ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئۆزۈڭگە چېكىنىش يولى قالدۇرما

ۋاقىت : 2013-07-25 19:24 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەمگەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئۆزۈڭگە چېكىنىش يولى قالدۇرما

 

مىلادىيىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى رىمنىڭ ئىمپېراتورى كايسار قوشۇنىنى باشلاپ ئەنگىلىيىگە بارغاندىن كېيىن ھەرگىز ئارقىغا چېكىنمەسلىك نىيىتىگە كەلگەن. ئۇ ئۆز ئىرادىسىنى لەشكەرلىرىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى توشۇپ كەلگەن كېمىلەرنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۋەتكەن.

   كۆپلىگەن ياشلار بىرەر ئىشنى قىلغاندا ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويىدۇ، چېكىنىش ئۈستىدە ئويلىندۇ، بۇنداق قىلغاندا قانداقمۇ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟

  جاننى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ جەڭ قىلىدىغان قوشۇنلا ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلبە قىلالايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئادەم ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا ئارقىغا چېكىنىدىغان يولۇم يوق، دېگەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا بېسىشى، ھەر قانداق قىيىنچىلىق، توسالغۇغا يولۇققاندىمۇ ئارقىسىغا چېكىنمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىرادىسى چىڭ بولمىسا، قىيىنچىلىقنى كۆرۈپلا چېكىنىشكە تەييار تۇردىغان بولسا، مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدىغان كۈنى مەڭگۈ كەلمەيدۇ.

  ئۆمۈرلۈك مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇش پۈتۈنلەي ئىرادىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا باغلىق بولىدۇ. قەيسەر ئىرادىلىك ئادەم ھەر قانداق جاپا-مۇۋەققەت ۋە توسالغۇغا يولۇققاندىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، شەرەپ بىلەن غەلبە قازىنىدۇ. لېكىن، ئىرادىسى ئاجىز ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ھامان شۈمشىيىۋېلىپ، ئالغا باسماي، ئاخىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. جەمىيەتتىمۇ مۇدۇنداق بىر مۇنچە ياشلار باركى، ئالغا ئۆرلەشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلسىمۇ، ئىرادىسى ئاجىز بولغاچقا، قەتئىي جان تىكىپ ئېلىشىش ئەقىدىسى بىلەن ئىش كۆرمەيدۇ، نەتىجىدە بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ھامان دەرھال ئارقىغا چېكىنىپ، ئاقىۋاتتە مەغلۇپ بولىدۇ.

  ئادەم چېكىنىش يولى قويماسلىققا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىرادە باغلىسىلا، نى-نى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان تەقدىردىمۇ ھەرگىز چېكىنمەيدۇ. ئەگەر مەقسەتكە يەتمىگۈچە ھەرگىز توختىمايمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلسە، قۇربان بېرىشتىن قورقماي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبە قىلالايدۇ. ئىككىلىنىش، قورقۇنچاقلىق دېگەنلەرنى پۈتۈنلەي قوغلىۋېتەلەيدۇ. قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ كۈشەندىلىرى يوشۇرۇنۇشقا جاي تاپالماي قالىدۇ.

  ئادەم قەتئىي ئىرادىگە كەلگەندىلا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىگە ئېرىغەلەيدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ. شۇڭا، قەتئىي ئىرادىلىك ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا غالىبىيەتچىدۇر. قەتئىي ئىرادە بولغاندىلا ئىشەنچەىنى ئاشۇرغىلى، ئىقتىدار-پاراسەتنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن ئىشتا زور مۇۋاپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

  تالاي-تالاي كىشىلەرگە ئىككىلىنىشتىن ئىبارەت كېسەل چاپلىشىۋالغان بولۇپ، ئۇلار مەيلى قانداقلىكى ئىش قىلمىسۇن بىرەر چېكىنىش يولى قالدۇرۇپلا قويىدۇ-دە، جان تىكىپ ئاخىرغىچە تىركىشىش جاسارىتىگە كېلەلمەيدۇ. ئۇلار پۈتكۈل پىكىر-خىيالنى بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنداق ئىشەنچنىڭ ئىككىلىنىشتەك يامان ئادەتنى تۈگىتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭكۈشەندىلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتالايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

  بەزىلەر مۇھىم مەسىلىلەرنى كېيىنچە ھەل قىلارمەن دەپ بىر ياققا قايرىپ قويۇپ قويدىغان ئادەتكە خۇشتار، ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خىل يامان ئادەت ھېسابلىنىدۇ. سەندە ئەگەر ئۇنداق خاھىش بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن دەرھال ۋاز كېچىپ، ئۆزۈڭنى كەسكىن ئىش قىلىدىغان ئادەتكە كۆندۈرۈشۈڭ كېرەك. كۆز ئالدىڭدىكى مەسىلە ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ، مەسىلنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئېلىشىڭ، مۇناسىپ ھالدا سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشۈڭ كېرەككى، ھەرگىز لىڭتاسمىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقىڭ كېرەك. ئەگەر سەندە ئاستا-ئاستا ئويلىنىش ۋە ياكى يېڭىۋاشتىن ئويلىنىشتەك خىيال بولسا، جەزمەن مەغلۇپ بولىسەن. تەدبىرلىرىڭ قانچە خاتا بولغان تەقدىردىمۇ، لىڭتاسمىلىقتەك ئادەتكە كۆنۈپ قالما.

  دەرھال ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇققاندا شۇ ھامان تەدبىر كۆرىدۇ. لىڭتاسما ئادەم تەدبىر كۆرىدىغان ھاغدا كىمگە يولۇقسا شۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقىدۇ، ھەر قانچە باش قاتۇرۇپ ئويلانغان بىلەنمۇ بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ، ئاخىرىدا ھىچقانداق بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.

  سەن ئەگەر تەدبىر بەلگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنى ئاخىرغىچە ئىزىللاشتۇرۇشقا، قايتا ئۆزگەرتىۋەتمەسلىككە ئادەتلەنگەن بولساڭ، تەدبىر بەلگىلىگەن چېغىڭدا ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭنى ئىشقا سال. ئەگەر شېنىڭ تەدبىرىڭ تەجرىبىدىنلا ئىبارەت بولسا، يەنە تېخى ئۇنى ئاخىرقى تەدبىر دەپ قارىساڭ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭگە قايتا-قايتا ئويلىنىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرۇپ قويىسەن-دە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەدبىرىنى تېپىپ چىقالمايسەن.

  ئەگەر تەدبىرنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى پەقەتلا ئۆزگەرتمىسەڭ، چوڭقۇر ئويلىنىشلاردىن ئۆتمىگەن تەدبىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنداق تەدبىرنى ئىشقا سېلىشنىڭ بىكاردىن-بىكار زىيان كەلتۈردىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسەن. بۇنداقتا تەدبىر بەلگىلەشتىن ئاۋۋارل ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىسەن، بۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭنى چېنىقتۇرالايسەن ۋە جارى قىلدۇرالايسەن.

ئوررېسون مارتىن  نىڭ «ئۆمۈرلۈك دەسمايە»  كىتابتىن ئېلىنغان

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئۆزۈڭگە چېكىنىش يولى قالدۇرما»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ