باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى
_______ ناھيە_____ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى
مەكتىپىمىز بۇ ماۋسۇمدا گوۋۇيۈەننىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە-ئەخلاق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»،«باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە پىروگىراممىسى»ۋە «پۇخرالار ئەخلاق قۇرلۇشى پىروگىراممىسىنى يولغا قويۇش پىروگىراممىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش،ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بۇ پىلان تۈزۈپ چىقىلدى.
1. يىتەكچى ئىددىيە:
ماركسزم،لېنىنزم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى ، دىڭشىياۋپىڭنىڭ جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىكە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى، «3كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى،ۋە ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمىللەشتۈرۈپ، بەش قاراش تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىپ، خۇراپاتلىقىنى تۈگۈتۈپ ئىدىلوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقۇرى كۈتۈرۈش، مەكتەپلەرنى مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇش .
پارتىيە 18-قۇرۇلتېيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، يېڭى ۋەزىيەت ، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، «ج ك پ مەركىزى كومېتىت ، گوۋۇيۈەننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرى»،« گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قارارى » ،« قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۇتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» « پوقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش پىروگىراممىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يىتەكچى قىلىپ ، «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى» ،« مائارىپ قانۇنى » ، « ئوقۇتقۇچىلارقانۇنى» قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئاساس قىلىپ ، ئەخلاق ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش بىلەن قانۇنغا تايىنىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى –سىياسى ئېڭى ۋە ئەخلاق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە سىياسى - ئىدىيىۋى خىزمىتىدە يېڭى پەللە بەرپا قىلىش.
2. ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى:
1) پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىش»مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش.«ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ،گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش»مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى بولسا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئويۇيۇش كۈچۈنى ئاشۇرۇش،جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ مۇقەرەر ئېھتىياجى .زور رىئال ۋە تارىخى ئەھمىيەتكە ئېگە .ناھيە،يېزا،مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ،پارتىيە 18-قورۇلتىيى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ ئومۇمى ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن )يىغىنىنىڭ روھىنى تارىخ ۋە ئەمەلىيەت،نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ،جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم تەربىيسى،سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى تەربىيسى،ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيسى ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيسى قاتارلىق تەربىيەلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش،پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنىڭ دىن مىللەت سىياسىتى،مىللى تىرتورىيلىك ئاپتۇنومىيە قانۇنى ياخشى،ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ياخشى،ئۇلۇغ ۋەتەن ياخشى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى،سوتسىيالىزىم يولى ياخشى،خەلق ئازادلىق ئارمىيسى ياخشى دېگەن ئاساسى مىلودىيەنى ياڭرىتىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسىدە «ماركىسىزىملىق بەش قاراش تەربىيسى»،«ئۈچ ئايرىلالماسلىق تەربىيسى»،«تۆتنى تونۇش تەربىيەسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ،ئىناق،باي بولغان يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش،بۇ ئارقىلىق ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىش،نوقتىلىق تەشۋىقى تەربىيەنى كۈچەيتىپ،پائالىيەتنىڭ ئەمەلى ئۈنۈمى ۋە قاراتمىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ،مائارىپ سېستىمىسىدا ئىسلاھات،تەرەققىيات ۋە مۇقۇملۇقنىڭ چوڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى يارىتىلىدۇ.
2) ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بولسا جوڭخۇا مىللەتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان ،ئىلھاملاندۇرىدىغان بايراق.بارلىق سىياسى،ئىددىۋى ،ئەخلاقى تەربىيەلەرنىڭ يادروسى.ھەرقايسى مەكتەپلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى 100ناخشا ئۆگۈنىش،شىئىر دېكلكىماتسىيە قىلىش،بالىلار چۆچىكى ئوقۇشقا يىتەكلەش،فىلىم كۆرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق يولى.
3) «ئون بىر»ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئاساسى تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىنى جەريانىدا يارقىن،كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا يىتەكلەش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنىڭ كاپالىتى.بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئون بىر» پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى بولسا:
بىرىنجى :بىر پارچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش.ئوخشاش بولمىغان يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە ئۇنى چۈشۈنىش سەۋيىسى ئوخشاش بولمايدۇ،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى بىر ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئۆزىنىڭ ياش- قورامى ۋە چۈشۈنىش ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى بىر پارچە كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش ھەم ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن تەسىرات ماقالىسى يېزىشقا تەشكىللىنىدۇ.
ئىككىنجى :بىر پارچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ماقالە يېزىشقا تەشكىللەش. مەكتەپلەر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر ماۋسۇمدا كەم دېگەندە بىر پارچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ماقالە يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم يېزىلغان ماقالىلەرنى باھالاپ چىقىپ ياخشى يېزىلغانلىرىدىن بىرقانچىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مەكتەپ رادىئوسىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىلىدۇ.
ئۈچىنجى:ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا سىنىپ يىغىنى ئېچىش. ھەرقايسى مەكتەپلەر ۋە سىنىپلار ھەر ئايدا بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى تېما قىلىنغان ھالدا بىر قېتىم ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ياكى مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىلىدۇ.
تۆتىنجى:بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش.ھەرقايسى مەكتەپلەر ناھيە ۋە يېزىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى،پاراۋانلىق ئورنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرىغا ئېلىپ بېرىپ،بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرلىدۇ.
بەشىنجى:بىې قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى تېما قىلىنغان زېھنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش.ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلارغا ئايرىپ،قىيىنلىقى ئوخشاش بولمىغان سۇئاللارنى چىقىرىپ ،5-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان زېھنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش.6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا يېزا بويىچە زېھنى سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالتىنجى :ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان قوش تىلدا نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش.
ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ،ئۇلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ،ۋەتەننى،سوتسىيالىزىمنى،كومپارتىينى مەدھىيلەش مەزمۇن قىلىنغان قوش تىلدا نوتۇق سۆزلەش ،خور ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەتتىنجى:ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان قوش تىلدا ھىكايە ئېيتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ماۋسۇمدا ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەققىدىكى تەسىرلىك ئىشلارنى بايان قىلىشقا يىتەكلەش.ئالدى بىلەن سىنىپلارنى بىرلىك قىلىپ قوش تىلدا ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ،سىنىپلار بويىچە تاللانغان ماھىرلارنى تەشكىللەپ ئاخىردا تارماق مەكتەپلەرنى بىرلىك قىلىپ يېزا بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
سەككىزىنجى: بىر مەيدان ئەدەبى –سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن بۇ ماۋسۇمدا بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئەدەبى-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
توققۇزىنجى:ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە دەرىسى ئۆتۈش.ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن بۇ ماۋسۇمدا «تۆت پىشقەدەم»ۋەكىللىرىنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلى ئۈنۈمى يۇقرى بولغان بىر سائەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە دەرىسى ئۆتۈلىدۇ.
ئونىنجى: بىر قېتىم ئىلغارلارنى تەقدىرلەش چوڭ يىغىنى ئېچىش. ھەرقايسى مەكتەپلەر بۇ ماۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى خولاسىلاشتىن ئىلگىرى سىنىپلار بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى خولاسىلاپ نەتىجىسى ياخشى بولغان كوللۇكتىپ ۋە شەخىستلەرنى مۇكاپالتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4) «ئۈچنى قوغداپ،ئىككىگە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى»،«مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش تەربىيەسى»نى ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ،ئالاھىدە رايۇن ئەھۋالى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ،«ئۈچنى قوغداپ،ئىككىگە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى»،«مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش تەربىيەسى»نى مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدىكى باشتىن-ئاخىرى ئۆزگەرمەيدىغان مۇھىم نوقتا قىلىپ چىڭ تۇتۇلىدۇ.بولۇپمۇ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن زۈرۈر.مەكتەپلەر چۇقۇم شەكلى كۆپ خىل ،مەزمۇنى مول،تېمىسى رۇشەن بولغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەممىدىن مۇھىم»دەيدىغان ئىددىينى تۇرغۇزۇش لازىم.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى دەرىسىنى ياخشى ئۆتۈپ،سىياسى-ئىددىۋى تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،«ەتەننىڭ بىرلىكىنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى،ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش،مىللى بۆلگۈنچىلىككە،قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش»نى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىڭىسىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرلىدۇ.
5) مەدەنى ئادەت تەربىيسىى كۈچەيتىلىدۇ.ھەرقايسى مەكتەپلەر پاكىزە،مەدەنى بولۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا تايىنىش كېرەك. يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مەدەنىيەتلىك ئادەت يىتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى كۆچەيتىش كېرەك.پاكىزە،رەتلىك بولغان مەكتەپ ئىچى مۇھىتى مەدەنىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى قوغدىشىغا مۇھتاج.مەكتەپلەر ئادەتلەندۈرۈش تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلاردا يىڭى ئوقۇش يىلىدا يىڭى قىياپەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،شەخسى تازىلىقىنى ياخشىلاش(قولى،يۈزى،بوينى ۋە چېچىنى يۇيۇپ تۇرۇش،تىرناقلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىش،كىيىمنى پاكىزە رتلىك كىيىش،گالاستۇكنى ئۆلچەملىك تاقاش)،ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئاسراپ ،قالايمىقان سىزاسلىق،جىجىماسلىق،مەدەنىيەتلىك،ئەدەپلىك بولۇپ،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ۋە مىھمانلارنى ئۇچراتقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھال سوراش،مەكتەپتە چۇقۇم مەكتەپ فورمىسى كىيىشكە يىتەكلەش،«باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى »ۋە «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى»نى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،مەدەنىيەتلىك،ئەدەپلىك بولۇش ھەركەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشنى مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئاساسلىق خىزمەت قىلىپ،سىجىل قانات يايدۇرلىدۇ.
6) قانۇن-تۈزۈم تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ.ھەرقايسى مەكتەپلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيسىنى كۈچەيتىشنى مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى قىلىپ ،سوت مەھكىمىسى،ج خ ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ،قانۇن-تۈزۈمدىن لىكسىيە سۆزلەش،دوكىلات بېرىش،كونسىلتاتسىيە قىلىش،مۇمكىن بولسا ئوقۇغۇچىلارنى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ئېچىش جەريانىنى ياندا تۇرۇپ ئاڭلاشقا تەشكىللەش،تەقلىدى سوت ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇن –تۈزۈم تەربىيەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى،قانۇن-تۈزۈن تەشۋىقاتچىسىنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى پائال يولغا قويۇلۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى ھەقىقى ئاشۇرلۇپ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ،جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
7) سەمىمىيەت تەربىيسى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرلىدۇ .مائارىپ مىنىستىرلىكى بەنگوڭتىڭى تارقاتقان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سەمىمىيەت تەربىيسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(2004)4-نومۇرلۇق ھۆججەت)نىڭ روھىنى ئەستائىدىل ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سەمىمىيەت تەربىيسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى،سەمىمى بولۇپ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش بولسا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقى يولى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇتۇپ ،بۇ خىل تەربىيە تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرلىدۇ،ھەمدە سىمىمىيەتسىزلىك كېلىپ چىقىش ئەھۋالىغا قارتا مەسىلىنىڭ تۈپ نىگىزىنى تېپىپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىش،سۆز-ھەركىتى بىردەك بولۇش،يالغان سۆزلىمەسلىك ،تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋە ئىمتاھان بېرىشتە راسچىل بولۇش،كۆچۈرمىچىلىك قىلماسلىق،ساختىپەزلىك قىلماسلىق،ۋاقىتقا رىئايە قىلىش،ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش،مەسئۇلىيەتچان بولۇش،ۋەدە قىلغان ئىشنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش،سۆزى ئىشەنچىلىك بولۇش،قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەمىمىيەت تەربىيەسىنى چۆرىدەپ «سەمىمى بولۇپ،ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش»تېمىسىدىكى ماقالە قۇبۇل قىلىش پائالىيىتى» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرلىدۇ.
بۇ بىر قاتار خىزمەتلەردە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر باشلامچىلىق بىلەن سەمىمى بولۇپ،ۋەدىسىدە تۇرۇپ،جەمىيەتنىڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرلىدۇ.
8) يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىنىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.ھەرقايسى مەكتەپلەر يىڭى دەۋىردىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات،ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ساپاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەستائىدىل تەھلىل قىلىپ،كەسپى ئۆگۈنىش،سىنىپ يىغىنى قەرەللىك يىغىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى پىسخىك ساغلاملىق تەربىيسى ئاساسى بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرى بويىچە تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ،پىسخىك جەھەتتىن مەسلەھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلىپ،مەخسۇس پىسخىك تەربىيە مەسلەھەتچىسى بەلگىلەپ ،مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيە سۆزلەش،مىساللارنى تەھلىل قىلىش،ئىكىسكۇرسىيە قىلىش،تەجىربە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە يىتەكلەپ ،سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاش،باراۋەر مۇزاكىرە قىلىش،تولۇق كېڭىشىش ئارقىلىق ئىددىۋى سىياسى تەربىيەنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە پىسخىك جەھەتتىن تەربىيە ئېلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلاردا تۇراقلىق بولغان ئىچكى ساپا ۋە خاسلىقنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
9) قول تۇتۇشۇش پائالىيىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەپ،سىنىپلار ئارا ۋە قوشنا مەكتەپلەر ئارا قول تۇتۇشۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى دوسلۇق،ئىتتىپاقلىق،بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشتەك ئىسىل ئەنئەنە ئىلگىرى سۈرلىدۇ،
3. ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دائىر تەلەپلەر:
1) يىڭى دەرىس ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،دەرىسخانىنىڭ ئاساسى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم.بۇ جەھەتتە:
بىرىنجىدىن:«ئىككى دەرىىس»(ئەخلاق دەرىسى ۋە ئىددىيە سىياسى دەرىس)نى ياخشى ئۆتۈش لازىم.ئىككىنجىدىن:«ئۈچنى قوغداپ،ئىككىگە قارشى تۇرۇش تەربىيسى»،«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى»دەرىسى ۋە يەرلىك دەرىسنى ياخشى ئۆتۈش،مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئۈچنى قوغداپ،ئىككىگە قارشى تۇرۇش تەربىيسى»تەربىيەسى ئوقۇشلۇقىغا ئاساسەن ھەر ھەپتىلىك پىلان ۋە دەرىس مەزمۇنىنى ئەستائىدىل تۈزۈپ چىقىپ ،سىنىپ مۇدىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىپ،سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ دەرىس تەييارلىشى ۋە دەرىس ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش لازىم.ئۈچىنجىدىن:مەكتەپلەر ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىغا ئەخلاقى تەربىيەنى سىڭدۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرىس تەييارلاش ۋە دەرىس ۋاقتىدا ئەخلاقى تەربىيەنى سىڭدۈرىشىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،ئىنچىكە تەكشۈرۈپ،ئەستائىدىل ئىنكاس قايتۇرۇپ،خاتىرسىنى ياخشى قالدۇرۇش لازىم.تۆتىنجىدىن:ئاساسى تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ۋە ئەترەت پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش لازىم.
2) مەكتەپ تەربىيسى بىلەن ئائىلە تەربىيسى ۋە جەمىيەت تەربىيسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ،پۈتكۈل جەمىيەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش لازىم.مەكتەپلەر ئاتا-ئانىلار مەكتىپىنى ئەستائىدىل ياخشى تەشكىللەپ،ئاتا-ئانىلارنى تەربىيلەش كۇرۇسىنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىپ،بۇ ماۋسۇمدا كەم دېگەندە ئىككى قېتىم مەكتەپ،ئائىلە ئالاقىلىشىش يىغىنى چاقىرىش.ئاتا-ئانىلار كومىتىتى تەشكىللەپ قەرەللىك ھالدا پىكىر ئېلىش جەدىۋىلى تارقىتىپ ياكى يىغىن چاقىرىپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ،مەۋسۇمدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ۋاقتىدا ئەمەلىلەشتۈرۈپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئەخلاقى تەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈش لازىم.ئىجتىمائى رايۇن مائارىپ سەھنىسى قۇرۇشقا ياخشى ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان جامائەت پىكرى مۇھىتى ،ئالاقە تور مۇھىتى ،مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە ئەتراپ مۇھىتىنى تېرىشىپ بەرپا قىلىپ مەكتەپ،ئائىلە ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن»ئادەم تەربىيەلەش كەيپىياتىنى يارىتىش لازىم.
3) ئەخلاق تەربىيە قۇشۇن قۇرلۇشىنى ھەقىقى كۈچەيتىش كېرەك.ئەخلاقى تەربىيە قۇشۇن قۇرلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،ئىددىيە ساپاسى ياخشى،كەسپى سەۋيىسى يۇقرى ، تۆھپە قوشۇش روھى كۈچلۈك بولغان مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرلىقىغا تاللاپ بەلگىلەش،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى دەرىس مىقدارىغا كىرگۈزۈش لازىم.سىنىپ مۇدىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سىنىپ مۇدىرلىق تەمىناتى بېرىلىدۇ.بىلىم ئاشۇرۇش،ئۈنۋان باھالاش ۋە باشقا تەقدىرلەپ مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئويلىشىپ،مۇنەۋەر سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئەخلاقى تەربىيەدىكى ئىلغار خىزمەتچىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ،مەكتەپلەردە ھەممە ئادەم سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى تالىشىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيلەش سالمىقىنى زورايتىپ ،ھەر ھەپتىنىڭ 5-كۈنى مەخسۇس سىنىپ مۇدىرلىرى يىغىنى چاقىرىش،ئەخلاقى تەربىيە پەن-تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئەخلاقى تەربىيە ماقالىسى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ،ئەخلاقى تەربىيەدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىربىلەرنى خولاسىلاپ ،ئالماشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ،ئەخلاقى تەربىيە پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
_______ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسى
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
(تەھرىر : ئىزدەن)
«باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت پىلانى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خ
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگى
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىل
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمە
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- 2013-2014学年度上学期小学三年级班主任工作计划
- 班级学期工作计划
- غولبۇيى يېزا قاراش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تە
- 库木库萨尔乡中心小学教研组工
- 库木库萨尔乡中心小学2012-2013年度第1学期工作安排
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئىخلاسمەن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-10-27 00:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-09 18:11
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەرب
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەت
- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىنىڭ 2013/2014-ئوقۇش
- 2013-،2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق كەسپى ئۆگىنىش پ
- 高年级教研组工作总结
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- گۈزەل-سەنئەت ئەسلىھەلىرنى ئىشىلتىش پىلانى
- مەركىزى مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىل
- 2013-2014学年第一学期4,5年级汉语学科教学计划
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل