ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلى
ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ

ئەنگلىيە گېزىتى : تېمىسى : تەسۋىر كۆچۈرۈش ئىسخېمىسىدا كۆيۈمچانلىقنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا نامايان بولدى ـــ نورمال بولغان ئۈچ ياشلىق بالىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئانچە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى نىسبەتەن كىچىك بولىدىكەن .
بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان ھېسسىياتى غەمخورلۇق بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن . ئالىملار بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى غەمخورلۇقى ، پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدىكەن .
تەتقىقاتچىلار ئۈچ ياشلىق ئىككى بالىنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ تەسۋىرىي كۆچۈرۈلگەن ئىسخېمىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، بىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يەنە بىرىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە مېڭە قىسمىدىكى داغ نۇقتىلىرى ۋە قاراڭغۇ دائىرىنىڭمۇ نىسبەتەن كىچىكلىكىنى بايقىغان .
نېرۋا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ بۇ خىل زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل شۇكى، ئىككى ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمايدۇ ››.
ئەنگلىيە ‹‹ يەكشەنبىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئاشۇ يېتىلىشى تولۇق بولغان بالىنىڭ بالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان بىر ئانىسى بولۇپ ، ئۇ بالىسىنىڭ تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ تۇرىدىكەن . ئەكسىچە ، مېڭە قىسمى كىچىك بولغان ئەشۇ بالا ئېغىر ھالدا چەتكە قېقىلىپ ، ياقتۇرماسلىققا ئۇچراپ تۇرىدىكەن .
تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە ، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولغان بالىنىڭ تەسۋىرى كۆچۈرۈلگەن ئىسخېمىغا سېلىشتۇرغاندا ، يېتىلىشى كېچىككەن ھېلىقى بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئەڭ مۇھىمى مېڭە دائىرىسىدە بولۇپ، ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىكەن .
بۇ خىل كەمتۈكلۈكنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى روشەن بولۇپ ، مېڭە قىسمى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن . ئۇلاردا ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىقتىدار يېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن .
ئۇنىڭ ئەكسىچە ، مېڭە قىسمى نىسبەتەن كىچىك بولغان بالىلار ئاجىزلىشىپ ، زەھەرگە بېرىلىپ ، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە چېتىلىپ قېلىشى ، ئىشسىزلىق ھالىتىگە گىرىپتار بولۇپ ، دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق سىياسەتلىرىگە تايىنىپ جان بېقىش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن .بۇ خىل بالىلار يەنە روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى ، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىر بولغان سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن .
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانژىلېس شۆبە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى ئەللېن سىكور مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : بالا تۇغۇلۇپ ، ئىككى ياشقا كىرگۈچە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىسە ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تۈپ خاراكتېرلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ . كۆپ خىل چوڭ مېڭە فۇنكسىيەسىگە مەسئۇل بولغان ، مەسىلەن ، ئەقلىي ئىقتىدار گېنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ .
تېخىمۇ يامان يېرى شۇكى ، بۇ فۇنكسىيە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن . يالغۇز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن ، ئانىنىڭ ئېغىر ھالدا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تېخىمۇ چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ .
()
« ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر: بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋابكار
- . بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ ت
- . ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارن
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش
- . بالا يىغلىغان ھامان بەزلىمەڭ
- . بالىلارنىڭ تالانت ئىپادىلىرىگە دىققەت
- . جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغا
- . ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەس
- . بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- . ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم
- . تەتىل ھەققىدە پاراڭ
- . «ئەقىللىق» بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەرد
- . بالىلارنى زىيادە ماختىغاندا، ئۇلاردا پ
- . ئورۇنسىز جېدەل قىلغان بالىلارغا قانداق
- . پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ ت
- . ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارن
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش
- . بالا يىغلىغان ھامان بەزلىمەڭ
- . بالىلارنىڭ تالانت ئىپادىلىرىگە دىققەت
- . جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغا
- . ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەس
- . بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- . ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارن
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى
- . »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا
- . كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىم
- . قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- . ھازىرقىزامان بالىلىرى
- . كىچىك دوستلار بىر _ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ق
- . دەيۋى لويىسنىڭ ياخشى بالا تەربىيلەشتىك
- . ئادەت ۋە پەرزەنت تەربىيەسى
- . پەرزەنتلىرىمىزنىڭ « تاللاش ئېڭى »مۇستە
- . قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- . »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا
- . بالىلار ئەزەلدىنلا دۆت بو
- . قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
- . قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- . بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- . ‹‹زىيادە پاكىزلىق››بالىلارنىڭ
- . كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىم
- . «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»
- . پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش