ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پىلان ۋە خۇلاسە > تولۇق مەزمۇنى

ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر

ۋاقىت : 2013-09-25 11:37 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : تۈمەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
   
2013  -2012--ئوقۇش يىلى  1-ماۋسۇملۇق ئەلاچىلارنى
تەربىيلەپ ،ئۈگىنىشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خۇلاسىسى
 
  
 
 
 
 
 
 
 
 2201 -3-201  ئوقۇش يىلى  1-ماۋسۇملۇق ئەلاچىلارنى
تەربىيلەپ ،ئۈگىنىشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خۇلاسىسى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ يىتىلىش جەريانى بىلەن ئىندىۋىدال يىتىلىش سەۋىيىسىگە ئاساسەن،بالىلارنىڭ يىتىلىش مەزگىلىدىكى ھالقىلىق پەيتلەرنى ۋە ھەرقايسى پەيتتە قايسى جەھەتلەردىن تەرەققى قىلدۇرۇش  زۆرۈرلىگىنى بىلىپ يىتىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم
   1. توغرا بولغان ئوقۇغۇچىلار قارشى تىكلەشكە كۈچ چىقاردىم .بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى كۈزىتىشكە ماھىر بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلار كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاشقا ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ۋاختىدا كونتۇرۇل قىلىۋىلىشىغا ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۈگۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىغىغا قارىتا تەربىيە ئىلىپ بىرشقا ئەھمىيەت بەردىم
   2. ئوقۇغۇچلارنىڭ جۇغراپىيە بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن دەرسخانا ئوقۇتىشىدىن پايدىلىنىپ كۆرسىتىشكە تىگىشلىك بارلىق كۆرسەتمىلەرنى كۆرسىتىپ،ئىزدىنىش ئىلىپ بىرىشقا يىتەكچىلىك قىلىپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرىق ئىتىش قابىليىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت  بەردىم.
3.ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ  بىلىم ئىگەللىۋىلىشىغا يېقېندىن ياردەمدەبولدۇم.
  4.ئۆگۈنۈشتە قىينىلۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم تاپشۇرۇق بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،ئۇلاردىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بىرىمەن ئۆز ئالاھىدىلكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە پۇرسەت يارتىپ بەردىم
5.دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچلارنى ئۆگۈنۈشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچلارغا ياردەم بىرىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىدىم
6.ھەرقايسى پەنلەردە ئالاھىدىلىگى بار ئوقۇغۇچلارغا شۇ دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچلارنى يىتەكلەشكە تاپشۇرۇپ ،ئۆگۈنۈشتە قىينىلۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاشۇرىشقا تىرىشىچانلىق كۆرسەتتىم
7.قەرەرلىك ھالدا شەخسى سۆھبەت ،ئوقۇغۇچىلار سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆگۈنۈشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچلارنىڭ  ئەھۋالىنى پات -پات ئىگەللەپ تۇرۇرۇشقا  ئەھمىيەت بەردىم.
8. ئۈگۈنۈشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كەچلىك مۇزاكىرە قاتارلىق بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭمۇ ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىغا يېقېندىن ياردەمدەبولدۇم
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
2012-2011-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق دەرىستىن سىرىتقى تەكرار پىلان
 
 
 
 
2012.02.12
 
 
 
 
 
 
2012-2011-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق دەرىستىن سىرىتقى تەكرار پىلانى
         دەرستىن سىرتقى تەكرار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋاختىدا بىلمىگەن، چۈشىنەلمىگەن، قىينالغان بىلىملەرگە بولغان تەشنالىقىنى،بۇجەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولۇقلايدىغان مۇھىم ھالقا.
      مەن بۇ ماۋسۇم دەرستىن دەرستىن سىرتقى تەكرارنى تۆۋەنكىدەك ئىلىپ باردىم:
1.دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلار ۋە مۇزاكىرىدە ئوقۇغۇچىلار تازا ئىنىق بىلىپ كىتەلمىگەن،مۈجۈمەللىك ھىس قىلغان تەرەپلەرنى ئۇلارغا تەكرار قىلىپ بىرىمەن
2.دەرستە ئاساسى ئاجىز،ئۈگىنىشتە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە يىتىشىۋىلىشى ئۈچۈن دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئۇلارنى نوختىلىق يىتەكلەشكە سەل قارىمايمەن
3.دەرستە ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتىشى، دەرستە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتىشى  ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن
4.ئەلاچىلارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىگە، دەرستە چىكىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەييارلىق ھالەتتە تۇرىمەن.
5.سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئۆزلىرى بىلەن قەرەرلىك سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە ياردەم بىرىمەن
 
                       
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
2012-2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق 8-يىللىق 3-سىنىپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسىسى
 
 
 
 
 
 
 
2013.01.10
 
 
 
 
 
 
2012-2013-ئوقۇش يىلى1-ماۋسۇملۇق 8-يىللىق3-سىنىپنىڭ ئەخلاقى
تەربىيە خۇلاسىسى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ،ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق،مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان، بارلىقىنى جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلايدىغان قۇرغۇچى، ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىش؛ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان؛ ئىجدىمائى ئەخلاق،  مەدەنى يۈرۈش-تۇرۇش،  قانۇن –ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بۇماۋسۇم بۇجەھەتتە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم:
ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى،سوتسىيالىزىم تەربىيسى،غايە تەربىيىسى،قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىش تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى،پارتىيىنىڭ ئاساسى لۇشيەنى تەربىيىسى، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى،دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى،دۆلەت بىخەتەرلىگى تەربىيىسى، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقۇملۇق، بىخەتەرلىككە بولغان تونۇشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەخلاقى تەربىيەخىزمىتىى ياخشى ئىشلىدىم. شۇنداقلا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا «ئوتتۇرا ئەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى››، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى››نى تەشۋىق قىلىش، ئۈگىنىش ، تەشۋىق قىلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىدىم  .
     ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،ئەمگەكنى سۆيىدىغان، تەرتىپ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ،جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىدىغان ياخشى روھ يىتىلدۈرەشىگە ياردەم بىرىلىپ ئادەتلەندۈرۈش تەربىيىسى ياخشى ئىلىپ باردىم.
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
2012-2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئائىلە سۆھبەت خۇلاسىسى
 
 
 
 
 
 
2013.1.12
 
 
 
 
 
 
 
2012-2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئائىلە سۆھبەت خۇلاسىسى
            ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى-يامان بولىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە باغلىق بولۇپلا قالماي،يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق تەربىيە بىرىشىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلك بولىدۇ.
ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىلارنىڭ تۈرلۈك قىزىقىشلىرىغا، ئارزۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى،ئۇلارنىڭ خاتا كۆز قاراشلىرىنى ۋاختىدا تۈزۈتۈپ، توغرا، ئىلمى دۇنيا قاراش بىلەن بالىلىرىنى تەربىيەلىشى، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كىرەك.  ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئۇستازى ھەم كۆيۈنگۈچىسى.شۇڭا مەن بۇماۋسۇم ئاتا-ئانىلار بىلەن ۋاختىدا سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ، بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش،بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالىلارنىڭ تىرىشچان،ئىقدىساتچىل،ئەقىللىك، ئەمگەكچان،ۋاقىت كۆز قارشىغا ئىگە، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىمىگەرچىلگى بار، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە يىڭى بىر ئەۋلات قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن:
   1.بىر قىسىم بالىلاردىكى داۋامسىزلىق ئەھۋالى، قاداق ئوقۇغۇچى بولىۋىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئامال قىلىپ بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلىشكە كۈچ چىقاردىم.
     2.ئەخلاقى جەھەتتە مەسىلە بار، دەپ قارالغان، دائىم ساۋاقداشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە ئىزدەندىم.
    3.دەرستە ئاجىز،تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان، ئىنتىزامى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەردىم.
   4.ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىمكانىيەتلىك ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ،خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتى يارىتىش چارىسىنى قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىەتتىم.
 
5.بۇ ئوقۇش ماۋسۇمى  قىتىم ئائىلە سۆھبىتى،   قىتىم    ئوقۇغۇچىلار سۆھبىتى،   قىتىم ئۇقۇتقۇچىلار سۆبىتى ئىلىپ بىرىپ،ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ.ئولارنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈردىم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
تۈمەن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-06-11 12:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-26 05:09
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ