بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، يەر مەيدانى 1 مىليون 664 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، جۇڭگو قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگودىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ موڭغولىيە، روسىيە، قازىقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگودىكى چېگرىداش قوشنا دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ، قۇرۇقلۇق چېگرا سىزىقى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مىللەتلىرى كۆپ، مەدەنىيىتى پارلاق. شىنجاڭ قەدىمكى دەۋردە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان ، ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان رايوندۇر، ئۇنىڭ «دۇنيا مىللەتلەر مۇزىيى»، «دۇنيا دىنىي – ئېتىقاد مۇزىيى» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بولۇپ ، بۇ يەردە پارلاق غەربىي يۇرت سەنئىتى يارىتىلغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 – يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى»نى تەسىس قىلغان. بۇ غەربىي خەن سۇلالىسىدىن باشلاپلا جۇڭگونىڭ غەربتە ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈلگەنلىكى، شىنجاڭنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، تاجىك، ئۆزبېك، مانجۇ، داغۇر، تاتار، رۇس قاتارلىق 13 ئاساسلىق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆزئارا بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىناق مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسى شەكىللەنگەن. 2006 – يىللىق ئىسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 500 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىليون 378 مىڭ 400 گە يېتىدۇ. شىنجاڭ ھازىر بەش ئاپتونوم ئوبلاست، يەتتە ۋىلايەت، ئىككى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، 20 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە، 62 ناھىيىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزىدۇر.
شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىق مەنبەسى مول، ئېنېرگىيە مەنبەسى يېتەرلىك بولۇپ، ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكلىرىگە ئىگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ يول ئېچىپ، تەرەققىيات، قۇرۇلۇش، چېگرا رايوننى قوغداشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىناق بولغان، ھەرمىللەت خەلق خاتىرجەم، خوشال – خورام ياشاۋاتقان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
1. ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى
خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ياخشى، ھەم تېز بولدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى شىنجاڭدا خەلق ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تەبىئىي ئىگىلىك بولۇپ، سانائەت ناھايىتى قالاق ئىدى، بىرەرمۇ تۆمۈر يول، زاۋۇت ۋە كان يوق ئىدى، بەزى رايونلاردا قەھەتچىلىك ئېغىر بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات، ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. 1949 – يىلى 25 – سېنتەبىر شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىندى، 1955 – يىل 1 – ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى . 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ يېڭى ئەسىردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇقىملىقىغا دائىر بىر قاتار سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەربنى ئېچىشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بازارنى يېتەكچى قىلغان ئەۋزەل بايلىق مەنبەسى ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىسىتراتېگىيىلىك تەڭشەشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2006 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 304 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1952 – يىلدىكىدىن 69.2 ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.2 ئاشتى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952 – يىلىدىكى 166 يۈەندىن 2006 – يىلى 15 مىڭ يۈەنگە ئۆرلىدى. مالىيە كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، 2006 – يىلى يەرلىك مالىيە كىرىمى 26 مىليارد 565 مىليون يۈەن بولۇپ، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغدىكى 173مىليون يۈەندىن 152.5 ھەسسە ئاشتى. 1 - ، 2 - ، 3 – كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز تەڭشەلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى، 2006 – يىلى 1 - ، 2 - ، 3 – كەسىپلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %17.3، %48.0، %34.7 بولۇپ، 1955 – يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1 – كەسپنىڭ سالمىقى37.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىدى، 2 – كەسپنىڭ سالمىقى 21.9 پىرسەنت پوئىنتى ، 3 – كەسپنىڭ سالمىقى 15.2 پىرسەنت پوئىنتى ئۆرلىدى.
1 – جەدۋەل: 1955 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە بولغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ سېلىشتۇرما جەدۋىلى
دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مەركەزنى چۆرىدەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا دېھقانچىلىق قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەش تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلۇپ ، ئالاھىدە دېھقانچىلىق زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئاشلىق، پاختا، مال – چارۋا، باغ – ئورمان قاتارلىق تۆت چوڭ بازا قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا - ئىگىلىك ۋە كەنتلەر ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى. 2006 – يىلى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆسۈش قىممىتى 52 مىليارد 800 مىليونغا يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىسبىتى %17.3 كە يەتتى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3 مىليون 828 مىڭ 400 گېكتارغا يېتىپ، 1955 – يىلىغا قارىغاندا 1.6 ھەسسە كۆپەيدى؛ ئاشلىق ئومۇمىي مىقدارى 8 مىليون 952 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، 1955 – يىلىدىكىدىن 5.1 ھەسسە ئېشىپ، «رايونلار تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىندى بولۇش» تىن ئىبارەت ئىسىتراتېگىيىلىك نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2 مىليون 180 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، 1955 – يىلىدىكىگە قارىغاندا 85.9 ھەسسە ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ % 32.4 ىنى، دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن %9 ىنى ئىگىلىدى، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلاتى، بىرلىك مەھسۇلات، سۈپىتى، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىلىش مىقدارى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىش مىقدارى جەھەتتە دۆلىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى . زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ، يىرىك يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %21.4 كە يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. 2006 – يىلى مال – چارۋىلارنىڭ يىللىق بېقىلىش سانى 53 مىليون 397 مىڭ 100 تۇياققا يېتىپ، 1955 – يىلىدىكىگە قارىغاندا 2.3 ھەسسە ئاشتى، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 582 مىڭ 100 توننىغا، كالا سۈتى مەھسۇلاتى 1 مىليون 798 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى ۋە كالا سۈتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىش مىقدارى دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى . باغ ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 12 مىليون مو بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى مېۋىلىك باغ كۆلىمىلا 9 مىليون موغا يېتىپ، ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش شارائىتى ھازىرلاندى. پەمىدۇر، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما، ئۆرۈك، چىلان، ئالقات، ياڭاق، ئانار قاتارلىق دېھقانچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى كېڭەيتىلدى. دۇنياغا داڭلىق تۇرپان ئۈزۈمى، كورلا نەشپۈتى، قۇمۇل قوغۇنى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بازارلارغا كىرگۈزۈلدى، زاراڭزىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۆلىتىمىزدىكى زاراڭزا مىقدارىنىڭ %80 ىنى ئىگىلىدى؛ ئالقاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى تۆت چوڭ ئاساسلىق ئالقات ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ بىرىگە ئايلاندى؛ قۇلماق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قۇلماق مىقدارىنىڭ %80 نى ئىگىلىدى؛ پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنىڭ %90 نى ئىگىلەپ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىغا ئايلاندى. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق تاۋار پاختا ، پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇلماق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا مۇھىم چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە قىزىلچا شېكىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالدى.
يېڭىچە سانائەتلىشىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەۋزەل بايلىق مەنبەسىنى ئاساس قىلغان يېتەكچى كەسپ ۋە تۈۋرۈك كەسپلەر تېز راۋاجلاندى، چوڭ كارخانا، گۇرۇھلارنىڭ ئىسىتراتېگىيىسى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، باغچىلاشقان سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى جانلىق ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. غەربىي رايوننى كەڭ – كۆلەمدە ئېچىشنىڭ ۋەكىللىك قۇرۇلۇشى ــــ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەشتىكى پۈتۈن لىنىيە ئېچىلىپ، جۇڭگو – قازىقىستان نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى پۈتتى، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پىششىقلاپ ئىشلەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇش مايتاغ نېفىت خىمىيە 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش ۋە مىليون توننىلىق ئېتىلېن ئايرىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئۈرۈمچى، قاراماي ــ مايتاغ، تۇرپان – قۇمۇل، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۆت چوڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسى ھەم رەڭلىك مېتال، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، تۇز خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسپلەر بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى قەدەممۇقەدەم تېزلەشتى. 2006 – يىلى پۈتۈن رايوننىڭ سانائەت ئېشىنچا قىممىتىنى 124 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى%40.8 گە يەتتى. ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى مىقدارى : خام نېفىت 24 مىليون 747 مىڭ 400 توننا، ئىشلەنمىگەن تاش كۆمۈر 45 مىليون 185 مىڭ 200 توننا، پاختا يىپ 357 مىڭ 300 توننا بولۇپ، 1955 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئايرىم – ئايرىم ھالدا 751 ھەسسە، 69 ھەسسە ۋە 95.6 ھەسسە كۆپەيدى ؛ تەبىئىي گاز 16 مىليارد 420 مىليون كۇب مېتر، پولات ماتېرىياللىرى 4 مىليون 117 مىڭ 500 توننا، سېمونت 13 مىليون 345 مىڭ توننىغا يەتتى. سانائەت ئەمەلىي كۈچى غايەت زور دەرىجىدە كۈچەيدى. 2006 – يىل نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى دۆلىتىمىز بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2 - ۋە 3 – ئورۇننى ئىگىلىدى، جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەم قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى، كورلا، كۇچا، پوسكام قاتارلىق ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە نېفىت، تەبىئىي گاز بازىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى. كۆمۈرچىلىك ساھەسىدە كۆمۈرلۈكنى تەكشۈرۈش، لايىھىلەش، ئىشلەپچىقىرىش، بىخەتەرلىك، ئىلمىي تەتقىقات، ماشىنا سانائىتى، كۆمۈرلۈكتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش، كاندا جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تولۇق، مۇكەممەل بولغان كۆمۈر سانائىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. رەڭلىك مېتال، ئەتىۋارلىق مېتال، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ۋە كالىي تۇزى قاتارلىق ئەۋزەل بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، بىرقىسىم كان مەھسۇلاتلىرى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتۈرۈلدى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى قەدەممۇقەدەم تۇرغۇزۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر 29 غا يېتىپ ، ئومۇمىي پاي قىممىتى 73 مىليارد 558 مىليون يۈەنگە يەتتى.
سۇ ئىنشائات، ئېلېكتر – ئېنېرگيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «بوستانلىق ئېكولوگىيىسى، سۇغىرىشقا تايىنىدىغان يېزا ئىگىلىكى » ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى، 2002 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ سۇ ئىنشائاتى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 23 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 485 سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇپ، سۇ ئامبارلىرىدىكى ئومۇمىي سۇ مىقدارى 10 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى، 347 مىڭ كىلومېتر سۇ باشلاش لىنىيىسى ياسىلىپ، ئومۇمىي سۇغىرىش كۆلىمى 71 مىليون 110 مىڭ موغا يەتتى. پۈركۈپ ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى 11 مىليون 500 مىڭ موغا يەتتى. 1995 – يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېزا – كەنتلەردىكى ئادەم ، چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى كەڭ – كۆلەمدە يولغا قويۇلۇپ،سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، ھەر خىل تۈردىكى سۇ زاۋۇتىدىن 3151 ى قۇرۇلۇپ ، 9 مىليون 542 مىڭ ئادەمنىڭ ۋە 29 مىليون 330 مىڭ مال – چارۋىنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى . ئەزەلدىن كۆل سۈيى ۋە ئېرىق – ئۆستەڭ سۈيىنى ئىچىپ كەلگەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى بۈگۈنكى كۈندە پاكىز، تازىلانغان تۇرۇبا سۈيىنى ئىچەلەيدىغان بولدى . ئېلېكتر – ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا ئېلېكتر مەنبەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتر تورىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ ، 2002 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە ئېلېكتر – ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ سالغان مەبلىغى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. گېنراتور قۇرۇلمىسىنىڭ سىغىمچانلىقى 7 مىليون 891 مىڭ كىلوۋات، توك تارقىتىش مىقدارى 35 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات/سائەت بولۇپ، 1995 – يىلىدىكىدىن 648.1 ھەسسە ئاشتى. ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان شەرقتە قۇمۇل، غەربتە غۇلجا، جەنۇبتا قەشقەر، شىمالدا چۆچەككە تۇتاشقان شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئېلېكتر تورى شەكىللىنىپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇلدى.
قاتناش – ترانسپورت سىجىل تەرەققىي قىلدى . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا كىشىلەر يول يۈرۈش ۋە قاتناش – ترانسىپورتتا ئۇلاغ كۈچىگە تايىناتتى، زامانىۋى قاتناشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قاتناش – ترانسپورتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. 1962 – يىلىنىڭ ئاخىرى لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى رېلىسى ئۈرۈمچىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا تۆمۈريول يوق بولۇشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇيان، ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە ئۈرۈمچىدىن ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە بولغان لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ غەربىي لىنىيىسى قۇرۇلدى . 2006 – يىلىغا بارغاندا تۆمۈريول غول لىنىيىسى مۇساپىسى 2925 كىلومېتىرغا يېتىپ، شەرق– غەربنى كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب – شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئىچكى ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدىغان، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى باغلايدىغان تۆمۈريول ترانسىپورت غول لىنىيىسى بەرپا قىلىندى. 1949 – يىللاردا ، شىنجاڭدا بىرنەچچىلا ئاددىي تاشيول بولۇپ، مۇساپىسى 3361 كىلومېتىر كېلەتتى. 2006 – يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا دۆلەت تاشيولىدىن سەككىزى، ئۆلكە تاشيولىدىن 70 تىن ئارتۇقى ياسىلىپ، تاشيول مۇساپىسى 144 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى مەركەز ، سەككىز دۆلەت تاشيولىنى ئاساسىي غول قىلغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتىشىدىغان، ئىككى چوڭ ئويمانلىقنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۈەن – مەيدانلارغا تارالغان تاشيول قاتناش – ترانسپورت تورى شەكىللەندى. 2006 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا جەمئىي 14 خەلق ئايروپورتى ۋە بىر ئامىباب ئايروپورت سېلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئايروپورت ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە بولۇپ قالدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىمۇ دۆلىتىمىزدىكى بەش چوڭ ئايروپورتنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، دۆلەت ئىچىدىكى 62 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرگە تۇتىشىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، روسىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بوشلۇق قاتنىشى تورى شەكىللەندى، ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى لىنىيىسىمۇ 140 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.
خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى ھەممە يەرنى تۇتاشتۇردى. شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە تەرەققىياتى سەۋىيىسى پۈتۈن دۆلەت بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىدى، نۇر كابېل ئاساس، رەقەملىك مىكرو دولقۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشى قوشۇمچە قىلىنغان زامانىۋى ئالاقە تورى تەڭرىتېغىنىڭ شىمال – جەنۇبىنى قاپلىدى. 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى مۇقىم تېلىفون ئابونتلىرى 7 مىليون 67 مىڭگە يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى 34.4 دانە/يۈز ئادەم بولدى؛ كۆچمە تېلىفون ئابونتلىرى 6 مىليون 711 مىڭگە يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى 32.7 دانە/ يۈز ئادەم بولدى؛ ئىنتېرنېت تورى ئابونتلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 237 مىڭغا يەتتى. بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرگە تېلىفون ئورنىتىش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، يېزا – كەنتلەردىكى تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 550 مىڭغا يېتىپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى 853 يېزا – بازارنىڭ 730 ىدە كەڭ بەلباغلىق ئىنتېرنېت تورى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا – كەنتلەرنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان جۇغلانما مەبلەغ 8 مىليارد 500 مىليونغا يەتتى.
مۇھىتنى قوغداش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. بايلىق مەنبەسى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، مۇھىت گۈزەللەشكەن، تېجەشلىك ئىشلەپچىقىرىش يولغا قويۇلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، بايلىقنى تېجەش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كۈچەيتىلدى. تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، "ئۈچ شىمال" تۆتىنچى قارارلىق مۇداپىئە ئورمىنى بەرپا قىلىش، سۇ ۋە تۇپراقنى قوغداش قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلدى. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئورمانچىلىق ئېكولوگىيىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، 2006– يىلى 29 مىليون 600 مىڭ مو كۆلەم يەردىكى ئوتلاق ، 1 مىليون 100 مىڭ مو تېرىلغۇ يەردىكى ئورمان ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 19 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى %1.92 تىن %2.94 كە كۆتۈرۈلدى، بوستانلىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %14.95 كە يەتتى. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىسىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوت – چۆپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 10 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئاشقان، يامغۇر مىقدارى 1990 – يىلدىكى ئوتتۇرىچە مىقدار بىلەن سېلىشتۇرغاندا % 10 ئاشقان. شىنجاڭدا تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى تىزگىنلىنىپ، لاي – لاتقىلىق ئېقىن، يانتۇلۇقتىن سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى ئۈنۈم يارىتىلدى. شىنجاڭ بويىچە 95 ناھىيە، شەھەر، رايون مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاماملىدى. كان تەكشۈرۈش، ئېچىشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش تەرتىپى يېڭىۋاشتىن تەرتىپكە سېلىندى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئېنىرگىيە تېجەش ۋەزىپىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كېڭەيتىلىپ، بايلىق مەنبەلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، 10 مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئۆلچەملىك سەرپىيات %4 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى.
تاشقى سودا كۈنسېرى زورايدى. شىنجاڭدا 75 ناھىيە (شەھەر) سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، 143 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتتى، ھازىر شىنجاڭدا بىرىنچى دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 17 سى، ئىككىنچى دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 12 سى بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى چېگرا ئېغىزى ئەڭ كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 2006 – يىل شىنجاڭدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئۆتكەن مال مىقدارى 16 مىليون 245 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتكەن مالنىڭ مىقدارىلا 14 مىليون 627 مىڭ توننىغا يېتىپ، دۆلىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەن مال مىقدارى جەھەتتە 2 – ئورۇندا تۇردى. ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا سودا مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ۋە روسىيە بازارلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئېچىلىپ، تاشقى سودا، ئىقتىسادىي تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى 2002 – يىلىدىكى 2 مىليارد 690 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2006 – يىلى 9 مىليارد 103 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيدى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش سىتراتېگىيىسىدىكى نۇقتىلىق ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن چېگرا بويى، چېگرا كۆۋرۈك (ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇقى كۆۋرۈكى) ۋە چېگرا قاتنىشى غول لىنىيىسىنى خەلقئاراغا، دۆلەت ئىچىگە كېڭەيتىشتە كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ بەلباغلىق تاشقى ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودىكى غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى ئۆلكىگە ئايلاندى.
ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئۆزگىچە، سىرلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە رەڭگارەڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 132 سى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، ‹‹يىپەك يولى››نى ئاساسىي لىنىيە ، ‹‹بەش رايون، ئۈچ لىنىيە›› نى مۇھىم نۇقتا قىلغان ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى. بۇ يەردىكى ‹‹بەش رايون›› قاناس كۆلى مەركەز قىلىنغان ئېكولوگىيىلىك ساياھەت رايونى، بوغدا كۆلى ۋە باغراش كۆلى مەركەز قىلىنغان مەنزىرە ساياھەت رايونى، تۇرپان مەركەز قىلىنغان قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساياھەت رايونى، قەشقەر مەركەز قىلىنغان مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەت رايونى ۋە ئىلى ۋىلايىتى مەركەز قىلىنغان ‹‹چېگرا بوستانلىقى›› ساياھەت رايونىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئۈچ لىنىيە›› جەنۇبىي لىنىيە، شىمالي لىنىيە ۋە ئوتتۇرا لىنىيىنى كۆرسىتىدۇ. 2006 – يىلى شىنجاڭدا جەمئىي 425 ساياھەت ئىدارىسى، 403 يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى (مېھمانخانا) بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىزى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي ، ئاساسىي جەھەتتىن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، رايونغا جايلاشقان؛ بۇ ساياھەت رايونلىرى كۈتۈۋالغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر 362 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا، ساياھەتچىلىك تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 128 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ كۈتۈۋالغان مەملىكەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر 16 مىليون 610 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىك كىرىمى 14 مىليارد 910 مىليونغا يەتتى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.
2. ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىي قىلدى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. 1949 – يىلى شىنجاڭدا پەقەت بىر ئالىي ، 11 ئوتتۇرا ، 1355 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئاددىي، ئوقۇتۇش شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. شىنجاڭدىكى %90 دىن ئارتۇق ئادەم ساۋاتسىز ئىدى. 2006 – يىلى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ سانى 8345 كە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 465 مىڭ نەپەرگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 2 مىليون 563 مىڭ نەپەر بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ % 57.4 ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 345 مىڭ نەپەر ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار 281 مىڭ نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىلا 158 مىڭ نەپەر بولۇپ ئومۇمىي ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ %56 نى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %99.15 كە يېتىپ ساۋاتسىزلارنىڭ نىسبىتى %20 تۆۋەنلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، بىر قاتار ئالاھىدە ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2003 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ماتېرىياللىرىدىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇش، پارچە خىراجەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككى كەچۈرۈم، بىر تولۇقلىما›› سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 2 مىليون 280 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەپ ئالدى. 2006 – يىلى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيىسى ئورتاق 756 مىليون يۈەن پۇل ئاجرىتىپ، يېزا – كەنتلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانزمىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئوقۇش، پارچە خىراجەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ ، كەڭ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ زىممىسىدىكى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش يۈكىنى يېنىكلەتتى. 2007 – يىلى كۈزدىن باشلاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 129 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار 51 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ھەمدە ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار 95 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى %70 نى ئىگىلىدى. چەت، چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئاساسىي مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 2000 – يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، نەنجىڭ، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ، داليەن، چىڭداۋ، نىڭبو، سۇجۇ، ۋۇشى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان 12 شەھەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىن 13 نى ئاچتى. 2007 – يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى 28 شەھەردىكى 50 مەكتەپكە كېڭەيتىلىپ، ئوقۇغۇچى سانى 5000 نەپەرگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى %90 نى تەشكىل قىلدى. نۆۋەتتە، ئۈچ قاراردا 3400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى، بۇلاردىن تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى %90 تىن، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولدى. ئىچكىرى ئۆلكىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىشقا تەقلىد قىلىنغان ھالدا 2004 – يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھەردە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىن 16 نى ئېچىپ، ئاساسلىق چەت، يىراق رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلدى، نۆۋەتتە، بۇ سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 5000 نەپەر ، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 9000 غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت دېھقان – چارۋىچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى %80 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلار يارىتىلدى.
‹‹پەن – تېخنىكىنى يېڭىدىن گۈللەندۈرۈش›› ستراتېگىيىسى پۇختا ئىجرا قىلىندى. پەن – تېخنىكىنى ئالغا باستۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىنىڭ بىرى. يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا زامانىۋى قۇرۇلۇش تۇتقا قىلىنىپ، ئىلغار قوللىنىشچان تېخنىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېزلىتىلدى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور تەسىرى بولغان ۋە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ساھە تاللىنىپ، كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ پەن – تېخنىكا ئۆتكىلى بۆسۈپ ئۆتۈلدى؛ شىنجاڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، بولۇپمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەۋزەل يۇقىرى پەن – تېخنىكا تۈرى پىلانلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى. غوللۇق پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، كۈچلۈك تەتقىق قىلىش، ئېچىش، تەجرىبە قىلىش، كېڭەيتىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان كۆپ مىللەتلىك پەن – تېخنىكا قوشۇنى بەرپا قىلىندى. 2005 – يىلىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى تۈرلۈك كەسپىي تېخنىك خادىملار 487 مىڭغا يەتتى. كەسىپي تېخنىك خادىملار ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانلىقلار 22 مىڭ 600 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانلىقلار 113 مىڭ 700 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانلىقلار 256 مىڭ 200 نەپەرگە يەتتى. ‹‹ئونىنچى بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1160 تىن ئارتۇق تۈردە زور پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى، رايونىمىزنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، پەن – تېخنىكا يۈكسىلىشىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان 7100 دىن ئارتۇق تۈردە زور پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى يارىتىلدى ، بۇنىڭ ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق تۈر دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جۇڭگو گۈزەل نۇياڭ كېڭەيتىش تېخنىكىسى دۆلەتنىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە، قۇملۇق تاشيولىنى ياساش تېخنىكىسى قاتارلىقلار خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى.
«قوش تىل» مائارىپى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. تىل –– ئالماشتۇرۇش قورالى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇس سۈپىتىنى نېگىزىدىن ياخشىلاش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىز ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› لىق (ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلى) مائارىپ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ئوقۇش يېشىغا تولۇشتىن ئىلگىرى ‹‹ قوش تىل›› نى ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2004 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيىلەشنى يولغا قويدى، ئۈچ يىل ئىچىدە 6307 نەپەر ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەندى. 2006 – يىلى شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغان ‹‹قوش تىل›› سىنىپى 5247 گە، ‹‹قوش تىل›› لىق ئوقۇغۇچى 164 مىڭ نەپەرگە يەتتى؛ ‹‹قوش تىل ›› تەييارلىق سىنىپى 2982 گە، بۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىنىڭ سانى 93 مىڭ 404 نەپەرگە يەتتى. كەڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بېرىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ‹‹قوش تىل››لىق سىنىپلاردا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىلا خەنزۇچە ئۆتۈلۈش تەرەققىي قىلىپ، ئانا تىل دەرسلىكىدىن باشقا دەرسلەرمۇ خەنزۇچە ئۆتۈلۈشتەك يېڭى ئەندىزە بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› لىق ئوقۇتۇشىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. 1949 – يىلى شىنجاڭدا پەقەت 54 داۋالاش ئاپپاراتى، 696 كېسەل كارىۋىتى بولۇپ، ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 1.6 كارىۋات، 0.19 دوختۇر توغرا كېلەتتى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ ئاساسەن ئاز ساندىكى شەھەر (يېزا، بازار) لەرگە مەركەزلەشكەنىدى. ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. 2006 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تەخمىنەن ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 21 دوختۇر، 39.1 كېسەل كارىۋىتى توغرا كېلىدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 1949 – يىلىدىكى ‰20.82 تىن 2006 – يىلى ‰5.04 كە تۆۋەنلىدى، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1949 – يىلىدىكى 30 ياشقا توشماسلىقتىن ھازىرقى 71.12 ياشقا ئۇزاردى. 2003 – يىلىدىن باشلاپ يېڭىچە يېزا – كەنت ھەمكارلىشىپ داۋالاش سىناق نۇقتىسى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، ھازىر بۇ 87 ناھىيىگە كېڭىيىپ، 9 مىليون 799 مىڭ 900 دېھقان، چارۋىچىنى قاپلىدى، بۇنىڭغا قاتناشقان دېھقان 8 مىليون 472 مىڭ 500 نەپەرگە يېتىپ، قاتنىشىش نىسبىتى ‰86.99 بولدى. 2004 – يىلىدىن باشلاپ دۆلەت قوللاش ۋە يەرلىك ئۆزئارا بىر يۈرۈش ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 497 يېزا – بازار دوختۇرخانىسى ئۆزگەرتىلدى ۋە قۇرۇلدى، دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش شارائىتى ياخشىلىنىپ، داۋالاش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. نۆۋەتتە 283 جىددىي قۇرۇلۇش تۈرى پۈتتى. ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلار نامراتلارنى يۆلەش دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىش، ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلار نامراتلارنى يۆلەش كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىش ئارقىلىق شەھەر، بازارلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمىتى مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىندى، ھازىر شىنجاڭدا مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش دوختۇرخانىسىدىن تۆتى، يوپۇق ئاچقان نامراتلارنى يۆلەش دوختۇرخانىسىدىن 33 ى بار بولدى، ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 143 داۋالاش ئاپپاراتى نامراتلارنى يۆلەش داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، نامراتلارنى يۆلەش كېسەل كارىۋىتىدىن 5592 سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى، نۆۋەتتە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى ئاپپاراتىدىن 528 ى تەسىس قىلىنىپ، ئاھالىلەر قۇلايلىق بولغان ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى. 2007 – يىلىدىن باشلاپ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىغان يېزا – بازار ئاھالىسى، ئوقۇغۇچى، بالىلار قاتارلىقلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلەندى.
2 – جەدۋەل: 1995 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە بولغان داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچ سېلىشتۇرما جەدۋىلى
ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شىنجاڭ ئازاد بولغاندا بىرمۇ مەخسۇس ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتى، سەنئەت ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئاپپاراتى يوق ئىدى، بىرەر ئاممىۋىي كۇتۇپخانا ۋە موزېيدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتىدىن 118 ى، مەدەنىيەت سارىيىدىن 94 ى، ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن 98 ى، مۇزېيدىن 28 ى، ئارخىپخانىدىن 135 ى ۋۇجۇدقا كەلدى. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەت رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى مالىيە جەھەتتىن ئىزچىل قوللاپ كەلدى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، پەقەت غەربىي رايوننى كەڭ – كۆلەمدە ئېچىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانلا دۆلىتىمىز رايونىمىزغا سالغان مەخسۇس مەبلەغ 2 مىليارد 484 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش، جارى قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك ئەسەرلەردىن ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخي ئېپوسلىرىدىن ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ تىپتىكى كلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹12 مۇقام›› قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر تۈركۈم تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە تارقىتىلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ئەڭ جۇلالىق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدىغان ‹‹12 مۇقام›› ئازادلىقتىن بۇرۇن پەقەت خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئاغزىدىلا ئېيتىلىپ ، يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدى ۋە قوغدىدى. ئاپونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىمۇ بۇ تۈرنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ زور كۈچ بىلەن قوللىدى. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمكى فولكلور سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچى قايتىدىن نامايان بولدى. 2005 – يىلى ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقام سەنئىتى›› بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت خەزىنىسىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 2007 – يىلى شىنجاڭدا يەنە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تۈرىدىن 108 ى مەيدانغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى ۋە نامايەن قىلىندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەتلىرى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى، شىنجاڭچە ئۇسلوپ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زور تۈركۈمدىكى نادىر ناخشا – ئۇسسۇل، فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردە كۆرسىتىلىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رادىئو، تېلېۋېزىيە، ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇلدى، نۆۋەتتە ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىۋە قاتارلىق ئالتە خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىلىدىغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىمۇ ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت ئالتە خىل تىلدا پروگرامما تارقىتىلىدىغان بولۇپ ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رادىئو، تېلېۋىزور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %93.4 ۋە %93.1 كە يەتتى؛ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىنىدىغان كىتاب، گېزىت، ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، تىراژىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى، مەسىلەن دارۋازلىق (بوشلۇقتا سىم ياكى ئارغامچىدا مېڭىش)، ئوغلاق تارتىشىش، ئات چاپتۇرۇش، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئىچى – سىرتىغا تونۇشتۇرۇلۇپ ۋە تارقىتىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى. ئاپتونوم رايون ئالتە نۆۋەت مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ھازىر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى، قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسېرى بېيىدى.
3. مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولدى
مىللەتلەر باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى›› دا: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىردەك باراۋەر. دۆلەت ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئالاھىدە سىياسەت – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇش ھوقۇقىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە كاپالەتلەندۈردى. ئاپتونوم رايون مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان ، ئۆزئار ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيىسىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. 1983 – يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۇدا 25 يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسى بارغانسېرى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈلۈپ ، مىللەتلەر ئىناق – دوستانە ئۆتىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا چۈشىنىش ھەرقايسى مىللەت خەلقى ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئايلاندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى زىچ ئۇيۇشتۇرۇلدى، ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقتى.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايون. ئاپتونوم رايون چېگرىسىدا يەنە قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇلدىن ئىبارەت تۆت مىللەتنىڭ بەش ئاپتونوم ئوبلاستى، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، تاجىك، شىۋەدىن ئىبارەت بەش مىللەتنىڭ ئالتە ئاپتونوم ناھىيىسى ، شۇنداقلا 43 مىللىي يېزا بار. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيىە رايونلىرى كەڭ كۆلەملىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى، جانلىق ئىجرا قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى توختىتىش ھوقۇقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقى، مالىيە ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش، ئىشلىتىش ھوقۇقى، مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى يۈرگۈزىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ھوقۇقلار ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلىشىدىغان تۈرلۈك قانۇن – نىزام ۋە قارارلارنى ماقۇللاپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى. 2007 – يىلى ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنى بىرلىكتە يەرلىك قانۇن – نىزامدىن 124 نى ، قانۇنىي قارار ۋە بەلگىلىمىدىن 137 نى تۈزۈپ چىقتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بېكىتكەن يەرلىك قانۇن – نىزام ۋە يەككە بەلگىلىمىدىن جەمئىي 94 كە قاراپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. ھەر دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ رەئىسى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىمى بولۇش ۋەزىپىسىنى تېررىتېرىيىلىك ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلىدىغان مىللەتنىڭ پۇقراسى زىممىسىگە ئالدى؛ ئاپتونومىيە رايونلىرىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىدىكى باشقا تەشكىلىي ئەزالارمۇ تېرروتورىيە ئاپتونومىيىسى يۈرگۈزۈلىدىغان مىللەت ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىدىن سەپلەندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتايلىرىدا تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى شۇ مەزگىلدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىىنىڭ شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ تۆت پىرسەنت پوئىنتىدىن يۇقىرى بولدى. تارىختىن بۇيانقى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئومۇمىي شىنجاڭ ۋەكىللىرى سانىنىڭ %63 تىن يۇقىرىنى ئىگىلەپ ، شۇ مەزگىلدىكى شىىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى.
ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش، ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى كۈنسېرى زورايتىلىپ، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ساپاسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى. 1950 – يىلى شىنجاڭدا پەقەت 3000 ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بار ئىدى، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا 46 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بار بولدى، 2006 – يىلى ئاز سانلىق مىللەت كادىرى 348 مىڭ نەپەرگە يېتىپ شىنجاڭدىكى كادىرلار سانىنىڭ %51.36 ىنى ئىگىلىدى، شۇنداقلا ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 110 ھەسسىسىدىن كۆپرەككە باراۋەر بولدى؛ ئاز سانلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان تۈرلۈك كەسپىي تېخنىك خادىملارنىڭ سانى 250 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي تېخنىك خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ %56 ىنى ئىگىلەپ، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكىنىڭ 562 ھەسسىسىگە تەڭ كەلدى؛ ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرىنىڭ نىسبىتى شىنجاڭدىكى ئايال كادىرلار ئومۇمى سانىنىڭ %66 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيىلىنىش سالمىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورايتىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيىلەش پىلانى ۋە باسقۇچلۇق نىشان ئورنىتىلىپ، كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، پارتىيە مەكتەپلىرى ۋە كادىرلار مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەش ، رايون ئىچى– سىرتىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇش، باشقا جايلار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋى قۇرۇلۇشىدىكى غوللۇق كۈچكە ئايلاندى.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. ئاپتونوم رايونۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1988 – يىلى ۋە 1993 – يىلى كەينى – كەينىدىن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللىي تىل – يېزىق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل – يېزىق خىزمىتى نىزامنامىسى›› نى ئېلان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلدى. مەيلى ئەدلىيە، مەمۇرىي، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ياكى سىياسەت ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرگەندە بىر ۋاقىتتا ئىككى خىلدىن كۆپ تىل – يېزىقنى ئىشلەتتى؛ ھەر قايسى ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلىك ئورگانلارمۇ ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرگەندە ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدىغان مىللەتنىڭ تىل– يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقى بىلەن سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار بولدى. ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو، تېلىۋېزور قاتارلىقلاردىمۇ مىللىي تىل – يېزىق كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ھۆرمەتلەندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرقاتار بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن – نىزام ئېلان قىلىپ ، بىرقاتار كونكېرت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئامما بار بولغان كىچىك شەھەر – بازارلاردا مۇئەييەن ساندا مۇسۇلمانچە تاماقخانىلار بولۇشنى؛ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بار ئورۇنلاردا ‹‹مۇسۇلمانچە تاماقخانا›› ياكى ‹‹مۇسۇلمانچە تاماق قازىنى›› تەسىس قىلىشنى؛ مۇسۇلمان ئاممىنى قوي، كالا گۆشلىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە مالنى بوغۇزلاش، بىر تەرەپ قىلىش، گۆشنى ئايرىم ساقلاش، توشۇش، سېتىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىدا، مەسىلەن ‹‹قۇربان ھېيت››، ‹‹روزا ھېيت›› مەزگىللىرىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش ۋە بايراملىق ئالاھىدە يېمەكلىكتىن بەھرىمەن بولدى؛ يەرلىكتە قويۇش ئادىتى بار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا ھۆكۈمەت كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشنى ئومۇملاشتۇرماستىن، مەخسۇس جاي ئاجرىتىش، قەبرىستانلىق قۇرۇش قاتارلىق كونكېرت تەدبىرلەرنى قوللاندى؛ بەزى دىنىي تۈس ئالغان مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەر، مەسىلەن توي، دەپنە مۇراسىمى، سۈننەت قىلىش، ئىسىم قويۇش قاتارلىقلارغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىدى.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى خەنزۇلارنىڭكىدىن كەڭرى بولدى. بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ھەرگىزمۇ نۇقۇل نوپۇس سانىنىڭ ئاددىي ھالدا كۆپىيىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، مۇھىمى نوپۇس سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. دۆلەت شىنجاڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسلىنىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى تولۇق ئويلاشتى، ئېتىبار بېرىش، كەڭ بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقتى، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش، تەبىيىلەش ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىشىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق تولۇق ئىپادىلەندى. جۇڭگو 1973 – يىلىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى، شىنجاڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شەھەرلەردىكى خەنزۇلارغا 1975 – يىلىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە 1989 – يىلىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلدى. كونكېرت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى: شەھەر – بازارلاردا خەنزۇ بىر جۈپ ئەر – خوتۇن بىر پەرزەنتلىك بولىدۇ (تۇغما مېيىپ بولسا يەنە بىر پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ) ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە بىرى مېيىپ بولسا يەنە بىر پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ). دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا خەنزۇ دېھقان – چارۋىچىلاردىن بولغان بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت دېھقان – چارۋىچىلىرىدىن بولغان بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ( ئىچىدە بىرى مېيىپ بولسا يەنە بىر پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ). ئەر – خوتۇن تەرەپنىڭ بىرى ئاز سانلىق مىللەت بولسا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ سىياسەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشقان بولۇپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھېمايە قىلىشىغا ئېرىشتى، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش سۈرئىتى شۇ رايوندىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي نوپۇس 1988 – يىلىدىكى 14 مىليون 260 مىڭدىن 2006 – يىلى 20 مىليون 500 مىڭغا كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 1988 – يىلىدىكى 8 مىليون 790 مىڭدىن 2006 – يىلى 12 مىليون 380 مىڭغا كۆپىيىپ 3 مىليون 590 مىڭ ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىمۇ سىجىل، تېز ، كەڭ كۆلەمدە ئېشىپ، 1988 – يىلىدىكى 6 مىليون 672 مىڭ 200 دىن 2006 – يىلى 9 مىليون 413 مىڭ 800 گە كۆپىيىپ، 2 مىليون 738 مىڭ 600 ئاشتى. بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ئەڭ تېز بولغان دەۋر بولدى.
3 – جەدۋەل: 1995 – يىلدىن 2006 – يىلغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئېشىش سېلىشتۇرما جەدۋىلى (بىرلىك: 10 مىڭ ئادەم)
4. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى
دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە ئەمەلىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆپ قىسمى دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزى مىللەتلەر مەلۇم بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، موڭغۇل، شىۋە، داغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى››دا: پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، يەنى پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ بۇ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىمۇ، ئۇ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەتلەنگەن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان دىننى تاللاشقا تامامەن ھوقۇقلۇق، ھىچقانداق ئادەم دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدۇ. شىنجاڭدا ھازىر دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن 24 مىڭى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 23 مىڭ 900 ى ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتى؛ دىنىي خادىملاردىن 29 مىڭى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە 26 مىڭى ئىسلام دىنى خادىملىرى . شىنجاڭدا مەخسۇس دىنىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئاپپارات يەنى مىللەت – دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان ، بۇ ئورۇننىڭ ئاساسلىقى مەسئۇلىيىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا نورمال دىنىي تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىشىنى قانۇن بويىچە قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلدى. 1982– يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك دىنىي تەشكىلاتلاردىن جەمئىي 91 ى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن بىرى، بۇددا دىنى جەمئىيىتىدىن بىرى؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن 13ى، بۇددا دىنى جەمئىيىتىدىن تۆتى، خىرىستىئان دىنىنىڭ '‹‹ ئۈچ ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتى››دىن بىرى؛ ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىدىن 65 ى، بۇددا دىنى جەمئىيىتىدىن تۆتى، خىرىستىئان دىنىنىڭ '‹‹ئۈچ ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتى››دىن ئىككىسى بار. ھەرقايسى دىنى تەشكىلاتلار قانۇن يول قويغان دائىرىدە مۇستەقىل ھالدا تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيىلەش، باشقۇرۇش، دىنىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش، خەلقئارالىق دىنىي ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. نۆۋەتتە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتە 1800 دىن ئارتۇق دىنىي زاتلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ، ئۇلار سىياسىغا تولۇق قاتنىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە..
دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ مەخسۇس يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىسلام دىنى زاتلىرى تەربىيىلەندى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىسلام دىنى سىنىپى تەسىس قىلىنىپ دىنىي خادىملار تەربىيىلەندى. دىنىي خادىملارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق دىنىي زاتلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭدا يەنە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تەربىيىلەش تۈزۈلمىسى تەسىس قىلىنىپ، ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئىش ئورنىدىكى دىنىي خادىملار نۆۋەت بويىچە تەربىيىلەندى. يەنە دىنىي زاتلار كۆرگەزمە، ئېكسكۇرسىيىگە تەشكىللىنىپ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيتىلدى.
دىنىي زاتلارنىڭ قۇرئان قاتارلىق دىنىي ئوقۇشلۇقلارغا ئىگە بولۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭدا ‹‹قۇرئان كەرىم››، قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام دىنى قامۇسلىرى ۋە دىنىي ئوقۇشلۇقلار ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق كۆپ خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى ۋە تارقىتىلدى، بۇددا دىنى، خىرىستىئان دىنى قاتارلىق باشقا دىننىڭ قامۇسلىرىنىمۇ تەرجىم قىلىندى ۋە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى تارقىتىلدى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردا يەنە مەخسۇس دىنىي ئوقۇشلۇقلارنى سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.
نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا ئاساسەن ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان دىننىڭ قائىدىسى، مۇراسىملىرى بويىچە ئېلىپ بارغان نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالدى. 2004 – يىلى مەركىزى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ‹‹دىنىي ئىشلار بەلگىلىمىسى››دە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ چەتئەلگە ھەجگە چىقىشىنى تەشكىللەشكە مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەشكىلاتى مەسئۇل بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن شىنجاڭدا ھەجگە تارقاق بېرىش پائالىيىىتى قانۇن بويىچە چەكلىنىپ، تەشكىللىك ھەجگە بېرىش سىياسىتى قەتئىي ئىجرا قىلىندى، ھەر يىلى زور مىقداردا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى ئاجرىتىلىپ خىزمەت ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، ھەجگە بارىدىغان ئامما قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ھەج ئۆمىكىنىڭ كۆلىمى بارغانسىرى كېڭىيىپ، ئادەم سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيدى. 1990 – يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭدىن تەشكىللىك ھالدا ھەجگە بارغان كىشىلەرنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتتى. 2006 – يىلىلا شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ دائىرىسى 2500 كىشىگە يەتتى.
5. ھەر مىللەت خەلق ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى
شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تىز كۆپەيدى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %7.8 ۋە %9.2 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2000 – يىلىدىكى 5645 يۈەن ۋە 1618 يۈەندىن 2006 – يىلى 8871 يۈەن ۋە 2737 يۈەنگە كۆپەيدى. نامراتلارنىڭ نوپۇسى 2000 – يىلىدىكى 3 مىليون 290 مىڭدىن ئازىيىپ 2006 – يىلى 1 مىليون 530 مىڭغا چۈشتى. 2000 – يىلى شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي ئامانەت پۇلى سوممىسى 90 مىليارد 854 مىليون يۈەن، ئىجتىمائىي ئىستېمال تاۋارلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمى سوممىسى 37 مىليارد 450 مىليون يۈەن ئىدى؛ 2006 – يىلىغا كەلگەندە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئومومىي ئامانەت پۇلى سوممىسى 203 مىليارد 563 مىليون يۈەنگە، ئىجتىمائىي ئىستېمال تاۋارلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمى سوممىسى 72 مىليارد 759 مىليون يۈەنگە يەتتى. شەھەر ، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 21.95 كۋادرات مېتىرغا، شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 20.33 كۋادرات مېتىرغا يەتتى، شەھەر، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيى ئومۇملىشىش نىسبىتى% 99.4 كە، كۆمۈر گازى، تەبىئىي گازنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى%91.5 يەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازارلىرىدا ھەر يۈز ئائىلىگە 108 تېلېۋىزور، يېزىلاردا ھەر يۈز ئائىلىگە 101 تېلېۋىزور توغرا كەلدى. زەنجىرسىمان تىجارەت، ئەشيا ئوبۇرۇتىنى تەقسىملەش، ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق يىڭى تىپتىكى ئوبۇرۇت ساھەسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پۇل– مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۇچۇر، قانۇن، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق يىڭى مۇلازىمەت كەسىپلىرى گۈللەندى، سودا ئوبۇرۇتى، پوچتا – تېلېگراف خەۋەرلىشىشى، ئۆي – مۈلۈك، يېمەك – ئىچمەك كەسپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى. يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېنگېل كوئېففىنسېنتى 1980 – يىلىدىكى %60.8 تىن 2006 – يىلى % 39.9 كە تۆۋەنلىدى. يېزا، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئېنگېل كوئېففىنسېنتى 1980 – يىلىدىكى % 57.3 تىن 2006 – يىلى %35.5 كە تۆۋەنلىدى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭدا ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، خىزمەت ئورۇنلىرى زور كۈچ بىلەن ئېچىلدى. شەھەر ، بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر تۇتۇش پىلانلىنىپ، شەھەر، بازار بىر گەۋدىلەشكەن ئەمگەك كۈچى بازىرى ۋە ئادىل رىقابەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. شەھەر، بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرى، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى، ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىرلەشمە مېخانىزىمى بەرپا قىلىندى. ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسى ئورنىتىلدى. 2001 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە ھەر يىلى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 2006 – يىلى 400 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر ، يېزىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.86 كە تۆۋەنلىدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرىلىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە سىناق نۇقتىسىنى قۇرۇش خىزمىتى، ‹‹بىر ئەزاسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان›› ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› ، ‹‹پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ھەپتىلىكى›› ، تېخنىكىلىق خىزمەت ئورنىنى كۈتۈش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەخسۇس تۈرلەر تەشكىللىك يولغا قويۇلدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئاساسى قاتلامغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسى، ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تەربىيىلىنىش تولۇقلىمىسى، كەسپ تونۇشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقى زورايتىلدى، تۆۋەن سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل ئېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك ئەۋەتىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇلدى.
يېزىلاردىكى ھاللىق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى. يېزىلاردىكى ھاللىق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر، بازارلارغا ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەرگە يۆتكەش قەدىمىنى كۈچەيتىپ، دىھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2005 – يىلىدىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە مەخسۇس راسخود چۈشۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچى بېيىش بىلىملىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيىلەندى، ‹‹بىر ئائىلىدە بىر ئادەم بىر تېخنىكا ئۆگىنىش›› چارىسى يولغا قويۇلۇپ، بۇ خىل تەربىيىلەشنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك دەرىجىسى قەدەممۇقەدەم كېڭەيتىلدى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەخسۇس خەنزۇ تىلىدا تەربىيىلەش كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىدە زۆرۈر بولغان ئاساسى ماھارەتلەرنى ئىگىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئاممىسىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشى ئۈچۈن، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، تەشكىللىك، چوڭ كۆلەملىك ھالدا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقاردى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، مۇھىت ۋە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى بەزى ئاجىزلىقلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇلارغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان مەخسۇس كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاز سانلىق مىللەت ئاشپەزلىرىنى سەپلەپ بەردى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارمۇ خىزمەت، تەمىنات، تۇرمۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇلارغا يۈكسەك غەمخورلۇق قىلدى. نۆۋەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 – 1000 يۈەن بولدى ، بىر ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى بىلەن پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدا زور ياخشىلىنىش بولۇپلا قالماي، شۇ كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، بىلىمى چوڭقۇرلاشتى ۋە تېخنىكا ئىگىلىۋالدى. 2007 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە قاتناشقانلارنىڭ سانى 900 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ئۇلار ياراتقان ئەمەلىي ئەمگەك ئىقتىسادىي كىرىمى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىدىن يۆتكەلگەن يېزا ئەمگەك كۈچى 160 مىڭ ئادەمگە، ئەمەلىي يارىتىلغان ئەمگەك كىرىمى 150 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 116 ئاشتى؛ قەشقەر ۋىلايىتىدىن يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 185 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يارىتىلغان كىرىم 450 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 43 ئاشتى.
يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى پۇقرالارنى بەختكە ئېرىشتۈردى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالى يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون، بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىڭ غەربى قىسمى ئاساسلىق يەر تەۋرەش بەلۋىغى. 20 – ئەسىردىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرىسىدا 100 نەچچە قېتىم ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى. 2003 – يىلى مارالبېشى – پەيزاۋاتتا يۈز بەرگەن 6.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ يارىلىنىشى، قازا قىلىشى ۋە زور مىقداردىكى مال – مۈلۈكنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت ئېغىر تالاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاپەتتىن كىيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن پۇل، مال – مۈلۈك ئىئانە قىلىشى نەتىجىسىدە 570 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ جۇغلىنىپ، ئۆرۈلگەن ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تۇرالغۇ ئۆي، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار قايتىدىن سېلىندى، ئاپەت رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. 2004 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا يەر تەۋرەش ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، ئامما ئاساسلىق مەبلەغ چىقىرىش، ھۆكۈمەت مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئالتە يىلدا يەر تەۋرەش ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى بارلىق ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ بولۇشى پىلانلاندى. 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا 21 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق 1 مىليون 79 مىڭ ئۆي يېڭىدىن سېلىندى ياكى ئۆزگەرتىلدى، جەمئىي 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىلا 459 مىڭ نامرات ئائىلە، 2 مىليون 160 مىڭ ئادەم يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 2007 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدىن 410 مىڭنى سېلىش پىلانلاندى. 2005 – يىلى 5 – فېۋرال ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.2 بال يەر تەۋرەش ، 16– ئاپرىل ئاقچى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەش ، 26 – ئاۋغۇست گۇما، قارىقاش ناھىيىلىرىدە يۈز بەرگەن 5.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردىن بىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى.
يېڭى يىزا قۇرۇلۇشى خەلق كۆڭلىگە ياقتى. ‹‹ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرمۇشنى بېيىتىش، مەدەنىي يېزا ئىستىلى تىكلەش، يېزا قىياپىتىنى پاكىزلاش، باشقۇرۇشتا دېموكراتىك بولۇش››نىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەت چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. ئاممىۋى مالىيەدىن يېڭى يىزا قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ كۆپەيتىلىپ، ‹‹كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، ›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلدى، يىزىلاردا باج ھەققى ئىسلاھاتى ،‹‹3 كەچۈرۈم ، 3 تولۇقلىما ›› (دېھقانچىلىق بېجى، چارۋىچىلىق بېجى، يىزا ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىۋاسىتە ئاشلىق تولۇقلىمىسى، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئۇرۇقى تولۇقلىمىسى، چوڭ تىپتىكى يىزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى)، تېرىلغۇنى ئورمانغا، تېرىلغۇنى ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش دېھقانلارنى قوللاش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلدى، كىرىمى ئاشۇرۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2006 – يىلى 510 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ بىۋاسىتە ئاشلىق تولۇقلىمىسى، ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق تولۇقلىمىسى ۋە يىزا ئىگىلىك قوراللىرىنى سېتىۋىلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ 514 مىليون يۈەن جۇغلانما مەبلەغ سېلىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلار رايونلىرىدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە تېلېفون بولۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ 83 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىنىپ، 35 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە گاز يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تاماملاندى؛ 387 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ 205 يىزا – بازار دوختۇرخانىسى، 65 ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش – سەھىيە ئاپپاراتى ۋە ئىككى نامراتلارنى يۆلەش دوختۇرخانىسى قۇرۇلدى؛ 330 مىليون مەبلەغ سەرپ قىلىنىپ 1610 كەنت ئىشخانىسى سېلىندى ۋە مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى سەپلەندى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات فوندىدىن 5 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىپ نوپۇسى نىسبەتەن ئاز ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يۆلەش، تەرەققى قىلدۇرۇش تۈرى ۋە چېگرىنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى تۈرىدىن 260 ى قانات يايدۇرۇلدى؛ 330 مىڭ دېھقان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەندى. ‹‹10– بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدە 5 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 19 مىڭ كلومېتېرغا يېقىن يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالدى، 178 يېزا – بازار، 1100 مەمۇرىي كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلاندى. 2006 – يىلى يەنە 2 مىليارد 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىنىپ 6624 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ناھىيە، يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىپ ياكى ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، 2 مىليون 500 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قۇلايلىق يارىتىلدى، توك يوق رايونلاردىكى 10 مىڭ ئاھالىگە توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى تاماملاندى. 1996 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 9 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، يەرلىكلەرمۇ مەخسۇس پۇل چىقىرىپ يېزىلاردىكى ‹‹3 ياشانغان››لار (ياشانغان پارتىيە ئەزالىرى، ياشانغان كادىرلار، ياشانغان نەمۇنىچىلەر) غا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى. 2004 – ، 2005 – يىللىرى ئۇدا 10مىليون يۈەنگە كۆپەيتكەن بولسا نۆۋەتتە ھەر يىلى 30 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، 61 مىڭ نەپەر‹‹3 ياشانغان›› كىشىگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى، ھەرقايسى جايلارمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹3 ياشانغان››لارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، يېزا تاشيوللىرىنى قاتتۇرۇش،ئەۋرەز يولى ئەسلىھەلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېزىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭىچە تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. كەنت – كەنتلەرگە توك ، تۇرۇبا سۈيى، رادىئو – تېلېۋىزور ، تېلېفون يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى، يېزىلارنىڭ ‹‹5 تە پاكىز ›› (ئەخلەت پاكىز تازىلىۋېتىلگەن، يولدىكى توسالغۇلار پاكىز تازىلىۋېتىلگەن، ئۆستەڭلار پاكىزلانغان، ئورمان بەلۋىغى پاكىزلانغان، ئائىلىلەر پاكىزلانغان بولۇش) ۋە ‹‹5 نى ئۆزگەرتىش›› (ئۆينى ئۆزگەرتىش، قورۇنى ئۆزگەرتىش، دوختۇرخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش، قوتاننى ئۆزگەرتىش) خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، نامراتلارنى يۆلەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سۇ قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ھەمكارلىشىپ داۋالاش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش، ياشانغاندا بېقىلىش ئاساسىي سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دېھقان– چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىقققا كەلگۈسى.
6. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈردى
بىڭتۇەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 1954– يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 1981– يىلى 12– ئايدا مەركىزىي ھۆكۈمەت 1975 – يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بېكىتتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يەنە جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتى دېگەن نامىمۇ بولۇپ، دۆلەت يۈكلىگەن چېگرا رايونلاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى بوز ئېچىش رايونىدا دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن، پەرمانلىرىغا ئاساسەن ئىچكى قىسمىنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، ئۇ دۆلەت پىلانلىق يولغا قويغان يەككە ئالاھىدە ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوش قاتلاملىق رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىڭتۈەننىڭ قارمىقىدا 14 شى، 179 دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق تۇەن – مەيدان، 1400 دىن كۆپرەك مۇستەقىل ھېساۋات ئاچقان سانائەت، قاتناش، قۇرۇلۇش، سودا كارخانىسى، پېيى كونترول قىلىنىدىغان 13 شىركەت، سەككىز دۆلەت دەرىجىلىك، 21 بىڭتۈەن دەرىجىلىك دېھقانچىلىق كەسىپلەشتۈرۈلگەن نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بار. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭلار ئالىي مەكتىپىدىن ئالتىسى، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك كەسپى، تېخنىك ئىشچىلار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 775 ى بار. 2006 – يىلى بىڭتۇەننىڭ ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليون 579 مىڭ 700 گە يەتكەن.
يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن بىرلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلدى. بىڭتۇەن چېگرا رايونلاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈم، پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، بىرلەشمە ئىگىلىكنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك زىچ ئۇيۇشۇپ، چېگرا رايوننى ئورتاق قوغداش، بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆز – ئارا تولۇقلاش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى باشتىن – ئاخىر ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت ئاممىسى يېتەكچى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەپ ھەر جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىڭتۇەنگە زور كۆلەمدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قاقاس يەر، ئوتلاق ، كان، تەبىئىي ئورمان قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىنى ئاجرىتىپ بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلوق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزگەن نۇرغۇن سىياسەتلەر بىڭتۇەنگە ناھايىتى ماس كېلىپ، ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆز – ئارا تولۇقلاش ۋە مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئېقىشى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە قوش ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئالغا سىلجىتىلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەن ئىزچىل ‹‹خەلقتىن مەنپەئەت تالاشماسلىق›› پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى تەكلىماكان، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىدەك چەت، تەبىئىي مۇھىتى ناچار چېگرا رايونلاردا بوز يەر ئېچىپ، سۇ ئىنشائاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چەكسىز قاقاسلىقلاردا رەت – رەت ئېتىزلار، ئېرىق – ئۆستەڭلەر، ئورمان بەلۋاغلىرى ئۆزئار گىرەلەشكەن، قاتناش راۋانلاشقان يېشىل ئېكولوگىيىلىك ئىقتىساد تورى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بوستانلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. يىزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ۋە ئەۋزەل بايلىق مەنبەسىنى يۆتكەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، 3 – كەسپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئىستىراتېگىيىلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان يېڭىچە تۇەن – مەيدان قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇەن – مەيدانلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەت تۈزۈلمىسى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىناق بىڭتۇەن قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2006 – يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئورۇندىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 38 مىلياردقا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %12 ئاشتى؛ مۇقىم مۈلۈك مەبلىغى 15 مىليارد 300 مىليونغا يېتىپ، %11.5 ئاشتى؛ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 500 مىليونغا يېتىپ، % 12.9 ئاشتى؛ شەھەر – بازارلار ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 8966 يۈەنگە يېتىپ، % 7.3 ئاشتى؛ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 4827 يۈەنگە يېتىپ، %17.6 ئاشتى.
مۇقىملىقنى ساقلاپ، چىگرا رايوننى ياخشى قوغدىدى. بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرا رايون مۇداپىئەسى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن – ئاخىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، ترورچىلىق پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنىقى سېپىدە تۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن چېگرانى قوغداشتەك قوش ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئۆز – ئارا يۆلەك قىلىپ، ئەمگەك بىلەن قورالنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە، قوراللىق قىسىم ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە چېگرا رايوننىڭ ‹‹ئارمىيە، قورال (قوراللىق قىسىم)، ئەسكەر (بىڭتۇەن)، خەلق›› بىرلەشكەن بىرلەشمە مۇداپىئە تۈزۈلمىسىنى ئورناتتى، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە توسۇش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۇەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك يېتەكچى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىش قەدىمىنى تېزلىتىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، غەربىي شىمالنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، چېگرا رايون قۇرۇش، چېگرا رايوننى قوغداشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇردى.
7. دۆلەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى
مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى كۆپەيتىلدى. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى››نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىن ئىبارەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسى، مەدەنىيىتى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلەشنى بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دۆلەت سىياسىتى قىلدى . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدا زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى، 1955 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان جۇغلانما مەبلەغ 1 ترليون 90 مىليارد 459 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 1976 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە مەركىزىي ھۆكۈمەت سالغان مەبلەغ 485 مىليارد 352 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ % 44.9 ىنى تەشكىل قىلدى. ‹‹ 10 – بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، جۇغلانما مەبلەغ سېلىنمىسىنى 503 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش ئورۇنلىنىپ، ئالدىنقى 45 يىللىق ئومۇمىي سېلىنمىدىن ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي ھۆكۈمەت سالغان مەبلەغ 196 مىليارد 649 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ % 39.1 ىنى ئىگىلىدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تارىم دەرياسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قۇرۇلۇشى، ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشى، مايتاغ 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، مىليون توننىلىق ئېتىلىن تۈرى، كۈيتۈن – سايرام كۆلى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلىكتېرلەشتۈرۈلگەن تۆمۈريول ‹‹جىڭ – غۇلجا – قورغاس›› تۆمۈريولى ، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم سۇ ئىنشائات، ئېنېرگىيە، قاتناش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تۈرى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى ياكى پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا شىنجاڭنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى.
دۆلەت مالىيە كۈچى جەھەتتە زور دەرىجىدە قوللىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1955 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە ، مەركەز مالىيىسىدىن شىنجاڭغا 264 مىليارد 400 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىلدى، 2006 – يىلىلا 47 مىليارد يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 22 بولدى. بولۇپمۇ ‹‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش››ئىستىراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دۆلەت شىنجاڭغا بولغان قوللاشنى يەنىمۇ زورايتتى، 1999 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە، مەركەزدىن شىنجاڭغا بېرىلگەن ياردەم مەبلىغى 196 مىليارد يۈەن، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 25 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە مالىيەدىن يۆتكەلگەن مەبلەغ 118 مىليارد 800 مىليون يۈەن، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %22 بولۇپ، 2006 – يىلىغا كەلگەندە 27 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ تۈرلۈك مەخسۇس يۆتكەلمە ياردەم مەبلىغى 77 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە، يىللىق ئېشىش نىسبىتى%29 كە يېتىپ، 2006 – يىلى 19 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى. مەركەزنىڭ ياردەم مەبلىغىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى، ياردەم پۇلى سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكى يەرلىك مالىيە راسخوتىنىڭ %66 ىنى تەشكىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئاكتىپ، مۇھىم رول ئوينىدى.
ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىن بۇيان، شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەت نۇرغۇن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. چېگرا بويىنى ئېچىۋىتىش ئىستراتېگىيىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارنى ئېلان قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي رايونلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن سەككىز تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. ‹‹10– بەش يىللىق پىلان›› يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، غەربىي رايوننى ئېچىش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى چىقاردى ھەمدە نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۆلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلدى. شىنجاڭدا ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش قۇرۇلۇشى، ‹‹ئۈچ شىمال›› (شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال) تۆتىنچى باسقۇچلۇق مۇداپىئە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇنى ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى، قۇمنى توساش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان فاڭجېنلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇردى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. مەسىلەن، ‹‹چېگرا رايونلاردا تاشيول ياساپ، چېگرا رايونلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونىنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش››، ‹‹ئوتتۇرا غەربىي رايوننىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش››، ‹‹قېلىپلاشتۇرۇلغان مەركەز مالىيىسىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، غەربىي رايوننى مالىيە جەھەتتە قوللاشنى تەدرىجىي كۈچەيتىش››، ‹‹دۆلەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونغا ئىشلىتىلىش سالمىقىنى ئۆستۈرۈش››، ‹‹خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە تەشكىلاتى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى قەرز پۇلىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئوتتۇرا غەربىي رايونغا ئىشلىتىش›› قاتارلىقلار. 2001 – يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ھەققىدىكى بىرقانچە سىياسەت، تەدبىرنىڭ ئىجرا قىلىنىش پىكرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىدا 18 جەھەتتىكى 68 ماددىلىق كونكرېت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بەلگىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىپ، ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش باج كىرىمى ئېتىبار سىياسىتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يولغا قويۇش پىكرى›› نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، چەت ئەل كارخانىسىنى جەلپ قىلىدىغان ۋە دېھقان – چارۋىچىلار قاتنىشىدىغان شىنجاڭنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، ئالاھىدە ئىگىلىكى تىجارىتىگە مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى 10 تۈرلۈك ئېتىبار سىياسىتىنى چىقاردى.
نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىگە بەخت يارىتىلدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەسى دۆلىتىمىزنىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئورتاق. ئىقتسادنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا تۈرلۈك بايلىق مەنبەلىرىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ئىشلىتىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىن بۇيان شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ستراتېگىيىلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گازىنى قىدىرىش، ئېچىشقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ماشىنىسازلىق، قاتناش – ترانسىپورت، خەۋەرلىشىش، قۇرۇلۇش، ئېلېكتر – ئېنېرگىيە، سۇ ئىنشائاتى، يېزا ئىگىلىك، يېمەك – ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائىتى، سۇلياۋ، كاۋچۇك، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سۈرۈپ ، شىنجاڭ رايونىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆرلىشىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، نېفىت ئېچىلىش مىقدارى ھەر 1 مىليون توننا ئاشقاندا بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان 1000 ئورۇن، ۋاسىتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان 3000 – 5000 ئورۇن كۆپىيىپ، شىنجاڭ نېفىت – خىمىيە سانائىتى ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سانائەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى سانىنىڭ %15 ىنى تەشكىل قىلدى؛ شەھەرلىشىش قەدىمى تېخىمۇ تېزلىتىلىپ، چۆل – باياۋاندا قاراماي، مايتاغ، پوسكام قاتارلىق بىر تۈركۈم نىفىت يېڭى شەھەرلىرى قەد كۆتۈردى، ئۈرۈمچى، كورلا، فۇكاڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى تىزلىتىلدى؛ شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك قوللاش ئۈچۈن نېفىت، تەبىئىي گازنى قىدىرىش، ئېچىش مەبلىغىنىڭ تەخمىنەت ئۈچتىن بىرى ئۆز جايىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىگە ئىشلىتىلدى. شىنجاڭدىكى قاراماي، تۇرپان – قۇمۇل، تارىم قاتارلىق چوڭ نىفىتلىكلەر ۋە پوسكام، مايتاغ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ نېفىت – خىمىيە كارخانىلىرى ئىختىساسلىق خادىم، مەبلەغ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك كارخانىلارنى يۆلەپ، قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سالدى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇب – شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قۇملۇق نېفىت تاشيولى تارىم نېفىتلىكىنىڭ 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن ياسالدى. شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى مالىيە كىرىمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپىدىن تاپشۇرۇلغان باج پۈتۈن ئاپتونوم رايون باج كىرىمىنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى، ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› تۈرىدىلا ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ مالىيىسىگە 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشى ئاساس قىلىنغان بىرنەچچە شەھەر، ناھىيىنىڭ مالىيە كىرىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ %26 ىنى ئىگىلىدى. نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ ئىچىلىشى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئالغا بېسىشىغا زور تۆھپە قوشتى.
زور تۈركۈمدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى ۋە تەربىيىلەندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قالاق، ئىختىساسلىق خادىملار كەمچىل بولغان ۋەزىيىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دۆلەت تەقسىم قىلىش، يۆتكەش ۋە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 800 مىڭدىن ئارتۇق زىيالىي ۋە كەسپى تېخنىك خادىملارنى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتتى، سانائەت، دېھقانچىلىق، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلمىي تەتقىقات، سەھىيە – داۋالاش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، پەن – تېخنىكا خادىملىرى ۋە يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كەسپى خادىملارنى تولۇقلاپ بەردى. بولۇپمۇ ‹‹ 9 – بەش يىللىق پىلان›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەتلىك ئورگانلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ غوللۇق كادىرلىرىنى شىنجاڭغا ياردەمگە ئەۋەتتى، 2005 – يىلىدىن بۇيان، ئىچىكىرى ئۆلكىدىكى سەككىز ئۆلكە، شەھەر ۋە چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشى ئېچىش باش شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 15 شىركەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە بىڭتۇەندىكى ئۈچ شىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى يولغا قويدى. تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى تېخنىك خادىملار، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، كارخانا باشقۇرغۇچى قاتارلىق تۈرلۈك كەسپى ئىختىساسلىق خادىملارنى شىنجاڭنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىرىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇپ، ئىلغار تېخنىكا ۋە نۇقتىئىنەزەرنى ئۈلگە قىلدى ۋە تارقاتتى. 1997 – يىلى 2 – ئايدىن ھازىرغىچە بەش تۈركۈمدە جەمئىي 2686 نەپەر كادىر شىنجاڭدا خىزمەت قىلدى. دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا شىنجاڭدا 2004 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹چەت ئەل ئىختىساسلىقلىرى شىنجاڭغا ياردەم قىلىش پىلان››ى يولغا قويۇلدى، نۆۋەتتە چەت ئەلدىن 460 نەپەر مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىندى، شىنجاڭدىن 720 نەپەر كىشى چەت ئەلدە تەربىيىلەندى. 1989– يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىچكىرى ئۆلكىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، ھەر يىلى شىنجاڭغا 1000دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيىلەپ بەردى. (2003 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2000 گە كۆپەيتتى)، ئىچكىرى ئۆلكىدە تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس بويىچە تەربىيىلەنگەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 17 مىڭدىن ئاشتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت 2003 – يىلى ‹‹غەربىي رايوندىكى ئىختىساسلىقلار ئالاھىدە پىلان››ىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىن جەمئىي 188 نەپەر ئوقۇغۇچىنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى% 50 نى تەشكىل قىلدى. 2006 – يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا قارىتىلغان ‹‹ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىق خادىملار پىلانى››نى يولغا قويۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە كارخانا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ ئىچكىرىدىكى تەرەققى قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى.
قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، ،شەھەرلەر زور كۈچ بىلەن قوللىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر شىنجاڭنى نۇرغۇن تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىق خادىم بىلەن تەمىنلىدى. 50 – يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدا سانائەت كارخانىلىرى قالاق بولۇشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەت شەرقىي، جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى بىرقىسىم كارخانا، زاۋۇتلارنى شىنجاڭغا يۆتكەپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنى شىنجاڭدا دەسلەپتە قۇرۇلغان غوللۇق كارخانىلارغا يۆتكەپ كەلدى ھەمدە زور تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنى ئىچكىرىدىكى ئىلغار كارخانىلارغا بىلىم ئاشۇرۇش ۋە پىراكتىكا قىلىشقا ئەۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا شىنجاڭدا بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تېخنىكا تايانچ كۈچلىرى يېتىشىپ چىقتى. ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ تەدرىجىي تۇرغۇزۇلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز – ئارا ئالمىشىشى كۈنسېرى راۋاجلاندى ۋە كېڭەيدى، بازار يېتەكچى، كاپىتال ۋاستە، ‹‹ئەشيا ئوبوروتى››، ‹‹ئىختىساسلىقلار ئوبوروتى›› ئالاھىدىلىك، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆز – ئارا تولۇقلاش پرىنسىپ قىلىنغان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشنىڭ يېڭى شەكلى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق 20دىن ئارتۇق نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىگە نىشانلىق ياردەم بەردى، نىشانلىق ياردەم بېرىش دائىرىسى سانائەت، يېزا ئىگىلىك، سودا، پەن – تېخنىكا، ئىختىساسلىق خادىم، مەدەنىيەت – مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلدى، مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، تېخنىكا تارقىتىش، تەربىيىلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خاتىمە
ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلاردا پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارىخىي، جۇغراپىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى ۋە شارائىتىنى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز دىيىشكە بولىدۇ. مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش تولىمۇ مۈشكۈل بولماقتا. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ستراتېگىيىلىك پىلانى.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىگىرمە يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېز يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ستراتېگىيىلىك پۇرسىتى، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ھەققىدىكى ئومۇمىي ستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان پۇرسەت يارىتىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى. ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹11 – بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ۋە ستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈزۈپ چىقتى: 2010 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنى 520 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 12 ئاشۇرۇش؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 300 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 18 ئاشۇرۇش؛ پۈتۈن كالبېر مالىيە كىرىمىنى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمىنى 46 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى%20 تىن يۇقىرى قىلىش؛ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 21 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى %20 كە يەتكۈزۈش؛ شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىملىنىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 14 مىڭ 350 يۈەندىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 4000 يۈەندىن ئاشۇرۇش؛ 10 مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە خوراش نىسبىتىنى %4 پرسەنت ئەتراپىغا چۈشۈرۈش؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى 11 ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ تېخىمۇ باياشات قىلىش، سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش لازىم.
شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. يېڭى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، شەھەر، يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: .باپ قۇرۇقلۇق ۋە دىڭىز ئوكيانلار
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەيي
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇت
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق مات
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كال
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- 5-يىللىق خەنزۇتىلى 2-ماۋسۇم
- 双语班2年级汉语第七课热爱的传统文化教案
- 双语二年级汉语下册第五课做贴画教案
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- 第一单元百分数
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىق
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇتىلى دە
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق ماتىماتى
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كالىندار
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- باشلانغۇچ قوشتىل 1-يىللىق ئېلىپبە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى