بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ توغرىلايدۇ ؟
بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ توغرىلايدۇ ؟
بو فامىلىلىك ئوقۇغۇچى خۇاجوڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەنكۇ شۆبىسىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچى ، ئۇ ئەينى چاغدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاتا-ئانىسىدىن مۇنداق دەپ سورىغان : ‹‹ سىلەر ئەمدى مېنى مەكتەپنىڭ كەينىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا باشلاپ بېرىپ ، ئالما ماركىلىق تېلېفۇن ئېلىپ بېرەرسىلەر؟ ››، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئاتا-ئانا ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بۇ قىز ئوقۇغۇچى يەنە ئۇلارغا مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئەگەر ئېلىپ بارمىسەڭلار مەكتەپتە ئوقۇمايمەن ، ئىشقىلىپ پۇلنىمۇ تاپشۇرۇپ بولدۇڭلار، چوقۇم پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر ›› . ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر سائەتتىن كۆپرەك نەسىھەت قىلىشى بىلەن ، ئۇ قىز ئوقۇغۇچى ئۇلارغا «يول قويۇپ »، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا بىر دانە نوكىيا ماركىلىق تېلېفۇن ئېلىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان . (8-ئاينىڭ 30-كۈنى «ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى»).
ئوقۇش باشلاشقا ئاز قالغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىۋېلىش ئۈچۈن ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنى ئالىي دەرىجىلىك تېلېفۇن ۋە خاتىرە كومپىيۇتېر قاتارلىق ئانچە زۆرۈر بولمىغان قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېلىپ بېرىشكە قىستاپ تۇرۇۋالىدۇ .بەزى كىرىمى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ ، پەرزەنتلىرىنىڭ «يۈزى تۆكۈلۈپ» كېتىدۇ . ھەتتا ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ ، ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىپ ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان تىراگېدىيەلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
قاچاندىن تارتىپ باشلىنىپ قالدىكىن -تاڭ ، «پۇلپەرەسلىك» ئەزەلدىن پاك-ساغلام بولغان مەكتەپلەرگە پەيدىن پەي سىڭىپ كېرىپ ، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى چىرىتىشكە باشلىدى . ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان يېرى شۇكى ، بازار ئىگىلىكى كىشىلەرنىڭ پۇل ئېڭىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى . ۋاھالەنكى ، ئادەم تەربىيەلەيدىغان بۇ جاي ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈك بولغان مەكتەپ ، ئەسلى بىر پارچە ساپ تۇپراق بولىشى كېرەك ئىدى . ناۋادا جەمئىيەتتىكى نامۇۋاپىق ئىستىللار ۋە چىرمىشىپ كەتكەن قىممەت قارىشلىرى مەكتەپلەرنىڭ پاك ۋە ساغلاملىقىنى پىلە قۇرۇتىدەك خالىغانچە يەۋەتسە ، ئۇنداقتا بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزدىكى ئۈمىد نەگىمۇ كېتەر ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىچۇ؟
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيىتقاندا ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆگىنىش ، ئىلىم ئىگىلەش ، ئادەم بولۇش ۋە قانداق ئىش قىلىشنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت . ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنى بىلىپ يېتىشى كېرەككى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم جەھەتتىكى كەڭ مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي گۈزەللىكىنى ۋە ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى سېلىشتۇرۇشى كېرەك ئىدى . «بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش » ۋە «ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تىركىشىدىغان » بۇنداق ئىشلار ئەسلىدە «چاشقان كوچىدىن ئۆتسە ھەممە ئادەم ئۇر-چاپ » قىلىدىغان ناتوغرا ئىستىللاردىن ئىدى . بولۇپمۇ ئائىلىسى ئانچە باي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بالىنىڭ «پۇلپەرەس » لىكى ئائىلە باشلىقىغا نىسبەتەن تېخىمۇ بىر خىل كۆرۈنمەس زىيان سېلىشتىن ئىبارەت خالاس.
«قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس » دەيدىغان گەپ بار، بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىمۇ بىر كۈندىلا شەكىللەنمەيدۇ . ئائىلە باشلىقى بالىنىڭ «بىرىنجى ئوقۇتقۇچىسى » بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بالا ئىش ئۇققاندىن تارتىپ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ بېرىشى ، سۆز ، ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشى ، كۆپرەك ھېس–تۇيغۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈش لازىم .بالىلار بىلەن بىرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىشلارنى ، ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بالىلارغا بۇ دۇنيادا «پۇلدىنمۇ مۇھىم » ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىگەندە ، يېتەكلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ ، «ئوقۇتۇش»تىن باشقا يەنە «ئادەم تەربىيەلەش » نىمۇ چىڭ تۇتۇش ، بالىلاردا جەمئىيەتتىن ، ئائىلىسىدىكىلەردىن مىننەتدار بولىدىغان گۈزەل قەلىب بار قىلىپ تەربىيەلىشى لازىم . «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش » ئەقلىيە سۆزىنى ئىسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ ، بالىلارغا «ياخشى ئوقۇمىسا كەلگۈسىدە پۇل تاپقىلى بولمايدۇ » دەيدىغان ئىددىيىنى سىڭدۈرىشىمىز كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا ، ئىشىنىمىزكى ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنىپلا قالماي ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىمۇ پەيدىن پەي چوقۇم پائال ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى بىر كەيپىيات شەكىللىنىدۇ .
()
« بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ توغرىلايدۇ ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق ق
- . بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈش
- . بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ ت
- . ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارن
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش
- . بالا يىغلىغان ھامان بەزلىمەڭ
- . بالىلارنىڭ تالانت ئىپادىلىرىگە دىققەت
- . جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغا
- . ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەس
- . بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- . ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم
- . تەتىل ھەققىدە پاراڭ
- . «ئەقىللىق» بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەرد
- . بالىلارنى زىيادە ماختىغاندا، ئۇلاردا پ
- . ئورۇنسىز جېدەل قىلغان بالىلارغا قانداق
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈش
- . بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىم كېلىپ ت
- . ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارن
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش
- . بالا يىغلىغان ھامان بەزلىمەڭ
- . بالىلارنىڭ تالانت ئىپادىلىرىگە دىققەت
- . جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغا
- . ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەس
- . ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارن
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى
- . »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا
- . كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىم
- . قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- . ھازىرقىزامان بالىلىرى
- . كىچىك دوستلار بىر _ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ق
- . دەيۋى لويىسنىڭ ياخشى بالا تەربىيلەشتىك
- . ئادەت ۋە پەرزەنت تەربىيەسى
- . پەرزەنتلىرىمىزنىڭ « تاللاش ئېڭى »مۇستە
- . قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- . »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا
- . بالىلار ئەزەلدىنلا دۆت بو
- . قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
- . قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- . بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- . ‹‹زىيادە پاكىزلىق››بالىلارنىڭ
- . كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىم
- . «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»
- . پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش