پالۋان كەلدى
9-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى1-قىسىم12-دەرس
پالۋان كەلدى
تېيىپجان ھادى
ئوقۇتۇش نىشانى:
- بىلىم نىشانى:ئەسەر ئاپتۇرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش،تېكىستنى ئوقۇپ مەزمۇننى چۈشىنش ئاساسىدا ئەسەرنىڭ ژانىرىنى بىلىش ھەم تېكىست ئىچىدىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىش. ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىگىلىتىش
- ئىقتىدار نىشانى:تېكىستنى جانلىق،ھېسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىلار
مۇھىم نوقتا : ئەسەر ئاپتۇرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش،ژانىرىنى ئىگىلەش،تېكىستنى ئوقۇپ مەزمۇننى چۈشىنىش ھەم تېكىست ئىچىدىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشنىش. ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىش
قىيىن نوقتا : تېكىستنى ھېسياتلىق،جانلىق،راۋان ئوقۇيالايدىغان بولۇش . پېرسۇناژلار تىلىنىڭ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتىكى رولىنى ھېس قىلدۇرۇش
ھەل قىلىش تەدبىرى : ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى ئالدىن ئوقۇشقا ئورونلاشتۇرۇش،چۈشەندۈرۈش، مۇلاھىزە قىلىش يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلنىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: پايدىلىنىش ماتىرىيالى،قىستۇرما رەسىم
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:چۈشەندۈرۈش،يىتەكلەش،ئوقۇش،ئىزدىنىش،مۇلاھىزە،ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى
- باسقۇچ: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
بۈگۈن بىز ئەنە شۇ پالۋان ئەجداتلىرىمىزدىن بىرسى بولغان قەھرىمان-سادىر پەلۋان تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە ھېكايىنى ئوقۇيمىز.
ئاۋال سادىر پەلۋان بوۋىمىز بىلەن تونۇشۇۋالايلى
( سادىر پەلۋاننىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىپ تەپسىلى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ)
2-باسقۇچ:ئاپتۇر ھەققىدە چۈشەنچە بىرىلىدۇ.
3-ئەسەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنۈشى، يەنى سادىر پەلۋان ياشىغان دەۋىر، 1864-يىلىدىكى ئىلى قوزغىلىڭى قاتارلىقلار بۇرۇن تەييارلىۋىلىنغان ماتىريال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەينى دەۋىرنى چۈشنۈش، بۇ ئارقىلىق پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى چۈشىنىشگە ئاساس يارتىلىدۇ.
4-باسقۇچ:ئەسەر ژانىرى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىلىدۇ.(چۈشەندۈرۈش ،مىسال ئېلىش)
ھېكايە-تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرى ئارقىلىق جەمئيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجمىگە قارىغاندا كەڭ ھەم مۇرەككەپ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان ئىپىك ئەسەر ھېكايە دەپ ئاتىلىدۇ.
5-باسقۇچ تېكىسىت ئوقۇلىدۇ.
تېكىسىت ئوقۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار، يەنى ۋەقەلىك سىيۇژىتى، پىرسۇناجلار خاراكتىرى، ئەسەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنۈشى، تېكىسىت ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەر ۋە ئاچقۇچلۇق جۈمىللەر...قاتارلىقلار.
تېكستنى ئۈلگە سۈپتىدە ئۆزۈم بىر قېتىم ئوقۇپ بىرىمەن ھەمدە ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تېكىست ئىچىدىكى چۈشنىكسىز سۆزلەرنى تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
6-باسقۇچ :تېكىست ئىچىدىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
1) سۇنبۇلە ئېيى_ 8- ئاينىڭ ئاخىرى 9- ئاينىڭ باشلىرى
2) پەرىجە_ ياقىسى ئويۇپ چىقىرىلغان، تۈگمە بېكىتمەيدىغان، ئىچ يانچۇقلۇق ئۇزۇن چاپان؛ تون
3) ئېغۋا_ قۇرۇق، يالغان، ئويدۇرما گەپ؛ ئۆسەك سۆز.
4) سۈبھى _ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان پەيت، سەھەر
5) جۇدۇن_ (1) سوغۇق ھاۋا ئېقىمى. (2) ئاچچىق، غەزەپ (3) توسالغۇ، قىيىنچىلىق
6) ئېسەنگىرەش_ ھودۇقۇش، گاڭگىراش، ساراسىمىگە چۈشۈش، ئېسىنى يوقۇتۇش
7-باسقۇچ :تېكستىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزلىدۇ.
بۇھېكايىدە سادىر پالۋاننىڭ مانجۇ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە قارشى ئازادلىق،ئەركىنلىك،ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار كۆرەشلىرى تەسۋىرلىنىپ،تىپىك ۋەقە ئارقىلىق سادىر پالۋاننىڭ باتۇر،تەدبىرلىك،مەردانە ئوبرازى مۇۋەپپەقيەتلىك يارتىلغان.
8-باسقۇچ :ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى
‹‹ ئاۋام پۇقراغا خاننىڭ ئەمرى پەرز. ئۆز ئالدىڭغا ئىش تۇتساڭ، ئاقىۋىتىدە ئۆز بېشىڭنى يەيسەن، گاداي. سوگودا كاللا نېمە قىلسۇن- ھە، يوق- يوق!››
1) يۇقىرىقى پارچىدىكى كىمنىڭ سۆزى؟ بۇلاردىن ئۇنىڭ قانداق خاراكتېردىكى ئادەملىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟
2) ‹‹ ئاۋام پۇقراغا خاننىڭ ئەمرى پەرز ›› دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى نېمە؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
3) ‹‹سوگو›› سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ كىمگە قارىتىلغان؟ ئۇنىڭدا راستتىنلا كاللا يوقمۇ؟
‹‹شەنگەن شاغىبەگكە تىكىلدى. ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ ئۆزىنى چىدام بىلەن بېسىپ ئولتۇراتتى. ئۇ شەنگەننىڭ مۇددىئاسىنى _ دېھقاننىڭ گۆشىنى مۇناپىقلارنىڭ پىچىقى بىلەن شىلىۋېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.››
1) ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ قانداق ئادەم؟
يۇقارىقى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرس خۇلاسلىنىدۇ.تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
تاپشۇرۇق- . باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، پالۋانلىق ھەققىدىكى ماقال- تەمسىللەرنى توپلاپ كېلىڭلار.
دوسكا لاھىيەسى
پالۋان كەلدى
تېيىپجان ھادى
يېڭى سۆزلەر: 1) سۇنبۇلە ئېيى_ 2) پەرىجە_ 3) ئېغۋا_ 4) سۈبھى _ 5) جۇدۇن_
سادىر پالۋان ــ ئىلى دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. خەلق قەھرىمانى. ماھىر قوشاقچى.
ئەسەردىكى پېرسوناژلار تەھلىلى: ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ، مەزەمزات ھېكىم ۋە باشقىلار
قەھرىمان تارىخ يارىتىدۇ. ئەل قىساسى مىنەلھەق.
(تەھرىر : ئىزدەن)
« پالۋان كەلدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىقى
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەيي
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇت
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق مات
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كال
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- 5-يىللىق خەنزۇتىلى 2-ماۋسۇم
- 双语班2年级汉语第七课热爱的传统文化教案
- 双语二年级汉语下册第五课做贴画教案
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- 第一单元百分数
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
kurban تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-09-03 20:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-08 22:09
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىق
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇتىلى دە
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق ماتىماتى
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كالىندار
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- باشلانغۇچ قوشتىل 1-يىللىق ئېلىپبە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى