ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پىلان ۋە خۇلاسە > تولۇق مەزمۇنى

قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى

ۋاقىت : 2010-08-31 17:05 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : abliz | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

 
 
گەزلىك يېزا گەزلىك باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ «قوش تىل
 
 
 
 ئوقۇتۇش خىزمەت
پىلانى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
گەزلىك يېزا گەزلىك باشلانغۇچ مەكتەپ
 
2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
 
گەزلىك يېزا گەزلىك باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ «قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى
   دەرىسلىك ماتېرىيال ئسلاھات ۋە قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتى بىزگە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا مەيلى ئۇ رەھبەرلىك قىلغۇچى بولسۇن ياكى دەرس مۇنبىرىدە دەرس ئۆتىدىغان ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى بولسۇن، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يېڭى ئەندىزە،يېڭى ئوقۇتۇش مېتودى، يېڭى ئۇسۇل چارىلەرنى تىزدىن بارلىققا كەلتۈرۈشى ۋە ئۇنى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە تىزدىن ماسلىشىش، ئۆز كەسىپىنى، خەنزۇرتىلىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش، دەرىسلىك ماتېرىيالنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق تەربىسى ۋە ئادەت تەربىيىسىنى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىشى كېرەك. رىقابەت ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى ئىسلاھات ئالدىدا شاللىنىپ قالىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرمەسلىك كېرەك. ئوقۇتۇش ئىسلاھات خىزمىتى دەۋر بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپە. ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان كىشى بۇ نۇقتىنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك. بۇ مەۋسۇم مەكتىۋىمىز مەكتەپ دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەيمىز.
1.       مەكتەپ دەرىسغانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا ۋە قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك گوروپىپىسى قۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
گوروپپا باشلىقى: ئابدۇساتتار ئابلەت
گوروپپا ئەزالىرى:رازىيەم جامال ، مارىيەم رازىق ، مارايەم غۇپۇر، زىننەتگۇل يۈسۈپ
    ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن يەنىلا دەرسىخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، كۆپرەك ئىزدىنىشى كېرەك. بىز بۇ مەۋسۇمدە ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقلىرنىڭ تەشكىللىشى ئاساستا ماتىماتىكا ،خەنزۇتىلى ئۇلگە كۆرسىتىش دەرس ، پەن يىتەكچىلىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلگە كۆرسىتىش دەرس،ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماھارەت كۆرسۈتۈش دەرس مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپ ئىچىدە تاللانغان ئۈلگە كۆرسىتىش ماھىرلىرىنى يىزا ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش دەرىس مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
2.     ئۆز- ئارا دەرىس ئاڭلاش، قوشنا مەكتەپلەرگە بېرىپ، كەسىپلەر بويىچە دەرس ئاڭلاش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھىمىيەت بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەۋسۇمىدا 15 سائەت دەرس ئاڭلاشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشى، دەرس ئاڭلىغاندىن كىيىنكى قايتۇرما ئىنكاسنى ئەستايىدىل يىزىشى كىرەك. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تەجىرىبە-ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۇنلەپ، ئۆز كەسىپىدە تىرىشپ ئىزدىنىش كېرەك ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش كۆز قارىشىنى تىكلەپ، ئۆز ئەمىليىتىدە كۆرسىتىشى شۇنداقلا خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3.     ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ باش تېمىسى قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا قوش تىل ئوقۇتۇشنى دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدا تىزدىن ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. رەھبەرى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ باش تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىزدىنىش كېرەك. ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنىڭ كونكېرتنى خىزمەتلىرىگە ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا مەسئۇل بولىدۇ.
. قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش پۇتۇن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
      مەكتەپ بۇ مەۋسۈمدە بۇرۇنقىدىنمۇ قەئىي ئىرادە بىلەن قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. بارلىق-چارە تەدبىرلەرنى تولۇق ئىشقا سالىدۇ.
1)    مەكتىۋىمىز قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەجرىبىلەرنى ئاكتىپ يولغا قويدۇ. يەنى1-2-يىللىقلارنىڭ ماتېماتېكا پەنلىرىدە پىلاننى خەنزۇچە تۇزۇش، تىرىشىپ قوش تىلدا ئۆتۈش، ئاڭلاش، تەجرىبە ئۆگىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. قوش تىللىق ئوقۇتۇش مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، مەركىزى ھەم سىياسى ۋەزىپىسى قىلىنىدۇ. 1-2-يىللىقلارنىڭ خەنزۇ تىلى ھەپتىسىگە 6سائەت ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ 4 سائتى خەنزۇ تىلى دەرسى بولىدۇ. ئىككى سائىتى ماتېماتېكىلىق ئاتالغۇلارنى خەنزۇچە ئۆگىنىش ۋاقتى بولىدۇ. ماتېماتېكا ئوقۇتقۇچىسى بىر ھەپتە بۇرۇن خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى كۆپ ئۇچرايدىغان ماتېماتېكىلىق ئاتالغۇلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2)    بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرزىس تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ، قوش تىل ئۆگۈنۈش، قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىپ خەنزۇچە سەۋىيەسى نىسبەتەن ئارقىدا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش چىڭ تۇتۇلىدۇ. خەنزۇچە ئوقۇتشتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاپ چىقىپ كۈچلۈك ئىلھام بېرىلىدۇ.
3)    مەكتەپ قوش تىللىق سىنىپلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ياخشى تۇتقاندىن باشقا، يەنە باشقا يىللىقلارنىڭ خەنزۇچە ئوقۇتۇشىنى تىرشىپ كۈچەيتىدۇ، كېڭەيتىدۇ. ئۇ سىنىپلارغا ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىن تەربىيىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
4)    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق پائالىيەتلەر كۆپەيتىلىدۇ.
5)    ھەرقايسى ئورۇن ۋە مەكتەپلەرنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش كېڭەيتىش چىڭ تۇتۇلىدۇ. تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ يېقىن رايۇنلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ قوش تىل ئوقۇتۇشىدا توغرا ئۇسۇل ۋە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەر تېپىپ چىقىلىدۇ ياكى مۇستەھكەملىنىدۇ.
6)    تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگۈتىپ، تەشۋېقاتنى كۈچەيتىپ تونۇشنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماتېماتېكا ۋە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشتا تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى قوللاش، تەغدىرلەشنى يولغا قويىدۇ. ئوقۇتۇش توھپىسى نادىر بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە تۇرلۇك يوللار بىلەن ئۇلارغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
 
 
گەزلىك يېزا گەزلىك باشلانغۇچ مەكتەپ
 
2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(15)
75%
ناچاركەن
(5)
25%

«قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
abliz تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-29 15:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-03-22 00:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ