ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

تۇنجى ئۆلچەم --«موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدا بالىلارنىڭ شوپۇرلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇ

ۋاقىت : 2013-08-08 20:19 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1


 تۇنجى ئۆلچەم --«موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدا بالىلارنىڭ شوپۇرلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش سىستېمىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى


2012-يىلى 7-ئايدا، دۆلەت سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئېلىمىزدىكى  بالىلارنىڭ بىخەتەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشىدىكى تۇنجى ئۆلچەم --«موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدا بالىلارنىڭ شوپۇرلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش سىستېمىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن ئاپتوموبىللارغا بىخەتەرلىك ئورۇندۇق چاتقۇچ ھەم بىخەتەرلىك قۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى، گەرچە بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى  بازىرىدا بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى يەنىلا ئېتىبارغا ئېلىنماي كىلىۋاتىدۇ.
   6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى دەن ئەپەندى خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ساياھەتكە ماڭغاندا بەختكە قارشى ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ، ئاپتوموبىلغا بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورناتمىغان ھەمدە باشقا قوغداش تەدبىرىنى قوللانمىغانلىقتىن، ئارقا رەتتىكى 3 ياشلىق بالىسى يارىلىنىپ بالىنىستتا يېتىپ قالىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى تۇ XX ئائىلىسىدىكى 4 جاننى ئېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ غۇلجىغا كىتىۋاتقان يولىدا ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ، ئەمما ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بالىسى ھىچنىمە بولماي ساق- سالامەت تۇرىدۇ. يۇقارقى ئىككى دېلودىن بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ رولىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
 ئەمما مۇخبىر خۇالىڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى شەھەرچىسى، سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسى، ئالتاي يولى ئاپتوموبىل بۇيۇملىرى بازىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردا بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ ئاساسەن يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئالتاي يولى جىيو ئاپتوموبىل بۇيۇملىرى توپ سېتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى جاڭ چىڭگو مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىدىن بىر تالمۇ سېتىپ باقمىدۇق، ھەر قانداق بىر كىشى بالىسىنى ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويسا بىخەتەر بولمايدۇ، ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويسا قاتناش ساقچىلىرى يول قويمايدۇ، ئەمما مۇشۇنداق بولسىمۇ بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى سېتىۋالىدىغانلار بەك ئاز، شۇڭا بىزمۇ بۇنداق ماللارنى دۇكىنىمىزغا كىرگۈزمەيمىز.
    شەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدىكى نۇرغۇن دۇكانلار بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ساتمايدۇ، ئاز ساندىكى دۇكانلاردىلا سېتىلىدۇ، باھاسىمۇ 400 ۋە 500 يۈەن ئەتراپىدا، ۋاڭ فامىلىلىك دۇكان ئىگىسى مۇنداق دېدى: ھازىر بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ سېتىلىشى ياخشى ئەمەس، ئاساسلىقى ئىستىمالچىلار بۇنى باھاسى قىممەت، مەشغۇلات قىلىنىشى قولايسىز دەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا ئادەتلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قولايسىز دەپ قارايدۇ، چەتئەللەردە بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى بار ئاپتوموبىلنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورنىتىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ ھىس قىلىپ، ئۇنى سېتىۋالمايدۇ، بىر يىلدا ئاران بىر ياكى ئىككىنى ساتىمىز.
    ئۇنىڭدىن كىيىن مۇخبىر دوستلۇق يولى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېتى يولى كىسىشىدىغان ئېغىزغا كىلىپ، بالىلارنى ئېلىپ ماڭغان نۇرغۇن ئاپتوموبىللارنىڭ بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورناتمىغانلىقى، بەزى چوڭ كىشىلەرنىڭ بالىلارنى قۇچاقلاپ ئارقا رەتتە ئولتۇرغانلىقىنى ياكى بىر قانچە ياشلىق بالىلارنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئويناپ ئولتۇرغانلىقىنى كۈزەتتى. مۇخبىر بىر قانچە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، كۆپ ساندىكىلەر بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى بەك قىممەت ھەم بەك ئىشلىنىپ كەتمەيدۇ، بالىلارغا ئوبداق قارىساقلا ئۇلارغا ھىچ ئىش بولمايدۇ، دېدى. شەھەر ئاھالىسى سۇن يەن مۇنداق دېدى: بىز ھەقىقەتەن بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورناتمىدۇق، مەن ئاپتوموبىل ھەيدىسەم ئادەتتە بالىلىرىمنى ئالمايمەن، ئېرىم ھەيدىگەندە مەن بالىنى قۇچاقلاپ ئارقا رەتتە ئولتۇرىمەن، شەھەر ئىچىدە ئاستا ماڭىمىز.
  كەسپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىكى تۈپ مەنبە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇغىغا بولغان تونۇشى يىتەرلىك ئەمەس. چەتئەللەردە بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى خېلى بۇرۇنلا ئومۇملاشقان. دۆلىتىمىزدە بولسا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ناۋادا ھادىسە چىقىپ قالسا، پۇشمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرىمۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بالىلارنى ئاپتوموبىلغا سالغاندا ئەڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك  قوغداش تەدبىرى-- بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ناۋادا ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كەتسە، بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىللاردا بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى %71 چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ