ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بىتخوۋېن(2-سائەتلىك)

ۋاقىت : 2014-03-03 00:34 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : babor | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
دەرىس تەييارلىغۇچى ئوسمانجان دۆلەت دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت 2011- يىلى2- ئاينىڭ 25- كۈنى
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ 7- يىللىق 2-، 3- سىنىپ  4- سائەتلىك دەرىس لايھەسى  
دەرىس تىمىسى مۇزىكا پىشىۋاسى بىتخوۋېن  
ئاپتۇرى خې ۋېي ژانىرى ئەدەبىي تەرجىمھال  
ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم  نىشانى بىتخوۋىننىڭ ھاياتى ، ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان ئالىيجاناپ ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە مۇزىكانىت ئىكەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھىس قىلدۇرۇش .
بىتخۇۋىنىڭ ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىش روھىنى ھىس قىلىدۇرۇش.
 
ئىقتىدار نىشانى ئوقۇغۇچىلاردا تىرىشىپ ئۆگىنىش ، ھاياتىنى قەدىرلەشتەك ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يتىلدۈرۈش  
ھىسىيات نىشانى ھەر قانداق نەتىجىنىڭ جاپا مۇشەققەتلىك تىرىشىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش،
ئوقۇغۇچىلاردا جاپا-مۇشاققەتتىن قورقماي تىرىشىش روھى يىتىلدۈرۈش.
 
مۇھىم نوختا ئوقۇغۇچىلاردا جاپا-مۇشاققەتتىن قورقماي تىرىشىش ، ھاياتنى قەدىرلەش روھى يىتىلدۈرۈش  
قىيىن نوختا تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى بىلىش،
بىتخوۋىن ۋۇجۇدىدىكى خاسلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش
 
ئوقۇتۇش قۇراللىرى دەرسىلىك كىتاب، دوسكا، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، بىتخوۋېن مۇزىكىللىرى  
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش سىز مۇزىكا ئاڭلاشقا قىزىقامسىز؟
بىز بىرلىكتە تۈۋەندىكى مۇزىكىنى ئاڭلاپ باقساق قانداق؟ ئوقۇۈۇچىلارغا بىتخوۋىننىڭ مۇزىكىسى ئاڭلىتىلىدۇ.
بىتخوۋىننىڭ تاشقى قىياپەت تەسۋىرىدىن سىز نېمىىنى ھىس قىلىدىڭىز ؟
ئوقۇغۇچىلار ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۈتىدۇ.
 
ئوقۇتۇش جەريانى بىتخوۋىن تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
بىتخوۋېن (1770- 1827) ــــ  گېرمانىيلىك كومپوزىتور. 1798-يىلى 28 يېشىدا ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، 1820-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «دالا سىمفونىيىسى»، «تەقدىر سىمفونىيىسى» قاتارلىقلار بار. ئۇ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلاشقان ھەم قۇلىقى ئاڭلىمىغان ئەھۋالدا «توققۇزىنچى سىمفونىيە» نى تاماملاپ، كىشلەرگە ھاياتلىقتا تەقدىر بىلەن كۈرەش قىلىش، قەيسەرلىك بىلەن ياشاشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ بەردى.
بىتخوۋېن جۇمھۇرىيەت غايىسىگە چوڭقۇر ئېتىقاد قىلىپ، ‹‹ئاۋام پۇقرانىڭ پەخرى ›› دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان، لېكىن ئۇنىڭ غايىسى ناپالېئون تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشتا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى، گاس بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى، ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن، غەزەپلەنگەن ھەتتا ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭغان. بىتخوۋېن تەقدىر بىلەن ئېلىشىش، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ غەلىبىنى كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت يۈرەك ساداسىنى ‹‹ بەشىنچى (تەقدىر) سىمفونىيە ›› بىلەن ئىپادىلىگەن.
ھەيۋەتلىك «تەقدىر سمفونىيىسى» دىن ھوزۇرلىنىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم بېتخوۋىن يادىڭىزغا كەلگەندۇ. بۇ تەقدىرنىڭ ئېغىر قسمەتلىرىگە دۇچار بولغان موزىكا پېشۋاسىنىڭ مۇزىكىسىدىن باشقا  تۇرمۇش ھېكايسىنى بىلەمسىز؟ گاس بولغاندىن كېيىنكى   بىتخوۋېن  قانداق ئىدى؟ بىز بىرلىكتە بىتخوۋېننىڭ قەلب دۇنياسى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى!
بىتخوۋىننىڭ خاراكتىرىنى خۇلاسىلەپ باقايلى.
ئۇ مۇستەقىل ۋە مەغرۇر، خىيالچان ھەم قەيسەر، كەسكىن ھەم ئاقكۆڭۈل، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان، مۇزىكىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئادەم. مىھمانلارنىڭ بىتخوۋىننى زىيارەت قىلىش جەريانى قانداق بولدى؟ بۇ جەرياندا قانداق ئشلار تەپسىلى يېزىلغان؟
مىھمانلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىلىشى ، خىزمەتكارنىڭ ئۇلارنىڭ باشلاپ كىرىشى ، ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ بىر خىل مەيۈسلىنشتەك روھى – ھالەتنى ئىپادىلىشى ، بىتخۇۋىننىڭ باشتا سۇغۇق مۇئامىلىدە بولىشى ، ئەمما قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇلارنى قارىشى ئېلىشى . زىيارەتچىلەرنى ئۇنىڭ مەيۈس ، ھاياجانلىق كەيپىياتى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئۇ مىھمانلارنى ئۆزىنىڭ ئاددى بىر ۋاقلىق تامىقىغا تۇتۇپ قالدى.
 
 
ئوقۇتۇش جەريانى بۇ جەرياندا  بىتخۇۋىننىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق روھىي ھالىتى ، مەيۈس كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن . ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش- پائالىيەتلىرى ۋە ھاياجلىنىپ سۆزلىگەن سۆزلىرى يېزىلىغان . ئوقۇغۇچىلارنى يۇقارقى تەرەپلەردىن جاۋاپ تېپىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ۋە مۇشۇ ئاساستا مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.
2 . بىتخوۋىن ئوبىرازىنى بىر قانچە جۈملىگە يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىڭ ؟
12 – بەتتىكى 1 – قۇردىن 8 – قۇرغىچە بولغان جايلارنى ئاساس قىلىپ ئىخچاملاپ بىرىلسە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ بۇيىچە تېپىشقا يىتەكچىلىك قىلىندۇ.
3 . سىزگە بىتخۇۋىننىڭ قايسى تەرەپلىرى ئەڭ تەسىر قىلىدى ؟ سىز بۇ سۆزلەرنى قانداق چۈشىنىسىز؟
 (1) مەن بۇ يەردە تەنھا ئولتۇرۇپ ، نوتا يازىمەن . مەن مەڭگۈ ...  بىر مۇزىكانىت ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پاجىئە . (2) « يۈرىكىمدىكى مۇزىكىنى ئاڭلاڭلار! ... » ... مۇزىكىنى ئۇرۇندىيالايدۇ . ...
يۇقارقى تەرەپلەردىن كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ . بۇ تەسۋىرلەرنى دەل بىتخۇۋىننىڭ رۇھى – دۇنياسىنىڭ ئەڭ نازۇك تەرەپلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
 
ئوقۇتۇشقا باھا ناۋادا سىز بىتخوۋىنغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ سۆزلەپ بېقىڭ.  
تاپشۇرۇق مەزمۇنى يانداشما مەشىق تاپشۇرۇقنى ئۇرۇنلاپ كىلىش  
نىشان ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش  
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ  
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ  
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى   2011- يىلى      - ئاينىڭ      - كۈنى  
 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ