تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار
تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار
بۇ يازمىغا تور دۇنياسىدا تورداشلار تەرىپىدىن ئېىشلەپ تارقىتىلغان بارلىق تارىخى تىمىدىكى ئېلكىتاپلار كىرگۈزىلىدۇ. ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ياكى ساقلاپ قويغان ئېلكىتاپلار بولسا بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ. ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسۇن.
بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ۋە بارلىق باشقا ھوقۇقلىرى ئەسلى ئەسەر ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ ياكى يازمىڭىز ۋە ياكى ئەسىرىڭىزنىڭ بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنىشىنى نەشىر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىسىڭىز دەرھال شۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئەسرىڭىزنىڭ چىقىرىۋىتىمىز.
تۆۋەندىكى بەزى ئېلكىتاپلاردا ئېلكىتاپ ئىشلىگۈچى ياكى تارقاتقۇچى ئىسمى بولمىغانلىقتىن ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى ئىسمى ئورنىغا نامەلۇم دىگەن خەت يېزىلدى. ئەگەر شۇ ئېلكىتاپلار ئارىسىدا سىزنىڭ ئېلكىتابىڭىز بولسا، ئىنكاس شەكلىدە ئىسمىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. دەرھال تۈزىتىپ قويىمىز. ھەمدە بۇندىن كىيىن بارلىق تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار مۇشۇ يازما ئاستىغا تولۇقلاپ يېزىلىدۇ. تارىخ تېمىلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ داۋاملىق مۇشۇ يازمىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى سورايمىز.
1 .ئورخۇندىن جەۋھەرلەر
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى
ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخ تور بىتىدە ئىلان قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بولغان تۈرلۈك تارىخى تىمىلاردىن تەركىپ تاپقان ئىلكىتاپ. كىتاپ جەمئى 2 قىسىم بولۇپ، PDF فورماتىدا تۈزۈلگەن.
2- قىسىم : چۈشۈرۈش
ئورخۇن مۈنبىرىدىكى تارىخى يازمىلاردىن تۈزۈلگەن 41 پارچە ئېلكىتاپ
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئۇيغۇر ئوغلى-ھەۋەسكار
2.تارىخى ھەمىدى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار كولۇبى
ئاتاقلىق تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى ناملىق يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەڭ قىممەتلىك ئەسىرى. بۇ ئەسەر ئەسلىدىكى تارىخى ئەمىنىيە ئاساسىدا ئاپتۇر تەرىپىدىن قايتا تولۇقلاپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى تارىخى ئەمىنىيەنىڭ تولۇقلانغان ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تارىخى ئەمىنىيەنى كۆرمەكچى بولسىڭىز. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.http://good.gd/7318.htm
تارىخى ھەمىدىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش
3.سەلجۇقلار تەزكىرىسى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى
سەلجۇق تۈرك پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى بولۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. تۈرك تارىخى ئۈگەنمەكچى بولغان دوسلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىغا ئەرزىيدۇ.
4.شەجەرەئى تۈرك
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : شنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى
ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ چىڭگىزخاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تۈرك يۇرتلىرىدا پادىشاھلىق قىلغان خانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان شۇ دەۋرنىڭ تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخى ئەسەر.
5.بوستاندىن تەرمىلەر
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى
پېقىرنىڭ تۈنجى قېتىم ئىشلەپ ئىلان قىلغان ئىلكىتابى. ھازىر قارىسام ئەڭ سۈپەتسىز ئىشلىگەن ئېلكىتابىم بولۇپ قاپتۇ. بىراق ئىچىدىكى مەزمۇنلار كۆپ پايدىلىق بولۇپ، ئاساسەن ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە بۇرۇنقى بوستان مۈنبىرىدە ئىلان قىلىنغان نادىر يازمىلاردىن تەركىپ تاپقان.
6. شەرقنىڭ كۆزى فارابى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
مەرھۇم باتۇر روزى تەرىپىدىن مەشھۇر ئالىم فارابى ھەققدە يېزىلغان ئەسەر. بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
http://good.gd/536363.htm
7. ھودۇدۇلئالەم
بۇلاق ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان . قەدىمقى جۇغراپىيەلىك تارىخى ئەسەر. ئەسەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بايانلارمۇ خىلى كۆپ.
تېكىست ھۆججىتى: http://good.gd/536365.htm
خەرىتىلەر توپلىمى: http://good.gd/536366.htm
8. ئوغۇزنامە.
ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمقى داستانى بولغان ئوغۇزنامىنى ئەلۋەتتە بىر كۆرۈپ قويمىسىڭىز بولماس
http://good.gd/536375.htm
9. ئۇچ ۋىلايەتكە ئىنقىلابىغا ئائىت رەسىملەر توپلىمى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئۇيغۇر لېنىيەسى
ئۇيغۇر لىنىيەسى تەرىپىدىن رەتلەنگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئائىت سۈرەتلەر توپلام قىلىنىپ ئىشلەنگەن ئىلكىتاپ.
http://good.gd/536386.htm
10. خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى :ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى
خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى سۆزلەنگەن ئىلكىتاپ، كۈلكە تەرىپىدىن ئىشلىنىپ،ئورخۇن مۈنبىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان.
11. زەپەرنامە
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئۇيغۇر ئېلكىتاپ تورى
موللا شاكىر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتلىرىغا بولغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن داستان . ئورخۇن مۈنبىرىدە ئىلان قىلىنغان.
12.تەڭرى قامچىسى ئاتىللا
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
ئاتىللا ھەققىدە يېزىلغان كىتاپ. ئاتىللاغا قىزىقىدىغانلار ھەرگىز ئوقىماڭلار جۇما!
13. جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى :نامەلۇم
غوجا – ئىشانلارنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى بىلىمىگەنلەر بىلىۋالسۇن .
14. تۈركى تىللار دىۋانى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخ تورى
ئاتاقلىق تىلشۇناس، پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ كاتتا ئەسىرى تۈركى تىللار دىۋانى بولۇپ، بىر كۆرۈپ باقماقچى بولغانلار ئۈچۈن مانا بۇ ئەڭ ياخشى پۈرسەت.
1- قىسىم : 1-بۆلەك 2- بۆلەك 3- بۆلەك
2- قېسىم : چۈشۈرۈش
3- قىسىم : چۈشۈرۈش
خەنزۇچە نۇسخىسى : http://good.gd/536412.htm
15. قۇتاغۇبىلىك
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتاغۇبىلىك ناملىق داستانى. كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ باققۇلۇق.
بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئېلكىتاپ ئوقۇش قورالىنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتۇرىڭىزغا قاچىلاڭ.
ئېلكىتاپ كۆرۈش دىتالى: http://good.gd/538165.htm
ئۇيغۇرچە نۇسخسى: چۈشۈرۈش
خەنزۇچە نۇسخىسى: : http://good.gd/536409.htm
16. شىۋىت باسمىسىدا بېسىلغان ئەسەرلەر
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
1920- يىللاردا قەشقەردە شىۋىتسىيە ئەلچىسخانىسىدىكى شىۋىت مىسسىئونىرلار دىن تارقىتىش مەقسىتىدە باسمىخانا قۇرغان. بۇ باسمىخانىدا بەزى خىرىستىيان دىنى يازمىلىرى بېسىلغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا بەزى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئۈچۈن پايدىلىق يارزمىلار بېسىلغان. تۆۋەندە شۇ دەۋىردە نەشىر قىلىنغان 5 پارچە ئەسەرنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسى بېرىلدى. بۇ ئېلكىتاپلارنى بەلكىم ئوقۇيالمايسىز ۋە بەلكىم ھەجىلەپ يۈرۈپ ئوقىيالىشىڭىز مۇمكىن. نىمىلا بولسۇن شۇ دەۋرىدىكى تىل ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن بىر پايدىلىق ماتىريالدۇر.
1- كىتاپ: چۈشۈرۈش
4 كىتاپ:چۈشۈرۈش
17. تارىخى جاھانكۇشاي
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى
ئەسەردە چىڭگىزخاندىن ھىلوكۇغىچە بولغان تارىخ جەريان بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردە ئۇيغۇر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپتۇر.ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغانلار چۈشۈرىۋىلىڭلار.
18. ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكلىرى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى تۈرلەرگە ئايرىپ سىلىشتۇرۇلغان سۆزلۈكلەر قوللانمىسى. ئەگەر بەش ئەسىر ئىلگىرىكى تىلىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ.
مەنبە:ئابرال ئىلكىتاب بىلوگىدىن يۆتكەلدى.
(تەھرىر : بەشتاش)
«تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مە
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كا
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پاي
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالاي
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچ
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسى
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- كېسەللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش .
- ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىس
- دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان ي
- سۇغوق ئىچملىكنىڭ تەسرى
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خا
- مەكتەپ چوقۇم 48 سائەت ئىچىدە دېلو مەلۇم ق
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىر-س
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدۇ
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدى
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسىتمال ق
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير