7-يىللىق 2-مەۋسۈم«ۋېرسال سارىيى»نىڭ تەييارلىقى
دەرىس تەييارلىغۇچى | ئوسمانجان دۆلەت | دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت | 2011- يىلى4- ئاينىڭ 5- كۈنى | |||||||
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ | 7- يىللىق 2,3- سىنىپ | 27- سائەتلىك دەرىس لايھەسى | ||||||||
دەرىس تىمىسى | ۋېرسال سارىيى | |||||||||
ئاپتۇرى | جى زويىڭ | ژانىرى | چۈشەندۈرۈش ماقالىسى | |||||||
ئوقۇتۇش نىشانى | بىلىم نىشانى | ۋىرسال سارىيىنىڭ قۇرلۇش ئالاھىدىلىكى ، بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ، مەشھۇر سايائەتچىلىك ئۇرنىلىق ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇش. ۋىرسال سارىينىڭ قەدىمىقى مەشھۇر قۇرلۇش ئىكەنلىكىنى بىىلىۋېلش. ۋىرسال سارىيدىكى مۇھىم جاينىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلش. | ||||||||
ئىقتىدار نىشانى | سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەدىئىي زوق ئالالايدىغان بولۇش. | |||||||||
ھىسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى | ئوقۇغۇچىلاردا مەشھۇر قۇرلۇشلاردىن ھۇزۇرلىنىش ھىسياتىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قىممەتلىك مەدەنيەت مىراسلىرىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسدا تەربىيە بىرىش. | |||||||||
مۇھىم نوختا | ۋىرسال سارىينىڭ قەدىمىقى مەشھۇر قۇرلۇش ئىكەنلىكىنى بىىلىۋېلش. | |||||||||
قىيىن نوختا | چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىش ۋە ئۇلارنى قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. | |||||||||
ئوقۇتۇش قۇراللىرى | دەرسىلىك كىتاب، دوسكا، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، ۋېرسال سارىيىنىڭ رەسىمى | |||||||||
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش | ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرسمىزدە ئۆزىمزنىڭ مىللىي ، ئەنئەنىۋى سەنئەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرلۇشلاردىن مىڭئۆي بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىتۇق. سىزنىڭچە چەتئەللەردىمۇ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بارمىدۇ؟ سىز قايسىلىرىنى بىلىسىز؟ ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ، ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ياسىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار ئوخشاش بۇلامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ «ۋىرىسال سارىيى» دىگەننى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ زادى قانداقراق سارايدۇ؟ بىلىشكە قىزىقامسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. | |||||||||
ئوقۇتۇش جەريانى | دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ بىرى دەل بىز بۇرۇندىن باشلاپ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن مەشھۇر قۇرلۇش ۋىرسال سارىيىدۇر. دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردە بىردىن سىموۋۇل خاراكترىلىك مەشھۇر قۇرۇلۇش بار . مەسىلەن: ئامرىكىدىكى ( بەش بۇرجەكىلىك بىنا ، ئاقساراي ) رۇسىيدىكى ( كىرىمىل سارىيى) ئاۋىسترالىيدىكى ( سىدنىي تىياتىرخانىسى ) ھىندىستاندىكى ( تاج ماخال مەقبەرىسى ) ئېلىمىزدىكى ( تىيەنئەنمىن مەيدانى ) قاتارلىق قۇرلۇشلارمۇ ۋىرسال سارىيىغا ئوخشاش چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت . ئۇنىڭدا شۇ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىز ۋىرسال سارىيىنىڭ سىرلىق ئۆتمۈش ۋە رەڭدار جۇلاسى بىلەن تۇنۇشۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلاپ كۆرەيىلى: تېكىستنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال پايدىلىنىش ماتىرىيالىنىڭ 144 – بەتتىكى « ۋىرسال سارىيى » نىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ. تىكىست ئوقۇلىدۇ. ئوقۇش داۋامىدا يېڭى سۆزلەر، تەسىرلىك سۆز-جۈملىلەركە، شۇنداقلا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئىزاھلايدۇ. ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ، تۈزىتىدۇ. پارىژ _ فىرانسىينىڭ پايتەختى . مەرۋايىت _ ① بەزى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ قاپچۇقى ئىچىدە پەيدا بولىدىغان يۇملاق دانچىلەر . ② شۇ خىل دانچىلەردىن ئشلەنگەن مارجان . پۇختا _ ① چىداملىق ، چىڭ ، مۇستەھكەم ، پىششىق . ② بىرەر ئىش ، كەسىپ ۋە ئىلىمدە ياخشى ، پىششىق ، مۇكەممەل . مەرمەر _ بىر خىل ئاينىغان جىنىس ، ھاك تاش ، دولۇمىت ، قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايۇنلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كىرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ . ئاساسى مىنرال تەركىبى كالتسىت، تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ . تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينىغان كىرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ دانچىلىرىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ . ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ . مەرمەرنى سىىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرىنىدۇ . شۇڭا قۇرۇلۇش، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتىرىيال قىلىنىدۇ . سىممېترىك _ سىممېترىيە قانۇنيىتى بۇيىچە جايلاشقان ياكى ياسالغان ؛ سىمېتىېرىيگە ئىگە بولغان . نەپىس _ گۈزەل ، چىرايلىق ۋە نازۇك . ھەيۋەت _ كىشىدە قورقۇش ئارىلاش ئىھتىرام ۋە ئەجەپلىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان ئۇلۇغۋار كۈرۈنۈش ؛ قىياپەت ، داغدۇغا . | |||||||||
ئوقۇتۇش جەريانى | بىزەكچى _ ① تۈرلۈك شەكىلدىكى زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنەر كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەن . ② نەقىش، گۈل ئىشلەش ھۈنەر- كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى . نازاكەت _ ① كىشىنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى ، قىلىق - ھەرىكەت ۋە مۇئامىلىسىدىكى نازۇكلۇق . لاتاپەت ، ئەدەپ . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى . بەدئىي _ ۋەقەلىكىنى نەپىس سەنئەت ۋاستىلىرى ، ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان ، ئەدەبىيلىككە ئىگە . پارىژ كوممۇناسى _ 1871 – يىلى 3 – ئايدىن 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنىگىچە پارىژنى مەركەز قىلىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۇنجى پىرولتارىيات ھاكىميىتى . پارىژ سۈلھى كىلىشىمى- 19 – ئەسىرنىڭ 40- 50 – يىللىرىدا فىرانسىيە ۋە ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى پارتىلىغان ئىنىقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە تۈزۈلگەن كىلىشىم . ئارخېتىكتور- قۇرلۇش لايىھەلىگۈچى . بۇ تىكىست چۈشەندۈرۈش خاراكتىردىكى ئەسەر بۇلۇپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھەر قايسى ئۇسۇللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى: مىسال كەلتۈرۈش. سانلىق مەلۇماتلارنى كەلتۈرۈش، ئىنىقلىما بىرىش، تۈرگە ئايرىش، سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللىرى بار ، بۇ ئۇسۇللار شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ رۇشەن ئىپادىلەپ بىرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. | |||||||||
دەرسخانىدىكى مەشىق | ۋىرسال سارىيى نېمە ئۈچۈن نۇرلۇق مەرۋايىت دەپ ئاتالغان؟ ئۇنىڭدىكى مۇھىم قۇرلۇش قايسى؟ | |||||||||
تاپشۇرۇق | مەزمۇنى | مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنى چۈشەندۈرۈپ بىر پارچە چۈشەندۈرش ماقالىسى يېزىڭ. | ||||||||
نىشان | ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش. | |||||||||
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى | ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ | |||||||||
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى | سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ | |||||||||
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى | 2011- يىلى - ئاينىڭ - كۈنى |
(تەھرىر : يانتاق)
«7-يىللىق 2-مەۋسۈم«ۋېرسال سارىيى»نىڭ تەييارلىقى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس ت
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييار
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خە
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- دېتېرمىنات ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەن
- ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىقى
- تەڭ بولمىغان مىقدارلار ئاكسىئومىس
- بېرنوللى ئېھتىماللىق تەجرىبىسى
- مىخانىكلىق قۇۋۋەت
- لىنىس قانۇنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس تەييار
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خەۋەر
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىم
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- 9- يىللىقلار ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىزاھلىق
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا ئالىم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 7-يىللىق 2-مەۋسۈم«ۋېرسال سارىيى»نىڭ تەييارلىق