ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

9- يىللىقلار ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىزاھلىق لۇغەت

ۋاقىت : 2013-03-01 21:13 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
9- يىللىقلار ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىزاھلىق لۇغەت
 
1- مەۋسۇم
 
 
1. ياتۇر
ياتۇر - ياتار، ياتىدۇ.
قۇتلۇق شەۋقى ــ (1876-1937) شائىر ۋە ژۇرنالىست. قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىسىر، تۈركىيەلەردە ئوقۇغان. 1920-ۋە 1930-يىللاردا قەشقەردىكى ئاقارتىش ھەركەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
كۆرمىگىل ــ كۆرمە، دەپ ئويلاپ قالما
بۇغرا  ــ ئەركەك تۆگە. م: بۇغرا تۆگىلەرنى باشلاپ يايلاق تەرەپكە ئېلىپ كەتتى.
سۇتۇق بۇغراخان ــ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، دىنىي ئالىم، سىياسىئۇن، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە. سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ، قاراخانلىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلغان. ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىكىنى دۆلەتنى قوغداش يولىدا ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر قويۇلغان جايغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇ يەر ‹‹شىھىت ماكانى›› يەنى ‹‹مەشھەد›› دەپ ئاتالغان. ئۇ يەردە ھازىرمۇ ‹‹ھەز سۇلتان››، ‹‹ھەز سۇلتۇنۇم›› دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى بار. ‹‹ھەز سۇلتان›› دىگەن سۆز ‹‹ھەزرەت سۇلتان›› دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشى بولۇپ، ‹‹ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان›› دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. ‹‹سۇلتان›› دىگەن سۆز ئەرەبچە ‹‹سەلتەنەت ئىگىسى›› دىگەن مەنىدە بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى ۋاقتلىرىدا قۇشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخى ماتىرىياللاردا بولسا ‹‹سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ‹‹ئابدۇكېرىم›› ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇيۇلغان ئىسمى.
ئول ــ ئۇ، ئاۋۇ
شەھىدۇ ــ شاھىد، شاھىد بولماق، گۇۋاھلىق بەرمەك
ئارسلان ــ ① مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان، سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان: ئارسلان بالىسى ئارسلان بولىدۇ (ماقال). ② كۆچمە. باتۇر، قەيسەر، زەبەردەست، قورقماس، قاپ يۈرەك: تۇغۇلدۇم، «ئارسلان بول» دەپ ئانام سۆيگەن پېشانەمگە، سېلىپ زەڭ ھەر سۆزۇم، قەلبىم، مىجەز- خۇلقۇم، ئىپادەمگە. ③ ئەرلەر ئىسمى.
‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› ــ 11- ئەسىردە ئۆتكەن پۈيۈك پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. مەنىسى بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ــ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019 - يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462 - يىلى (مىلادىيە 1069 - يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. خاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە ‹‹خاس ھاجىپ››لىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى، ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ئەدىب مىلادىيە 1085 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.
ئېرپان ــ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى، مەدەنىيىتىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەلىم- تەربىيە؛ مەرىپەت، مائارىپ: ئىلىم- بىلىم مەنبەسى نۇرى ئېرپاندۇر كىتاب، تېخنىكىسىنىڭ خەزىنىسى كەڭرى ئىمكاندۇر كىتاب.
يادىكار ــ ① بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى شەخسنى ئەسلىتىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن تەقدىم قىلىنغان نەرسە، سوۋغا، نىشانە: يادىكار قىلماق. * جىمجىتلىق ئىچىدە قولۇمدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ② ئەر - ئاياللار ئىسمى.
‹‹دىۋانۇ لۇغەت›› ــ ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس، مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرىنىڭ  ئەسىرى. مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يىزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللۇنۇشنى زۆرۈر كۆرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنىيەت، تارىخ، ئارخىئولوگىيە، دىن، توپونومىيە _ يەر ناملىرى، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگىرافىيە، پەلىسەپە، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكىلوگىيە جەھەتلەرگە چىتىلىدىغان قامۇس ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرنى ئورگانېك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا 242 كۇپلېت شېئىر- قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال- تەمسىلنى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونېتىكىلىق، گرامماتىكىلق قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
مەھمۇد كاشغەرى ــ (1008-1105) بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس. شاھانە ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدىرسە ئېچىپ مۇدەرىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئالىمىمىزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.
شەرەپشان ــ ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا پەخىرلىك نامغا، ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلەر.
 
2 . ئانا تىلىم
تېيىپجان ئېلىيېف ــ (1930-1989) قورغاس ناھىيسىدە تۇغۇلغان، تۇنۇلغان شائىر، كۆپلىگەن توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.
جىلۋىدار ــ ① گۈزەل، نازاكەتلىك. م: ئۇ تاماشىبىنلارغا بىر جىلۋە قىلىۋەتكەندىن كېيىن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ يەنە پىرقىراشقا باشلىدى. ② رەڭمۇرەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش. م: سەھەردىكى گۈللەر باشقىچە جىلۋە قىلاتتى.
زۇلپىقار ــ ناھايىتى ئۆتكۈر قىلىچ. مەسىلەن: ئۇ زۇلپىقارىنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.
تۆھپىكار ــ تۆھپىسى بار، تۆھپە ياراتقۇچى كىشى: پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغان تۆھپىكارلار تەقدىرلەندى. ∥ تۆھپىكار قىز.
ئابىدە ــ مەڭگۈتاش. ئۈستىگە ئەستىلىك خەت-ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چېكىلگەن چوڭ خاتىرە تاشلار. ئەسلەتمە بۇيۇملار؛
چېقىن ــ چاقماق : چېقىن تاغدا كۆپرەك چاقىدۇ. قارا بولۇت قويۇق يەردە ھاۋا گۈلدۈرلەيدۇ ئەمەسمۇ!
ئاپرېنچۇر تېگىن ــ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىر.
ھەيرەت ــ كۈتۈلمىگەن نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارغا ئۇچرىغاندا سېزىلىدىغان ھەيران بولۇش ھېسسىياتى، ھەيران بولۇش، ئەجەبلىنىش: ھەيرەتتە قالماق.
قامۇس ــ مۇكەممەل، تولۇق لۇغەت، ئېنسىكلوپېدىيىلىك لۇغەت: «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى، ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن مۇكەممەل قامۇس.
دەستۇر ــ ① ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما، نىزام، كىتاب؛ قائىدە- قانۇنلار توپلىمى: پۈتۈلگەن دەستۇرنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ② تېبابەت رېتسېىپلىرى مەجمۇئەسى: سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قورساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى.
 
 
3. ياز تۈنى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر- (1901-1933) تولۇق ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇر.
‹‹ئۇيغۇر›› ئۇنىڭ تەخەللۇسى، ئۇ 1901-يىلى تۇرپان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 10 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان،ئۇنىڭ يازغان مۇھىم ئەسەرلىرى ‹‹پىغان›› (1927)، ‹‹كۆڭۈل خاھىشى›› (1930)، ‹‹قىزىل باھار››، ‹‹ئىستىمەس››، ‹‹ئارمان››، ‹‹قىزىلگۈل›› قاتارلىق 200نەچچە پارچە ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلاردىن ئىبارەت. 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرپىدىن دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلگەن.
تاپ ــ ① ھايۋانات ياكى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى؛ مۇردا، جەسەت: ئاسماندا تاپ يېگۈچى قۇزغۇنلار ئەگىپ ئۇچۇشاتتى. ② ئېتىزنى ئاغدۇرغاندا قالغان قوش ئىزى، قۇر: تاپ ئاچماق. تاپ سالماق. ③ ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ: بەش تاپ بۇغداي. ④ پەيت، پۇرسەت، ۋاقىت: شۇ تاپ تەشنالىقىم قاندى، ۋۇجۇدۇم- جان بېغىم ياشناپ.
بىئىختىيار ــ ئىختىيارسىز، ئۆزلىگىدىن، كونتېرولسىز.
مەگەر ــ ئەگەر
 
 
4. نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى
ئازاد سۇلتان ــ 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەدەبىياتشۇناس پىروفېسور . ئۇنىڭ ‹‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغۇرسىدا›› قاتارلىق بىر نەچچە پارچە تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان .
ئەلشىر نەۋائىي ــ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىيات خەزىنىسىگە ئاجايىپ چوڭ مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلاۇغ شائىردۇر. ئۇ 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ھىراتتا تۇغۇلۇپ، 1501- يىىل 1- ئاينىڭ 3- كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ‹‹خەمىسە››، ‹‹چاھار دىۋان››، ‹‹ھەيرەتۇل ئەبرار›› (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)، ‹‹پەرھاد- شېرىن››، ‹‹ لەيلى- مەجنۇن››، ‹‹سەبئەئىي سەييارە›› (يەتتە سەييارە)، ‹‹ سەددى ئىسكەندەر›› (ئىسكەندەر سېپىلى)، ‹‹سراجىل مۇسلىمى›› (مۇسۇلمانلار چىرىغى)، ‹‹لسسانۇت تەير›› (قۇشلار تىلى)، ‹‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين›› (تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە)، ‹‹ئارزۇ تۈركى›› قاتارلىق بەدىئىي، ئىلمىي ئەسەرلەرى بار.
مۇتەپەككۇر ــ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستېداتىغا ئىگە بولغان كىشى، تەپەككۇر ئىگىسى: بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە يازغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىشكەن.
شېئىرىيەت ــ ① بىرەر مىللەت ياكى خەلقنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ پوئېزىيە: ئۇيغۇر شېئىرىيىتى. شېئىرىيەت خەزىنىسى. ② شېئىر يېزىش سەنئىتى: ئۇ شېئىرىيەتتىن خەۋەردارلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان نېغمەت خەلپىتىم دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كۈنلەردە ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى قاتارىدا ئىدى.
پەلسەپە ــ ① دۇنيا قاراش ھەققىدىكى تەلىمات، كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا (تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر) توغرىسىدىكى تۈپ كۆز قاراشلىرىنىڭ سىستېمىسى، تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە يەكۈنى. ② كۆچمە. ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان، پاكىتسىز، ئاساسسىز پىكىر، سەپسەتە، قۇرۇق گەپ: روزى سادىقنىڭ گېپىنى كېسىپ: - پەلسەپە ساتمىساڭچۇ، ھويلىغا نەدىن كىردىڭ؟ - دېدى.
ئېستېتىكا ــ تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئاساسلىقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى، سەنئەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
ئۆرنەك ــ ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا، قىلىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۈلگە بولىدىغان نەرسە: ئۆرنەك ئالماق. ئۆرنەك قىلماق. ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسە، ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى؛ ئۈلگە: تاشۋاي پەدە بېسىشتىن زەخمەك ئۇرۇشقىچە زېرىكمەي- تېرىكمەي ئۆگىتەتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئاھاڭلارنى چېلىپ ئۆرنەك كۆرسىتەتتى.
سېيما ــ ① قىياپەت، كۆرۈنۈش؛ چىراي، يۈز، ئوبراز: ھەر قېتىم بىرەر نەتىجە قازانغىنىمدا دادامنىڭ مۆمىن ھەم مېھرىبان سېيماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. ② سىمۋول، ئوخشىتىلىدىغان ياكى ئوخشايدىغان نەرسە: شۇڭا تاغ مەردانىلىك ھەم قەد كۆتۈرمەككە مىسال، قارىغاي، چىنار ۋە شەمشاد مەردلىككە سېيما ھەر زامان. ③ ئىپادە؛ ئالامەت، ئىز: سەن تۇغۇلدۇڭ، مەسۇم يۈزۈڭدىن، كۆرۈنمەيدۇ ھەسرەت سېيمايىسى. سەن تۇغۇلدۇڭ قۇياش قوينىدىن، غۇنچە يەڭلىغ كۈلۈپ گوياكى.
ۋارىس ــ ① مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان شەخس، مىراسخور. ② كۆچمە. ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئىزىنى باسقۇچى، ئىزباسار: سەن ئەسلىدە ئابنۇس ئارىلىنىڭ ئىگىسى، شاھ ئارمانۇسنىڭ ۋارىسى ئىدىڭ. ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
 
 
5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ
پاۋلوف ــ (1849-1936) روسىيەلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى.
فىزىئولوگىيە ــ جانلىقلارنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئادەتتە ئۇ ئادەم فىزىئولوگىيىسى ، ھايۋانات فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
رېفلېكس ــ جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ئىچكى - تاشقى غىدىقلاشلارغا نىسبەتەن نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق قايتۇرىدىغان ئىنكاسى.
مەرھۇم ــ ① ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى، ئۆلگەن ئادەم: كىمدۇر بىرى مەرھۇمنىڭ روھىنى مەندىنمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەتلىسە كېرەك . ② ۋاپات بولۇپ كەتكەن ، رەھمەتلىك ، رەھمىتى : مەرھۇم ئاتام .
مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ــ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى . ئۇ مېڭە بىلەن يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىنېرىتسىيە ــ جىسىمنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ھەرىكەت ھالىتى ياكى جىمجىت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش خۇسۇسىيىتى . مەسىلەن ، مېڭىۋاتقان پاراۋۇزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توختىغاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىلەشنى شۇئان توختاتماسلىقى ، جىمجىت تۇرغان جىسىمنىڭ سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغۇچە تۇرغان ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنېرتىسىيىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ .
پەۋقۇلئاددە ــ ① باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ، ئادەتتە ئۇچرىمايدىغان؛ كۈتۈلمىگەن، تاسادىپىي: پەۋقۇلئاددە ئەھۋال. پەۋقۇلئاددە ھادىسە. ② ئادەتتىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە، غايەت، ئىنتايىن: ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ بىر مەۋسۇم ئىچىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى . ③ ئالاھىدە ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ياكى مەخسۇس شارائىت تەلىپى بىلەن بەلگىلىنىدىغان، سادىر بولىدىغان؛ نۆۋەتتىن تاشقىرى: پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە. پەۋقۇلئاددە ئەلچى. * ئۇ ساقچى ئەمەلدارى بىلەن يىپەك سەللىلىك ئاخۇننىڭ سۆزىدىن پەۋقۇلئاددە بىر يېڭىلىقنى سەزدى.
ئوبيېكتىپ ــ ① ئاڭدىن تاشقىرى بولغان ۋە ئاڭغا، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشىغا بېقىنمىغان، باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، «سۇبيېكتىپ» نىڭ ئەكسى: ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئوبيېكتىپ شارائىت. ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ② نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقىرىلغان، شەخسىي ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇلمىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، دۇرۇس، ھەقىقىي: ئوبيېكتىپ باھا. ئوبيېكتىپ خۇلاسە.
ئىزاھ ــ ① سۆز، ئىبارە ھەم ئۇنىڭ مەنىسى ياكى ۋەقە- ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارغا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھات، يەشمە، شەرھ: ئىزاھ بەرمەك. بوۋاي ئىزاھ تەلەپ قىلىپ ئادىلغا قاراپ قويدى. ② تېكىستلارنىڭ ئايرىم يېرىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى ئايرىم مەسىلىگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ قوشۇمچە مەلۇمات، ئەسكەرتىش: تەرجىمان يەنە ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇكەممەل ئىزاھلارنى قوشقان.
ئاكادېمىيە ــ دائىرىسى نىسبەتەن چوڭ بولغان ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگان : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى .
كاندىدات ــ ① تەيىنلىنىش، سايلىنىش ياكى بىرەر تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن: كاندىدات پارتىيە ئەزاسى. كاندىدات تەتقىقاتچى. كاندىداتلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىدىن بەلگىلىنىپ قويۇلغانىدى. ② بىرەر پەن بويىچە دىسسېرتاتسىيە ياقلاش ئاساسىدا بېرىلىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئىلمىي ئۇنۋاننى ئالغان كىشى : تېخنىكا پەنلىرى كاندىداتى . پەلسەپە پەنلىرى كاندىداتى .
ئىستىپا ــ ئۆز مەنسىپىدىن ياكى خىزمىتىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن چېكىنىش ، ۋاز كېچىش ، بوشىنىش : ئىستېپا سورىماق . ئىستېپا بەرمەك .
زولوگىيە ــ ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىسى ، فىزىئولوگىيىسى ، ئېكولوگىيىسى ، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن .
كومىسسىيە ــ① بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا : ئىمتىھان كومىسسىيىسى . ② شۇنداق گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى : قادىر مۇئەللىم فىزىكا ئىمتىھانىغا كومىسسىيە بولۇپ كىردى .
ئىمپېرىيە ــ تېررىتورىيىسى ئىنتايىن زور ياكى مۇستەملىكىسى بولغان پادىشاھلىق دۆلەت .
 
 
6. ‹‹ئەقىللىق›› ئوسكار بېلىق
يالقۇن روزى ــ 1966-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئەدەبىي ئوبزورچى.
ئىجابىي ــ ① قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ماقۇل تېپىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان: ئىجابىي باھا. ئىجابىي پىكىر. ئىجابىي مۇناسىۋەت. ② ماقۇللايدىغان، ياقلايدىغان؛ ماقۇللاشقا، ياقلاشقا، ماختاشقا سازاۋەر بولغان؛ ياخشى؛ پايدىلىق: ئىجابىي تەسىر. ئىجابىي قارىماق. ③ ياخشى خىسلەت، پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان؛ ئۈلگىلىك: ئىجابىي ئوبراز. ئىجابىي پېرسوناژ . ئىجابىي قەھرىمان.
پىرىنسىپ ــ سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇن، نىزام: پرىنسىپتا چىڭ تۇرماق . پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلماق .
تەپەككۇر ــ ① ئادەم مېڭىسىنىڭ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبيېكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر : سىلەر ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر ، بىز مەنتىقىي تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىمىز . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە ؛ ئويلاش ، خىيال : مېڭىنىڭ ئوتتۇرا ، يۇقىرى قىسمى زەخىملەنسە ، تەپەككۇر قۇۋۋىتىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ .
ئەپلەپ ــ بىرەر ئامال تېپىپ ، بىرەر چارە - تەدبىرلەر ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق : ئۇلار ئىشنى ئەپلەپ - سەپلەپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلاتتى .
 
 
7.پالۋان كەلدى
تېيىپچان ھادى ــ (1925-1989) غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان، يازغۇچى، تارىخچى.
سۇنبۇلە ــ مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى – كەينىدە قۇياش بۇرجقا كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم كۈزكى تېرىم بولىدۇ.
قىيام ــ ① شېكەر، شىرنىلەر ئېرىتمىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان قويۇق شەربەت. ② مۇراببا: ئالما قىيامى. ئەنجۈر قىيامى. قىيام بولماق. قىيامىغا كەلمەك. ③ ئۆرە تۇرۇش ، تىك تۇرۇش : قىيامدا تۇرماق . ④ كۈن تىكلەنگەن چاغ ، چۈش : سۇنبۇلە ئېيىنىڭ باشلىرى ، قىيامدىن ئېگىلگەن ئوچۇق كۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە يالتىرايتتى . ⑤ بىرەر ئىش ، پائالىيەت قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجە ، چەك .
زىندان ــ يەر ئاستىدىكى زەي ۋە قاراڭغۇ قاماقخانا ؛ سولاقخانا ؛ تۈرمە : زىندانغا تاشلىماق . زىنداندا ياتماق .
مىغىلدىماق ــ توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماق (نۇرغۇن جانلىق ھەققىدە) : يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن ، بازاردا كىشىلەر مىغىلدايتتى .
سىپايە ــ تەمكىن ، ئېغىر - بېسىق ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ؛ كەمتەر ، مۇلايىم : سىپايە ئادەم .
كەكە ساقال ــ ① ئېڭەك قىرى قىرىۋېتىلىپ ، پەقەت زاڭاق قىسمىغىلا قىسقىراق قىلىپ قويۇلغان ساقال: يۈسۈپ تەيجى پەي ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، شالاڭراق كەلگەن كەكىساقىلىنى سىلىدى. ② شۇنداق ساقىلى بار كىشى: - ھەي كەكىساقال، - دېدى بىر چېرىك ھاشىم ئاكىغا ۋارقىراپ، - سېنى دەۋاتىمەن، بۇ ياققا كەل!
دوقا ــ ① باشنىڭ ئارقا قىسمى ياكى پېشانە تەرىپىدىكى دۆڭ يېرى : ئۇنىڭ مەڭزى قىزىرىپ ئىششىغان ، پېشانىسىنىڭ دوقىسى كۆكىرىپ كەتكەنىدى . ② مەلۇم بىر قىسمى ئەسلىي دائىرىدىن بىرئاز چىقىپ تۇرىدىغان : دوقا چاق . دوقا ماڭلاي .
كىمخاب ــ ئۆرۈشى يىپەك ، ئارقىقى زەر يىپتىن توقۇلغان رەخت .
موۋۇت ــ ئوڭ تەرىپى سىلىق قىلىپ پۈتۈنلەي يۇڭدىن ياكى يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللاردىن توقۇلغان بىر خىل رەخت : رەھبەرلىك ئىشخانىسىدا موۋۇت قاپلانغان ساپالار قاتار تىزىۋېتىلگەنىدى .
سەللىلىك ــ ① سەللىسى بار، سەللە ئورىغان. ② سەللە قىلسا بولىدىغان ۋە سەللە قىلىشقا يارايدىغان ياكى سەللىگە باب كېلىدىغان رەخت .
تۆپە ــ ① يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز ، يۇقىرى بولغان جاي، دۆڭ : تۆپىدىن تونۇش بىر ئادەم چۈشۈپ كەلدى . ② بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، ئۈستى : مامۇت زور شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن تام تۆپىسىگە چىقتى . ③ مەلۇم بىرنەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇق ؛ كۆك ، ئاسمان : ئېگىز بىنانىڭ تۆپىسىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرەتتى . ④ مەلۇم بىر ئىش بولۇۋاتقان جاي، نەق مەيدان: مامۇت ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىپ تۇرغاننىڭ تۆپىسىگە دادىسى كىرىپ قالدى . ⑤ بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ ، «بېشىغا ، يېنىغا ، قېشىغا» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ : دېۋە كۆل تۆپىسىگە كېلىپ بېلىقچىنى قىچقىرىپتۇ .⑥ تېرىدىن تىكىلگەن ، پوسمىغا ئوخشاش تاشلانمىغان ، سىرتى ئاق باش كىيىمى : بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىراشلىقتا دادىسىنىڭ تۆپە ۋە قۇلاقچىلىرىنى كۆزلىرىگە چۆكۈرۈپ كىيىۋالغانىدى .
ياسىداق ــ چىرايلىق ياسالغان ، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ، بېزەلگەن : ياسىداق ئۆي . ياسىداق ساراي .
يامۇل ــ خانلىق دەۋرىدىكى ناھىيە ، ۋىلايەت ئۆلكە دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى : يامۇل بېگى . * ئەنە شۇنداق پۈتمەس - تۈگىمەس خىياللار بىلەن كېچىچە پىيادە يۈرۈپ ، چاي ۋاقتى بىلەن دوتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم .
گۈرەن ــ قۇلاقنىڭ ئاستى ، قوۋۇزنىڭ ئارقا قىسمى : گۈرەن تومۇرى . گۈرەن بېزى .
لوزۇڭ ــ ① كونا جەمئىيەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى :لوزۇڭ بولماق . ② شۇ مەنسەپكە ئېرىشكەن شەخس .
قۇللۇق ــ ① قۇل بولغان ھالەت ، قۇل بولۇش : قۇللۇقتىن قۇتۇلماق .② قۇللارغا ئائىت ، قۇللارغا خاس : قۇللۇق تۈزۈم . ③ ئىتائەتمەنلىكنى ، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيدىغان تەكەللۇپ سۆزى : ھىكمەت ئۆزىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغان يىگىتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ : - قۇللۇق ، قۇللۇق ئىنىم! ئاغزىڭىزغا شېكەر ، - دەپتۇ . ④ مىننەتدارلىق ، رازىلىق : قۇللۇق بىلدۈرمەك . ⑤ ئىتائەتمەنلىك : قۇللۇق قىلماق .
شەنگەن ــ كونا جەمئىيەتتىكى ناھىيە باشلىقى : شەڭگىنىڭدىن قورقمايمەن ، قوناقلىقتىن چىقمايمەن .
ئەييۇھەنناس ــ ① كۆپچىلىككە ، توپلانغان ، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب ، نىدا ؛ ئەي خالايىق ، ئەي ئادەملەر : موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى : - ئەييۇھەنناس - ئىشىتىڭلار ئامۇخاس ، گۇناھ رىيا بولسىمۇ ، جازا دېگەن راست . ② ھاياجان ، قايغۇ ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد - پەرياد ، شاۋقۇن - سۈرەن ، كۈچلۈك ئاۋاز : كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم ، ئەييۇھەنناس ، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان - يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى .
ساراسىمە ــ نېمە قىلىشنى بىلمەي ھودۇققان ، تەمتىرىگەن ، گاڭگىرىغان ھالەت : ئىستىھكامغا يېقىنلاپ ، قول بومبىلار تاشلاندى . دۈشمەنلەرنىڭ ئىچىدە ساراسىمە باشلاندى .
ئەسەبىيلەشمەك ــ ئەسەبىي ھالەتكە كەلمەك ؛ خۇيىنى بۇزماق ، چېچىلماق : دەل شۇ مىنۇتتا ئېلشات بىردىن ئەسەبىيلەشتى .
سۈيقەست ــ بىراۋغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش ، يوق قىلىش ، ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت ، قەست : سۇيىقەست قىلماق .
ھەر باب بىلەن ــ ھەر تۈرلۈك ، ھەر خىل ئۇسۇل ، ئامال - چارە بىلەن؛ ئەپلىك پەيتنى قولدىن بەرمەي ، ئەپلىك پەيتنى كۈتۈپ تۇرۇپ : ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن ، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال) .
ئاۋام ــ ① ئاممىۋى ، ئومۇمىي : ئاۋام خەلق . ② ئاددىي خەلق ، ئامما، پۇقرا : بەگدە بارى ئاۋامدىمۇ بار .
گاداي ــ ①يوقسۇل ، نامرات ، كەمبەغەل . ② كىشىلەردىن سەدىقە سوراپ، نەرسە-كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى ؛ سائىل ، تىلەمچى ، دىۋانە .
پەرىشان ــ ① ھەر تەرەپكە چېچىلغان ، بىسەرەمجان ، تەرتىپسىز : لەيلىگۈل دۈشمەنلەرنىڭ ياردەمسىز ، پەرىشان ۋەزىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولدى . ② پىكىر - خىيالى ، دىققەت - ئېتىبارى (زېھنى) بىر نۇقتىغا مەركەزلەشمىگەن ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنگەن، چېچىلغان، يىغىنچاق ئەمەس، تارقاق: ئەتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى .
پىشايۋان ــ ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە چىقىرىلغان ئايۋان : پېشايۋان چىقارماق . پېشايۋان ياسىماق .
ئاغچا ــ ① كونا جەمئىيەتتە باي ، بەگ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى : ۋاڭ ۋە شاھزادە ئۈچۈن ئىككىدىن ئات قوشۇلغان پوچتا ، خېنىم ۋە ئاغىچىلار ئۈچۈن چىلان رەڭ دۇخاۋىدا تاشلانغان پەنجىرىلىك مەپە تەييار قىلىندى . ② بىراۋغا نىكاھلانغان ، بىراۋ بىلەن توي قىلغان ئايال ؛ خوتۇن : (باسىت) - باشقا ئاغىچىلىرى شەرۋانەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايدۇ دەيمەن ، - دېدى شاڭيۇغا .
شىلماق ــ ① نەرسىلەرنىڭ سىرتى ياكى تېنىنى ئوراپ تۇرغان تېرە ، پوست قاتارلىق نەرسىلەرنى تارتىپ سويۇپ ئالماق : ئۇ جادۇگەرنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار ، شۇنى ئېلىپ كەلسەڭ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن ، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن . ② ئالدامچىلىق ياكى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالماق ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق ، قان-تەرىنى شورىماق : شىلغانىدى بىر چاغ گومىنداڭ ، ئەلنى شۇنداق سېلىقلار سېلىپ . تىرىلدى شۇ سېلىقلار يەنە ، كەلدىمۇ يا گومىنداڭ يېنىپ؟
ئادالەت ــ ① ئادىل ، خالىس ۋە توغرا ئىش تۇتۇش ، ھەققانىيەتلىك ؛ ھەققانىيەت ، ئادىللىق : ئادالەت زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى .
خو ــ ①تارس . ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب . ② بەش كۈرىگە تەڭ ئۆلچەم بىرلىكى : بىر خو بۇغداي .
ئۆسكىلەڭ ــ ① بويى ئېگىز ئۆسكەن ، بوي تارتقان ، ئېگىز بويلۇق (ئادەملەر ھەققىدە) : ئۆسكىلەڭ ئادەم . ئۆسكىلەڭ بالا . ② ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇزۇن (نەرسىلەر ھەققىدە) : ئۇلار دەرەخلىق ئارىسىدىكى چىغىر يوللاردا ئۇزاق ماڭدى . ئۆسكىلەڭ ئوتلار گويا ئۇلارغا سالام بېرىشەتتى .
جىيەك ــ ① دوپپا ، تون قاتارلىقلارنىڭ گىرۋىكىگە تۇتۇلىدىغان مەخسۇس لېنتا . ② بىرنەرسىنىڭ گىرۋىكى ، چېتى ، لېۋى ، گەردىشى : نۇرنىسا ئۇنىڭ جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قارىدى . ③ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى .
ھوسۇل ــ تېرىلغان زىرائەت ياكى باغۋەنچىلىكتىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلات ، ئۈنۈم : ھوسۇل ئالماق . ھوسۇل بەرمەك .
تەيجى ــ ۋاڭلىق تۈزۈمىدە ، خان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋاڭدىن كېيىنكى ئەمەل . تەيجى ۋاڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ ، ۋاڭنىڭ ئىككى تەيجىسى بولىدۇ .
جياڭجۈن ــ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن كىشى .
پېقىر ــ ① كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇل : پېقىر ئادەم . * بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا . پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا (ماقال) . ② ئال «كەمىنە ، مەن» مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر تۇتۇشنى بىلدۈرىدىغان سۆز : ئەمەت ئۇستا بايىقى خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن : - ئەپەندىم ، بايا قوشنىلارغىمۇ خەۋەر قىلىپ قويدۇم . بۈگۈن پېقىرنىڭ خانىسىغا مېھمان كەلمەكچى ، چەت ئەللىك دوستلار ، - دېدى .
مەكتۇپ ــ بىركىمگە يېزىپ ئەۋەتىدىغان خەت ، سالام خەت : مەكتۇپ يازماق . مەكتۇپ ئەۋەتمەك .
يۇتۇم ــ بىرقېتىم ئىچىشكە ، ئوتلاشقا بولىدىغان ئىچىملىكلەر ھەققىدە ئېيتىلىپ «ئوتلام» سۆزى بىلەن باراۋەر قوللىنىلىدۇ : بىر يۇتۇم چاي .
تاۋى ــ ① كىشى ئورگانىزمىنىڭ نورمال ھالىتى ، ساقلىق ؛ مىجەز : ئاپامنىڭ خېلىدىن بېرى تاۋى يوق . ② قۇۋۋەت ، كۈچ ، مادار : بۇ ئىشنى قىلىشقا تاۋىم يەتمەيدۇ .
كەمىنە ــ باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت ، ئەدەپ ۋە كەمتەرلىك ، كىچىك پېئىللىق يۈزىسىدىن «مەن»نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز : - كەمىنە يەمەن شەھىرىدىن بولىمەن ، - دەپتۇ ھاتەم .
دەرقەم ــ روبىرو ، بىريەردە ، كۆز ئالدىدا : دەرقەم تۇرماق . دەرقەم قىلماق .
بەجا ــ كۆپىنچە «كەلتۈرمەك ،ئەيلىمەك» قاتارلىق پېئىللار بىلەن كېلىپ «جايىدا ئورۇنلىماق ، ئىجرا قىلماق ، ئەمەلگە ئاشۇرماق ، ئادا قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : مەشۇر بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا بەجا كەلتۈردى .
كېڭەش ــ ① بىرەر ئىش ھەققىدىكى پىكىر ، يوليورۇق ، مەسلىھەت : ئۇ : - ئەمدى مەن سىزگە قانداق كېڭەش بېرەلەيمەن ، - دېدى . ② ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ۋە پىكىرلىشىش ئاساسىدىكى مۇزاكىرە ۋە شۇنداق مۇزاكىرە يىغىنى ، يىغىلىش : كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس (ماقال) . * كېڭەشتە ئولتۇرغانلار بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرمىگەچكە ، دەرھال بىرنېمە دېيەلمىدى . ③ جەمئىيەت ، سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىش ، كېڭىشىش يىغىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى : جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى . * مەن كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
ئىلتىپات ــ كىشىلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىلىنغان ياخشى مۇئامىلە ؛ غەمخورلۇق ، مېھرىبانلىق ؛ نەزەر-ئېتىبار : ئىلتىپات قىلماق . ئىلتىپاتقا مۇيەسسەر بولماق . * ئۇ يىگىتكە بۆلەكتىن ئىلتىپات بىلەن تىكىلىپ ، مۇلايىملىق بىلەن قارىدى .
چېرىك ــ ئەسكەر ، لەشكەر : چېرىك ئالماق . چېرىك تۇتماق .
ۋەج ــ ① سەۋەب ، مۇددىئا ، مەقسەت ؛ باھانە : ۋەج كۆرسەتمەك . ② مال- مۈلۈك ، دەپىنە - دۇنيا : ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال) .
بويۇنتاۋلىق ــ ئىتائەت قىلماسلىق ، بويسۇنماسلىق ؛ قارشىلىق قىلىش : بويۇنتاۋلىق قىلماق .
پىدا ــ ① بىرەر شەخس ، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ؛ قۇربان بېرىش : «ئانا يۇرتۇم بولسا ئامان ، رەڭگىرويىم بولماس سامان» ، قەلبىم سۆزى شۇكى مېنىڭ : ۋەتەن ئۈچۈن پىدا بۇ جان! ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
خامان ــ ① زىرائەتنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان ، جاي : سابىر ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش دۈيىنىڭ خامىنىدىن كەچ قايتتى . ② شۇنداق جايغا قۇرۇتۇش ، تېپىش ، تازىلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات : خامان سورۇماق . خامان تەپمەك . ③ تېپىپ ، يانچىپ پاكىزلەنگەن تەييار چەش ؛ ئاشلىق : خامان ئالماق . ئېكىندە يوق ، تېپىنىدە يوق ، خاماندا تەييار (ماقال) .
بۇزاقى ــ ① بۇزۇلۇپ ئىشلىمەيدىغان ھالغا كەلگەن ، ئىشتىن چىققان : بۇزۇق تراكتور . ② ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار ، ئەخلاقسىز : بۇزۇق ئايال . ③ نىيىتى يامان ؛ نىيىتىنى ، پەيلىنى بۇزغان ؛ يامان نىيەتكە كەلگەن : بىز بۇزۇق ئادەملەرنى قەتئىي جازالايمىز .
ساندىخوزا ــ شىنجاڭدىكى يەر جاي نامى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ .
ئېغۋا ــ ئارىنى بۇزۇش ، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان يالغان گەپ-سۆز ، ئويدۇرما ، بوھتان ۋە شۇ قاتارلىقلار : ئىغۋا تارقاتماق . ئىغۋا توقىماق . * بۇ ئادالەتسىز ئىش ، پەسكەشلىك بىلەن ئويدۇرۇلغان ئىغۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى .
سوپىيو ــ شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت تارقاتقان پۇل .
ئەپيۇن ــ ئەپيۈنگۈلنىڭ تولۇق پىشمىغان ياكى پىشىش ئالدىدا تۇرغان غوزىسىنىڭ شىرنىسىدىن تەييارلىنىدىغان ، قاتتىق مەست قىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك .
قوۋۇز ــ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى يان تەرىپى ، يەنى ئىككى يان دىۋارى : قوۋۇز تاۋۇشى . قوۋۇز خالتىسى .
چۈشىمەك ــ ① ئۇخلىغاندا ھەر خىل ئوبرازلارنى ، نەرسىلەرنى كۆرمەك ، چۈش كۆرمەك : توخۇ داڭگال چۈشەر ، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر(ماقال) . ② ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئويلارنى ئويلىماق ، خام خىيال قىلماق : - نېمە ، چۈشەۋاتامسەن ، بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ، - دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ . ③ باغلىماق ، چاتماق ، كىشەنلىمەك : ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشىمەك . ④ ئالغا بېسىش يولىنى توسماق ، قامال قىلماق : دۆلىتىمىزنىڭ كونا جەمئىيىتىدە ، فېئوداللىق ئەخلاق خەلق ئاممىسىنى مەھكەم چۈشەپ قويغانىدى .
گوجەي ــ پۇتىنىڭ تىزىدىن ئوشۇقىغىچە بولغان قىسمىغا ئورىلىدىغان ئېنى تار ، ئۇزۇن پايتىما .
شۇمپەن ــ ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ، قاتىل : ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ، شۇمپەندەك قورقۇنچلۇق ھالەتتە ئولتۇراتتى .
قازانچى غولى ــ غۇلجىدىكى مەلۇم جاينىڭ نامى .
پوتا ــ بەلگە باغلىنىدىغان رەخت ؛ بەلۋاغ : پوتا باغلىماق . * يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق ، بېلىدە پوتىسى يوق (ماقال) .
بىڭسى ــ كۈچ - قۇۋۋەت ، ئىقتىدار ، قابىلىيەت ، كارامەت ، ماھارەت ، گۇمپا : بىڭسىسى بار كىشى .
مالىخاي ــ ① ئاق كىگىز قالپاق : ئەركىنلىك يولىدا شۇ سادىر ، قىرلىغان چېغىدا مالىخاينى ؛ يىقىتقان پورلارنى سېيىت نوچى ، مۇشتۇمدا، يۇلغاندەك قارىغاينى . ② تۇماق : ئىنتىقام ئالغىلى ئاتلاندى خەلق ، بولدى جەڭ مەيدانى قەدىم تىيانشان ، ئارمىيە سېپىگە قېتىلدىم مەنمۇ ، مۈرەمدە پاگۇن بار ، مالىخايدا نىشان .
مۇناپىق ــ ① تىلى باشقا ، دىلى باشقا ، سۆز-ھەرىكىتى بىر - بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان ، سەمىمىيەتسىز ؛ ئىككى يۈزلىمە : مۇناپىق ئادەم . مىللىي مۇناپىق . ② كۆچمە «قارا يۈز» ، «ۋىجدانسىز» دېگەن مەنىدىكى تىل- ھاقارەت سۆزى : تۆمۈر خەلپە كىشەن - زەنجىرلىرىنى شاراقلىتىپ ئورنىدىن تۇردى - دە ، «تۈفى! مۇناپىق ، دوزىخىي! سەندىن كەلگەن ۋاپا شۇمۇ؟» دېدى .
مانجۇ ــ  مىللەتنىڭ نامى .
زالىم ــ كىشىلەرگە جەبىر - زۇلۇم سالىدىغان ، كىشىلەرنى ئېزىدىغان ، رەھىمسىز : زالىم ۋەزىر . زالىم بەگ . ∥ زالىمنىڭ زۇلمىدىن ساقلا ، پادىشاھنىڭ ھۆكمىدىن (ماقال) .
ئۇيۇلتاش ــ چىڭ ،پۇختا، يوغان تاش ؛قورام تاش .
ئابرال تېغى ــ شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغنىڭ نامى .
يىمىرىلمەك ــ ① سەل دۆگىلەك ھالەتكە كەلمەك؛  ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى. ② ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق: تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن، سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى  ③ ۋەيران بولماق ، يوقالماق ، ئاغدۇرۇلماق : فېئوداللىق تۈزۈمى يىمىرىلدى .
ئوتياش ــ كۆكتات.
لەڭمەن ــ تاماقنىڭ بىر تۈرى . ئادەتتە بۇغداي ئۇنىدىن يۇغۇرۇلغان خېمىر قول بىلەن سوزۇلۇپ ياكى ئېشىلىپ ، سۇدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈستىگە قورۇما سېلىپ يېيىلىدۇ .
خاڭرۇق ــ سادىرنىڭ لەقىمى ، خىڭىلداپ گەپ قىلدىغان كىشىلەرنى خاڭرۇق دەپ ئاتىشىدۇ . چىرىكلەر سادىرنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ قىينىغاچقا ،ئاۋازى خىڭىلداپ چىقىدىغان بولۇپ قالغان.
ۋاق ــ ① كېچىككەن ، ۋاقتىدىن ئۆتكەن ؛ ۋاقىت جەھەتتىن كېيىن : ۋاق بولماق . ۋاق قالماق . ② تاياق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن باشقا نەرسىلەرنى ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز . ③ كەكلىك ، مېكىيان قاتارلىقلار سايرىغاندا چىقارغان ئاۋاز .
پەشتاق ــ ① بىنالارنىڭ ئالدى تەرىپىگە ، ئالدى كۆرۈنۈشىگە چىقىرىلغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلما. ② خانىقا ۋە مەسچىتلەردىكى مەزىن ئەزان ئېيتىدىغان، ھېيت- ئايەم، مۇراسىم كۈنلىرى ناغرا- سۇناي چالىدىغان جاي. ③ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن پەلەمپەيلىك سۇپا؛ پەلەمپەينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى: پەشتاق ياسىماق. پەشتاق سالماق. ④ ئايرودرومدىكى ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشىدىغان خەۋەرلىشىش ئورنى. شەكلى مۇنارغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا رادىئو خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.
سەھنە ــ ① زال، كۇلۇب، مەيدان قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سۆزلىگۈچىلەر ياكى ئويۇن قويغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھىلىنىپ ، يەردىن ئېگىز قىلىپ قۇرۇلغان سۇپىسى : سەھنە ئەسىرى . ② پائالىيەت مەيدانى، مۇنبەر: تارىخ سەھنىسى، سىياسىي سەھنە.
بورا ــ ئاقلاپ يېرىلغان قومۇش ياكى چىغدىن توقۇلغان توقۇلما بۇيۇم .
پالاق ــ ① دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سوراقخانىلاردا گۇناھكارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى؛ يېسسى تاياق: پالاق بىلەن ئۇرماق. ② كېمە، قېيىق، قولۋاقلارنى سۇدا ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان ، ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ : قېيىق پالىقى . ③ چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاب: چىۋىن پالىقى. ④ تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىلەردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى : تىكتاك توپ پالىقى . ⑤ يىقىلىش ، ئۆرۈلۈش ۋە تېز ھەم تاسادىپىي ھەرىكەتتىن چىقىدىغان ئاۋاز : سۇلايمان ئاتتىن «پالاق» قىلىپ يىقىلىش بىلەنلا داد - پەرياد كۆتۈردى .
مەپە ــ مەخسۇس ئادەم چۈشۈش ئۈچۈن ياسالغان ، ئات ياكى قېچىر قوشۇلىدىغان ، ئۈستى يېپىق ، ئىككى چاقلىق بىر خىل قاتناش قورالى .
خۇپىيانە ــ باشقىلارغا بىلدۈرمەستىن ، يوشۇرۇن ھالدا ، يوشۇرۇنچە : خۇپىيانە ئۇچراشماق . خۇپىيانە تەكشۈرمەك .
جاللات ــ ① ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ بېشىنى ئالغۇچى، ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى كىشى . ② كاللاكېسەر، قاتىل: تۈرمە باشلىقى قوراللىق جاللاتلارنى باشلاپ ، تۈرمە تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى.
پۆپۈكلۈك ــ پۆپۈكى بار ، پۆپۈكى بولغان : پۆپۈكلۈك مېكىيان . پۆپۈكلۈك قامچا .
ۋىدالاشماق ــ ① مەڭگۈلۈك ئايرىلماق ، ئۆلمەك : بۇ رەسىمنى مەرھۇم ئايالى سەتبەرگىگە كۆرسەتكۈسى كېلەتتى ، ئەپسۇسكى ئۇ ئۇلاردىن ۋىدالاشقانىدى . ② ئۆلۈم ئالدىدا خوشلاشماق : دارغا يېقىن كەلگەندە بۇ ئوغۇل : «ئانام بىلەن ۋىدالىشىۋالسام ، دەيدىغان گېپىمنى دەۋالسام» دەپ پادىشاھدىن تىلەپتۇ . ③ مېيىتنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئۆلگۈچىنىڭ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مېيىتنىڭ يېنىغا كىرىپ رازىلىق بىلدۈرمەك ، خوشلاشماق ، ئۇزاتماق .
جۇدۇن ــ ① سوغۇق ھاۋا ئېقىمى . ② ئاچچىق غەزەپ : جۇدۇنى تۇتماق . * مەن باقىغا جاۋاب بەرگۈچە ، بەگ جۇدۇن بىلەن سۆزلىگىلى تۇردى . ③ ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى توسالغۇ ، قىيىنچىلىق ، ئوڭۇشسىزلىققا تولغان ۋاقىت ، بوران - چاپقۇن : - ئېيتىڭا پاتىمە ، سىز بىلەن بىز جۇدۇندا تېپىشقانلار تۇرۇپ ، ئىللىق باھاردا تەتۈر قارىشىمىزمۇ؟ - دېدى سۇنۇر ھاياجان بىلەن .
پۇتلىكاشاڭ ــ توسالغۇ ، كاشىلا بولىدىغان نەرسە ۋە ھادىسە : ئۇ مېنىڭ ئىشىمغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ .
دورداي ــ كۆتۈرۈلۈپ چىققان ، قېلىن ، توم ؛ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان : دورداي كالپۇك .
ئېسەنگىرىمەك ــ ھودۇقماق ، گاڭگىرىماق ، ساراسىمىگە چۈشمەك ، ئېسىنى يوقاتماق : ۋاڭ دارىن ئېسەنگىرەپ غال-غال تىترەپ كەتتى .
بۆز ــ پاختىدىن ئىشلەنگەن : بۆز يىپ . بۆز تاغار . ② قول دۇكىنىدا پاختا يىپىدىن توقۇلغان رەخت ، ماتا : بۆزچى بۆز توقۇيدىغان موكىسىنى چاشقانغا بىر ئاتقانىكەن ، چاشقان ئۆلۈپ قاپتۇ .
تېۋىلغا ــ ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال . يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ ؛ ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ .
ئىسيانكار ــ ① ئىسيان كۆتۈرگۈچى ئادەم ، ئىسيانچى : ئىسيانكارلار جانلىنىپ ، خۇشاللىق تەنتەنىلىرى قىلىشتى . ② ئىسيان كۆتۈرۈشكە جۈرئەتلىك ، ئىسيان كۆتۈرۈش روھىغا ئىگە : ئىسيانكار خەلق . ئىسيانكار ھايات .
قاپتال ــ ① تاغ ۋە ئېگىزلىكلەرنىڭ تەكشىلىك بىلەن تۇتاشقان باغرى، يان تەرىپى: بالىلار تاغ قاپتىلىدىكى قېلىن قارىغايلىقلار ئىچىدە يالغۇز يولنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى . ② ئات ، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇچىسى بىلەن قورسىقى ئارىلىقىدىكى ئىككى يېنى : داۋان سۈيى يامان ئىكەن ، قاپتالدىن ئاشتى . ③ ئېگەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قانىتى .
 
 
8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش
ئايتماتوۋ ــ ھازىرقى زامان مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى، 1928-يىلى 12-دىكابىردا قىرغىزىستاننىڭ تاغلىق رايونى تاراستىكى بىر چارۋىچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952- يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان››، ‹‹يۈزمۇيۈز››، ‹‹جەمىلە››، ‹‹يەر ئانا›› ناملىق پوۋىستلىرى، 1963-يىلى ‹‹تاغلار ۋە يايلاقلار ›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ ‹‹جەھەننەم›› قاتارلىق رومانلىرى بار .
ئالجىغان ــ خىيالىغا كەلگەننى دەيدىغان بولۇپ قالماق ؛ ئەس - ھوشىنى يوقاتماق : - ئالجىپ قالدىڭمۇ ، ساۋۇت؟ - دېدىم مەن غەزەپلىنىپ . — نېمە دەۋاتىسەن ، ھەي ، ئەبلەخ؟!
دۇرۇس ــ ① توغرا ، خاتا ئەمەس : دۇرۇس قىلماق . * دوستۇڭ دوست بولسۇن ، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن (ماقال) . ② توغرا ، ياخشى ، ئوبدان : دۇرۇس ئادەم . ③ ئەۋزەل ، ئارتۇق : - قانۇن ئالدىدا جاۋابقا تارتقاندىن ۋىجدان ئالدىدا جاۋابقا تارتقىنىم دۇرۇس ، - دېدى ھاشىر . ④ يۈكلىمە رولىدا كېلىپ ، «توغرا ، شۇنداق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ : دۇرۇس ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قانداق ئېھتىياج بىلەن بولمىسۇن ، ئۆز شارائىتىنى ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
سېخىي ــ ① كىشىدىن ھېچ نەرسىنى ئايىمايدىغان ؛ مەرد : سېخىي ئادەم . سېخىي بالا . ② ھاياتى ، زۆرۈرىي نەرسىلەرگە چەكسىز باي ۋە ئۇنى ئىنسانغا ئايىماي ئېھسان قىلىپ تۇرىدىغان ؛ مول : ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي (ماقال) .
بىھۇدە ــ ① پايدىسىز ، مەنپەئەتسىز ، بىكار : مەن بىھۇدە زايە بولغان ئاشۇ ئون يىلغا ئېچىنىمەن. ② ئورۇنسىز، ناھەق : ئۇ ئۆزىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ . ③ مەززىسىز ، كېلىشمىگەن ، ئاساسسىز، بولمىغۇر : ئالىم بىھۇدە گەپلەرنى كۆپ قىلىپ كەتتى .
شۈبھى ــ شۈبھە قىلماق، گۇمانلانماق، ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارىماق: ئۇ ياغاچچى يىگىتتىن راستتىنلا شۈبھىلىنىپ قالدى .
ھويلا ــ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆي تېمىغا تۇتاشتۇرۇپ تام چۆرۈپ ، دەرۋازا بېكىتىلگەن بوش جاي ؛ سەينا : ھويلا تېمى . تاشقىرىقى ھويلا . ئىچكىرىكى ھويلا .
ئوقۇر ــ ھايۋانلارغا يەم- خەشەك بېرىش ئۈچۈن ،ھايۋانلارنىڭ بويى يەتكۈدەك ئېگىزلىكتە تەكچى شەكلىدە سېلىنغان ، چۆرىسىدە كىچىك توسۇق - تېمى بولغان قۇرۇلما : ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ (ماقال) .
بېدە ــ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . بۇ ئاساسەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت - چۆپ قىلىنىدۇ ، دېھقانچىلىقتا يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ . يېڭى چىققاندا ئۇنىڭدىن چۆچۈرە ، جۇۋاۋا قاتارلىق تاماقلارمۇ ئېتىپ يېيىلىدۇ .
ئايىماق ــ ① رەھىم-شەپقەت قىلماق ، يۈز-خاتىرىسىنى قىلماق ، ئەزىز دەپ بىلمەك : ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق (ماقال) . ② ئېھتىيات قىلماق ، ئاسرىماق ، ئاۋايلىماق ، تېجىمەك : دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر ، كالتىكىڭنى ئايىما (ماقال) . * ئات ئايىغان ئات مىنەر ، كىيىم ئايىغان تون كىيەر (ماقال) . ③ يوشۇرماق ، قىزغانماق : خۇدا ئۇنىڭدىن ھېچنىېمىنى ئايىماي ، سېمىزلىك ۋە ساغلاملىقنى ئەڭ ئالىي مۇكاپات سۈپىتىدە بەخشەندە قىپتۇ .
كاشىلا ــ ماشىنا ۋە ھەر خىل ئەسۋابلارنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نورمالسىزلىق : ماشىنىنىڭ ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنىدى . ② توسقۇنلۇق ، دەخلى ؛ چاتاق : كاشىلا بولماق . كاشىلا قىلماق . * سۆز قوغلىغان كاشىلىغا يولۇقار ، يول قوغلىغان خەزىنىگە يولۇقار (ماقال) .
خورسىنماق ــ بىرەر غەم - ئەندىشە ، تەشۋىش ، مەغلۇبىيەت تۈپەيلى ئېغىر نەپەس چىقارماق ، ئۇھ تارتماق ، خورلۇق ھېس قىلماق : روشەننىڭ ئاياغ تىۋىشى يىراقلاشقاندىن كېيىن ، تالىپ ئېغىر خورسىنىپ قويدى .
يالتايماق ــ بىرەر سەۋەب تۈپەيلى قىلماقچى بولغان گەپ - سۆز ياكى ئىش - ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەك ؛ ئەسلىي ھالدىن ئۆزگىرىپ قالماق ، يېنىۋالماق : مەن نامەت توغرۇلۇق ئويلاشتىن تېزلا يالتايدىم - دە ، ئۇنىڭ يېنىدا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇخلاۋاتقان قۇرماش ئىسىملىك قازاق يىگىتكە قارىدىم .
ۋەج ــ ① سەۋەب ، مۇددىئا ، مەقسەت ؛ باھانە : ۋەج كۆرسەتمەك . ② مال - مۈلۈك ، دەپىنە - دۇنيا : ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال) .
ئۆگەي ــ ① ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا ياكى ئاپىسى ئەمەس (بالىلارغا نىسبەتەن) : ئۆگەي ئاتا . ئۆگەي ئانا . ② ھازىرقى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى ئۆزى تۇغمىغان (ئاتا ياكى ئاپىغا نىسبەتەن) : ئۆگەي ئوغۇل . ئۆگەي قىز . ③ بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان ياكى بىر ئاتىدىن بولمىغان ، ئانىسى ياكى ئاتىسى باشقا (پەرزەنتلەر بىر- بىرىگە نىسبەتەن) : نەچچە قېتىم ئۆلۈپلا تۈگىشەي دەپ ئويلىدىم . ئۆگەي بولسىمۇ يەنە شۇ ئىنىمغا تارتىشىپ ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەلدىم . ④ يات : باشقا يۇرتتىن كەلدى دەپ ئۆگەي كۆرۈپ قالارمۇ .
تەشنا ــ ① سۇسىرىغان ، چاڭقىغان ؛ سۇغا زار : بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا (ماقال) . ② موھتاج ، ئىنتىزار : تەشنا بولماق .
قاينىماق ــ ① چۆگۈن ، قازان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى سويۇقلۇق كۈچلۈك ئوتنىڭ ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلى قىزىپ ، پار ھاسىل قىلىپ ، ۋاراقلاپ تۇرماق ؛ قىزىقلىقى مەلۇم دەرىجىگە يەتمەك : چاي قاينىماق . شورپا قاينىماق . * چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن ، قازان قاينىسۇن (ماقال) . ② پىشماق ، پىشىپ يېيىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك : ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىماس (ماقال) . ③ ئۆرلىمەك ؛ تۇتماق ، كەلمەك : تەيجىنىڭ زەردىسى قاينىدى ، ئۇ بەزمىنى توختاتتى . ④ جانلانماق ، قىزىماق ، قىزىپ كەتمەك : تىياتىرخانىنىڭ ئالدى خۇددى بايرام كۈنلىرىدىكىدەك قاينىغانىدى ، مەن ئالدىراپ كۇلۇب ئىچىگە كىردىم . ئويۇن ئاللىقاچان باشلىنىپ كېتىپتۇ . ⑤ كۆپەيمەك : كوچىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ . ⑥ خاپا بولماق ، چېچىلماق ؛ ئاچچىقلانماق ؛ تېرىكمەك : خەيرىنسا ئېرىنىڭ نېمىگە قايناۋاتقانلىقىنى ئەمدىلا چۈشەندى .
سىغماق ــ ① مەلۇم بىر دائىرە ئىچىگە ئورۇنلاشماق ، جايلاشماق ، پاتماق : بەش قول ئېغىزغا سىغماس (ماقال) . * ئىككى قىلىچ بىر غىلاپقا سىغماس (ماقال) . ② مۇۋاپىق ، ئۇيغۇن ، ماس ، لايىق كەلمەك : سۆز قىل سىغار يەرگە ، سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە (ماقال) . ③ ياراشماق ، ماس كەلمەك (كىيىم - كېچەك ھەققىدە) : كۈل رەڭ كىيىملەر ساڭا تازا سىغمايدىكەن ، ئەڭ ياخشىسى سەن قارا رەڭلىك رەختتىن كىيسەڭ بولغۇدەك .
ياماق ــ ① بىرەر نەرسىنىڭ يىرتىلغان ، تېشىلگەن ياكى ئۈزۈلگەن جايىنى ياماش ، پۈتۈنلەش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇيۇم ، لاتا : ياماق سالماق . * ياخشى سۆزگە قۇلاق سال ، يامان سۆزگە ياماق سال (ماقال) . * ئۈستىدىكى ياماق سېلىنغان شىمىنى ۋە شورلىشىپ كەتكەن بەتىنكىسىگە قاراپ ئۇنى مەلۇماتلىق بىر زىيالىي دېيىشكە بولاتتى . ② ياماشقا تېگىشلىك بولغان ، يامىمىسا بولمايدىغان جاي : بۇ يۇرتتا ھېچكىم باشقىلارغا ياماق ياماتمايدۇ ، شۇنداقلا ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامىقىنىمۇ يامىمايدىغان ئادەت بار ئىكەن . ③ ياماق سېلىنغان ، يامالغان ، تىكىلگەن : قوشماق ئاكا ئۆز ئۈستىدىكى ياماق يوتقاننى سوغۇقتىن لاغىلداپ تىترەۋاتقان كەنجى ئوغلى قاسىمنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى .
سۆسەر ــ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ، تۆت پۇتى قىسقا ، قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك ، ئاڭلاش سەزگۈسى كۈچلۈك كېلىدۇ . تۈرى كۆپ بولۇپ ، تېرىسى ئەتىۋارلىنىدۇ .
قۇلاقچا ــ كۆرپە ، تېرە ، رەخت قاتارلىقلاردىن ئىككى تەرىپىگە ئىككى قۇلاق چىقىرىپ تىكىلىدىغان قىشلىق باش كىيىمى .
تۈگۈن ــ ① ئارغامچا ، يىپ ، لېنتا ، تاسما قاتارلىقلارنىڭ باغلاپ ئۇلانغان ياكى سىرتماق قىلىپ چىگىلگەن يېرى : بىزنىڭ زاۋۇتتىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈن تۈگۈشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ . ② باغلاپ ، ئوراپ ، بوغچىلاپ چىگىلگەن نەرسە ؛ باغ ، بوغچا : ئۇ قىزىل يىپەك يىپ بىلەن باغلانغان بۇ تۈگۈننى يېشىپ ، ئىچىدىكى چوڭ ئاق شايى ياغلىقنى ئېچىپ قارىدى . ③ يىغىش ۋە تۈرۈشتىن ھاسىل بولغان ، تومپىيىپ چىققان جاي : باتۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ۋاڭنىڭ قويۇق قاشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر تۈگۈن پەيدا بولۇپ ، سەل تۈرۈلدى . ④ ئاساسىي يول ۋە لىنىيىلەرنىڭ تۇتاشقان ئېغىزى : قۇتۇبى ئورمانچىلىق مەيدانى قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا ، بۇ يەردىن ئاپتوموبىللار كۆپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ . ⑤ ۋەقە ، ھادىسە ، ئىش پائالىيەت قاتارلىقلارنىڭ گىرەلەشكەن ، يىغىلغان مۇھىم نۇقتىسى : مەسىلىنىڭ تۈگۈنى . كۈرەشنىڭ تۈگۈنى .⑥ بەدىئىي ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى : تۈگۈن يېشىلسە ، ئەسەردىكى ئاساسىي تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ . ⑦ كۆڭۈلدە ساقلانغان ، يېشىلمىگەن ، گۇمانلىق ، سىرلىق ئەھۋال ، نەرسە : قانداقتۇر بىر تۈگۈن كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى . ⑧ بىرلىككە كەلگەن پىكىر : ئەپچىلەم ئېتىز يوللىرىدا ئاغىنىلىرى بىلەن تېپىشىپ ، بىر تۈگۈنگە كېلىشىپ ، كۆڭلى ئامان بوپتۇ .
خۇرجۇن ــ ئىچىگە نەرسە - كېرەك قاچىلىنىدىغان ، ئۇلاغقا ئارتىشقا باب قىلىپ يىپ ياكى يۇڭدىن توقۇلىدىغان ئىككى باشلىق قاپ : ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن (ماقال) .
ئوتۇن ــ كېسىپ ، يېرىپ ئوت قالاش ئۈچۈن تەييارلانغان ياغاچ ، شاخ - شۇمبا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر ، ئومۇمەن ئوت قالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ياغاچلار : ئوت بار يەردە تۈتۈن بار ، سۇ بار يەردە ئوتۇن بار (ماقال) .
چاتقال ــ ① بويى پاكار ، توپ - توپ بولۇپ ، شاخلىنىپ ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق بىر خىل ئۆسۈملۈك . ② تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى .
ئۈزەڭگە ــ ئات - ئۇلاغقا مىنگەندە ، دەسسەپ چىقىش ئۈچۈن تاسما باغ ئارقىلىق ئېگەر ياكى چومغا بېكىتىپ قويۇلىدىغان جابدۇق . ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ : ئاتتىن چۈشسە ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەس (ماقال) .
مۈگدەك ــ ئويغاق بىلەن ئۇيقۇنىڭ ئارىلىقىدىكى ھالەت : كۆپ مىقداردىكى كۆچۈرۈپ يېزىش تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگەندە بالىلارنىڭ قوللىرى تېلىپلا قالماستىن ، بەزى بالىلارنى مۈگدەك باسىدۇ .
ھاياتبەخىش ــ ھايات ئاتا قىلىدىغان؛ جانلىقنىڭ ياشىشى ئۈچۈن شەرت -شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان، كۈچ-قۇۋۋەت ، تېتىكلىك ۋە زوق - شوق بېغىشلايدىغان : ھاياتبەخش ئەتمەك .
باراقسان ــ قۇيۇق، بۈك، باغجانلاشقان .
نەپس ــ ① كىشىلەردىكى يېيىش - ئىچىش ، مال - دۇنياغا بولغان ھەۋەس ، قىزىقىش ئەگەر : پۇشايمانغا دۇچار بولۇشتىن خاتىرجەم بولاي دېسەڭ ، نەپسىڭگە ئەگىشىپ خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلىشقا كىرىشمە . ② شەھۋانىي ھەۋەس ، تەلەپ : - قارىغاندا بۇ ئايالنىڭ نەپسى ياماندەك قىلىدۇ . نەپسىڭنى يىغ ، ئۆزۈڭنى ؛ ئالدۇرۇپ قويما ، يەنە ، - دېدى ئۇ ماڭا مەنىلىك قىلىپ .
غۇيۇلدىماق ــ «غۇي - غۇي» قىلغان ئاۋاز چىقارماق ، «غۇي - غۇي» قىلماق : ھەربىي ماشىنا غۇيۇلداپ مېڭىپ كەتتى .
تىۋىش ــ ① مەلۇم ھەرىكەتتىن ئاڭلانغان ئاۋاز ، شەپە : تاشقىرىدا دۈپۈرلىگەن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى . ② كۆچمە . بىرەر نەرسە ھەققىدىكى ئۇچۇر ، شەپە ، خەۋەر : كەچ پېشىنگىچە ھېچ يەردىن ئۇنىڭ تىۋىشىنى ئالالمىدى .
مەسە ــ خۇرۇم ، چىگرىن ۋە شاۋرۇن قاتارلىقلاردىن ئۇزۇن قونچلۇق ، چەمى يۇمشاق ۋە كەش ياكى كالاچ سېپىپ كىيىشكە باب قىلىپ تىكىلگەن بىر خىل مىللىي ئاياغ كىيىمى .
كالاچ ــ ئۆتۈك ، مەسە ، بەتىنكە ، شىبلىت قاتارلىق ئاياغلارنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كىيىدىغان رېزىنكە ئاياغ كىيىمى : ئەخمەت ئالىقانلىرى بىلەن باينىڭ كالىچىنى سۈرتۈۋاتاتتى .
قامچا ــ ئات - ئۇلاغلارنى ئۇرۇپ ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، تاسما ، كىرىچ ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن چاچتەك ئۆرۈپ ياسىلىدىغان دەستىلىك سايمان : ياخشى ئاتقا قامچا لازىم ئەمەس ، ياخشى ئادەمگە سۆز (ماقال) .
مەمنۇنىيەت ــ خۇشاللانغان ، خۇرسەن ، مەمنۇن بولغان ھالەت ؛ مەمنۇن بولۇش ، مەمنۇنلۇق ، خۇرسەنلىك : شۇنداق چاغلاردا روزىئاخۇن بىلەن ئايخان ئايلا مەمنۇنىيەت بىلەن خۇدادىن ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ ئۇزاق دۇئا قىلىپ كېتىشەتتى .
بەيگە ــ ① ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى :ئات بەيگىسى . ② مۇسابىقە ، بەسلىشىش : كېلىڭلار بەيگىگە دوستلار ، سىنايلى جەڭدە غەيرەتنى ، جاسارەتنى كۆرەك ئەيلەپ ، تەشەككۇر مۇنبىرى كەلدى .
سوۋغا ــ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ، كۆڭلىنى ئېلىش ، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن بېرىلىدىغان نەرسە ، ھەدىيە .
دېرىكتور ــ مەلۇم كارخانا ياكى شىركەتنىڭ مەسئۇلى .
ئۇلاشماق ــ ① بىرىنىڭ ئاخىرىغا بىرى تۇتاشقان ، ئۇلانغان ، باغلانغان ھالەتتە بولماق : پەسىل كەينىدىن پەسىل ، ئىش كەينىدىن ئىش بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋەردى . * سۆزىنىڭ باش - ئايىغى ئۇلاشمىدى . ② يېقىنلاشماق ، تەڭلەشمەك : ئوتتۇز ياشقا ئۇلاشتىڭ ، مۇبارەك تويۇڭ ۋەتەن . چاقنىسۇن گۈزەل ، كۆركەم ، گۆھەردەك بويۇڭ ۋەتەن . ③ يېتىپ كەلمەك ، يەتمەك : بۇلار چۈشكە يېقىن بىر يولغا ئۇلىشىپتۇ . ④ ئېرىشمەك، ئىگە بولماق : نەچچە يىلدىن بېرى ئاتىمۇ ، ئانىمۇ يىراق - يېقىن دېمەي ھەر تەرەپكە كىشى قويغان بولسىمۇ ، دىتىغا ياققۇدەك كېلىنگە ئۇلىشالمىدى .
غايىبانە ــ ① ئۆزىنى كۆرمىگەن ياكى سۆھبەتلەشمىگەن ھالدا ، سىرتتىن : مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك كۈچى غايىبانە ھالدا ئۇنى ئەسىر ئەتتى . ② ئۆزىنى كۆرمىگەن ، نامەلۇم : قىزنىڭ كۆزى يەنە ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە پەرمانقۇلنى كۆرۈپتۇ . شۇندىن كېيىن قىز بۇ غايىبانە يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ .
دەپنە ــ ئۆلۈكنى يەرلىككە قويۇش ، كۆمۈش : نۇرىدىن ۋەسىيىتىنى تۈگىتىپلا جان ئۈزۈپتۇ . شاھمۇ ، ئەمىرلەرمۇ قايغۇرۇشۇپتۇ . شاھ ۋەزىرلەر دەپنە رەسمىيەتلىرىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ ، كۆمۈپ قويۇپتۇ .
ناسىۋال ــ كۆك تاماكا بىلەن چاكاندا كغلىنى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بىر خىل چېكىملىك: سادىق بوۋاي ئاچچىقىنى بىر چىمدىم ناسۋال بىلەن بېسىپ ، ناسىرنىڭ بىقىنىدىن ئورۇن ئالدى .
خۇمار ــ ① ئادەتلىنىش تۈپەيلى بىرەر نەرسىگە قارىتا كۆڭلىدە ھاسىل بولغان كۈچلۈك بىر خىل تەشنالىق ؛ زور ئىستەك : خۇمارى تۇتماق . خۇمارى يېشىلمەك . ② بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشكە ئىشتىياق باغلىغان ؛ ياخشى كۆرىدىغان ، ھەۋەس قىلىدىغان : گۈل خۇمار ئادەم . ناخشا خۇمار . گەپ خۇمار . ئادەم . خۇمار .
بولقا ــ مىخ قاتارلىق نەرسىلەرنى قېقىش ، تۆمۈر ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈستىنى تەكشىلەش ۋە ئېگىشكە ئوخشاش ئىشلاردا قوللىنىلىدىغان ياغاچ دەستىلىك پولات ياكى ياغاچ سايمان .
سىقىم ــ ① قولنىڭ بارماق ۋە ئالىقانلىرىنىڭ بىرەر نەرسىنى چاڭگاللاپ، سىققان ۋاقىتتىكى ھالىتى : باي - شاڭيو دەمدۇ ، شەنگەن - يايى دەمدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئاچسا ئالىقىنىدىكى ، يۇمسا سىقىمىدىكى كىشىلەر بولۇپ قالدۇق . ② ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئۆزىنى ئېنىقلاپ كەلگەن نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ : مېكىياننىڭ خىيالى بىر سىقىم تېرىق (ماقال) .
تاۋاپ ــ مۇقەددەس ئورۇنلارغا قىلىنغان زىيارەت : تاۋاپ قىلماق .
ئۇچقۇن ــ ① كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ چاچرىشىدىن ياكى نەرسىلەرنى سۈركەشتىن چىققان ئوت پارچىسى : تاماكا ئورۇدۇم ، ئەمما ئىچىگە قۇم-توپا توشۇپ كەتكەن چاقمىقىمدىن بىرەر تال ئۇچقۇنمۇ چىقمىدى . ② نەرسىلەرنىڭ چاچرىغان ، توزىغان ئۇششاق پارچىلىرى ، زەررىچىلىرى : قاش قارايغان چاغ ھاۋا سوغۇق ، ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداپ تۇراتتى .   ③ سەزگۈ ، ھېسسىيات ، رەھىي ھالەت قاتارلىقلار ئىپادىلەنگەن كىشى سىياقىدىكى مەلۇم ئالامەت ، بەلگە : مەستۈرەنىڭ كۆزلىرىدە كۈلۈمسىرەش ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى .
كولخوز ــ كونا. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان، كوللېكتىپ بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى .
بوتقا ــ تويدا قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ھاردۇق سوراش يۈزىسىدىن گۈرۈچ ، ماي ، گۆش قاتارلىقلار بىلەن ئېتىلىدىغان بىر خىل تاماق .
تايغان ــ ① ئىتنىڭ بىر خىلى . بېلى ئىنچىكە ، پاچىقى ئۇزۇن ۋە يۈگۈرۈك كېلىدۇ ؛ ئادەتتە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ۋە ئوۋغا ئىشلىتىلىدۇ . ② تىۋىتى ، تۈكى ، مويى پەس : تايغان تېرە .
سۆزسىز ــ ① سۆزى يوق ، سۆز قىلمايدىغان ؛ ئاۋازسىز : سۆزسىز ئولتۇرماق . سۆزسىز ماڭماق . ② شەرتسىز ، شۈبھىسىز ؛ چوقۇم : سۆزسىز ئىتائەت قىلماق . سۆزسىز بويسۇنماق . سۆزسىز قوبۇل قىلماق .
سەندەل ــ ① تۆمۈرچى ، زەرگەر ، مىسكەرلەرنىڭ تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۈستىدە قويۇپ ، بولقا ياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋابى . ②سەندەل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ . ياغىچى چىڭ ۋە خۇش پۇراق ، ئۇنىڭدىن قورال - جابدۇق ياسىغىلى ، مېۋىلەرنى ئىسلىغىلى ياكى دورا ۋە پۇراقلىق ماتېرىياللارنى چەككىلەپ ئالغىلى بولىدۇ . ③ شۇ خىل دەرەخنىڭ ياغىچى . ④ قىشنىڭ كۈنلىرى سوغۇقتا پۇت - قوللارنى ئىسسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ، ئىچىگە چوغ سېلىپ قويۇلىدىغان ، تەلەڭگە شەكىللىك بىر خىل سايمان ؛ چوغدان . ⑤ يىغسا يىغقىلى بولىدىغان ، كىچىك ھەم ئەپچىل قىلىپ ياسىلىدىغان بىر خىل ئورۇندۇق .
يورغا ــ رېتىمىنى بۇزماي ، بىرخىلدا ھەم سىلىق ھەم يۈگۈرگەندەك ئىتتىك ماڭىدىغان ئات : يورغىسىغا چۈشمەك . * يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار ، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار (ماقال) . ∥ يورغا ئات .
پۈتمەك ــ ① ئاخىرىغا يەتمەك ، تاماملانماق ، تۈگىمەك ، ئاياغلاشماق : تەييارلىق پۈتمەك . * پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما ، ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا (ماقال) . ② تەييار بولماق : كىيىم پۈتمەك . * كۆپچىلىكنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىلىق قۇرۇلۇش مۆلچەرلىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتى . ③ يازماق ، خاتىرىلىمەك : ئامان شاھ ئۆز شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن ، دەرھال بىر پۈتۈك پۈتۈپ ئەلچىلەرگە تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ .④ ئىچىدىكى بوشلۇق تىنىپ كەتمەك ، تۆشۈكى ئېتىلىپ قالماق ؛ پۈتەي ھالەتكە كەلمەك : يىڭنىنىڭ تۆشۈكى پۈتۈپ قاپتۇ . ⑤ بوغۇلماق ، گاراڭ بولۇپ قالماق : ئۇنىڭ قۇلىقى پۈتۈپ قاپتۇ . * ناخشىچى قىزنىڭ ئاۋازى بىرئاز پۈتۈپ قالدى .
شەلپەر ــ پاختا ۋە يىپەكتىن توقۇلغان قىزىل رەخت : ۋاڭنىڭ ئالدىدىكى كالا بېشىغا شەلپەر چىگىلگەنىدى . ∥ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەلپەر كۆڭلەك ئايدىڭغا ياقتى بولغاي ، ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئايلاندۇرۇپ كۆردى .
پاراۋوز ــ پويىزنىڭ ۋاگونلارنى سۆرەپ ماڭىدىغان قىسمى ، بۇقىسى . ئۇنىڭ پار ، ئېلېكتر كۈچى ، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل قاتارلىقلار ئارقىلىق ماڭىدىغان بىر نەچچە خىللىرى بولىدۇ .
بۇرۇتى خەت تارتمىغان ــ بۇرۇت ئورنىدىكى سېرىق تۈكلەر قارداپ ئاشكارە بولمىغان.
مەزمۇت ــ ① پۇختا ، چىڭ ، مۇستەھكەم : تومىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ مەزمۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى . ② قاۋۇل ، كۈچلۈك : مەزمۇت گەۋدە . مەزمۇت ئادەم . ③ چىڭ ، پۇختا ، تەۋرەنمەي : مەزمۇت قەدەم تاشلىماق . ④ ئىشەنچلىك ، راست : شوپۇرنىڭ چىرايىدا بىر خىل ساددىلىق ھەمدە ئۆز گېپىنىڭ توغرا ، مەزمۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىپادە بار ئىدى .
تەڭتۈش ــ ياش جەھەتتىن تەڭ ، قۇرداش ، بىردېمەتلىك : ئۇلار سەمەتنىڭ تەڭتۇش ، سىرداش دوستلىرى ئىدى . ∥قادىر كۈندۈزنى ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن ئاشخانىدا ئۆتكۈزدى .
خۇسۇسەن ــ باشقىلاردىن كۆرە ، بولۇپمۇ : ئۆسمۈرلەرگە ، خۇسۇسەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم .
مەنمەنچى ــ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئادەم : مەنمەنچى ھوقۇقدار سۆزىدىن توختاپ ، ئىككىنچى قېتىم يانچۇقىدىن تۆگە ماركىلىق تاماكىسى ئالغاندىن كېيىن ، بارماق تىرنىقىغا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇپ قويۇپ تۇتاشتۇردى .
تەنتەك ــ ① ئۆزىنى توختاتمىغان ، شوخ : ئۇ ھازىر ياشلىق يىللىرىدىكىدەك قارام ۋە تەنتەك ئەمەس ئىدى . ② بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئالدى - كەينىنى ، ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىمايدىغان ؛ ئالدىراڭغۇ : تەنتەك ئادەم . تەنتەك بالا . ③ توسۇن ، ئويناق : مەشۇرئاخۇن بولسا تەنتەك تورپاقتىن ئېھتىيات قىلىپ ، بۇقۇسىغا يانپىشىچە يۆلىنىپ تۇراتتى .
كەنجى ــ ① پەرزەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كېيىن تۇغۇلغىنى ، ئەڭ ئاخىرقى پەرزەنت : توختى ئاكامنىڭ كەنجىسى ، 11 ياشلىق پەرىدە . بۇ يىل تۆتتە ئوقۇيدۇ ، نومۇرى يۈز ھەممىدە . ② ھەممىدىن كىچىك ، باشقىلىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان : سىيىت ئاكا كەنجى ئوغلىغا «تۇرسۇن» دەپ ئات قويۇپتۇ . ③ ئەڭ كىچىك ، ئەڭ كېيىن تۇغۇلغان (ھايۋانلار ھەققىدە) : كەنجى قارلىغاچ . كەنجى ئاسلان . ④ نىسبەتەن كېيىنرەك تېرىلىدىغان ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىشىدىغان (تۈرلۈك زىرائەتلەر ھەققىدە) : كەنجى قوغۇن . كەنجى قوناق . ⑤ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ياكى نۆۋەت ، ئەڭ ئاخىرقى رەت : تۇنجى قېتىم ، ياق ئۇ كەنجىسى ، كۈلۈمسىرەپ ۋىسال غۇنچىسى ، بىز سۆزلەشتۇق ئۆتمەي بىر مىنۇت ، باشقا تەگدى زالىم قامچىسى . ⑥ دەرىجە، ئۇنۋان جەھەتتە تۆۋەن تۇرىدىغان، مەرتىۋىسى تۆۋەن، تۆۋەن دەرىجىلىك: بىرپەستىن كېيىن كەنجى سەركەردە - سەرۋازلار ئىككى قاتارغا بۆلۈنگەن ھالدا كىرىپ كېلىشتى .
فرونت ــ ① ئۇرۇش ۋاقتىدا ، دۈشمەن قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جاي، جەڭ مەيدانى ؛ ئالدىنقى سەپ : شۇ كەچتە پۈتۈن شەھەر خەلقى فرونتقا كېتىۋاتقان ئوغۇلقىز جەڭچىلەر بىلەن قىيقاس - چۇقانلار ئىچىدە خۇشلاشتى .② ئاتموسفېرادىكى سوغۇق ھاۋا ماسسىسى بىلەن ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تار ، ئۆتكۈنچى بەلۋاغ .
پاتپاراق ــ  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قالايمىقان ، تەرتىپسىز ھالەت ؛ ئاۋاز : پاتىپاراق بولماق . * دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى .
داجىش ــ چېكىنمەك كەينىگە سۈرۈلمەك ، سەل ئارقىغا يىراقلاپ.
ئوركېستىر ــ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى يىغىندىسى ۋە شۇ ئەسۋابلارنى چالىدىغان مۇزىكىچىلار كوللېكتىپى : دۇخوۋوي ئوركېستىر . تارلىق چالغۇلار ئوركېستىرى . مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئوركېستىرى .
كومىسسار ــ ①دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى . ② پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيىدىكى ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى كوماندىر بىلەن باراۋەر بولغان ئالاھىدە ۋەكىلى : سىياسىي كومىسسار .
كاساپەت ــ ① يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولغۇچى كىشى ياكى نەرسە : بۇ كاساپەتنىڭ كەينىگە كىرسەڭ بىرەر بالاغا يولۇقماي قالمايسەن . ② «بالا تەگكۈر» ، «ئۆلگۈر» دېگەن مەنىلەردىكى ھاقارەت سۆزى : مىڭلاپ-مىڭلاپ دانلار قېنى؟ ئۈجمىنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان مۇشۇ كاساپەتلەر يەپ كەتتى - دە . ③ شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ «سەۋەبى ، تۈپەيلى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : مېنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشىم ئاشۇنىڭ كاساپىتى .
بارابان ــ ئىككى يۈزىگە تېرە تارتىلغان ، يۇمىلاق قاسقانلىق ، چوكا بىلەن چالىدىغان مۇزىكا ئەسۋابى .
ھىمايە ــ ①بىرەر ئىشتا ياردەم بېرىش ؛ ھامىيلىق ؛ مەدەت : ھىمايە قىلماق . ② خەۋپ - خەتەر ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ، قوغداش ، مۇھاپىزەت ، مۇداپىئە : ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغۇچى دەپ قاراپ ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ .
كولۇننا ــ سەپكە تىزىلغان قوشۇن .
دەپسەندە ــ ئاياغ ئاستى
بەند ــ ① بېكىتىلگەن ، مىخلانغان جاي : چىن ئاشىقلار چاقار قەپەس بەندىنى ، ئىشەنگىن ئەي قەمەرشاھ دەردىڭ تۈگەيدۇ . ② باغلاق ، سولاق ، تۈگۈن ، تۇزاق ، قاپقان : يا بىر يامان دەردكە قالدى ، ياكى ئۇنى بەندكە سالدى، يا زىندانغا سولاپ ئالدى ، نە بولدى يارىم كەلمىدى . ③ ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالىتى : مەن پۇت - قولۇم ئازادە بولغىنى بىلەن قەلبىم بەند قىلىنغان ، كىشەنلەنگەن ئادەممەن . . . ④ بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل ، بوش ئەمەس : ئۇ جىددىي ئىش بىلەن بەند ئىدى . ⑤ بىرەر نەرسىگە بېرىلگەنلىك ، مەپتۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئېلىنغانلىق : تەسىرلىك ئىسكىرىپكا كۈيلىرى يەنىلا مېنى بەند قىلالمىدى . ⑥ باغلانغان ، مۇپتىلا بولغان : ئەي جاپا دەستىدە سەرگەردان يىگىت ، نەدىسەن ، تۆھمەتكە بەند ، قۇربان يىگىت؟
پېررون ــ ۋوگىزالدا يولوچىلار تۇرىدىغان چوڭ زال .
سورتلاش ئىستاسسى ــ مەھسۇلاتنى سۈپىتىگە قاراپ دەرىجىگە ئايرىيدىغان ئورۇن .
چۇلۋۇر ــ ① ئۇلاغنىڭ نوختا ۋە يۈگىنىگە بېكىتىلگەن ، ئۇلاغنى يېتىلەش ۋە باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تانا . ② بىراۋنىڭ باشقۇرۇلۇشى ، ئىختىيارى ، ئەركىنلىكى ، تەقدىرى : ئۇنىڭ چۇلۋۇرى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇشۇبىڭنىڭ قولىدا ئىدى .
پىرى ــ ① ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم ، قېرى كىشى : مەن چۈشۈمدە پىردەك چاچ - ساقىلى ئاقارغان بىر كىشىنى كۆرۈپتىمەن . ② تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى ، رەھبىرى : ئابدۇرىشىتخان : - ھەزرىتى پىرىمنىڭ خەيىرخاھلىقىغا تەشەككۈر - دېدى . ③ بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى دەپ قارىلىدىغان كىشى : ياغاچچىنىڭ پىرى . ④ بىرەر ئىش ، كەسىپ ياكى ساھەنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى ، شۇ ساھەدە ئەڭ ماھىر ، ئۇستا ئادەم ؛ ئۇستاز : - ئوينىماي ئولتۇرسام بىلمەمدىكىن دېمەڭ ، تانسا دېگەننىڭ پىرى بىز! - دېدى نامەت .
قامبار ــ ئادەم ئىسمى. ئات مىنىش، كۆندۈرۈشنىڭ پىرى (ئۇستازى).
 
 
9. قوش مەسچىت
مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ــ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن 1939-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ ساقىيە مەھەللىسىدە تۇغۇلغان، يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ. كۆپلىگەن كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. بۇ تېكىست ئۇنىڭ شىنجاڭ ياشلار– ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان ‹‹قوش مەسچىت›› ناملىق توپلىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
دراماتورگ ــ ئومۇمەن سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى .
ماجىرا ــ ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىز گەپ ، سۆز ، تىللىشىش ، تالىشىش ، جېدەل ، ئۇرۇشۇش : ئائىلە بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئۇششاق ماجىراسىدىن خالىي بولالمايتتى .
پاش قىلماق ــ ھەممىگە مەلۇم قىلماق ، ئاشكارا قىلماق، ئايان قىلماق.
يىرتقۇچ ــ ① يىرتىدىغان ، ئۆتكۈر : يىرتقۇچ چىشلىقلار . ② جانلىقلار بولۇپمۇ ھايۋانلار گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ، گۆشخور ، ۋەھشىي ، ياۋۇز (ھايۋانلار ھەققىدە) : يىرتقۇچ ھايۋانلار . يىرتقۇچ قۇشلار .
مەرىپەتپەرۋەر ــ مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ، مەرىپەتنى ياقلايدىغان ؛ مەرىپەت تەرەپدارى : مەرىپەتپەرۋەر ئادەم . مەرىپەتپەرۋەر زات .
دۇئاگۇي ــ پات-پات دۇئا قىلىدىغان ؛ دۇئا - تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان : دۇئاگۇي ئادەم . * مەن ئەسلىدە دۇئاگۇي ئەمەسمەن ، ئەۋلىيامۇ ئەمەسمەن ، مۇشۇنداق بىر جاھان كەزگۈچى .
خۇشپېئىل ــ مىجەز خۇلىقى ياخشى ، باشقىلارغا يېقىن مۇئامىلە قىلىدىغان،ئوچۇق چىراي ، خۇش تەبىئەت .
تەستىق ــ ① قارار قىلىپ قول قويۇش ياكى تامغا بېسىپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش : تەستىق سالماق . ② بىرەر نەرسىنىڭ توغرىلىقى ، ھەقلىقى ، راستلىقىنى دەلىللەپ بېرىدىغان پاكىت ، ئىسپات ؛ ماقۇللۇق : تەستىق سۆزى . * رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىنى ئالماي ، بۇ ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ .
تۆر ــ ① پەگاھقا نىسبەتەن يۇقىرىدىكى جاي ، ھۆرمەتلىك ئورۇن : ئۇنى مۇدىر بىلەن بوغالتىر ئادەتتىن تاشقىرى تەكەللۇپ بىلەن تۆرگە چىقىرىشتى . ② كىرىش ئېغىزىغا نىسبەتەن ئەڭ ئىچىدىكى جاي : ئۇلارنىڭ غارنىڭ تۆرىگە ھەقىقىي يەتكەن - يەتمىگەنلىكى ۋە غارنىڭ ئىچىدىن نېمىلەرنى ئەكەتكەنلىكى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس . ③ چوڭقۇر قاتلام : تەلىيىم باركى ، تۇغۇلدۇم شۇ شەھەرنىڭ قوينىدا ، تۈن ۋە كۈن كۆڭلۈم تۆرىدە بەر قاراردۇر كاشىغەر .
گەجگە ــ گەدەننىڭ ئاستى ، دۈمبىنىڭ يۇقىرى قىسمى ؛ غول : گەجگە سۆڭىكى . گەجگىسىنى تاتىلىماق . گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن .
ئىزا ــ ئۇيىلىش تۇيغۇسى ؛ ئۇيات ، خىجالەت ، نومۇس : ئىزا تارتماق . ئىزاغا قالماق . * ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق (ماقال) .
ھەقەمسايە ــ ① قوشنا . ② دوست - بۇرادەر ، ئاغىنە : بۇغا ھەقەمسايىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئېچىنىپ تۇرغانىكەن .
نائەھلى ــ پەس، ۋىجدانسىز، ئىپلاس:- ھۇ نائەھلىي، ئىنساپسىز ئوغرىلار! كۈچۈكۈم- كۈچۈكۈم دېسە . . . ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىۋاتىسىلەر! - دېدى ھېلىقى كىشى ئاچچىقىغا پايلىماي .
ناجىنىس ــ  بۇزۇق ، ئىپلاس ، پەس ، رەسۋا : -كىم بولاتتى ، ھېلىقى جەننەت دېگەن ناجىنس ، ناقىسچۇ،- مارى خان ئاچچىق بىلەن غۇدۇڭشىدى .
تەۋەللۇت ــ تۇغۇلۇش ؛تۇغۇت : ئۇ تەۋەللۇتتىكى خوتۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدى .
ھالاۋەت ــ لەززەت ، زوق ؛ راھەت - پاراغەت : ھالاۋەت كۆرمەك . * جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق (ماقال) .
تاپاۋەت ــ پايدا،  كىرىم.
قۇربانلىق ــ① قۇربان ھېيتتا خۇدا يولىدا ، گۆشى ھالال بولغان ئۆي ھايۋىنىنى سويۇش : قۇربانلىق قىلماق . ② قۇربان قىلىشقا ، قۇربان ھېيتقا ئاتاپ خۇدا يولىدا سويۇلغان ياكى سويۇلىدىغان : قۇربانلىق قوي . ③ باشقا بىركىم ، بىر تەرەپنىڭ ئىشى ، مەقسىتى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ، بىھۇدە تارتىلغان زور بەدەل ، زىيان : سەن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز قۇربانلىققا ئايلىنىپ كەتتىڭ ، سەن بۇنى تا ئۆلگۈچە چۈشەنمىدىڭ .
ۋەخپە ــ ① مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت ، مەدرىسە ، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان مۈلۈك (يەر ، سۇ ، ئۆي - ئىمارەت ، مال-چارۋا قاتارلىقلار) : بۇ يۇرتنىڭ زاراخەتمىسىدە ، مەيلى ئۇ مازار ۋەخپىسىنىڭ كىرىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى باي ، نامراتلارنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلسۇن ، ئۇماچلا ئېتىلەتتى . ② مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت ، مەدرىسە ، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان : ۋەخپە يەر .
شەرىئەت ــ ① مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئاساسىدا تۈزۈلگەن دىنىي ئىشلار ، جىنايى ئىشلار ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن - قائىدىلىرىنىڭ جۇغلانمىسى ، ئىسلام دىنى قانۇنى : شەرىئەتنىڭ يەتمىش ئىككى پۇتىقى بار (ماقال) . ② دەۋا ئىشلىرىنى دىنىي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن ، قازىخانا ؛ سوت مەھكىمىسى : ئۇلار تەگىشىپ ، سەن - پەن دېيىشىپ قاپتۇ . جېدەل ئۇلغىيىپ شەرىئەتكە بېرىشىپتۇ .
نىقاب ــ ① ئۆزىنى تونۇتماسلىق ياكى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يۈزگە تۇتۇلىدىغان ، كىيىلىدىغان نەرسە : تاشۋاي ئاستا جۈمەنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە يۈزىدىكى نىقابنى چۆرۈپ تاشلىدى . ② ھەقىقىي ھال - ئەھۋال ، قىياپەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى پەردازلىغۇچى ،يوشۇرغۇچى نەرسە ، ۋاسىتە : تۈنۈگۈن «ئىلغار»لىق نىقابقا ئورىنىۋالغانلار بۈگۈن نىقابنى يىرتىپ تاشلاپ، جاللاتلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى .
رىشالە ــ شېكەر بىلەن تۇخۇم ئېقىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان رەڭگى ئاق بىر خىل قويۇق يېمەكلىك : داستىخانغا ھالۋا ، قايماق ، رىشالە ، قويۇقئاشلار تارتىلىپتۇ .
يالماۋۇز ــ ئەپسانىلەردىكى ھەر خىل قىياپەتكە ئۆزگىرەلەيدىغان ياكى باشقىلارنى سېھرىي كۈچى بىلەن ھەر خىل قىياپەتكە كەلتۈرەلەيدىغان ھەمدە ئالدىغا كەلگەن نەرسىنى يەپ تۈگىتىدىغان مەخلۇق ؛ جادۇگەر : يەتتە باشلىق يالماۋۇز .
سەركەردە ــ ① لەرشكەر بېشى ، قوماندان : سوپىئاخۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئىنتايىن غەلىبىلىك جەڭ قىلىۋاتقان خەلقنىڭ مەشھۇر سەركەردىلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەنىدى . ② يولباشچى ، باشلىق : - جانابلىرى دانىشمەن سەركەردىمىزنى خاتىرە شەرىپلىرىدىن چىقىرىپ قويمىغانلا ، - دېدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن .
تەرەددۇت ــ تەييارلىق ، ھازىرلىق : ھازىر جىددىي تەرەددۇت قىلىپ ، بۇ كىشىلەرنى ئىزدەڭلەر .
دەۋا ــ ① ئۆز ئىگىلىكىدىكى مال - مۈلۈك ، ھەق تەلەپنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قويۇلغان تەلەپ ؛ ئەرز : ئوغرى - دەۋانىڭ ئۇرۇقى ، چېچەندەۋانىڭ قۇيرۇقى (ماقال) . ② تەپتىش ئورگانلىرى ، سوت مەھكىمىسى ۋە ھەق تەلەپ ئەنزىلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ، جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى . ③ باشقىلارنى ئەيىبلەپ ، قارىلاپ قىلىنغان شىكايەت ، ئەرز : كۈندە نەچچە ئادەمنىڭ دەۋا ، تەنە-تاپىلىرىنى ئاڭلايمەن . ④ ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش يولىدا ئېيتىلغان پىكىر ، مۇلاھىزە ؛ تالاش - تارتىش : چالا - پۇچۇق بىرنەچچە كىتابنى ۋاراقلاپ چىقىپلا ئالىملىق دەۋاسىنى قىلىدىغان ئادەملەرمۇ چىقىپ تۇرىدۇ .
ئىختىلاپ ــ قارىمۇ قارشى، كېلىشمەسلىك، زىددىيەت، نىزا .
 
 
10. كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ــ (1933-1995)ئالىم، پروفېسسور، ئەدىب.
مۇقەددىمە ــ ① ئىلمىي ، ئەدەبىي ، مۇزىكا ، تىياتىر ئەسەرلىرى ۋە گەپ-سۆز ، نۇتۇق قاتارلىقلارنىڭ كىرىش قىسمى ، باشلىنىشى : كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى . مۇزىكىنىڭ مۇقەددىمىسى . ② بىرەر ئىشنىڭ بېشى ، دەسلەپكى باسقۇچى : ئەتىكى توينىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابىدىكى بۇ ئۇسسۇل سورۇنى كەچ كىرگەنچە قىزىشقا باشلىدى .
برونزا ــ ① مىسنىڭ قوغۇشۇن ، قەلەي ، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىسى . ② شۇ قېتىشمىدىن ياسالغان تۈرلۈك قورال- جابدۇقلار . ③ (ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى) كىشىلەر برونزىدىن ياسالغان قورال - جابدۇقلارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ھەم برونزا قوراللارنى ئىشلەتكەن : برونزا دەۋرى .
دەستۇر ــ ① ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما ، نىزام ، كىتاب ؛ قائىدە - قانۇنلار توپلىمى : پۈتۈلگەن دەستۇرنى ئاۋايلاپ ئاچتىم . ② تېبابەت رېتسېىپلىرى مەجمۇئەسى : سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قورساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى .
دەجلە ــ جاي نامى . (دەريا نامى)
فرات ئارىلى ــ ئارال نامى .
مىخ يېزىق ــ قەدىمكى سومېر خەلقى ئىجاد قىلغان بىر خىل يېزىق. ئۇ مىلادىيىدىن 3500 يىل بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چىغناق-تاغاق يېزىقىدىن 2000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان. بۇ يېزىق ياغاچ، تاش ۋە خىش تاملارغا ئويۇپ يېزىلغان ، مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىياغا خېلى كەڭ تارقالغان ، بابىلۇنلۇقلار ۋە بەزى پارس ئەللىرى ئۇنى قوللانغان . مىخ يېزىق ئەسلىدىكى تەقلىدىي يېزىق شەكلىدىن بارا-بارا بوغۇملۇق يېزىققا، ئاندىن تاۋۇشلۇق يېزىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بىراق مىلادىيىدىن كېيىن بۇ يېزىقنى كىشىلەر ئانچە قوللانمايدىغان بولۇپ قالغان .
ئىختىرا ــ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق؛ كەشپ، كەشپىيات، ئىجاد: ئىختىرا قىلماق. يېڭى ماشىنىلارنى ئىختىرا قىلماق.
مىرزىخانا ــ مىرزىلار ئىش قىلىدىغان ئۆي ، كاتىبات ئىشخانىسى : ئوڭ تەرەپتىكى شىرەلەرگە مىرزىخانىغا لازىملىق قەلەمدان ، قەغەز ، مىكە تاشلار قويۇلغان .
تاش مەتبەئە ــ مىخ مەتبەئەدىن بۇرۇن ،تاشقا خەتنى ئويۇۋېلىپ سىياھ تۆكۈپ، سىياھ ئۈستىگە قەغەز قويۇپ چىقىرىلىدىغان مەتبۇئاچىلىق.
خەزىنە ــ ① پۇل ، ئالتۇن - كۈمۈش ، تىللا ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار ساقلىنىدىغان مەخسۇس جاي ؛ ئامبار : بوۋاي خەزىنىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ئالتۇنلارنى ئېلىپ ، ھەممىسىنى خەلققە بۆلۈپ بېرىپتۇ . ② بىرەر شەخس ، تەشكىلات ياكى دۆلەت ئىختىيارىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملار ؛ مەبلەغ؛ بايلىق: توي - خۇدانىڭ خەزىنىسى (ماقال). گۈزەلشاھ كۆپچىلىككە ئەگەر بۇ بەسلىشىشتە يۈسۈپ غالىب كەلسە ، 40 قېچىرغا خەزىنە يۈكلەپ يۇرتىغا قايتۇراي ، - دەپتۇ . ③ مەدەنىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار : ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئاڭ - تۇيغۇ خەزىنىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقالايدىغان قىلىمەن .
كائىنات ــ يەر شارى ۋە باشقا بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكسىز بوشلۇق ؛ ئالەم : تاڭ سەھەر ، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن شەپەق نۇرى كائىناتنى قىزىللىققا پۈركىگەنىدى .
جاھاننامە ئەينىكى ــ جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسەتكۈچى ئەينەك .
ماھىيەت ــ ① بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ، تۈپ مەزمۇنى : بۇنىڭ ماھىيىتى مانا مۇشۇ يەردە . ② نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى بەلگىلىرى ، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىش ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش خاراكتېرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان باش ئامىل .
قىياس ــ ① ئالدىن بىلىنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن مەلۇم بولمىغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش ؛ مۆلچەر ، پەرەز : ئۇكىلىرىممۇ ، بۇ كىشىمۇ مېنىڭ بۇ قىياسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاشتى . ② ئوخشاش ، تەڭ : گۈل سۈپىتى ئادەتتە ، تەقلىد ئەڭ ئېسىل تۈرگە ، يارىڭ گۈلگە ئوخشايدۇ ، ياشلىقمۇ قىياس گۈلگە . ③ كۆز ئالدىدا بولمىغان شەيئىلەرگە نىسبەتەن ، ئويلاپ چىقىرىلغان تەسىرات ، تەسەۋۋۇر : قىياس قىلماق .
قىياسەن ــ قىياسىي رەۋىشتە ، قىياس بىلەن ، قىياسقا ئاساسلىنىپ ، قىياس بويىچە : سەمەت قەمەرنىسانى قىياسەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ، بىرنەچچە قېتىم خۇشال ئىسقىرتىپ قويدى .
ئىزاھلىغۇچى ــ تەبىر بەرگۈچى .
روزىغار ــ ① كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدىغان ئوزۇق - تۈلۈك ، يېمەك - ئىچمەك ، ئاشلىق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر ؛ ئوزۇقلۇق : ھەبىبۇللا ھاجى روزغار تەييارلاپ تەڭ كېچە مەھەل بىلەن ئاقيول تىلەپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى . ② ئۆي - جاي ، ماكان ؛ مال - مۈلۈك ، تەئەللۇقات ، ئۆي ، بىسات : موماي ئاخىرى چوڭ نەۋرىسى روشەنگۈلنى ئېلىپ قەدىمىي روزغارىغا قايتىپ كەلگەنىدى . ③ تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك : - ئۇلارغا ئەلۋەتتە روزغار كېرەك ، - دېدى ئىمام خاتىپ تۈزلا جاۋاب بېرىپ .
سۈرۈك ــ دەۋا قانۇنىدا ، دەۋا سۇبيېكتىپنىڭ ۋە باشقا ئىشتىراكچىلارنىڭ دەۋا پائالىيىتى باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ②مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن چەك بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋاقىت ، مۆھلەت ، مۇددەت : ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك بەرمەك . پادا ،توپ .
ناتىق ــ سۆزمەن ،نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارى يۇقىرى ، گەپكە ئۇستا ، گەپدان : ئۇ ناھايىتى پائالىيەتچان ، ھارماس ھەمدە ناھايىتى ناتىق ئادەم ئىدى .
كوتا ــ قىسقا ، كالتە : كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى كوتا ، كېچىسى يۈرگەن ئەرنىڭ ئۆمرى كوتا (ماقال) .
نۇسرەت ــ ① غەلىبە ،زەپەر : نۇسرەت قازانماق . * ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا نۇسرەت چوقۇم بىزنىڭ بولغۇدەك . ② مەدەت ، ياردەم : تالاي شىرزادىغا نۇسرەت ئاتا قىلغان قەدىم يۇرتتا ، ئۈنۈپ چىقتى شۇ كەچمىش جەڭ ئىزىدىن بەت ئېچىپ يۇلغۇن . ③ ئامەت ، بەخت : نۇسرەت ياغماق . * پەلەكنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشنىپ ، جاھالەتنىڭ ھىمايىسى بىلەن قولۇڭغا كەلگەن بىر مەزگىللىك نۇسرەتنى كۆرۈپ ، كۆرەڭلەپ كەتمە . ④ ئەر- ئاياللارنىڭ ئىسمى .
كىتاب ئاشنالىرى ــ كىتاب خۇمارلىرى ، كىتاب مەستانىلىرى .
ئوڭ تاناسىپ ــ ئىككى مىقدار(bبىلەن a) نىڭ بىرسى (a) بىرقانچە ھەسسە چوڭايسا (ياكى كىچىكلىسە) ئىككىنچى بىر مىقدار ( b) مۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوخشاش ھەسسە چوڭايسا (ياكى كىچىكلىسە) ، بۇ ئىككى مىقدارنىڭ ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتى ئوڭ تاناسىپ دېيىلىدۇ ۋەba قىلىپ يېزىلىدۇ . بەزىدە قىسقىچە ئوڭ نىسبەتمۇ دېيىلىدۇ .
ئىشرەت جاھازىلىرى ــ ھاراق ۋە باشقا زىننەت بويۇملىرىنى قويۇشقا ئىشلىتىدىغان ئىشكاپلارنى كۆرسىتىدۇ .
ئەنقا ــ رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ناھايىتى چوڭ ، ھەيۋەتلىك ئەپسانىۋى قۇش .
غەۋۋاس ــ ① سۇ ئاستىغا چۈشۈپ ، ئۈنچە - مەرۋايىت قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشى : - پادىشاھ : ئەي غەۋۋاسلار! ھەممىڭلار بۇ كىشىگە دەريادىن گۆھەر تاشلاپ بېرىڭلار ، بۇ يەردىن تېز يانسۇن ، - دەپ پەرمان قىلدى . ② سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان مەخسۇس كىيىملەرنى كىيىپ ، سۇ ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىم : غەۋۋاس كىيىمى .
جاۋاھىرات ــ قىممەت باھالىق ئېسىل تاشلار ؛ ئۈنچە- مارجانلار .
ئېقىم مەسىلىلىرى ــ يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ مەسىلىلەر .
مۇنتىزىم ــ ① تەرتىپلىك يوسۇندا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىغان ، بۇزۇلمايدىغان ، ۋاقىتلىق ئەمەس : مۇنتىزىم پىلان . مۇنتىزىم تەربىيە . ② بەلگىلەنگەن تەرتىپتە ، سىستېمىلىق ئىش ئېلىپ بارىدىغان ، چۇۋالچاق ئەمەس : مۇنتىزىم قوشۇن .
نوقۇل ــ ① يالغۇز ، پەقەت : نوقۇل پۇللا بولسا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي بىمەنە گەپ . ② تومتاق ، بىر تەرەپلىمە : نوقۇل كۆزقاراش .
فېرما ــ چارۋىچىلىقنىڭ مەلۇم بىر تارمىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، ئالاھىدە ئىختىساسلاشقان ئىگىلىك ؛ مەيدان : توخۇ فېرمىسى . سۈت فېرمىسى .
نەشر ــ ئەسەرلەرنى مەتبەئە ئورۇنلىرىدا بېسىش ، بېسىپ تارقىتىش : نەشر قىلماق . * «ئويغانغان زېمىن»رومانىنىڭ 2 - قىسمى يېڭىلا نەشردىن چىقتى .
ئىستراتېگىيە ــ ① ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى :ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى . ② ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈرەشكەرەھبەرلىك قىلىش سەنئىتى : ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى .
دەبدەبە ــ ① ھاياجاننى ئۇرغۇتىدىغان ، لەرزىگە كەلتۈرىدىغان كەيپىيات، قىياپەت ، مەنزىرە ، ھەرىكەت : كەينىدە لەشكىرى-ئالدىدا ئەلەم ، قايتىپتۇ شان-شەرەپ دەبدەبە بىلەن . ② ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق ، ھەشەمەت، تەنتەنە ، داغدۇغا : ئۇ قازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ، شەھەرگە دەبدەبە بىلەن كىرىپ كەپتۇ .
كومپوزىتور ــ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغۇچى كىشى .
چىمپىيون ــ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا ، غالىب چىققان ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن شەخس ياكى كوماندىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن شەخس ياكى كوماندا : چېمپيون بولماق . پۇتبول چېمپىيونى .
رېكورت ــ ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ياكى بىرەر تاپشۇرۇقنى بېجىرىشتە ۋە ياكى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ئېرىشىلگەن ئەڭ ياخشى نەتىجە ، بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم . ئادەتتە ئۇ ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) رېكورت ، دۆلەتلىك رېكورت ۋە دۇنيا رېكورتى دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ .
ترىلوگىيە ــ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمما ئۆز ئالدىغا تۇرغاندا مۇستەقىل بىر ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئۈچ توملۇق ئەسەر .
 
 
11. تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ
ئەسئەت سۇلايمان ــ 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنۋېر سىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر.‹‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ››،‹‹تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە››، ‹‹ئۇيغۇر تۇتېم مەدەنيىتى ــ بۆرە تۇتېمى مەدەنيىتى››ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان .
جەمئىيەت ــ ① مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك .② كىشىلەرنىڭ ئورتاق ماددىي شارائىت ئاساسىدا بىرلەشكەن توپى : جەمئىيەت كىشىلىرى . * ھېچكىم جەمئىيەتكە ئارىلاشماي ، يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ . ③ بىرەر مەقسەتتە تۈزۈلگەن ئىختىيارىي بىرلەشمە ، ئىجتىمائىي تەشكىلات : يازغۇچىلار جەمئىيىتى . تەرجىمانلار جەمئىيىتى .
مۇئەييەن ــ ھەممىگە مەلۇم بولغان ، ئېنىق ، ئاشكارا ، بەلگىلىك : ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇئەييەن شارائىت كېرەك .
گاڭگىراش ــ  نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالماق، ئېسەنگىرىمەك، ساراسىمگە چۈشمەك، ئالاقىزادە بولماق، ھودۇقماق، تەمتىرمەك .
بېسىم ــ ① مەلۇم نەرسىنىڭ بىرلىك يۈزىگە چۈشكەن ئېغىرلىق كۈچى : قان بېسىمى . ② قىسىش ، ئېزىش ، زۇلۇم سېلىش : ئۇ قاتتىق بىر روھىي بېسىم پەيدا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى . ③ ئېغىر ۋەزىپە ، مەسئۇلىيەت : ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىر ئىككى خىل بېسىم ئاستىدا قىينىلاتتى .
ياتلىشىش ــ يات بولۇپ كەتمەك ، يات ھالەتكە كەلمەك ؛ يىراقلاشماق : شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەللىك يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار بىر - بىرىنى زادىلا ئىزدەشمەي ياتلىشىپ كېتىشكەنىدى .
مۆجىزە ــ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىش ، ھادىسە ، نەرسە : مۆجىزە ياراتماق .
قىلتاق ــ ① قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قىلدىن سىرتماقلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل قۇرۇلما : لاچىننى قىلتاق بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ . ② باشقىلارنى ئالداش، قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە-مىكىر، تۇزاق: قىلتاققا چۈشمەك. قىلتاققا دەسسىمەك. * بۇ ھىيلىگەر ئادەملەرنىڭ بىخۇد كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان قىلتىقى .
ئېكولوگىيە ــ ① جانلىقلار ئارىسىدىكى ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىز مۇھىت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئېكولوگىيە جانلىقلار بايلىقىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئاساسىي پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، قوشۇمچە كەسىپ ، بېلىقچىلىق ، مېدىتسىنا قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك . ② جانلىقلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتتىكى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ياشاش خۇسۇسىيىتى : جانلىقلار ئېكولوگىيىسى .
چاكاندا ــ چاكاندا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئۇششاق چاتقال . غولى ئېفېدرىن ئېلىشنىڭ خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ . چاكاندىنىڭ شىنجاڭدا توققۇز خىل تۈرى بار ، ھەممىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
كېلىمات ــ مەلۇم بىر رايوننىڭ كۆپ يىللىق كۆزىتىش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىقىلغان ھاۋا رايى ئەھۋالى . ئادەتتە ئۇ ھاۋا ئېقىمى ، كەڭلىك گرادۇسى ، دېڭىز ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ۋە يەر شەكلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
ئاۋات ــ ① گۈللەپ ياشنىغان ، راۋاج تاپقان : ئاۋات شەھەر . ② ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان؛ ئادەم زىچ ياشايدىغان ؛ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ، قايناق ، قىزىق : داستىخان مېھمان بىلەن ئاۋات (ماقال) . ③ بەزى ئىسىم ياكى ئايرىم سۈپەتلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ ، شەھەر ، قىشلاق ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ خاس ئىسىملىرىنى ياسايدۇ : قوشئاۋات . يېڭىئاۋات ... ④ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيىنىڭ نامى .
رىۋايەت ــ مەلۇم كىشى ، نەرسە ، ئىش ياكى مەلۇم ۋەقە توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئاغزاكى ھېكايە ؛ ئەپسانە : رىۋايەت قىلماق .
فانتازىيە ــ جەمئىيەت تەلىپى ياكى شەخسىي ئارزۇلار ئاساسىدا ، كەلگۈسى شەيئىلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىجادىي تەسەۋۋۇر ، پەرەز ؛ خىيال : ئىلمىي فانتازىيە . فانتازىيە فىلىم . ② ئەمەلگە ئېشىشى قىيىن بولغان ياكى مۇمكىن بولمايدىغان خىيالىي ئارزۇ ، خام خىيال : فانتازىيە بولسا بولغاي سۆزلىگىنىم ، لېكىن ئىشقا ئاشار يازغان كۆزلىگىنىم .
كولدۇرما ــ تۆگە ، ئات ، ئېشەك قاتارلىقلارغا ئاسىدىغان ، تۇچتىن ياسىلىدىغان قوڭغۇراق .
نوقۇل ــ ① يالغۇز ، پەقەت : نوقۇل پۇللا بولسا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي بىمەنە گەپ . ② تومتاق، بىر تەرەپلىمە : نوقۇل كۆزقاراش .
قانۇنىيەت ــ ① ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر باغلىنىش ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى : ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت . تەبىئىي قانۇنىيەت . ② قانۇنىي ئاساستا ، تەبىئىي رەۋىشتە ئۆز - ئۆزىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، تەبىئىي ، مۇقەررەر ئىش ، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار .
سانپول ــ قەدىمكى شەھەر نامى، ھازىرقى لوپ ناھىيە سامپول يېزىسنىڭ نامى .
يوتقان ــ قەدىمكى شەھەر نامى ، خوتەندىكى قەدىمكى خارابە .
مىرەن ــ يەر نامى ، ‹‹مىرەن›› نامى بىلەن ئاتالغان ئىككى يەر نامى بار. بىرى چاقىلىق ناھىسىدىكى ‹‹مىرەن›› دەرياسى يەنە بىرى چەرچەن ناھىيىسىدىكى ‹‹قارا مىرەن دەرياسى››دىن ئىبارەت.
ئىدىقۇت ــ تۇرپاندىكى جاي نامى.
خارابە ــ① قارايدىغان ئادەم بولمىغان ، تاشلىۋېتىلگەن ئورۇن ؛ بۇزۇلۇپ خاراب بولغان جاي ؛ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق ئىزلار ؛ ئەسكى جاي : خارابىگە ئايلانماق . ② خاراب قىلىنغان ، ۋەيران بولغان ، خاراب ، ۋەيران ، ۋەيرانە : خارابە ئۆي . خارابە شەھەر .
پاسسىپ ــ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان ، قىزىقمايدىغان ، سۇس ، «ئاكتىپ» نىڭ ئەكسى : پاسسىپ ئادەم . پاسسىپ ئوقۇغۇچى . ② توغرا بولمىغان ، ناتوغرا ؛ ناچار ، سەلبىي : پاسسىپ ئامىل .
چۆل –جەزىرە ــ ئادەم ياشىمايدىغان، ئۆسۈملۈك ،دەل-دەرەخ ئۆسمىگەن، بىپايان دالا، چۆل ۋە باياۋان.
رىقابەت ــ ئىككى ياكى بىرقانچە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پايدا - مەنپەئەت ، بازار ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشى ؛ بەسلىشىش ؛ مۇسابىقە : سودا رىقابىتى .
مۇقەررەر ــ ① ۋۇجۇدقا كېلىشى ، يۈز بېرىشى ، ئەمەلگە ئېشىشى ئېنىق بولغان ؛ شۈبھىسىز ، تۇرغان گەپ ، چوقۇم : بىر ئەركىشى ئالداشقا باشلىسىلا ، كەينى-كەينىدىن يالغان ئېيتىشى مۇقەررەر . ② قارار تاپقان ، تايىن ؛ تۇرغۇن ھالەتكە كەلگەن : مۇقەررەر تەرتىپ .
دەقىقە ــ ① سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى ، مىنۇت : ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە ، شەمشىنۇر توققۇز ئاي ، توققۇز كۈن ، توققۇز سائەت ، توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ . ② قىسقىغىنە ۋاقىت ، پەيت : مۇشۇ قىسقىغىنە دەقىقە ئىچىدە ، نېمىشقىدۇر ، قەلبىمنىڭ تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان يۈكسەك بىر تۇيغۇنى يوشۇرالمىدىم .
 
 
12. تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى
يۈزەكى ــ چوڭقۇر ، ئەتراپلىق بولمىغان ، ئادەتتىكى ، ئاددىي :مەن ئۇنى ئاشۇنداق يۈزەكى قاراش بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە كەمسىتىپ يۈردۈم . ∥ يۈزەكى تۈزەش .
كەزمەك ــ مېڭىپ ، ئايلىنىپ يۈرمەك ، ئارىلىماق ، زىيارەت قىلماق ، ساياھەت قىلماق : لۇتپۇللا دالىدا يۈرۈشنى ، جاڭگال - جىرالارنى كېزىشنى، تاغلارغا ، تىك چوققىلارغا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى .
تەسەۋۋۇر ــ ① كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازىنى ئويلاپ چىقىش : تەسەۋۋۇر قىلماق . ② سەزگۈ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ، يېڭى ئوبراز يارىتىشنىڭ پسىخولوگىيىلىك جەريانى . ③ ھېسسىي بىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەۋە بىلىش جەريانى . ئىدراك ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ ، ئىدراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ . بىلىش نەزەرىيىسىدە بەزىدە «ئوبراز» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ .
پىسخولوگىيە ــ ① پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇ تەتقىقات دائىرىسى ۋە تەتقىقات ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ئومۇمىي پسىخولوگىيە ، بالىلار پسىخولوگىيىسى ، مائارىپ پسىخولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ . ② كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ، روھىي ھالىتى .
سوبىيېكتىپ ــ ① بىرەر كىشىنىڭ ، شەخسنىڭ ياكى سۇبيېكتنىڭ ئۆزىگىلا خاس ، ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان ؛ شەخسىي : لوگىكا قانۇنلىرى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشى سۇبيېكتىپ ئېڭىدا ئەكس ئېتىشىدۇر . ② ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلماي ، پەقەت ئۆزىنىڭ ياكى بىرەر شەخسنىڭ بىر تەرەپلىمە، شەخسىي پىكرىگىلا ئاساسلانغان ، ئاساسلىنىدىغان، بىر تەرەپلىمە: مېنىڭچە، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پروگراممىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا بىرقەدەر ئۇيغۇن كېلىدۇ ، سۇبيېكتىپ نەرسە ئەمەس .
پەيلاسوپ ــ ① پەلسەپە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى؛ پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى . ② دانالارچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان كىشى : ئۇ بۈگۈن كىشىنى ھاڭتاڭ قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە پەيلاسوپ بولۇپ كەتكەنىدى .
ئورگان ــ ① ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇمەن جانلىق ئورگانىزملارنىڭ مەلۇم بىر فۇنكسىيىنى بېجىرىدىغان قىسمى؛ ئەزا : سېزىش ئورگىنى . ئاڭلاش ئورگىنى . ② بىرەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدىغان مۇئەسسەسە ، تەشكىلات ؛ ئىش بېجىرگۈچى تارماق ؛ ئىدارە : مەمۇرىي ئورگان . ھەربىي ئىشلار ئورگىنى . ئورگان خىزمىتى . ئورگان گېزىتى .
ئىدېئالىستىك ــ ئىدېئالىزمغا دائىر ، ئىدېئالىزمغا خاس ياكى ئۇنىڭغا ئاساسلانغان : ئىدېئالىستىك پەلسەپە . ئىدېئالىستىك دۇنياقاراش . ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەر .
ماتېرىيالىستىك ــ ماتېرىيالىزمغا ئائىت ، ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان : ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكا .
ۋەھاكازا ــ شۇ قاتارلىق ، قاتارلىقلار : يەنە شۇ نامۇۋاپىق خىزمەت ئۇسۇلى، بۇلارنى يېپىپ تۇرغىنى زىياپەت ، سوۋغات ۋەھاكازالار ...
ئېقىم ــ ① مەلۇم بىر تەرەپكە ئېقىۋاتقان سۇ ، سۇيۇقلۇق ، زەررىچە ، گاز ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر جەريانى : چوڭ ئېقىم . ئېلېكتر ئېقىمى . تارماق ئېقىم . ئىسسىق ئېقىم . ھاۋا ئېقىمى . سوغۇق ئېقىم . ② شۇنداق جەريان يۆنەلگەن تەرەپ ؛ يۆنىلىش : بىر كۈنى كېمە شاڭخەيدىن سۇنىڭ ئېقىمىغا قارشى مېڭىپ ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى . ③ ئىجتىمائىي پائالىيەت ، ئىلىم -پەن ، نەزەرىيە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسىدىكى يۆنىلىشى ؛ قاراش : پىكىر ئېقىمى . ئېقىم مەسىلىلىرى . سىياسىي ئېقىم . ئېقىمغا قارشى تۇرماق .
سەھىپە ــ ① كىتاب ، گېزىت ، ژۇرنال ۋاراقلىرىنىڭ ھەربىر يۈزى ؛ بېتى : گېزىت سەھىپىسى . باش سەھىپە . ② ئۇزۇن داۋاملاشقان ياكى داۋاملىشىدىغان ھادىسە ، ھايات قاتارلىقلارنىڭ ئايرىم دەۋرى ، قىسمى : سەھىپە ئاچماق . شانلىق سەھىپە .
بېيىت ــ ① ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان ياكى ئېيتىلغان ئىككى مىسرالىق نەزمە . ② شۇ ژانىردا يېزىلغان شېئىرىي پارچە .
ئەزگۈلۈك ــ ياخشى ، خەيرلىك ، ساۋابلىق : چىقماي نە ئۈچۈن قۇچقىلى باغرىمنى ئېچىپ ،ئۆمرۈمگە مېنىڭ ئەزگۈ شەرەپ - شان كېلىدۇ .
قاباھەت ــ ① يارىماس، قەبىھ ئىش - ھەرىكەت؛ ياۋۇزلۇق، قەبىھلىك: بۇ دۇنيادا ئادالەت بىلەن قاباھەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىر كۈنمۇ توختاپ قالمايدۇ. ② ئىنتايىن سەت ؛ قورقۇنچلۇق، قەبىھ: نېمە بولدىكىن ئاينىسا ھويلا ئىچىدە تۇلۇق تاشتەك يۇمىلىنىپ چىرقىرايتتى، ۋارقىرايتتى، چاچلىرىنى چۇۋۇيتتى، قاباھەت تىللار بىلەن دادامغا ئېسىلاتتى. ③ ناھايىتى، قالتىس: رۇستەمى داستان شۇنداق كۈچتۈڭگۈر، مىسلىسىز يوغان ۋە قاباھەت باتۇر-پالۋان ئىدىكى ، ھەربىر قولىدا بىردىن ئىككى يوغان ئۆكۈزنى ئاسلاندەك قاماللاپ كۆتۈرۈۋېلىپ بىر- بىرىگە ئۈستۈرۈشۈپ سوقۇشتۇراتتى.
پاساھەت ــ چىرايلىق ۋە يېقىملىق سۆزلەش قابىلىيىتى ؛ نۇتۇقنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك ھەم گۈزەللىكى: - ئوغلۇم، ئىلىم- ئەدەپتە كامىل، پاساھەت ۋە گۈزەللىك ئىگىسى ئىكەنسەن،- دەپتۇ بوۋاي مەردانغا.
سائادەت ــ ① زور بەخت ، پارلاق ئىستىقبال : ئۇنى كۆرۈشنىڭ بىزگە نېسىپ بولۇشى زور سائادەتتۇر . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى .
زالالەت ــ توغرا يولدىن ئېزىش ، گۇمراھلىق ؛ گاڭگىراش ، قايمۇقۇش .
پاسسىپ ــ ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان ، قىزىقمايدىغان ، سۇس ، «ئاكتىپ» نىڭ ئەكسى : پاسسىپ ئادەم . پاسسىپ ئوقۇغۇچى . ② توغرا بولمىغان ، ناتوغرا ؛ ناچار ، سەلبىي : پاسسىپ ئامىل .
 
 
13. غەزەل
ئاماننىساخان ــ ئاتاغلىق مۇقامشۇناس ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىساخان 1534- يىلى ھازىرقى مەكىت ناھىيىسىنىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ‹‹نەفىسە›› ئۇنىڭ تەخەللۇسى. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش، قېزىش جەھەتتە زور تۆھپە قوشقان.
غەزەل ــ ① دەسلەپكى بېيىتنىڭ ھەر ئىككى مىسراسى قاپىيىداش بولغان ، كېيىنكى بېيتىلىرىنىڭ ئاخىرقى مىسراسى دەسلەپكى ئىككى مىسراسىغا قاپىيىداش بولۇپ كېلىدىغان لىرىك شېئىر: ناۋايى غەزەللىرى . گۇمنام غەزەللىرى . ② ئاھاڭغا سېلىنغان شۇ خىل شېئىر ؛ ناخشا : غەزەل ئېيتماق .
يارەب ــ رەببىم ، ئاللاھ . ئى ئاللاھ
پەناھ ــ باش ــ پاناھ . يار- يۆلەك
فەقىر – مىسكىن ــ يالعۇز ، ئاجىز.
تەقەددۇس ــ ئۇلۇغلاش
 
 
14. نەزەر مۇفتىغا خەت
بىئەدەد ــ چەكسىز .
تەھەيياتۇ سالامىم ئانچۇنان ــ سالام ، دۇئا ۋە نادامەت ئارىلاش .
نامە ــ خەت ، مەكتۇپ.
نامۇناسىپ ــ مۇناسىپ ئەمەس ، مۇناسىپ كەلمىگەن .
بىھەمدۇللا ــ ئاللاغا مەدھىيە .
نىشانە ــ بەلگە ، ئالامەت ، شەپە : بۇ ئۇنىڭ كۆلچەككە سەكرەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن خىجىل بولغانلىقىنىڭ نىشانىسىمۇ ، بۇنى بىلىپ بولمايتتى .
ئۇششاقلىرىڭ ــ بالىلىرىڭ .
قەۋمۇ قېرىنداش ــ ئۇرۇق – تۇغقان.
رەپىقا ــ دوست ، ھەمراھ ، يولداش . ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
ئەيلەي ــ بايان قىلاي ، سۆزلەي .
سوكۇلدىماق ــ يۈگۈرگەندىن ئاستىراق، ئادەتتىكى مېڭىشتىن ئىتتىكرەك بىرخىلدا قاتراپ ماڭماق: ئوغرى گويا زەنجىرگە باغلانغان ئىتتەك ئېشەكنىڭ ئارقىسىدىن بىر قەدەممۇ قالماي سوكۇلداپ كېلەتتى .
مەئىجۈنى ــ  ① خېمىر ھالىتىدىكى دورىلار . ② ئەپيۈن ، نەشە بىلەن ياسىلىدىغان مەست قىلىش رولىغا ئىگە زەھەرلىك دورا .
پارپا ــ ① زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . يىلتىزسىمان غولى ئۇرچۇق شەكىلدە بولۇپ تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ ، ئۇيۇغان قاننى تارقىتىش ، يەل ماڭدۇرۇش ، مەيدىدىكى چىڭلىقنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە . ② پاكار ، پاكىنەك ، پەتەك : پارپا ئادەم . پارپا بوي . پارپا توخۇ .
خۇن ــ قان. جان
تالاپەت ــ ئاۋارچىلىق ، مالامەت .
ئىرادەت ــ تەقدىر ، ئىستەك ، خاھىش .
گەز ــ ① ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن ، تەخمىنەن 71 سانتىمېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى . ② شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى : ياغاچ گەز . پولات گەز . ③ سۈتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قازان تېگىگە يېپىشىپ قالغان قالدۇقى ، قىرماق . ④ ئىسسىق تۇتۇپ قېلىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئادەمنىڭ لېۋىدە پەيدا بولغان قاسىراقسىمان بىر خىل قېتىشما : گەز باغلىماق . * ئانا ئۇنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ گەز باغلاپ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى .
پىچان ــ ① سازلىق ۋە شورتاڭ يەردە ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك : پىچان ئورماق . ② تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىنىڭ نامى .
تۇلۇم ــ تېرىدىن تىكىلگەن خالتا ياكى تاغار.
روزىغارى ــ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى .
دەركار ــ كرەكلىك ، ئىشقا ياراملىق .
سەئى ــ ھەركەت ، تىرىشىش .
بەددىيانەت ــ دىنىي قائىدىلەرگە رىئايە قىلمايدىعان، ئىنساپسىز، ۋىجدانسىز .
 
 
ئانا يۇرت
دىداكتىك ئەسەر ــ پەلسەپىۋى ، ئەخلاقىي، ئىلمىي، پىداگوگىكىلىق پىكىر ۋە نەسىھەتلەرنى ئەدەبىي شەكىلدە ئىپادىلەيدىعان ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ ، بۇخىلدىكى ئەسەرلەر نەسرىي شەكىلدىمۇ ، نەزمىي شەكىلدىمۇ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن .
زوردۇن سابىر ــ 1937-يىلى تۇغۇلغان، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر يازعۇچىسى، غۇلجا ناھىيسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
بەدىئىي ــ ۋەقەلىكنى نەپىس سەنئەت ۋاسىتىلىرى، ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان، ئەدەبىيلىككە ئىگە:  م: مەن ماقالە- خەۋەرلەرگە قارىغاندا بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق.
تەبىقە ــ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئارقىسىدا بۆلۈنگەن قاتلام ، جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى ، بىر بۆلىكى : پارتىيىمىز ھەر تەبىقە خەلقى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
خەتنە توي ــ مۇسۇلمانلار ۋە بەزى خەلقلەردە تازىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈش : خەتنە قىلماق . بۇنى مۇبارەكلەپ ئۉتكۅزىلدىعان مەرىكە، سۈننەت توي .
چەكمەن چاپان ــ پىششىق ئېگىرىلگەن پاختا ياكى يۇڭ يىپتىن پۇختا ، سىلىق قىلىپ توقۇلغان يەرلىك رەختتىن تىكىلگەن چاپان .
چەمبەخ ــ ھەمراھلىرى، قرىنداشلىرى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى .
زىغىر پاخىلى ــ  بىر خىل دانلىق زىرائەتنىڭ دېنىدىن ئايرىلۋېتىپ قالغان غولى، سامىنى .
دەملىك ــ نەپىسى ، دېمى بار ، تىرىك ، جانلىق : ئاللا يارىم سەن بۇ يەردە بارىكەندۇقسەن ، دەملىكمىكىن دەمسىزمىكىن بارىكەندۇقسەن .
سەپرا ــ  ① سارغۇچ رەڭلىك ، تەمى ئاچچىق ، ئۆتكۈر سۇيۇقلۇق . ئۇ جىگەردە ئىشلىنىپ ئۆت خالتىسىغا چۈشۈپ قويۇقلىشىدۇ . ئۇ مايلارنى پارچىلاپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ . سەپرا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەر روھىي جەھەتتە ئىتتىك ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، كۆز ئېقى ۋە تىلى سارغۇچ ، ئۇيقۇسى كەم بولىدۇ . ② قەي ، قۇسۇق : سەپرا قىلماق . ③ ئاسانلا ئاچچىقلاپ قالىدىغان ، چېچىلغاق ، تېرىككەك : قاتتىق يىللارمۇ ئۆتتى . قابىل دېھقان جامى سەپرا بوۋايغا ئايلاندى .
رومان ــ ھەجمىەككەپ سيۇژىتلىق ، ئادەتتە پروزا شەكلى بىلەن يېزىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەر : «ئىز» رومانى بۈگۈنكى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى .
ئەدەبىي تىل ــ بەلگىلىك بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىز تىلنى ئاساس قىلىپ ئۇزاق تارىخىي دەۋر جەريانىدا شەكىللەنگەن ، پىششىقلانغان ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەر ، گېزىت - ژۇرناللار ، كىتاب ، ماتېرىياللار ، خەت - ئالاقە ۋە رادىئولاردا ئىشلىتىدىغان ئورتاق تىلى .
ئەدەبىي زوق ــ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن كىشىدە پەيدا بولىدىغان تەسىرات. ئۇ بىر پۈتۈن ئەسەر ئۈستىدىمۇ، ئايرىم پېرسۇناژ ئۈستىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن .
ئەدەبىي ئوبزور ــ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈستىدە ، ئەدەبىيات-سەنئەت قانۇنيىتىنى يىتەكچى قىلىپ باھالاش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان ماقالە ، ئەدەبىي تەنقىدىي ماقالە .
ئەدىب ــ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى ؛ يازغۇچى ، شائىر ، قەلەمكەش : ئۇ داڭلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى .
ئەسەر ــ ① بىرەر نەرسىدىن قالغان ياكى ئۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە ، ئىز ؛ ئالامەت :تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى ھەرقانچە تۇتۇپ باققان بولسىمۇ ، ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ ئەسىرىنى سېزەلمەپتۇ . ② تەسىر : سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا ئەسەر قىلدى . ③ كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان نېرۋا ئاجىزلىق ئالامىتى : ئەسىرى بار ئادەم . ئەسىرى تۇتماق .
سۇژىت ــ ئېپىك ، لىرىك ياكى دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان ، ئۆزئارا باغلانغان ۋە راۋاجلىنىپ بارىدىغان ۋەقەلەر سىستېمىسى .
بامدات ــ ① تاڭ سەھەردە ، كۆن چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان بىرىنچى ناماز : بامدات ئوقۇماق . ② تاڭ سەھەر پەيتى ، بامدات نامىزى ئوقۇلىدىغان پەيت ، قاق سەھەر : سايىت : - ئەتە بامدات بىلەن يولغا چىقىپ كەتسەكمىكىن ، - دېدى داۋۇتقا .
ئىنجىق ــ ① بىرەر يەر ئاغرىغاندا ياكى بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئاجىز كەلگەندىكى كۈچىنىش ، چىڭقىلىش : قان سادەتخاننىڭ ماغدۇرسىز ۋۇجۇدىغا كۈچ بېغىشلىدى . ئىنجىق ، تولغاق باشلاندى . ② ئىشنى غاچ-غاچ قىلمايدىغان ، ھەرىكىتى ئاستا ؛ مىس-مىس : ئىنجىق ئادەم . ئىنجىق ئايال . ئۇ ئىنجىقنى نەدىنمۇ تاپقانسەن ؟
مەزىن ــ مەسچىتلەردە ئەزان ئېيتىپ جامائەتنى نامازغا چاقىرغۇچى كىشى: ئەتراپتا مەزىننىڭ ئاۋازىدىن بۆلەك ھېچقانداق سادامۇ ئاڭلانمايتتى .
بورىچى ــ بورا توقۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى .
تۈرگۈن يىگىت ــ قورقماس ، يۈرەكلىك ، جۈرئەتلىك ، دادىل يىگىت ئاشپەز يولۋاستەك تۈرگۈن ئادەم بۇلغىنى بىلەن ، كۆڭلى پاختىدەك يۇمشاق ئىدى . - ئۈرۈمچىلىك نۇجۇپ دېگەن مەن بولىمەن! - دېدى ئۇ تۈرگۈن سۆزلەپ .
ئۈكە ــ ھۇقۇشنىڭ پېيى ، بۇ خىل پەينى بەزى تۈركىي مىللەتلەر ئاياللىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بۆكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قادىۋالىدۇ : ئۈكە تاقىماق .
غۇنان ئات ــ ئىككى ياشلىق ئات .
جىغان ــ جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى دەرەخ . گۈلى ئازراق سېرىق بولىدۇ ؛ مېۋىسى سوقىچاق ، كىچىك ۋە سۇلۇق بولۇپ تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ .
قىرغاۋۇل ــ بىر خىل قۇش . شەكلى توخۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ئەركىكىنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇن ، پەيلىرى چىرايلىق بولۇپ ، كۆپىنچە قىزغۇچ ياكى توق يېشىل كېلىدۇ ، پارقىرايدۇ ؛ چىشىسىنىڭ قۇيرۇقى قىسقىراق كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ . يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ ، ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ . قۇيرۇق پەيلىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ . ئۇ يەنە «ياۋا توخۇ» ، «تاغ توخۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
جەرەن ــ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تۈكلىرى ئاق سېرىق ، پارقىرايدۇ ؛ مۈڭگۈزى قىسقا ۋە سەل ئەگرى ، قۇيرۇقى قىسقا ، تۆت ئايىغى ئىنچىكە كېلىدۇ ؛ چۆللەردە ياشايدۇ ، گۆشى مەززىلىك ، تېرىسىدىن كىيىم تىكىشكە بولىدۇ .
قاما ــ ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . بېشى كەڭ ھەم ياپىلاق ، قۇيرۇقى ئۇزۇن ، تۆت پۇتى قىسقا كېلىدۇ . بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ . تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر بولۇپ ، زىچ ، يۇمشاق ۋە پارقىراق كېلىدۇ . تېرىسى ئەتىۋارلىق . ئۇنىڭدىن كىيىم ياقىسى ۋە باش كىيىملىرىنى تىكىشكە بولىدۇ . ② شۇ خىل ھايۋاننىڭ تېرىسى .
ئولجا ــ ① ئۇرۇش - جەڭلەردە قارشى تەرەپتىن تارتىۋېلىنغان ، غەنىيمەت ئېلىنغان بۇيۇم ، نەرسە : ئولجا ئالماق .  ② شىكار ، ئوۋغا چىققاندا ئوۋلىغان نەرسە ، ئوۋ .
سوقا ــ ① بەك يۇمىلاقمۇ ، ئۇزۇنمۇ ئەمەس ، تۇخۇم شەكلىدىكى : سوقا چىلان. سوقا تاش. ② سۇ، قول، پۇت ياكى توك ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، شالنى ئاقلايدىغان ھاۋانچا شەكىللىك قۇرۇلما. ③ ساپان
ھەج ــ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە شەھىرىگە بېرىپ ، زۇلھەججە ئېيىدا بەلگىلەنگەن قائىدە ۋە ئادەتلەرگە ئەمەل قىلغان ھالدا كەبىنى تاۋاپ ۋە زىيارەت قىلىشى : ھەج قىلماق . ھەجگە بارماق . ھەج سەپىرى .
چىبەرقۇت ــ پاختىدىن ئوڭ يۈزىگە موي چىقىرىپ توقۇلىدىغان يوللۇق رەخت : قارا چىبەرقۇت . ∥چىبەرقۇت چاپان .
ئارقان ــ ئارغامچا : مەن قىرغاقنى بويلاپ ، قىزغا قارىتىپ ئارقان تاشلىدىم .
ھەمداستىخان ــ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇش .
سەركە ــ ① پىچىلغان ئەركەك ئۆچكە : قوينى سەركە باشلايدۇ ، ئويۇننى ئەركە ( ماقال ) . ② جەرەننىڭ ئەركىكى ، ئەركەك جەرەن : جەرەن سەركىسى ئۇدۇلدىكى ئانچە ئېگىز بولمىغان تاقىر تاغ تەرەپكە يول ئالدى . ③ باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى ؛ يولباشچى : ئالىم ئۇلارنىڭ سەركىسى ئىكەن . بىز ئالدى بىلەن ئۇنى تېپىپ سۆزلىشەيلى .
تېقىمدىماق ــ ① ئۇلاغ ئۈستىدە تۇرۇپ ، بىرەر نەرسىنى تېقىمى ئاستىغا باسماق ، قىستۇرماق . ② ئات - ئۇلاغنى تېقىمى بىلەن دېۋىتىپ ھەيدىمەك : ئېتىڭنى پات-پات تېقىمداپ قوي ، سەل ئىتتىكلىمىسەك كۈن ئولتۇرغۇچە يېتىپ بارالمايمىز .
ساپساپچى ــ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئەپلەپ - سەپلەپ باشقىلارنى ئالدايدىغان ، ساختىپەز ، قىزىل كۆز ئادەم : پاسار ئوتىنىڭ كۈلى چوڭ ، ساپساپچىنىڭ گېپى چوڭ (ماقال) .
بەيگە ئېتى ــ ئات بەيگىسىدە  مەخسۇس  ئىشلىتىلدىغان ئات.
تەلكە ــ غۇلجا بىلەن بۆرتالانىڭ ئارىسىدىكى تاغ نامى .
سانجاق ــ ① بايراق ، تۇغ . ② مىغ - مىغ ، زىچ : بىردىن يېرىم كېچىدە، چىقتى بوران شىددەتتە . دەھشەت سالدى ، باغدىكى سانجاق مېۋە، كۆچەتكە.
كۈرەك جۇۋا ــ قىسقا جۇۋا.
بەرنا ــ يېزت . ياش ، نەۋقىران ؛ گۈزەل ، قەددى - قامىتى كېلىشكەن : بۈگۈن ئالدىمغا ھەممە بەرنا يىگىتلەر يىغىلىدىغانغا ئوخشايدۇغۇ؟
چۇقان ــ ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋاز ؛ سۈرەن : چۇقان سالماق . چۇقان كۆتۈرمەك .
خۇشامەت ــ بىرەر كىشىگە تەمەگەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ، غەيرىي مۇددىئا بىلەن ياخشى كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇش، ماختاش ۋە شۇ خىل ئۇسۇلدا قىلىنغان مۇئامىلە:خۇشامەت قىلماق. زېرەك كىشى خۇشامەتنى دوست تۇتماس(ماقال).ئۇ مەخسۇتنىڭ خۇشامەت سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا، ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشاتتى.
تورۇق ئات ــ قارامتۇل قىزىل، قىزغۇچ رەڭدە كەلگەن ئات .
شاڭيۇ ــ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى تۈزۈمدە ھازىرقى يېزا باشلىقىغا تەڭ مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەلگە ئېرىشكەن ئادەم ، مۇنداق ئەمەلدارنى ھۆكۈمەت شۇ يەرلىك خەلقتىن بەلگىلەيدىغان بولۇپ ، شاڭيو بىر يېزىنى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن باشقۇراتتى .
خۇرجا ــ  خالايىق ، كۆپچىلىك .
لەۋەي ــ ① باشقىلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان چاقىرىققا «ھە ، ھەئە ، خوش» دېگەن مەنىلەردىكى ھۆرمەت جاۋابى : - مۇھەممەدجان ! - دېدى دادىسى بالىسىنى چاقىرىپ ،- لەۋەي دادا ، - دېدى ئوغلى ھايال قىلمايلا . ② «نېمە ، نېمە دەيسەن» دېگەن مەنىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ :لەۋەي ، يەنە بىر قېتىم دەڭا.
خادىك ــ تۆت چاقلىق ، مەخسۇس ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئات ھارۋىسى . ئۇنىڭغا كۆپىنچە بىر ياكى ئىككى ئات قوشۇلىدۇ .
ئاللاھۇ ئەكبەر ــ بىرەر نەرسىنى ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ، دۇئادىن كېيىن ئېيتىلىدىغان ئادەت سۆزى .
يۇلقۇنۇش ــ ئالدىغا ئېتىلىش ، ئالدىغا كۈچەش.
ئالامان ــ توپ ، قوشۇن .
ئىندىۋىد ـــ ئۆزىگە مۇستەقىل ھەربىر تىرىك نەرسە (يەنى ئورگانىزم ، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈك) .
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ــ ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 1944-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي- دېموكراتىك قوراللىق كۈرىشى. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئېنقىلابىنىڭ بىر قىسمىدۇر. م: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مىللىي ئىنقىلابچىلىرىمىز ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى ياراتقان.
ئىستېتىكا ــ تەبىئەت دۇنياسى ، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇ ئاساسلىقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى ، سەنئەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى ، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ .
چىگىش ــ ① «چىگمەك» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى : ئۇ بالا مەكتەپ يېشىغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ، ھەتتا ئاياغ بوغقۇچلىرىنى چىگىشنىمۇ بىلمەيتتى . ② يىپ بوغقۇچ ، چاچ ، ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ چىگىلگەن جايى : يىپنىڭ چىگىشىنى يەشمەك . ③ ئىرماش- چىرماش بولۇپ قالغان ، چىرماشقان : چىگىش چاچ . ④ قىيىن، تەس ، مۈشكۈل ، مۇرەككەپ : تاشۋاينىڭ دەردى ھەر ئىككىيلەن ئۈچۈن ، ئىنتايىن چىگىش بىر مەسىلە بولۇپ تۇيۇلدى .
نىيەت ــ كۆڭۈلدىكى ئارزۇ-ئىستەك مەقسەت ؛ ئوي - خىيال : مەن ئۇنىڭ تېخى مۇنداق نىيىتى بارلىقىنى بىلمەپتىمەن .
نادامەت ــ ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن روھى جەھەتتىن پەيدا بولغان ئازاب ، بىئاراملىق ، پۇشايمان ، ئۆكۈنچ ، ئەپسۇس : نادامەت چەكمەك . نادامەت قىلماق .
ئاڭ ــ ① پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ، ئەقىل-ئىدراك : ئادەمنىڭ ئېڭى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ . ② ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچە ؛ سەزگۈرلۈك : سىياسىي ئاڭ . سىنىپىي ئاڭ . ③ روھىي دۇنيا ، مەنىۋىلىك : ماددا بىرلەمچى ، ئاڭ ئىككىلەمچى . ④ نۇقتىئىنەزەر : سوتسىيالىستىك ئاڭ . كوممۇنىستىك ئاڭ .
 
 
15. ‹‹غەزەلىيات››تىن پارچە
بىلال نازىم ــ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان 1899-يىلى قازاقىستاندىكى ياركەنتتە ۋاپات بولغان ئۇنىڭ ‹‹غەزەليات››، ‹‹نۇزۇگۇم››، ‹‹چاڭموزا يۈسۇپ خان››قاتارلىق داستانلىرى بار.
غەزەليات ــ بۇ سۆز ئەسلىدە «غەزەل» سۆزىنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، «غەزەللەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ : «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ناخشىلىرى لىرىك غەزەلىيات ، خەلق قوشاقلىرى ، خەلق داستانلىرىدىن تۈزۈلگەن .
مۇيەسسەر ــ  ① ئېرىشىش ، مۇمكىنلىك ، يېتىشىش ، سازاۋەر : مۇيەسسەر بولماق . مۇيەسسەر قىلماق . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى .
جىھەتتىن ــ جەھەتتىن .
ئەشكى خۇنبار ــ قانلىق ياش .
مىسرا ــ شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىر قۇرى : شائىر ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر ئوقۇپتۇ .
خەمىسە ــ بەش مۇستەقىل داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر .
داستان ــ ① شېئىر بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر ؛ پوئېما : داستان يازماق . ② خەلق قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئېپىك ئەسەر : ئويغۇر خەلق داستانلىرى .
قاپىيە ــ مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن سۆز ۋە بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى : قاپىيىگە سالماق .
كۇبلېت ــ قوشاق ياكى شېئىرنىڭ ئىككىدىن يۇقىرى مىسرادىن تەشكىل تاپقان ، مەلۇم قاپىيىلىنىش تەرتىپىگە ئىگە بولغان شەكلى ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۇپلېتلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مىسرادىن تەركىب تاپىدۇ .
مەرسىيە ــ بىرەر شەخسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ يېزىلغان ماتەم شېئىرى ياكى ماتەم ناخشىسى : مەرسىيە ئوقۇماق . مەرسىيە ئېيتماق .
قەسىدە ــ مەدھىيە ، مەرسىيە ياكى دىداكتىك مەزمۇندىكى شېئىرىي ژانىر ۋە شۇ ژانىرغا مەنسۇپ شېئىرنىڭ ئۆزى .
 
 
يېزىقچىلىق
 
1.باردۇر
جاھالەت ــ ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم بولغان ھالەت ، نادانلىق ، قالاقلىق : قەشقەر شەھىرى ئەسىرلەر بويى ئۇخلاپ تۈگىتەلمىگەن جاھالەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغانىدى .
سەمەرە ــ نەتىجە ، مېۋە ، مەھسۇل : كىشىلەر بۇ ئادەمنى «ھېلىم كىتاب» دەپ ئاتايدۇ . بۇنداق ئاتاش ھېلىمئاخۇن ئاكامغا بولغان ھۆرمەتنىڭ سەمەرىسى .
ۋاقىپ بولۇش ــ بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ۋەقە - ھادىسىدىن ، مەخپىي نەرسە ، سىر قاتارلىقلاردىن خەۋىرى بولغان ؛ خەۋەردار : ھاتەم خەتنى ئېلىپ ئېچىپ ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدى .
ئىجتىھات ــ ① زور غەيرەت ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇش ، تىرىشىش ؛ تىرىشچانلىق : ئىجتىھات قىلماق. ② قىزىقىش ، ئىشتىياق : لېكىن تاشۋاي ، سەندىكى ئاجايىپ بىر ئىجتىھاتنى كۆرمەپتىمەن .
ئەۋرەت ــ ① شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە تەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان يېرى ، يەنى ئەرلەرنىڭ كىندىكتىن تىزغىچە ، ئاياللارنىڭ بىلەكنىڭ بېغىشىدىن بويۇنغىچە ، بويۇندىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى . ② جىنسى ئەزا : ئەۋرىتىنى ياپماق .
ئىخلاس ــ ① چىن يۈرەكتىن قىلىنغان ئىشەنچ ، چىن كۆڭلىدىن بېرىلىش ، ئىشەنچ بىلەن بېرىلىش ؛ ئەقىدە ، ئىتىقاد ، مېھىر : ئىخلاس باغلىماق . ئىخلاسى قايتماق . ② كۆڭۈل قويۇش ، پۈتۈن دىققىتى ، زېھنى بىلەن كىرىشىش ، بېرىلىش ؛ ئەستايىدىللىق : ئىخلاس بىلەن كىتاب كۆرمەك . ئىخلاس بىلەن ئۆگەنمەك . * ئەكبەر ، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىدى .
خاتائەن ــ ھەقىقەتكە ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ، ئاداشقان ، يېڭىلىشقان ، ئاساسسىز ، ناتوغرا : خاتا پىكىر . خاتا چۈشەنچە .
زاھىر ــ ① سىرتى ، سىرتقى كۆرۈنۈشى . ② ئوچۇق-ئاشكارا ، روشەن ؛ ئېنىق : زاھىر بولماق . زاھىر ئەتمەك . ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
لويى ــ خوجا ، بەگ ، تۆرە .
ئامبال ــ ① چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇللاردا تۇرغۇزغان ئىش بېجىرگۈچى ۋەزىرلىرى . ② ناھىيىنىڭ باشلىقى ، ھاكىم : ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئامباللارغا ئوخشاش كەينىگە مۇھاپىزەتچى سېلىپ ھەشەم كۆرسىتىپ يۈرمەيتتى . ③ ئەمەلدار ، مەنسەپدار : ئامبالنىڭ ئېتىنى سۇغار ، پۇلىنى ئال (ماقال) .
خۇمدان ــ كۇلالچىلىقتا ، لايدىن ياسالغان ئىدىشلار ياكى خىش قاتارلىقلارنى تاۋلاپ پىشۇرىدىغان مەخسۇس ئوچاق : خش خۇمدىنى .
غېدىر ــ ساپال قاچا ، ساپال چىنە : ئۇنىڭ كۆزدىن يوقالغانلىقىنى كۆرگەن كانچىلار كۈلۈشكەن پېتى چۆچەك ، غېدىرلىرىنى ئېلىشىپ تاش گەمىنىڭ يېنىدا ئېسىقلىق يوغان داش قازانغا قاراپ ماڭدى .
بىغەم ــ غەمسىز : بىغەم ئادەم .* ئۇ ، بىغەم ئولتۇرۇپ تۆمۈر سىملارنى كېسىۋاتاتتى .
مۇنەججىم ــ ① ئاسترونومىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سالىدىغان كىشى ؛ ئاسترونوم : ئۇ زامانلاردا كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇشتا ئاۋۋال مۇنەججىملەرگە پال ئاچقۇزۇپ كۆرۈپ ، ئاندىن كېيىن ئىسىم قويىدىكەن . ② بىرەر ئىشنى ناھايىتى پۇختا ئويلاپ قىلىدىغان ، نۇرغۇن نەرسىنى بىلىدىغان ئادەم : ئۇ بەك مۇنەججىم ، بىرنەرسىدىن ئالدىراپ خۇلاسە چىقارمايدۇ .
ئىنژېنىر ــ تېخنىك خادىملارغا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ياكى تېخنىكىنىڭ بىرەر ساھەسى بويىچە ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان مۇتەخەسسىس .
بوھتان ــ ئاساسىي بولمىغان پىكىر ؛ تۆھمەت ، يالا : بوھتان قىلماق . بوھتان چاپلىماق .
 
 
2. تەسىراتىم
ئەشئار ــ شېئىر ؛ شېئىرلار : ھەر كېچە - كۈندۈز يارنى كۈتىمەن ، يارغا مۇناسىپ ئەشئار پۈتىمەن .
غەرق ــ ① بىرەر نەرسە ئىچىگە ، چۆككەن ، چۆمۈلگەن ، پاتقان : سۇغا غەرق بولماق . غەرق قىلماق . ② ھەددىدىن زىيادە ، ھەددىدىن تاشقىرى، ناھايىتى : غەرق مەست .
بەھرى ــ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەربىر تۈرى .
خەمسە ــ بەش مۇستەقىل داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر . بەشلىك.
لاتاپەت ــ گۈزەللىك ، خۇشخۇيلۇق ، نازۇكلۇق ، مۇلايىملىق :كۆرمەكتە ئۇ ھەتتا قەلبلەردىكى ، گۈزەللىك لاتاپەت ، داغ ۋە يارىنى .
 
 
3. يېزىقچىلىق ۋە مەۋجۇدىيەت
مەدداھ ــ ① بازار ۋە كوچا-كويلاردا ئادەم توپلاپ دىنىي مەزمۇنلاردىكى بەزى پەند-نەسىھەت سۆزلىرىنى ياكى تارىخىي قىسسە، جەڭنامىلەرنى سۆزلەيدىغان كىشى: زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق داستانلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى، مەدداھلارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى . ② ئاغزى بېسىلماي گەپ قىلىدىغان ، گەپنى تولا قىلىدىغان ئادەم، مەمەدان.
شالغۇت ــ ① ئوخشاش بولمىغان تۈر ، ئۇرۇقداش ياكى ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان ؛ مېتىس : شالغۇت خوراز . شالغۇت زىگوتا . شالغۇت كالا . ② ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلاردىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۈر، ئۇرۇقداش ياكى ئىككى خىل سورتنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىققان يېڭى بىر خىل سورت . بۇنىڭدا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد سورتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ : شالغۇت ئەجدادى . شالغۇت ئەۋزەللىكى . ③ ئوخشاش بولمىغان ئىرق ياكى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن تۇغۇلغان : پۇرومى پوپ شالغۇت ئىدى . ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغانىكەن ، چوڭ ئانىسى يەھۇدىينىڭ قېنى ئارىلاشقان بېلگىيىلىك ئايال ئىكەن .
تۈجۈپىلەپ ــ ئەستايىدىللىق بىلەن ،   ئىنچىكىلەپ .
تەسەددۇق ــ تەقدىم ، قۇربان ، پىدا ، سەدىقە ، ئاتاش : تەسەددۇق قىلماق . * يا ئاللا بېگىم! سىلى ئۈچۈن بىر جان ئەمەس ، مىڭ جان بولسىمۇ تەسەددۇق دېسىلە .
كىرزىس ــ ① بىردىن ، توساتتىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ، قىيىن ۋە مۈشكۈل ئەھۋال ؛ قىيىنچىلىق : سىياسىي كرىزىس . ھۆكۈمەت كرىزىسى . ② ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوشۇقچىلىقى نەتىجىسىدە ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سۇنۇشىغا ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىسقىرىشىغا ، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئېلىپ بارىدىغان ئېغىر مۈشكۈل ئەھۋال ، بوھران : سانائەت كرىزىسى . ئىقتىسادىي كرىزىس .
سۇژىت ــ ئېپىك ، لىرىك ياكى دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان ، ئۆزئارا باغلانغان ۋە راۋاجلىنىپ بارىدىغان ۋەقەلەر سىستېمىسى .
تەئەججۈپ ــ ① ئەجەبلىنىش ، ھەيرانلىق : تەئەججۈپتە قالماق . * ئۇ تەئەججۈپ ئىچىدە بېشىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ قاتتىق قىستى . ② قىزىق ، ئەجەب : تەئەججۈپ! ھازىرلا بار نەرسە بىردەمدىلا يوقالدى - ھە!
مۇستەملىكە ــ كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، ھەربىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ، شۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنغان دۆلەت ياكى رايون .
چۈشەپ قويماق ــ ئىسكەنجىگە ئالماق ، باغلاپ قويماق ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلماق .
قاڭالتىر ــ قەلەي، تۈنىكە : قاڭالتىردىن مەش ياسىماق.
پەرۋاز ــ قانات كېرىپ ھەرىكەت قىلىش ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش؛ ئۇچۇش: پەرۋاز قىلماق.* ئاڭلىنىدۇ ئاشۇ خاڭدىن ناخشا ئاۋازى، ناخشىكى ئىشچىلارنىڭ ھايات پەرۋازى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ