ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈچۈن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ؟

ۋاقىت : 2013-05-26 01:42 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈچۈن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ؟

 كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ئىسلاھاتى چوڭ يۈزلىنىش، 2009-يىلى ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى، ئالدى بىلەن سەنشى، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، چوڭچىڭدا سىناق قىلىندى. ھالبۇكى 4 يىلىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىسلاھات سىنىقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولدى ھەمدە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۇمانىنى قوزغىدى. كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى توغرىسىدا كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ قانداق ئەندىشىسى بار؟ نېمە ئۈچۈن بۇنى قوللىمايدۇ؟

تەمىناتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، كۈتۈنۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار نېمىدىن ئەڭ قورقىدۇ؟

ئۇلار تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ، شى پىروفېسسور جېجياڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 700 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۇقۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا مەكتەپتىن پېنسىيىگە چىققان پىروفېسسورلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلىمۇ 7 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئەگەر ئىسلاھ قىلىنمىسا شى پىروفېسسور كىرىمىنىڭ، سىتاژىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 60 ياشقا كەلگەندە ئالىدىغان پېنسىيە پۇلى بۇندىن بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جېجياڭ دۆلەت بېكىتكەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. گەرچە شۇ جايدىكى نۇرغۇن كەسپىي ئورۇنلاردىكى كۈتۈنۈش كاپالىتىدە يەنىلا كونا چارە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرقى سىناق لايىھەسىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئىسلاھاتتىن، بولۇپمۇ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلىشتى.
شى پىروفېسسور مۇنداق دېدى: ئاشكارىلانغان سىناق لايىھەسىگە ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار ۋە كارخانىلاردىكى خادىملار ئوخشاش كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرىدۇ، مائاش ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى ئايلىق مائاش بىر يۈەن ئازلاپ كېتىدۇ، بۇرۇندىن تارتىپ كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ پېنسىيە تەمىناتى پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئايلىق كىرىمىگە ئاساسەن، ئورنى، ئۇنۋانى، سىتاژى قاتارلىقلارغا بويىچە مەلۇم نىسبەتلىك بېكىتىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەردىكى پىروفېسسورلار ئوخشاش خىزمەت قىلغان ۋاقىتتىكى مائاشىنىڭ %80تىن %كېچە بولغان قىسىمىنى ئالىدۇ. پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇش سەۋىيەسى روشەن تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. ھازىرقى كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش چارىسى، پېنسىيە تەمىناتى، تۆلەيدىغان پۇل، جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرغاندا، چوقۇم خېلىلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

بېيجىڭغا كەسپىي ئورۇنلار مەركەزلەشكەن، گەرچە سىناق رايونى دائىرىسىدە بولمىسىمۇ، لېكىن كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار بۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلمەكتە. جاڭ پىروفېسسورنىڭ يېشى 50تىن ئاشتى. ئۇ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ھازىر ئۇنىڭ مائاشى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، نەتىجە ئۈنۈم مائاشىنى چىقىرۋەتكەندە 6000 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ. ئۇ سىناق رايونىنىڭ لايىھەسىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كەسپىي يىللىق پۇل تەكىتلەنگەندىن سىرت باشقا جەھەتلەردە ھازىر كارخانىلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈتۈنۈش تۈزۈمى بىلەن ئوپ-ئوخشاش. ئاشكارا ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، كارخانىلاردىكى خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئورنىغا قويۇش نىسبىتى، تۈزۈم بويىچە %60كىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا %50كىمۇ يەتمەيدۇ. ئەگەر كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇشۇ بۇيىچە يولغا قويۇلسا، ئۇنىڭچە بولغاندا، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان پۇلى خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئالغان پۇلىنىڭ %60گىمۇ يەتمەيدىكەن، بۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. كەسپىي يىللىق پۇل ئاڭلىنىشقا ناھايىتى ياخشى، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئىزاھات يوق، ئالايلۇق: بۇ پۇل قەيەردىن كېلىدۇ، سوممىسى قانچە، يىلمۇ-يىل ئۆسەمدۇ يۇق، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ بۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچىسى يوق ئىكەن.

كىشىلەر تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغاندىن باشقا، ئىسلاھات پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئۇنۋان دەرىجىسى ۋە تەمىناتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش تەمىناتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارىدى. ۋاڭ لى بېيجىڭدىكى مەلۇم تاراتقۇدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئۇنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى، ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا پېنسىيىگە چىقىدۇ، ئۇ شۇنداقلا كەسپىي ئورۇندا خىزمەت قىلغاندا پۇل تاپشۇرۇش سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ھازىر نەچچە يۈز يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئادىل بولماسلىقتىن قورقىدۇ

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ئىسلاھاتقا زىتلىك كەيپىياتى بار، ئۇلار ئادىل بولمايدۇ دەپ قارايدۇ

نېمە ئۈچۈن كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆزگەرتىپ، ئورگان مەمۇرلىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ؟ ۋۇ خانىم بېيجىڭدىكى مەلۇم مىنىستىرلىققا قاراشلىق تەربىيەلەش مەركىزىدە خىزمەت قىلىدۇ، كەسپىي ئىشتاتى بار. ئۇ ئالاقىدار ئىسلاھات لايىھەسىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنى چۈشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ھەقىقەتەن ياخشى بولسا ئورگانلار چوقۇم بىرلىكتە ئۆزگەرتىدۇ. ھازىر ئورگانلاردىكىلەرنى ئۆزگەرتمىسە ھەرقانچە ياخشى دېگەن بىلەنمۇ قايىل قىلىش كۈچى بولمايدۇ.
جېجياڭلىق شى پىروفېسسور مۇنداق دېدى: كەسپىي ئورۇنلاردىكىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئورگاندىكىلەرنى ئۆزگەرتمەسلىك ئىنتايىن مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئورۇنلارنىڭ ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇن كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت بەرگەن ياكى ھاۋالە قىلغان ئاممىۋىي فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان، يەنە بەزىلىرى جەمئىيەت باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالغان، يەنە بەزىلىرى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ خاراكتېر، فۇنكسىيە جەھەتتە نۇرغۇن دۆلەت ئورگانلىرى ھەمدە ئۇلاردىكى خادىملار بىلەن ئوخشاش. ئەگەر ھەقىقىي ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كارخانىلارغا ئوخشاش قىلىپ قويماي، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە مەمۇرلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. نۇرغۇن كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كەلگەن، ئەگەر ماس قەدەمدە ئىسلاھات قىلىنمىسا، بىر قاتار ئادىلسىز مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بەزىلەر مۇنداق دېدى: كارخانىلاردىكى خادىملار ئىسلاھاتنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ-يۇ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار نېمە ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ؟ كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ تەمىناتى كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت. لېكىن كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانا ئورۇنلاردىكىلەرنى ئاددىيلا سېلىشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

58 ياشلىق لى ئەپەندىم خاڭجۇدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى تەخمىنەن 7 مىڭ يۈەن. ئەگەر ئىسلاھ قىلىنمىسا، ئۇ پېنسىيىگە چىققاندا 6 مىڭ يۈەن ئالىدۇ، ئەگەر ئىككى يىل ئىچىدە مەكتەپ ئىسلاھ قىلسا، 6 مىڭ يۈەن ئالمىقى تەس. ئۇنىڭچە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى كىرىمى مۇقىم، ئەمما كارخانىلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى كىرىمىنىڭ چېكى يوق، ناھايىتى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۈتۈنۈش پۇلىنى بېكىتكەندە ئادىل بولمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، خاڭجۇدەك مۇشۇنداق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان شەھەردە، كارخانىلاردىكى سىتاژى ئۇزۇن ئىنژېنېرلارنىڭ يىللىق مائاشى ئومۇميۈزلۈك 200 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

نۇرغۇن كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارمۇ ئوخشاشلا قاراشتا بولدى. يۈەن ئەپەندىم 40تىن ئاشتى، بېيجىڭدىكى ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيان رادىيو-تېلېۋىزىيە جەھەتتىكى تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئومۇمىي ئايلىق كىرىمى 8 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. ئۇ كارخانىدا خىزمەت قىلغان ساۋاقداشلىرى بىلەن تەمىناتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى، مەيلى دۆلەت كارخانىلىرىدىكىلەر بولسۇن ياكى پۇقراۋىي كارخانىدىكىلەر بولسۇن، تېخنىكا جەھەتتىكى تايانچلار بولغانلىقتىن، يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. بەزىلىرىنىڭ يەنە پېيىمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەمەلىي كىرىمى بويىچە كۈتۈنۈش پۇلى تاپشۇردى، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، كەسپىي ئورۇنلاردىكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇنداق دەپ قارىدى: پېنسىيىگە چىققان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ تەمىناتى كارخانىلارنىڭ تەمىناتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئادىلسىز ئامىللار بار، لېكىن كېيىنكى ئىسلاھاتتا كارخانىلارنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن پېنسىيە تەمىناتى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭكىنى تۆۋەنلىۋەتمەسلىك كېرەك.

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ جىددىي بولىدىغان ئىش- كەسپىي ئورۇنلاردىكى 40 ياشتىن ئاشقانلار

ئەينى يىللاردىكى كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، كونىلارغا كونا چارە قوللىنىلدى، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققان نۇرغۇن خادىملار مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسلاھات بىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھازىر قانچە پېنسىيە پۇلى ئالساق، كېيىن يەنە شۇنچە ئالىمىز. بەزى كىشىلەر ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن پېنسىيە تەمىناتىغا تەسىر يېتىشىدىن، تەڭشەش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى، تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشتى. ئەمدىلا بىر گېزىتخانىدىن پېنسىيىگە چىققان خۇاڭ خادىم بۇ ئىش بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېدى.

70-، 80- يىللىرىدىن كېيىن توغۇلغانلار ئىسلاھاتقا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. بىر ياش رادىيو تېلېۋىزىيە مۇخبىرى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ پېنسىيىگە چىقىشىمىزغا يەنە 20 نەچچە يىل بار، بۇ 20 يىلدىن كېيىنكى ئىش، بۇنىڭغا ھېچ كىم توغرا بىر نېمە دېيەلمەيدۇ، ھەتتا كەسپىي ئورۇن دېگەن ناممۇ يوقۇلۇپ كېتەمدۇ قانداق. بېيجىڭدىكى بىر مىنىستىرلىققا قاراشلىق نەشرىياتنىڭ ياش مۇھەررىرى مۇنداق دېدى: مەن بالدۇرراق كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگىرىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنداق بولغاندا كۆپچىلىك كىم ياخشى ئىشلىسە، شۇ كۆپ پۇل ئالىدۇ، ھازىرقىدەك مائاش باشقۇرۇش ئۆلۈك بولمايدۇ.

ئارىدىكى بەزى خادىملارنىڭ پوزىتىسىيەسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولدى: نەچچە يىل بۇرۇن بەزى كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئامال قىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيىگە چىقتى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جېجياڭلىق شى پىروفېسسور مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئۆزگىرىش بولىۋاتقان مەزگىلدىكى ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئۆزىنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ۋە ئامالسىز تاللاش. بېيجىڭلىق ۋۇ خانىم مۇنداق دېدى: پېشقەدەم يولداشلار ئىسلاھاتتىن بۇرۇن پېنسىيىگە چىقىشقا ئۈلگىرىدۇ، بىزدەك ئارىدىكى كىشىلەر پېنسىيىگە چىقىمىز دەپمۇ چىقالمايۋاتىدۇ.

كەسپىي ئورۇندا خىزمەت قىلىغىنىغا ئۇزۇن بولغان بەزى خادىملار مۇنداق دېدى: كەسپىي ئورۇندا 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلدۇق، ئۇزۇندىن بۇيان مائاش يۇقىرى ئەمەس، كېيىن كىرىمنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىش پۇرسىتىمۇ ياشلارغا يەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس.

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتىنىڭ مۇرەككەپلىكى يەنە شۇ يەردىكى بەزى خادىملار ئورگانلاردىن يۆتكىلىپ كەلگەن، بۇ كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى: ھازىرقى ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن، قايتىپ داۋاملىق مەمۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. ئىگىلىنىشىچە، بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرگەندە جايلاردا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن، ئاساسلىقى بەزى يېشى بىر ئاز چوڭ، مەلۇم مەمۇرىي دەرىجىسى بار خادىملار شۇنداق قىلغان.

گەرچە ھەر خىل نارازىلىقلار بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار مۇنداق دەپ قارىدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭ يۈزلىنىش. بۇنى داۋاملىق كەينىگە سۈرگىلى بولمايدۇ، بۇنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە تېخى كىشىلەردە ئېنىق ۋە كونكرېت قاراش يوق. بەزى كىشىلەر مۇنداق دېدى: مەمۇرلارنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرغاندىلا ئاندىن ئىش يۈرۈشىدۇ، ئەكسىچە ئۇلار بەرى-بىر سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر، زىيان تارتمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر: قانداق ئۆزگەرتىشتىن قەتئىي نەزەر، ئادىل بولۇش تۆۋەن چەك دەپ تەكىتلىدى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ