قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى
توخۇ جۇڭگودا قەدىمدىن تارتىپ بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇش زۇكۇمىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كىلىشكە باشلىدى.
ئەڭ بالدۇر بايقالغان قۇش زۇكۇمىغا ئائىت خاتىرە 1878-يىلى ئىتالىيەدە يۈز بەرگەن توخۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئۆلۈپ قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ توخۇ ۋاباسى دەپ ئاتالغان. 1955-يىلىغا كەلگەندە ئالىملار 19-ئەسىردە تارقالغان بۇ يۇقۇمنىڭ ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. كىيىن بۇ خىل يۇقۇملۇق كىسەل قۇش زۇكۇمى دەپ ئاتالغان.
2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يۇقىرى تارقىلىشچان H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى ئەڭ ئالدى بىلەن ئاسىيادا بايقالغان، كىيىنكى بىر نەچچە يىلدا يەنە ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۆلەتلەردە تارالغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قۇش زۇكۇمىنى تىزدىن تونۇشقا باشلىدى. بۇ يىل ئەتىيازدا پارتلىغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى يەنە بىر قىتىم كىشىلەرگە قۇش زۇكۇمىنىڭ ئەزەلدىن بىزدىن يىراق كەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىستاستىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى دۇنيا مىقياسىدا نەچچە يۈز كىشىنى يۇقۇملاندۇرغان، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 359گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 159كىشى ھىندونېزىيەلىك ئىكەن.
2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پارتلىغان ب تىپلىق H5N1 قۇش زۇكۇمى يۇقۇمى ئەھۋالى ئەڭ بالدۇر كورىيەدە دوكلات قىلىنغان. ئارقىدىن ۋىيتنام، ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن بۇ يۇقۇم ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىنغان. جۇڭگومۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۆي قۇشلىرىدا يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، ئادەمگە قۇش زۇكۇمى يۇقۇشقا باشلىغان شۇنداقلا كىشىلەر قازا قىلغان.
ئارقىدىن H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى داۋاملىق ياۋرۇپا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا تارالغان. قۇش زۇكۇمى تارالغان دۆلەتلەردە توخۇ تىلغا ئىلىنسىلا قۇرقۇش كەيپىياتى پەيدا بولغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئادەمگە يۇقىدىغان H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى تېخى يوقىمىدى، ھىندونوزىيە قاتارلىق جەنۇنىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يەنىلا پارچە يۇقۇملىنىش ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە. بۇ يىل ئەتىيازدا يېڭى H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى يەنە توساتتىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1-ئاپرىل تۇنجى قىتىم دۇنياغا جۇڭگودا ئۈچ ئادەمگە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ خىل يېڭى ۋىرۇسقا قارىتىلغان دورا ۋە ۋاكسىنا كەمچىل بولغانلىقتىن، H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى ئادەمگە يۇققاندىن كىيىن ئۆلۈش نىسپىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى، جۇڭگو دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتىتىنىڭ 1-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىچكى جايلىرىدا دوكلات قىلىنغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 127گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 26ئادەم قازا قىلغان.
بەختكە يارىشا، ھازىرغا قەدەر بۇ خىل ۋىروس ئادەملەرگە پەقەت تارقاق ھالەتكە يۇقۇقىۋاتىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 30-ئاپرىل جەنۋەدە ئاچقان مۇخبىرلار يىغىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بىمارلىرى پەقەت تارقاق ھالەتكە تۇرىۋاتىدۇ، بۇ خىل ۋىروسنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا ئۇدا تارقىلىش ئالامىتى بارلىقىغا ئائىت ئىسپات يوق.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ كىلىش مەنبەسىگە ئائىت تەكشۈرۈش يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھازىرچە مۇتلەق جاۋابى يوق. دۇنيا ھايۋانات سەھىيەسى تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسىسىلىرى جۇڭگودا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كىيىن، H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ سىرلىقلىقىغا ھەيران قالغان.
ب تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكامنىڭH7 ۋىروسى ئادەتتە قۇشلار ئارىسىدا يۇقىدۇ، H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بولسا ئىككىلەمچى كىسەللىك. بۇ قىتىمقى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىن ئىلگىرى، گەرچە بەزىدە H7N2,H7N3,H7N7 قاتارلىق باشقا H7 تىپلىق كىسەللىك ۋىروسى ئادەملەرگە يۇققان بولسىمۇ، لىكىن H7N9 تىپلىق ۋىرۇسنىڭ ئادەمگە يۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، بۇ خىل ۋىروسنىڭ ھايۋاناتلار ئارىسىدا تەكشۈرۈپ چىقىلىشىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە مەسىلىسى مۇتەخەسىسى لولى جەررىتمۇ H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بىر قەدەر ئالاھىدە دەپ قارىغان. ئۇ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بىلەن سىلىشتۇرغاندا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى قۇش زۇكىمىغا ئوخشىمايدۇ دېدى.
H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بولسۇن ياكى H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بولسۇن، نەچچە مىليۇنلىغان ئۆي قۇشلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى شۇنداقلا نەچچە يۈز كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لىكىن ئالىملارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بولسا، ۋىروسنىڭ تۈر ئاتلاپ يۇقۇملىنىش جەريانىدا ئىنسانلار ئارا تارقىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، دۇنيادا ئىنسانلار ئارىسىدا يۇقۇش ئەھۋالىنى پەيدا قىلامدۇ-يوق.
نوبىل بىئولوگىيە ۋە مىدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئي پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇدىرى دەۋىت بالتىمور مۇنداق دېدى: ھازىر ئىگەللەنگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، بىز H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ ئىنسانلار ئارىسدا تارقىلىشىنى پەزەر قىلالمايمىز. چۈنكى بىز پەقەت گىن تەرەپتىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن قايسى خىل ۋىروسنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، قايسىلىرىنىڭ يۇقۇملانمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايمىز، بىز پەقەت بۇلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرىشىمىز كېرەك.
ئالىملارنىڭ بۇنىڭ ئالدىدىكى بىر قانچە قىتىملىق يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى قۇش زۇكۇمىنىڭ قانداق پارتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، يەنى ۋىروسىنى ئىلىپ يۈرگەن لىكىن ئۆزىگە زەخىم ئېلىپ كەلمەيدىغان ياۋايى پەسىل قۇشلىرى شەرقىي جەنۇنىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا قىشنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالغا كۆچۈش جەريانىدا، شۇ يەردىكى پارچە بىقىلىۋاتقان توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى بىلەن يېقىنلاشقان ئاندىن ئىممونىت كۈچى ئاجىز ئۆي قوشلىرى بۇ خىل ۋىروستىن يۇقۇملانغان شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ۋىروس باشقا جانۋانلارغا ھەتتا ئادەملەرگە يۇققان بولۇشى مۇمكىن.
ئۆي قۇشلىرىنى پارچە بىقىش، ئارىلاشتۇرۇپ بىقىش، تىرىك ئۆي قۇشلىرى تىرانسىپورتى، تىرىك ئۆي قۇشلىرى تىجارىتى قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇردى، بۇ خىل ئادەت تۈپەيلىدىن ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپرەك بولدى.
بالتىمور مۇنداق دېدى: بۇ خىل ۋىروس قۇشلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئاندىن چوشقا ئارقىلىق ئىنسانلارغا يۇققان. جۇڭگودا نۇرغۇن دېھقانلار ئۆيلىرىدە چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى باقىدۇ، ئۇلار بۇ ھايۋانلار بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، بالىلار يەنە بۇ خىل ھايۋانلار بىلەن ئوينىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ۋىروسىنىڭ ئىنسانلارغا يۇقۇپ يۇقۇملۇق كىسەل پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىقىنى چوڭايتىۋەتكەن.
دۇنيا ھايۋانات سەھىيەسى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى بىل ۋاللىت تەكلىپ بىرىپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ قايتا تارقىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى ئۇزۇن مەزگىللىك نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مىخانىزىمى تۇرغۇزۇش كىرەك. مال دوختۇرلۇق تارماقلىرى جابدۇق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مال دوختۇرى مۇلازىمىتىنى بارلىق يىزا-كەنتلەرگە ئومۇملاشتۇرۇشى كىرەك، شۇنداقلا باقمىچىلىق خوجايىنلىرى بىلەن ياخشى ئىشەنچ ۋە سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، باقمىچىلارغا ئۇچۇر ۋە تەربىيەلەش جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
بۇلاردىن باشقا، تىرىك قۇش بازىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كىرەك. ۋىروس ئېلىپ يۈرگەن بىر ئۆي قۇشى ناۋادا بازارغا كىرسە، پۈتكۈل بازاردىكى قۇشلارغا يۇقتۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئالاقىدار ئورۇنلار تىرىك قۇش بازىرىغا بولغان ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملانغان قۇشلارنىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۇزاق مۇددەتلىك خىرىس ھىساپلىنىدۇ، بولۇپمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈنسىرى جىددىيلىشىۋاتقان ھازىرقىدە ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە مەسىلىسى مۇتەخەسىسى خۇاڭ يەنجۇڭ مۇنداق دېدى: مەلۇم يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ پارتلىشىغا قارىتا، ھەرقانداق ھۆكۈمەت بىر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە يولۇقىدۇ، بىر تەرەپتىن سەھىيە ئورۇنلىرى ئالدىنى ئېلىش، كونترۇل قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق يۇقۇملۇق كىسەللىك خەۋپىنى يەنى ئىنسانلار ئارا يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش مۇمكىنچىلىقىنى ئەڭ تۆۋەن نىسپەتكە چۈشۈرۈشى كىرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش، كونترۇل قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ تۇرمۇش، سودا، ئىشلەپچىقىرىشقا ئېلىپ كىلىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى ئازايتىش كىرەك. بۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق.
ئەمما، كۆپىنچە ئالىملار ئىنسانلارنىڭ قۇش زۇكۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئىشەنچ بىلەن قاراۋاتىدۇ. بالتىمور مۇنداق دېدى: ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋال بىلەن سىلىشتۇرغاندا، ئىنسانلارنىڭ قۇش زۇكۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك ئاشتى، بۇ خىل يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ تارقىلىشىغىمۇ ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.
(تەھرىر : سەپەر)
«قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 2013-يىللىق شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مە
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كا
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پاي
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالاي
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچ
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسى
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- كېسەللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش .
- ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىس
- دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان ي
- سۇغوق ئىچملىكنىڭ تەسرى
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خا
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىر-س
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدۇ
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدى
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسىتمال ق
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير