇختا ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە بەلگىلىك جىسمانىي ساغلاملىققا ئىگە بۇلىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
16.ساپا مائارىپى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش يېڭى مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ۋە «ئۈچتە ياخشى»، «ئەلاچى» ئوقۇغۇچىلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش تۈزىمى يولغا قۇيۇلۇپ، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ
(تەھرىر : ئىزدەن)
« باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت پىلانى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خ
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگى
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىل
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمە
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- 2013-2014学年度上学期小学三年级班主任工作计划
- 班级学期工作计划
- غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تە
- 库木库萨尔乡中心小学教研组工
- 库木库萨尔乡中心小学2012-2013年度第1学期工作安排
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
شاتىرى تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-11-01 02:11 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-01 04:11
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەرب
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگىنىش پ
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىلانى
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىل
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل