ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇنلار ئىقتىدارلىق بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مەكتەپلەردە ئوقۇپ، بىلىم ئاشۇرۇپ، ھەر خىل كۇرسقا قاتنىشىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدۇ-يۇ، ئەمما مېھرىبان ئادەم بولۇشقا كۆڭۈلشىمەيدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر كىشىدە ئىقتىدار بولۇپ، ئىنسانىي مېھىر -مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ نېمە قىممىتى؟
ئادەمدە، ئەلۋەتتە،مېھىر بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسى ئۇخشاشمايدۇ. مېھىر كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشىگە باغلىق. ئادەتتە دوستلىرىغا،ئاتا-ئانىسىغا ۋە باشقىلارغا مېھرىنى ئايىمايدىغانلارنىڭ قەلبى مېھرىبانلىققا تولغان بولىدۇ. كىشىلەر ئۆزئارا مېھىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن دوستانە، ئىناق ئۆتۈپ، تۇرمۇشىنى مول مەزمونغا ئىگە قىلالايدۇ. ئادەمدە پۇل، ھوقۇق بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئىنسانىي مېھىر بولمىسا بولمايدۇ. ئىنسانىي مېھىر ھەر كىمنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانى، بىر دۆۋە دىپلومى بىلەن ئەمەس، ئەخلاق ساپاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىر ئادەمدە باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان پەزىلەتنىڭ بولۇشى ھەقىقىي ئادىمىيلىكتۇر. بۇنداق پەزىلەتكە ئىگىلەر ھۆرمەت، مۇۋەپپەقىيەت ساھىبى بولالايدۇ.
بۇرۇن شوتلاندىيەدە ئۇستا بىر ياغاچچى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى ئېگىز، بىرى پاكار ئىككى شاگىرتى بار ئىكەن. ئېگىز ھۈنەردە پاكاردىن چەبدەس ئىكەن. شۇڭا ئېگىز بويلۇق ئۇنى دائىم«مىس-مىس خوتۇندەك ئىش قىلىسەن»دەپ مەسخىرە قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇستازى ئۇلارنى چاقىرىپ«ھۈنەرنى جان باقالىغۇدەك ئىگىلىدىڭلار، ئاۋۋال سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ ئۇنىڭدىن ئورۇندۇق ياساڭلار. كىم ئورۇندۇقنى ھەم سۈپەتلىك، ھەم تېز ياسىيالىسا، شۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى ھۈنىرىمنى ئۆگىتىمەن»دەپتۇ. شاگىرتلار تاغقا چىقىپتۇ. ئېگىز بويلۇق ھەم يوغان، ھەم ئېگىز دەرەخنى، پاكار بويلۇق ھەم ئىنچىكە، ھەم پاكار دەرەخنى كېسىپ كېلىپ ئورۇندۇق ياساشقا كىرىشىپتۇ. ئېگىز بويلۇقنىڭ كەسكەن دەرىخى ھەم يوغان، ھەم سۈپەتلىك بولغاچقا، ياسىغان ئورۇندىقىنىڭ سۈپىتى پۇختا، سۈپەتلىك چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇستاز پاكار بويلۇقتىن «تاللىغان ياغىچىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەن، تاغدا شۇنچە كۆپ دەرەخ تۇرسا، نېمىشقا ھەم ئىنچىكە، ھەم پاكار دەرەخنى كەستىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «كەچۈرۈڭ ئۇستاز، تاغقا چىقىپ قارىسام، ھەم ئېگىز، ھەم يوغان دەرەخلەرگە قۇشلار چاڭگا سېلىۋاپتۇ. دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلاپ، چاڭگىسىنى بۇزغۇم كەلمىدى. شۇڭا ئىنچىكە دەرەخلەرنى تاللىدىم»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پاكار بويلۇق. بۇنى ئاڭلىغان ئۇستازى ئاخىرقى ھۈنىرىنى ئۆگىتىشكە پاكار بويلۇق شاگىرتىنى تاللاپتۇ. باشقىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا،ئۇستاز«مېھىر-مۇھەببەت بولمىغان ئادەمدە كەسپىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ مېھىر - مۇھەببەت بولمايدۇ. ئېگىز بويلۇق شاگىرتىم ھۈنەردە چەبدەس بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭدا پاكار بويلۇق شاگىرتىمدىكىدەك مېھىر يوق. شۇڭا مەن پاكاربويلۇق شاگىرتىمنى تاللىدىم»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پاكار بويلۇق شاگىرت خۇسۇسىي ياغاچچىلىق شىركىتى قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ماللىرى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى بىلەن تېزلا بازار تېپىپ، شوتلاندىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق ياغاچچىلىق كارخانىسىغا ئايلىنىپتۇ. بۇ دەل ھازىرقى شوتلاندىيەدىكى نورس ئىسىملىك مەشھۇر كارخانىچى بولۇپ، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ماللىرى شوتلاندىيەدىلا ئەمەس، ياۋروپادىمۇ داڭلىق مەھسۇلات ھېسابلىنىدىكەن. كىشىلەر ئۇنىڭدىن:«مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدىكى سىر نەدە؟»دەپ سورىسا، ئۇ؛«مەندە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدىغان مېھىرنىڭ بولغانلىقىدا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ ھېكايىدىن ئادەمدە باشقىلارغا، تەبىئەتتىكى جانلىقلارغا كۆيۈنۈش مېھرى بولغاندىلا، باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىك ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. شۇنداقلا قەدىرلىك ئادەملەرنىڭ قەدىرسىز ئادەملەرگە قارىغاندا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىمىز.
(تەھرىر : admin)
«ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكى بىر قانچە سۇئالنى سوراپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مە
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كا
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پاي
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالاي
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچ
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسى
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- كېسەللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش .
- ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىس
- دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان ي
- سۇغوق ئىچملىكنىڭ تەسرى
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خا
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىر-س
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدۇ
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدى
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسىتمال ق
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير