ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

7-يىللىق 2-مەۋسۈم يېزىقچىلىق «ئەسەر تۈزۈتۈش»

ۋاقىت : 2013-03-27 16:31 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : babor | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
دەرىس تەييارلىغۇچى ئوسمانجان دۆلەت دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت 2011- يىلى3- ئاينىڭ 28- كۈنى
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ 7- يىللىق 2,3- سىنىپ  23- سائەتلىك دەرىس لايھەسى
دەرىس تىمىسى يېزىقچىلىق
ئەسەر تۈزىتىش
ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم  نىشانى ئەسەر تۈزەتكەندە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق بەلگىلەرنى تۇنىۋېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلگەن ئۇرۇنلاردىكى مەنىسىنى چۈشىنىش.
ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرنى قۇيۇلغان بەلگىلەرگە ئاساسەن تۈزىتىپ چىقىش.
ئىقتىدار نىشانى يازغان ئەسەرلىرىنى قايتا- قايتا ئۇقۇپ چىقىپ، مۇۋاپىق بولمىغان سۆز- جۈمىللەرنى تېپىپ چىقىپ تۈزىتەلەيدىغان بۇلۇش.
ھىسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى ئۆز- ئۆزىگە ئىشىشنىش، سەمىمى بۇلۇش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا ئەسەر تۈزەتكەندە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق بەلگىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىش.
قىيىن نوختا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىگە قۇيۇلغان بەلگىلەرگە ئاساسەن ئەسىرىنى تۈزىتىپ چىقىش.
ئوقۇتۇش قۇراللىرى دەرسىلىك كىتاب، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، ئۆلگىلىك ماقالىلەر توپلىمى. ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرى.
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر تۈزىتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى تۇنۇشى ۋە ئەسەر تۈزىتىش بەلگىللىرىنى بىلىدىغان- بىلمەيدىغانلىقى سىنىلىدۇ.
ئەسەر تۈزىتىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ سىز قايىسى ئەسەر تۈزىتىش بەلگىللىرىنى بىلىسىز؟
ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى نوقتىلار بۇيىچە مۇھاكىمىگە تەشكىللىنىپ دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئەسەر تۈزىتىش بەلگىللىرىدىن ئەسەر تۈزىتىش بەلگىللىرىدىن قۇشۇش، ئۇرۇن ئالماشتۇرۇش، ئېلىۋېتىش، بوشلۇق قۇيۇش… بەلگىللىرى قايتا كۆرسىتىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر تۈزىتىش ھەققىدىكى بىلىمى، چۈشەنچىسى، تۈزىتىش بەلگىللىرىنى تۇنىشى ۋە چۈشىنىشى سىنىلىدۇ.
ئەسەر تۈزىتىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئەسەر تۈزەتكەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم؟
تۈۋەندىكى جۈملىلەرنى تۈزىتىپ بېقىڭ.
1. مەن قەلەم بىلەن خەت يازدىم.
2. مەن چىشىم بىلەن چىشلەپ گۆش يەۋاتقان چېغىمدا ، قوشنىمىزنىڭ بالىسى كىرىپ كەلدى.
يۇقىرىقى جۈملىلەردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئارتۇق ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ، ئۇنى ئدلىۋېتىش كىرەك.
ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ئوقۇپ، باھالاش ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۈزىتىش ئۇسۇلى: يەككە تۈزىتىش
                   گۇرۇپپىلار بۇيىچە تۈزىتىش
                   كوللىكتىپ ئوقۇپ تۈزىتىش
ئاخىرىدا ياخشى يازغان ئوقۇغۇچىلار رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. يازالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تىرىشپ ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ.
مەكتەپ سەنئەت كۇرژۇكىغا قاتنىشىش ئارزۇيىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا مەكتەپ ئىلمىي بۈلۈمىگە بىر پارچە ئىلتىماس يېزىڭ.
كۆرسەتمە: ئىلتىماس يازغاندا بىرىنچى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ئىلتىماس» دەپ يېزىلىدۇ. كېيىن ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئۇرۇننىڭ نامى ياكى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىشمى، ئاندىن ئىلتىماس مەزمۇنى ۋە سەۋەبى ئىنىق يېزىلىدۇ. ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە تىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار مەشىققە يىتەكلىنىپ، يازغانلىرىنى تۈزىتىش ۋە يىتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ قېتىملىق يېزىقچىلىق مەشىقىدە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان بىلىملەر:
1.تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى
ئوقۇتۇش جەريانى چېكىت: چېكىت ئادەتتە تۇلۇق ئاياغلاشقان جۈملىلەردىن كىيىن، دەرىجە سانلاردىن كىيىن ، قىسقارتىلىغان ئىسىملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇيۇلىدۇ.
قوش چېكىت: كۆچۈزمە جۈملىلەردىن كىيىن كەلگەن ئاپتۇر سۆزىدىن كىيىن، ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزلەردىن كىيىن، ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كىيىن، سائەت بىلەن مىنۇتنىڭ ئارىسىغا قۇيۇلىدۇ.
ئىپادىلەش ئۇسۇللرى: بايان تەسۋەر ، لىرىكا، مۇھاكىمە ، چۈشەندۈرۈش
باياننىڭ ئامىللىرى: ئادەم، ۋەقە ، ۋاقىت ، ئۇرۇن، سەۋەب، نەتىجە
دەرسخانىدىكى مەشىق يازغان ئەسەرلىرىنى تۈزىتىپ بېقىشقا يىتەكلىنىلىدۇ.
تاپشۇرۇق مەزمۇنى بىر پارچە تىل- ئەدەبىيات كۇرژۇكىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس يېزىپ كىلىڭ.
نىشان ئوقۇغۇچىلاردا ئاددى خەت- چەكلەرنى مۇستەققىل يازالايدىغان ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى   2011- يىلى       - ئاينىڭ      - كۈنى
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ