« يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
چۇمپاق بازارلىق مەركىزى مەكتەپتىن :
ئابلىز موللاروزى
« يەتتە تال برىلىيانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
« يەتتە تال برىليانت » ناملىق بالىلار چۆچىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئۈچ يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەجرىبە دەرسلىكى 7-يىللىق 1-قىسىم 6-بۆلەك « ئاجايىپ – غارايىپ خىياللار » باسقۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان .ئىككى دەرس سائىتىگە بۆلۈپ ئۆتۈلىدۇ.
بۇ دەرس بالىلارنىڭ ھەرخىل خىياللىرىنى ،تەپەككۇرى ،تەسەۋۋۇرى ،بالىلارغا خاس ئىنتىلىش ،قىزىقىشلىرىنى ،غايىۋى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ،نۇرغۇن نەرسىنىڭ قىممىتى پۇل ،ماددى بايلىق بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان مۇشۇ دۇنيادا بالىلاردا توغرا خارەكتىر ،قىزىقىش، غايە ،كىشىلىك تۇرمۇش قاراش ۋە قىممەت قارشى يېتىلدۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدۇ .
دەرسلىك ماتىرىيالى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل:Ⅱ
« يەتتە تال برىليانت » رۇسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى لېف تولىستوينىڭ بالىلار چۆچىكى بولۇپ ،بۇنىڭدا قىزچاق بىلەن ئانىنىڭ سۇ ئۆتۈنۈش جەريانى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، مېھىر –مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.شۇنداقلا ئاپتۇرنىڭ خۇددى چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تإركإمئ تارقاتقان نۇر پۈتۈن جاھانغا تارالغاندەك ، مېھىر –مۇھەببەت نۇرىمۇ پۈتۈن جاھانغا تارقىىلپ ،دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلسىكەن، دەيدىغان ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.بۇ خىل ئارزۇ –تىلەك بىزنىڭ ھازىر يولغا قويىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات قارشىمىز بىلەن بىرەك دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ .
Ⅲئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
1)تەسەۋۇر ۋە مۇبالىغىنىڭ چۆچەكتىكى ئىشلىتىلىشى ۋە رولىنى ھېس قىلىش .
2)چۆچەك ۋەقەلىكى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مېھرى –مۇھاببەتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر –مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇتۇش .
3) بالىلار چۆچىكىنىڭ ئاددى ۋەقەلىك ئارقىلىق چوڭقۇر مەزموننى ئىپادىلەپ بېرىشتەك ژانىر ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللىتىش.
ئوقۇتۇش سائىتى
مەزكۇر دەرس ئىككى دەرس سائىتىدە ئۆتۈلىدىغان دەرس بولۇپ ،ئىككىنچى دەرس سائىتى ئاساس قىلىنىپ لايھە تۈزۈلدى .
موھىم نوقتا :
1)تەسەۋۇر ۋە مۇبالىغىنىڭ چۆچەكتىكى قوللىنىلشى ۋە رولىنى ھېس قىلىش
2)چۆچەك ۋەقەلىكى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مېھرى –مۇھاببەتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر –مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇتۇش
قىيىن نوقتا :
چۆچەكتىكى تەسەۋۇرنىڭ رېئال تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈش:
بۇ سائەتلىك دەرسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سۇئال –جاۋاب ،گۇرۇپپىلار مۇزاكىرسىگە تەشكىللەش (بۇ ئىككى ئۇسۇل ئارقىلىق دەرىستىكى موھىم ،قىيىن نوقتىلار ھەل قىلىنىدۇ )،سىلىشتۇرما مۇلاھىزە (بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ياخشى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسىگە ئېگە قىلىنىدۇ )،تەسەۋۇر ئۇسۇللىرى(بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاش ،تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارى يوقرى كۆتۈرىلىدۇ ) قوللىنىلىدۇ .
Ⅳ ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى:
- يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش باسقۇچى :
- تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ قانداق گۈزەل ئارزۇنى ئىپادىلىگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلنىش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلار ئاپتۇرنىڭ مەزكۇر چۆچەكنى يېزىشتىكى مۇددىئاسىغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ .
- يەتتە تال برىليانىت بارغانسىرى ئېگىز ئۆرلەپ ،كۆككە چىقىپ يەتتە دانە يۇلتۇزغا ئايلىنىپتۇ ،مانا بۇ كىشىلەر دەۋەتقان چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئىكەن .
3)جەميىتىمىزدە قىزچاققا ئوخشاش ئۆز نەپسىدىن ۋاز كىچىپ ،ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرىگە كەلگەن مېھنەت مېۋىسىنى باشقىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان كىشىلەر بارمۇ –يوق ؟دېگەن سۇئاللار ئارقىلىق كاۋاپچى ئالىم خالىققا ئوخشاش ئېسىل پەزىلەتلىك كىشلىرىمىزدىن ئۆگىنىش تەربىيىسى بېرىلىدۇ .
4)سىز ‹‹يەتتە تال بېرىليانىت ››ناملىق بۇ بالىلار چۆچىكىدىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان قايسى تەرەپلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
بۇ نوقتىلار ئارقىلىق ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە تەسەۋۇر ،مۇبالىغىنىڭ ئەسەردىكى رولى چۈشەندۈرىلىدۇ .

تاپشۇرۇق :مېھرى –مۇھاببەت ھەققىدىكى ماقال –تەمسىللەردىن توپلاپ كېلىڭ
Ⅴ دوسكا لايھىسى:
20.يەتتە تال برىليانىت
لېف تولىستوي (1828-1910)
قۇرغاقچىلىق –قۇرغاقچىلىق ئاپىتى –قىزچاقنىڭ قۇرۇق ياغاچ سوغىنى كۆتۈرۈپ، ئاغرىق ئانىسىغا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە سۇئىزدەپ چىقىشى
ياغاچ سوغا سۇ تولغان سوغا
دۇنيا
تېكىسىتتىنىڭ ئاساسىي مەزمونى مېھرى –مۇھاببەت سۇ تۆكۈلۈپ كەتمەيدىغان سوغا
بىلەن گۈزەل
چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى ئالتۇن سوغا كۆمۈش سوغا
ئەگەر مېىنىڭ خاسىيەتلىك ياغاچ سوغام بولغان بولسا ...
تەسەۋۇرنىڭ چۆچەكتىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ ، ئوي –پىكىرنى ئىپادىلەشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەن .
(تەھرىر : admin)
«« يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس ت
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييار
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خە
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- دېتېرمىنات ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەن
- ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىقى
- تەڭ بولمىغان مىقدارلار ئاكسىئومىس
- بېرنوللى ئېھتىماللىق تەجرىبىسى
- مىخانىكلىق قۇۋۋەت
- لىنىس قانۇنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئىزلەن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-08-28 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-28 10:08
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس تەييار
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خەۋەر
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىم
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 9- يىللىقلار ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىزاھلىق
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 7-يىللىق 2-مەۋسۈم«ۋېرسال سارىيى»نىڭ تەييارلىق