ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئارزۇ تولدۇرۇشقا سەل قارىماڭ

ۋاقىت : 2013-07-25 19:27 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەمگەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئارزۇ تولدۇرۇشقا سەل قارىماڭ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئارزۇ تولدۇرۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇشتا ‹‹ئىمتىھان نەتىجىسى يەتتە ئۈلۈش، ئارزۇ تولدۇرۇش ئۈچ ئۈلۈش›› دېسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردىمى تېگىپ قالار، دېگەن مەقسەتتە 5 – ئاينىڭ ئاخىرى مەن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقىلار، ئارزۇ تولدۇرۇشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشتا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار
ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن بويىچە 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى تولدۇرۇشتا پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەڭداش ئارزۇ ئوقۇغۇچى تاللىغان A، B، C، D تۆت ئارزۇنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭدا ‹‹يۇقىرى نومۇرنى ئالدىن تاللاش، ئارزۇغا ھۆرمەت قىلىش›› پىرىنسىپى بويىچە ئارخىپ چىقىرىلىدىكەن، يەنى ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان تەرتىپكە تۇرغۇزۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇشتىن كېيىن، پەن تۈرى بويىچە ئارخىپ چىقىرىش نومۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراپ تەرتىپكە تۇرغۇزۇلىدىكەن. تەرتىپنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى ئاۋۋال چىقىرىلىپ، كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپ چىقىرىلىپ بولۇشىنى ساقلايدىكەن.
تەڭداش ئارزۇ ئارقىلىق ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خېيىم – خەتىرىمۇ بار ئىكەن. ئالىي مەكتەپلەر ‹‹يۇقىرى نومۇرنى ئالدىن تاللاش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخىپ چىقىرىش نىسبىتى 1 . 2 : 1 بولۇپ، ئارخىپى چىقىرىلغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى قايتۇرۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش قاتلامدىكى مەكتەپلەرنى تاللاشتەك چوڭ ئىمكانىيەت بېرىلگەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى ئىمتىھان نومۇرىنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويسا، ئارخىپ چىقىرىش نومۇرى ئارزۇغا تولدۇرغان مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش نومۇرىغا يەتمەي قالىدىغان، شۇ سەۋەبلىك ئارخىپ چىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي، قايتا ئارزۇ تولدۇرىدىغان ياكى كېيىنكى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىشنى ساقلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. ئارزۇ تولدۇرغاندا تاللىغان مەكتەپلەرنىڭ قاتلام پەرقىگە دىققەت قىلماي، ئوخشاش بىر قاتلامدىكى مەكتەپلەرنى تەڭداش ئارزۇغا تولدۇرۇپ قويسا، نومۇرى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولسا، ئارخىپ چىقىرىشقا تەسىر يېتىپ، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن. سالامەتلىك ئەھۋالى مەكتەپنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ سالامەتلىك شەرتىگە توشمايدىغان، ئارخىپى چىقىرىلغاندىن كېيىن، مەكتەپلەرنىڭ كەسىپكە قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ھەم ئوقۇغۇچى تەڭشەشكە قوشۇلمىغان بولسا، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپى قايتۇرۇلىدىكەن. ئارخىپى قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار 2 – تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى(تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئىككى تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان) دىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىشىنى ساقلايدىكەن، ئەگەر بۇ گۇرۇپپىدىمۇ ئارخىپى قايتۇرۇلسا، قايتا ئارزۇ تولدۇرىدىغان ياكى كېيىنكى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىشنى ساقلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن.

تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى نىشانلىغان مەكتەپ ۋە كەسىپ بىلەن تونۇشۇش تولىمۇ مۇھىم. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا ئىمتىھان نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلىشى، ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نومۇرىنى ئاساس قىلىپ، قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللىشى، ‹‹بازارلىق كەسىپ›› لەرنى قوغلاشماسلىقى، تولدۇرغان ئارزۇسىنىڭ ‹‹پەلەمپەيسىمان›› بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، تەڭشەشكە قوشۇلۇشى كېرەك.
 ئىمتىھان نومۇرىنى قانداق مۆلچەرلەيمىز؟
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى مۆلچەرلەشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، كەڭ مۆلچەرلەش بىلەن ئىنچىكە مۆلچەرلەشنى ماسلاشتۇرۇش، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى نەتىجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق كېرەك. ئىمتىھان نومۇرىنى مۆلچەرلەشتە ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان جاۋابلارغا كەڭچىلىك بىلەن نومۇر قويۇش، ئىشەنچ قىلالمىغان، ئىككىلىنىپ قالغان جاۋابلارغا نومۇر ھېسابلىماسلىق، نومۇرنى مۆلچەرلىگەندە بىر جاۋابقا كەڭچىلىك بىلەن نومۇر قويغان بولسا، يەنە بىر جاۋابقا تۆۋەنرەك نومۇر قويۇش، بىر پەننىڭ نومۇرىنى يۇقىرىراق مۆلچەرلىگەن بولسا، يەنە بىر پەننىڭ نومۇرىنى تۆۋەنرەك مۆلچەرلەش كېرەك.
مەكتەپ تاللامسىز، كەسىپمۇ؟
ئارزۇ تولدۇرغاندا مەكتەپ بىلەن كەسىپنىڭ قايسىسىنى ئالدىنقى ئورۇن قويۇشتا، مۆلچەرلىگەن نومۇرى ئالاھىدە يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياقتۇرغان مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ مۆلچەرلىگەن نومۇرى ئالاھىدە يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ‹‹985 قۇرۇلۇشى››، ‹‹211 قۇرۇلۇشى››دىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ نومۇر سىزىقىغا يەتسە، لېكىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى ئارزۇ قىلغان كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بولمىسا ياكى ئۆزى ياقتۇرغان كەسىپلەرگە ئۆتەلمىگەن بولسا، كەسىپتىن ۋاز كېچىپ مەكتەپنى تاللاشمۇ ئاقىلانىلىك. ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى يۇقىرىقىدەك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇرىغا يەتمىسە، مەكتەپتىن ۋاز كېچىپ، كەسىپنى تاللىغان تۈزۈك، لېكىن مەكتەپ تاللاشتىن ۋاز كەچكەندە، ھەرگىز كەسىپ تاللاشتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر
دۆلەتنىڭ پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 2007 – يىلىدىن باشلاپ پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل بۇ تۈرگە 3580 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. پېداگوگىكا كەسپى بويىچە نىشانلىق ئوقۇتۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققى، ئوقۇش ماتېرىيال ھەققى، ياتاق ھەققى ۋە بەلگىلەنگەن پىراكتىكا ھەققى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئوقۇۋاتقان مەكتىپى تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنالايدۇ ھەمدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى نىشانلىق تەربىيەلەش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزىدۇ ۋە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن يېزا – بازاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى يەسلىلەردە بەش يىل خىزمەت قىلىدۇ.
  ئاپتونوم رايون دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سەھىيە خادىملىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2007 – يىلى ‹‹يېزا سەھىيە خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانى››نى يولغا قويۇپ، مەخسۇس كۇرستا تېبابەت كەسپى بويىچە نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى ۋە يېزا نوپۇسى(بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان تولۇق ئوتتۇرا 3 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەخسۇس كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك سەھىيە ئىدارىلىرى ۋە شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەن نىشانلىق تەربىيەلەش كېلىشىمى تۈزىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن يېزا – بازارلىق شىپاخانىلاردا سەككىز يىل خىزمەت قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق، تۈۋرۈك كەسىپلەر، بولۇپمۇ نېفىت خىمىيە، كۆمۈر ئېلېكتىر، بايلىق تەكشۈرۈش، خاس يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەردە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 2008 – يىلى نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى كەمچىل بولغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋە دىنامىكا قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى قۇرۇلۇش، توقۇمىچىلىق، كانچىلىق، بايلىق تەكشۈرۈش، بىناكارلىق، زوئولوگىيە، سۇچىلىق ۋە سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، مال دوختۇرلۇق، يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق قاتارلىق 16 كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا زاكازلىق تەربىيەلەش شەكلى قوللىنىلىدۇ. ئوقۇغۇچى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغاندا، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىختىيار قىلسا، مەكتەپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇن بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ.

  دۆلەت نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، كەسىپلەر ۋە جاپالىق رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يولغا قويغان. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت بېكىتكەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى دائىرىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن گېئولوگىيە، كانچىلىق، نېفىت، ھەربىي سانائەت ۋە چېگرا رايون ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا نىشانلىق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەيدۇ.


(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئارزۇ تولدۇرۇشقا سەل قارىماڭ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ