بىرىنچى بۆلەك سۈيۈملۈك ئەدەبىيات
سىرلىق ــــ ① قانداقتۇر بىر سىر يۇشۇرۇنغان، مەلۇم سىرى بار ، مۆجىزىلىك؛ ② باشقىلاردىن سىر تۇتۇلغان ياكى باشقىلار بىلىپ قالسا بولمايدىغان؛ مەخپىي، يۇشۇرۇن ③ سىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان؛ ناھايىتى ھەيۋەتلىك؛ ④ يۈزىگە تەكشى سىر سۈرتۈلگەن، سىر بىلەن بۇيالغان؛ سىرلىساڭ سىرلىق ئاياغ، سىرلىمىساڭ ئىتقا تاياق . ( ماقال )
ئەدەبىيات ــــ ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇ. لاتىنچىدىكى « Liteyatura » دېگەن بىلەن ئوخشاش. لوغەت مەنىلىرى : ① بىرەر خەلقنىڭ بىرەر دەۋرنىڭ ياكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ يازما ۋە باسما ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ( بىر پۈتۈن يىغىندىسى ) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ② بىلىم ۋە پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە مەنسۈپ بولغان باسما ئەسەرلەر ۋە كىتابلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ③ سەنئەتنىڭ تىل ياردىمى بىلەن تۇرمۇشنى تەسۋىرلەش ۋە بەدئىي ئوبىراز يارىتىش ساھەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تەرىپى زامانىمىزدىكى ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشاش، بۇ خىل چۈشەنچىنى ئاتالغۇ جەھەتتىن پەرقىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا « بەدىئىي ئەدەبىيات» دەپ قوللىنىپ ئېلىنۋاتىدۇ. « بەدىئىي ئەدەبىيات » دەل ئاشۇ ئۈچىنچى خىل مەنىنى كۆرسىتىدۇ.
1. سىزگە ئىشىك ئېچىلدى
ئىستەك ــــ كىشىدە بىرەر نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش ؛ تىلەك خاھىش؛ بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭدا تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى.
روھىي ــــ كىشىنىڭ روھىغا، پىسخىكىلىق كەيپىياتىغا ، ئىچكى دۇنياسىغا ئائىت ھەم شۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان؛ روھىي ئازاب، روھىي كىشەن.
زەئىپ ــــ ① جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچسىز؛ ② سىياسي، ئىقتىسادىي، ھەربي ۋە باشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز؛ كۈچسىز؛ ③ پەس، بوش، سۇس، كۈچسىز، ئاجىز؛
مەسىتخۇش ــــ ① خۇشخۇي مەست ، سەل مەست، چالا مەست؛ مەستكە ئوخشاش؛ ② ھەلەك؛ ئاۋارە؛
غەپلەت ــــ خەۋەرسىزلىك، بىلمەسلىك؛ بىخەستەلىك، بىپەرۋالىق؛ غاپىللىق؛ نادانلىق؛
لاغايلاپ ــــ بىكار يۈرمەك، ئىش قىلماي ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەك؛
نامايەن ــــ ئېنىق، ئۇچۇق گەۋدىلەنگەن، رۇشەن كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان؛
نازۇك ــــ ① ئىنچىكە زىلۋا؛ ② يۇقىرى ماھارەت ھەم كۆپ ئەجىر بىلەن ئىشلەنگەن، ئىشلىنىشى نەپىس، ئېسىل؛ ③ ئۆزىگە خاس قىيىن تەرەپلىرى بولغان ، ئالاھىدە ماھارەت، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان؛ ئۇرۇنلاش ۋە بىجىرىش ئەڭ قىيىن بولغان؛ ④ سۈيۈملۈك ، يېقىملىق، ئۇماق، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان؛ ⑤ كۆچمە مەنىسى: ئالاھىدە ئىتبار تەلەپ قىلىدىغان ؛ تۈرلۈك تەسىرلەرگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ، بىرەر تەسىرنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتكە قارىتا سەزگۈر، ئەمما گەپ كۈتۈرەلمەيدىغان؛ ⑥ سىلىق، يېقىملىق، نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم؛ ⑦ كۆچمە مەنىسى : ئاجىز، بوش، زەئىپ، چىدامسىز؛ ⑧ سىرلىق، كىشىنى ھەم سۈيۈندۈرىدىغان ھەم ئەنسىرىتىدىغان؛ ⑨ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
تەسىرلىك ــــ ① تەسىر كۆرسىتىدىغان، نەتىجىلىك ، پايدىلىق؛ ② كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىدە كۈچلۈك تەسىرات قوزغايدىغان؛
ئوبىراز ــــ ① ئوبىيكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى كوفىيسى : ئوبىراز ئارقىلىق تەپەككۇر قىلماق . ② يازغۇچىنىڭ كۈزىتىشى ، تاللاش ، پىششقلاش ۋە يوغۇرۇشىدىن كىلىپ چىققان تۇرمۇش مەنزىرىسى .
ماھىيەت ــــ ① بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم، تۈپ مەزمۇنى؛② نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى بەلگىلىرى، ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسدىكى ئىچكى باغلىنىش، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى، خاراكتىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى ئامىل.
دەۋر ــــ ① تارىختىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئاساس قىلىنىپ بۆلۈنگەن مۇئەييەن مەزگىل؛ ② كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن مەزگىلى؛③ ئېرادىن كىچىك بولغان گىئولوگىيلىك يىل بىرلىكى. بىر ئېرا ( مىڭ يىل ) بىر نەچچە دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ④ شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەرياندا ئۇنىڭ مەلۇم بەلگىلىرى كۆپ قېتىم قايتا – قايتا كۆرىلىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىككى قېتىم كۆرۈلىشىگە كەتكەن ۋاقىت؛ ⑤ جىسملار تەكرار ھەرىكەت قىلغاندا ياكى فىزىكىلىق مىقدارلار دەۋرى ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بىر قېتىم تەكرارلىنىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ؛ ⑥ بىرەر ئىش- ھەرىكەت ، ۋەقە- ھادىسە بىجىرىلىدىغان بەلگىلىك ۋاقىت ؛ زامان؛⑦ كىشىنىڭ ئامىتى كەلگەن چاغ، پەيت، زامان.
مۇنەۋۋەرــــ ① ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئېسىل، ئالدىنقى قاتاردىكى؛② ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئىجتىمائىي ــــ ① كىشلىك جەمئىيەتكە، كىشلەر پائالىيتىگە، كىشىلەر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئائىت بولغان؛ ئىجتىمائىي فورماتسىيە، ئىجتىمائىي پەن؛ ② جەمئىيەتنىڭ، ئاممىنىڭ سىياسى مەدەنىي ۋە باشقا ئىھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىختىيارى رەۋىشتە خىزمەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان؛ ئىجتىمائي تەشكىلات. ③ ئاممىغا، ئۇمۇمغا تېگىشىلىك، ئومۇمىي؛ ئىجتىمائىي مۆلۈك.
جەۋھەر ــــ ① قىممەت باھا تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ② كۆچمە مەنىسى: بىرەر شەيئىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مېغىزى ، يادىروسى ؛ ③ كۆچمە مەنىسى : مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق، ئەھمىيەتكە ئىگە قىسمى؛ سەنئەت جەۋھەرلىرى . ④ كۆچمە مەنىسى : مەلۇم ئەجىر ، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى، نەتىجىسى؛
دوردانە ــــ ① ئېسىل چوڭ ئۈنچە- مەرۋايىت. ② ئېسىل ، بىباھا قىممەتلىك نەرسىلەر؛
مۇجەسسەم ــــ جەمىلەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان؛
جۇغلاش ــــ توپلاش، يىغىش؛
ساپا ــــ ① ساپلىق، پاكلىق ② سۈپەت ، ئۈنۈم، قەدىر- قىممەت ؛ ③ مەنپەئەت، ھوزۇر، ھالاۋەت؛ ④ پۇرژىنا ياكى بولۇتسىمان سۇلياۋ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان يۈلەنچۈكلۈك يۇمشاق ئۇرۇندۇق؛
بىمەنىلىك ــــ بىمەنىلىشىش، مەنىسىزلىك؛
دۇكتۇر ــــ ئىلمىي ئونىۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەن ئالىم.
ماگىستىر ــــ ① ئىلمى ئونىۋان؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدا بىر- ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئوقۇپ لاياقەتلىك بولالىسا ، بۇ ئونىۋانغا ئىرىشەلەيدۇ. دەرىجىسى دوكتۇرلۇق ئونۋانىدىن تۈۋەن تۇرىدۇ. ② شۇ ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەن ئادەم.
ھەقىقەت ــــ ئوبيېكتىپ رىئاللىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى توغرا بولغان ئىنكاسى. توغرىلىق؛ چىنلىق؛ ھەقىقى ئەھۋال؛
دىئالۇگ ــــ① ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلەر؛ ② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسدىكى سۆھبەت.
بىپايان ــــ چەكسىز، پايانسىز، كۆز يەتكۈسىز.
سۈكۈنات ــــ ئۈن- تىنسىز، جىمجىت تۇرغان ھالەت؛ جىمجىتلىق، سۈكۈت؛
سەھنە ــــ ① زال، كۇلۇب، مەيدان قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سۆزلىگۈچىلەر ياكى ئويۇن قۇيغۇچىلار ئۇچۇن لايىھەلەنگەن يەردىن ئىگىز قىلىپ سېلىنغان سۇپىسى؛ ② كۆچمە مەنىسى : پائالىيەت مەيدانى، مۇنبەر؛
كومىدىيە ــــ تۇرمۇشتىكى سەلبى ھادىسلەر ۋە شەخىسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەنئەت ئەسىرى.
تراگىدىيە ــــ ① باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر تۇقۇنۇشتا، باش قەھرىمان بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى. ② دەھشەتلىك ۋەقە، ھادىسە؛ پاجىئە؛
ئەكىس ــــ ① بىرەر نەرسىنىڭ سىلىق، يالتىراق يۈزىدە كۈرۈنگەن باشقا بىر نەرسىنىڭ تەسۋىرى . شەكىلى؛ ② زىت، تەتۈر، قارىمۇ- قارىشى؛ ③ قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان؛
قايغۇ ــــ زار، قاتتىق زارلىنىش؛
پاجىئە ــــ ئېچىنىشلىق ۋەقە؛ ھالاكەت؛ مۇسىبەت؛ بەخىتسىزلىك.
تەمسىل ــــ ① بىرەر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئوخشىتىش؛ ② تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسلەرنى، كىشىلەرنىڭ ياخشى- يامان خۇسۇسىيەتلىرىنى ھايۋان ۋە نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرى، تەبىيئىتى ۋە ھالىتىگە سېلىشتۇرغان ھېكىمەتلىك سۆزلەر.
ئەكىس سادا ــــ قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان ئاۋاز.
يۈكسەك ــــ ① ئېگىز، بۈيۈك، كاتتا؛ ② كۆچمە مەنىسى: ئالىي، يۇقىرى ، ناھايىتى چوڭ، ياخشى ، ئۇبدان. ③ ئەرلەر ئىسمى .
غايىۋى ــــ ① مۇئەييەن بىر غايە ، ئىدېئولۇگىيگە ئىگە؛ مۇئەييەن بىر غايە ئىدىئولۇگىيگە ئاساسلانغان : ② يۇشۇرۇن .
دەقىقە ــــ ① سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى ، مىنۇت . ② كۆچمە . قسقىغىنە ۋاقىت ، پەيىت .
كارتىنا ــــ ( رۇسچە ) كىنو- فىلىم ، كىنو كارتينىسى ، مۇستەقىل بەدئىىي قىممەتكە ئىگە بولغان تەسۋىرى سەنئەت ئەسىرى . ئەدەبى ئەسەرلەردىكى مەلۇم كۈرۈنۈشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ .
كىزىش ــــ مېڭىپ يۈرۈش ، ئايلىنىش ، سايائەت قىلىش ، ئارىلاش .
ئىزھار ــــ بايان قىلىش ، سۆزلەش ، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ، بىلدۈرۈش .
سادا ــــ ① تاۋۇش ، ئۈن ، ئاۋاز ، ② كۆچمە : ئىنكاس ، جاۋاپ .
تەلپۈنۈش ــــ ① تەمشىلىش ، ئىنتىلىش . ② كۆچمە . مەلۇم تەرەپكە تارتىماق ، ئۆزلۈكسىز سوقماق ، ( يۈرەك ، كۈڭۈل ، قەلىب ھەققىدە )
ياۋايى ــــ ① ئادەمگە كۆنمىگەن ، كۆندۈرۈلمىگەن ، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان . ② ئۆزى تەبىئيى ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن . ( ئۈسۈملۈك ) ③ مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائى ھالىتىگە خاس بولغان ، قالاق ، مەدەنىيەتسىز : ④ ئىجىتمائى تۇرمۇشتىن چەتنىگەن ؛ قەبىھ، ۋەھشىي .
نەزەر سېلىش ــــ كۆز سېلىش ، دىققتىنى بۇراش ، قاراش ،
جەزبىدار ــــ جەلىپ قىلارلىق ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ، دىققىتىنى تارتىدىغان .
ئاسىي ــــ ① گۇناھكار، گۇناھ قىلىغۇچى؛ ② خائىن، ساتقۇن.
ئۈزۈندە ــــ بىراۋنىڭ قىلىغان ياكى يازغان ماقالە- ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە.
2. شېئىر ۋە شائىر
ماتا ــــ پاختا يىپتىن يەرلىك تۇقۇش دوكىنى ( دەستىگاھ ) دا توقۇلغان رەخت، بۆز؛
كەشتە ــــ رەختنىڭ يۈزىگە يىڭنە بىلەن تىكىپ چۈشۈرۈلگەن گۈل، تۈرلۈك رەسىم، ھەر خىل سىزىقچە ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.
ھۆسىن ــــ ① چىراي، جامال، گۈزەللىك؛ ② چىرايلىق قىلىپ يېزىلىدىغان ، نەپىس ، كۆركەم ، گۈزەل؛
توڭگۇز ــــ ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، بۇرۇن ۋە ئېغىز تومشۇقلىرى ئۇرۇنچاق، كۆزى كىچىك، قۇلىقى چوڭ، پۇتى قىسقا تىنى سىمىز بولىدۇ. ئادەتتە چوشقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ② كۆچمە مەنىسى : ئەبلەخ ، ھايۋان دېگەن مەنىدىكى ھاقارەت سۆزى. ③ مۈچەل يىل ھېسابىدا ئون ئىككىنچى يىلىنىڭ نامى.
بەخىش ئەتمەك ــــ ئاتا قىلىماق، ئاتىماق، بېغىشلىماق، بەرمەك.
مەشئەل ــــ ① ئۇچىغا كۆيىدىغان بىر نەرسە ئۇرالغان، يۇرۇتۇش ياكى ئوت يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاياق؛ ② يول ۋە نىشاننى كۆرستىىپ بىرىدىغان نەمۇنە، ماياك.
زولمەت ــــ ① ھېچ نەرسنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاراڭغۇلۇق؛②كۆچمە مەنىسى: نادانلىق، جاھالەت.
گۈلخان ــــ ئىسسىنىش ياكى يۇرۇتۇش ، بەلگە بىرىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئۇتۇن سېلىپ ئوچۇقچىلىقتا قالانغان ئوت.
قاينام ــــ ① سۇ ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ چۈرگىلىمەچ بولۇپ ئايلىنىدىغان جايى؛ ② كۆچمە مەنىسى : ئىش، پائالىيەت ۋە كۈرەش ۋە شۇ قاتارلىقلاردا قايناپ تاشقان، جوش ئۇرغان ھالەت؛
تەشنا ــــ ① سۇسىرىغان، چاڭقىغان، سۇغا زار؛ ② كۆچمە مەنىسى : مۇھتاج، ئىنتىزار؛
داۋا ــــ ① كىسەلنى ساقايتىش چارىسى، دۇرا- دەرمەك؛ ② پايدىلىق ۋاستە. شىپا. ③ كۆچمە مەنىسى : ئامال، ئىلاج ، چارە.
ئۈگىدەك ــــ پۈتۈنلەي ئۇخلاپ قېلىش بىلەن ئويغاقلىقنىڭ ئارىلىقىدىقى ئۇيقۇ باسقۇچى؛
خامۇش ــــ ① شۈك جىم بولۇپ قالغان ؛ جىم، كەمسۆز؛ ② غەم- غۇسسىگە پاتقان، مىسكىن، ئويچان، چۈشكۈن، سۇلغۇن.
ئشىق ــــ ① يارغا بولغان مۇھەببەت ، سۆيگۈ . ② زور ئىشتىياق .
دەشىت ــــ ئۈسۈملۈك ئۈنمىگەن ، سۇسىز ، قاقاس يەر ؛ چۆل .
ئايۋان ــــ ھويلىنىڭ ئۈستى يېپىلغان قىسمى ، پىشايۋان.
پەرۋانە ــــ ① بىر خىل ھاشارەت، بۇنىڭ كۆپ تۈردىكىللىرى دىھقانچىلققا زىيان سالىدۇ. ② كۆچمە مەنىسى : مەھلىيا، ئاشىق، مەپتۇن .
تاماسىز ــــ خالىس، ھېچنىمە تەلەپ قىلىماسلىق.
سۇغ ــــ ① ھارارىتى ۋە تىمىپىراتۇرىسى بەلگىلىك گىرادوستىن تۈۋەن بولغان . ② ھارارىتى ، تىمىپىراتۇرىسى تۈۋەن ھاۋا . ③ سوغۇقلۇققا تەۋە يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە ئورگانىزىم پائالىيتىنىڭ سۇسلىشىشى . ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدىغان ، كۈڭۈلگە ياقمايدىغان ، يېقىمسىز ، قۇپال .
غەيۇر ــــ غەيرىتى بار، غەيرەتلىك ، جەسۇر، قەيسەر، باتۇر.
تەپەككۇر ــــ ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققدىكى قىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە .
نىكولاي ــــ چارۇسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسمى .
لىف تولىستوي ــــ ( 1828- 1910 ) لىف نىكولايىۋېچ تولىستوي روسىينىڭ داڭلىق ئۇلۇغ تەنقىدى رىئالىزىمچى يازغۇچىسى . ياۋرۇپا تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىسى. 1828 –يىلى روسىيەدىكى بىر پومىشچىك ئائىلىسىدە توغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى « بىر پومىشچىكنىڭ ئەتتىگىنى » ( 1856 ) ، « لىيوتسېرىن » (1857 ) پوۋېستلىرى ، « ئاننا- كارېننا » ( 1877) ناملىق رومانى ، « تىرىلىش » رومانى ، مۇھىم سەھنە ئەسەرلىرىدىن : «قارا كۈچلەر » پوۋېستلىرى ، « ئىۋان ئىۋانوۋىچنىڭ ئۆلۈمى » ، « ھاجى مۇرات » ۋە « تاسىندىن كېيىن » ھېكايسى قاتارلىقلار بار. 1910- يىلى 89 يېشىدا بەختكە قارىشى كىسەل سەۋبى بىلەن ۋاپات بولغان.
3. قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى
قىڭغىر ــــ ① تۈز سىزىق بويلاپ يۈنەلمىگەن ، ئەگىرى . ② بىر تەرەپكە قىيسايغان ، قىڭغايغان . ③ كۆچمە : ئالدايدىغان ، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىلىگەن ، ساختا . ④ كۆچمە . بىر ئەزاسى بىر تەرەپكە قىيسايغان .
تىركىشىش ــــ ① قارىشلىق كۆرسىتىش، قارىشلىشىش، ئېلىشىش؛ ② پۈتۈن كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىش، تىرىشىش.
يوقسۇل ــــ كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇز؛
سۈندىلاچ ــــ سۇندۇكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر خىل كىچك قۇش بولۇپ قۇرۇت قاتارلىق ئۇششاق ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ. تۈكلىرى كۈلرەڭگە مايىل كىلىدۇ.
تېكە ــــ ئۆچكە ، ياۋا ئۈچكە، جەرەن قاتارلىقلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پىچىلىمىغىنى.
ساغلىق ــــ ئىككى چىشلىقتىن ئاشقا چىشى قوي.
يېلىن ــــ ئايال كىشى ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ سۈت ئاجىرىتىش ئەزاسى؛ سۈت بېزى، ئەمچەك.
ئەت ــــ ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشى؛② بەزى مېۋىلەرنىڭ يومشاق قىسىمى؛③ يەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى.
يوپۇن (يوپۇڭ) ــــ يىلىڭ ، يوپقا .
نەغمە ــــ چالغۇ ئەسۋاپلىرى بىلەن ئىجىرا قىلىنىدىغان ئاھاڭ .
يېزىقچىلىق ئىلىھامى كەلگەندە يېزىش كېرەك
تەپەككۇر ــــ ① ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققدىكى قىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە .
قوشۇما ــــ بۇرۇننىڭ ئۈسىتىدىكى، ئىككى قاش ئارىلىقىدىكى ئۇرۇن؛
زورمۇزۇر ــــ مەجبۇرىي ھالدا، قىستاپ، زورلاپ، سەۋەپسىزلا؛
زورۇقماي ــــ كۈچىمەي.
تالاي ــــ جىق، نۇرغۇن، كۆپ؛
ئۇخچۇش ــــ دولقۇنلاش، مەۋج ئۇرۇش.
باغاشلىماق ــــ باغرىغا باسماق، قۇچاقلىماق.
رۇجەك ــــ دېرىزىنىڭ كۆزنەك ئورنىتىلىغان جازىسى؛ پەنجىرە.
قەلىب ئىزھارى ــــ ئىچكى روھىي دۇنياسى، ئىچكى ھىس تۇيغۇلىرى، پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەش.
داڭقان پۇتى ــــ قاملاشمىغان، ئېگىز- پەس؛
رومان ــــ بەدئىي ئەدەبىياتتا چوڭ تىپتىكى ئىپىك ئەسەر، ھەجىم جەھەتتىن چوڭراق بولغان ، كەڭ ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەلگىلىك تارىخى دەۋرنىڭ بىر پۈتۈن ئالاھىدىلىكنى ئۈزىدە مۇجەسسەملەپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىگەن، ئىجىتىمائى تۇرمۇشنىڭ كەڭ كارتىينىسىنى سىزىپ، تىپىك پىرسۇناژلار ئوبىزالىرىنى يارىتالىغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر.
ھېكايە ــــ تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرى ئارقىلق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا كەڭ ھەم مۇرەككەپ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان ئىپىك ئەسەر.
پىرسۇناژ ــــ ئەدەبى ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەگە قاتناشقۇچىلار.
قەسىر ــــ ① پادىشاھلار، خانلار ياكى فىئوداللارنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيى. ② قەلئە، قورغان. ③ ئومۇمەن ھەشەمەتلىك ساراي، كاتتا ئۆي ، بىنا.
سەرلەۋھىلىك ــــ ماۇۋزۇلۇق؛
پىچ ــــ ① ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلىتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلىغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە؛ ② پىچ ھالەتتىكى، يېڭى؛ ③ كۆچمە مەنىسى : مەيدانغا كەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش.
كۆزنەك ــــ ① دېرىزىنىڭ كۆزى. ② كىيىم تىكىش ماشىنسىنىڭ يىڭنە ئۆتۈشىدىغان تاختىسىمان دىتالى③ ھارۋا چاقىنىڭ يولى ئىچىگە ئورنىتىلىغان تۇرۇببا شەكىللىك دىتال. ④ سىيرىلما قازاننىڭ ئوق بىلەن تىگىشىپ تۇرىدىغان قىسمى.
ستون ــــ مەخسۇس بەت؛
4 . « بۇزغۇنچى »
لامپۇچكا ــــ ئېلىكتىر توكى بىلەن نۇر تارقىتىدىغان، شارسىمان شىشىدىن ئىبارەت يۇرۇتۇش ئەسۋابى؛ ئېلېكتىر چىراغ.
توك ئېقىمى ـــ ئېلېكتىر زەرىتىنىڭ ئېقىمى.
قۇم قازى ــــ تولا گەپ قىلىدىغان، گېپى تۈگمەيدىغان، قۇمدەك سۆزلەيدىغان ئادەم.
ۋات ــــ ئېلىكتېرنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى، ئېلىكتېر بېسىمى بىر ۋولت، ئۆتكەن تۆك بىر ئامپىر بولغاندا قۇۋۋەت بىر ۋات بولىدۇ.
ئۆمەللىمەك ــــ ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ گەپ قىلشقا تەمشەلمەك؛
يىتىم ئاقساقال ــــ ئاتىكاچى، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ – سۆزلەرگە ئارىلىشىۋالىدىغان ھەممىلا گەپكە لوقما سالىدىغان.
ۋىنتا ــــ ① بۇرما، رېزبا؛ ② ئايلانما رىزبىلىق چىڭىتىش دىتالى.
چالۋاقىماق ــــ بىرەر سەۋەپتىن باشقىلارغا چېچىلماق؛ ئاچچىقلانماق، خاپا بولۇپ سۆزلىمەك.
تەرسا ــــ گەپ يىمەيدىغان ، جاھىل، كاج؛
ئىستانسا ــــ ① پويىز ياكى باشقا ترانسپورت ۋاسىتللىرى توختايدىغان جاي ؛ بىكەت. ② ئالاقە، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇرۇن؛
مۇۋەپپەقيەت ــــ بىرەر ئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن ، ئىرىشىلگەن نەتىجە، غەلبە، ئۇتۇق؛
چوقۇنۇش ــــ ① ئىتىقاد قىلىش؛ ② پۈتۈنلەي ئىشىنىش ، ئەقىدە قىلىش.
ھەشەمەتچىلىك ــــ بىرەر ئىشنى كاتتا، داغدۇغا بىلەن قىلىش؛ سۆلەتۋازلىق.
مودا ــــ ① مەلۇم بىر دەۋىردە كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ ، دەۋر سۈرگەن، بازار تاپقان ھەم كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئادەت، كىيىم- كىچەك قاتارلىقلار؛ ② شەكىل، پاسۇن، ياڭزا.
سەلبىي ــــ ئىجابىي بولمىغان، يامان، تەلەپكە زىت؛
شۈبھىسىز ــــ ھېچقانداق شۈبھىي توغدۇرمايدىغان، شەكسىز، گۇمانسىز، مۇقەررەر ، سۆزسىز؛
تەرەددۇت ــــ تەييارلىق ، ھازىرلىق .
مەرى ــــ كىشىنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان بىر خىل ئوتلۇق مۇھەببىتى ، كۈچلۈك ياخشى كۈرۈش تۇيغۇسى .
پاكىت ــــ ① ئىنكار قىلىغىلى بولمايدىغان ، رېئال ، بارنەرسە . ② بىرەر ئىش ، نەرسە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ، قەتئىيى بىر پېكىرگە كىلش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس ، دەللىل ، ھۆججەت .
ھامما ــــ ① بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا ياكى ئانىسىنىڭ ئاچا- سېڭىللىرى . ② ئۆزىدىن چوڭلارغا مۇراجەت قىلىش ، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان سۆز .
پەتىلەش ــــ ① ئۆلۈم ئۇزىلتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ ، مەرھۇمغا قايغۇ بىلدۈرمەك . تەسەللى بەرمەك . ② ئادەتتە ھېيىت- ئايەم ، توي - مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق- تۇققان ، ئەل- ئاغىنە ، قولۇم قوشنىلارنى يوقلىماق ، زىيارەت قىلماق .
داغماللاش ــــ ① داغمال بىلەن كەپشەرلەش ② قىيناش ئۈچۈن قىززىتىلغان مېتالنى بەدەنگە ياقماق .
قىززىقىش ــــ ① بىرەر ساھە ، ئىش ياكى نەرسىگە ئىشتىياق باغلاش ، ھەۋەس قىلىش . ② دىققەت ئىتىبار بىرىش كۈڭۈل قويۇش ، بىرىلىش . ③ قىززىق تۇيۇلۇش ، قىززىقارلىق بىلىنىش . قىززىقسىنىش .
مەستانە ــــ ① مەسىتلەرچە ، مەسىتلەرگە ئوخشاش . ② كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ، ئەقلىنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدە گۈزەل ، چىرايلىق . ③ بىر نەرسىگە ، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بىرىلگەن ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىرىلىگەن ، مەھلىيا شەيدا بولغان . ④ بىرەر نەرسىگە ، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بىرىلىگۈچى ئادەم ، ھەۋەس قىلىغۇچى ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدابىرىلگەن كىشى ، ھەۋەسكار .
كۇرژۇك ــــ مەلۇم مەقسەت ، غايە بىلەن توپلانغان كىشىلەر توپى .
5. موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش
ئاۋۇن ــــ كۆپ ، جېق ، نۇرغۇن ؛
دار ئويۇنى ــــ يەرگە تىك ئورنىتىلىغان ، ئېگىز ياغاچقا چىڭ تارتىلغان ئارغامچا، ئارقانلار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ؛
دارۋاز ــــ دار ئۇيۇنى ئوينىغۇچى؛
تەڭشەك ــــ ① تىكىش ماشىنىسدا غالتەك يىپنىڭ چىڭ بوشلۇقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان سايمان؛ ② بىرەر نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان نەرسە؛ ③ دارۋازلارنىڭ دار ئۇيۇنى ئوينىغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن بادىرىسى.
چاتراق ــــ ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى؛ چات.
پەشۋا ــــ ① پۇت پەنجىسىنىڭ دۈمبىسى ، ئالدى تەرىپى؛ ② تېپىك؛ ③ كۆچمە مەنىسى : زەربە، دەشنەم، دەككە.
قاسقان ــــ ① غەلۋىر، ئەلگەك ، چاق ۋە بەزى باش كىيىمى قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىدىكى گەردىشى، چەمبەر؛ ② مانتا ۋە شۇ خىل تائاملارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ، قۇمۇش قاتارلىقىلاردىن مەخسۇس ياسالغان نەرسە ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر چەمبىرىكى.
ئەلگەك ــــ يۇمىلاق قاسقانلىق ئاستىغا تۇر بىكىتىلگەن ئۇن تاسقايدىغان سايمان.
قىينداق ــــ كىۋەز شادىسىنى چېپىۋالغاندىن كېيىن يىلتىز بىلەن قېپقالغان قىسمى.
قىيىندى ــــ رەخىت، قەغەز، خروم قاتارلىق نەرسىلەرنى قىيىپ كەسكەندە چىقىرىپ تاشلانغان كىرەكسىز قىسمى.
تەلۋە ــــ ① تەم پۇرىقى ناھايىتى ئاچچىق؛ ② ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، خۇيلىنىپ قالىدىغان، ساراڭ، كاج؛ ③ توسۇن، ھەددىدىن ئاشقان، غالجىر؛
نامازدىگەر ــــ كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر- ئىككى سائەت بۇرۇنقى ۋاقىت ئارىلىقى.
سېپىل ــــ بۇرۇنقى چاغلاردا ئوردا ياكى شەھەرنى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن ئوردا ياكى شەھەرنى چۆرىدەپ ئېگىز ھەم قېلىن قىلىپ سوقۇلىدىغان تام؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈرۈپ دۈشمەن تەرەپنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئۆيلىرى ۋە ئوق ئۈزۈش ئۈچۈن ياسالغان ئۆڭكۈرلىرى بولىدۇ.
خانىقا ــــ ① ئىشان سوپىلارنىڭ توپلىشىپ بىرلىكتە زىكىرىگە چۈشىدىغان، زىكىرى ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى، ئۇرنى. ② بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ ياسالغان چوڭ مەسچىت، جامە. ③ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۈمبەزلىك خانىسى.
مۇناپىق ــــ تىلى باشقا دىلى باشقا سۆز ھەرىكىتى بىر- بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان، سەمىيمىيەتسىز، ئىككى يۈزلىمىچى؛
ھارامزادە ــــ ① نىكاھسىز ئەر-ئايالدىن توغۇلغان بالا؛ ② كۆچمە مەنىسى : قۇۋ، ھېيلىگەر، مەككار، ئالدامچى؛
تاي ــــ ① ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى؛ ② چوڭ- چوڭ باغلام قىلىپ چىڭداپ تېڭىلغان مال.
قىيغىتىش ــــ ① ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئوينىماق؛ ئويناقلىماق، شوخلۇق قىلىماق؛ ② سىپاپ ئۇچۇرۇپ ئۆتمەك.
پول ــــ كارىدۇر ۋە ئۆينىڭ تاختاي ئورنىتلىغان ئاستى يۈزى؛
جىكلەش ــــ تاپىلاش، قايتا- قايتا ئەسكەرتىش؛
سەرگۈزەشىت ــــ باشتىن ئۆتكەن ئىشلار، ۋەقەلەر، كەچۈرمىش؛
خېمىرتۇرچ ــــ ① خېمىرنى بولدۇرۇش، كۆپتۈرۈش ئۈچۈن سېلىنىدىغان ئېچىتقۇ؛ ② كۆچمە مەنىسى : بىرەر ئىش ئۈچۈن ئالدىن سېلىنىدىغان مەبلەغ؛ ئىقتىسادي ياكى ئىقتىسادىي ئاساس، ئۇل؛ ③ كۆچمە مەنىسى : بىلىم، سەۋىيە، مەلۇمات، ئۇماچ؛
داڭىق ــــ نام، ئاتاق، شۆھرەت، ئىناۋەت؛
بىھۇدە ــــ ① پايدىسىز، مەنپەئەتسىز، بىكار؛ ② ئۇرۇنسىز ، ناھەق، ③ ئاساسسىز، بولمىغۇر؛
غالىپلار ــــ غەلبە قىلىغۇچىلار ، مۇۋاپىقيەت قازانغۇچىلار ، يەڭگۈچىلەر .
شىبە ــــ ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ، ۋە شەرقى شىمال رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نامى ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە كىشى .
كەرمەك ــــ ئىككى تەرەپكە تارتىپ ئارىسىنى ئاچماق ، يايماق ؛ كەڭ ، چوڭ ھالەتكە كەلتۈرمەك .
بىڭسى ــــ كۈچ- قۇۋۋەت ، ئىقتىدارى ، قابىليەت ، كارامەت ، ماھارەت ، گۇمپا .
شۇرا ــــ ① باغ ۋە ھويلا- ئاراملارنىڭ توسما تاملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ئادەم ئۆتكىدەك بولۇپ قالغان كەمتۈك يىرى . ② يۇپۇرمىقى كۈلرەڭ ، ئۈسىتى يالتىراق بولغان تاشلاندۇق يەر ، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا ياۋايى ھالەتتە ئۈسىدىغان شۇرا ئائىلىسدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك .
مىس- مىس ــــ ① بىر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ، ھەرىكىتى ئاستا . ② قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ، بۇشاڭ .
ئاپقۇر ــــ پىيالىنىڭ چوڭراق بىر تۈرى .
6 . بالىقىڭغا قېنىۋال بالام
ئەللەي ــــ ① بۇۋاق بالىنى ئوخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان سۆز؛ ② بۇۋاق بالىنى ئوخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان ئاھاڭلىق قۇشاق؛
ۋاللەي( ۋەللەي) ــــ ① بالىلار ئۇيۇنىنىڭ بىر تۈرى . ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 60- 70 سانتىمىتىر ، دىئامىتىرى ئۈچ- تۆت سانتىمىتىر كەلگۈدەك كالتەك ۋە ئونبەش ۋە يگىرمە بەش سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى بارماق توملۇقىدىكى بىر ياكى ئىككى بالىچۇق بىلەن تۈز مەيداندا ئوينايدۇ. ② شۇ ئۇيۇندا چوڭ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغان بالىچۇق تاياق.
زارىققان ــــ ① بىرەر نەرسىگە قاتتىق مۇھتاج، تەشنا بولماق؛ زار بولماق. ② ئىنتىزار بولماق ، تەقەززا بولماق، تەلمۈرمەك.
تۆتقۇلاق ــــ بىر خىل ئۈسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە پاكار ئۆسىدۇ، ئادەتتە ئۈچ قۇلىقى بولىدۇ. تۆت قۇلىقى بارلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ.
مەسۈم ــــ ① بىگۈناھ، گۇناھسىز، پاك، سەمىيمى؛ ② نۇمۇسچان، نۇمۇسلۇق، ئىپپەتلىك؛③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
چامپۇتلاش ــــ پۇتلىۋېتىش.
زاكاــــ بوۋاقلارنى يۆگەيدىغان ياكى ئاستىغا سالىدىغان لاتا، يۆگەك؛
توپان ــــ ① دىننى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان نوھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ، پۈتۈن دۇنيانى باسقان سۇ تاشقىنى . ② كۆچمە كۈچلۈك دولقۇن ، تاشقىن ، ئېقىن. ③ كۆچمە . زور بالايىئاپەت . ④ ئاشلىق زىرائەتلرىنىڭ خاماندا دېنى ئايرىۋېىلىنغاندىن كېيىن قېپقالغان غول ۋە يۇپۇرماقلىرىنىڭ تۇپىغا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن ئۇۋاقلىرى .
ئۈگە ــــ ① سۆڭەكلەرنىڭ ئۆز- ئارا تۇتاشقان جايى؛ ② كۆچمە مەنىسى : راكىتا ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلار قىسىملىرىنىڭ ئۆز- ئارا تۇتاشقان جايى، بۇغۇمى؛
يېزىقچىلىق ۋە ئاغىزاكى ئالاقە
جۇغلاش ــــ توپلاش، يىغىش؛
ئۇڭايسىزلىنىش ــــ بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالغا قارىتا بىئەپلىك ھىس قىلىش؛ تەسچىلىكتە قېلىش، قېيىن ھىس قىلىش؛
ھەۋەس ــــ بىرەر نەرسىگە بولغان قىززىقىش، ئىنتىلىش، ئارزۇ- ئىستەك.
ئوبىيكىت ــــ ① بىزدىن تاشقىرى ئېڭىمىزغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق ماددى دۇنيا، مەۋجۇدىيەت، سوبىيكىتنىڭ ئەكىسى؛ ② كىشىنىڭ پائالىيتى، دىققەت ئىتىبارى قارىتىلغان نەرسە، ھادىسە ۋە ئادەم؛
مۇخبىر ــــ گېزىت- ژورنال، رادىئو- تىلىۋېزىيە قاتارلىق مەتبۇئات ئۇرۇنلىرىغا خەۋەر، ماقالە، ئوبزور يېزىپ تۇرىدىغان كىشى؛
مەھسۇلات ــــ ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملار؛
7 . مەشرەپ
ئەنئەنىۋى ــــ ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئەنئەنە بۇيىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ئەنئەنە بولۇپ قالغان ، ئەنئەنىگە ئايلانغان ، ئەنئەنىلىك .
ئۆرپ- ئادەت ــــ بىرەر خەلق ياكى مىللەتكە ئورتاق بولغان ۋە شۇ خەلق مىللەت ئىچىدە ئەۋلاتتىن- ئەۋلادقا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يۇسۇن، ئادەت؛ قائىدە- يۇسۇن.
مەشرەپ ــــ ① كىشلەر بىر يەرگە توپلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ناخشا- ئۇسۇللۇق ئولتۇرۇش، يېغىلىش، بەزمە؛ ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
تۈس ــــ ① رەڭ- بۇياقلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛ ② تاشقى كۈرۈنۈش؛③ خاراكتىر؛④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگۇرىيلەرنىڭ بىرى؛
كۆنۈككەن ــــ كۆنگەن، ئادەتلەنگەن.
جامائەت ــــ ① مەلۇم مەقسەت ۋە نىشان ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەر، كۆپچىلىك، ئامما ؛ ② بىر ئىمامنىڭ يىتەكچىلىكىدە ناماز ئوقۇيدىغان كىشلەر؛
قېيىت مەشرىپى ــــ مورى ئويغۇرلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، تۆت پەسىل ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
كۆك مەشرىپى ـــــ بۇ قومۇل مەشرىپىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ تۇنجى قار ياققاندىن باشلاپ بۇغداي تېرىپ ئۆسۈپ پىشقىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، ئۆيمۇ- ئۆي نۆۋەتلىشىدۇ.
ئونېۋىرسال ــــ ① ئوخشىمىغان تۈر، ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى نەرسىلەردىن تەركىپ تاپقان، كۆپ ياكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تەرەپلىمە. ② بىر نەچچە ئىشنى قىلالايدىغان، ھەممىدىن خەۋىرى بار.
پاششاپ ــــ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كىچىللىرى كۈزەت قىلىدىغان، جاڭ قاقىدىغان ساقچى ئەمەلدارى. ئۆتمۈشتە مەھەللە ياكى كۇچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار.
ئەمەل ــــ ① ماتىماتىكىلىق ھېسابنىڭ ھەر بىر تۈرى؛ ② مەنسەپ، ھوقۇق، ۋەزىپە؛ ③ كۈندىلىك ئىش، پائالىيەت ، ئەمەلىيەت؛
جازا ــــ ① ئەيىپ ياكى جىنايىىتى ئۈچۈن كۈرۈلىدىغان چارە . ② ياغاچ ياكى تۈرلۈك مىتاللارنىڭ بىر- بىرىگە چېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قۇرۇلما . ③ نەرسىلەرنى تىزىپ قۇيۇش ۋە كۈتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلما . ④ كۆچمە: ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بىر خىل ئادەت ، كىبىر .
دەررە ــــ ئۈچ- تۆت قەۋەتلىك چەم ئارىسىغا قۇم ئېلىپ تىكىلگەن ياغاچ ساپلىق پالاق؛ ئۆتمۈشتىكى مەھكىمە شەرىئىيتىنىڭ ئەدەبلەش ۋە جازا قۇراللىرىنىڭ بىر تۈرى.
پوتا ــــ بەلگە باغلىنىدىغان رەخت؛
بېيىت ــــ ئەرەبچە- ئىككى مىسرالىق شېئىر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىدا خەلق قۇشاقلىرىنىڭ بىر تۈرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىككى مىسرا بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئومۇمەن بېيىت دېگىنىمىز مۇزىكا ئارقىلىق ئېيتىلماي دىكلاماتسىيە قىلىنىدىغان بۇغۇم، تۇراق ۋە مىسرالىرى چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدىغان مۇئەييەن پىكىر ئىزچىللىقغا ئىگە خەلق قۇشاقلىرىدۇر.
نەپىس ــــ گۈزەل، چىرايلىق ۋە نازۇك؛
مەشرەپ ئەھلى ــــ مەشرەپكە قاتناشقۇچىلار، مەشرەپ سورۇنىغا داخىل بولغۇچى كىشىلەر؛
لاپ ئۇرۇش ــــ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىنغان، قۇرۇق يالغان گەپ قىلىش؛ پو ئېتىش؛
ناماقۇللۇق ــــ بىراۋغا قىلىغان نامۇۋاپىق سۆز- ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سۇراش، ئۆزرە ئېيتىش.
پىر ئويناش ــــ ① پېرىخون، باخشىلارنىڭ دۇئا- تىلاۋەت بىلەن داۋالىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەتراپنى چۆرگىلىشى؛ ② لاغايلاپ يۈرۈش، لالمىلىق قىلىش؛
دۆرە- قېتىم، نۆۋەت.
سازەندە ــــ بىر ياكى بىر قانچە سازنى مۇكەممەل چېلىشنى بىلىدىغان كىشى ، مۇزىكانىت ، سازچى .
تەڭكەش ــــ ① تەڭلەشكەن ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ، تەڭپۇڭ . ② ماسلاشتۇرۇلغان ، لايىقلاشقان ، ئوخشاش . ( ساز ۋە ناخشا ھەققىدە )
مىراس ــــ ① ئۆلگەنلەردىن قالغان مال-مۇلۇك؛ ② ئۆلگەنلەردىن كىيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپى ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە، بايلىق، ھۆنەر كەسىپ؛
بىباھا ــــ باھاسىز؛
راۋا ــــ ① بىرەر ئىشقا مەسىلىگە قارىتا يول قۇيۇلىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇنلۇق توغرا ؛ ② مۇناسىپ ، لايىق، ماس؛ ③ كۆچمە مەنىسى : تەئەللۇق، تەۋە، مەنسۈپ، خاس.
بەھرە ــــ ① پايدا، مەنپەئەت، نەپ؛ ② لەززەت ، مەززە، ھوزۇر؛
سەينا ــــ مەلۇم دائىرىدە قۇرشالغان ئۆي- ئىمارەتلەر ئەتراپىدىكى بوشلۇق؛ ھويلا، قورۇ.
8. ئەتلەستىكى سەنئەت
زەرــــ ① ئالتۇن؛② ئالتۇن بىلەن ھەل بىرىلگەن، ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان، ئالتۇن رەڭگىدىكى .
مۇجەسسەم ــــ جەمىلەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان؛
ئۆرنەك ــــ ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۆلگە بولىدىغان نەرسە؛ ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسە ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى .
ھىلال ــــ ① يېڭى چىققان ئۈچ كۈنلۈك ئاي؛ ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
مويىنكەش ــــ تىرە مويىنى تارايدىغان كىچىك تۆمۈر ئارا؛
موكا ــــ ① توقۇمچىلىقتا رەختلەرنىڭ ئۆرۈشىگە ئارقاقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رولىنى ئۆتەيدىغان نەرسە، ئىككى ئۇچچى ئىنچىكە ئوتتۇرىسى تومراق بولغان تۇقۇش سايمىنى. ② تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاستنىقى يىپىنى ئۈستىگە چىقىرىپ بىرىش رولىنى ئوينايدىغان كىچىك غالتەككە ئوخشاش نەرسە.
ئىختىرا ــــ پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق، كەشىپ، كەشپىيات؛ ئىجاد.
ئېستېتىك ــــ ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى گۈزەللىك قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلىنىشى.
پاراۋان ــــ ھەممە جەھەتتىن تۇلۇق يىتەرلىك ، كۆپ ، مول ، باياشات.
ئېلېمېنت ــــ ① خېمىيەۋى ئېلېمېنت؛② ئالگىبىرادا بىرلەشمىنى تەشكىل قىلىغۇچى ھەر قايسى بۆلەكلەر؛ گىئومىتىرىيدە شەكىلنى ھاسىل قىلغۇچى ھەر قايسى بۆلەكلەر؛ ③ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلىغۇچى مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ياكى ھادىسىلەرنىڭ تەركىبى قىسىمى؛
تۈس ــــ ① رەڭ- بۇياقلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛ ② تاشقى كۈرۈنۈش؛ ③ خاراكتىر؛④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگۇرىيلەرنىڭ بىرى؛
ئابىستىراكت ـــــ پىكىر قىلىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قېلىنغان، كونكىرىت تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئېنىق بولمىغان، مەۋھۇم .
شەك ـــــ گۇمان، شۈبھە .
بەرنا ــــ ياش، نەۋقىران، گۈزەل، قەددى- قامىتى كېلىشكەن.
9. ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىندار
ئاۋىستا كالىندارى ــــ قەدىمقى پارىسلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بىر خىل كالىندار.
ئاسترونۇمــــ ئاسترونۇمىيە ئالىمى، مۇتەخەسسىس .
شەمىسيە كالىندارى ــــ ① يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ قىلىغان ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بىر خىل كالىندار. ئادەتتە دىيلىۋاتقان شەمىسيە كۆپىنچە خەلقئارادا ئورتاق قوللىنۋاتقان مىلادىينى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا بىر يىل 365 ياكى 366 كۈن بولىدۇ. ئۇ يەنە قۇياش كالىندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئىمىپىراتۇرــــ پادىشاھلىق دۆلەتلەردە پادىشاھنىڭ، ئىمىپىرىيە پادىشاھىنىڭ ئونىۋانى ۋە ئونىۋانغا ئىگە بولغان شەخىس.
تەقۋىم ــــ كالىندار.
پاپا ــــ كاتولىك دىنى جەمئىيتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى .
مەككە ــــ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى قەدىمى شەھەرنىڭ نامى ۋە شۇ شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەدىنە ــــ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى قەدىمى شەھەرنىڭ نامى ۋە شۇ شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئابىدە ــــ مەڭگۈ تاش.
قاغان ــــ قەدىمقى سىيانپىيلار ۋە جۇرجانلار، تۈركلەر، مۇڭغۇللاردىكى ئەڭ ئالي مەنسەپ نامى. خان- پادىشاھ مەنىسىدە كېلىدۇ. مېلادىيە 402- يىلىدىن باشلاپ قوللىنىلغان.
مەڭگۈ تاش ــــ قەدىمىقى شەھەر، مەھەللە ، مۇنارلار ۋە قەبرە، قەبىرىگاھلارنىڭ يۇلىغا ياكى ئالدىغا تىكلەپ قويۇلغان ئۈستىگە ئەستلىك سۆز- ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چىكىلگەن چوڭ خاتىرە تاشلار.
ئېرا ــــ خەلىقئارا گىئولوگىيە يىلنامىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك گىئولۇگيلىك دەۋىر بىرلىكى؛ مىڭ يىل بىر ئىرا بولىدۇ.
مۈچەل ــــ ① ھەر بىر يىل بىر ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يىل ھېسابى، ئۇ 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن يەنى نۇرۇز كۈندىن باشلىنىدۇ. ② كىشىنىڭ شۇ يىل ھېسابى بۇيىچە توغۇلغان يىلى؛
مۆھتىرەم ــــ ① كىشلەرنىڭ ھۆرمەت، ئىھتىرامىغا سازاۋەر بولغان ، ھۆرمەتلىك ،② ئاياللارنىڭ ئىسمى.
قەيت قىلىش ــــ ① تەكىتلەپ ئۆتمەك، تەكىتلىمەك؛ ② يازماق، يېزىپ قويماق؛
خاقان ــــ ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلىرىدىكى بۈيۈك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئونىۋانى ۋە شۇ ئونىۋاننى ئالغان ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە شەخىس، ئولۇغ خان؛
قورۇلتاي ــــ ① ئۆتمۈشتە موڭغۇل ۋە بەزى تۈركىي خەلقلەردە دۆلەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كاتتا يىغلىشى، چوڭ يېغىن؛② دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئومۇمى چوڭ يېغىن.
مىزان ــــ ① تارازا ، جىڭ ؛ ② مىزان بۇرجى③ شەمىسيە يىل ھېسابىدا يەتتنىچى ئاينىڭ ئەرەبچە نامى. ④ سۆز- ھەرىكەت قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنى باھالاشتا ئاساسلىنىدىغان پىرىنسىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى، نۇرمىسى ياكى قېلىپى.
تىمساھ ــــ سۆرەلگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر ئۇرۇقدېشى. چوڭلىرنىڭ بىر تەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچتىن ئالتە مىتىرغىچە كىلىدۇ. تۆت ئايغى قىسقا، قۇيرۇقى ئۇزۇن، پۈتۈن تىنىدە كۈلرەڭ، قۇڭۇر رەڭلىك قاتتىق قاسرىقى بولىدۇ. سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ۋەھشىي كېلىدۇ. بىلىق، پاقا ، قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، بەزىدە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ يەيدۇ. كۆپنىچە سوپتىروپىك ۋە تروپىك بەلۋاغلاردا ياشايدۇ.
خۇراپات ــــ ئاساسىز، ئىلمىيلىكى يوق، ساختا سۆز ۋە مۇشۇ ئاساستىكى ئىتىقاد، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن خىلمۇ- خىل كونا ئۆرپ- ئادەتلەر.
مەھمۇد كاشىغەرىي
مۇقەددىمەــــ ① ئىلىمىي، ئەدەبىي، مۇزىكا تىياتىر ئەسەرلىرى ۋە گەپ- سۆز نۇتۇق قاتارلىقلارنىڭ كىرىش قىسىمى، باشلىنىشى. ② بىرەر ئىشنىڭ بېشى، دەسلەپكى باسقۇچى.
خاتىمە ـــ ① بىرەر نەرسىنىڭ ئاخىرى، تۈگىشى، تاماملىنىشى؛ ② ماقالە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى خۇلاسە خاراكتىرلىك قىسمى. ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
بىئوگرافىك ــــ مەلۇم شەخىسنىڭ ھايات يۇلى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى تارىخى يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىش.
چېرىك ــــ ئەسكەر، لەشكەر.
تېكىن ــــ Ⅰ شاھزادە، شاھ ئوغلى. Ⅱ مىھنەت قىلمايدىغان، ئەجىر سىڭدۈرمەيدىغان.
سانغۇن ــــ ھەربىي ئەمەل نامى. سانغۇن سۆزىنىڭ مەنىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل نامى ۋە شۇ ئەمەلگە ئىرىشكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇش ۋە جەڭلەرگە قۇماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كىشلەرگە بىرىدىغان ئەمەل نامى ۋە شۇ ئەمەلگە ئىرىشكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى گىنىرال بىلەن ئوخشاش دەرىجە.
جەدە ــــ قىزغۇچ سېرىق رەڭ ( ئات ھەققىدە ).
قەلئە ــــ دۈشمەن ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئۇرالغان قۇرغان، شەھەر؛
قۇت ـــ بەخت، تەلەي، بايلىق.
مەھرەم ـــ ① پادىشاھنىڭ ئوردا- سارايلىرىدا ھەم ئەمەلدارلارنىڭ يېنىدا ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلىدىغان خىزمەتكار؛ ② مۇھاپىزەت خادىمى؛③ ئەر ياكى خۇتۇننىڭ شەرىئەت بۇيىچە بىر- بىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن بولغان ئەمما نىكاھ راۋا بولمايدىغان قېرىندىشى.
مۇددەرس ــــ مەدىرسلەردە دەرس بىرىدىغان كىشى، مەدىرسە ئوقۇتقۇچىسى؛
ئۆلىما ــــ ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق تەلىماتلىرىنى بىلىدىغان دىننى جەھەتتىن يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولغان كىشى، دىننى ئالىم.
نۇپۇز ــــ ئىززەت-ئابروي، تەسىر.
پەرىجە ــــ ياقىسى ئۇيۇپ چىقىرىلغان، تۈگمە بىكىتىلىمەيدىغان ئىچ يانچۇقلۇق ئۇزۇن چاپان، تون.
شېۋەــــ بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ مەلۇم دائىرىگە رايۇنغا خاس تارمىقى. ئادەتتە دىئالىكتتىن كىچىك بولىدۇ. دىئالېكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر رايۇن ياكى مەھەللىۋى تىلىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.
تالىپ ــــ ① مەدىرسلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى؛ ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
قاپۇغــــ قەلئە.
چىراغپاي ــــ ياغاچ ياكى مىتالدىن چىراغ قۇيۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمان.
10. پارىژدىكى « ئۇيغۇر مۇزىي »
پارىژــــ فىرانسىينىڭ پايتەخىت شەھىرى.
مۇزىي ــــ تارىخى ۋە ئىلىمى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نەرسىلەرنى سەنئەت، تېخنىكا، تەبئەت نەمۇنىلىرىنى يىغىش، ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش ، كۆرگەزمە قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇئەسسەسە؛
فولىكلورــــ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى؛
جىلىد ــــ ① بىر نەچچە كىتابتىن ئىبارەت ئەسەر، مۇقاۋىلانغان ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر ئايرىم كىتابى، توم. ② مۇقاۋا، قاپ ، تاش.
زاكونلىشىش ــــ داۋلىلىشىش، گەپ بىلەن ئۆز پىكىرىنى ئىسپاتلاش؛
مىناميوت ــــ زەمبىرەك ئوقى ئېغىزىدىن قاچىلىنىدىغان ئەگرى لىنىيە بۇيىچە ئېتىش ئاساس قىلىنىدىغان بىر خىل زەمبىرەك.
لېچەك ــــ ياشانغان ئاياللار بېشىغا سالىدىغان ئاق داكا رومال.
دىئالېكت ــــ بىر تىلىنىڭ مەلۇم دائىرىدىلا قوللىنىلىدىغان ۋە ئەدەبىي تىلىدىن پەرىقلىنىدىغان ئىجتىمائي ۋارىيانتى. ئۇ يەنە بىر قانچە شېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئېتمولوگىيە ــــ ① تىلىشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى ، سۆزنىڭ كىلىپ چىقىشى، مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ. ② سۆزنىڭ مەنبەسى، كىلىپ چىقىشى، مىللەت تەۋەلىكى.
ۋارىيانت ــــ ① ئەينى بىر فونېما بىر قانچە كونكىرىت تاۋۇش ئېلمېنېتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر قانچە تاۋۇش ئېلېمېنىتنى ئۆز ئارا مەنا پەرقلەندۈرمەيدۇ، مۇشۇنداق تاۋۇشلار فونېمىغا نىسبەتەن ۋارىيانت بولىدۇ. ② بىر خىل نەرسىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى.
11. كىيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز
رەللە بولۇش ــــ ئىچى تىت- تىت بولۇش تاقەتسىزلىنىش، ئاچچىقلىنىش؛
مەتۇــــ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەخمەق؛
داڭسىسى ــــ ئورنى، مەرتىۋىسى، دەرىجىسى.
كارتىنا ــــ ( رۇسچە ) كىنو- فىلىم ، كىنو كارتينىسى ، مۇستەقىل بەدئىىي قىممەتكە ئىگە بولغان تەسۋىرى سەنئەت ئەسىرى . ئەدەبى ئەسەرلەردىكى مەلۇم كۈرۈنۈشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ .
كومىدىيە ــــ تۇرمۇشتىكى سەلبى ھادىسلەر ۋە شەخىسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەنئەت ئەسىرى.
مېدىيە ۋاستىللىرى ــــ ئۇچۇر- ئالاقە ساھەسىدە كۆپ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمنىلەيدىغان سېستىما ۋاستىللىرى ۋە دىتاللىرى.
12. ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر
قوۋۇم ــــ ① بىر ئۇرۇقتىن چىققان ، ئۆز- ئارا قېىرىنداشلىق، ئۇرۇق- تۇققانلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشلەر توپى؛ ئۇرۇق، ئايماق، قەبىلە؛ ② دائىم دىگۈدەك بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان كىشلەر توپى ۋە جامائەت.
تىبەت ( تۈبۈت ) ــــ مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشىغان قەدىمىي مىللەت بولۇپ ھازىرقى زاڭزۇ مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە تىبەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مىللەت تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە مەملىكىتمىز ئىچىدە ھاكىميەت قۇرغان.
قامۇس ــــ مۇكەممەل، تۇلۇق لوغەت، ئىنىسكىلوپىدىيلىك لوغەت.
پەلسەپە ــــ ① دۇنيا قاراش توغىرىسىدىكى تەلىمات. كىشلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا توغىرىسدىكى تۈپ كۆز قاراشلىرىنىڭ سېستىمىسى. تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەت توغىرىسدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىشى ۋە يەكۈنى. ② كۆچمە مەنىسى : ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان پاكىتسىز، ئاساسسىز پىكىر، سەپسەتە ، قۇرۇق گەپ.
پەيلاسوپ ــــ ① پەلسەپە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى، پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى. ② كۆچمە مەنىسى : دانالارچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان كىشى.
دۇكتۇرــــ ئىلمىي ئونىۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەن ئالىم.
پىغان ــــ قاتتىق خاپا بولۇش، ئىچ پۇشۇقتىن كىلىپ چىققان نالە- پەرياد، دەرت- ئەلەم، يىغا.
ئۆتەڭ ــــ يولۇچىلار مەنزىل ئارىلىقىدا چۈشۈپ قۇنۇپ ئۆتىدىغان دەڭ، سارايلىرى بار جاي.
گىگانىت ــــ ناھايىتى چوڭ ، بەسىتىلىك ، يوغان ، بۈيۈك ، ئاجايىپ ، خىسلەتلىك ، سالماقلىق .
پاسپورت ــــ چەتئەلگە چىقىدىغان پۇقرالارنىڭ سالاھىيتىنى ئىسپاتلايدىغان دۆلەت تەۋەلىك گۇۋاھنامىسى، ھۆججەت؛ ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلۇماتىيە ئورگىنى تەرىپىدىن بىرىلىدۇ.
ئىستانبۇل ــــ تۈركىينىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە شۇ شەھەرنىڭ نامى.
مەخسۇس تىملىق پائالىيەت بۆرە
نەسىل ــــ ① بىر ئەۋلاد، بىر ئەجداتقا مەنسۈپ بولغان كىشىلەر ئۇرۇقى ۋە ئۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ، زاتى ، نەسەبى ، تىگى – تەكتى . ② كىيىنىكى ئەۋلاد ③ مەلۇم بەلگە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ، بىر تۈرگە مەنسۈپ ھايۋانلار گۈرۇپپىسى ، ئۇرۇقى ، سورتى .
نوچى ــــ ① باشقىلارغا بۇزەك بولمايدىغان ، ھەم باشقىلارنى بۇزەك قىلىمايدىغان ؛ كۈچلۈك ، گاڭگۈڭ ، مەرد ، ② سەرخىل ، ئەڭ ياخشى .
نۇسخا ــــ ① بىر تۈرلۈك نەرسىلەردىن ئېلىنىغان نەمۇنە . ② بىر خىل قېلىپ ياساش ، كۆچۈرۈش ، بېسىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەمۇنە ، ئەندىزە . ③ گۈل ، نەقىش ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تۈرى . ④ تەتقىقات ئۈچۈن ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە ئۈلگىسى . ⑤ باسما ياكى يازما ئەسەرنىڭ ھەر بىر نۇسخىسى ياكى دانىسى . ⑥ بىرەر نەرسىنىڭ ئەسلسىگە ئوخشىتىپ ياسالغان ياكى سىزىۋېىلىنغان كۆچۆرمىسى . ⑥ رىتسىىپ
خامان ــــ ① زىرائەتنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان. ② شۇنداق جايغا قۇرۇتۇش، تىپىش، تازىلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات. ③ تېپىپ، يەنجىپ پاكىزلانغان تەييار چەش، ئاشلىق.
مەڭگەن ــــ بۇغداينىڭ دېنى يەنجىۋېلىنغان، ئەمما يۇمشاق سامان قىلىنمىغان غول، بەزى جايلاردا مەڭگى دىيىلىدۇ.
سۆڭگەچ ــــ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەلدىن تۈۋەن، يوتىدىن ئۈسىتى قىسمى، يانپاش.
مەخلۇق ــــ ① ئىنسان ۋە پۈتۈن جانۋارلارنىڭ تىرىك مەۋجۇداتلارنىڭ ئومۇمى نامى. ② بىر نەرسىگە ئوخشىمايدىغان خۇنۈك ياكى ئەخلاقسىز، نىيتى يامان ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان ئۆچ كۈرىدىغان كىشلەرنى كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ.
يا ــــ ① قاتتىق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچچىدىن يىپ تارتىپ ئىگىپ، يېرىم چەمبەر شەكىلىدە ياسالغان كىچىك نەيزىسىمان، ئوق سېلىپ ئاتىدىغان قەدىمىقى ئۇرۇش قۇرالى، كامان. ② تەڭداش جۈملە بۆلەكلىرى ياكى ئايرىم جۈملە بۆلىكى ئالدىدا كىلىپ پىكىرنىڭ قىياس قىلىنغۇچى بۆلەكلىرىدىن بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ③ سۇئال جۈملە ئالدىدا كىلىپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى جۈملە مەنىسىگە نىسبەتەن قارىمۇ- قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ④ ئىككى جۈملە ئوتتۇرىسدا كىلىپ كېينىكى جۈملىدىكى ئىش- ھەرىكەتنىڭ بولۇنمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆز ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ.
قۇم بارخانلىرى ــــ شامال، بۇران قاتارلىق تەبىئەت ھادىسلىرى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان قۇم دۆۋىلىرى.
زومچەك ــــ توپ-توپ، غۇژمەك- غۇژمەك.
ئىنىسكىلوپىدىيە ــــ ئىلىم- پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى بىرەر ساھە بۇيىچە كەڭ تۇلۇق مەلۇمات بىرىدىغان لوغەت تىپىدىكى ئىلمى توپلام، قامۇس.
كۈشەندە ــــ ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئامانلىقىغا بىخەتەرلىكىگە دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان زىيان- زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئامىل، زىيانداش دۈشمەن.
ئەبلەخ ــــ قىلىمىشى، ھەرىكىتى چېكىدىن ئاشقان، قەبىھ، يارىماس، رەززىل.
خاھىش ــــ ① بىرەر نەرسىنى، ئىشنى خالاش ، ئىزدەش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش، مايىل بولۇش، مايىللىق ئىستەك، ئارزۇ. ② بىرەر ئىش بىرەر مەسىلە ھەققىدە يۈز بەرگەن ھادىسە ئەھۋال .
تىمەن ـــ ① ساغلام ۋە سىمىز ، كۈچلۈك . ② تەمكىن ، پۇختا ، مەزمۇت .
قۇۋ ــــ ① ھىيلە- نەيرىڭى تولا ، باشقىلارنى گوللاشقا ئۇستا ؛ ھىيلىگەر ، مەككار ، مۇغەمبەر . ② قۇرۇپ چېكىگە يەتكەن ، بەك قۇرۇپ كەتكەن . ③ ياپىلاق قىلىپ تۇقۇلغان ئىشتانباغ .
ياۋايى ــــ ①ئادەمگە كۆنمىگەن ، كۆندۈرۈلمىگەن ، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان . ② ئۆزى تەبىئيى ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن . ( ئۈسۈملۈك ) ③ مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائى ھالىتىگە خاس بولغان ، قالاق ، مەدەنىيەتسىز : ④ ئىجىتمائى تۇرمۇشتىن چەتنىگەن ؛ قەبىھ، ، ۋەھشىي .
مەۋجۇتلۇق ــــ ① ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، بارلىق. ② مەۋجۇدىيەت.
ۋەھشىي ــــ ئىنسانلىق قىياپىتىنى يۇقاتقان . ئۈتۈپ كەتكەن زالىم ، قانخۇر .
تېۋىنىش ــــ ① سېغىنىش ، ئىنتىلىش ، ئىلىتىماس قىلىش ، ئىلتىجا قىلىش . ② چوقۇنماق ، سەجىدە قىلىماق ، ئىتقاد قىلىماق ، ئىشەنمەك .
13. ئۇر توقماق
چارە ــــ ① بىرەر ئىشىنى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن قوللانغان ئۇسۇل، تەدبىر، ئامال؛ ② بىرەر ئىدارە- جەمئىيەت ، كوللىكتىپ ئۇرۇنلار ئۆز تەۋەلىكىدە يولغا قويغان قائىدە- تۈزۈم، بەلگىلىمە؛ ③ تەنبىھ، جازا.
ھىيلە ــــ ئالداش، ساختا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىگەن ئۇسۇل؛ ساختىلىق، نەيرەڭ.
چاڭگال ــــ ① پەنجە، چاڭ؛② زۇلۇم، ئاسارەت، تۇتقۇنلۇق، نەزەربەنىد، رىجىم، ئىسكەنجە؛③ ساناق سانلار بىلەن قوشۇلۇپ چاڭگاللىغلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
سەدىقە ــــ ① تىلەمچى ياكى مۇھتاجلارغا بىرىلىدىغان ئىنئام، خەيرى- ئىھسان؛② نىجاتلىق ئىزدەپ ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ روھىغا ئاتاپ خۇدا يولىدا بىرىلىدىغان ئىھسان.
كوسا ــــ ساقال، بۇرۇتى ناھايىتى ئاز ياكى پۈتۈنلەي چىقمايدىغان.
تورغاي ــــ قاناتلىرى سۇس قۇڭۇر، قارا رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، تۇمشۇقى كىچىك ۋە ئۇشلۇق، قانىتى چوڭ، ئېگىز ئۇچىدىغان يېقىملىق سايرايدىغان بىر خىل قۇش.
ئېلتىپات ــــ كىشلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىېلىنغان ياخشى مۇئامىلە، غەمخۇرلۇق، مىھرىبانلىق، نەزەر– ئىتىبار.
سۇپا ــــ ① ئولتۇرۇش ياكى يېتىپ قۇپۇش مەقسەتلرى ئۈچۈن ئۆي ئىچى ، پىشايۋان ، ھويلا ، باغ- ئارام قاتارلىقلارغا خىش ياكى كىسەك ۋە تۇپا بىلەن يەردىن 50- 60 سانتىمىتىر كۆتۈرۈپ سېلىنغان قۇرۇلما ، ئۇرۇن. ② ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئۈستى تەكشى ھەم يەردىن ئېگىزرەك بولغان جاي ياكى قۇرۇلما. ③ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرلۇش ئۇرۇنلىرىدىكى ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەم ئېگىزلەتكىلى ھەم تۈۋەنلەتكىلى ياكى بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكىگىلى بولىدىغان رۇستەك.
كۇرسى ــــ ① بەندىڭ ، ئۇرۇندۇق. ② قىممىتى، باھاسى.
ساڭقاش ــــ تىزەكلەش، ماياقلاش.
زىلچا ــــ يۇڭ ياكى يىپەكتىن ھەر خىل رەڭدە تىۋىتلىق تۇقۇلۇپ يەرگە سېلىنىدىغان ياكى تامغا ئېسىپ قۇيۇلىدىغان ئائىلە جابدۇقى؛ گىلەم.
كارامەت ــــ ① بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسىنى ئالدىنئالا بىلىش؛ ② بىڭسى، گۇمپا، ماھارەت، كۈچ- قۇۋۋەت؛ ③ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ھەيران قالارلىق ئىش، مەسىلە، مۆجىزە. ④ ئاجايىپ، قالتىس، ئالامەت، ھەيران قالارلىق. ⑤ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
تاپا-تەنە ــــ بىر كىمنىڭ قىلىغان ئىش- ھەرىكىتى، گەپ-سۆزلىرىدىن نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا قېلىنغان دوق؛ بىرىلگەن دەككە، دەشنەم.
قىرراق ــــ قاغىنىڭ قاقىلىدىغان ئاۋازىنى كۆرسىتىدۇ.
تەلمۈرمەك ـــ كۆزىنى ئۈزمەي قارىماق، ئۈمىد كۈتمەك.
سادا ـــ ① تاۋۇش، ئاۋاز، ئۈن. ② جاۋاپ، ئىنكاس.
كايىماق ــــ① خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق. ② ئاۋارە بولماق، مۇشاققەت تارتىتماق.
مەرتەم ــــ قېتىم، تۆۋەت .
بايان ئەيلەش ــــ ۋەقە- ھادىسە، پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىپادىلەش، ئىزھار قىلىش، چۈشەندۈرۈش.
تولۇم ـــ① قۇرسىىقىنى يارماي سويغان كالا،قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تىرىسى. ② قۇرسىقىنى يارماي سويغان كالا، قوي، ئۆچكە تىرىسىدىن پىششىقلاپ تەييارلانغان خالتا، ئادەتتە ئىچىگە ئاشلىق، شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تاغار ۋە سۇ قاچىسى ئۇرنىدا ئىشلەتكىلى ھەم ئىچىگە ھاۋا توشقۇزۇپ سۇ ئۈزۈشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ.
ئاللا-توۋا ـــــ پىغان، نالە- زار، ئازاپ- ئوقۇبەتنى كۆرسىتدۇ.
دۇمبالىماق ــــ مۇش ۋە تاياق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قاتتىق ئۇرماق.
پەندىيات ــــ قاتتىق بىزار بولغان، تويغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىك نەسىھەت، ساۋاق دېگەن مەنىدىكى پۇشايمان، ئەپسۇس سۆزى.
تەمە ــــ ① باشقىلارنىڭ بىرەر نەرسە ئىنئام قىلىشنى كۈتۈش، مەنپەئەتكە ئىرىشىشكە ئىنتىلىش، ② ئارزۇ، يېلىنىش، ئۈمىد.
قانائەت قىلىماسلىق ــــ ئازغا ياكى بارىغا كۆنمەسلىك، نەپسىنى يىغالماسلىق، كۆپكە ئىنتىلىش.
نىيىتى بوزۇلۇش ــــ يامان مەقسەت، مۇددىئادا بولۇش.
خەزىنە ــــ ① پۇل، ئالتۇن- كۈمۈش، تىللا ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار ساقلىنىدىغان مەخسۇس جاي. ② بىرەر شەخىس، تەشكىلات ياكى دۆلەت ئىختىيارىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملار، مەبلەغ، بايلىق. ③ مەدەنىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلار.
ئارامخۇدا ــــ خاتىرجەم، تىنىچ.
پىسەنىت قىلماسلىق ــــ دىققەت قىلماسلىق، ئىبار قىلىماسلىق، نەزەر سالماسلىق، پەرۋا قىلماسلىق.
ئەمىر بىرىش ـــ بۇيرۇق چۈشۈرۈش، پەرمان چۈشۈرۈش، يارلىق چۈشۈرۈش.
مۇرادىغا يىتىش ــــ مەقىسىتىگە يىتىش، مۇددىئاسىغا يىتىش، ئارزۇسىغا يىتىش.
ئۇچار گىلەم ــــ ئەرەب چۆچەكلىرىدە تەسۋىرلەنگەن ئۇچۇش ئقتىدارىغا ئىگە خاسىيەتلىك گىلەم .
ياغاچ ئات ــــ ① بىر خىل گىمناستىكا ئەسۋابى، شەكىلى ئاتقا ئوخشايدۇ، دۈمبىسىدە ھالقا بولمايدۇ. ② بىر خىل گىمناستىكا مۇسابىقە تۈرى ، بۇنىڭدا تەنھەرىكەتچىلەر قۇلى بىلەن ياغاچ ئاتقا تايىنىپ، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئۇرۇندايدۇ.رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئاياللار توغىرىسىغا قۇيۇلغان ياغاچ ئاتنى، ئەرلەر ئۇزۇنىسىغا قۇيۇلغان ياغاچ ئاتنى ئىشلىتىدۇ. ③ رىۋايەتلەردىكى ئۇچىدىغان ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئەپسانىۋى ئات. ④ بالىلارنىڭ توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئۇيۇنچۇق ئېتى، ياغاچتىن ياسىلىدۇ.
جاھاننامە ئەينىكى ــــ جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسەتكۈچى ئەينەك.
سولايمان قالپىقى ــــ رىۋايەتلەردە كىشلەر باشقا كىيىۋالسا غايىب بولۇپ باشقىلارغا كۈرۈنمەيدۇ، دەپ قارىلىدىغان بىر خىل خاسىيەتلىك قالپاق.
ئېچىلىڭ داستىخنىم ــــ چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن بارلىق نازۇ- نىممەتلەرنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە خاسىيەتلىك داستخان.
قسسە ــــ ① رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلىغان بەدىئي ئەسەر، پوۋىست. ② ۋەقە- ھادىسە ۋە ئەپسانىلەر بايان قىلنغان ئىپىك ئەسەر، رىۋايەت.
تەسەۋۋۇر ــــ ① كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىڭ كونكىرىت ئوبىرازىنى ئويلاپ چىقىش، ② سەزگۈ ماتىرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى ئوبىراز يارىتىشنىڭ پىسخولۇگىيلىك جەريانى. ③ ھىسسى بىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەۋە بىلىش جەريانى، ئىدىراك ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. ئىدىراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بىلىش نەزەريىسىدە بەزىدە ئوبىزاز دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ھاماقەت ــــ ئەقىلسىز، ئەخمەق، دۆت.
ئىمكان بەرمەك ــــ بىرەر ئىش ، مەقسەت ، تەلەپ قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن يول قويماق، ئۇنىماق ياكى شەرت- شارائىت ياراتماق.
سىنارىيچى ــــ سىنارىيە يازىدىغان كىشى ياكى ئەدىب؛ سىنارىيە يازغۇچىسى.
مەۋايىت ــــ ① بەزى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ قاپچۇقى ئىچىدە پەيدا بولىدىغان يۇملاق دانچىلەر. ② شۇ خىل دانچىلەردىن ئشلەنگەن مارجان .
ئالچاڭلاپ ــــ ① پۇتىنى كېرىپ، ئىغاڭلاپ مېڭىش ، ② كۈرەڭلەش ، گىدىيىش .
مەسىت ــــ ① ھاراق ، نەشە ، خىروئىن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تەسىرىدە كەيىپ بولغان ، كەيپى بار ، كەيىپ . ② كەيىپ بولغان ئادەم . ③ كۆچمە . قاتتىق تەسىرلىنىپ ، زوقلىنىپ شادلىققا چۆمگەن ؛ شادلانغان ، خۇشال بولغان ياكى خۇدىنى يۇقاتقان ؛ قاتتىق مەستىلىگى كەلگەن .
سۇلۇش ــــ ① ئۈسۈۋاتقان ياكى يېڭى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتكى ھالىتىنى يۇقاتماق، سالپايماق، قورۇلماق،سۇلاشماق . ② كۆچمە . روھلۇق ، جوشقۇن ھالىتىنى يۇقاتماق ، سارغىيىپ رەڭگىدىن كەتمەك . بۇشاشماق .
قاياشى ــــ ① ئومۇمەن بىر – بىرىنىڭ ئەھۋالىنى ، كۆڭلنى چۈشىنىدىغان ، بىر- بىرىگە ھىسداشلىق قىلىدىغان يېقىن كىشىلەر ، ئۆز خىلى . ② شەپقەتچى، نىجاتچى ، باشپاناھ .
كامار ــــ ① ئۇيۇلغان جاي ، تۆشۈك . ② ئۇۋا ، ئىن .
ئەمىر ــــ خان ، پادىشاھ ، باش سەركەردە .
14. دېۋە ۋە بالىلار
دېۋە ــــ ① چۆچەك، رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان، ناھايىتى زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە غەيرى تەبىئەتلىك خىيالى مەخلۇق. ② كۆچمە مەنىسى : ناھايىتى قۇدىرەتلىك ، باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئادەم ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان نەرسە.
ئول ــــ ئۇ.
ساما ــــ ① ئاسمان، كۆك؛ ② ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى، مىللى ناغرا ئۇسۇللىرىدىن بىرى. كۆپىنچە ھېيىت- بايراملاردا ئوپچە ئوينىلىدۇ. ③ سوپى- ئىشانلارنىڭ دىننى پائالىيەتلەردە زىكىرى- تەلقىنگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ھەرىكىتى. كۆپىنچە ئىككى قول ئالدى كەينىگە تاشلىنىپ بەل ئىگىلگەن ھالدا پىرقىراپ ئوينىلىدۇ.
ناتىۋان ــــ ئەھۋالى ناچار، زەئىپ، كۈچسىز، نىمجان، بىچارە، ئاجىز.
بەتنىيەت ــــ يامانلىقنى ئويلايدىغان، نىيىتى يامان.
جۇت ــــ Ⅰ ① تۇمانلىق سۇغۇق شامال؛ ② باشقا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق، بەختسىزلىك، بالا- قازا؛ ③ باشقىلارغا ئوڭۇشسىزلىق، بەخىتسىزلىك ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كىلىدىغان. ④ كىيىم- كىچەك توشىمايدىغان؛ Ⅱ لىپا دەرىخى ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، قوۋزاق تالاسى توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ. يىلىتىزى بىلەن يۇپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ.
نىدا ــــ مەلۇم ھىس- تۇيغۇنى بىلىدۈرىدىغان ئاۋاز، تاۋۇش،
ئاڭقاۋ ــــ ئەس- ھۇشىنى دەرھال يىغىپ ئالالمايدىغان، گەپنى دەرھال چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان، بىخۇد، دۆت.
خازان ــــ كۆزدە سارغىيىپ تۆكۈلگەن ياكى تۆكۈلۈشكە باشلىغان دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ۋە قۇغۇن- تاۋۇز خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پىلەكلىرى.
15. داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ
بابكار ـــ قول دەستىگاھىدا پاختا يىپتىن بۆز توقۇغۇچى كاسىپ، ھۈنەرۋەن.
شالدام ـــ ئېغىزىدىن شالى ئېقىپ تۇرىدىغان ئادەم، ئېغىزىدىن ئاقىدىغان سۇيۇقلۇق.
ساماۋەر ــــ مەخسۇس چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرىسىدا كانايسىمان ئوتلۇقى بار، مىس ياكى قەلەيدىن ياسالغان جۆمەكلىك ئائىلە بۇيۇمى. ئۇنىڭ ئوتۇن ۋە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغانلىرىدا ئوتلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان سۇ قاچىسى بولىدۇ، توك ئىشلىتىلىدىغان ساماۋەرنىڭ مۇنداق ئوتلۇقى بولمايدۇ.
مىخ دارچىن ـــــ دورىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ نامى.
قوۋزاق دارچىن ــــ دارچىننىڭ قوۋزىقى تىبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، تەرلىتىش، تارتىشىپ قالغان موسكۇللارنى بۇشاشتۇرۇش، تۇمۇرلارنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا تېتىققۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
پۇتلىكاشاڭ ــــ تۇسالغۇ، كاشىلا بولىدىغان نەرسە ۋە ھادىسە.
بېشەكشۈن ــــ قوغۇننىڭ بىر تۈرى، بۇ خىل قوغۇننىڭ پۇسىتى تالالىق، ئېتى قېلىن، سۇلۇق ھەم ناھايىتى تاتلىق بولىدۇ.
كۆكچە ـــ پوستى كۆك ياكى قارامتۇل كۆك ئىچى قىزىل ياكى ئاق چىقىدىغان سۇ تەركىبى مول چۈرۈك تەمى تاتلىق بولغان قوغۇن.
چاچۈرۈك ــــ قوغۇننىڭ بىر تۈرى ، بۇ خىل قوغۇن ناھايىتى چۈرۈك بولىدۇ،
تەسۋى ــــ خۇدانىڭ نامىنى زىكىرى قىلىپ سانىلىدىغان مارجان تاش ۋە شۇ خىلىدىكى نەرسىدىن قىلىنغان تىزىقچە.
مىرشاپ ــــ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى كىچىلىك ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى كىشى .
پەسكۇيغا چۈشۈش ــــ بىرەر ۋەقە، ھادىسە، ئىش- ھەرىكەت ياكى ئادەم روھىي ھالىتىدىكى جىددىيلىك نۇرماللاشقان، ئەسلىگە كەلگەن دېگەن مەنىلەردە .
ئوغىسى قايناش ــــ ئاچچىقى كېلىش، غەزىپى كىلىش .
يات ــــ ① قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ، تۇغقانچىلىقى يوق . ② تۇنۇشلۇقى يوق ، تۇنۇشمايدىغان . ناتۇنۇش . ③ بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە تەئەللۇق بولمىغان، مۇناسىۋەتسىز . ④ كۆچمە . مۇناسىپ ئەمەس ، راۋا ئەمەس ، ھارام ، يىراق . ⑤ كۆچمە . مۇخالىپ ، قارىشى ، يات ، زىت ، خىلاپ . ⑥ باشقىچە ئۆزگىچە ، غەيرى . ⑦ كۆچمە . دۈشمەن بولغان ، دۈشمەنگە ئوخشاش .
داڭقان ــــ چۇيۇن ياكى باشقا مىتالدىن قۇيۇلغان ئۈچ پۇتلۇق ، ئىككى قۇلاقىلىق قازان .
ماھى شەبان ــــ قەمەرىيە كالىندارىدىكى 8- ئاينىڭ ئىسمى ، 8- ئاي .
پوشكال ــــ ① خېمىرنى نىپىز يېىيىپ قىززىتىلىغان ياغقا سېىلىپ پىشۇرىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك . ② تۇخۇم بىلەن ئۇننى چېلىپ ياغدا پىشۇرىلىدىغان يىمەكلىك .
چەلپەك ــــ خېمىرنى يوپقا ئېچىپ، ياغدا پىشۇرىلىدىغان بىر
خىل پوشكال .
سىنچاي ــــ مىھمانلارغا ئاساسەن تاماقتىن ئىلىگىرى بىرىلىدىغان چاي .
تۆرە ــــ ① خانلىق تۈۈمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار . ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە ، نامىغا قوشۇلۇپ كىلىدۇ ياكى ئىسىمنىڭ ئۇرنىدا كىلىدۇ . ③ كۆچمە. بىئۇكرات . ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
سالا- سۈلھى ـــ كىلىشتۈرۈش ۋە ئۆز رايىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان دەۋەت ، بىرىلىگەن تەكىلىپ ، مەسلىھەت ، كىلىشىش .
كەپكۈر ــــ پولو قاتارلىقلارنى ئۆرۈش ۋە ئۇسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چۈمۈچ قىسمى تۈشۈك، سېپى بار ئاشخانا سايمىنى.
پالىىنىش ـــ چەت ، ياقا يۇرۇتلارغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلىش، سۈرگۈن قىلنىش.
شىرە ــــ ياغاچتىن تۆت پۇتلۇق، تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان تاماق يىيىش، خەت يېزىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جوزا- ئۈستەل.
ئىسيان ــــ سىنىپى، مىللى ھوقۇق مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىپ كۆتۈرۈلىدىغان قوزغىلاڭ.
ئىجادىيەت ــــ ① ئىجاد قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پائالىيەت، ئىجاد. ② بىرەر ژانىر ياكى شەخىسكە مەنسۈپ ئەسەرلەر يېغىنىدىسى.
مەنچىزە ـــ خېمىرنى يېيىپ، چۆپىنىڭ كەڭلىكىنى بارماق كەڭلىكىدە كىسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقئاش تۈرىدىكى بىر خىل تاماق.
لوزۇڭ ــــ ① كونا جەمئىيەتنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى . ② شۇ مەنسەپكە ئىرىشكەن شەخىس .
قىرائەتخانا
ئىچىرە ــــ ئىچىدە ، ئارىسدا.
بىگانە ــــ ① يات، ناتۇنۇش. ② مۇساپىر، غېرىب، ③ ئايرىلىغان جۇدا بولغان.
سەرۋەرــــ ① يول باشلىغۇچى، يولباشچى. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۈكەرــــ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يەتتە قاراقچى يۇلتۇز كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئىرپان ـــــ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيسىنى، مەدەنىيتىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەلىم- تەربىيە، مەرىپەت، مائارىپ.
چاڭ كەلتۈرۈش ـــــ ① يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئەۋجىگە چىقىش. ② تۇپا- چاڭ چىقىرىش، بۇقۇناق چىقارماق. ③ كۈچلۈك ئاۋاز چىقارماق، جاراڭلىق.
كومپوزىتورــــ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىغۇچى كىشى.
تال ــــ ① تىرەكلەر ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ياكى چاتقال ئادەتتە مەجنۇنتال، سېرىق سۈگەت قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بولىدۇ. ② تەك ③ ئوزۇن ۋە ئىنچىكە نەرسىلەرنى سان- مىقدار جەھەتتىن ئىنقلاپ دانە، پاي قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ④ ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ سول تەرىپىدە بولىدۇ، ئۇ قان دانچىللىرىنى ئىشلەش ۋە بۇزۇش، تۈمۈر ماددىسىنى زاپاس ساقلاش، ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
بېلىجان ــــ كىچىك بىلىق، بىلىقنىڭ بالىسى.
تەرمەچ ــــ تىرىپ ئېلىنغان ياكى ئېلىنىدىغان پارچە- پۇرات ئوتۇنلار.
شور ــــ ① ئانئورگانىك بىرىكمە، ئاق ياكى رەڭسىز كېلىدۇ. ئادەتتە خېمىيە سانائىتى ئەينەكچىلىك، قەغەزچىلىك سانائىتى قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. تىببىي درىگەرلىكتە بولسا سۈرگە دۇرىسى قىلىنىدۇ. ② تەرنىڭ ئۈستىۋاش ياكى سىرتقا تىپىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇز ياكى ئاق داغ . ③ تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولغان، كۆپەيگەن شورتاڭ، زەي. ④ بەختسىزلىك، تەلەيسىزلىك، بىچارىلىك، بەخىتسىز تەقدىر.
⑤ تەتۈر ئوڭ كەلمىگەن، شۇم.
چوقان ــــ خىلمۇ- خىل قالايمىقان ئاۋاز، ۋاراڭ- چۇرۇڭ.
جۇدالىق ــــ يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش، ئايرىلىش، ھىجران.
جۇغلانما ــــ ① يىغىلغان، جۇغلانغان. ② مىللى دارامەتنىڭ كېڭەيتىلىگەن تەكرا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىگەن قىسمى.
كەچۈرمىش ــــ باشتىن ئۆتكەن تۈرلۈك ۋەقە- ھادىسىلەر.
ئەپسۇس ــــ ئۆكۈنۈش، ئېچىنىش ، پۇشايماننى بىلىدۈرىدۇ.
ئاتخانا ــــ ئات ئېغىلى.
نۇمۇسسىز ـــــ نۇمۇسى يوق، نۇمۇس قىلىشىنى بىلمەيدىغان، يۈزسىز، ۋىجىدانسىز.
موك ــــ بىرەر ئىشنىڭ ناھايىتى تىز، بىردىنلا بولغانلىقنى بىلىدۈرىدىغان سۆز؛
سۈكۈت ـــــ ھېچقانداق سادا چىقمىغان، تىنچ، جىجىت ھالەت؛ سۈكۈنات؛
سۈر ھەيۋىسى ــــ تەھدىت، قورقۇتۇش، پوپوزا، ۋەھىمە.
گۈرزە ـــ ئۇچچىغا يۇملاق ياكى ئەگرى- بۈگىرى تۆمۈر ئورنىتىلىغان توقماق، ئۇرۇش قۇرالى.
زەبەردەس ــــ ① جىسمانى جەھەتتىن بەقۇۋۋەت، كۈچلۈك، چىڭ . ② مۇستەھكەم، مەغرۇر، تىك . ③ خەۋپ- خەتەر، قېيىنچىلىقلاردىن قورۇقمايدىغان يۈرەكلىك، باتۇر، پالۋان، جەسۇر.
لەكمىڭ ــــ ئىنتايىن كۆپ، نۇرغۇن .
تىلسىمات ــــ ① سېھىر- جادۇ قىلىش؛ ② سىرىنى بىلىگىلى بولمايدىغان، سىرلىق ③ سىرى ئېچىلىمىغان، كىشلەر بىلىپ يەتمىگەن، ئاجايىپ- غارايب نەرسە ۋە شۇنداق جاي.
موكا ــــ ① توقۇمچىلىقتا رەختلەرنىڭ ئۆرۈشىگە ئارقاقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رولىنى ئۆتەيدىغان نەرسە، ئىككى ئۇچچى ئىنچىكە ئوتتۇرىسى تومراق بولغان تۇقۇش سايمىنى. ② تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاستنىقى يىپىنى ئۈستىگە چىقىرىپ بىرىش رولىنى ئوينايدىغان كىچىك غالتەككە ئوخشاش نەرسە.
ھەل ــــ ① ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ياكى قوغۇشۇن، ئاليومىن قېتىشمىسىنىڭ ئۇۋىندىسىدىن ياسالغان بۇياق؛ ② بىر تەرەپ قىلىنغان ، بىر تەرەپ بولۇنغان.
مىنگىشىپ ــــ ئات- ئۇلاغ ، ۋەلىسپىت ، مۇتسىكلىت قاتارلىقلارغا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مىنىش ، ئارتلىدۇرۇش .
زەن سېلىش ــــ ئۇي- پىكىر ، خىيال ، زىھىن ، نەزەر سېلىش ، دىققەت قىلىش .
گاھى ـــــ گاھ، ، بەزەن- بەزەن ، بەزى- بەزى ، ئارىلاپ- ئارىلاپ .
خانىش ــــ خان ، پادىشاھ ۋە ۋاڭلارنىڭ خوتۇنى .
ئەجدىھا ــــ ① ئەپسانىۋى چوڭ يىلان . ② كۆچمە . قانخۇر ، ياۋۇز ، زالىم . ③ دىھقانلار كالىندارىدىكى 12 مۈچەلنىڭ بەشىنچىسنىڭ نامى .
چۈشەپ قۇيۇش ــــ ① ئات، ئىشەك قاتارلىق ئۇلاغلارنىڭ ئايىغىنى چېتىپ قۇيۇش. ② توسىماق، چەكلىمەك.
لەقۋا ــــ ① كاللىسى تىز ئىشلەپ كەتمەيدىغان ئەقلى كەم، كالۋا، دۆت. ② پالەچ، پالاكەت، زەئىپ.
مەرمەرــــ بىر خىل ئاينىغان جىنىس ، ھاك تاش ، دولۇمىت ، قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايۇنلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كىرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ . ئاساسى مىنرال تەركىبى كالتسىت ، تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ . تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينىغان كىرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ دانچىلىرىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ . ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ . مەرمەرنى سىىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرىنىدۇ . شۇڭا قۇرۇلۇش، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتىرىيال قىلىنىدۇ .
جىلۋە ــــ ① گۈزەل، نازاكەتلىك ھەرىكەت. ② رەڭمۇ- رەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش.
بالقىپ تۇرۇش ــــ ① كۆتۈرۈلمەك، ئېتىلىپ چىقماق، بەرق ئۇرۇپ كۆرۈنمەك. ② يارقىن نۇر چاچماق، يالتىرىماق، پارلىماق.
جەمشىت ــــ ① قەدىمقى ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. ئۇيغۇرلاردا بايلىققا سىموۋۇل قىلىنىدۇ. ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
تەۋەللۇت ــــ توغۇلۇش، تۇغۇت.
مەدداھ ــــ ① بازار ۋە كۇچا- كۇيلاردا ئادەم توپلاپ دىننى مەزمۇنلاردىكى بەزى بەندى- نەسىھەت سۆزلىرىنى ياكى تارىخى قىسسە، جەڭنامىلەرنى سۆزلەيدىغان كىشى؛②كۆچمە مەنىسى : ئاغىزى بېسىلماي گەپ قىلىدىغان، گەپنى تۇلا قىلىدىغان ئادەم، مەمەدان.
قىسسە ــــ ① رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلىغان بەدىئي ئەسەر، پوۋىست. ② ۋەقە- ھادىسە ۋە ئەپسانىلەر بايان قىلنغان ئىپىك ئەسەر، رىۋايەت.
تاۋاپ قىلىش ــــ مۇقەددەس ئۇرۇنلارغا قىلىنغان زىيارەت.
پەتىلەش ــــ ئۆلۈم ئۇزىلتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ ، مەرھۇمغا قايغۇ بىلدۈرمەك . تەسەللى بەرمەك . ② ئادەتتە ھېيىت- ئايەم ، توي - مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق- تۇققان ، ئەل- ئاغىنە ، قولۇم قوشنىلارنى يوقلىماق ، زىيارەت قىلماق .
مەقبۇل كۈرۈش ــــ قوبۇل قىلسا، ماقۇل كۆرسە بولىدىغان؛ ماقۇل، قۇبۇل.
غەرق بولۇش ــــ ① بىرەر نەرسە ئىچىگە چۆككەن، چۈمۈلگەن، پاتقان. ② ھەددىدىن زىيادە، ھەددىدىن تاشقىرى، ناھايىتى.
مېلودىيە ــــ بەلگىلىك ئاۋاز ئېگىزلىكى ۋاقىت سەرپىياتى ۋە ئاۋاز مىقدارىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىجىرىلگەن يەككە تاۋۇشلۇق ئاھاڭ.
(تەھرىر : admin)
«بىرىنچى بۆلەك سۈيۈملۈك ئەدەبىيات»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەيي
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇت
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق مات
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كال
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- 5-يىللىق خەنزۇتىلى 2-ماۋسۇم
- 双语班2年级汉语第七课热爱的传统文化教案
- 双语二年级汉语下册第五课做贴画教案
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- 第一单元百分数
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىق
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇتىلى دە
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق ماتىماتى
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كالىندار
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- باشلانغۇچ قوشتىل 1-يىللىق ئېلىپبە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى