« 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى » تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لا
يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ « 2013-يىللىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىيى پائالىيتى»نى يولغا قويۇش لاھىيسى»گە ئاساسەن ، « 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى » تەربىيە پائالىيىتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، مەكتىپىمىزنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە ۋە مەكتەپنىڭ نۇرمال ئوقۇ ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە زىچ بىرلەشتۇرگەن ئاساستا « 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى » تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لاھىيىسى تۇزۇلدى..
1- يېتەكچى ئىدىيە:
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ،18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىىدىل ئۆگىنىپ،«گوۋۇيەننىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە بىخەتەر تەرەققى قىلىش،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۇرۇش مۇقىملىققا ئەھمىيەت بىرىش توغرىسىدىكى پىكىرى » ([2011] 40-نومۇرلۇق)، «ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە بىخەتەر تەرەققى قىلىش،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۇرۇش مۇقىملىققا ئەھمىيەت بىرىش توغرىسىدىكى پىكىرى » ([2012] 55-نومۇرلۇق)نى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ، « بىخەتەرلىك ئاساسىنى پۇختىلاش،بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇش» نى باش تېما قىلىپ،«ئۇچكە يېقىنلىشىش» ( ئەمەلىيەتكە يىقىنلىشىش،تۇرمۇشقا يىقىنلىشىش،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يىقىنلىشىش)،«ئۇچكە يۇزلىنىش» (ئاساسى قاتلامغا يۇزلىنىش،مەكتەپكە يۇزلىنىش،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يۇزلىنىش).ئۇنۇمگە ئەھمىيەت بىرىش،مەزكەزلىك سىستىمىلىق مەزمۇننى ئاساس قىلىپ،تەشۋىقات ئۇنۇمى يۇقىرى،قاپلاش دائىرىسى كەڭ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشىق تەربىيە پائالىيتىگە ئاسان قاتنىشالايدىغان،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۇچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش،بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك مەدەنىيتىنى كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىم.بىخەتەر بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتى بەرپا قىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى،جىسمانى بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش.
2- پائالىيەت شەكلى ۋە مەزمۇنى:
1. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىيى تەشۋىق تەربىيە كۇنى پائالىيتى (6-ئاينىڭ 9-كۇنى) مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئۇمۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇپ ، خىزمەت لاھىيىسى ، خىزمەت تەلىپى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ.ئاممىۋى پائالىيەتلەردىكى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ، ئاممىۋى پائالىيەتلەر جەريانىدا يارىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۇز بىرىشىنى تىزگىنلەش توغرىسىدا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا زۆرۆر بىلىملەرنى ئەسكەرتىپ ، تەربىيىلەپ ،سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللىك ، بىخەتەر پائالىيەت ئېلىپ برىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
2. بىخەتەرلىك تەكشۇرۇش پائالىيتى ( 6-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن 23-كۇنىگىچە) «تارماق،ئورۇن،سىنىپ،رايۇن»لار ئۆز-ئۆزىنى تەكشۇرۇش،«مەكتەپ تەكشۇرۇپ دەلىللەش» ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ،مەكتىپىمىزدىكى ھەرقايسى سىنىپ،ئىشخانا، ئەسلىھە ئۆيى.ئامبار، قورۇ تام،مەيدان قاتارلىق جايلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئومۇميۇزلۇك تەكشۇرلىدۇ.تەكشۇرۇشنىڭ ئاساسى نۇقتىسى: بىخەتەرلىك مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى، بىخەتەرلىك تۇزىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى،بىخەتەرلىك ئالدىنى ئىلىش تۇزىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى،يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى بايقاش،كونتىرول قىلىش ،ئۆزگەرتىش ئەھۋالى قاتارلىقلار.
3. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيسى ھەپتىلىكى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش (6-ئاينىڭ 3- كۇنىدىن 9-كۇنىگىچە) ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسى،پىئونىرلار ئەترىتى،بىخەتەر ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قاتناش،ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش،چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش،توكتىن مۇداپىئەلىنىش،سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق بىخەترلىك ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيسى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تونۇشى،ئاپەت تونۇشى ۋە مەسئۇلىيەت تونۇشى يۇقىرى كۆتۇرلىدۇ.
4. بىخەتەرلىك مەدەنىيتى ھەپتىلىكى پائالىيتى ( 6-ئاينىڭ 10-كۇنىدىن 16-كۇنىگىچە) مەكتەپ «تىنىچ ئامان مەكتەپ »بەرپا قىلىش خىزمەت تەلىپى،سىنىپ،ئىشخانىلار « تىنىچ ئامان سىنىپ»،«تىنىچ ئامان ئىشخانا» بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە تۈرلىك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىككە ھەممە ئادەم ئەھمىيەت بىرىدىغان ، بىخەتەرلىككە ھەممە ئادەم ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مىنىڭ كەلگۇسۇم بىلەن باغلىق دەيدىغان ئىدىيە تۇرغۇزۇش ئاساس قىلىنىدۇ،ھەمدە تىنىچ-ئامانلىق خىزمىتى بويىچە « تىنىچ ئامان سىنىپ»،«تىنىچ ئامان ئىشخانا» لارنى باھالاش ئېىلىپ بىرىلىدۇ.
5. جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مانۋىر ئىلىپ بىرىش پائالىيتى ھەپتىلىكى ( 6-ئاينىڭ 17 – كۇنىدىن 23-كۇنىگىچە) ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسى،پىئونىرلار ئەترىتى،بىخەتەر ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرقايسى سىنىپلاردا ۋە مەكتەپ خاراكتىرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس كىلىدىغان، سۇدىن،چاقماقتىن،دەسسىلىشتىن،يەرتەۋرەش قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قوغداش ئاساسى مەزمۇن قىلىغان ئەمەلىي مانۋىر پائالىيتى ئىلىپ بىرىلىپ، جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تونۇشى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش بىلەن بىرگە، تاسادىپى ۋەقەلەر يۇزبەرگەندە جىددى تاقابىل تۇرۇش،بىخەتەر،جىددى تارقاقلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۇرلىدۇ.
6. مۇستەھكەملەش،خۇلاسىلەش ھەپتىلىكى ( 6-ئاينىڭ 24-كۇنىدىن 30-كۇنىگىچە) مەكتەپ پاتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسى،پىئونىرلار ئەترىتى،بىخەتەر ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەكتەپنىڭ بىخەتر ئىشلەپچىقىرىش ئىيى پائالىيتى جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ ئارقىغا قاراش، سىنىپ،ئىشخانا قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىش، ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسى،پىئونىرلار ئەترىتى،بىخەتەر ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۇرۇپ دەلىللەش، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ئومۇمى خىزمەتلەرگە قارىتا تەكشۇرۇپ دەلىللەش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۇزىتىشكە يىتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىخەتر ئىشلەپچىقىرىش ئىيى پائالىيتىدىن ئومۇميۇزلۇك خۇلاسە چىقىرىش بىلەن بىرگە قولغا كەلگەن نەتىجە، تۇزىتىلگەن مەسىلىلەر مۇستەھكەملىنىدۇ.
3- خىزمەت تەلىپى
1. ئالدى بىلەن مەكتەپ « 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى » تەربىيە پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلش گوروپپىسى قۇرۇلىدۇ ، مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش ئاساسىدا گوروپپا ئەزالىرىنىڭ كونكىرىت خىزمەت تەخسىماتىنى بىكىتىپ ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىمىز.
2. «12-قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى » تەربىيە پائالىيىتىنىڭ كونكىرىت خىزمەت لاھىيىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ، رادىئو ئوزىلى ،قارا تاختاي گېزىتى ...قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، تەشۋىقات سالمىقى ئاشۇرىلىدۇ .ھەر بىر سىنىپ قارا تاختا گېزىتى ئىشلەش ئەمىلىلەشتۈرۈلىدۇ .
3. ئۇنۇمگە ئەھمىيەت بىرىش چىڭ تۇتۇلىدۇ.تەشۋىق تەربىيە بىلەن بىرگە بىخەترلىك ئەمەلى ئىقتىدارىنى كۇچەيتىش ئاساسى نىشان قىلىنىپ، مانۋىر،زىھىن سىناش،ەقرەللىك قەرەلسىز تەكشۇرۇش، سىناش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقىرى ئۇنۇمنى قولغا كەلتۇرۇش ئاساسى نىشان قىلىنىدۇ.
4. مەكتەپ ئەتراپى ئىجتىمائى ئامانلىقىنى تۇزەش خىزمىتى كۇچەيتىلىدۇ.
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەكشۇرۇش كۇچەيتىلىدۇ. ھەرقايسى ئورۇنلارغا مەسئۇل بولغان خادىم،ئورۇن شۇ جاينىڭ بىخەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش خىزمەت پىرىنسىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلى زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
6. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىش، مەكتەپكە كىلىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىكىگە بولغان نازارەتچىلىك يىتەكچىلىك كۇچەيتىلىپ، يول بۆلەكلىرى ۋە نۇقتىلىق خەتەر يۇز بىرىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى جايغا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ نازارەت قىلىش، چارلاش ئىشقا ئاشۇرلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
7. مەكتەپ رەھبەرلىكنىڭ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ، سۇ ، توك يوللىرى ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ، بىخەتەرلىك قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ھەپتىدە بىر قېتىم ياكى قەرەلسىز تەكشۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ .
8. 24 سائەتلىك دىجۈرنىلىك تۈزىمى ئەستاھىدىل ئىجرا قىلىنىدۇ .دىجۇرنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چارلاش خىزمىتى كۇچەيتىلىدۇ . كۇندە ئەتىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش جەريانىدىكى ، چۈشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا چىقىش تاماقلىنىش جەريانىدىكى ، كەچتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ،تەكشۇرۇش تۇزىمى ، كېچىسى مەكتەپ ئىچىنى چارلاپ بىخەتەرىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇزىمى ، ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن سىنىپ ۋە خانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۇرۇش تۈزىمى ....قاتارلىق خىزمەت تۇزۇملىرى قاتتىق ئەمىلىلەشتۇرۇلىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«« 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى » تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: « بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ، ھاياتىمىزنى قوغدايلى » تىمىسىدىكى ئوتتۇرا ئەترەت پائ
- پارتىيە ياچېيكىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پ
- 喀什地区“花园式学校”申请表
- 库木库萨尔乡中心小学关于创建 “花园式学校” 工作的
- 库木库萨尔乡中心小学环保培训计划
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”活动的措施
- 库木库萨尔乡中心小学创建 “花园式学校”活动的计划
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 库木库萨尔乡中心小学标准化学校建设计划
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设效能建设制度
- 库木库萨尔乡中心小学标准化学校建设实施方案
- 2013/2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم سۇرئەت پىلانى ت
- « بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ، ھاياتىمىز
- « 12 – قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئې
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- ئۇچۇر -تېخىنىكا دەرسلىك پىلان 4- يىللىق خ
- ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان پىلان خۇ
- مەكتەپ پىلانلىرى توپلىمى
- ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر ماتىريا
- خەنزۇچە خۇلاسە،پىلان توپلىمى
- قائىدە-تۇزۇملەر توپلىمى
- پىئونىرلار خىزمەت ماتىرياللىرى
- قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى
- 2011\2012-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق كالىندار پىلان تو
- 2010 - 2011 - ئۇقۇش يىلى 2 – ماۋسۇملۇق
- پارتىيە قۇرلۇشىغا دائىر ماتىريالل