« بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ، ھاياتىمىزنى قوغدايلى » تىمىسىدىكى ئوتتۇرا ئەترەت پائ
1) ئەترەت باشلىقى ئەرەت ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەلۇم قىلىش 2)ئەترەت بايرىقى چىقىرىش ( ئەترەت مۇزىكىسى قۇيۇلىدۇ ، ئەترەت ھەيئەتلىرى بايراقنى ئېلىپ كىرىدۇ .
3)پائالىيەتنى باشلاش
ئەترەت تەربىيىچىسى : ساۋاقداشلار مەن بىر تېپىشماق ئېيتىمەن ، قېنى كىم تاپالايدۇ ؟
دۇنيادا شۇنداق بىر نەرسە باركى ، ئو ئادەمگە بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدۇ ، ئەگەر ئۇ كىتىپ قالسا ھەر قانداق قىلىپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ ، ئەگەر ئۇ بولمىسا ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ .
ئوقۇغۇچى : ( ئىختىرارى جاۋاپ بېرىدۇ ، ئالتۇن ، ئالماس ، ۋاقىت ..... ھاياتلىق ...)
ئوقۇتقۇچى : سىلەرچە قايسى جاۋاپ توغرىدۇ ؟
ئوقۇغۇچى :
ئوقۇتقۇچى : توغرا ، ئۇ بولسىمۇ ھاياتلىق ، ئۇنداقتا ھاياتلىقىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم ؟
ئوقۇغۇچى : ھاياتلىق ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ ، ئەگەر ئۇ كىتىپ قالسا ھەر قانداق قىلىپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ ھاياتلىق بولمىسا ھەممە نەرسە بولمايدۇ . شوڭا بىز ھاياتىمىزنى قادىرلىشىمىز لازىم .
ئوقۇتقۇچى : خەلقىمىز ئەزەلدىن تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى ماقال تەمسىل ئارقىلىق ئاددى ، ئىخچام ، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ ،باشقىلارغا ئىبرەت قىلغان ، قېنى كىم ھاياتنى قەدىرلەش توغرىسىدا ماقال تەمسىل بىلىدۇ ؟
ئوقۇغۇچى : ساغلام تەندە ساپ ئەقىل .
تەن ساقلىق ، زور بايلىق .
ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا ،ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن
نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىرى ئوتقا سالادۇر.
ئوقۇتقۇچى : شۇنداق ، ماقال تەمسىللەردە دىيىلگەندەك ھاياتلىقنى قەدىرلەش كېرەك ، تىنىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك . بىراق تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن بىئەجەل ئايرىلماقتا ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى تەبىئى ھادىسىلەر كەلتۇرۇپ چىقارغان ، قالغان بىر قىسمىنى كىملەر كەلتۇرۇپ چىقارغان ؟
ئوقۇغۇىچى : بىز ، ئادەملەر ئۈزى .
ئوقۇتقۇچى : بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇغۇچىA: توك ئىشلىتىش بىلىمى يېتەرلىك بولمىغاچقا توك سۇقۇۋېتىشتىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .
ئوقۇغۇچىB:بالىلار خەتەرلىك ئۇيۇنلارنى ئوينايدۇ ، مەسىلەن : سۇغا چۈشۈش ، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ، ئاسان پارتىلايدىغان ، ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئوينايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن خەتەر يۈز بېرىدۇ .
ئوقۇغۇچىC:قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماي ، قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ .
ئوقۇغۇچىD:يىمەكلىككە دىققەت قىلماي سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .
ئوقۇغۇچى E: ئۆزىنى قوغداش ، خەتەرگە يۇلۇققاندا ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى بىلمەسلىكتىن ، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .
ئوقۇغۇچى F : تۇرلۇك يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساخلىنىشقا سەل قارىغاچقا ، بەزى كىشىلەر ھاياتىدىن بالدۇر ئايرىلىپ قالىدۇ .
ئوقۇغۇچى G: يەنە بەزىلەر ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .
.....
ئوقۇتقۇچى : دىمەك يۇقارقى ھادىسىلەر كۇپىنچە ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلمەسلىكىدىن كىلىپ چىقان ئىكەن ،بىزدە ئەلدىن ئەلگە نەپ دىگەن گەپ بار ، بىز بىر قىسىم بىخەتەرلىك بىلىملىرى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشايلى ! بىلىدىغىنىمىزنى ساۋاقداشلاردىن ئايىمايلى ، ئۇلارمۇ بىلىۋالسۇن ، بولامدۇ ؟
ئوقۇغۇچىلار : بولىدۇ ...
ئوقۇتقۇچى :1)ئويۇن ئوينىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم ؟
2) يول يۈرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم ؟
3) ئوت ئاپىتىدىن ساخلىنىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم ؟
4) تاماق تاللاشنىڭ قانداق زىيىنى بار ؟
5) ئەخلەت يىمەكلىك يىيىشنىڭ قانداق زىيىنى بار ؟ يىمەكلىك سېتىۋالغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم ؟
6) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم ؟
7) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىش يۇلى قايسىلار ؟
8) يەر تەۋرەش ئاپىتى يۇز بەرگەندە قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
9) چاقماق سۇقۇۋتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
10) سۇغا چۈشكەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم ؟
ئوقۇتقۇچى : ساۋاقداشلار بىزبۈگۈن ھاياتلىقنى قانداق ئاسراش توغرىسىدا نۇرغۇن – نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق . ئەمدى ساۋاقداشلار ، بىز سۆز ئۇيۇنى ئوينايلى ، ئۇسۇل مۇنداق : « بىخەتەرلىك » دىگەن سۆزگە جۇملە تۈزەيمىز ، جۇملىدىكى ھەر بىر سۆز « ب » ھەرپى بىلەن باشلانسۇن !
بىخەتەرلىك – بىرىنچى .
بىز بوستانغا بىخەتەر باردۇق .
بىخەتەرلىك بولمىسا بارلىقىمىز بولمايدۇ .
بىخەتەرلىك بىلىمى بولمىسا بىخەتەر بولغىلى بولمايدۇ .
بىخەتەرلىك بولسا بىزنىڭ بارلىقىمىز .
بالىلار بىخەتەر بۇلۇڭلار .
بىخەتەرلىك بىلىمىنى بىلسەك ، بەدىنىمىز بىخەتەر بولىدۇ .
بەدىنىمىز بىخەتەر بولمىسا ، بىلىم بىلەلمەيمىز .
خۇلاسە : ساۋاقداشلار ، ھاياتلىق بىزگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ ، ئونىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ئەسلىگە كەلتۇرمەك مۇمكىن ئەمەس ، يۇقىرىدا ساۋاقداشلار دىگەندەك « تەن ساقلىق زور بايلىق » ،بىز « بىخەتەرلىك بىرىنچى » دىگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇپ ، بۇ زور بايلىقمىزنى ئاسرىشىمىز ، قوغدىشىمىز ،ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشماسلىقىمىز لازىم .
(تەھرىر : admin)
«« بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ، ھاياتىمىزنى قوغدايلى » تىمىسىدىكى ئوتتۇرا ئەترەت پائ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 2013/2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم سۇرئەت پىلانى توپلىمى
- پارتىيە ياچېيكىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پ
- 喀什地区“花园式学校”申请表
- 库木库萨尔乡中心小学关于创建 “花园式学校” 工作的
- 库木库萨尔乡中心小学环保培训计划
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”活动的措施
- 库木库萨尔乡中心小学创建 “花园式学校”活动的计划
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 库木库萨尔乡中心小学标准化学校建设计划
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设效能建设制度
- 库木库萨尔乡中心小学标准化学校建设实施方案
- 2013/2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم سۇرئەت پىلانى ت
- « بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ، ھاياتىمىز
- « 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئې
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- ئۇچۇر -تېخىنىكا دەرسلىك پىلان 4- يىللىق خ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
20090711 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-16 14:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-07 23:08
- ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان پىلان خۇ
- مەكتەپ پىلانلىرى توپلىمى
- ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر ماتىريا
- خەنزۇچە خۇلاسە،پىلان توپلىمى
- قائىدە-تۇزۇملەر توپلىمى
- پىئونىرلار خىزمەت ماتىرياللىرى
- قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى
- 2011\2012-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق كالىندار پىلان تو
- 2010 - 2011 - ئۇقۇش يىلى 2 – ماۋسۇملۇق
- پارتىيە قۇرلۇشىغا دائىر ماتىريالل