7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىمى كومراجىۋا(2-سائەتلىك)
دەرىس تەييارلىغۇچى | ئوسمانجان دۆلەت | دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت | 2011- يىلى2- ئاينىڭ 25- كۈنى | |||||||
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ | 7- يىللىق 2-، 3- سىنىپ | 6- سائەتلىك دەرىس لايھەسى | ||||||||
دەرىس تىمىسى | بۈۇۈك بۇددا ئالىمى كومراجىۋا | |||||||||
ئاپتۇرى | ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر | ژانىرى | تارىخى تەرجىمھال | |||||||
ئوقۇتۇش نىشانى | بىلىم نىشانى |
كۇماراجىۋانىڭ كىملىكىنى بىلىۋېلىش. كۇماراجىۋانىڭ بۇددا دىىننى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ۋە ئۇنى تارقىتىش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى ۋە ئېلىپ بارغان ئىلىمى پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىش. كۇماراجىۋانىڭ ئېلىپ بارغان ئىلىمى ئەمگەكلىرىنى بىلىۋېلىش. |
||||||||
ئىقتىدار نىشانى | بىلىمنىڭ ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل بىلەن بۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش. | |||||||||
ھىسىيات نىشانى | ئالىملارنىڭ ئىجادچانلىق رۇھى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئۆلگە قىلىپ ياشلىقنى قەدىرلەش بىلىم ئىگەللەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالىملىرىمىزدىن پەخىرلنىش ھسياتىنى ئۇرغۇتۇش. | |||||||||
مۇھىم نوختا | كۇماراجىۋانىڭ بۇددا دىىننى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ۋە ئۇنى تارقىتىش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى ۋە ئېلىپ بارغان ئىلىمى پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىش. | |||||||||
قىيىن نوختا | تىكىستنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى، سىزىقچە(-)نىڭ رولىنى ئىگىلەش. | |||||||||
ئوقۇتۇش قۇراللىرى | دەرسىلىك كىتاب، دوسكا، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، كومراجىۋانىڭ سۈرىتى | |||||||||
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش |
ئۇيغۇرلار تارىختا قايسى دىنلارغا ئىتىقاد قىلغان؟ شۇ دىنلارنىڭ قانداق ئادەتلىرى ۋە قائىدە- يۇسۇنلىرىنى بىلىسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ئاساسىتا جاۋاپ بىرىدۇ. سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلشى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلار ئىشلىگەن تاپشۇرۇققا ئاساسەن بىر نەچچە ئوقۇغۇچى سىزىقچىنىڭ ئىشلىتىش ئورنىىنى تىكىسىتتىن ئەمىلىي مىسىاللارنى ئېلىپ خۇلاسىلاپ چىقىشقا يىتەكلىنىدۇ. |
|||||||||
ئوقۇتۇش جەريانى |
كۇماراجىۋا مىلادىيە 344-يىلى كۈسەن (كۇچار) دە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كۇماراتان بولۇپ ھىندىستانلىق ، ئانىسى جىۋا كۈسەن خانىنىڭ سىڭلىسى بۇلۇپ، 20يېشىدا كۇماراتانغا ياتلىق قىلىنغان. كۇماراجىۋا دىگەن بۇ ئىسىم ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. كۇماراجىۋا ئانىسىنىڭ تەسىرىدە يەتتە يېشىدىلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ راھىب بۇلۇپ، تىرىشىپ نوم ئۈگەنگەن. 12يېشىدا باشقا راھىبلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى يېڭىۋالغان. ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ يەكلىپ قىلىشى بىلەن بىر قانچە دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. ئۇ ئۆكۈر سۆزلۈكلىكى، بىلىمىنىڭ موللىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايىتتى. گەرچە ئۇبىلىملىك بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ مىلادىيە 413-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 70يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ تىكىستتىمۇ ئالدىنقى ئىككى تىكىستكە ئوخشاش مەشھۇر شەخىسلەر يېزىلغان ، سىز ئاۋۋالقى ئىككى تىكىست بىلەن بۇ تىكىستنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىدا قانداق پەرق بارلىقىنى ھىس قىلدىڭىز؟ ئالدىنقى ئىككى تىكىستتە ئاساسلىقى ۋەقەلىك سۆزلەنگەن، بۇ تىكىستتە بولسا پاكىت ماتىرىيال ئارقىلىق كۇماراجىۋانىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى سۆزلەنگەن. شۇڭا بۇ تىكىسىت تارىخى تەرجىمال تۈرىگە تەۋە. تېكىسىتتىن كۇماراجىۋانىڭ ئىلمى پائالىيەتلىرى ۋە تۆھپىللىرىنى تېپىپ چىقشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. دەرسلىك كىتابنىڭ 18 – بەتتىكى ، 21- بەتتىكى مەزمۇنلارنى چۈرىدەپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ. (3) سىز ئۆز يۇرتىڭىزدا ياشاپ ئۆتكەن قانداق مەشھۇر شەخىسلەرنى بىلىسىز؟ ئۇلارنىڭ قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ، تۆھپىسىنىڭ نېمىلىگىنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ. بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋانىڭ بۇددا نوملىرىنى تەپسىر قىلىش ، تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىشى ، ئۇنىڭ ئستىداتلىق ئالىم شۇنداقلا ئەينى دەۋىرنىڭ مەنىۋى داھىيسى ئىكەنلىكىدەك پاكىتلار ئۇنىڭ تۆھپىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى |
|||||||||
ئوقۇتۇش جەريانى |
ئىكەنلىكىنىڭ ئسپاتى بۇلالايدۇ. بىز ئالىملارنىڭ مانا مۇشۇنداق جاپا – مۇشاقەتكە چىداپ ئۆگىنىش ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن خالىس تۆھپە قۇشۇش ، ئىلىم- پەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۆرنەك قىلىپ تىرىشىپ ئۆگىشىمىز لازىم. كۇماراجىۋا بۇددا ئالىمى ئىكەن. سىز بۇددا دىنى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟ ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلغانمۇ-يوق؟ دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن قايسى؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلىدۇ؟ ئىلگىرى قايسى دىنلارغا ئىتىقاد قىلغان؟ يۇقىرىدىكى سۇئاللارغا تارىخى ماتىرىياللاردىن پاكىت ، مىساللار ئارقىلىق جاۋاب ئىزدەشكە يىتەكلەيمەن. كۇماراجىۋا ئۈلۈش ئالدىدا «مەن قازا قىلىپ تىنىم كۆيدۈرۈلسە كۆيدۈرۈلسۇنكى ، تىلىم كۆيمىسۇن» دىگەن ، سىز ئۇنىڭ سۆزىنى قانداق چۈشىنىسىز؟ ئۇ نىمە دىمەكچى؟ (ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئۇنىڭ كىتاب،قوليازما ماتىرىياللىرى) ئوقۇغۇچىلارنى شۇ يۈنىلىش بۇيىچە پىكىر قىلىشقا يىتەكلەيمەن. |
|||||||||
ئوقۇتۇشقا باھا | بۇ تىلىستنىڭ مەزمۇنىغا ماس كىلىدىغان ماقال-تەمسىللەردىن قايسىلىرى بىلىسىز؟ | |||||||||
تاپشۇرۇق | مەزمۇنى | مەشىق تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ كىلىش | ||||||||
نىشان | ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس مەزمۇنىنى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش | |||||||||
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى | ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ | |||||||||
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى | سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ | |||||||||
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى | 2011- يىلى - ئاينىڭ - كۈنى |
(تەھرىر : بەشتاش)
«7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىمى كومراجىۋا(2-سائەتلىك)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس ت
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييار
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خە
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- دېتېرمىنات ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەن
- ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىقى
- تەڭ بولمىغان مىقدارلار ئاكسىئومىس
- بېرنوللى ئېھتىماللىق تەجرىبىسى
- مىخانىكلىق قۇۋۋەت
- لىنىس قانۇنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس تەييار
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خەۋەر
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىم
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 9- يىللىقلار ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىزاھلىق
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 7-يىللىق 2-مەۋسۈم«ۋېرسال سارىيى»نىڭ تەييارلىق