ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەر

ۋاقىت : 2014-06-28 15:05 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەر

پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەر

ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چارىسىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كۆچمە پۇل تۆلەش، ئۇچۇر-ئالاقە تورى سۈرئىتى ۋە ئادەملەرنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئالاقە قىلىشى تەرەپلەردىكى مەسىلىلەر يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشىلاشقا تىگىشلىك بوشلۇقلار بار. تۆۋەندىكىلىرى پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن چوڭ مەسىلىلەر. ناۋادا سىز بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىسىڭىز، سىز بىر كېچىدىلا مىلىيادىرغا ئايلىنىشىڭىز مۇمكىن.

ھەقىقىي سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار: Siri سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش تەرەققىياتىدا مەلۇم نەتىجىلەرنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما كىشلەر ئېھتىياجلىق بولغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوقۇم ئادەمگە ئوخشاش ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى. ئادەمگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋە ھەركەت قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ھەرقايسى ساھەلەرگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ.

سىمسىز توك كۈچى: توك سىم سەۋەبلىك سىمسىز يانفونلار ئىنتايىن چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. گەرچە كىشلەر بىر قانچە باتارىيەنى كۆپرەك ئېلىۋالسا ياكى توك قاچىلىغۇچ ئارقىلىق يانفونغا توك قاچىلىغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ياناونغا يەنىلا ئۈزلۈكسىز توك تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز. بىر ئىجادىيەت شىركىتى ئىزچىل سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلغان، ئەمما ھازىرغىچە بازارغا چىقارغىلى بولغىدەك بىر يۈرۈش مەھسۇلات چىقارمىغان.

ئىشلىتىش باھاسى ئەرزان بولغان يەككە ئائىلىلىك توك تەمىنلەش: سىز مەڭگۈ توك پۇلى تاپشۇرمايدىغان ئەھۋالنى ئويلاپ باققانمۇ؟ قۇياش ئېنىرگىيەسى ۋە شامال ئېنىرگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ توك مەنبەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل لاھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى ياكى تېخنىكا يىتەرلىك ئەمەس. ناۋادا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ قالسىڭىز، سىز ناھايىتى تېزلا باي بولۇپ كېتىسىز.

ئىشەنچىلىك بولغان سەھرا كەڭ بەلباغ تورى: نۇرغۇنلىغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇچۇر-ئالاقە تورى بولمىغان مۇھىتتىكى تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما شەھەرلەرنىڭ سىرتىدىكى رايوندا نۇرغۇنلىغان كىشلەر بىر ئۆمۈر تورغا چىقالمايدۇ. ئىگەللىنىشىچە دۇنيادىكى 3\\2 قىسىم كىشلەر ئالاقە تورى ئىشلىتىشكە ئامالسىز بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن سەھرا كەڭ بەلباغ تورى تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىسا بولىدۇ. يېزا ۋە شەھەر ئەتىراپىدىكى كىشلەرنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە تورىغا ئۇلاش مۇشۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

يەشكىلى بولمايدىغان مەخپىي نومۇر: يېقىندا چىققان«يۈرەكتىن تامغان قان» ۋە باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەخپىي نومۇر بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى يېڭى بىر يۇقىرى دەرىجىگە چىقاردى. مەخپىي نومۇردا ھەرخىل مۇرەككەپ بەلگىنىڭ بولىشى ئاللىقاچان بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. بەلكىم كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىك قوغداش ۋاستىسى بولسا بارماق ئىزى مەخپىي نومۇرى ياكى سۆڭەك تەسۋىرىنى چۈشۈرۈش بولىشى مۇمكىن، ئەمما مەيلى نىمىلا بولسۇن كىشلەر مەخپىي نومۇرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئېھتىياجلىق.

يىراق مۇساپىلىق يەتكۈزۈش: فانتازىيەلىك كىنولاردىكىدەك يىراق مۇساپىلىق ئەۋەتىش ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتتا، كىشلەر سەپەرگە چىقىپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ.Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەكشۈرىشىدىن قارىغاندا، 39% ئامېرىكىلىك فانتازىيەلىك فىلىملەردىكىدەك يىراق مۇساپىلىق ئەۋەتىشنىڭ كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئالىملار ئاللىقاچان مىكرو زەرىچىلەرنى ئىشەنچىلىك ئۇسۇلدا يىراق مۇساپىلىق يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، چوڭراق نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش ۋاقىت مەسىلىسىگە ئايلانغان.

ۋاكالەت خاراكتېرلىك پورتمال: ھازىر كىشلەر ناۋادا نەق پۇل ياكى ئىناۋەتلىك كارتا ئالمىغاندا ئۆيدىن يىراققا ئايرىلالمايدۇ. كۆچمە پۇل تۆلەش يەنىلا ئاساسىي تېخنىكا ئېقىمى بولۇشتىن يىراق. ھازىرقى كۆچمە پۇل تۆلەش بازىرى يەنىلا ناھايىتى چېچىلاڭغۇ ھالەتتە بولۇپ، گۇگېل پورتمالى ۋە سىتارباكىسنىڭ ئەپىگە ئوخشاش كۆچمە ئەپلەر ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدۇ.

ئاپتوماتىك يول باشلىيالايدىغان يۈك پاراخوتى: گۇگېلنىڭ ئادەمسىز ماشىنىسى ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم شىتاتلىرىدىكى كوچىدا پەيدا بولدى. پۈتۈن دۇنياغا ئاپتوماتىك مال يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىغاندا، كىشلەر ئېھتىياجلىق بولغىنى پەقەتلا ئادەمسىز ماشىنا ئەمەس، يەنە ئادەمسىز يۈك پاراخوتى ۋە ئادەمسىز ئايروپىلانمۇ بار.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ