پىچان ناھىيلىك يېزا-ئىگىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈملۈك ئ
![]() |
يىتەكچى ئىدىيە:
ماركىسىزىم ، لېنىنىزم ، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى ، دېڭ شياۋپېڭ نەزەرىيىسى ۋە " ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش " مۇھىم ئىدىيىسى،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، پارتىيە18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە يىتەكچى قىلىپ ،ناھىيمىزنىڭ مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاساسەن يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئولىيەتچانلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش،ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ،يىڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بۇلۇش،دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش،مەكتىپىمىزنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
بۇ مەۋسۆمدە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. دەرس ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش جەھەتتە ئۆزگىچە يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشى ئۈچۈن، دەرس تەييارلىقى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە تەييارلاپ، ئوقۇتقۇچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە بېرىپ، دەرس تەييارلىقىنىڭ ئەتراپلىق، پۇختا بۇلىشىغا بەلگىلىك ئاساس سېلىنىدۇ.
2.دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈلۈپ،ساقلانغان مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ،ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇيچە بىر تەرەپ قىلىندۇ.
3.مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا دەرس ئاڭلاپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە كۈڭۈل بۆلىشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
4.ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ دەرس تەستىقلاش ئەھۋالى قەرەللىك تەكشۈرۈلۈپ، دەرس تەستىقلاش تۈزۈمى قاتتىقلاشتۇرۇلىدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىغا قارىتا مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇيچە بىر تەرەپ قىلىندۇ.
5.دەرس تەستىقلاش ۋاقتى ھەر ھەپتىنىڭ 3- ۋە 5-كۈنى بۇلۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىردەك دەرس تەستىقلاش ۋاقتىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا تەستىقلىشىغا ئىلمىي بۆلۈمنىڭ يېتەكچىلىگىدە ھەر قايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقلىرى مەسئۇل بولىدۇ.
6.گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ دەرس تەستىقلاش خاتىرىسنى ۋاقتىدا، ئەينەن يېزىشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، دەرس لايىھىسىنىڭ ۋاقتىدا تەستىقلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەر بىلەن دەرس لايىھىسىنى تەستىقلاتماسلىق ئەھۋاللىرىغا ۋاقتىدا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇيچە بىر تەرەپ قىلىندۇ.
7.دەرس باھالاش ئۆلچىمى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈرۈلۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىتودىنى ياخشىلاشقا ئاساس سېلىنىدۇ. ئىلمىي بۆلۈمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇق دەرس ئاڭلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
8.ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئايدا ئىككى قېتىم ئوقۇتۇش مۇھاكىمىسى ئېلىپ بېرىش يولغا قۇيۇلۇپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ، ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئورتاق تېرىشىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.
9. ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئاساسىي ماھارىتى بىلەن تەربىيلەش، مەشقلەندۈرۈش، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، سىياسىدا لاياقەتلىك، ساپاسى ياخشى، كەسىپكە پۇختا ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىدىكى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدىكى كەسپىي ئۆگىنىش چىڭ تۇتۇلۇپ، لېكسىيە سۆزلەش، خاتىرە قالدۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتۇشتىكى يېڭى ئەندىزە، يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ھەر ھەپتىدىكى كەسپىي ئۆگىنىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خەنزۇتىلى ئۈگىنىش،كومپىيۇتېر ئۈگىنىش، دەرس دېتالى لايىھىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدۇ، ھەپتىسىگە5سائەت ئۈتۈلدىغان دەرىسلەردىن ھەپتىدە بىر قېتىم دەرس دېتالى تۈزۈپ تاپشۇرۇش، ھەپتىسىگە2سائەت ئۈتۈلدىغان دەرىسلەردىن ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم دەرس دېتالى تۈزۈپ تاپشۇرۇش تۈزۈمى يولغا قۇيىلىدۇ.
10.مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ رولىدىن ئۈنۇملۈك پايدىلىنىپ، كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆرۈش ۋاقىت جەدۋېلى بويىچە كۈتۈپخانا باشقۇرۇش خادىمىنىڭ خىزمەت ئورنىدا مۇنتىزىم تۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەر خىل ماتېرىياللارنى كۆرىشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
11.ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلۇپ، مەكتەپتە بار بولغان ئۈسكىنىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك بولغان ماتېرياللارنى سەپلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش،ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
12.ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئايدا بىر قىتىم دەرس تەييارلىقنى،ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆركەزمە قىلىپ، مەخسوس گۇرۇپپا تەشكىلەپ باھالاش ئىلىپ بېرىلدۇ.تاپشۇرۇق دەپتەرگە ئائىلە باشلىقى ئىمزا قۇيۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلدۇ.
13.ئالتە خانىگە سەپلەپ بېرىلگەن سايمانلارنى باشقۇرۇشنى، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشتىكى رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش ئۆنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ئاساس سېلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ.
14.ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى ئوقۇتۇش پىلان بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپىيوتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش خىزمىتى كۈچەيتىلدۇ.ئالاھىدىلكى بار ئوقۇغۇچىلار تاللاپ چىقىلىپ ئايرىم تەربىيلەش ئىلىپ بېرىلدۇ.
15.يەرلىك دەرس مەزمۇنىدا ئۆتىلىشكە تېگىشلىك دەرسلەر تۇلۇق ئۈتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار خەۋەردار بۇلۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن توللۇق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
16.تەنتەربىيە،رەسىم،مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ تەنتەربىيە كۇماندىسى،مەكتەپ خەتتاتلار گۇرۇپپىسى،مەكتەپ سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا يىتەكلىندۇ.
17.ساپا مائارىپى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش يېڭى مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ۋە «ئۈچتە ياخشى»، «ئەلاچى» ئوقۇغۇچىلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش تۈزىمى يولغا قۇيۇلۇپ، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«پىچان ناھىيلىك يېزا-ئىگىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈملۈك ئ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- پىچان ناھىيلىك يېزا-ئىگىلىك كەسپىي ئوتت
- مەۋسۈملۇق كەسپىي ئۆگىنىش پىلانى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۈگنىش پىلانى
- نى قوغداپ،2گە قارشى تۇرۇشنى دەرىسخانىلا
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- ئاتا-ئانىلار مەكتىۋې پىلانى
- ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىدە تەربىيلەش
- 2013德育达标
- 学校工作计划
- پارتىيە ياچىكا پىلانى
- ماۋسۇم بىشىدىكى خىزمەت پىلان
- 2013-يىللىق سىنىپ خىزمىتى،ئەخلاقى تەربىي
- يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش پىلان ۋە مەسئۇل
- ماۋسۇملۇق ئوقوتۇش تەتقىقات لاھىيەسى
- 9-يىللق 2-ماۋسۇم سۈرئەت كالىندار پىلانى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
maxal تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-17 12:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-05-13 11:05
- ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان پىلان خۇ
- مەكتەپ پىلانلىرى توپلىمى
- ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر ماتىريا
- خەنزۇچە خۇلاسە،پىلان توپلىمى
- قائىدە-تۇزۇملەر توپلىمى
- پىئونىرلار خىزمەت ماتىرياللىرى
- قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى
- 2010 - 2011 - ئۇقۇش يىلى 2 – ماۋسۇملۇق
- 2011\2012-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق كالىندار پىلان تو
- پارتىيە قۇرلۇشىغا دائىر ماتىريالل