غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات پىلانى
يېتەكچى ئىدىيە
پارتىيەۋەدۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش،ماركىسىزىم،لېنىنىزىم،ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى،دېڭشڭياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ،‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسىنى،پارتىيە مەركىزى كومېتىتى 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ئىككى يىغىن روھىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش،قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش،ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش،مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش،رايونلار ھالقىما تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ،مائارىپنى تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي بازا قىلىشتىن ئىبارەت.
خىزمەت نىشانى
مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ،ئاساسىي مائارىپنى ‹‹ ئىمتىھان مائارىپى››نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،توغرا بولغان مائارىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ،يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ،ياراملىق ئىز باسار تەربىيلەشتىن ئىبارەت.
بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىز يۇقىرقى يېتەكچى ئىدىيە ۋە خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز.
1.مەكتەپ ۋە ئىلمىي بۆلۈمنىڭ خىزمەت پىلانى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك خىزمەت پىلانى،ھەر قايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ پىلانى،ھەر قايسى پەنلەرنىڭ كالىندار پىلانى،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش پىلانى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل،ئەمەلىياتچانلىقى كۈچلۈك قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ،پىلان بويىچە ئىش كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.مەكتەپ ئىشىكى ئېچىلىپ تەييارلىق ھەپتىسى يۇقارقى بارلىق پىلانلار تۈزۈلۈپ،ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
2.دەرس تەييارلاشقا بولغان تەلەپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،ھەر بىر دەرسنىڭ كالىندار پىلانىغا ئاساسەن،دەرسلىكنى ئەستايىدىل كۆرۈپ،ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچى پائالىيىتىنى دەرس پىلانىغا ئېنىق كىرگۈزۈپ، قايسىلىرى تەجرىبىلىك ئۆتۈلىدۇ،قايسىلىرى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سىنىپىدا ئۆتۈلىدۇ،قانداق ئوقۇتۇش سايمانلىرى ۋە ككرسەتمە قوراللىرى كېتىدۇ، بۇنى پىلانغا يېزىش،ھەر بىر سائەتلىك پىلاننىڭ مەزمونى تەلەپكە ئۇيغۇن،ئەستايىدىل بولۇش،چوقۇم ھەپتە بۇرۇن تەستىقلىتىش يولغا قويۇلىدۇ.
3.مەكتەپ ۋە ئىلمىي بۆلۈم ماتىماتىكا،خەنزۇ تىلى،ئەدەبىيات،ئەخلاق ۋە جەمئىيەت پەنلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،مەكتەپ خاراكتىرلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىشى ۋە تەجرىبە توپلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
مائارىپ ئىدارىسى ۋە يېزا ئورۇنلاشتۇرغان ئۈلگىلىك دەرس،مۇھاكىمىلىك دەرسلەرگە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاكتىپ تەشكىللەپ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە شارائىت يارىتىپ بېرىمىز.
ھەر قايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنى ئاساس قىلىپ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى بېيىتىلىدۇ.
ھەر ھەپتىنىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن7-سائەت دەرستىن كېيىن سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.كونكىرىت مەزمونى سىياسىي ئۆگىنىش كالىندارلىق پىلانىدا كۆرۈلىدۇ.
ھەر ھەپتىنىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن 6-سائەت دەرستىن كېيىن كەسپىي ئۆگىنىش قىلىنىدۇ.كەسپىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا كالىندارلىق پىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوچۇق دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
بۇ مەۋسۈمدىكى كونكىرىت پائالىيەت پىلانى تۆۋەندىكى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
|
ۋاقتى | پائالىيەت مەزمونى | مەسئۇل خادىم | ||
9-ئاي | 1- ھەپتە | 1) ئوقۇش باشلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ 2ھەرخىل خىزمەت پىلانلىرى تۈزۈلۈپ،دەرس تەقسىماتى ئېلان قىلىنىدۇ 3)ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ | مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم | |
2- ھەپتە | 1) تەتىل تاپشۇرۇقلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىلىدۇ 2) ئوقۇتۇش سۈپىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ | ئىلمىي بۆلۈم گۇرۇپپا مەسئۇللىرى | ||
4- ھەپتە | 1)ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى بويىچە مانۋېر ئېلىپ بېرىلىدۇ 2)‹‹ مېنىڭ مۇئەللىمىم››تېمىسىدىكى بايراملىق پائالىيەت | بىخەتەرلىككە مەسئۇل خدىم پېئونېرلار ئەترىرى | ||
10- ئاي | 2- ھەپتە | 1) ‹‹ ۋەتىنىم-ئانام›› تېمىسىدىكى قارا دوسكا ئىشلەش پائالىيىتى 2)9-ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ | پېئونېرلار ئەترىتى ئىلمىي بۆلۈم | |
3- ھەپتە | 1)2 –يىللىق ماتىماتىكىدىن ئوچۇق دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 2)يىللىقلار ئارا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ | ئىلمىي بۆلۈم تەنتەربىيە گۇرۇپپىسى | ||
4- ھەپتە | 1)‹‹گۈزەل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلايلى›› تېمىسىدىكى قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت 2) 6-يىللىق خەنزۇ تىلىدىن ئوچۇق دەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ | ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى ئىلمىي بۆلۈم | ||
5-ھەپتە | 1) 1-يئللئق تئل-ظەدەبئيات دەرسئدئن ظوچذق دەرس ظورذنلاشتذرذلئدذ. 2) ‹‹ئالتۇن كۈز ›› تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى | ئىلمىي بۆلۈم ئۇنۋېرسال پەن گۇرۇپپىسى | ||
11- ئاي | 1- ھەپتە | 1)ماتىماتېكىدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ 2) ئوقۇتۇش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ،ئالدىنقى ئايلىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىلىدۇ | ماتىماتىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى ئىلمىي بۆلۈم | |
2- ھەپتە | چارەكلىك سىناق ئېلىنىدۇ ۋە خۇلاسىلىنىدۇ | ئىلمىي بۆلۈم | ||
3- ھەپتە | 1) 5-يىللىقتىن ‹‹ئەخلاق ۋە جەمئىيەت›› دەرسىدىن ئوچۇق دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ 2) ياخشى تۈزۈلگەن دەرس دېتالىنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ | ئىلمىي بۆلۈم گۇرۇپپا مەسئۇللىرى | ||
4- ھەپتە | 1‹‹يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالايلى›› تېمىسىدىكى تەشۋىقات 2)بىر ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ | سەھىيە خادىمى گۇرۇپپا مەسئۇللىرى | ||
12-ئاي | 1- ھەپتە | 1) ‹‹بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى››تېمىسىدا قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى 2)كوللېكتىۋىزىملىق تەربىيىسى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ | پېئونېرلار ئەترىتى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى | |
2- ھەپتە | 4-يىللىق ماتىماتىكىدىن ئوچۇق دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ | ئىلمىي بۆلۈم | ||
3- ھەپتە | قانۇن تەشۋىقاتىغا مەسئۇل خادىم تەكلىپ قىلىنىپ،قانۇن بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ | مەكتەپ | ||
4- ھەپتە | 1)ئوقۇتۇش كالىندارلىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ 2)قانۇن بىلىملىرى بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ | مەكتەپ،ئىلمىي بۆلۈم،گۇرۇپپا مەسئۇللىرى | ||
1- ئاي | 1- ھەپتە | مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىنىدۇ | دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى | |
2- ھەپتە | 1)مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئېلىنىدۇ ۋە خۇلاسىلىنىدۇ 2)ھەرخىل خىزمەت خۇلاسىلىرى يېزىلىدۇ | دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى | ||
3- ھەپتە | مەۋسۈملۈك سىناپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ | ئىلمىي بۆلۈم | ||
قاراش مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم
2013-يىلى8-ئاينىڭ28-كۈنى
(تەھرىر : يانتاق)
«غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات پىلانى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- 2013-2014学年度上学期小学三年级班主任工作计划
- 班级学期工作计划
- غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تە
- 库木库萨尔乡中心小学教研组工
- 库木库萨尔乡中心小学2012-2013年度第1学期工作安排
- 库木库萨尔乡中心小学2012-2013年第1学期工会计划
- 学校工作总结
- 库木库萨尔乡中心小学巩固和深化创建“平安校园”活动
- 库木库萨尔乡中心小学党支部关于创建“矛盾纠纷,信访
- 平安建设档案目录
- 库木库萨尔乡中心小学巩固和深化“平安建设”工作的具
- 库木库萨尔乡中心小学“创建平安校园”标准
- 库木库萨尔乡中心小学与各班级班主任的创建“平安班级
- 库木库萨尔乡中心小学2013年巩固和深化“平安校园”创
- 库木库萨尔乡中心小学巩固和深化创建“平安校园”汇报
- 萨尔乡中心小学巩固和深化创建“平安科室”工作具体措
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
گۈلبەرگىدە تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-09-02 16:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-07 15:09
- ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان پىلان خۇ
- مەكتەپ پىلانلىرى توپلىمى
- ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر ماتىريا
- خەنزۇچە خۇلاسە،پىلان توپلىمى
- پىئونىرلار خىزمەت ماتىرياللىرى
- قائىدە-تۇزۇملەر توپلىمى
- قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى
- 2013-يىللىق سىنىپ خىزمىتى،ئەخلاقى تەربىيە،شەخ
- 2011\2012-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق كالىندار پىلان تو
- پارتىيە قۇرلۇشىغا دائىر ماتىريالل