ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟
ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟
شىنجاڭ پىرىيوم -كارانتىن ئىدارىسى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىلى 2347 تۈركۈمدە 58 مىڭ توننا يېمەكلىك ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، قىممىتى 74 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ 2011-يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %126.98، % 56.27، % 148.44 كۆپ. بۇ ئىدارە بۇلتۇر 433 تۈركۈم ئىمپورت ئىمپورت يېمەكلىكنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 56 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىك لاياقەتسىز چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %12.9 بولغان.
بىر مەزگىل چەت ئەلگە چوقۇندۇق، كەينىدىن چەت ئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا چوقۇندۇق، نۇرغۇنلىرىمىز تا بۈگۈنگىچە چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن يېمەكلىكلىرىنى ئالىي دەرىجىلىك، ئەلا سۈپەتلىك، ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەچكە ، بۇ خىل چوقۇنۇش ئەۋجىگە چىقىپ، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكانلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەتتا چوڭ تاللا بازارىرىدىمۇ ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلىدىغان بولدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ- چوڭ تاللا بازارىرىدا ئىمپورت يېمەكلىكلەر خېلى زور سالماقنى ئىگىلەشكە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان چوڭ- كىچىك دۇكانلار كەينى -كەينىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.
يېقىندا مۇخبىر « غالىىبىيەت» يولى، « ئىتتىپاق» يولى، جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە كەينى- كەينىدىن ئېچىلغان ئون نەچچە ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقتى. بۇ دۇكانلاردا ئەتىر، چاچ سوپۇنى، بەدەن سوپۇنى، چىش پاستىسى، ھەر خىل تازىلىق بويۇملىرى قاتارلىق ئىمپورت بويۇملار قىسمەن سالماقنى ئىگىلىگەندىن سىرت، ئىمپورت يېمەكلىكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەسەل، پېرەنىك، بوۋاقلار سۈت تالقىنى، زەيتۇن يېغى، مېۋە ئىچىملىكلەر، چاي، قەھۋە، قايماق، سارماي، ناۋات، زەپە، شاكىلات، كەمپۈت، پىستە، بادام، خورما ھەمدە ھەر خىل تەييار چۆپلەردىن تارتىپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك تېتىتقۇلىرىغۇچە بار ئىدى. بۇ مەھسۇلاتلار، ئاساسلىقى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، مالايشىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغاندى سىرت، يەنە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە، ياپونىيە، كورېيە، سىرىلانكا، ھىندىنوزىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان، سىنگاپۇر، تايلاند قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتتىن كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان «ھەرەمباغ» ئاستانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە ئېچىلغان، كۆلىمى 500 كىۋادىرات مېتىرلىق «بەگ» ئىمپورت تاللا بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى مەمەتجان ئابدۇرۇھېم مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم يېمەكلىكلەردە ئارقا-ئارقىدىن سۈپەت مەسىلىسىنىڭ كۆرۈلۈشى، كىشىلەردە ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىمپورت يېمەكلىكلەر تاللا بازارىرىنىڭ بەس- بەستە ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى «ئىتتىپاق» يولىدىكى 200 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئارىلىقتا «ئىخۋان»،«ئىشتىھا»، «ھايات»،«شىپانۇر» قاتارىق ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن ئالتىسى ئېچىلغانئىدى.« غالىبىيەت» يولىدىمۇ «مەھمۇت چايلىرى»،«مۇھسىن»،«ئېدىل»، «ئوسمانىيە» قاتارلىق ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن باشقا، جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى «دوستلۇق» سودا سارىيى تاللا بازىرىدىمۇ ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغانئىدى.
مۇخبىر ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىنى ئارىلاش جەريانىدا، بەزى مەھسۇلاتلارغا خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانغانلىقىنى، بەزى مەھسۇلاتلارغا ھېچقانداق خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانمىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارغا ئۆزلىرى تەييارلىغان چۈشەنۈرۈش قوللانمىسى يانداشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردى. ھەمدە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق يوللار بىلەن دۇكانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قىزىقىپ، دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلاشتى.
مەمەتجان ئابدۇرۇھېم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تاللا بازىرىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىگە خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانغان، ئۆزىمىز چەت ئەلگە چىققاندا ئالغاچ كەلگەن بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ بازارغا سېلىپ باقتۇق. شۇڭا بۇ مەھسۇلاتلارغا خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلىمىغان بولساقمۇ، چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى تەييارلاپ قويدۇق.
«ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى قانداق يوللار بىلەن كىرگۈزىلەر؟»دېگەن سۇئالغا،«ئېدىل» ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنىوڭ ئايال خوجايىنى مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلار ۋاكالەتچىلىرىدىن، كۆپ قىسمىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلار ۋاكالەتچىلىرىدىن كىرگۈزۈمىز»
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە بۇلتۇر 433 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىكىنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 56 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىك لاياقەتسىز چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %12. 9 بولغان.مىكرو ئورگانىزىملار، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، ئېغىر مېتاللار، نىترىدلار، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، سۇ، ئورۇ قاتارلىقلاردا لاياقەتسىزلىك كۆرۈلگەن، خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلاشتا بەزى يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان. ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك ۋە تازىلىق جەھەتتە لاياقەتسىز چىققان يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇۋەتكەن ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
شىنجاڭ پىرىيوم- كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك تەكشۈرۈش -نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىكى ماھىرەنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ پىرىيوم- كارانتىن تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغان يېمەكلىكلەر ئورۇسىغا ئۆلچەملىك خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش چاپلىنىدىكەن، ئۇنىڭدا يېمەكلىكنىڭ نامى، تەركىبى، ساپ ئېغىرلىقى ۋە مىقدارى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىشلەپچىقىرىلغان دۆلەت ياكى رايون، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقىت، ساقلاش شارائىتى ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ نامى، ئادېرىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىقلار چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر پىرىيوم- كارانتىن ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى پورتلاردا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن يېمەكلىكلەر جەمئىي 32 توننىغا يەتكەن. بۇ يېمەكلىكلەر، ئاساسلىقى، ئىسپرتلىق ئىچىملىك، پىرەنىك، تورت، شاكىلات، ئىچىملىك، قەنت- گزەكلەرگە، شۇنداقلا، دۆلىتىمىز كىرگۈزۈشنى چەكلىگەن سۈتلۈك يېمەكلىكلەر، پىششىق گۆش، مېۋە- چىۋە قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ ئىدارە شىنجاڭ پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پىرىيوم- كارانتىن تارماقلىرى پورتلاردىكى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇىدىكەن، سودا- سانائەت مەمۇىرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوبورت ھالقىلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن، قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوبورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىكەن. بۇ يىل 1- مارت بىر قىسىم ئىمپورت يېمەكلىكلىرى سودىگەرلىرى بىلەن شىنجاڭ پىرىيوم - كارانتىن ئىدارىسى ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغاندىن كېيىن، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئوبورت ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئاسانلاشقان.
مۇخبىر ئىمپورت يېمەكلىك دۇكانلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئىمپورت يېمەكلىكلەردىمۇ قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قارىقۇيۇقلا ئىشەنچىلىك، بىخەتەر دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئىستېمالچىلار ئىمپرورت يېمەكلىكلەرنى بىر قەدەر مۇنتىزىم تاللا بازىرى ۋە دۇكانلاردىن سېتىۋېلىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 2013- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى....خىزمىتى ئاياغلاشتى
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مە
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كا
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پاي
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالاي
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچ
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسى
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- كېسەللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش .
- ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىس
- دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان ي
- سۇغوق ئىچملىكنىڭ تەسرى
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خا
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىر-س
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدۇ
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدى
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسىتمال ق
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير