كىتاب ئەقىل چىرىقى
زۆھرەگۈل ھامۇت
(ماقالە)
كىشىلەرنىڭ ئېڭى،تۇرمۇش ئۇسۇلى،ياشاش ئادىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ،ئۆز مەۋجۇدلۇقى ئاساسىدا راۋاجلىنىشى-جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مەسئۇلى ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە ئالغا بېسىشىدىكى تايانچ كۈچ.
ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىغىنىمدا،كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ،ئىلگىرى ئاپتورلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئاساسىدا بەزى پىكىرلەر كاللامدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.
جەمئىيىتىمىزنى سىنچى نەزەرىمىز بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق،بەش قول تەكشى بولمىغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك پەرقلەر مەۋجۇت.كىتابخانىنى مىسالغا ئالساق،بىر قىسىم كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن،بىلىم ئىگىلەشكە ئىشتىياق باغلىغان كىشىلىرىمىز دائىم كىتابخانىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشقان.ئۇلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق كىتابنى سېتىۋېلىپ،بوش ۋاقتى بولسىلا قولىدىن كىتاب چۈشۈرمەيدۇ ۋە ئادەم مەنىۋىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان قىممەتلىك كىتابلارنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،بىلىم كانىدىن دۇردانىلەر قېزىپ،ئۆز ئىجادىي مېھنىتى ئارقىلىق ئەلگە مىۋە بېرىدۇ.بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز،شۇنداقلا ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۆرنەك.بۇنىڭ ئەكسىچە ئاشپۇزۇل،رېستۇران،كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى زەرگەرخانا،سەيپۇڭخانا،تانسىخانا،ساتىراچخانا،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى...نى كۈزەتسەك، ئاشپۇزۇل،رېستۇرانلاردىن كېلەلمەيۋاتقان"پۇلدار"لارنى،"ئالا-يېشىل"چىراقلار"ۋال-ۋۇل"يېنىپ تۇرغان تانسىخانىلاردا رومانتىك ھىسسياتلارغا غەرق بولغان ئاشىق-مەشۇقلارنى،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا ھۆسىن تۈزەش بىلەن نۇرغۇن ۋاقتىنى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ،ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقتىغا ۋايساپمۇ قۇيۇشمايدىغان سەتەڭلەرنى،چايخانىغا كىرىۋېلىپ،بىر چىنە چاينى قېنىق دەملەپ قويۇپ،ئەتىدىن-كەچكىچە قارتا،شاخمات ۋە ماجاڭ ئويناپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بىكار تەلەتلەرنى،"مودا"ئېقىمىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچراپ،مەيلى ياراشسۇن،ياراشمىسۇن،قارغۇلارچە مودا قوغلىشىپ،يېڭى سېتىۋالغان كىيىملەرنى قىممەت باھالىق ۋە يىپ-يېڭى"مودا"دىن قالغان كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ،سەيپۇڭ ۋە كىيىم-كېچەك سودىگەرلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رازىكى،ھىچبولمىغاندا ئايلاپ-يىللاپ ئەرزان باھالىق بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويۇشمايدۇ.بىز ئۇلار ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز.
كىتابخۇمار بىر دوستۇمنىڭ كىچىك كىتابخانىسى مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلب قىلدى.ئۇ ياغاچتىن كۆركەم قىلىپ ياسىتىلغان كىتاب جاھازىسىغا ھەرخىل ژورناللار،گېزىتلەر،پەلسەپىۋى خاراكتىرلىك ئەسەرلەر،تەرجىمىھال ئەسەرلىرى،ھىكايە-پوۋىستلار،رومانلارنى رەتلىك تىزىۋەتكەندى.بەزى كونىراپ تېشى يىرتىلغان كىتابلارنى چىرايلىق مۇقاۋىلاپ قويغان بولۇپ،ئۇ كىتابلار ئارىسىدا ھەتتا مەن ئوقۇپ باقمىغان كىتابلارمۇ كۆپ ئىكەن.كىتاب جاھازىسىنىڭ ئەينىكىگە ھۆسىن خەت بىلەن چوڭ قىلىپ«ۋاقتىڭىزنىڭ بارىدا شاھانە ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېلىڭ،بولمىسا كېيىن ئۈلگۈرەلمەيسىز.---گ.تورا»دەپ يېزىپ قويۇلغاندى.ئىككىمىز سۆھبەتلىشىۋېتىپ، گەپ ئارىلىقىدا ئۇ ماڭا:
-ھازىر مىللىتىمىز خانىم-قىزلىرىنى «مودا» ئېڭىدىن ئىبارەت كىشەن چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ.بىر مەزگىل كىيگەن قىممەت باھالىق يىپ-يېڭى كىيىملىرىمىز «مودا» ئېقىمىغا ماسلىشالماي،ساندۇق-چامادانلىرىمىزغا بەند قىلىنىپ،چاشقانغا يەمچۈك بولماقتا.بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى_تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەپ بېرەلەيدىغان مىزان.ھىچبولمىغاندا بىر يىل ئىچىدە بىر-ئىككى قۇر كىيىمنى ئاز كىيىش بەدىلىگە كىتاب سېتىۋېلىپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيىتساق،مىللىتىمىز «مودا» ئېڭىنىڭ چىرىتىشىدىن ئازراق ساقلانغان،كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى بىر بالداق يۇقىرى يۇقىرى كۆتىرىلگەن بولاتتى-دىدى.
مەن ئۇنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم،ئۇنىڭ كىتابنى قەدىرلەيدىغان،بىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئېسىل پەزىلىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇدۇم.ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىنئالا مەسلىھەتلەشكىنىمىز بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.ئۇ كىيىم ئىشكاۋىنى كۆزۈمچىلا ئېچىپ،تويغا كىيىپ بارىدىغان كىيىمنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا تاللىدى.ئۇنىڭ كىيملىرىنىڭ سەرخللىقى ۋە كۆپلۈكىدىن كىيىم ئىشكاۋى تارلىق قىلغاندى.ئۇ كىيىملىرىنى تولا تاللاپ ھارغاندىن كېيىن جايىغا قويۇپ قويدى ۋە بازاردىن يېڭى كىيىم ئېلىپ كىيىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم دۇكانلارنى قايتا-قايتا ئارىلاپ يۈرۈپ،قىممەت باھالىق كىيىم سېتىۋېلىپ،كىيىمنى سېتىۋالغان دۇكاندىلا كىيىپ ماڭدى.ئۇ ئۆزىنىڭ پوزۇر قىياپىتىگە ماس ھالدا يېنىمدا مەغرۇرۇلۇق بىلەن ماڭاتتى.مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭدىن:
-ئايگۈل بىرلا ۋاقىتتا تۆت خىل ژورنالغا مۇشتەرى بوپتۇ.سەنمۇ ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ تۇرۇۋاتىدىغانسەن-دەپ سورىدىم.
-ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ئۇ نىمانچە ئەخمەق؟بىر جېنىغا تۆت خىل ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ پۇلىغا تويۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويامتى؟«خوتۇن كىشى كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ»دىگەن گەپ بار.ئەخمەق بولۇپ شۇنچە پۇلنى كىتابقا بۇزۇپ چاچقۇچە،يېڭى كىيىمدىن بىر-ئىككى قۇر ئېلىۋالسىچۇ كاشكى!-دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
مەن گويا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە چەكچىيىپ قاراپلا قالدىم.بۇسۆزنى ئېيتقۇچى دەل مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك كىشىلىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان،ياش ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى.«سەللە يوغان ئىمان يوق،داستىخان يوغان بىر نان يوق»دىگەندەك،ئۇ قورسىقىدىكى ئۇمىچىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئاشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرۈپ قويغاندى.مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان غۇنچىلارنىڭ پەرۋىشكارى مۇشۇنداق گەپنى قىلىۋاتسا،بۇنداق باغۋەن يېتىشتۈرگەن كۆچەت ئەلگە مىۋە بېرەرمۇ؟«دۇنيادىكى زىندانلار ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى مەنىۋى زەئىپلىكتۇر».ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولمىش شۇ ئوقۇتقۇچى بىرقانچە خىل ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ،تەشنا قەلبىنى بىلىم بۇلىقىدا سۇغارماقچى بولغان دوستۇمنى «ئەخمەق» دەپ مازاق قىلدى.ھالبۇكى،ئۆز روھىي دۇنياسىنىڭ قۇپقۇرۇق،ھەقىقىي ئەخمەقنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىگەنمىدۇ؟ئەجىبا،ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى،ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنمىدۇ؟
جەمئىيىتىمىز كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە،ئوقۇتقۇچى دوستۇمنىڭ نادانلارچە قىلغان سۆزلىرى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى.
بىلىشىمىز كېرەككى،ئەقىل-پاراسەتلىك،يۇقىرى ساپالىق خەلق قوشۇنى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئالغا سىلجىشىدىكى ھۈجەيرە.
بۇ ھەقتە پەرھات جىلان «مەھمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانىدا ئىنتايىن ئېنىق شەرھلەپ بەرگەن:
«بۇ بىر خىل ئاڭسىزلىق-دەيدۇ مەھمۇت قەشقىرى-قاچانكى خاقانلاردىن تارتىپ،ئەڭ تۆۋەن تەبىقىلەردىكى پۇقرالارغىچە پۈتۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ،ئىنسانغا خاس يۈكسەك ئاڭ-سەۋىيىسىنى تولۇق جار ى قىلدۇرغاندىلا بۇخىل قەبىلىۋازلىق،يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن جەمئىيەتتىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك.ھەممە ئادەم بىلىملىك بولۇشى كېرەك.بىزنىڭ ئادەملىرىمىز قورساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كۆزى ئوچۇق كور بولماستىن،ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلەيدىغان ھەقىقىي ئىنسان خۇسۇسىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.ئەنە شۇ چاغدىلا ھەر بىر ئادەم بەخت بېغىدىكى نىمەتلەردىن ئۆزىگە تېگىشلىك نەپ ئالالايدۇ.قايسى خەلقنىڭ بىلىملىك ئادەملىرى كۆپ بولسا،شۇ خەلق دۇنيادا قەد كۆتىرىپ تۇرالايدۇ. خەلق ئۆزئىچىدىكى بايلار بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ،بەلكى ئۆز تارىخىدائۆتكەن ئالىملار،ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار،قەھرىمانلار،دانىشمەن سىياسەتچىلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ»(روماننىڭ 444-بېتىدىن).
يۇقارقى بىرئابزاس جۈملىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان بىلىملىك،ئەقىل-پاراسەتلىك،دانىشمەن كىشىلەرنى ئولۇغلاپ كەلگەن.ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىز ئەجدادلارنىڭ بۇرچى!
تارىختا تىلغا ئېلىنغان ساۋاتسىزلىق پەقەت خەت يازالمايدىغان ئادەملەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ،ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ساۋاتسىزلىق ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى.دەۋرىمىز ساۋاتسىزلىرى خەت يازالمايدىغانلار بولماستىن،بەلكى،ئۇچۇر،پەن-تېخنىكا ساۋاتسىزلىرى،كەسىپ ساۋاتسىزلىرى بولۇپ،تارىختىكى ساۋاتسىزلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
بىلىم-بايلىق ياراتقۇچى.ئۇ تەرەققىياتنىڭ جېنى.يۇقىرى ساپالىق پەن-تېخنىكا خادىملىرى بولسا تەرەققىياتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شۇنداق بولغانكەن،مىللىتىمىز كىشىلىرى كىتاب ئوقۇپ كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەپ،ئۆزىنى ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلەن قۇراللاندۇرۇشى زۆرۈر.
قىسقىسى،مىللىتىمىزنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز،روھىيىتىمىزدىكى چىرىك،ناچار ئىدىيىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،نادانلىق بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ،رېستۇران،تانسىخانىلاردا كۆڭۈل ئېچىش،،چايخانىلاردا كۈنبويى كوچا پاراڭلىرىنى ئاڭلاش،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا نەچچە سائەتكە سوزۇلغان ھۆسىن تۈزەشكە بېرىلىش ۋە مودا كىيىم دۇكانلىرىدا كىيىم تاللاشقا كەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كىتابخانىلارنى ئارىلاش ۋە كىتاب كۆرۈپ زېھنى-قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشقىمۇ سەرپ قىلايلى!
(تەھرىر : admin)
«كىتاب ئەقىل چىرىقى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەيي
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇت
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق مات
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كال
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- 5-يىللىق خەنزۇتىلى 2-ماۋسۇم
- 双语班2年级汉语第七课热爱的传统文化教案
- 双语二年级汉语下册第五课做贴画教案
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- 第一单元百分数
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىق
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇتىلى دە
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق ماتىماتى
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كالىندار
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- باشلانغۇچ قوشتىل 1-يىللىق ئېلىپبە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى