ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى خالامسىز؟
![]() |
ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزغا باھا بىرىش ھەرگىزمۇ ھەممىسى تۇپتۇغۇرا دىگەنىكمۇ ئەمەس، تورداشلانىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن چىقىرىلدى،قېنى ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزىغا باھا بىرىپ بېقىڭ ماس كىلەمدۇ؟
1.باش ئالامەتلىرى
ھەركىشىنىڭ بىشى چوڭ، چاسا ۋە تۈز بولسا، چاچلىرى قېلىن ۋە قۇۋەتلىك بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەقىللىق، پەم - پاراسەتلىك، ھىممەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بولمىقىغا دەلىلدۇر.
كىمنىڭ بېشى كىچىك ۋە سوزۇنچاق بولسا چاچلىرى شالاڭ ۋە جانسىز بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەخمەق، جاھىل نادان، زېھنى تۆۋەن، يولدىن ئازغۇچى ۋە ئىقتىدارسىز ئىكەنلىگىگە دەلىلدۇر.
2. پىشانە ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ پېشانىسى كەڭ بۇلۇپ، سىزىقى بولماي تۇز بولسا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالامەتلەر بولمىسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆچخۇر، نەپسى يامان، يالغانچى، ئالدامچى تەبەككۇر ۋە ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلگۈچى كىشى ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.
ئەگەر پېشانە ئوتتۇرھال بۇلۇپ، ئوتتۇرسىدا سىزىقلىرى بولسا بۇ شۇ كىشىنىڭ راست سۆزلۈك، دوستقا سادىق، ئەقىل- تەدبىرلىك ۋە بەخت سائادەتلىك بولماقىغا دەلىلدۇر.
ھەر كىشىنىڭ پىشانىسى تار بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ھاياسىز، نادان قوقۇنچاق، پالاكەت ئىكەنلىگىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ باش تەرپىدىن تۆۋەنگە قاراپ بىر سىزىق تارتىلغان بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئاچچىغى يامان، ئۇرۇشقاق ۋە دايىما خاپا ئۆتىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
3.قاش ئالامەتلىرى
كىشىنىڭ قېشى كۆپ، ئۇزۇن ۋە مويلىرى قېلىن بولسا بۇ شۇ كىشىنىڭ خۇيى يامان، بەختسىز، تەبەككۇر، جەھىل ۋە ئۆز بېشىمچى ئىكەنلىگىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشى بىر - بىرىگە ئۇلانغان بولسا ئۇنداق كىشى ئۈلپەتلىك ۋە شەپقەتلىك بۇلۇر، ئەر كىشىنىڭ قېشى شۇنداق بولسا، ئايالىنى ياخشى كۆردىغان كېلۇر، ئايالنىڭ قېشى شۇنداق بولسا جىنسى مۇناسىۋەتنى كۆپرەك خالايدىغان بۇلۇر.
كىشىنىڭ قېشى ئۇزۇن - قىسقىلىقتا ۋە قارىلىقتا ئوتتۇرا ھال بولسا، بۇ ئۇنداق كىشىنىڭ خۇش پەم، دىنايەتلىك مۇلايىم مىجەزلىك ئىكەنلىنىڭ دەللىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشى ئىگىز بولسا، ئۇنداق كىشى كەم ئەقىل، تەبەككۇر كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشى ئۇزۇن مويلۇق بولسا، بۇ ئۇنداق كىشىنىڭ ھىممەتلىك ۋە شىجائەتلىك، ئاچچىقى تېز، ئۇرۇشقاق ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.
4.كۆز ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزلىرى چوڭ ۋە قارا بولسا، ئۇنداق كىشى سۇس ۋە غەيرەتسىز بۇلۇر، تەتۇرىچە كىچىك بولسا، ئۇنداق كىشى يەڭگىل ۋە كالتە پەم كېلۇر، چوڭلۇق ۋە كىچىكلىكتە ئوتتۇرھال بولسا، ئۇنداق كىشى ھايالىق ۋە ۋاپادار كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزلىرى چوڭ ۋە قارا بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ تەكەببۇر، پاسىق كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان، دىلى بۇزۇق كىشى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇنىڭ تەتۇرچە كۆزى پولتىيىپ چىققان بولسا، ئۇنداق كىشى بىھايا ھەم بېخىل كېلۇر.
كۆزىنى تېز - تېز ئېچىپ - يۇمۇپ تۇرىدىغان كىشى ئالدامچى ياكى ئوغرى كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى چوڭ، قىزىل ئەمما كېسەللىكتىن خالى ۋە غۇبارسىز بولسا، بۇ ئۇنداق كىشىنىڭ ئۈمرى ۋە پالچانلىقىغا دەلىلدۇر، ئەمما چېقىر كۆزلۈك كىشى بېخىل بىھايا ۋە ھىممەتسىز كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى كىچىك ۋە كۆك بولسا، بۇنداق كىشى ھېلىگەر، ئالدامچى ۋە شوھرەتپەرەز كېلۇر.
كىشىنىڭ كۆزى مۇشۇكنىڭ كۆزىگە ئوخشاش يۇمۇلاق بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ سائادەتمەن ۋە بەختىيار بولمىقىغا دەلىلدۇر.
كۆزىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكتە قارا ۋە قىزىللىقتا ئوتتۇرا ھال بۇلۇشى شۇ كىشىنىڭ ياخشى خۇلقىلىق ۋە ياخشى ئادەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
كىشىنىڭ كۆز ئېقىدا قىزىل تۇمۇرلار بولسا، ئۇنداق كىشى شەھۋەتپەرەز كېلۇر.
5. قۇلاق ئالامەتلىرى
كىشىنىڭ قۇلىقى چوڭ بولسا، ئۇنداق كىشى ياخشى ئادەم بۇلۇر، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇنتۇمايدىغان، بەزىدە ئاچچىقى تۇتىدىغان كېلۇر . بۇ خىل كىشىنىڭ ئۈمرى ئۇزۇن بۇلۇر.
كىشىنىڭ قۇلىقى كىچىك بولسا، ئۇنداق كىشى نادان ۋە جاھىل بۇلۇر، ئوتتۇرھال بولسا، ئۇ كىشى ئەقىل - پاراسەتلىك، سائادەتمەن كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قۇلىقىنىڭ ئاستىدىكى يۇمشىقى گۆشلۈك بولسا ئۇنداق كىشى دولەتمەن كېلۇر.
6. بۇرۇن ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ بۇرنى ئىنچىكە بولسا ، ئۇنداق كىشى يەڭگىل ۋە كەم ئەقىل كېلۇر.
كىشىنىڭ بۇرنى چوڭ ھەم يالپاڭ ۋە تۇشۇكلىرى يوغان بولسا ، ئۇنداق كىشى تېز ئاچچىقلىنىدىغان ۋە سىر- شەھۋەتخۇر كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بۇرنى ئەگرى بولسا ، ئۇنداق كىشى ئىككى يۈزلىمىچى ۋە گۇناھلىق ئىشلارغا كۆپ ماڭىدىغان كېلۇر.
كىشىنىڭ بۇرنى ئۇزۇن ۋە چوڭ بۇلۇپ ، ئۇچى تۇتىنىڭ تۇمشىقىغا ئوخشاش بولسا ، ئۇنداق كىشى بەدۆلەت بۇلۇر. ئەمما، چوڭ - كىچىكلىكتە ئوتتۇرا ھال بولسا بۇنداق كىشى خۇش پەم ۋە خۇش پاراسەتلىك كېلۇر.
كىشىنىڭ بۇرنىنىڭ ئىككى تەرپى ئېگىز ، ئوتتۇرسى پەس بولسا، ئۇنداق كىشى كەمبەغەل ۋە قاششاق بۇلۇر.
7. لەۋ ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ لېۋى گۆشلۈك ۋە قېلىن بولسا، بۇنداق كىشى ئەخمەق ۋە ئىختىدارسىز ھەمدە ھەممە كىشىگە ئۆچ - ئاداۋەت ساقلايدىغان كېلۇر. ئەكسىچە كىشىنىڭ لېۋى نېپىز بولسا، بۇنداق كىشى خۇش، پەم ۋە نازۈك تەبئەتلىك بۇلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ لېۋى قارا ياكى كۆك بولسا بۇنداق كىشى نەپسى يامان ۋە زاتى يامان كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ لېۋى قىزىل بولسا، ئۇنداق كىشى سائادەتمەن ۋە زاتى ياخشى كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ لېۋى سېرىق بولسا ئۇنداق كىشى كېسەلمەن كېلۇر.
8.ئېغىز ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ ئېغىزى چوڭ بولسا، ئۇ كىشى يۈرەكلىك ۋە كۈچلۈك بۇلۇر. ئەكسىچە كىچىك بولسا ئۇنداق كىشى يۈرەكسىز ۋە قورقۇنچاق كېلۇر. خۇتۇن كىشىنىڭ ئېغىزى چوڭ بولسا ئۇنى ئەسلا چارچىتىپ بولماس. بۇنىڭدىن خۇدا ساقلىسۇن.
9.چىش ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ چىشى چوڭ ھەم بىر بىرسىگە يىپىشقان بولسا، ئۇنداق كىشى يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىقنى كەسىپ قىلغۇچى كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ چىشى ئۇششاق ۋە بىر - بىرسىدىن ئاجراپراق تۇرىدىغان بولسا، ئۇنداق كىشى ساغلام ۋە كەم كېسەل بۇلۇر.
كىشىنىڭ چىشى ئەگرى ۋە ئىگىز - پەس بولسا، ئۇنداق كىشى ئالدامچى ۋە خىيانەتكار كېلۇر.
كىشىنىڭ چىشىنىڭ ئارلىرى ئۇچۇق ۋە تەكشى بولسا، ھەمدە چوڭ - كىچىكلىكتە ئوتتۇرا بولسا ئۇنداق كىشى سائادەتمەن، ئادىل، ئىنساپلىق، توغرا يوللۇق كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ چىشى ئوتتۇز، ئوتتۇز بىر ياكى ئوتتۇز ئىككى بولسا، ئۇنداق كىشى زېرەك ۋە دولەرمەن بۇلۇر. ئەگەر ئوتتۇزدىن تۆۋەن بولسا، پالاكەت ۋە قاششاق بۇلۇر.
10. تىل ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ تىلى ۋە تاڭلىيى قىزىل بولسا، ئۇ كىشى سائادەتمەن ۋە خۇشخۇي بۇلۇر. ئەمما، كىشىنىڭ تىلى قارا ياكى سېرىق بولسا، بەتخۇي ۋە نەس تەبىئەتلىك بۇلۇر.
11. جاۋغاي ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ جاېغېيى كەم گۆش ۋە ئاتنىڭ جاۋۈېيىغا ئوخشاش بولسا، ئۇنداق كىشى خۇخۇي بۇلۇر. ئەكسىچە گۆشلۇك بولسا، ئۇ كىشى نادان ۋە تەكەببۇر كېلۇر. ئەمما، ئوتتۇرھال بولسا، ئۇ كىشى ئەقىل- پاراسەتلىك ۋە ھۆنەرۋەن كېلۇر.
12 .گەدەن ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ بوينى كالتە بولسا، ئۇنداق كىشى ھېلىگەر ھەم ئالدامچى كېلۇر. ئەكسىچە بوينى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە بولسا، ئۇ كىشى قورقۇنچاق ۋە ئەخماق كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ گەدىنى گۆشلۈك ۋە يوغان بولسا، ئۇنداق كىشى راست سۆزلۈك، ئىنساپلىق ۋە مەسىلىھەتچان كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ گەدىنىدە بىر سېرىق سىزىق بولسا، ئۈمرى ئۇزۇن كېلۇر. ئىككى سىزىق بولسا ھۈنەرۋەن بۇلۇر. ئۇچ سىزىق بولسا دۆلەتمەن بۇلۇر.
13. يۈز ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ يۈزى گۆشلۈك بولسا، ئۇنداق كىشى غەيرەتسىز، ئۇنتۇغاق، نادان بىتخۇي بۇلۇر. ئەكسىچە يۈزىدە ئەسلا گۈشى بولمىسا، ئۇنداق كىشى يامان نىيەتلىك ۋە يامان پىكىرلىك كېلۇر. ئەگەر ئوتتۇرھال بولسا، خۇشخۇي كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ رەڭگى سېرىق بولسا، ئۇنداق كىشى يامان نىيەتلىك كېلۇر.
14. ساقال ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ ساقىلى ئاز بولسا، ئۇ كىشى زېرەك، دانا، ئەقىللىق ۋە ھوششار كېلۇر.
ئەگەر كىشى شالاڭراق ساقاللىق بولسا، ئۇنداق كىشى تەمكىن، سەۋىرچان ۋە پىكىرلىك كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ ساقىلى كۆپ ۋە قۇيۇق بولسا، ئۇنداق كىشى پەمسىز ۋە گۇمروھ كېلۇر.
15.يەلكە ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ يەلكىسى گۆشسىز ۋە ئورۇق بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ دىلىغا يامان خىيال ۋە بۇزۇقلۇق ئورۇن ئالغان بۇلۇر.
ھەر كىشىنىڭ يەلكىسى گۆشلۈك ۋە يوغان بولسا بۇ ئەخمەقلىقنىڭ دەللىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ يەلكىسىدە يوڭى بولسا، كەمبىغەل بولماققا دەلىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ يەلكىسى يۇڭسىز ۋە ئوتتۇرھال بولسا بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەقىل - پاراسەتلىك، بەخت - سائادەتلىك ۋە مىجەزى يېقىملىك ئىكەنلىگىنىڭ دەلىلىدۇر.
16. بىلەك ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ بىلىگى ئۇزۇن ۋە قولتىقى گۆشلۈك بولسا، ئۇنداق كىشى بەخىت - ئىقىباللىق، پاراۋان رىزقىلىق بۇلۇر. ئەكسىچە كىشىنىڭ بىلىگى كالتە ۋە قولتىقى كەم گۆش بولسا بۇ شۇ كىشىنىڭ كەمبەغەل بولمىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
17.كۆكرەك ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ كۆكرىكى كەڭ ۋە گۆشلۇك بولسا، بەختىيارلىقنىڭ نىشانىسىدۇر. ئەكسىچە كىشىنىڭ كۆكرىكى تار ۋە كەم گۆش بولسا، بۇ كىشىنىڭ نەسلىكى ۋە بەتبەختلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
18. قورساق ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ قورسىقى چوڭ بولسا، ئەخمەق بۇلۇر، ئوتتۇرھال بولسا، مەسلىھەتچان، ئەقىلدار ۋە ھۇششار بۇلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قورسىقىدا بىر سىزىقى بولسا، ئۇ كىشى تىغ بىلەن ئۆلگۈسىدۇر. ئىككى سىزىق بولسا، ئايال بىلەن كۆپرەك ئۈلپەتچىلىك قىلۇر ۋە سۆھپەتتە بۇلۇر. ئۈچ سىزىقى بولسا، ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە ھۇششار بۇلۇر تۆت ياكى بەش سىزىقى بولسا، يەنە يوقۇرقىدەك بۇلۇر. ئەمما، ھېچقانداق سىزىق بولمىسا، ئۇ كىشى بەخت- ئىقباللىق بۇلۇر .
ئەگەر كىشىنىڭ كىندىگى چوڭ ۋە يومۇلاق بولسا، دۆلەتمەن ۋە سائادەتمەن بۇلۇر.
19.رەڭ ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ رەڭگى ئانار دانىسىدەك قىزىل بولسا، ئۇنداق كىشى ئىتتىك، تېز خاپا بۇلىدىغان ۋە ھەر بىر ئىشتا ئالدىراپ ھۇدۇقۇپ يۈردىغان كېلۇر.
كىشىنىڭ رەڭگى كۆك رەڭلىك بولسا، نىيىتى يامان كېلۇر.
كىشىنىڭ رەڭگى ئاق قىزىل بولسا، خۇش خۇلقلىق ياخشى پېئىللىق بۇلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ رەڭگى قىزىل بۇلۇپ، ئەمما قارىغا مايىل بولسا، يامان سۇپەتلىك بۇلۇر.
كىشىنىڭ رەڭگى بۇغداي ئۆڭلۈك بولسا، بۇ كىشىنىڭ خوش خۇلقلىق، ئاقىل، تېز پىكىرلىك خۇش پاراسەت ۋە بەختىيارلىقىغا دەلىلدۇر.
20. بەدەن ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنى يۇمشاق بولسا ، ئۇنداق كىشى پەم -ئىدراكلىق، مىجەزى يېقىملىق ۋە خارەكتىرى ئازادە كېلۇر. ئەگەر بەدىنى قاتتىق بولسا، بۇنداق كىشى باقۇۋۋەت، ئىقتىدارسىز، بىپەم بۇلۇر.
21. موي ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنىدىكى مويلىرى باقۇۋۋەت بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ شىجائەتلىك ۋە باتۇرلىقىغا دەلىلدۇر
ئەگەر يۇمشاق بولسا بولسا، ئۇنداق كىشى قورقۇنچاق كېلۇر.
ئەگەر يىرىك ۋە يۇمشاقلىقتا ئوتتۇرھال بولسا ، ئۇ كىشىنىڭ ئىچى - تېشىنىڭ توغرا ۋە ياخشىلىقتا دەلىلدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆكرىگى ۋە قۇرسىقىدا مويلىرى كۆپ بولسا، ئۇنداق كىشى ئەخماق- دۆت كېلۇر. ئۇ يەرلەردە موي كەم بولسا، لاتاپەتلىك ۋە ئەقلى زىيادە بۇلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ مويلىرى سېرىق بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەخمەقلىقىغا دەلىلدۇر. قىزىل بولسا، پەلۋان ۋە سالامەت بۇلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ مويلىرى قارلىقتا، قاتتىقلىقتا ۋە يۇمشاقلىقتا ئوتتۇرا ھال بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەقىللىق ۋە ياخشى مىجەزلىك ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.
ئەگەر ھەر كىشىنىڭ بەدىنىدە بىر تۈشۈكتىن بىر تال موي چىقسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ دۆلەتمەن بولمىقىغا نىشاندۇر بىر تۈشۈكتىن ئىككى تال موي چىقسا، ھۈنەرۋەن بولمىقىغا دەلىلدۇر. ئۇچ تال موي چىقسا، كۆپ ئىبادەت قىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. تۆت تال موي چىقسا، كەمبەغەل ۋە قاششاق بولمىقىغا دەلىلدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنىدىكى مويلار ئىنچىكە بولسا، كىشىنىڭ پەيلى يامانلىقىغا دەلىلدۇر.
22. ئاۋاز ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشىنىڭ ئاۋازى يوغان ۋە ئۈستۈن بولسا، ئۇنداق كىشى پەلۋان بۇلۇر. ئەكسىچە، يۇمشاق ۋە ئىنچىكى بولسا، تامامى خۇي -پەيلى ياخشى بۇلۇر.
ھەر كىشى دىمىغى بىلەن سۆزلىسە، ئۇنداق كىشى تەبەككۇر كېلۇر.
كىمكى يىقىمسىز ئاۋازدا سۆزلىسە، ئۇنداق كىشى ئەخماق كېلۇر.
يۇمشاق ۋە ئاستا سۆزلەيدىغان كىشى ئاقىل ۋە دانا كېلۇر. ئەكسىچە، تېز سۆزلەيدىغان كىشى يامان خۇيلۇق بۇلۇر.
سۆزلىگەندە قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان كىشى زېرەك ۋە پاراسەتلىك كېلۇر.
23.كۈلكە ئالامەتلىرى
ھەر كىشى كۈلگەندە قاتتىق ئاۋاز بىلەن بىلەن قاقاخلاپ كۈلسە، بۇ ئۇنىڭ نادان ۋە بىھايا ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. كۈلگەندە پەس ئاۋاز بىلەن كۈلىدىغان كىشى ياخشى پىكىرلىك، ھايالىق، خۇش خۇلقلىق ۋە تەمكىن بۇلۇر.
24 . قامەت ئالامەتلىرى
كىشىنىڭ بۇيى ئىگىز بولسا، ئەخماق كېلۇر. ئەكسچە پاكار بولسا پىتنىخور كېلۇر. ئوتتۇرا بويلۇق بولسا ھېكمەتلىك، پاراسەتلىك ۋە ساپ دىل بۇلۇر.
دانىشمەنلەر شۇنداق دەپتۇكى؛ ھەر كىشىنىڭ بويى ئۆزىنىڭ پەنجىسىدە بىر يۈز يىگىرمە پەنجە كەلسە، قامەتنىڭ ياخشىراقى شۇدۇر. ئۇنىڭدىن قانچىلىك كەم بولسا شۇنچە نوخسانلىق بۇلۇر.
25. مېڭىش ئالامەتلىرى
ئەگەر كىشى يول يۈرگەندە ئايىغىنى ئەگرى قويسا، ئۇنداق كىشى ئۇلۇغلار ئۇستىدىن غەيۋەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى يامان سۈپەتلەر بىلەن يادلايدىغان كېلۇر.
ئەگەر كىشى يول يۈرگەندە قەدىمىنى تېز - تېز ئېلىپ ماڭسا، قەھرى- غەزەپلىك ۋە جاھالەتلىكنىڭ نىشانى بولسا كېرەك.
ئەگەر ماڭغاندا تولىمۇ ئاستا قەدەم بىلەن يۈرسە، غەمكىنلىكنىڭ نىشانىسىدۇر.
ئەگەر يول يۈرگەندە ئوتتۇرا ھال قەدەم بىلەن يۈرسە، ئۇنداق كىشىنىڭ زاھىرى بىلەن باتىنى ياخشى سۈپەتلىك بۇلۇر.
كىشى يول يۈرگەندە يەرنى قاتتىق دەسسەپ ماڭسا، يامانلىقنىڭ نىشانىدۇر.
ئەگەر يول يۈرگەندە قەدەمنى يىراق - يىراق قۇيۇپ ماڭسا، جاھالەت ۋە ھاماقەتلىكنىڭ نىشانىدۇر.
(تەھرىر : admin)
«ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى خالامسىز؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئائىلە زىيارىتى
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بى
- قىزىقارلىق ۋەسىيەتنامىلەر
- كەلگۈسى 10 يىلدا يوقىلىشى مۇمكىن بولغان
- ئارزۇ تولدۇرۇشقا سەل قارىماڭ
- ئۆزۈڭگە چېكىنىش يولى قالدۇرما
- كىشىلىك ھاياتتىكى ئون بىر چوڭ ئىش
- ئادىللىق نەدە بار؟
- بەخىتنىڭ شەكىللىرى
- تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە
- ھەر كۈنى بىر قىتىم ئوقۇڭ
- مەن قانداقسىگە ساراڭ بولۇپ قالدىم ؟
- ھەقىقى دوست
- ئاۋال توخا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ ؟
- ئالىملار ھەققىدە قىزىقارلىق يۇمۇر...
- مۇلايىملىقنىڭ قۇدرىتى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- ئارگېنتىنادىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىش تاشلىدى
- ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇل ئېل
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير
- تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار
- «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت