پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئەتىيازدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك كېسەللەر

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-18 12:00 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
زۇكام ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر تېمپېراتۇرىغا ماس كىيىملەرنى كىيىش
تەلەي +1

 

ئەتىيازدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك كېسەللەر

ئەتىيازدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك كېسەللەر
 

 

زۇكام: زۇكام ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر تېمپېراتۇرىغا ماس كىيىملەرنى كىيىشى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە - ئىشىكلەرنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشى، سىرتقا چىقىپ يېنىك چېنىقىشى، تەرلەپ كەتكەندە كىيىم - كېچەكلەرنى ئالدىراپ سېلىۋەتمەسلىكى، سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنىشى، ئۆيگە بارغاندا تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىچ كىيىم ۋە تاش كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىشى، يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغاندا ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىشى كېرەك.

تېرە كېسەللىرى: ئەتىيازدا تېرە قۇرغاقلىشىدىغان، يىرىكلىشىدىغان، يېرىلىدىغان ۋە قانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا تېرىگە سۇ تولۇقلاش زۆرۈر. خانىم - قىزلار تېرىگە سۇ تولۇقلاپ بېرىشى، نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىشى، ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول يېمەكلىك، كۆكتات ۋە مېۋە - چىۋىلەرنى يەپ بېرىشى، سامساق، قىزىلمۇچ قاتارلىق يەللىك كۆكتاتلارنى ئازراق يېيىشى كېرەك.

جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ئەتىيازدا كۈندۈز ئۇزىراپ، كەچ قىسقىرايدىغان بولغاچقا، ئۇخلاش ۋاقتى ئازىيىدۇ، قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىپ بېسىم ئېغىرلىشىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مېڭە قان تومۇرلىرى قىسقىراپ، باش ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. ئەتىيازدا بۇ خىل كېسەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، شوخلا، بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىنلارنى كۆپرەك يېيىش، ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. مۇھىمى، كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، روھىي بېسىمدىن خالىي بولۇش، سىرتتا كۆپرەك چېنىقىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك.

زىيادە سېزىمچانلىق: ئەتىيازدا بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەر كۆپ بولغاچقا، تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆپ ئالماشتۇرماسلىق، پۇرىقى كۈچلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز يېيىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش، گۈل چاڭلىرىنىڭ تەسىرىدىن، چاڭ - توزان، شامال، كۈن نۇرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.
قالقانسىمان بەز يەللىكى: ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلۇق زۇكامغا سەل قارالسا، ئېغىرلىشىپ قالقانسىمان بەز يەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەلدە بويۇن قىسمى ئاغرىش، قىزىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، كۆپ تەرلەش، ئورۇقلاش، ئىسسىققا چىدىماسلىق، كۆپ غىزالىنىش، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئەتىياز پەسلىدە بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاۋا ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاپ، ۋىرۇسلۇق زۇكام، بادام بەز يەللىكى، ۋىرۇستىن بولغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، بەك چارچاپ كېتىشلەردىن ساقلىنىش ھەم مۇۋاپىق چېنىقىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئەگەر كېسەل كۆرۈلسە، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكى: ئەتىياز كېلىشى بىلەن يېڭى كۆكتات، مېۋە - چىۋىلەر چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلىنىش ئىلمى، پاكىز بولمىسا ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىدە ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئىلمى ئوزۇقلىنىش، يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

كاناي يەللىكى: كاناي يەللىكى ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسىلى بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۇكامدىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىش، نورمال كىيىنىش، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى: ئەتىيازدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەيدىنپەي ئۆرلىگەچكە بەدەندىكى ماددا مېتابولىزمى تېزلىشىپ، تېرە ئاستى قان تومۇرلىرى كېڭىيىدۇ؛ سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئېشىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ؛ قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئۆرلەش، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئوبدان تەڭشەش، چېنىقىپ بولۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش، ئوبدان ئۇخلاش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىكى « قورقۇش كېسىلى» كېسەللىك ئەمەس [ 2012-04-23 13:43:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] پوتلا سۈمۈرگۈچ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى [ 2012-04-23 13:42:19 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆز ئاسراش چىرىغى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدى [ 2012-04-23 13:40:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ساغلاملىق بويۇملىرىغا قالپاق كىيگۈزۈش ئۇيۇنى قاچا [ 2012-04-23 13:38:06 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4134 يۈەن دېگەن بۇ سانغا قاي [ 2012-04-23 13:35:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەلگەكچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى [ 2012-04-23 13:29:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ 2012-04-23 13:27:14 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئەدلىيە ئىزاھاتى توغرىس [ 2012-04-23 13:25:00 ]
[تارىخى بىلىملەر] خەلقىمىزدە تىل پەرھىزلىرى [ 2012-04-18 12:11:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىغا قوش [ 2012-04-18 12:09:00 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر