ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت

ۋاقىت : 2010-03-14 19:42 | مەنبەسى : بەشتاش تورى | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»

]«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى» دەرسىنىڭ سۇئال ئامبىرى
《维吾尔现代文学史》课程试题库
 
1-باب ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە بايان
第一章:维吾尔现代文学概述

1 بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئاللىرى 填空题 
2 توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئاللىرى 判断题
3 توغرا خاۋابنى تاللاش سۇئاللىرى 选择题
4 ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش سۇئاللىرى 解释题
5 قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئاللىرى 简答题
6 مۇلاھىزە سۇئاللىرى 论述题
 
 
第一章 全部试题       
1. بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالى :
1. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ( )، ( ) ۋە ( )دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن.
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى( ) خاراكتېرگە ئىگە، ( )نى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلغان ( ) ئەدەبىيات.
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ( ) باشلىرىدىن ( )غىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن ( ) يىللىق ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ( – )،( ) ۋە ( ) قاتارلىق ئەدەبىياتلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولدى.
5. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ياكى قايتىدىن گۈللەنگەن ئەدەبىي ژانېرلار ( ) ، ( )، ( ) قاتارلىقلار بولدى.
6. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى داڭلىق زىيالىيلاردىن ( )،( )،( ) قاتارلىقلار بار.
7. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى داڭلىق ئەدىبلەردىن ( )،( )،( ) قاتارلىقلار بار.
8.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىيات ئادەتتە ( )ئەدەبىياتى ۋە ( ) ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
 
2. توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تارىخى تەرەققىيات باسقۇچىدۇر. ( √ )
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى داۋامى بولغاچقا،پەقەت كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگىلا ۋارىسلىق قىلدى، گەۋدىلىك يېڭىلىقلارنى يارىتالمىدى .( )
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى خاراكتېر جەھەتتىن جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە. ( √ )
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىدىن زامانىۋى ئەدەبىياتقا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ ئەدەبىياتىدۇر. ( √ )
5. رومانتىزىم – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئاساساسلىق، شۇنداقلا بىردىن-بىر ئىجادىيەت مېتودىدۇر. ( )
6. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كۈچلۈك دېمۇكىراتىك خاھىشقا ئىگە ئەدەبىيات بولدى. (√ )
7. ئىسلاھاتچىلىق،قەھرىمانلىق – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېمىلار ئىدى. ( )
8. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلدى. ( )
9. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا پروزا ئىجادىيتىنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى. ( )
10. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىمۇ داۋاملاشتى. ( √ )
 
3. توغرا جاۋابنى تاللاش سۇئالى
1. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى يېڭى دەۋرنىڭ يېڭىچە ئەدەبىياتى بولدى
B: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولدى
C: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى فېئودالىزىمغا،جاھانگىرلىككە،قالاقلىق، خۇراپاتلىقا قارشى مەزمۇندىكى ئەدەبىيات بولدى
D: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى پەقەت شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىلا ئاساس قىلغان لېرىك ئەدەبىيات بولدى.
2. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئەكس ئەتكەن مەزمۇن ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )
A: قەدىمقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىدىيۋى ھېسىياتى
B: جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزىمغا قارشى تۇرۇش
C: ئىلىم-مەرىپەت ئىگەنلەپ،نادانلىق،قالاقلىقتىن قۇتۇلۇپ،تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش
D: يېڭى تۈزۈمنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيسى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەنلىكى
3. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى: ( )
A: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يەنە بىر «ئالتۇن دەۋر بولدى»
B: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دېمۇكىراتىك پىكىر-ئىدىيلەرنى ئىپادىلىگەن ئىلغار،ئىنقىلابى،جەڭگىۋار ئەدەبىيات بولدى
C: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلار نىسبەتەن تولۇق بولغان ئالاھىدە بىر ئەدەبىيات دەۋرى بولدى
D: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىدىيۋى ھېسىياتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن رېئالىزىملىق ئەدەبىيات بولدى.
4. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى :( )
A: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلىپ،ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈردى
B: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى غايىۋى تېمىلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلدى
C: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شەكلى مىللى مەزمۇنى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بولدى
D: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي دېمۇلىراتىك ئىدىيلەر ئىپادىلەندى،ژانېرلار كۆپخىللاشتى.
 
4. ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
2. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى
4. دېموكىراتىك ئەدەبىيات
5. ئۆتكۈنچى دەۋر ئەدەبىياتى
6. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
 
5 قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قانداق ئەدەبىيات؟
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ.
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ قانداق داڭلىق ۋەكىللىرى بار؟
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئەكس ئەتكەن ئاساسلىق مەزمۇنلار قايسىلار؟
5. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى نېمە ئۈچۈن زامانىۋى ئەدەبىيات دەپ ئاتايمىز؟
6. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قانداق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن؟
7. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە؟
 
6. مۇھاكىمە سۇئالى
1. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى داۋاملىشىۋەرمەي، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يېڭىچە بىر ئەدەبىيات – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلدى؟
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى ئالاھىدە بىر تارىخى باسقۇچ دەيمىز؟
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قانداق ئاساسلىق پەرقلىرى بار؟
 
 

第二章 全部试题



1. بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى) ( باشلىرىدىن 1933-يىلىدىكى ( ) سىياسىي ئۆزگىرىشىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ.
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ( ) ،( )،( ) قاتارلىق ئېسىل تېمىلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى.
3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىمىزدىكى ( ) بىلەن ( )، رۇسىيدىكى ( ) قاتارلىق ئىنقىلابلار چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
4.نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ( ) قاتارلىق ھېكايىلىرى، ( ) قاتارلىق پوۋېستلىرى بار.
5. ئابدۇقادىر داموللا ( ) ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ( ) ئاساس سالغان.
6. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە ( ) ناملىق چوڭ ھەجىملىك شېئىرى بىلەن ( ) ناملىق شېئىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.
7. «مىفتائۇل ئەدەب» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ( ) بولۇپ، بۇ ئەسەر ماۋزۇسىنى ئۇيغۇرچىدا ( ) دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
8. «مۇخەممەس» ناملىق ئەسەردە شائىرنىڭ دەۋرداشلىرىنى ( )، ( )،( ) قىلغان دەۋەتلىرى ئىپادىلەنگەن.
9. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ( )-يىلى رۇسىيگە، ( )-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىققان.چەت ئەلنى كۆرۈش ئۇنىڭ ئىدىيسى ۋە ئىجادىيتىگە ( ) تەسىر كۆرسەتكەن.
10. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپاندا شۆتاڭغا كىرىپ،بۇ يەردە ( ) ئۈگەنگەن،شۇنداقلا ئۆزىگە ( ) دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويغان.
11. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ( )-يىلى جاللات ( ) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
12. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 20-ئەسىرنىڭ (20 ) باشلىرىدا باشلانغان بولۇپ،قىسقىغىنە ئىجادىيەت ھاياتىدا كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان.بۇ شېئىرلاردىن ساقلىنىپ قالغانلىرى ( ) ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
13.ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شېئىرلىرىدىن ( )،( )،( ) قاتارلىقلار بار.
14. «سالام خەت» ناملىق شېئىر شائىر ( ) نىڭ دوستى ( )غا يازغان خېتى بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ( ) ئىدىيسى ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
15. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى داڭلىق ( ) ،شۇنداقلا زامانىۋى ئۇيغۇر ( )گە ئاساس سالغان مەشھۇر ژورنالىست.
16. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى شېئىرلىرى كۈچلۈك ( ) ۋە ) روھىغا ئىگە.
17. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ( )، ( )، ( ) قاتارلىق داڭلىق شېئىرلىرى بار.
18. ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ( ) بولغاچقا،ئۇ ئۆزىنىڭ غەزەللەر توپلىمىنى ( ) دەپ ئاتىغان.
19. ئابدۇللا ھاپىزنىڭ شېئىرلىرىدا ( )، ( ) ۋە ( ) ئىدىيسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
20. «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق توپلام ( ) چوڭ باب، ( ) پەسىلگە ئايرىلىپ تۈزۈلگەن.
21.ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ( )، ( )،( ) قاتارلىق مۇھىم شېئىرلىرى بار.
22. ناسۇھا ئىمىن ( )-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلۇپ، ( )-يىلى ( )دا ئالەمدىن ئۆتكەن.
23. ناسۇھا ئىمىن ئىلىم ئۈگىنىش ئارزۇسىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ 1905-يىلى ( ) دۆلىتىگە بېرىپ،قاھىرەدىكى داڭلىق ( ) ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.
 
2) توغرا –خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن كۆپ جەھەتلەردىن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. ( )
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ پەقەت رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئەنئەنىسىگىلا ۋارىسلىق قىلدى.( )
3. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابى دېمۇكىراتىك كۈرەشلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ( )
4. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى بالدۇر ئويغانغان زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مائارىپ-ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ( )
5. نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ئويغىنىش مەزمۇنىدىكى ئىلغار پىكىر-ئىدىيلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ( )
6. نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت شېئىر،ھېكايە ۋە پوۋېست قاتارلىق ژانېر-تۈرلەردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ( )
7. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا رېئالىزىم ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. ( )
8. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارالدى. ( )
9. نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن ۋە مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى. ( )
10. ئابدۇقادىر داموللا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىدىيۋى ئاساس سالغان. ( )
11. ئابدۇقادىر داموللا رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ( )
12. ئابدۇقادىر داموللا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق،خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىزدەنگەن. ( )
13. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ «ئاممىغا نەسىھەت» ناملىق ئەسىرىدە گەرچە نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىللەر مۇھاكىمە قىلىنغان بولسىمۇ،پەقەت ئاياللار مەسىلىسىلا تىلغا ئېلىنمىغان. ( )
14. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنى ئاساس قىلغان. ( )
15.ئابدۇقادىر داموللا بىر يۈرۈش يېڭىچە دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ،يېڭىچە مەكتەب مائارىپىنىڭ دەرسلىكى بولماسلىقتەك ھالەتكە خاتىمە بەرگەن. ( )
16. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم رېئالىزىملىق روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئەدەبىيات ئاساسى سالغان.()
17. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بويىچە ۋاستلىق ئەكس ئەتتۈرگەن. ( )
18. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ رۇشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇ بارلىق شېئىرلىرىدا پەقەت ۋە پەقەت ئويغىنىشتىن ئىبارەت بىرلا تېمىنى ئىپادىلىگەن.( )
19. ئويغىنىش ئىدىيسى - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىدىكى ئاساسلىق مەركىزى ئىدىيلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ( )
20. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز ئىجادىيتىدە تەنقىدى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك قوللاندى. ( )
21. شېئىرىي تىل جەھەتتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئىنتايىن باي بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى قوللاندى. ( )
22. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن قىلچە باغلىنىشى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ( )
23. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆز شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ئويغىنىش ئىدىيسىنى ئىپادىلىگەن. ( )
24. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى چەت ئەل مەدەنىيتىنىڭ ھېچقانداق تەسىرىگە ئۇچرىمىغان،ئۆز يۇرتىمىزدا تەربىيە ئالغان زىيالىي ئىدى. ( )
25. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىبىتى بىلەن يېزىلغان مەرسىيلەر ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىنىڭ بىرى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەرسىيسىدۇر. ( )
26. ئابدۇللا ھاپىز ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى داڭلىق خەلق شائىرى. ( )
27. ئابدۇللا ھاپىز ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى بولۇپ «يۈسۈپ-زىلەيخا» ناملىق داستاننى يېزىپ چىققان داڭلىق شائىردۇر. ( )
28. «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق توپلامدىكى بارلىق شېئىرلاردا ئىلىم ئۈگىنىش ئاساسلىق تېما قىلىنغان بولۇپ،شائىرنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيسى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ( )
29. «سائادەتخاننىڭ زارى» ناملىق شېئىردا فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ھايات خوشاللىقىدىن مەھرۇم بولغان قىز-ئاياللارغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىق ئىپادىلەنگەن. ( )
30. ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرى ئۇسلۇب جەھەتتە خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئاممىباب، يەڭگىل،نەپس ئۇسلۇبىغا يېقىن
كېلىدۇ. ( )
31. ناسۇھا ئىمىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى. ( )
32. ناسۇھا ئىمىن ئۆز شېئىرلىرىدا ئىجتىمائىي رېئاللىققا بولغان نارازىلىقىنى، شۇنداقلا ھەقىقەت يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئىپادىلىگەن. ( )
33. ناسۇھا ئىمىن پەيلاسوپ شائىر بولغاچقا،شېئىرلىرىدا پەلسەپىۋى پىكىر- ئىدىيلەرنى ئىپادىلەشنى مۇھىم بىلىپ،دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىدىيۋى ھېسىياتىنى ئىجادىيتىگە تېما قىلمىغان. ( )
34.ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنەنىسىگە بولغان ۋارىسلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك. ( )
35. ئابدۇللا ھاپىزنىڭ «سامان يولى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن
نەشىر قىلىنغان. ( )
 
3) توغرا جاۋابنى تاللاش سۇئالى
1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىللار ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى :( )
A: ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى رومانتىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى
B: ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي،ئىجتىمائىي رېئاللىقىنىڭ تۈرتكىسى
C: جوڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى
D: بالدۇر ئويغانغان زىيلىيلارنىڭ باشلامچىلىق رولى
2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئەدەبىياتلار : ( )
A: ئەرەپ-پارىس ئەدەبىياتى B: رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتى
C: خەنزۇ ئەدەبىياتى D: ياۋروپا-ئامېرىكا ئەدەبىياتى
3. تۆۋەندىكىلەردىن نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇشقا مۇناسىپ
B: نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ئىلغار پىكىر-ئىدىيلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن
C: نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇرلاردىن تڭنجى بولۇپ مەكتەب ئېچىپ يېڭىچە مائارىپنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان
D: نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت 1913-يىلى «ئالتە شەھەرگە سەپەر» ناملىق بىر پارچە رومان يېزىپ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى يۈكسەك بەدەئىي ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن.
4. تۆۋەندىكىلەردىن قايسىلىرى ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ؟
A: ئابدۇقادىر داموللا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئەدەبىيات ئاساسى سالغان
B: ئابدۇقادىر داموللا چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ماھيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ،ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان
C: ئابدۇقادىر داموللا دىنىي خۇراپاتلىققا،نادانلىق،قالاقلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم- پەننى تەشەببۇس قىلغان
D: ئابدۇقادىر داموللا ئۆز ھاياتىدا پەقەت ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان
5. تۆۋەنىكىلەردىن قايسىلىرى ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەسىرى ئەمەس؟ ( )
A: «ئەدەبىيات ئاچقۇچى» B: «مېۋىلەر مۇنازىرىسى»
C: «مادارا ئەئزەم» D: «غەزەپ ۋە زار»
6. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )
A: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان
B: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيتىدە يېڭىچە ئەدەبىي تىلنى قوللىنىپ،ھازىرقى زامان شېئىرىي تىلىنىڭ نەمۇسىنى ياراتقان
C: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرىي شەكىل جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ ئېلىپ،زامانغا ماس شېئىرىي شەكىللەرنى ياراتقان
D: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان
7. تۆۋەندىكىلەردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى ئاساسەن ئىپىك شېئىرلاردىن ئىبارەت
B: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى ئۇسلۇب جەھەتتىن ئاممىباب،يەڭگىل ۋە ھازىرجاۋابلىققا ئىگە
C: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار ناھايىتى ئۈنۈملۈك قوللىنىلغان،شۇڭا بەدەئىي ئىپادىلەش ئۈنۈمى يۇقۇرى
D: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدا تەبىئەت مەنزىرسى ئارقىلىق دەۋر رېئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن
8. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئويغىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەققىدىكى قارىشى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى: ( )
A: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز شېئىرلىرىدا ئويغىنىشنىڭ ئاچقۇچى پەن- مائارىپ دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان
B: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئويغىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەققىدىكى قارىشى ئۇنىڭ «سالام خەت» ناملىق شېئىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن
C: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئويغىنىشنى جاننى ئالقانغا ئېلىپ كۈرەش قىلىش دەپ چۈشەنگەچكە،پەقەت قوراللىق كۈرەشنى ئويغىنىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىغان
D: ئويغىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەققىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدا ئېنىق بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويمىغان
9. «سىلەرگە ماددى خالتام يوق،مەنىۋى خالتام شۇدۇر دوستۇم،
جاھان بەك كۆپ ئۇزاپ كەتتى،جاھالەت ئۇيقۇدا ئۇيغۇرۇم،
ئويغىنىش ئاچقۇچى ئىزدەپ ئۇنىڭغا خېلى قايغۇردۇم،
پەن-مائارىپ ھەممىدىن ئەلا دېدىم،شۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇم،
ھەممىڭلارغا سالامىم شۇ،قالدى گەپ بولسا يار-يۆلەكتە.»
دېگەن بۇ بىر كۇپلست شېئىرنىڭ كىمنىڭ قايسى شېئىرىدىن ئېلىنغانلىقى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇقادىر داموللا
B: بۇ بىر كۇپلېت نىمشېھىتنىڭ «دوستۇمغا» دېگەن شېئىرىدىن ئېلىنغان
C: بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
D: بۇ بىر كۇپلېت «سالام خەت» ناملىق شېئىردىن ئېلىنغان
10. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ يازغان شېئىرى : ( )
A: «مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللا ناھەق كەتتىلەر» B: «ئويغاندى»
C: «كاشىغەر» D: «ئانا تىل»
11. ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مەھمۇد قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ نامىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىپ شېئىر يازغان شائىر :
A: ئابدۇقادىر داموللا B: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
C: ئابدۇللا ھاپىز D: قۇتلۇق شەۋقى
12. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «ئويغاندى» ناملىق شېئىرى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: بۇ شېئىردا شائىرنىڭ ئويغىنىش ئىدىيسى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن
B: بۇ شېئىردا شائىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە،مەدەنىيەت جەھەتتە ئويغانغانلىقى يېزىلغان
C: بۇ شېئىردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ،ئىدىيە جەھەتتە ئويغىنىشى كېرەكلىكى يېزىلغان
D: بۇ شېئىرنى شائىر ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ يازغان
13. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى داڭلىق شائىر ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى : ( )
A: ئابدۇللا B: ھاپىز C: قەلەم D: زېرەك
14. «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق توپلامغا : ( )
A: قەلەمنى قورال قىلىپ دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلغان ئىنقىلابى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كلىرگۈزۈلگەن
B: ئابدۇللا ھاپىزنىڭ 1900-يىللاردىن 1948-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجاد قىلغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن
C: ئابدۇللا ھاپىزنىڭ 1944-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجاد قىلغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن
D: ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئۆز ھاياتىدا يازغان بارلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن
15. تۆۋەندىكىلەردىن ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ بەدەئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرى : ( )
A: ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىدا لېرىكا بىلەن ئىپىكا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلغان
B: ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىدا خەلق ماقال-تەمسىللىرى،خەلقنىڭ تۇراقلىق ئىبارىلىرى كۆپ قوللىنىلغان
C: ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىدا ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ،كەڭ خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىنغان

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ