ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پىلان ۋە خۇلاسە > تولۇق مەزمۇنى

يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش پىلان ۋە مەسئۇلىيەتنامىلىرى

ۋاقىت : 2013-03-03 21:44 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سىرداشخۇمار | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈمۈلۈك يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى
 
مەكتىۋىمىز پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئويغۇر تىل يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىشنى ئاساس، قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى تەدرىجىي يولغا قويۇۋاتقان يىزا دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نوقتىسى بولۇپ، مەكتىۋىمىزدە جەمئى 63 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 569 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئى 15 سىنىپ سىنىپ بار. مەكتىۋىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى     كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، تەجىربىخانا، قىرائەتخانا ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى ۋە تەجىرىبە ئۈسكۈنلىرى ئاساسى جەھەتتىن تولۇق بولغان مەكتەپ،  مەكتىۋىمىزنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش ، ئۇقۇتۇش بايلىقلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئاڭلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەكتىۋىمىز بۇمەۋسۈمدە تۆۋەندىكىدەك پىلان تۈزۈپ چىقتۇق .
  1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۈرۈپپىسى قۇرۇلۇپ خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
  2. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئامانلىقىغا چۇقۇم تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ . ئاسىراش خىزمىتى ئىزچىل ياخشى ئىشلىنىدۇ، يوقالغان ، بۇزۇلغان ئەسلىھەلەر ئۆز ۋاقتىدا تۇلۇقلىندۇ ياكى رىمۇنىت قىلندۇ . ئەگەر كىم مەسىلە سادىر قىلسا مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ تۈزۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلندۇ .
  3. ئۇچۇرلارنى تۇلۇق قۇيۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ، ۋاقتى قەرەلىدە ئۇچۇرلار رەتلىنىپ تۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
  4. ئۇچۇرلار ۋاقتىدا ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە بىسىپ چىقىرىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلاش ۋە دەرىس ئۈتۈشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇككەمەل بولغان ماتىرىيال ھازىرلاپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلندۇ.
  5. دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئۇچۇر بايلىقلىرىنى ئشلىتىپ دەرىس ئۈتۈشنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ، ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن ئۆتكەن دەرىس سائىتى ئۇمۇمى دەرىس سائەتىنىڭ 5/2 قىسىمىدىن كەم بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىندۇ.
  6. 40 ياشتىن تۆۋەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردا ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرىس ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار ھازىرلاشقا كاپالەتلىك قىلندۇ.
  7. يۇقارقى خىزمەتلەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىك گۈرۈپپىسىدىكى خادملار خىراجەت ئاجىرىتىپ ۋە شارائىت ھازىرلاپ خىزمەتلەرنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشى زۆرۆر كاپالەت بىلەن تەمىن ئىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ، ھەمدە ھەر ۋاقىت ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ .
 
 
يامانسۇ يېزا مەركىزى باشلانعۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۈرۈپپىسىنىڭ زامانىۋىلاشقان يىراق مۇساپىلىق مائارىپ بايلقلىرنى تەقسىملەش ۋە دەرىسخانا ئېلىپ بىرىپ ئوقۇتۇشتا بايدىلىنىش پىلانى
 
1.ئۇمۇمىي ئەھۋال
مەكتىۋىمىز پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئويغۇر تىل يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىشنى ئاساس، قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى تەدرىجىي يولغا قويۇۋاتقان كەنىت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نوقتىسى بولۇپ، مەكتىۋىمىزدە جەمئى 63 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 569 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئى15 سىنىپ بار. مەكتىۋىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى    كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، تەجىربىخانا، قىرائەتخانا ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى ۋە تەجىرىبە ئۈسكۈنلىرى ئاساسى جەھەتتىن تولۇق بولغان مەكتەپ، زامانىۋىلاشقان يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش نامىراتلارنى يۆلەش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرلۇشى بولسا ، مائارىپ مىنىستىرلىگنىڭ غەرىپنى كەڭ كۆلمدە ئېچىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تۈپ سىياسەت ، غەربى قىسىمدىكى نامىرات رايۇنلار يولغا قويغان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈلگە كۈرسىتىش قۇرلىشى ، مائارىپ تارماقلىرى ، يۇقىرى تەخنىكا مائارىپى ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر《ھەممە مەكتەپلەرگە تۇتشقان》ئالدىنقى مەزگەللىك ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرلۇشى بۇلۇپ، بۇ مائارىپ بايلىقلرىنى تەقسىملەپ ، ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، نامىرات رايۇنلارنىڭ مائارىپ سۈپىتنى ئۆستۈردىغان قۇرلۇش .
  2. يىتەكچى ئىدىيە :
پارتىيە 18-قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ، ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيسىنى  ۋە باش شۇجى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرغا قويغان ‹‹ سەككىز شەرەپ ، سەككىز نۇمۇس ›› قارىشى ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش  تەربىيسىنى يىتەكچى قىلىپ ، مائارىپ قانۇنىنى بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملارغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ ، ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ ، يېڭىلىق يارىتىپ ، كونا ئۇقۇتۇش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، يېڭى ئوقۇتۇش ئەندىزىدسىنى ۋە يېڭى دەرىس ئسلاھاتىنى يولغا قۇيۇپ ۋە ئىزچىلاشتۇرۇپ ، نامىرات رايۇنلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىشكە تىرىشىپ ، ئۇمۇمى يۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەت .
3.  ئشلەيدىغان خىزمەتلەر:
 1. يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش ، مائارىپ بايلىقلىرىنى تەقسملەش ، مائارىپ بايلىقلىرىنى دەرىسخانىدا قوللۇنىش ھەم يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇتۇش سۈپۈتنى ھەققىقى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خىزمەتكە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ، ھەر مەۋسۈم بېشىدا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ ھەم تەشكىللەپ ، مەكتىۋىمىزدە يولغا قۇيۇشقا بۇلدىغان لاھيە ، پىلان قاتارلىقلانى تۈزۈپ ، مەسئۇلىيەتنى دائرلەر بۇيىچە بىكىتىپ ، كىشى بېشىغىچە ئەمىلىلەشتۈرۈپ ، بۇ خىزمەتنىڭ نورمال تەرتەپلىك ئېلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلندۇ .
  3. مەكتىۋىمىزدە مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئىلمىي مۇدىر مەسئۇللۇقىدا يېڭى دەرىس ئسلاھاتى كوللكتىپ دەرىس تەييارلاش ، دەرىس لاھيەسى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تارقىتىلعان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، تەتقىقات ئېلىپ بىرىش ، تەرەققىي قىلغان ئكلكىلەردىكى ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسنى نەق مەيداندا ئاڭلاش ، ئۇلارنىڭ  ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ، دەرىسلىك تۈزۈتۈش ئالاھىدىلىگنى ئىگەللەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە مەكتىۋىمىز كونكىرىت پىلان لاھيە تۈزۈدۇ .
  4. مەكتىۋىمىز يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان خادىمغا يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۈسكىنە ئەسلىھەلەرگە بولغان باشقۇرۇش ئشلىتىش خزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، ئۈسكۈنىلەردى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، پايدىلانماسلىق ئەھۋاللىرنىڭ ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئوقۇتۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدۇ .
  5. مەكتىۋىمىزنىڭ ئۇچۇر قۇبۇل قىلىش رەتلەش ۋە ئشلىتىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ، تارقىتىلغان ئۇچۇرلانى ۋاقتىدا قۇبۇل قىلىشقا ، رەتلەشكە ، تەرتىپ بۇيىچە ئۆلچەملىك ئارخىپلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشىشىقا ۋە تۇلۇق پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلندۇ .
  6. مەكتۋىمىزدىكى يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىغا بولغان باشقۇرۇش ، يىتەكلەش ، تەربىيلەش ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ، توغىرا مەشغۇلات قىلىپ تۈر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ .
 
يامانسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2012-2013- ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈملۈك  يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش
بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمەت پىلانى
 
         بۇ ئوقۇش يىلدا ناھيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋە يېزىلىق مەركىزى مەكتەپنىڭ  بىۋاستە رەھبەرلىگى ئاستىدا ئىدىينى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تۇنۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، ساپا مائارىپنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ئسلاھاتىنى تىزلىتىپ ، يېڭى دەرىس ئەندىزىسىنى قۇبۇل قىلىشنى تىزلىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ چەت يىراق يېزىلاردا يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش مائارىپىنى يولغا قۇيۇش پىلانىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ ھەم ماسلىشىپ ، ئومۇملىققا ئەھمىيەت بىرىپ ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ ، ئىشەنچىمىزنى مۇستەككەملەپ ، مەكتىۋىمىز يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇش بۇيىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ھەقىقى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ مائارىپ بايلقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئوقۇتۇش خىزمىتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئشلەيمىز .
  1. يىل بېشىدا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش پىلارنى تۈزۈپ ، مەسئۇل خادىم بىكىتىپ ، مەسئۇليەتنى ئايدىڭلاتۇرۇپ ، بۇ خىزمەتنىڭ ياخشى ئشلىنىشگە ئەھنىيەت بىرىمىز .
  2. يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش خىزمتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرنى ياخشى ئشلەپ تۈرلۈك پىلان چارە-تەدبىرلەرنى ئالدىن تۈزۈپ ، پىلان بۇيىچە بۇ خىزمەتنىڭ  ئەتىراپلىق ئېلىپ بىرىلشغا كاپالەتلىك قىلىپ ، مەسئۇل خادىم مەكتەپ ئىلمىي مۈلۈمنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستدا تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر كۈنى بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بويىچە مائارىپ بايلىقلىرنى ئىزدەش ، ئۇچۇرلارنى رەتلەش ، رەتلەنگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ تېپىش ۋە ئۆزى دەرىسلىك تۈزۈش يۇمشاق دەتالدىن پايدىلىنىپ دەرس تۈزۈش بويىچە تەربىيلەش خىزمىتنى چىڭ تۇتىمىز .
  3. ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ دەرىس تەييارلاشقا يىتەكلەپ ھەر مەۋسۈمدە كام دىگەندە ھەر بىر ئوقۇتقۇچى 10-30 سائەتكىچە دەرىس تەييارلاشقا ئەھنىيەت بىرىمىز .
  4. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئشلىتىشنىڭ مۇككەمەل تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ئوقۇتقۇچىلار ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا توغىرا مەشغۇلات قىلىش تۈزۈمىگە قاتتىق رئېايە قىلىپ ، قالايمىقان مەشغۇلات قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئەسلىھە ئشلىتىش جەريانىدا زىيانغا ئۇچۇرغان بولسا ئشلەتكۈچنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز .
  5. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە دائىر ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنش ئەھۋالىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا مەكتەپ مۇدىرىغا يوللاپ ۋە ئارخىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئشلەپ ، ئارخىپلارنى ۋاقتىدا تۇلۇق تولدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز .
  6. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ،پاكىز،ئازادە، مۇھىتنىڭ پاكىز بۇلىشغا كاپالەتلىك قىلىمىز .
  7. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ رەھبەرلىكى يىتەكچىلىكى ئاستىدا پىلانلىق سېتىمىلىق تەربىيلەشكە ئاساس سېلىپ ، يەنى بۇ مەۋسۈمدە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش توربىلىملىرىنى ئىزدەپ كۆرۈش ، يۇمشاق دەتالنى ئشلىتىپ دەرىسلىك تۈزۈتۈش توغىرسىدا نوقتىلۇق تەربىيلەش ئېلىپ بىرلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يىراق مۇساپىلىق مائارىپ بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلندىغان ، مائارىپ بايلىقلىرنى دەرىسخانغا ئېلىپ كىرىپ ، ئوقۇتۇشقا خىزمەت قىلدۇرالايدىغان ھالەت شەكىللەندۇرىمىز .
 8. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتى يىل ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىپ ئارخىپلاشتۇرىمىز .
 
يامانسۇ يېزامەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
 
1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ۋە خادىم بەلگىلەنگەن بۇلۇش .
2. بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان ، توك ، سىم يوللىرى راۋان بولغان بۇلۇش ئەتىراپى مۇستەككەم ئورنىتىلغان بۇلۇش .
3. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرنىڭ كونكىرىت تىزىملىگى ، مەشغۇلات خاتىرىسى تۇتۇلغان بۇلۇش .
4. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ  تۈرلۈك خىزمەت پىلانى ، سائەتلىك پىلان ، دەرىس تىزىسى ئۆلچەملىك تۈزۈلگەن بۇلۇش .
5. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا قۇبۇل قىلنغان ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى يىللقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچۇراشتۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولغان بۇلۇش .
6. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىغى ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ تازىلىقى پاكىزە بولغان بۇلۇش .
7. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ئەسۋاپ ئۈسكۈنلەرنىڭ زىيانغا ئۇچۇراپ يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۆكتىن بىخەتەر پايدىلىنىش .
8. ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىپ رەتلەپ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ يېڭى دەرىس ئسلاھاتى بويىچە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلش .
 
 
 
يامانسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتنى باشقۇرۇش مەسۇليەتنامىسى
 
   يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى ئىلغار پەن-تېخنىكا ئەسۋاپ ئۈسكۈنلەردىن پايدىلىنىپ ، ئۇچۇر سىگىنالى ئارقىلىق ، مائارىپقا دائىر ئالغار ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم–تەربىيە بىلىملىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى ، مۇھىم ۋاستە بۇلۇپ ، بۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇشتا مەتكەپ مەمۇريتى بىلەن باشقۇرغۇچى خادىم ئوتتۇرسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسۇلىيەتنامە تۈزىلدى .
  مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيتى :
1. مەكتەپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈچۈن قۇلايلىق شەرەت شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ .
2. يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كېرەكلىك بولغان ئەسۋاپ ئۈسكۈنە ئوقۇتۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ .
3. تاسادىبى ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىسى ، ئوت ئۈچۈرۈش ئۈسكۈنىسى ، ئوغرىدىن مۇداپىيلىنىش ئۈچۈن ئىشىك راملارنى تۈمۈر رىشاتكا بىلەن ئېتىپ قورشاپ بېرىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ  ۋە توك سايمانلارنىڭ ئۆلچەملىك بۇلشىغا شەرت  ھازىرلايدۇ .
4. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا مەخسۇس خادىم بىكىتىپ ئۇنىڭ مەكتەپتىكى باشقا ۋەزىپىشىنى تەڭشەپ دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ .
  مەسئۇل ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇليتى :
1. مەسئۇل خادىم مەكتەپنىڭ خىزمەت تەخسىماتىغا ئاڭلىق بوي سۇنۇپ ، ئۆز مەسۇلىيتىنى تۇلۇق ئادا قىلدۇ .
2. يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل خادىم ئوقۇتۇش ئۆي ۋە مۇھىتنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بۇلدۇ ۋە ئۈسكۈنلەرنىڭ تازىلىقىنى چىڭ تۇتىدۇ .
3. مەسئۇل خادىم تارقاتقان ئۇچۇرنى ۋاقتىدا قۇبۇل قىلىپ رەتلەش توپلاش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئشلىتىش ئارقىلىق ئۈنۈملدارلىقىنى قوغا كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بۇلدۇ .
4. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ئارخىپ ماتىرىياللىرنى ئەتىراپلىق ئشلەپ مەتكەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم –تەربىيە  خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بۇلدۇ .
5. قالايمىقان ئشلىتىش ۋە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە ئارىيەتكە بەرسە ئەگەر بىرىلگەن ماتىرىيال بۇزۇلۇپ كەتسە جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلندۇ .
 ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى :
   ھەر بىر ئوقۇتقۇچى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرىس بىرىدۇ،مەسئۇل خادىم تۈشكەن ئۇچۇرغا قارىتا ئوقۇتقۇچىلارنى دەرىس ئۈتۈشكە ئۈندەيدۇ ، ناۋادا ئوقۇتقۇچىلار ئۆتمىسە ھەر قانداق مەسئۇلىيەتكە ئۆزى مەسئۇل بۇلدۇ،دەرىس ئۈتۈش جەريانىدا يىراق مۇساپىلىق
ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلسا ياكى زىيانغا ئۇچۇرسا شۇ سائەتتە دەرىس ئۆتكەن ئۇقۇتقۇچى ئۆزى مەسئۇل بۇلدۇ .
6. بۇ مەسئۇلىيەتنامە 2013-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە .
 
مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاشقۇچىلار
 
مەكتەپ مەسئۇلى ئىمزاسى :
 
باشقۇرغۇچى ئىمزاسى :
 
ئوقۇتقۇچىلار ئىمزاسى :

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سىرداشخۇمار تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-03-03 13:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-06-21 17:06
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ