تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە
(نەسىر)
ئابدۇرەقىپ تەكلىماكانىي
دۇنيادا مۇئەييەن تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالەم تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىنىڭ بارلىقى بىلەن مەۋجۇد. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەمنى ئالەم قىلغان ئاشۇ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىدىن ئىبارەت ئۈچ قېرىنداش. پاكىت شۇكى، تۈنۈگۈن ــ بۈگۈننىڭ ئانىسى، بۈگۈن بولسا، ئەرتىنى تۇغىدۇ. شۇڭا بۈگۈننىلا تونۇپ، ھازىرنىلا ئويلاپ، تۈنۈگۈننى قارىلاش، ئەرتىنى قارغاش ئاقىللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بەزىلەر: «تۈنۈگۈن ــ ۋاقتى ئۆتكەن چەك، ئۇنتۇپ كېتىڭ» دەيدۇ. بىراق ئالدىڭغا قاراپ باق، ئەنە ئاشۇ سەن سۈپسۈزۈك سۈيىنى ئىچىۋاتقان قۇدۇق بۈگۈنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۇنى دەسلەپ سېنىڭ بوۋاڭ كورلىغان. كېيىن داداڭ نەچچە رەت ئۇنىڭ لاي-لاتقىلىرىنى ئېلىپ، كۆزىنى قايتىدىن ئاچقان. ھالبۇكى، سەن بۈگۈن ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچىۋېلىپلا مەزكۇر قۇدۇقنى كورلىغۇچىنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بولامدۇ ۋە ئۇنتۇپ كېتەلىشىڭ مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟! دۇرۇس، سەن دېگەندەك بوۋاڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياشىغان، ئەجدادىڭ بۈگۈن سەن ئېرىشكەندەك ئوچۇقچىلىققا، يورۇقلۇققا مۇيەسسەر بولالمىغان بولغىيدى. بىراق، ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ بوۋاڭ، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە نىشانسىزلا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ يەردە ئۇ «ھالال ئەمگەك» ماركىلىق ھايات مەشئىلىنى يورۇتقان، ئىجاد مېتىنى بىلەن جاھالەت ئۆڭكۈرىنى تېشىپ، بۈگۈنكى ئوچۇقچىلىق ۋە يورۇقلۇققا يول ئاچقان.
راست، داداڭنىڭ نادانلىق تۈنىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلىرىمۇ باردۇ. بىراق، ئۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رايى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن سادىر قىلغان ئاداققىي گۇناھى ئەمەس، ماقۇل، ئۇ شۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانمۇ بولسۇن، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئەمدى مەڭگۈ ئەيىبلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا قالدۇرغان تەجرىبىسى ھېچبىر ئەھمىيەتلىك ئەمەسمۇ؟
تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك. تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن تەجرىبە خەزىنىسى. ھەتتا، تۈنۈگۈنكى ئەلەم، جاپا ۋە قاباھەتلىك چۈشلەرمۇ بۈگۈن ئۈچۈن تىلغا ئېلىش، ئەسلەش، ساۋاق ئېلىش، ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە. چۈنكى، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق بۈگۈنكى غالىبىيەتنىڭ ئۆز ئانىسى، تۈنۈگۈنكى جاپا-مۇشەققەت بولسا، بۈگۈنكى راھەت-پاراغەتنىڭ ئىبرەت تانىسىدۇر. دەرۋەقە، «يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى» چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلىپ، «يىللارنىڭ ئۆمۈرنى ئوغرىلاپ، ئارقىسىغا قارىماي يورغىلاپ مېڭىپ، ‹ھايت-ھۇيت› دېگۈچە قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال سوۋغا قىلىۋېتىدىغان» ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈن تولىمۇ قەدىرلىك، تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. خۇددى مۇتەپەككۇر لى داجاۋنىڭ: «بۈگۈن ــ ھاياتتۇر. بۈگۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، بۈگۈن ــ ئىجادىيەتتۇر. مېنىڭچە، دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بۈگۈن، ئەڭ ئاسان مەھرۇم بولىدىغان نەرسىمۇ بۈگۈن. ئۇ بەك ئاسان قولدىن كېتىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەڭ قىممەتلىكتۇر» دېگىنىدەك. شۇڭا، بۈگۈننى قەدىرلەش، بۈگۈننى ئۇلۇغلاش، ئىمكان قەدەر بۈگۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈردۇر.
بۈگۈننى قەدىرلەش ئىش يۈزىدە، بۈگۈندىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاقىتنى، بۈگۈنكى ئەمگەكنى ۋە بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۈگۈنكى ۋاقىت قەدىرلىك، چۈنكى، ئۇ تۈنۈگۈن يوق ئىدى، ئەرتە مەۋجۇد بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۈگۈننى ئەمگەك بىلەن، ئىجاد بىلەن ئۆتكۈزمىسەڭ، بۈگۈننىڭ كۈنى تاغنىڭ كەينىگە پاتقاندا، ئەپسۇس لېۋىڭنى ھەسرەت چىشىڭ بىلەن چىشلەپ قالىسەن.
بۈگۈنكى ئەمگەك قەدىرلىك. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈننىڭ بىناسى ئۆرە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى تۇرمۇش جانلىنىدۇ، شۇڭا، سەنمۇ بۈگۈن ئۈچۈن ئەمگەك قىل، بۈگۈنكى ئەمگەكلەرنى قەدىرلە. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇدىيىتىڭنى ئۆزۈڭ دەپسەندە قىلغان بولىسەن.
بۈگۈنكى ئادەملەر قەدىرلىك. چۈنكى، بۈگۈنكى ھايات مۇشۇ بۈگۈن ياشاۋاتقان سەن، مەن ۋە ئۇلار بىلەن گۈللىنىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلە، بوۋاڭ ئېيتقان: «ئۆلگەندىن كېيىن ‹ياسىن› ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ نەق شۇ.
بىراق، بۈگۈننى قەدىرلەش ھەرگىزمۇ كەينىدە تۇرغاننى تېپىش، ئالدىغا كەلگەننى چىشلەشنىڭ باھانىسى، ھەممىنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشنىڭ نەزەرىيە دەستىكى، «بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەرتىگە خۇدايىم بار» دەيدىغان ھورۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بەزلەش تۇمارى بولۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى، يەنە سەمىڭگە سالاي: بۈگۈننىڭ ئانىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈندىن تۇغۇلۇر ئەرتە ھەم ئۆگۈن! بۇ ئالەم مەۋجۇدلا بولىدىكەن، كېلەچەك مەۋجۇد، ئەرتە مەۋجۇد. ئىنسانلار ئەقىل ۋە ئاڭ كۈچى ئارقىلىق، مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇلاردا كېلەچەكنى كۆزلەش ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىش يۈزىدە، ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ چېكىنى ئەبەدىيلىك، ئېنىق ئايرىغان. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق رەڭدار، كۆركەم ۋە مۇشۇندق قوۋناق ھالغا كېلىشى ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلاردىكى ئاشۇ كېلەچەكنى ــ ئەرتىنى كۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ سەمەرىسى.
ئەرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مىڭ تۈرلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئەۋزىلى ئۇنىڭ بۈگۈندىنمۇ ياش، رەڭدار ۋە بۈگۈندىنمۇ گۈزەل بولۇشىدا. تۈنۈگۈن بولۇشى ئەقىلغا سىغمايدىغان، بۈگۈنمۇ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۈرلۈك تۈمەن مۆجىزاتلارنىڭ ئەرتە مەيدانغا كېلىشى تامامەن مۇمكىن. مانا بۇ - كېلەچەكنىڭ نېمەت مەۋقەسى؛ مانا بۇ - ئەرتىنىڭ قىممەت مەنبەسى. شۇڭا، ئەرتىگە تەلپۈن، ئەرتە ئۈچۈن چېلىش، شۇنداقلا، ئەرتىدىن نېسىۋە كۆرۈشكە تىرىش!
تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىلەردە يېگانە خاسىيەتلەر جىلۋە قىلىدۇ: تۈنۈگۈن ــ ئەڭ ئەستلىك؛ بۈگۈن ــ ئەڭ قىممەتلىك؛ ئەرتە بولسا، ئەڭ جازىبىلىك ۋە سېھىرلىكتۇر.
بۈگۈننىڭ قۇياشىنى كۆرۈپلا تۈنۈگۈنكى كۈننى تىللىما، تۈنۈگۈنكى كۈن بۈگۈنگە سېلىشتۇرغاندا ھەرقانچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ساڭا ھايات بېغىشلىغان داداڭ بىلەن بوۋاڭنىڭ قەدەم ئىزلىرى بار. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، شۇ ئىزلار بولمىغان بولسا، بۈگۈنگە ئۇلاشقان يول بولمىغان بولاتتى.
بۈگۈنكى نەتىجە، شاراپەت ۋە سائادەتلەر بىلەن مەست بولۇپ كېتىپ ئەرتىنى ئەرزىمەس چاغلىما؛ ئەينى چاغدا، بۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن مەيۈسلىنىپ، تەركىيدۇنياچىلىق كەمىرىنى بېلىڭگە باغلىما. دۇرۇس، بۈگۈن بىلەن ئەرتىنى - كېلەچەكنى سېلىشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، ئەرتىنىڭ قۇياشى بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ پارلاق؛ ئۇنىڭدىكى ھايات بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ قايناق. ئۇنىڭ سەندىن تەمە قىلىدىغىنى تىرىشچانلىق، ھالال ئەمگەك ۋە غەيرەت؛ ساڭا ئاتا قىلىدىغىنى بولسا، ئۈمىد، پۇرسەت ۋە كۆڭۈلدىكى نۇسرەتتۇر! («شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ 1994-يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى)
(تەھرىر : بەشتاش)
«تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مە
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كا
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پاي
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالاي
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچ
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسى
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- كېسەللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش .
- ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىس
- دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان ي
- سۇغوق ئىچملىكنىڭ تەسرى
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خا
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىر-س
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدۇ
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدى
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسىتمال ق
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير