ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

1. بالا مىھىرى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:11 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
1. بالا مىھىرى
پۇزۇر ــــ  چىرايلىق ، سۆلەتلىك ، مەدەنىي .
سېتو نايكاي ــــ ياپونىيدىكى مەلۇم پورت نامى.
خوككايدۇ ـــ ياپۇنىينىڭ شىمالىدىكى بىر ئارالنىڭ نامى. ياپۇنىيە زىمىنى تەشكىل قىلىدىغان تۆت چوڭ ئارالنىڭ بىرى .
خاكوداتى ـــ ياپونىيىدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى.
ساگامى نادا ــــ ياپونىيدىكى بىر پورت .
پالوبا ــــ پاراخۇت ھويلىسى، سەيناسى.
سولغۇن ــــ چۈشكۈن، سۇلاش.
جۇل-جۇل ــــ كونا، يىرتىلغان، ۋەيرانە.
سوم ـــ پۇل بىرلىكى، 1917- يىلىدىن بۇرۇنقى روسىيدە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلىتىلىگەن يۈز تىينغا تەڭ پۇل بىرلىكى، ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلاردا يۈەننى سوم دەپ ئاتاش ئادىتى بار ئىدى.
ئېسلىزادە ــــ ئېسىل، باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتى، ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ ئەۋلادى.
غۇجىدار ـــ مۇئەييەن مال- مۈلۈك ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى، باي ئائىلىنىڭ كىرىم- چىقىم ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى.
قوشاق ـــ كۆپنچە يەتتە بوغۇملۇق، تۆت مىسرالىق بولىدىغان رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، سۆزلىرى ئاددى ئەمما جانلىق ئوبىرازلىق، ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا ئەپلىك بىر خىل شېئىرىي ئەسەر.
چىنلىق ــــ پارىس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن، ھەقىقى، راسىت، چىن، ئەينەن دېگەن مەنىدە.
توقۇلما ـــ توقۇماق، ياسىماق؛ ئەدەبىياتتىكى ئىستىمال مەنىسى : بەدئىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى قەھرىمانلارنىڭ خاراكتىرىنى ئېچىپ بىرىدىغان ئۆز- ئارا تەبئىي باغلانغان ۋەقە- ھادىسىلەر يېغىندىسىدىكى سىيوژىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
تۈگۈن ــــ بەدىئىي ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجىلىنىپ بېرىشىغا سەۋەبچى بولغان ۋەقە- ھادىسە .
چېچەن  ــــ  تېز پەملىيەلەيدىغان ، زېھنى ئۆتكۈر ؛ ھۇشيار ، زىرەك ، ئەقىللىق .
پىسىخىكا ـــ ئوبىكتىپ ۋەقەلىكنىڭ ئاڭغا تەسىر قىلىش نەتجىسىدە پەيدا بولغان روھى ھالەت .
ئەس- يادى ــــ  ① ئادەمنىڭ بىلىش ، پىكىر قىلىش قابىليتى ؛ ئاڭ ، زېھىن ، ھۇش ، ئەقىل . ② يادىدا ساقلاش يادقا ئېلىش قابىلىيىتى ؛ ياد ، خاتىرە .
2 . يېراققا تارقالغان قوڭغۇراق ئاۋازى
ئەرۋاھى ئۇچۇش ــــ كۆڭلىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىش- ھەرىكەتكە ئۇچىراپ غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش .
مودا ــــ ① مەلۇم بىر دەۋىردە كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ ، دەۋر سۈرگەن، بازار تاپقان ھەم كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئادەت، كىيىم- كىچەك قاتارلىقلار؛② شەكىل، پاسۇن، ياڭزا.
شورلۇق ـــ   Ⅰ ① شۇر قىسمى كۆپ، شۇر قاپلاپ كەتكەن. ② تۇز تەركىبى كۆپىيىپ يەر يۈزى شورلىشىپ كەتكەن جاي.  Ⅱ  ① بەختسىز، بىچارە، پىشانىسى تەتۈر، تەلەيسىز. ② كىلىشمەسلىك، بەختسىزلىك، پالاكەتلىك، بالايئاپەت.  
چوكان ـــ ① ياتلىق قىلىنغان ياش ئايال، جۇۋان. ② تىرەك، سۈگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ باھاردا بىخلىنىپ كۆكەرگەن تېلى.
ماي تارتىش ـــ رەنجىش ، خاپا بولۇش، دومسىيىپ يۈرۈش.
تۆگۈل ــــ تۇرماق، ئەمەس.
قاقاس ــــ گىياھ ئۈنمەيدىغان جاي.
چۈمكىۋېلىش ــــ ئورىۋېلىش، يۆگىۋېلىش.
چاڭگاللاش ــــ چاڭگال بىلەن تۇتۇش، قاماللاش.
جۇدۇنى تۇتۇش ــــ ئاچچىقى كىلىش، تىرىكىش، غەزەپلىنىش.
قۇراق ــــ پارچە- پۇرات لاتىلارنى ئۇلاپ تىكىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىغان رەخت.
ئېلىشىپ قېلىش ــــ ساراڭ بولۇپ قېلىش، نېرۋىسىدىن كېتىش، كاللىسى نۇرمال ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قېلىش.
چوڭۇلداپ ـــ ئاۋازىنى بىر خىل رېتىمدا قۇيىۋېتىپ سۆزلەش ھالىتى .
ئۆكسۈپ ـــ  Ⅰ ① مۆلچەرلەنگەن سانغا يەتمەي قالماق ، كېمىيىپ قالماق . ② تۈگىمەك ، ئۈزۈلمەك ، كەم بولماق . Ⅱ ئۆپكىدىمەك .
رېتىم ـــ  ① بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئارىلىقىدا مەلۇم تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بۇيىچە تەكرارلىنىپ تۇرۇشى . ② ناخشا ياكى مۇزىكا تاۋۇشلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا نۆۋەت بىلەن بىر كۈچىيىپ بىر ئاجىزلاش ياكى بىر ئۇزىراپ بىر قىسقىرىشى . ③ شېئىرىي نۇتۇقتىكى بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرىنىڭ ئىزچىل ۋە بىر ئۆلچەمدە تەكرارلىنىپ كىلىشى .
ئەكىس سادا ـــ ئاۋازنىڭ تارقىلىش جەريانىدا جىسىملارنىڭ تەسىرىدە قايىتش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ .
شوينا ـــ ① يۇڭ ياكى پاختىدىن تۆمۈنە چوڭلۇقىدا ئشلىگەن يىپ . ② شۇنداق يىپتىن قېلىنغان بوغقۇچ . ( ئاياغنىڭ )
قىسمەت ـــ  ① ئالدىن بەلگۈلەپ قويۇلغان، پىشانگە پۈتۈلگەن كۈرگۈلۈك ، تەقدىر . ② كەچۈرمىش ،  سەرگۈزەشىت .
سىنارىيە ـــ كىنوچىلىقتا فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان بەدىئىي ئەسەر. 
3. مېنڭ ئاكام
رېئاللىق ــــ ئەمەلىيەت، كۆز ئالدىدىكى ئوبىيكىتىپ.
سەييارە ــــ ① چوڭ كىچكىلىكى ئوخشاش بولمىغان ئىللىسىپس شەكىلىدىكى ئوربىيتىلاردا قۇياشىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرى، ئۇلار ئۆزلىرى نۇر چىقارماي پەقەت قۇياش نۇرىنى قايتۇرىدۇ. قۇياش سېستمىسدا توققۇز چوڭ سەييارىدىن باشقا نۇرغۇن ئۇششاق سەييارىلەر بار. ② مۇقىم تۇرار جايى يوق ياكى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچۈپ يۈرۈپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان، كىزىپ يۈرىدىغان دېگەن مەنىدە. ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
خادىك ــــ تۆت چاقلىق ئات ھارۋىسى.
جەبىر ــــ جاپا- مۇشاققەت. 
كارامەت ـــ ① بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسىنى ئالدىنئالا بىلىش . ② بىڭسى ، ماھارەت ، گۇمپا ، كۈچ- قۇۋۋەت . ③ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ، ھەيران قالارلىق ئىش ، مەسىلە ؛ مۆجىزە . ④ ئاجايىپ ، قالتىس ، ئالامەت ، ھەيران قالارلىق . 
نالە ـــ ① غەم-  ئەلەم ، دەرت – ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان دەردلىك ئاۋاز ؛ پەرياد ، پىغان . ② يالۋۇرۇش ، ئىلىتىجا ، ئۆتۈنۈش قاتارلىق تەلەپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇڭلۇق ئاۋاز ، يېلىنىپ قىلىنغان ئىلىتىجا ئاۋازى . 
تاي ـــ Ⅰ ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى . Ⅱ چوڭ- چوڭ باغلام قىلىپ چىڭداپ تېڭىلغان مال .
مەمنۇنىيەت ـــ خۇشاللانغان ، خۇرسەن ، مەمنۇن بولغان ھالەت ؛ مەمنۇن بولۇش ، مەمنۇنلۇق ، خۇرسەنلىك .
ئىپتىخارلىنىش ــــ پەخىرلىنىش، مەمنۇن بولۇش، رازىمەنلىك.
ۋەزىن ــــ ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇ، ۋەزىننى خەلقئارادا رېتىم دەپ قارايدۇ، لوغەت مەنىسى ماسلىشىش لايىقلىشىش، تارازا، ئۆلچەم، مىزان، ئېغىرلىق، سالماق، تېكىستتىكى مەنسى چوڭقۇر مەنا، سالماق دېگەن مەنىدە كەلگەن.
ئۇدۇم ــــ ① ئۇمۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەرتىپ، ئادەت، ئەنئەنە. ② ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىتى، ئىرسىيتى، مەشغۇلاتى، كەسپى.
تۇرمۇش داۋانلىرى ــــ تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىينچىلىق ۋە جاپا- مۇشاقەتلەر.
شىجائەتلىك ــــ جەسۇر، جاسارەتلىك، غەيرەتلىك.
تەنبىھ ــــ  ئەيىبلەش، تەنقىدلەش.
ساخاۋەتلىك ــــ سېخي، قۇلى ئۇچۇق، مەرد.
خالىس ــــ ① ھەممىگە بىر خىل نەزەر بىلەن قارايدىغان بىرەر تەرەپكە يان باسمايدىغان، ھەقىقى. ② ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىغان، تەمە قىلمايدىغان، غەرزى يوق، سەمىيمى. ③ ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، ھەق ئالمايدىغان، چىن كۆڭلىدىن.
دانا ــــ ئەقىللىق، بىلىملىك كىشى.
ھالال ئىنسان ـــ ئۆز ئەجىر- مىھنىتى بىلەن ياشايدىغان، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز قىرىنى سالمايدىغان كىشىلەر.
خىتاب ــــ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان بىرەر كۈچلۈك ھىس- تۇيغۇسىنى ، ھاياجىنىنى ئىپادىلەيدىغان چاقىرىق ، مۇراجەت .  
تەشنا  ــــ ①  سۇسىرىغان ، چاڭقىغان . ② كۆچمە . مۇھتاج  ، ئىنتىزار .
ئىلغا قىلىش ــــ ① نىشانلىماق ، كۆزگە چېلىقتۇرماق ، قارىسىنى كۆرمەك . ② كۆزىگە ئىلناشتۇرماق ، پەرق قىلماق ، پەرق ئەتمەك .
ھارارەت ـــ ① كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق ، تەپت؛② بىرەر جىسىمنىڭ، ماددىنىڭ قىززىش ياكى ئىسسىتىلىش دەرىجىسى، تىمپىراتۇرىسى. ③ كۆچمە مەنسىى : ھىسسىي تەپت، لەززەت، ئىللىقلىق.
تەسەۋۋۇر قىلىش ـــ ① كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىڭ كونكىرىتنى ئوبىرازىنى ئويلاپ چىقىش . ② سەزگۈ ماتىرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ، يېڭى ئوبراز يارىتىشنىڭ پىسخولۇگىيلىك جەريانى . ③ ھىسسى بىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىگە تەۋە بىلىش جەريانى . ئىدىراك ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ . ئىدىراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ . بىلىش نەزەريىسىدە بەزىدە « ئوبراز » دەپمۇ ئېيتىلىدۇ .
مۆجىزە ـــ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ، ئادەتتىن تاشقىىرى ئىش ، ھادىسە ، نەرسە .
دارىلفونۇن ــــ ئىنىستىتوت، ئالى مەكتەپ .
سايىۋەن ـــ ① كۈن نۇرى ياكى يامغۇردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈستىگە كۈنلۈكسىمان رەخىت ياكى سۇلياۋ تۇتۇلغان قۇرۇلما. ② كۆچمە مەنىسى : باشپاناھ، ھامىي، خەيرىخاھ.
ئەندۇۋا ـــ سۇۋاغچىلىقتا تامنى سۇۋاش، سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دەستىلىك تىگى سىلىق مىتال ئەسۋاب.
چۆپگەز ــــ تامچىلار سۇۋاقتا تامنى تەكشىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن ھەم قېلىن گەز.
نەسىر ــــ ئەرەب تىلدىن كىرگەن ئاتالغۇ بولۇپ تىلدىكى لوغەت مەنىسى نەزمىنىڭ تەتۈرىسى؛  نەزمىنىڭ ئەكسى؛  ئەدەبىياتتا ۋەزىن،  قاپىيە، رېتىم بولمىغان تۈز شەكىلدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ.
نەسىرىي ــــ نەسىرنىڭ تۈرلىنىشى بولۇپ، نەسىرىي ئەسەرلەر ژانىرىغا مەنسۈپ بولغان بارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ھاياتنىڭ تەقەززاسى ـــ ھاياتنىڭ تەلىپى، ئىھىتىياجى.
4. بۇ بالا ۋەتەننىڭ ئوغلى
ئەخمەتجان قاسىمى ــــ ( 1914 – 1949 ) بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئىنقىلابقا بېغىشلىغان ۋەتەنگە، خەلققە ئىنقىلابقا بولغان چەكسىز سادىقلىقى ۋە يۈكسەك پەزىلىتى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىگە سازاۋەر بولغان. خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەس ئۇرۇن ئالغان ئىسىتداتلىق خەلق رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى 1914 – يىلى غولجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنىقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەم ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، بېتىم ۋەكىللەر ئەزاسى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈچ ۋىلايەت « شىنجاڭ تىنىچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى » مەركىزى كومىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1949 – يىلى ئايرۇپىلان ۋەقەسى بىلەن بەختكە قارىشى قازا قىلغان.
شىڭ شىسەي ــــ ( 1896 – 1970 ) تەخەللۇسى جىڭ يۇڭ، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيسىنىڭ شىجىيا كەنتىدە چوڭ پومىشچىك ئائلىسىدە توغۇلغان. 1933- يىلى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. « 12- ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىشى » دە جىن شۇرىننى تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئالى مەمۇرى ۋە ھەربىي ھوقۇقىنى كونتىرۇل قىلىۋالغان. 1940- يىلى ئۆلكە رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ. 1944- يىلى گۇمىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دىھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مىنسترلىكىنىڭ مىنىسترلىقىغا تەينلىنىدۇ. ئۇ شىنجاڭ خەلقنىڭ قان- تەر بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇنلارنى بۇلاپ تالايدۇ. يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ جېنىغا زامن بولىدۇ. 1949 – يىلى ئائىلىسى بىلەن تەيۋەنگە قېچىپ كېتىدۇ. 1970- يىلى 7- ئايدا 75 يېشىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلىدۇ.
زىيالى ـــ بىر قەدەر يۇقىرى پەن- مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار.
ھەپسىگە ئېلىش ــــ قاماپ قۇيۇش، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش.
قارىمۇتۇق ـــ چىرايى قارا ياكى قارىغا مايىل .
قەتل قىلىش ـــ ئۆلتۈرۈش، تىنىدىن جۇدا قىلىش. ئۆلتۈرۈش ، قىرغىن .
مالاي ـــ ① بايلارنىڭ ياكى باشقا بىراۋنىڭ مەخسۇس خىزمىتىدە بولغۇچى كىشى.  ② باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قارىغۇلارچە خىزمەت قىلغۇچى غالچا.
ۋەيرانە ــــ ① بۇزۇلغان. ② پەرىشان، روھى چۈشكۈن. ③ رەتسىز، چېچىلاڭغۇ، قالايمىقان. ④ ۋەيران بولغان، بۇزۇلغان، خارابىلىككە ئايلانغان جاي.
مۈكچىيىپ ــــ بەدەن ئالدىغا ئىگىلىپ تۈگۈلمەك.
زات ـــ ① بىر ئۇرۇق ئەجداتتىن تارالغان نەسىل، ئەۋلاد. ② كىلىپ چىقىش. ③ بىرەر ئىش- ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىيتى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم ۋە شەخىس. ④ جىنىس.
غىل ـــ ① ئىلاستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە نەرسىلەرنىڭ تىتىرەش ھالىتى. ② كۆڭۈل بۇزۇلغاندا بىردىنلا كۆزىگە ياش كىلىش ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. ③ ئۇدۇر- بۇدۇر يوق، سىلىق.
جازانىخور ــــ يۇقىرى ئۈسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن باشقىلارغا نەرسە كىرەك بىرىدىغان ۋە بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن.
مۇدھىش ـــ كىشىنى دەھشەتكە، قورقۇنۇچقا، ۋەھىمىگە سالىدىغان، قورقۇنۇچلۇق، دەھشەتلىك.
5. ئاخىرقى دەرس
تەنبىھ ــــ ئەيىبلەش، تەنقىدلەش.
پېئىلىنىڭ تۈرلىنىشى ــــ ھەرىكەت ۋە ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرگە ھەر خىل قۇشۇمچىلارنىڭ قوشۇلىشى ۋە جۈملە ئىچىدىكى ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
رىشاتكا ــــ تۈمۈر ياكى ياغاچتىن ئارىلق قالدۈرۇپ ياسالغان جازا تۇساق؛
ھۆكۈمەت ــــ ھۆكۈمران ئۇرۇننىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەشكىل قىلغان مەمۇرىي ئورگىنى.
سابىق ــــ ئەينى ۋاقىتتىكى، ئالدىنقى قېتىمىقى، ئىلگىرىكى.
پىرسۇناژ ـــ بەدىئىي ئەسەرلەردە ( يەنى ھېكايە ، پوۋىست ، رومان ، كىنۇ سىنارىيسى ، دىرامما ، قىسسە قاتارلىقلاردا )  يارىتىلىغان شەخىس .
غۇرۇلاي ـــ  بىر خىل قۇش . ماڭلىيى بىلەن بېشىنىڭ ئىككى يېنى قارا ، بوينى كۈل رەڭ كۆك ، دۈمبىسىدە قارا رەڭدە دولقۇنسىمان توغرا يوللىرى بولىدۇ . ھاشارەت ۋە كىچىك قوشلار بىلەن ئۇزۇقلىندۇ . 
پەن ـــ تاختاي .
ئۇزايىدىن ــــ تۇرقىدىن، سىياقىدىن، ئەپتىدىن.
چىركاۋ ـــ خېرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ دىننى مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان ئورنى.
گىگانىت ـــ غايەت زور، ئۇلۇغ.
پالاق ـــ Ⅰ  ① دىننى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سۇراقخانىلاردا گۇناھكارلارنى ئۇرىدىغان جازا قۇرالى؛ يېسى تاياق .  ② كېمە ، قېيىق قولۋاقلارنى سۇدا  ھەيدەش ئۈچۈن ئشلىتىلىدىغان ، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان ، ئۇچى يېسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ . ③ چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاپ . ④ تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا ماتىرىياللاردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى.  Ⅱ  بىخسىغان ، بۇزۇلغان ، سېسىپ قالغان كۆكىرىپ قالغان . ( تۇخۇم ھەققىدە ) 
مۇپەتتىش ـــ بىرەر ئىش ياكى خىزمەتنىڭ قانداق كىتىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى  خادىم .
تۈرمە ــــ جىنايەتچىلەرنى سۇلاپ قۇيۇپ جازالايدىغان ئۇرۇن.
مايقوڭغۇزى ــــ تىنى قارا يېشىل ياكى باشقا رەڭلەردە پارقىراق كىلىدىغان بىر خىل ھاشارەت.
ئالساس ۋە لورىن ـــ  فىرانسىينىڭ گىرمانىيە بىلەن چىگرىلىنىپ تۇرىدىغان پۇلات- تۈمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان رايۇنى ئىدى . 1871- يىلىدىكى فىرانسىيە-  پىرۇسىيە ئۇرۇشىدا فىرانسىينىڭ مەغلۇبىيتى تۈپەيلىدىن پىرۇسسىيگە بۈلۈپ بىرىلگەن .
بىرلىن ـــ گىرمانىينىڭ پايتەخىتى .
نىمىس ـــ گىرمانىينىڭ ئاساسى ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى مىللەتنىڭ نامى . ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كىشى .
ساريا ـــ  فىرانسىيدىكى بىر دەريانىڭ نامى .
ئىخلاس ـــ  ① چىن يۈرەكتىن قىلىنغان ئىشەنچ ، چىن كۆڭلىدىن بىرىلىش ، ئىشەنچ بىلەن بىرىلىش  ، ئەقىدە  ، ئىتىىقات ، مىھىر . ②  كۆڭۈل قۇيۇش  پۈتۈن دىققىتى ،  زىھنى بىلەن كىرىشىش ، بىرىلىش ، ئەستايىدىللىق . 
6 . سېغىندىم ۋەتەننى ئۇزاق سەپەردە
مۇقەددەس ـــ ئۇلۇغ، ھۆرمەتكە سازاۋەر، قەدىرلەشكە تىگىشلىك.
ھىندى ــــ ھىندىستاننىڭ ئاساسى ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى مىللەتنىڭ نامى . ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كىشى .
كەشمىر ــــ جەنۇبى ئاسىياغا جايلاشقان رايۇن، بۇ رايۇننى ھازىر ھىندىستان ۋە پاكىستان ئىككى دۆلەت بۈلۈپ ئىدارە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ئىلىمىز بىلەن چىگىرىلىنىپ تۇرىدۇ.
بىپايان ـــ چەكسىز، كۆز يەتكۈسىز، كەڭ كەتكەن.
تالان- تاراج ــــ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش؛ نەرسە- كىرەك، زىمنلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋىلىش.
مىسىر ـــ شىمالى ئافرىقىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. پايتەختى قاھىرە.
بىمالال ــــ ئەركىن، ئازادە، تۇسالغۇسىز.
ئىستامبۇل ــــ تۈركىينىڭ  شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە شۇ شەھەرنىڭ نامى.
نىل دەرياسى ـــ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا بولۇپ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ بىر قانچە دۆلەتنى ئېقىپ ئۆتۈپ مىسىر ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا قويىلىدۇ.
تىنىق ـــ Ⅰ  ① تىنىپ ، ئىچىدىن چىقىىرىلغان ھاۋا ، نەپەس . ② ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ، دەم . Ⅱ ①    تەركىبىدىكى قۇم لاتقىلار تىنىپ سۈزۈلگەن ، ساپ ، سۈزۈك ، ② چاڭ- تۇزانىدىن خالىي ، شامالىسز ، سۈزۈك . ③ بىرەر ئالامەت كۈرۈلمەيدىغان . (كۆز ھەققىدە )
جىلغا ـــ تاغلار ، ئېگىزلىكلەر ۋە دۆڭلۈكلەر ئارىلىقىدىكى ساي .
ۋارشاۋا ـــ شەرقى ياۋرۇپاغا جايلاشقان دۆلەت پولشانىڭ پايتەختى .
جامە ـــ جامائەتلەر توپلىشىپ ، جۈمە نامىزى ۋە ھېيىت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان ئەڭ چوڭ مەركىزى مەسچىت .
سولتان ــــ پادىشاھ، شاھ .
قەبرىگاھ ــــ قەبرە قاتتۇرۇلغان، دەپنە قىلىش ئورنى، زاراتگاھ.
ئىنى ــــ ئۇۋىسى ، ماكانى، ئۆيى.
ئەكىسى ـــ ① بىرەر نەرسىنىڭ سىلىق ، يالتىراق يۈزىدە كۈرۈنگەندىن باشقا بىر نەرسىنىڭ تەسۋىرى . ② زىت ، تەتۈر ، قارىمۇ- قارىشى . ③ قايتىلانغان ، قايتا ئايان بولغان .
مەرمەر ـــ بىر خىل ئاينىغان جىنىس ، ھاك تاش ، دولۇمىت ، قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايۇنلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كىرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ . ئاساسى مىنرال تەركىبى كالتسىت . تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ . تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينىغان كىرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ دانچىلىرىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ . ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ . مەرمەرنى سىىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرىنىدۇ . شۇڭا قۇرۇلۇش ، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتىرىيال قىلىنىدۇ .
تېۋىنىش ــــ  ① سېغىنىش، ئىلتىجا قىلىش، ئىلتىماس قىلىش. ئىنتىلىش. ② چوقۇنۇش، سەجىدە قىلش، ئىتىقاد قىلىش، ئىشىنىش.
قىتئە ـــ  ①  يەر شارىنىڭ دېڭىز ۋە ئوكيانلار بىلەن قۇرشالغان ئالاھىدە قىسملىرىنىڭ ھەر بىرى. ② لىرىك شېئىرلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى، ئۇنىڭدا جۈپ مىسرالار قاپىيلىنىپ، تاق مىسرالار ئۇچۇق قالىدۇ. ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
تۇزكور ــــ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان، ئاش بەرگەنگە مۇش بىرىدىغان، يۈزسىز نائەھلى ئادەم .
قىيان ــــ كەلكۈن، سۇ ئاپىتى.
ئىپارــــ①  كىيىكنىڭ كىندىكىدىن ئېلىندىغان قارا رەڭلىك خۇش پۇراق ماددا.  ② شۇ ماددىنىڭ خۇشبۇي ھىدى ۋە پۇرىقى. ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
مۇھاجىر ــــ  چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشى؛ ئۆز يۇرتىدىن، دۆلىتىدىن چەتئەلگە چىقىپ شۇ دۆلەت پۇقراسى بولۇپ تۇرغۇچى.
سەتھى ـــ نەرسىلەرنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى ، يۈزى .
داچا ـــ شەھەر ئەتراپىغا ياكى مەنزىرىلىك جايلارغا دەم ئېلىش ئۈچۈن سېلىنغان باغۋارانلىق تۇرالغۇ . 
باغراش كۈلى ـــ  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ باينىغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ، باغراش ناھىيسى تەۋەسدىكى كۆلنىڭ نامى .
يېزىقچىلىق ۋە ئونېۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيتى
تەپسلي يېزىش ـــ ئەسەر مەركىزى ئىدىيسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتىرىياللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىخچام يېزىش ـــ ئەسەر مەركىزى ئىدىيسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، لېكىن ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان، مەركىزى ئىدىيىنى ئېچىپ بىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ماتىرىياللارنى، تەپسىلاتلارنى قىسقارتىپ ئىخچام يېزىشنى كۆرسىتىدۇ.
مەركىزى ئىدىيە ــــ ئاپتۇر شۇ ئەسەر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسلىق ئىدىيە كۆز قاراش، يەتمەكچى بولغان نىشان.
گۈلخان ــــ ئىسسىنىش ياكى يۇرۇتۇش، بەلگە بىرىش مەقسىتىدە ئوتۇن سېلىپ ئوچۇقچىلىقتا يېقىلىغان ئوت.
سىمفونىيە ـــ گىرىك تىلىدىن رۇس تىلى ئارقىلىق تىلىمىزغا كىرگەن سەنئەت- مۇزىكا ئاتالغۇسى. ئوركېسىتىر ئۈچۈن تەييارلانغان بىر قانچە قىسىملىق ( ئۈچ- تۆت قىسىملىق ) ئۆزگىرىشلىك چوڭ مۇزىكا ئەسىرى. چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي ئەسەرلەر بەزىدە مۇزىكىلاشتۇرۇلۇپ سىمفونىيە قىلىنىدۇ. بۇ ھالدا ئەسەرنىڭ ئاساسى ئىدىيسى ئاشۇ مۇزىكا ئۆزگىرىشى بىلەن مۇزىكىدىكى ئاۋاز، ھېسىيات ئارقىلىق بىرلىشىدۇ. شۇ مەندىن ئۇ ئەدەبى ئاتالغۇدۇر.
بەجاندىل ـــ جان- دىلى بىلەن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن.
بازا ــــ مەخسۇس تەييارلانغان ئۇرۇن ؛
مەخسۇس تىما  ئۇيغۇر يېزىقلىرى
تىلشۇناس ـــ تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
ئىلىمىي نۇجۇم ــــ ئاسمان جىسملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، ئىلىگىرىكىلەر ئاسمان جىسىملىرىغا ئاساسەن كەلگۈسى ئىشلارغا ھۈكۈم قىلىشقا، قىياس قىلىشقا ئىشلەتكەن.
تىپ ـــ ① ئورتاق ئالاھىدىلككە ئىگە بولغان شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈرى، نۇسخىسى. ②  ئىجتىمائى ، كەسىپى ، سىياسى ، ئەخلاقى ۋە باشقا جەھەتلەردە بەلگىلىرى ئوخشىشىپ ياكى يېقىنلىشىپ كېتىدىغان كىشلەر ۋەكىلى . ③ مەلۇم ئىجتىمائى گۇرۇھتىكى كىشىلەرگە خاس خۇسۇسىيەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئىنىدىۋىداللارشتۇرۇلغان بەدىئىي ئوبىراز .  ④ ئاساسلىق، رۇشەن ئالاھىدىلىكلىرى ئورتاق بولغان ئۈسۈملۈك ياكى ھايۋانلارنىڭ، بىرلەشتۈرپ يىغىنچاقلانغان بۆلۈنمىسى .
سېستىما ـــ ① تەركىبىدىكى قىسىملارنىڭ ئۆز- ئارا ئورگانىك باغلىنىپ ، پىلانلىق رەۋىشتە جايلىشىشىغا ئاساسلانغان تەرتىپ . ② ئوخشاش تىپتىكى شەيئىەرنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتتە تەشكىللىنىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن پۈتۈنلۈك. ③ كلاسسىفىكاتسىيە. ④ بىرەر تەلىماتقا ئاساس بولىدىغان قائىدىلەر ، كۆز قاراشلار ۋە پىرىنسىپلارنىڭ يىغىنىدىسى . ⑤ بىرەر ئىشنىڭ مىتودلىرى ۋە تەرتىپ- ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسى . ⑥ ئومۇمىي بەلگىللىرىگە قاراپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئېلېمىنىتلار ، بىرلىكلەر گۇرۇپپسى . ⑦ ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسىملاردىن ، ئېلېمىنىتلاردىن  تەركىب تاپقان پۈتۈنلۈك . ⑧ ۋەزىپىللىرىگە قاراپ ياكى تەشكىلى جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان مۇئەسسەسەلەر يىغىندىسى . ⑨ بىرەر مەقسەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۈسكىنە ، ماشىنا، مىخانىزىمۋە شۇ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان يىرىك تېخنىكىلىق قۇرۇلما .  ⑩ بىرەر ئىشىنى تەشكىل قىلىش ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش فورمىسى . ⑪ ئىجتىمائىي تۈزۈم ، ئىجتىمائى قۇرلۇش فورمىسى .  ⑫يەر قاتلاملىرنىڭ سېرىيىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى، گۇرۇپپىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان ئاساسى دەۋىر قاتلام بىرلىكى . ⑬ بىر قاتار ئېلېمېنتلارنىڭ مۇقىم بىرلەشكەن گەۋدىسى .
ئىجتىمائىي بىرلىك ـــ كشىلىك جەمئىيەت ، كىشلەر پائالىيتى ، كىشىلەر ھاياتىدىكى ئوخشاشلىق ئومۇمىيلىق ئېڭىنى بەرپا قىلغان ،  مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئتتىپاقلىق ، ئىناقلىق ئېڭى مەۋجۇت ئىجتىمائى توپ ، كوللىكتىپ .
ئارقا كۈرۈنىشى ـــ ① ئىش- ھەرىكەت يۈنەلگەن تەرەپنىڭ ئەكىس تەرىپىدە بولۇۋاتقان يۈز بىرىۋاتقان ئىش- ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمى ھالىتى .   ② ئەدەبى ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەپچى بولغان شارائىتلارنىڭ يىغىنىدىسى .
سوغدى ــــ قەدىمقى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان بىر قوۋم. ئۇلار سودىغا ماھىر بولغاچقا يىپەك يولىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
چىڭگىزخان ــــ ( 1162- 1227 ) موڭغۇللارنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى، سىياسىئۇن، ھەربىي ئالىم. بۈيۈك مۇڭغۇل ئىمىپىرىيسىنىڭ ئىمپىراتۇرى. ئەسلى ئىسمى تىمۇچىن بۇلۇپ، پۇلات- تۈمۈر دېگەن مەنىدە. تارقاق موڭغۇل قەبىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپىرىينى قۇرۇپ چىققان.
تىرىتورىيە ــــ بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىكىدىكى رايۇنلار، ئۇ قۇرۇقلۇق، سۇ ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
تۈرك ـــ مۇشۇ تام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى . تۇركلەر ئاساسەن تۈركىيگە جايلاشقان . تۈركىينىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ .
مانى  ـــ  ① ( 215 – 246 )  مانى دىننىڭ ياراتقۇچىسى ، بابىلوندا توغۇلغان ، دەسلەپتە يەھيا پەيغەمبەر خىرىستئانلىرى مەزھىپىگە كىرگەن ، كىيىن بۇددىزىمنى تەتقىق قىلىغان ، كېيىن ئۆزىنى بۇددا ، زەردوشىت ۋە ئەيسا بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ يېڭى ئىتقاد سېستىمىسىنى تارقىتشقا كىرىشكەن 246 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن .   ② مانى دىنى . ③ مانى دىنگە مەنسۈپ كىشى . 
بىراھمىي يېزىقى ـــ قەدىمقى ھىندىستاندا ئشلىتىلگەن بىر خىل يېزىق. بىراھما دىنغا ئىتىقاد قىلىغۇچىلار قوللانغان.
قوۋم ــــ قان سېستىمى ئوخشاش، ياكى بىر ئېرىقتىكى كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. 
قارۇشتى ـــ ئۇيغۇرلار قەدىمدە ئشلەتكەن بىر خىل يېزىق .
خۇنۈك ــــ تۇتۇق، غۇۋا، چۈشكۈن، رەزىل.
سىلاۋىيان ـــ رۇس ۋە شەرقى ياۋرۇپادىكى پولەك ، ئوكرائنىلارنى كۆرسىتىدۇ . يەنى خىرستىئان دىننىڭ پىروۋىستلاۋىيە مەزھىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ .
چاغاتاي خانلىقى ــــ مىلادىيە 13- ئەسىردە چىڭگىزخان ناھايىتى كەڭ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغان، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆز تەۋەلىكىدىكى زىمىنلارنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن، ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ ماۋارائۇننەھىر  ۋە پۈتۈن شىنجاڭنى بۆلۈپ بەرگەن. چاغاتاي خانلىقى چاغاتاي بەرپا قىلىغان ھاكىميەتنى كۆرسىتىدۇ. چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن تەخىت تالىشىش ماجىراسىغا پېتىپ قالغان شۇ سەۋەبتىن چاغاتاي خانلىقى بىر نەچچە ھاكىميەتكە پارچىنلىنپ كەتكەن.
سەككاكى ــــ 14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى.
لوتفىي ــــ 15 – ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى. ئۇنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز » ناملىق مەشھۇر لىرىك داستانى بار .
زەلىلى ـــ 17- 18- ئەسىرلەردە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر، ئۇ جەنۇبى شىنجاڭدا تەسەۋۋۇپ  ئەۋج ئېلىۋاتقان زاماندا ياشىدى. شائىر بەزى شېئىرلىرىدا ئۆز يۇرتى يەركەننى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ.
خاراباتى ـــ ( 1638 – 1730 ) مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ، داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپەككۇر، شائىر. ئۇ ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق چاغتال كەنتىدە توغۇلغان. ئەسىرى «  كوللىيات مەسنىۋى خاراباتى »  بولۇپ 13 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق پەندى نەسىھەت . چوڭ- كىچىك 112 پارچە شېئىرى مۇجەسسەملەنگەن.
گومىنام ــــ ئۇيغۇر كىلاسسك شېئىرىيتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ « كاشىغەر»  ناملىق غەزىلىدىن ئۇنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئابدۇرېھىم نىزارى ـــ  1770- يىلى قەشقەر كونشەھەر ناھىيسىدە توغۇلغان. ئۇنىڭ 48 مىڭ مىسرالىق « مۇھەببەت داستانلىرى » ناملىق ئەسىرى مەشھۇر. ئۇ 1840- يىللىرى ۋاپات بولغان.
ئابدۇقادىر دامۇللام ـــ  1862 - يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەر يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز يۇرتىدا مەكتەپ ئاچقان، 1924- يىلى باشقىلار تەرىپدىن قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ « مىفتائۇل ئەدىپ » ناملىق كىتابى ۋە نۇرغۇن شېئىرلىرى بار.
ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى ــــ 1930- يىللاردىن كېيىن مەمتېلى ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئىلىم- مەرىپەت تارقىتىش ، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇيۇشما.
ئەتەبەتۇل ھەقايىق ــــ ئەھمەد يۈكنەكى يازغان دىداكتىك داستان . جەمئىي 14 باب 448 مىسرادىن تەشكىل تاپقان.
قىيپاش ـــ تۈز ئەمەس ، قىڭغىر ، يانتۇ .
سىياسىئون ـــ سىياسىي مەسىللەر ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، سىياسىي بىلىمى يۇقىرى كىشى. سىياسى ئەرباب،
ئۇرخۇن ، يىنسەي دەريالىرى ـــ  ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە تەۋەسىدىكى دەريالارنىڭ نامى ، بۇ دەريالار بايقال كۆلىگە قويىلىدۇ.  
تەزكىرە ـــ مەلۇم تارىخى شارائىتتىكى مۇھىم شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە مەلۇم جايدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە ، ھادىسىلەر خاتىرىلەنگەن ئەسەر ؛ يازما خاتىرە .
ئابىدە ـــ مەڭگۈ تاش ، تۈرلۈك يېزىقلار ئويۇلغان تاش ، بال- بال .
مەڭگۈ تاش ـــ قەدىمىقى شەھەر، مەھەللە ، مۇنارلار ۋە قەبرە، قەبىرىگاھلارنىڭ يۇلىغا ياكى ئالدىغا تىكلەپ قويۇلغان ئۈستىگە ئەستلىك سۆز- ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چىكىلگەن چوڭ خاتىرە تاشلار.
كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى ـــ  كۆك تۈرك خانلىرىدىن بىرى بولغان كۆلتىگىن ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇيولغان ، ئۇنىڭغا بىلگە كۆلتىگىنىنىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن .
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ـــ كۆك تۈرك خانلىقنىڭ باش ھەربى مەسلەھەتچىسى ، سىياسىئون  بىلگە تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۈزى ئۇيۇپ تەييارلىغان ، قاپاغان خاقان، تۈرك بىلگە قاغان قاتارلىق خانلارنىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن ئابىدە .
بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى ـــ  كۆكتۈرك خاقانى تۈرك بىلگە خاقاننىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن ئابىدە . بىلگە خاقان ھايات چېغىدا ئاغىزاكى قالدۇرغان ئۆمۈر بايانى خاتىرىسىگە ئۇيۇلۇپ، ئۇرنىتىلغان.
توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى ـــ  ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن ئابىدە .
مۇيۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى ـــ  ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى كۆل بىلگە قاغان ۋاپاتىغا بېغىشلاپ ئۇيۇلغان تەزكىرە . 
ئۈتۈكەن تېغى ـــ تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىگە جايلاشقان تاغنىڭ نامى .
يۇقىرىقى چىن ـــ ئىلىمىزنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى كۆرسىتدۇ .
ئالتۇن يارۇق ـــ  ئەسەر نامى.  ئالتۇن يارۇق قىسقارتىلغان ئىسم بولۇپ ، ئۇنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتىلىشى « ئالتۇن ئۆڭلۈك يالتىرىقلىغ قوپتا كۆترۈلمىش نوم ئىلىگى ئاتلىغ بوم بىتىگ ( ئالتۇن رەڭلىك نۇرلۇق- يالتىراقلىق، ھەممدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نۇم پادىشاھى ئاتلىق نوم پۈتۈك ) » . بۇ ئەسەر خەنزۇتىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇددا دىنى ئەقدىسى تەشۋىق قىلىنىدىغان ھېكايىلەر، قىسسەلەر سۆزلەنگەن.  بۇددىزىم مەدەنىيتىگە ئائىت بولغان مەشھۇر ئەسەر .
قۇتادغۇبىلىك ـــ ئەسەر نامى.  بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىدە، مەزكۇر ئەسەرنى Ⅹ ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان .
ئوغۇزنامە ـــ  ئەسەر نامى.  ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىپوسى بولۇپ ئوغۇزخاننىڭ توغۇلىشى ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشى، ياۋۇزلارغا قارىتا جەڭ ئىلان قىلىشى، ئەتراپىغا خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئەلىنى گۈللەندۈرۈشىگە ئائىت ۋەقەلەر ھەم رىئالنى ھەم فانتازىيىلىك ئۇسلۇبنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن.
قىسسەسۇل ئەنبىيا ـــ ئەسەر نامى.  ئەۋلىيالار قىسسسى دېگەن مەنىدە ، بۇ ئەسەر رابغۇزى تەرىپىدىن يېزىلىغان . ئەسەردە ئاساسەن پەيغەمبەرلەر تارىخىنى تەسۋىرلەش ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن ، ئەسەر كېينچە باشقىلار تەرىپىدىن « قىسسەسۇل ئەنبىيا » دەپ ئاتىلىپ قالغان دېگەن كۆز قاراش بار. ئەسەر مىلادىيە 1311- يىلى 2- ئايدا يېزىلغان.  ئۇيغۇرتىلى ۋە ئەدەبىياتى تارىخىدا ھەجىمى ئەڭ چوڭ ئەسەردۇر. مۇتلەق كۆپ ساندىكى قوليازما نۇسخىلىرى 250 ۋاراق 500 بەت ئەتراپىدا بۇلۇپ، ھەر بىر بەتكە 21 قۇر خەت يېزىلغان. چىن ئىنسانىي مۇھەببەت، ئادىمىگەرچىلىك، ئادالەت، توغرا ياشاش ئىستىكىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت مەركىزى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سامىتسۇ ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى ـــ  ئەسەر نامى . بۇددىزىم مەدەنىيتگە ئائىت بولغان ئەسەر .  ئەسەردە  سامىتسۇ ئاچارىنىڭ تەرجىمھالىنى بەدئىي يول بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگەن.
مايتىرى سىمىت ـــ ئەسەر نامى.  قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان 27 پەردىدىن تەشكىل تاپقان چوڭ ھەجىملىك سەھنە ئەسىرى. ئۇ ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قول يازمىلار ئىچىدە دەۋرى ئەڭ بۇرۇن بولغان بۇددىزىم مەدەنىيتىگە ئائىت بولغان ئەسەر. ئەسەردە بۇددا دىنى نەزىرىدىكى قۇتقازغۇچى تەڭرى --- كەلگۈسى بۇرقان مايتىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش- پائالىيەتلىرى بايان  قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر قانچە نۇسخىسى ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1959- يىلى قومۇلدىن تېپىلغان نۇسخسى بىر قەدەر تۇلۇق.
سۇتۇق بۇغراخان ـــ قارا خانىيلار خانلىقنىڭ خانلىرىدىن بىرى . ئىسلام دىننى تۇنجى بولۇپ خانلىق تەۋەسىدە قوبۇل قىلغان .
خاقانىيە تىلى ـــ قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى سەۋەپلىك ئەرەپ تىلى ۋە يېزىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ مەيدانغا كەلگەن تىل ۋە يېزىق . 
پارىس ـــ شۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۈپ كىشى. ئۇلار ئىراننىڭ ئاساسى ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ . 
« تۈركىي تىللار دىۋانى »  ــــ 11- ئەسەردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس ۋە ئەدىب مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئەسىرى. ئەسەر 1072- 1074 – يىللىرى ئەرەپ ئىلپبە تەرتىپى بۇيىچە تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئىزاھلىق سېلىشتۇرمىسى ئۇسۇلىدا يارىتىلغان. 1075- يىلى باغدات خەلىپىسىگە تەقدىم قىلىنغان. ئەسەردە تۈركىي تىلىنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرى ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىغان. 11- ئەسىردىكى تۈركىي تىلىنى ئوغۇز، قىپچاق شىۋىسى ۋە ئۇيغۇر- قارلۇق شىۋىسىگە ئايرىپ سېلىشتۇرما تىلىشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن.
« چاشتانى ئىلىك بەگ » ــــ ئەسەر نامى . 1914 - يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان. ئەسەر مەزمۇنى بۇددا رىۋايىتىگە ئائىت بولۇپ ئەسەردىكى چاشتانى ئىلىك بەگ چايانبالىغ شەھىرىدىكى خەلقلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەرنى يوقىتىپ ، خەلقنى تىنچ، خاتىرجەملىككە ئىرىشتۈرگەنلكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
دىھلى ـــ ھىندىستاننىڭ تارىختىكى قەدىمقى شەھەرلىرىنىڭ بىرى . بۇ شەھەر ئاساسىدا ھازىرقى پايتەخت يېڭى دىھلى بەرپا قىلىنغان .
مىلتارىست  ـــ مىلتارىزىم تەرەپدارى، مىلىتارىزىم سىياسىتىنى يۈرگۈزگۈچى .
دىۋان ــــ ئەرەبچە سۆز بولۇپ توپلام دېگەن مەنىدە. ئەدەبىياتتا شائىر شېئىرلىرىنى قاپىيە ياكى رادىفلىرىغا مۇۋاپىق ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە تۈزۈلگەن توپلام ، بۇ شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بىر خىل توپلام تۈزۈش شەكلى.
لىكتور ـــ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئونۋان نامى ، دەرىجىسى دوتسىنىتىن تۈۋەن ئاتسىنىتىن يۇقىرى ئۇرۇندا  تۇرىدۇ .
قىتان ـــ مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى قەبىلىلەردىن بىرى. كېيىن ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكى ئۇيغۇرلارغا قېتىلىپ كەتكەن .
تاتاتۇڭا ـــ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىن بولغان زىرەك، سۆزمەن، تىل- يېزىققا پىشقان كىشى. ئۇ نايمان خانى تاياڭخانغا ئوردىدا ئۇستاز ۋە ئالتۇن تامغىنى ئىشلەتكۈچى بولغان. مىلادىيە 1204 –يىلى چىڭگىزخان نايمانلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن تاتاتۇڭانى ئۆز ئوردىسىدا ئېلىپ قالغان. شاھزادە، ۋاڭلارغا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن مۇڭغۇل تىلىنى يېزىشقا بۇيرىغان.
چۈكىنەم ــــ تايىنى يوق، چاكىنا .
    WTO  ــــ دۇنيا ئىقتىساد- سودا تەشكىلاتى.  
سەلتەنەت ـــ شۆھرەت، شانۇ- شاۋكەت.
دوتسىنىت ـــ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئونۋان نامى ، دەرىجىسى پىروفىسسۇردىن  تۈۋەن لىكتوردىن يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدۇ . 
لاتىن ـــ ① مىلاددىن ئىلىگىرىكى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىبېىرىس دەرياسىنىڭ تۈۋەنكى ئېقىنغا جايلاشقان لاتىئوم تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان قەبىلىلەر ئىتتپاقى . ئۇلار قوللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قوللۇق تۈزۈمدىكى بەزى شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان . رىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى . ② لاتىن تىلى ۋە رىم مەەدنىيتىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان . ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىېسىنىڭ رىم تىل تارمىقىدىكى تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى ئاھالىلەر يەنى ئىتالىيە ، فىرانسىيە ئىسپانىيە ، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۈگدەپ  ـــ مۈگدەپ ، ئۇخلاپ قالاي دېگەن مەنىدە.
ئاقچا ـــ پۇل، تەڭگە.
فورمۇلا ـــ   ① بىر قانچە مىقدارلار ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادە . ② ماددىلار سوستاۋىنىڭ خېمىيۋى بەلگە ياكى كوئېفىتسېنىتلار ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادىسى .
7. داددمنىڭ ئاخىرقى خېتى
موسكۋا ـــ ھازىرقى رۇسىيە فىدىراتسيىسىنىڭ پايتەختى.
فرونت ـــ①  ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەن قۇشۇنى بىلەن ئۇچىرىشىدىغان جاي، جەڭ مەيدانى، ئالدىنقى سەپ.  ② ئاتمۇسفىرادىكى سۇغۇق ھاۋا ماسسى بىلەن ئىللىق ھاۋا ماسسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تار ئۆتكۈنچى بەلۋاغ.
قەلەي ـــ① مېتال ئېلېمېنت ، ساپلىرى كۈمۈشتەك ئاق، سۇزۇلۇشچانلىقى ياخشى بولىدۇ. ② مىستىن ياسالغان قاچىلارنىڭ ئىچكى يۈزىگە قاپلانغان شۇ خىل مىتال قاتىلىمى. ③ ئاق تۈنىكە، قاڭالتىر.
ۋاگون ـــ ① پويىزنىڭ ئادەم ۋە يۈك تۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھەر بىر بۆلكى . ② ئىش ئورنى ، كان رايۇنى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تۇشۇش ئۈسكىنىسى ، شەكىلى ۋارونكىغا ئوخشايدۇ ، ئاستىدا چاقلىرى بولىدۇ . رىلىس ئۈستىدە ماڭىدۇ .  
ۋوگزال ـــ پويىز ئىستانسىلىرىدىكى چوڭ بىنا .
ھەربىي كومىسسارىيات ـــ دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورگىنى، ھەربىي كومىتىت.
شىرە ـــ ياغاچتىن تۆت پۇتلۇق تۆت چاسا ياكى يومىلاق قىلىپ ياسالغان تاماق يىيىش، خەت يېزىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئائىلە جابدۇقى. جوزا، ئۈستەل.
ماشىنىست ــــ ① پويىز ھەيدىگۈچى ياكى كران قاتارلىق ماشىنىنى باشقۇرغۇچى كىشى؛② ماشىنكىدا خەت باسقۇچى.
قەسەمياد قىلىش ــــ ئۆز دېگەنلىرىگە قەتئىي سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرىلگەن ۋەدە؛ قەسەم.
نمىس ــــ  گىرمانىينىڭ ئاساسى ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى مىللەتنىڭ نامى . ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كىشى .
ۋايىم قىلىش ــــ  ئەنسىرەش، خاتىرجەمسىزلىنىش، بىئارام بولۇش.
جۆندەش ــــ  ①  ئوڭشىماق، تۈزىمەك، بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلماق؛  ② كۆچمە مەنىسى : ئەدىبىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ جايلىماق، بابلىماق؛③كۆچمە مەنىسى : باشقىلارنى ئالدىماق، گوللىماق، بابلىماق.
مىقتا بولۇش ــــ پۇختا بولۇش، چىڭ بولۇش.
پاراۋۇز ــــ پويىزنىڭ ۋاگۇنلارنى سۆرەپ ماڭىدىغان قىسمى، بۇقىسى، ئۇنىڭ پار، ئېلىكتىر كۈچى، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل قاتارلىقلار ئارقىلىق ماڭىدىغان بىر قانچە خىللىرى بار.
ئىستانسا ــــ ①  پويىز ياكى باشقا ترانسپورت ۋاسىتللىرى توختايدىغان جاي ؛ بىكەت. ② ئالاقە، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇرۇن؛
گۈدۈك ــــ ①  سىگىنال بىرىدىغان تۈرلۈك مىخانىكىلىق قۇرۇلمىلاردىن بىرىلگەن ئاۋاز؛② پويىز ياكى پاراخۇتقا ئوخشاش نەرسىلەر بىرىدىغان ئاۋاز، سىگىنال.
رېلىس ـــ پويىز، ترامۋاي، كران قاتارلىقلارنىڭ مېڭىشى ئۈچۈن يولغا ياتقۇزۇلغان پولات ماتىرىيال.  
جىلتا ـــ ① ئىچىگە دەپتەر، قەلەم سالىدىغان بالىلار سومكىسى، بوخچا. ② مانتا، سامسا، پەرمۇدە قاتارلىقلارنى تەييارلاشتا، ئىچىگە قىيما ئېلىنىدىغان نېپىز ئېچىلغان خېمىر.
جىكلەش ـــ تاپىلاش، قايتا- قايتا ئەسكەرتىش؛
شىپال ـــ رېلىسنىڭ ئاستىغا توغىرىسىغا ياتقۇزىلىدىغان ياغاچ.
ئېرەن قىلماسلىق ـــ پىسەنت قىلماسلىق، نەزەرگە ئالماسلىق، ئىتىبارغا ئالماسلىق.
ئەيمىنىش ـــ ① ھايا قىلىش، تارتىنىش، خىجىل بولۇش، قورۇنۇش . ② ھېيىقماق، تەپ تارتىماق، قۇرۇقماق، سۈر باسماق.
قىزىل مەرمەر تاش ـــ رەڭگى قىزىل بولغان بىر خىل مەرمەر تاش بولۇپ، ئاينىغان جىنىس ، ھاك تاش ، دولۇمىت ، قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايۇنلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كىرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ . ئاساسى مىنرال تەركىبى كالتسىت ، تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ . تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينىغان كىرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ دانچىلىرىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ . ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ . مەرمەرنى سىىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرىنىدۇ . شۇڭا قۇرۇلۇش، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتىرىيال قىلىنىدۇ .
8 . مۆمىننىڭ مۇمىغا چىقىشى
بەقەسەم تون ــــ ئېسىل رەختلەردىن تىكىلىگەن كۆركەم ھەيۋەت كۆرسىتىدىغان تون. زىياپەت ۋە مۇراسىملاردا كىيىلىدۇ.
ئاقپىشماق ـــ يۈزلىرى ئاق كەلگەن، ئاق يۈزلۈك.
يورغىلاش ـــ ئاتنىڭ سوكۇلدىماي، تىز تەكشى چېپىشى.
تىزگىن ـــ ئاتنى ئوڭ سولغا ماڭدۇرۇش ۋە چاپتۇرۇش، توختىتىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئاتنىڭ تۇمشۇق قىسمىغا بىكىتىلگەن ئارغامچا.
سەينا ـــ ھويلا ، قورۇ.
چاپچىش ـــ ئاتنىڭ مېڭىشقا ئالدىراپ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تىپىپ قىلىغان ھەرىكىتى، چېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئالدىغا ئېتىپ يۇلقۇنۇپ تۇرىشى.
شاپ بۇرۇت ـــ توم، قارا، كەڭ، ئۇزۇنراق قۇيۇلغان بۇرۇت.
چىلىم ـــ تاماكا، نەشە قاتارلىقلارنى چىكىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.
سەيخانىسى ـــ چىلىمنىڭ تاماكىنى سېلىپ ئوت ياقىدىغان قىسمى.
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ــــ تىزىنى ئىگىپ، كاسىسىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئولتۇرۇش.
ئالىپاساق ئۈتلىنىپ ـــ چالا ئۈتلىنىپ، چالا كۆيگەن قوي-كالا باش- پاقالچاق تىرىسى.
پوكان ــــ قۇشلارنىڭ دانلىقى، ئاشقازىنى، يىگەن يىمەكلىكى شۇ يەرگە يىغىلىپ ئاندىن ھەزىم بولىدۇ.
پۇكاندەك ئېسىلىپ ــــ خۇرازنىڭ پوكىندەك كۆپۈشۈپ، قىزىرىپ كەتكەن.
چۆلدەرەش ــــ ① دەل- دەرەخ ئۈنمەيدىغان ، ئۈسۈملۈك ئۆسمەيدىغان بولۇپ قېلىش . ② كۆچمە . چۆلگە ئوخشاپ قالماق ، قايناق ھايات تۈسىنى ، ئاۋاتلىقىنى يۇقاتماق .
ھۆپۈپ ـــ بىر خىل قوش . پەيلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر ، تاجىسى بار . تومشۇقى ئىنچىكە ۋە سەل ئەگمەچ كىلىدۇ . ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ . دىھقانچىلىققا پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ .
غەرەز ـــ ① بىر كىمگە قارىشى يامان نىيەت ، مەقسەت . ( سۆز- ھەرىكەت ھەققىدە) ② داۋلى ، مەقسەت ، گەپ .
قاڭشارلىق ــــ بۇرنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى ئېگىز، قاڭشىرى ئېگىز دېگەن مەنىدە.
قول باغلاپ تۇرۇش ــــ خىزمىتىگە تەييار تۇرۇش، ھۆرمەت بىلىدۈرپ بۇيرۇق كۈتۈپ  تۇرۇش دېگەن مەنىدە.
ئانكىت ــــ تىگىشلىك مەلۇمات ئېلىش ۋە توپلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سۇراق خاراكتىرلىك جەدۋەل، ۋاراق؛
پىرقە ـــ ① كىشىلەر توپى، گۇرۇھ، گۇرۇپپا؛ ② پارتىيە؛
داڭبۇ ـــ  گومىنداڭ پارتىيسىنىڭ ناھىيلىك كومىتىتى.
موما ــــ ئۇزۇن ياغاچ، خادا.
خۇن ــــ قان، جان ؛
ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك ـــ بىر پالاكەتچىلىكنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئوڭۇشسىزلىق كەلگەننى بىلدۈرىدۇ.
قاماق ـــ گۇناھكارلارنى قامايدىغان جاي ؛ سۇلاقخانا ، تۈرمە .
نىمكار ـــ ① شاگىرىت ، بالا ئىشچى . ② ئىشلەمچى ، مەدىكار .
ھارامزادە ـــ ① نىكاھ قىلىنمىغان ئەر- ئايالدىن توغۇلغان بالا؛ ② كۆچمە مەنىسى : قۇۋ، ھېيلىگەر، مەككار، ئالدامچى.
چۈيگۇڭسۇ ـــ خەنزۇچە سۆز بولۇپ، رايۇنلۇق مەھكىمە دېگەن مەنىدە.
شاڭجاڭ ــــ خەنزۇچە سۆز بولۇپ يېزا باشلىقى دېگەن مەنىدە.
بېتىم ـــ 1946- يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسدا ئۈرۈمچىدە ئىمزالانغان 11 ماددىلىق تىنىچلىق بېتىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېتىمگە ئاساسەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيسى شىمالي يۆنىلىشتە ماناس دەرياسىدا توختايدىغان، جەنۇبىي يۈنىلىش ئارمىيسى ئاقسۇدىن چىكىنىپ چىقىدىغان بولغان.
كۆنچى ـــ ① كۆن ئشلەپچىقىرىدىغان ئۇستا . ② باينىغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدىكى بىر دەريانىڭ نامى .
يامۇل ـــ خانلىق دەۋىردىكى ناھىيە ، ۋىلايەت ئۆلكە دەرىجىلىك دەرىجىلىك ھاكىميەت ئورگىنى .
ماتا ـــ قۇپال توقۇلغان پاختا رەخت، بۆز؛
ئىمىلاپ ـــ ئىما قىلىپ، ئىشارەت قىلىپ، كۆرسىتىپ.
ئاقبالداق ـــ گۈرۈچ ياكى قۇناقنى ئېتىلدۈرغان ھالىتى، ئېتلىغان قۇناق.
شۇخا ــ تىكەن.
تۈكچە ـــ نان ياققاندا نان يۈزىگە گۈل چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم، چەككۈچ.
تارشا ـــ ياغاچنى  تىلىپ، قىيىپ چىقارغان پارچىسى.
نىمكەش ـــ كونا، كونىرىغان، ئىشلىتىلىگەن، ئۇپرىغان.
پىدا قىلىش ـــ تەقدىم قىلىش، تەسەددۇق ئەيلەش.
شېھىت بولۇش ـــ ۋەتەن، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ قۇربان بولۇش، ھەققانىيەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش.
شاھىت ـــ مەلۇم بىر ئىش ۋەقەنىڭ پاكىتى، ئادەم ياكى ماددى بۇيۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
تىلخەت ـــ ھۆججەت، ئىسپات بىرىش، مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن يېزىپ بىرىلگەن ياكى پۈتۈشكەن يازما ئىسپات.
سۇرۇخ ـــ تامغا باسقاندا ياكى قول بارمىقىنى باسقاندا ئىشلىتىلىدىغان قىزىل سىياھ.
تۇجاڭزا ـــ تامغا، ياكى شەخىسنىڭ ياكى ھۆكۈمەت تامغىسى.
يالمانتاقتاق ـــ چوڭ- كىچىكلىكى، كۈرۈنىشى چاشقانغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئۆمىلەشكە، دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر ھايۋان.
كۆكىنەك ـــ بىر خىل گۆشخۇر قۇش، پاختەكچىلىك كىلىدۇ، رەڭگى كۈلرەڭ ئاق.
قارا بۇران ـــ ۋەيران قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە كۈچلۈك بۇران .
تاۋلىنىش ـــ جۇلالىنىش، چېنىقىش، پىشىش.
زاراتگاھ ـــ ۋاپات بولغانلارنى دەپنە قىلىدىغان جاي، تۇپراق بېشى.
لاچىن ـــ ئۇچۇشى تىز، يىرىتقۇچ كېلىدۇ. چوڭ قۇشلارنىمۇ ئوۋلىيالايدۇ. شىمالدا كۆپىيىپ جەنۇپتا قىش ئۆتكۈزىدۇ. شىنجاڭدىمۇ بار.
جەھەننەم ـــ  ① دوزاخ؛ ② كۆچمە مەنسى : ئىنتايىن چوڭقۇر، تېگى يۇق يەر.
مەككار ـــ ھىيلە- مىكىر بىلەن ئىش قىلىدىغان ، ھىيلە – نەيرەڭ ئشلىتىشكە ئۇستا ؛  قوۋ ، ھەييار ، ھىيلىگەر . 
ساددا ـــ ① مۇرەككەپ ئەمەس ، ئاددى . ② ئانچە پۇزۇر، ئالاھىدە ئەمەس ، ئادەتتىكىدەك . ③ ئارتۇقچە تەكەللۇپ ياكى قۇۋلۇقنى بىلمەيدىغان ، ئاددى ، تۈز ، كەمتەر .
مەسۇم ـــ ① بىگۇناھ، ، گۇناھسىز ، پاك، تازا ، سەمىمىي . ② نۇمۇسچان ، نۇمۇسلۇق ؛ ئىپپەتلىك .  
زىلۋا ـــ ① نازۇك ، ئىنچىكە ، ئەۋرىشىم ، ② كۆچمە . گۈزەل ، چىرايىلىق .
كىشەن ـــ ① ئاياغقا سېلىپ قولۇپلاپ قويىلىدىغان ئىشكەل . ② كۆچمە . ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان چەكلىمە ، ئاسارەت .
ئاختاما ـــ ① ئاغدۇرۇلغان ، ئاغدۇرۇپ قويۇپ ، تېرىلمىغان . ② ئاغدۇرۇلغان ، ئاغدۇرۇلۇپ تېرىلمىغان يەر .
خاتىپ ـــ مەسچىتتە خۇتبە ئوقۇيدىغان ، ۋەز ئېيتىدىغان داموللا ؛ جامائەت ئالدىدا شەرىئەتتىن تەپسىر قىلىغۇچى كىشى .
پەيغەمبەر ـــ دىننى ئتىقاد بۇيىچە ئاللانىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمىر – پەرمانلىرىنى بەندىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئىلاھى ۋەكىل .
دۇئا- تەگبىر  ـــ  دۇئا ۋە تەكبىر .
مەردانە ـــ تەمكىن، مەغرۇر، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا .
سىماب ـــ مىتال ئېلىېمىېنىت بولۇپ ، كۈمۈش رەڭلىك سۇيۇقلۇق ھالەتتە ، زەھەرلىك ئىچكى يىغىلىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ، خېمىيۋى خۇسۇسىيتى پاسسىپ ، كۆپ خىل مىتاللارنى ئىرىتىپ ، سۇيۇق ياكى قاتتىق ھالەتتىكى قېتىشمىلارنى ھاسىل قىلالايدۇ . ئادەتتە دۇرا ، تىرمومىتىر ۋە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قاتارلىقلارنى ياساش ئۈچۈن ئشلىتىلىدۇ .
گۆلدۈرماما ـــ يامغۇرلۇق توپ بولۇتتىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى. يەنى بولۇت قاتلاملىرى ئارىسىدا، بولۇت بىلەن يەر ئارىسىدا ياكى بولۇت بىلەن ھاۋا ئارىسىدا ئېلېكتىر پوتېنسىئال پەرقى ئېشىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە كۈچلۈك زەرەت ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ. زەرەت قۇيۇپ بىرىلگەن مۇساپىدە ھاۋا كۈچلۈك قىززىپ شۇ تامچىللىرى چاپسان پارلىنىدۇ، ھەجىمى جىددى كېڭىيىپ، پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياكى مۆلدۈر ئارىلىشىپ كېلىدۇ.
ئەزىمەت ـــ ① كاتتا، بۈيۈك، زور؛ ② ھەر قانداق ئىشىنى قىلىشقا جۈرئەتلىك، قۇدرەتلىك، مەرد؛ ③ مەرد، باتۇر، پالۋان، قەيسەر؛ ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئەرك ـــ كىشلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئىش- ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى ، ئىختىيارىيلىق ، ئەركىنلىك .
« ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى » ــــ 1944- يىلى 9 – ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھوكۈمىرانلىقىغا قارىشى قوزغالغان، ئۈچ ۋىلايەت ( ئىلى، ئالتاي، چۆچەك ) خەلق قۇراللىق كۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
پىرسۇناژ ـــ بەدىئىي ئەسەرلەردە ( يەنى ھېكايە ، پوۋىست ، رومان ، كىنۇ سىنارىيسى ، دىرامما ، قىسسە قاتارلىقلاردا )  يارىتىلىغان شەخىس .
9. مۇھەببەت ۋە نەپرەت
غالجىرلاپ ـــ  ۋەھشىيلىشىپ ، ئەسەبيىلىشىپ ، ياۋۇزلىشىش ، قەبىھلىشىش . 
خاراب ــــ  ① بۇزۇلغان؛ چېقىلغان؛ بۇزۇلۇپ تاشلانغان ؛ ۋەيران ، نابۇت. ② مەدەنىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە ئۇچىرىغان، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان؛ تۇرمۇشى، كۈنى،  ھال- ئەھۋالى قىيىن .
ئاينىچ ـــ كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان.
ئۆمسە ـــ غەلىتە، ئاجايىپ، بىر قىسمىلا، بۆلەكچىلا.
تۇغ ـــ بايراق .
كەكە ساقال ـــ قىسقا، قۇيۇق كەلگەن ساقال.
پارتىزان ـــ ئۆز ئالدىغا تەشكىللىنىپ دۈشمەنگە قارىشى ياكى ھاكىميەتكە قارىشى كۆرەش ئېلىپ بارغۇچى.
لوغۇلداپ ــــ لاۋۇلداپ، يېلىنجاپ .
يولدىن تېيىش ــــ يولدىن ئېزىش، خاتا يولغا مېڭىش.
تەپتى ــــ يالقۇنى، ھارارىتى.
ئىشتىراكچى ــــ قاتناشقۇچى، ئۆز بېىشىدىن كەچۈرگىچى.
جاللات ــــ قان ئىچەر ، ئۈلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغۇچى.   
مەيۈس ـــ روھى چۈشكۈن ، روھىسىز ، ئۈمىدسىز ، غەمكىن ، پەرىشان . 
تەلەتى ــــ چىراي ، يۈز، تۇرۇق ، ئەلپاز . 
غۇدىيىپ ــــ
شۈبھىي  ــــ  ئىشەنمەسلىك ، گۇمانسىراش ، گۇمان ، شەك .
جىنەستە ــــ  ①  ئازغان ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ . ئاقۇچ چىچەكلەيدۇ. مېۋىلەر ئىچىدە ئۈجىمىگە ئوخشاش ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ. ② شۇخىل ئۈسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى .  ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
كۈلپەت  ـــ   ئېغىر قىيىنچىلىق ، ئازاپ – ئوقۇبەت ، دەرد ئەلەم .
ئىزھار قىلىش ـــ  بايان قىلىش ، سۆزلەش ، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، بىلدۈرۈش.
تاپ  ـــ   Ⅰ ھايۋانات ياكى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى ، مۇردا ، جەسەت . Ⅱ ① ئېتىزنى ئاغدۇرغاندا قالغان قوش ئىزى . ② ساناق سانلار بىلەن كىلىپ مىقدارنى بىلىدۈرىدۇ.   Ⅲ پەيىت ، پۇرسەت ، ۋاقىت . Ⅳچىدام ، تاقەت ،  بەرداش .
ئالدىنقى سەپ ــــ① بىرەر ئەمگەك ۋە خىزمەت ساھەسىدىكى ئەمەلىي مەشغۇلات مەيدانى. ② ئۇرۇش مەيدانى.
شىڭ شىسەي ــــ ( 1896 – 1970 ) تەخەللۇسى جىڭ يۇڭ، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيسىنىڭ شىجىيا كەنتىدە چوڭ پومىشچىك ئائلىسىدە توغۇلغان. 1933- يىلى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. « 12- ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىشى » دە جىن شۇرىننى تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئالى مەمۇرى ۋە ھەربىي ھوقۇقىنى كونتىرۇل قىلىۋالغان. 1940- يىلى ئۆلكە رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ. 1944- يىلى گۇمىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دىھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مىنسترلىكىنىڭ مىنىسترلىقىغا تەينلىنىدۇ. ئۇ شىنجاڭ خەلقنىڭ قان- تەر بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇنلارنى بۇلاپ تالايدۇ. يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ جېنىغا زامن بولىدۇ. 1949 – يىلى ئائىلىسى بىلەن تەيۋەنگە قېچىپ كېتىدۇ. 1970- يىلى 7- ئايدا 75 يېشىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلىدۇ.
ئونېۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيتى  قېلىچنى ساپانغا ئايلاندۇرۇش
ۋاگۇن ـــ  ① پويىزنىڭ ئادەم ۋە يۈك تۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھەر بىر بۆلكى. ② ئىش ئورنى ، كان رايۇنى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تۇشۇش ئۈسكىنىسى، شەكىلى ۋارونكىغا ئوخشايدۇ ، ئاستىدا چاقلىرى بولىدۇ . رىلىس ئۈستىدە ماڭىدۇ .
ۋىدالىق  ـــ  ئايرىلىش ، خەيرىلىشىش .
ساپان ــــ يەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
     2- دۇنيا ئۇرۇشى ــــ 1939- يىلى باشلىنىپ 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاخىرلاشقان. گىرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق فاشىسىتىك دۆلەتلەر قوزغىغان. 60نەچچە دۆلەت ۋە رايۇن  ئىككى مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە چېتىلغان.
پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ــــ 1990- يىلى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىراقنىڭ كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتا ئېلىپ بېىرىلغان ئامرىكا- ئىراق كۆپ دۆلەتلىك ئۇرۇشى.
ئوتتۇرا شەرق ــــ ياۋرۇپالىقلار شەرقنى ئۈچكە بولگەن. يېقىن شەرق ( مىسىر پەلەستىن رايۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ ) ئوتتۇرا شەرق ( ئەرەب يېرىم ئارىلى ، پارىس قولتۇقى رايۇنلىرى ) يىراق شەرق ( جۇڭگۇ ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ، ياپونىيەنى كۆرسىتىدۇ. )
نىدا  ـــ  مەلۇم ھىس- تۇيغۇنى ئىپادىلەيدىغان ئاۋاز.
مىلودىيە ـــ بەلگىلىك ئاۋاز ئىگىزلىكى ، ۋاقىت سەرپىياتى ۋە ئاۋاز مىقدارىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بېجىرىلىگەن يەككە تاۋۇشلۇق ئاھاڭ .
10. دەريا بۇيى قەدىمقى مەدەنىيەت ئارىلى
گىرۋەك ـــ بىرەر نەرسىنىڭ يېنى ،  ياقىسى ، قىرغاق ، لەۋ .
نىسبەت ـــ ① نەرسىلەرنىڭ بىر-  بىرىگە نىسبەتەن چوڭ –كىچىكلىكى ، ئاز كۆپلىكى  ۋە شۇ قاتارلىقلار . ② ئوخشاش تۈردىكى ئىككى مىقداردىكى سېلىشتۇرۇشتىكى ھەسسىلىك مۇناسىۋەت . بۇنىڭدا بىر سان ئىككىنچى بىر ساننىڭ بىر قانچە ھەسسىسى ياكى بىر نەچچە ئۈلۈشىگە باراۋەر بولىدۇ .
دەريا- تارام ـــ دەريانىڭ سۇ تارىلىپ بىر قانچە ئېقىمغا تارىلىپ ئېقىشى . 
ئىستەك ـــ كىشىدە بىر نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش ؛ تىلەك ، خاھىش .
تەۋەككۇل ـــ ① كۆپ ئويلىمايلا ، نېمە بولسا بۇلار دەپ قېلىنغان ھەرىكەت . ② تىر « نېمە بولسا بولسۇن ، مەيلى » دېگەن مەنىدە قىستۇرما رولدا كېلىدۇ . ③ خوتەن ناھىيسىدىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى . ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
دەريا بۇيى يېزىسى ـــ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىنىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەبئىي بوستانلىق.
سېغىمچانلىق ــــ سىغدۇرۇشچانلىق، بەرداشلىق بىرىش چېكى.
غايىۋى ـــ ① مۇئەييەن بىر غايە ، ئىدېئولۇگىيگە ئىگە ؛ مۇئەييەن بىر غايە ئىدىئولۇگىيگە ئاساسلانغان: ② يۇشۇرۇن . 
شەكسىز ـــ شەك يوق ، ئېنىق ، شۈبھىسىز ، گۇمانسىز ، مۇقەررەر ، چوقۇم .
سۇلۇش ـــ ① ئۈسۈۋاتقان ياكى يېڭى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتكى ھالىتىنى يۇقاتماق، سالپايماق، قورۇلماق،سۇلاشماق. ② كۆچمە. روھلۇق ، جوشقۇن ھالىتىنى يۇقاتماق ، سارغىيىپ رەڭگىدىن كەتمەك ، بۇشاشماق.
ھەزرەت ـــ  ① كۆپنىچە « ھەزرەتلىرى » شەكلىدە ئۇلۇغلاش ، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە كېلىدۇ . ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن بەزى شەخسلەر ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ تەخەللۇسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ . ③ قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى  ئاپاق خۇجا مازىرى جايلاشقان يېزىنىڭ نامى .
كەنئان چۆللىكى ـــ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى بىر چۆللۈكنىڭ نامى .
پەلەستىن ـــ  ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر رايۇن.
مۆجىزە ـــ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ، ئادەتتىن تاشقىىرى ئىش، ھادىسە، نەرسە . 
پىنھان ـــ ① كىشىنىڭ نەزىرىدىن خالى ، كىشى نەزىرى ئاسان چۈشمەيدىغان ، خىلۋەت ، خالىي ، ② يۇشۇرۇن ، مەخپىي .
ئاقساقال ـــ ① ياشانغان ، مويسىپىت ، مۆتىۋەر كىشى . ② بىر ياكى بىر نەچچە مەھەللە ، يېزا – قىشلاققا باشلىق بولغان مەھەللىۋى ئەمەلدارلار . ③ كۆچمە . ئاتىكاچى ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان .
بۇرچ ـــ  مەجبۇرى ئۆتەشكە ، ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپە .
مىزان ـــ ① تارازا ، جىڭ . ② مىزان بۇرجى ③ شەمسىىيە يىل ھېسابىدا 7- ئاينىڭ  ئەرەبچە نامى . ④ كۆچمە . سۆز – ھەرىكەت قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنى باھالاشتا ئاساسلىنىدىغان پىرىنسىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى ، نۇرمىسى ياكى قېلىپى .
شەرىئەت ـــ ① مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئاساسىدا تۈزۈلگەن دىننى ئىشلار، جىنايىى ئىشلار ۋە  پۇخرالىق ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن- قائىدىلەرنىڭ چوغلانمىسى، ئسلام دىننى قانۇنى . ② دەۋا- دەستۇر ئشلىرىنى دىننى يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇرۇن ، قازىيخانا ؛ سوت مەھكىمىسى . 
ئىشقار ـــ ئېلېكترولت ئىئونلانغاندا ھاسىل قىلغان مەنپىي ئىئوننىڭ ھەممىسى ھىدروكسىل ئىئونى (  OH )  بولغان بېرىكمە .
مىزاج ـــ ئادەمنىڭ تەبىئىتى ، مىجەز .
   خېلىت ـــ ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن جىگەردە ھاسىل بولغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى .
گارمۇنىك ـــ مۇۋاپىق، ماس، ماس كىلىدىغان، تەڭكەش.
ئورگانىك ـــ ① ئورگانىزمىغا ، جانلىق مەۋجۇداتقا ئائىت ، تىرىك مەۋجۇداتلار بىلەن باغلىق بولغان ؛ تىرىك ، جانلىق . ② ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرىشىدىن ھاسىل بولغان ؛ تىرىك ئورگانىزىملار مەھسۇلىدىن ئېلىنغان . ③ كاربۇن بىرىكمىللىرىگە ئالاقىدار بولغان . ④ بىرەر كىم ياكى نەرسىنىڭ ئاجىرالماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ؛ ئەڭ يېقىن .
مۇقام ـــ  ① ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى « ئون ئىككى مۇقام » ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قىسمى . ھەربىر مۇقام چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسمىدىن تەركىپ تاپىدۇ . ② مۇزىكىلىق ئاھاڭ ، مۇزىكا ئاھاڭى ، كۈي ۋە ئۇنىڭ تەرتىپى . ③ كۆچمە . تەرتىپ ؛ ئۆلچەم ، رېتىم . ④كۆچمە . ھەرىكەت ، ئۇسۇل ، يول . ⑤ نوپۇز ، دەرىجە ، مەرتىۋە .
ساما ـــ Ⅰ ئاسمان ، كۆك . Ⅱ ① ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ناغرا ئۇسۇللىرىدىن بىرى . ② سوپى – ئىشانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردە ، زىكىرى ، تەلقىنگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ھەرىكىتى . كۆپىنچە ئىككى قول ئالدى- كەينىگە تاشلىنىپ ، بەل ئېگىلگەن ھالدا پىرقىراپ ئوينىلىدۇ .
ئەۋرىشكە ـــ ئۈلگە قىلىنىدىغان بويۇم ؛ ئۆرنەك ، نۇسخا .
ئىتنوگرافىيە ـــ ①  بىرەر مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەدەنىيەتنى كۆزىتىش يۇلى بىلەن ئۆگىنىدىغان ساھە، ② بىرەر مىللەتنىڭ ياكى بىرەر تىرىتورىيدىكى بىر قانچە مىللەتنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يېغىندىسى.
فولىكلور ــــ كەڭ مەنىدىكى فولىكلور ۋە كەڭ مەنىدىكى فولىكلورغا بۆلىنىدۇ . تار مەندىكى فولىكلور خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەسھابۇل كەھىف ــــ
كۆمەچ ـــ خېمىرنى چوغ ( قوقاس ) قا كۆمۈپ پىشۇرىلىدىغان بىر خىل نان.
ساھىبخان ـــ  مىھمان چاقىرغۇچى تەرەپ، مىھمان قوبۇل قىلغۇچى، كۈتىۋالغۇچى.
خۇرىتىش ـــ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۇپرىتىش، تۈگىتىش.
بىكىك ــــ سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچىراشمايدىغان، ئۆزى بىلەن ئۆزىلا ياشايدىغان بېكىنمە ھالەت، ئېچىلمىغان يېپىق .
زامانىۋى باكتىرىيە  ــــ يېڭى زاماندىكى تەرەققىيات بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ۋە پەيدا بولۇۋاتقان يامان ئىللەتلەر، بەدقىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.  
چوت سوقۇش ـــ ھىسابلاش ، مۆلچەرلەش .
ئىشتىھا ـــ كىشىنىڭ يىمەك – ئىچمەككە كۆڭلى تارتىشى ؛ مايىللىقى .
گاراڭ ـــ  Ⅰ  ① قولىقى ئاڭلىمايدىغان ، قولىقى ئېغىر ، پاڭ قۇلاق ؛ گاس ، ساغرۇ . ② بېشى قاتقان ، نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان . Ⅱ كېكىردەكنىڭ پۈتۈپ قېلىشىغا ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن بوزۇلۇپراق چىققان ئاۋاز .
سۈكۈت ـــ ھېچقانداق سادا چىقمىغان ، تىنىچ ، جىم ھالەت ؛ سۈكۈنات .
خىرىس ـــ  بىراۋغا قەستەن ياكى ئۆچلۈك بىلەن قىلىنغان ھەيۋە، چېقىلىش.
مەھرۇم بولۇش ـــ بەھرىمان بولالماسلىق ، ئىرىشەلمەسلىك ، ھوقۇقى بولماسلىق .
نەشە ـــ كەندىردىن ياسىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك .
قيامەت ــــ ئاخىر زامان، دىننى كىتابلاردا ئېيتلىشىچە بۇ كۈندە ھەممە مەۋجۇدات ھالاك بولىدۇ.
خۇدا ــــ دىننى كىتابلاردا ئېيتىلىغان ئالەمنىڭ ئىگىسى، ياراتقۇچىسى، ھەممىگە قادىر بولغۇچى.
تراگىدىيە ــــ گىرىك تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇ.  ①  باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر تۇقۇنۇشتا ، باش قەھرىمان بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى. ② دەھشەتلىك ۋەقە ، ھادىسە؛ پاجىئە؛
ئايتىماتوف ـــ (2007 - 1928 )  دۇنياغا مەشھۇر قىزغىزىستان  يازغۇچىسى.   
رىيازەت ـــ جاپا- مۇشاقەت ، قىيىنچىلىق ؛ ئازاپ ، ئازاپ–  ئوقۇبەت .
ئۇزۇق ئېلىش ـــ نەپ ئېلىش، ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىھتىياجنى قاندۇرۇش، ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش.  
تىندۇرما مەدەنىيەت ـــ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا يىغىلىغان ، توپلانغان مەدەنىيەت .
11. لوپنۇر يوقالغان كۆل
ئىكىسپىدىتسىيچى ـــ ئىكىسپىدىتسىيە پائالىتى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ، تەكشۈرگۈچى .
سېۋىن ھىدىن ـــ  ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخرى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن شېۋىدسىيلىك ئىكىسپىدىتسىيچى . شىنجاڭغا ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم كىلىپ ئىكىسپىدىتسىيە پائالىيتىنى ئېلىپ بارغان .
يىپەك يۇلى ـــ غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېچىلغان ، جۇڭگودىن غەربى ئاسىياغا ، ئوتتۇرا ئاسىيا  ۋە ياۋرۇپاغا مال توشۇلىدىغان سودا يۇلى . بۇ يولدا جۇڭگونىڭ يىپەك  ۋە يىپەك بۇيۇملىرى چاڭئەندىن خېشى كارىدۇرى ئارقىلىق ھازىرقى شىنجاڭدىن ئارساكقا ۋە غەربى ئاسىيا ھەم ياۋرۇپادىكى رىم ئېمپېرىيسىگە توشولغان . 
خەننامە ــــ  شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ تارىخى يېزىلغان تارىخ بەدىئىي يول بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلىگەن ئەسەر .
تەزكىرە ـــ  مەلۇم تارىخى شارائىتتىكى مۇھىم شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە مەلۇم جايدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە، ھادىسىلەر خاتىرىلەنگەن ئەسەر ؛ يازما خاتىرە .
جاڭ چىيەن ـــ ئىلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق دىپلومات، غەربى يۇرتقا بىر قانچە قېتىم كىلىپ، خەن سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن غەربى رايۇندىكى ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقان .
تىلسىمات  ـــ ① سېھىر- جادۇ قىلىش ، سېھىر جادۇ قىلىنغان نەرسە . ② سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، سىرلىق . ③ كۆچمە .  سىرى ئېچىلمىغان ، كىشىلەر بىلىپ يەتمىگەن ئاجايىپ- غارايىپ نەر ۋە شۇنداق جاي .
كۆنچى دەرياسى ـــ باينىغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتىدىكى بىر دەريانىڭ نامى، بۇ دەريا باغراش كۆلىگە قويىلىدۇ .
تاشلاندۇق يەر ــــ تېرىلماي تاشلىنىپ قالغان يەر.
بۈگۈر دامبىسى ــــ باينىغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيسىدىكى سۇ قۇرلۇشى، سۇنى تۇسۇش ۋە توختىتىش ئۈچۈن سوقۇلغان قېلىن، ئېگىز تىرگەن تام.
سۇ پومپىسى ــــ سۇيۇغلۇقنى سۈمۈرۈپ تۈۋەن ئۇرۇندىن يۇقىرى ئۇرۇنغا يەتكۈزۈپ بىرىدىغان بىر خىل ئۈسكىنە.
سۇ ئامبىرى ــــ سۇنى يىغىپ ساقلاش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنى.
ئۆلۈك كۆل ــــ سۇ كىرىش ۋە سۇ چىقىرىش مەنبەسى بولمىغان كۆل، سۇ ئالمىشىش، يېڭىلاش ئىمكانىيتى يوق، توختام كۆل.
بۆكەن ـــ ① سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بىر تۈرى . تەن شەكلى ئۆچكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . ئادەتتە شىنجاڭدىكى قاڭشارلىق بۆكەن كۆزدە تۇتىلىدۇ ؛ يۈگۈرۈك ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداملىق ؛ مۈڭگۈزلىرى ئاقۇچ ياكى سارغۇچ بولۇپ ، سەل يايسىمان ، ئاستى تەرىپى كاۋاك كىلىدۇ ؛ مۈڭگۈزىنىڭ تىبابەتچىلىكتە قىزىتمىنى قايتۇرۇش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ، جىگەرنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇششاق ئاغرىقلارنى داۋالاشتا ئالاھىدە رولى بار . ② لوككا .
مومىيا ـــ جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ياكى سۇنغان سۆڭەكنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇمسىمان ماددا ياكى چىرىمىگەن جەسەت.
چۈچۈكبۇيا ـــ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . يىلتىزىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ ، دورا قىلىشقا بولىدۇ . يۆتەل پەسەيتىش ، بەلغەم بوشىتىش ، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە . ئۇنى تاماكا ، جاڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ پۇراقلىق ماتىرىيالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ .
قورۇققۇم ـــ  باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بىر قۇملۇقنىڭ نامى .
ئىزنا ـــ ① ئادەم ياكى نەرسىنىڭ دەسسىگەن ياكى تەگكەن ئىزى ؛ بەلگە . ② قالدۇق ئىز . ③ رەسىم ياكى جىسىمنىڭ سىرىتقى گىرۋەكلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى سىزىق ؛ ئومۇمىي كۆرۈنۈش ؛ دائىرە . ④ تاش ئويما ، مىس قۇرال قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئۈستىدىكى رەسىم ، يېزىق قاتارلىقلارنىڭ قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىلغان ئىزى . ⑤كۆچمە . دىر .
چىڭخەي كۈلى ـــ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بىر كۆلنىڭ نامى .
12. باھاردىكى غېرىپلىق
غېرىپلىق ـــ غېرىپ ھالەت، بىچارىلىك.
تەھسىل قىلىش ـــ ئۆگىنىش، ئوقۇش.
دەپسەندە قىلىش ــــ  ئاياغ- ئاستى قىلىش. 
نەسلى ـــ ① بىر ئەۋلاد، بىر ئەجداتقا مەنسۈپ بولغان كىشىلەر ئۇرۇقى ۋە ئۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ، زاتى ، نەسەبى ، تىگى – تەكتى . ② كىيىنىكى ئەۋلاد ③ مەلۇم بەلگە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ، بىر تۈرگە مەنسۈپ ھايۋانلار گۈرۇپپىسى ، ئۇرۇقى ، سورتى .
تەئەججۈپ –ھەيران قالماق، ئەجەپلەنمەك.
بەزمە ـــــ  دوسىتلار ياكى يار- بۇرادەرلەر ياكى قۇرداشلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ يەپ- ئىچىپ، ناخشا- ساز بىلەن قىلغان ئۇيۇن تاماشاسى.
ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق ــــ  ئىكولوگىيلىك  سېستمىدىكى ئورگانىزىملار بىلەن مۇھىت شارائىتى ئارىسىدا ئۇزۇن تارىخى دەۋىرلەر ئارقىلىق ئۆز- ئارا تەسىر قىلىپ ئۆز- ئارا تىزگىنلەپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇرەككەپ بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقتۇر.
مەھرۇم قىلىش ــــ مۇيەسسەر ، بەھرىمان ، ئىگە بولۇش، ئىرىشىش، پايدىلىنىش ھوقۇقى قاتارلىقلار بولمىغان.
تەمە قىلىش ــــ  ① باشقلارنىڭ بىرەر نەرسە ئىنئام قىلىشىنى كۈتۈش، مەنپەئەتكە ئىرىششكە ئىنتىلىش. ② ئارزۇ، يېلىنىش، ئۈمىد.
ئىستولبا ــــ  تۈرلۈك ئېلىكىتىر سىملىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن خىلمۇ – خىل ماتىرىياللاردىن ياسالغان مۇما .  
نىدا ــــ  مەلۇم ھىس- تۇيغۇنى ئىپادىلەيدىغان ئاۋاز.
قاپتال ــــ  ① تاغ ۋە ئېگىزلىكلەرنىڭ تەكشىلىك بىلەن تۇتاشقان باغىرى، يان تەرىپى. ② ئات- ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇچىسى بىلەن قۇرسىقى ئارىسىدىكى ئىككى يېنى. ③ ئىگەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قانىتى.
قۇم باسقان شەھەر ( پارچە )
ئەپسانە  ــــ  ① ئېغىزدىن-ئېغىزغا، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا كۆچۈپ كىلىۋاتقان سىرلىقلاشتۇرۇلغان ھېكايە. ② ئاساسىسىز گەپ، ئويدۇرما. ③ ئەقىلگە سىغمايدىغان، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن.
رىۋايەت ــــ مەلۇم كىشى، نەرسە، ئىش ياكى مەلۇم ۋەقە توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈپ كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئاغىزاكى ھېكايە.
سېھىرلىك چۆچەك ــــ كۈچلۈك فانتازىيە ۋاستىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان چۆچەكلەر سېھىرلىك چۆچەكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى فانتازىيىلىك چۆچەكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بىغەم ــــ غەمسىز.
سېپىل ـــ بۇرۇنقى چاغلاردا ئوردا ياكى شەھەرنى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن ئوردا ياكى شەھەرنى چۆرىدەپ ئېگىز ھەم قېلىن قىلىپ سوقۇلىدىغان تام؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈرۈپ دۈشمەن تەرەپنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئۆيلىرى ۋە ئوق ئۈزۈش ئۈچۈن ياسالغان ئۆڭكۈرلىرى بولىدۇ.
سەرراپ ـــ پۇلىنى پارچىلاپ بىرىش ياكى باشقا مەملىكەت پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ بىرىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نەپ ئېلىپ تىرىكىچىلىك قىلغۇچى كىشى ، پۇل ، ئالتۇن سودىگىرى .
باتناش ــــ  باشقىلاردىن يامانلاش، قېيداش، رەنجىش.
تامبال ــــ پۇتنىڭ ئۇشۇقتىن تارتىپ بەلگىچە بولغان قىسمىغا كىيىلىدىغان كىيىم، ئىشتان.
سۇمباتلىق ــــ كىلشكەن، قەددى- قامەتلىك.  
تىللا ـــ   ①   ساپ ئالتۇندىن سۇقۇلغان پۇل، ئالتۇن تەڭگە . ② ئاياللارنىڭ ئسىمى .
ۋەسۋەسە  ــــ ① غەم- ئەندىشە ، تەشۋىش ؛ كىشنى ۋەھىمىگە ، ھاياجانغا سالىدىغان ئوي- خياللار . ② كىشىنى يولدىن ئازدۇرىدىغان گەپ – سۆز ، ھەرىكەت .  
ياۋ ـــ ئۇرۇش ، جەڭدىكى قارىشى تەرەپ ، دۈشمەن ، رەقىپ .
شېھىت بولۇش ـــ  ۋەتەن، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ قۇربان بولۇش، ھەققانىيەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش.
ئىزنا ـــ  ئادەم ياكى نەرسىنىڭ دەسسىگەن ياكى تەگكەن ئىزى ؛ بەلگە . ② قالدۇق ئىز . ③ رەسىم ياكى جىسىمنىڭ سىرىتقى گىرۋەكلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى سىزىق ؛ ئومۇمىي كۆرۈنۈش ؛ دائىرە . ④ تاش ئويما ، مىس قۇرال قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئۈستىدىكى رەسىم ، يېزىق قاتارلىقلارنىڭ قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىلغان ئىزى . ⑤كۆچمە . دىر .
كارۋان ـــ  ئات- ئۇلاغ، ھارۋىلار بىلەن بىر جايدىن ئىككنچى بىر جايغا يۈك تۇشۇغۇچىلار.
تىراگىدىيە ــــ  ① باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر توقۇنۇشتا ، باش قەھرىمان بەختسىزلىككە ئۇچىراپ ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى . ② دەھشەتلىك ۋەقە ، ھادىسە ؛ پاجىئە .
تەرغىپ قىلىش ــــ  تەشۋىق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، دەۋەت قىلىش.
13. بۈيۈك بايقاش
شاھىت ـــ بىرەر ئەھۋالغا ( ۋەقە ، ئىش - ھەرىكەت ياكى پائالىيەتكە ) بىۋاستە قاتناشقان ،  كۆرگەن ئادەم ؛ گۇۋاھ  .
سېۋىن ھېدىن ـــ ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخرى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن شىۋىدسىيلىك ئىكىسپىدىتسىيچى . شىنجاڭغا ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم كىلىپ ئىكىسپىدىتسىيە پائالىيتىنى ئېلىپ بارغان .
پەرەڭ ــــ ① فىرانسۇزلارنى يەنى فىرانسىيلىكلەرنى كۆرستىدۇ. ② فىرانسيىدە، ياۋرۇپادا، غەربتە تەييارلانغان ياكى كەلتۈرۈلگەن. ③ ھەر قانداق ئىش قۇلىدىن كېلىدىغان، چىۋەر، ماھىر، ئۇستا. ④ قىپقىزىل، قېنىق قىزىل.
دۇربۇن ــــ  يىراقتىكى نەرسىنى يېقىن قىلىپ، چوڭ كۆرسىتىدىغان ئوپتىكىلىق ئەسۋاب.
ھەملە قىلىش ـــ ئادەم ياكى نەرسە ئۈستىگە تاشلىنىش، ھۇجۇم قىلىش.
تەپچىپ تۇرۇش ــــ ① تامچىلاش، سىرغىش، تېمىش. ② تېشىغا تىپىش، ئىپادىلىنىش، بىلىنىش.
جورىسى ـــ  ① تەڭتۇشى ، سەپدېشى ، دوسىتى ، ② قانۇنلۇق نىكاھىتكى ئەر ياكى ئايال .
ئاڭقىرىش ـــ چۈشىنىش، بىلىش، سىزىش، ھىس قىلىش.  
چارا ــــ ① يۇمىلاق، چۆچەكتىن چوڭراق، چوڭقۇر ياغاچ قاچا؛ ② لوپنۇر ناھىيسىدىكى بىر سۇ ئامبىرىنىڭ نامى.
قۇت ــــ بەخت، ئامەت، تەلەي.
كېسەك ــــ ① قېلىپ ئارقىلىق ھەرخىل ئۆلچەمدە تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە قۇيۇپ قۇرۇتۇلغان قاتقان لاي . ②) چالما پارچىسى ياكى قاتقان لاي . ③ كىسەككە ئوخشاش قۇيۇلغان .
خارابە ــــ ① قارايدىغان ئادەم يوق، تاشلىۋېتىلگەن ئۇرۇن، بۇزۇلۇپ خاراب بولغان جاي، ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق ئىزلار، ئەسكى جاي. ② خاراب قېلنغان، ۋەيران بولغان، خاراب، ۋەيران، ۋەيرانە.
پوزمان ــــ قۇملۇق، چۆللۈكلەردە ئۆسىدىغان سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك، يۇپۇرمىقى ناھايتى كىچىك يىڭنىسىمان كىلىدۇ، غۇلى ناھايىتى يۇمشاق، چىچىكى قىزغۇچ كىلىدۇ. ئېگىز ئۆسمەيدۇ.  
يامزا ـــ  باغىرى.
سەدەپ ــــ بەزى يۇمشاق تەنلىكلەرنىڭ يالتىراق، قاتتىق قاسرىقى.
ساپال ـــ  ① سېغىز لايدىن ياساپ مەخسۇس خۇمداندا پىشۇرۇلغان. ② سېغىز لېيىدىن ياساپ مەخسۇس خۇمداندا پىشۇرۇلغان ھەر خىل بۇيۇم.
كومزەك ـــــ ھاراق، ئاچچىقسۇ، جىياڭيۇ قاتارلىقلار قاچىلىندىغان ئاغىزى كىچىك، قۇرسىقى چوڭ ساپال قاچا.  
تاۋاق ـــــ   Ⅰ  ①  ياغاچتىن ئۇيۇپ قىرىپ ياسالغان تەخسە شەكىللىك قاچا، ئاياق. ② ھەر خىل لىگەنلەر.   Ⅱ تاختا .
تۆرە ـــــ  ① خانلىق تۈزۈمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار. ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ نامىغا، مەنسىپىگە قۇشۇلۇپ كىلىدۇ. ياكى ئىسمىنىڭ ئورنىدا ئېيتىلىدۇ.  ③  كۆچمە مەنىسى : بىيۇروكرات. ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
قان قىلىش  ــــ  دىننى ئۆرپ- ئادەت بۇيىچە بىرەر بالايىئاپەتتىن ساقلىنىش، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاب ياكى ساۋابقا ئىرىشىش مەقسىتىدە قۇش ياكى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېننى چىقىرش.  
دەندان ئۆيلۈك خارابىسى ــــــ دەندەن  قەدىمقى شەھەر نامى . چىرا ناھىيسىنىڭ دامىكۇ يېزا بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەدىمقى شەھەر خارابىسى . 
كۆۋەجىمەك ـــ  كۆپۈك چىقارماق، بۇژغۇن ھالەتكە كەلمەك، كۆپۈكلەشمەك.
ئۇيۇر- ئۇيۇر  ــــ توپ- توپ  
قاغىدال ــــ سۇلاشقان، قورۇغان ( كۈچەت ھەققىدە )  
تىلسىم ــــ① سېھىر، جادۇ ؛ ② سېھىر قىلىنغان، سېھىرلىك، ئاجايىپ- غارايىب، سىھرىنى بىلىگىلى بولمايدىغان. ③ سىھرى ئېچىلىمىغان، سېھىرلەنگەن نەرسە ۋە شۇنداق جاي.
ئېكسپىدىتسىيە ــــ  مەلۇم جاينىڭ يەر بايلىقى ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان گىئولوگىيلىك ياكى ئاخېئولوگىيلىك چارلاش ، تەكشۈرۈش ياكى بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان تەكشۈرۈش سەپىرى .
ئۇيۇق ـــ  ① تۈرلۈك نەرسە كىرەكلەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئۆي ۋە ھويلا تاملىرىنى ئۇيۇش ياكى ئۆي تاملىرىغا يۈلەپ مەلۇم ئىگىزلىكتە تام قوپۇرۇش يۇلى بىلەن چىقىرىلغان جاي ، تەكچە . ② قاشتېشى ئېلىش ئۈچۈن ئەتراپنى كولاپ بۇشىتىلغان بوشلۇق . 
قارۇشتى يېزىقى ــــ  ئۇيغۇرلار قەدىمدە ئشلەتكەن بىر خىل يېزىق .  
پۈتۈك ــــ  ①  يېزىلىغان، ئۇيۇلغان ياكى بېسىلغان يېزىق، خەت، مەكتۇپ، كىتاب. ② بوشلۇق تىنىپ قالغان، تۈشۈكى ئىتىلىپ قالغان، پۈتەي. ③ بۇغۇلغان، ياڭراق چىقمايدىغان بولۇپ قالغان.
ئۇزايى ــــ تۇرقىدىن، سىياقىدىن، ئەپتىدىن.
ئابىدە ــــ  مەڭگۈ تاش ، تۈرلۈك يېزىقلار ئويۇلغان تاش ، بال- بال .
كىلاسسىك ــــ  ①  پەن، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ مەشھۇر بولغان ھەم شۇ ساھەدە باشقىلارغا نەمۇنە ياراتقان، ئىتىراب قېلىنغان ئەربابى.  ② كىلاسسىكلار تەرىپىدىن يارىتىلغان، خەلقنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلانغان، نەمۇنە بولىدىغان.
قۇس ــــ  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىدىن بولغان بىر قەبىلىنىڭ نامى، ئۇلار 2-3 ئەسىرلەردە تۇرپان ئويمانلىقىنى مەركەز قىلىپ مۇستەقىل بەگلىك قۇرغان. تارىختىن بۇيان تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن.
تەڭرىقۇت ــــ  تەڭرىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئولۇغ، بۈيۈك دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتلىدۇ. ھونلاردا بولسا ئەڭ ئالي ھۆكۈمران بولغان پادىشاھ، خان، تەڭرىقۇت دىيىلەتتى.
ئارخېئولوگ ـــــ ئارخىئولۇگيە بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىم، مۇتەخەسىس.  
14. ھەيۋەتلىك ۋە يىگانە تارىم
ئاساۋ ــــ  بويسۇندۇرۇلمىغان  ، ئادەمگە ئۆگەنمىگەن  ، شاش  .
ساۋاق ــــ① ئوقۇتۇش پائالىيتى داۋامىدا دەرسلىك ياكى ماتىرىياللارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆتىلىدىغان بۆلىكى.  ② ئوڭۇشسىزلىقلاردىن يەكۈنلەنگەن، ئىبىرەت ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان تەجىرىبە.
ئېرا ــــ  خەلىقئارا گىئولوگىيە يىلنامىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك گىئولۇگيلىك دەۋىر بىرلىكى؛ مىڭ يىل بىر ئىرا بولىدۇ.
مۇئەمما ــــ ئەدەبىياتتا شېئرىي يول بىلەن يېزىلغان تېپىشماقلارنى كۆرسىتىدۇ.  
نىگاتىپ ـــ① ئاق ئورنىغا قارا، قارا ئورنىغا ئاق بولۇپ چۈشكەن فوتۇ تەسۋىر ۋە شۇنداق تەسۋىر چۈشۈرۈلگەن پىلاستىنكا ياكى پىليونكا. ② تېخى ئىشلىتىلىمىگەن فوتۇ سۈرەت لىنتىسى.
يۈگەن ـــ ①  ئات، ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئېغىزىغا سالىدىغان جۆجەي، تىزگىن ۋە چولۋۇرلىرى بولغان ئېغىزدا تۇرىدىغان يىرى تۆمۈردىن ياسالغان، قالغان قىسمى تاسمىدىن ياسالغان بۇيۇم. ② كونترول، تىزگىن.
15. قوچۇ خارابىلىكىنى قېزىش-
پېرسىيە ـــ  ھازىرقى ئىراننىڭ قەدىمىي ئاتىلىشى؛ يەنى پارىسلار ياشاپ كىلىۋاتقان رايۇنىلارنى ۋە پارسىلارنى پېرىسيە ياكى پېرىسىيلىكلەر دەپ ئاتاش ئادىتى مەۋجۇت بولغان.  
قوۋۇق ـــ ① شەھەر سېپىلىرى، ئوردا، چوڭ قورۇ قاتارلىقلارنىڭ دەرۋازىسى، ئىشىك. ② قەدىمقى دەۋىرلەردە جىنايەتچىنىڭ بوينىغا سالىدىغان تاختاي، شال، تاقاق.  
مانىي ـــ ① ( 215 – 246 )  مانى دىننىڭ ياراتقۇچىسى ، بابىلوندا توغۇلغان ، دەسلەپتە يەھيا پەيغەمبەر خىرىستئانلىرى مەزھىپىگە كىرگەن ، كىيىن بۇددىزىمنى تەتقىق قىلىغان ، كېيىن ئۆزىنى بۇددا ، زەردوشىت ۋە ئەيسا بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ يېڭى ئىتقاد سېستىمىسىنى تارقىتشقا كىرىشكەن 246 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن .   ② مانى دىنى . ③ مانى دىنگە مەنسۈپ كىشى .
ئىستىھكام ـــ ① مۇداپىئە ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇستەھكەم توساق، تام، قەلئە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار. ② مۇستەھكەم تايانىچ، تۈۋرۈك، قورغان.  
تۈتۈن ـــ ① ماددىلار كۆيگەندە ھاۋاغا ئاجىرىلىپ چىقىدىغان ئۇششاق زەرىچىلەردىن ئىبارەت بولغان گازسىمان جىسىملار يىغىنىدىسى؛ ئىس. ② ئائىلە.  
برونېۋىك ـــ  ئوق ئۆتمەسلىك ئۈچۈن سىرتىدىن قېلىن پۇلات بىلەن قاپلانغان ھەربىي ئاپتومۇبىل ياكى پويىز.
كاھىن ـــ ① دىن ئەھلى، روھانىي. ② بىرەر ۋەقە- ھادىسىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگۈچى رەمچى، پالچى.
ئىستىقامەت ـــ ① ۋاقىتنى بىرەر جايدا خۇداغا سېغىنىش، تاۋاپ قىلىپ ئىتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش ياكى خۇداغا تىۋىنىش بىلەن ئۆتۈش. ② بىرەر جايدا ياشاش، تۇرۇش، ھايات كەچۈرۈش، تىرىكىچىلىك.
ساسانىيلار سۇلالىسى ـــ يېڭى پېرىسيە ئېمىپىرىيسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىراندىكى خانىدانلىق. مىلادى 227- يىلى ئەردەشىرⅠ ئارساك پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن قۇرغان. ئۇنىڭ بۇۋىسى ساسانىي دەپ ئاتالغاچقا بۇۋىسىنىڭ نامىنى سۇلالە نامى قىلىغان. پايتەختى كېتىسفون بولغان. زورو ئاستىر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدىنپەي قوللۇق تۈزۈمدىن فىئوداللىق تۈزۈمگە ئۆتكەن. خۇسراۋ Ⅰ مەزگىلىدە خانلىق ئەڭ گۈللەنگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خاندانلىق خارابلىشىپ كەتكەن، ئەرەبلەرنىڭ ھۇجۇمى بىلەن خاندانلىق پۈتۈنلەي ھالاك بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يىپەك يۇلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بۇ خاندانلىق بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ سودا ئالاقىسى ئىنتايىن قۇيۇق بولغان.
ۋەسىقە ـــ  مال- مۈلۈك سېتىۋالغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەت، گۇۋاھنامە.
بىدئەتلىك ـــ  دىننى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان يېڭى ئېقىم، ھادىسە ياكى ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، دىنغا خلاپ قىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.
جىلىد ــــ  ① بىر نەچچە كىتابتىن ئىبارەت ئەسەر، مۇقاۋىلانغان ھۆججەت قاتارلىقلانىڭ ھەر بىر ئايرىم كىتابى؛ توم. ② مۇقاۋا، قاپ، تاش.
پېرىسلاش ــــ ماتىرىياللارنى ماشىنا ياكى باشقا بەلگىلىك ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەر بىلەن بېسىش، قىسىش.  
ترانسىكىرىپسىيە ــــ  بىرەر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى تاۋۇش ئېلېمېنىتى نوقتىسىدىن ئېنىق خاتىرىلەشتە قوللىنىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر سېستىمىسى.
ئورگانىك ـــ  ① ئورگانىزمىغا ، جانلىق مەۋجۇداتقا ئائىت ، تىرىك مەۋجۇداتلار بىلەن باغلىق بولغان ؛ تىرىك ، جانلىق . ② ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرىشىدىن ھاسىل بولغان ؛ تىرىك ئورگانىزىملار مەھسۇلىدىن ئېلىنغان . ③ كاربۇن بىرىكمىللىرىگە ئالاقىدار بولغان . ④ بىرەر كىم ياكى نەرسىنىڭ ئاجىرالماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ؛ ئەڭ يېقىن .
بەيئەت قىلىش ـــ ۋەدە بىرىپ ئەل بولۇش، تەۋەلكىگە ئۆتۈش.  
چاقچۇق ـــ پارقىراق سىر بىرىلگەن ساپال، فارفۇر.  
تاشكېمىر ـــ تاغ ياكى يارلىقلارنى تىشىپ ئۈستى گۈمبەز شەكىلىدە ئەگمە قىلىپ ياسالغان ئۆي.  
فۇت ـــ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى ؛ بىر فوت 30.48 سانتىمىتىرغا تەڭ .  
ئۆلىما ـــ ئسلام دىنىنىڭ بارلىق تەلىمەتلىرىنى بىلىدىغان ، دىننى جەھەتتە يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولغان كىشى ؛ دىننى ئالىم .
قۇببە ـــ ① مەسچىت ۋە بەزى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ئورنىتىلىغان يېرىم شار شەكىلىدىكى گۈمبەز . ② تۈرلۈك نەرسە ۋە بۇيۇملارنىڭ شارسىمان ياكى يېرىم شارسىمان بىزىكى .
مەدىرىسە ــــ ئىسلام دىنى بۇيىچە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالى مەكتەپ ، بىلىم ئېلىش ئورنى .
لاما دىنى ـــ  بۇددىزىمنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق رايۇنلارغا تارقالغان بىر مەزھىپى. مىلادىيە 7- ئەسىردە بۇددا دىنى شىزاڭغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي تەركىبلىرىنى قۇشۇۋېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن.
ئاسارىئەتىقە ـــ قەدىمقى دۇنيا ئىنشائاتلىرى ، قەدىمىدىن قالغان مەدەنىيەت، تەرەققىيات تارىخىدا مەلۇم قىممەتكە ئىگە يادىكارلىقلار يەنى قۇرلۇش ، مەڭگۈ تاش، قۇرال- ياراغ ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار .
بىئەجەل ـــ ئەجەل يەتمەستىن، ۋاقتى توشماي، ۋاقىتسىز.
قەتلىئام ــــ  ئومۇميۈزلۈك قىرىش، ئۆلتۈرۈش، قىرغىنچىلىق.
دەھرى ـــــ خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم، دىنسىز كىشى.
تەقۋادار ـــ  يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان پەرھىزكار، خۇداگۇي، دىندار.
قىرائەتخانا
شەيدا ـــ  ① ھەددىدىن ئارتۇق مەپتۇن بولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلگەن ئاشىق. ② بىرەر نەرسىگە ھەددىدىن ئارتۇق قىززىقىش بىلەن بىرىلگۈچى؛ مەستانە.
مەلئۇن ـــ  لەنەت قىلىنغان، لەنىتى، ئۆلگۈر.
قالقان ـــ ① قەدىمقى زامان ئۇرۇشلىرىدا بەدەننى قېلىچ، نەيزە قاتارلىقلار زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چەمبەر ياكى تۆتبۇرجەك شەكىلىدىكى بىر خىل قۇرال. ②مۇداپىئە ئۈچۈن قۇرغان تامنىڭ ئۈستىگە ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە تىزىلغان كېسەك قۇرۇلما.
تاۋۇت ـــ  ئۆلگەن ئۆلۈكنى دەپنە قىلىشتا يەرلىككە قۇيۇشتا جەسەتنى سېلىپ كۆتۈرىدىغان ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان قۇرۇلما؛ جىنازا.
كۆسەي ـــ  ① تۇنۇرنىڭ ئوتىنى يىغىدىغان ۋە ئوت چوخچىلايدىغان ئوزۇن ياغاچ ۋە شۇنىڭ رولىنى ئوينايدىغان نەرسە. ② قارا مىلتىق.
ماتا ـــ  پاختا يىپتىن يەرلىك تۇقۇش دوكىنىدا توقۇلغان رەخت؛ بۆز.
زەپەر ــــ  ① قولغا كەلگەن نەتىجە، غەلبە، مۇۋاپىقيەت. ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ۋولقان ـــ  يانار تاغ.
قاداق ــــ  Ⅰ  ① ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، مىقدارى 0.454 كىلوگرامغا تەڭ. ② قاداقلاپ ئۆلچەيدىغان تارازا.  Ⅱ نەرسىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت سۈركىلىشى بىلەن تېرىدىكى مۇڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئېششىشى نەتىجىسىدە پۇت ۋە قول ئالقانلىرى ياكى پۇت بارماقلىرى يۈزىدە پەيدا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق قاپارتىقۇ.  Ⅲ سۇنغان فارفۇر بويۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئشىلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ، ئادەتتە مىس ياكى تۆمۈردىن ياپلاق ھەم ئەگىمەچ ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسىلىدۇ.  Ⅳ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ باش كىيىمگە تاقىۋېلىنىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى.
ساداق  ـــ ئوقيانىڭ ئوقىنى سالىدىغان ئوقدان.  
رەھناما  ـــ يول كۆرسەتكۈچى، باشچىلىق قىلغۇچى، يىتەكچى.
سۈر ـــ  Ⅰ ① قورقۇنۇچ، ۋەھىمە. ② سالاپەت. Ⅱ تۇزلاپ ياكى ئىسلاپ قۇرۇتۇلغان. Ⅲ ئەپ، پەن، يول.
زەردە ــــ ① ئاشقازاندىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى، سەپرا. ② كۈچلۈك غەزەپ- نەپرەت، ئاچچىق.  
ۋادەرىخا ــــ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئەپسۇس.  
باتالىئۇن ـــ يىڭ.
قاپساش ـــ   Ⅰ   ① ئەتراپنى قۇرشاش، مۇھاسىرىگە ئېلىش. ② ئالدىنى تۇراش، بىر يەرگە قىستاپ قويۇش، قىستاش. Ⅱ تىللىماق.
مۇۋەپپەق بولۇش ـــ  مۇيەسسەر بولۇش، مەقسەتكە يىتىش ئىرىشىش.
ئوفىتسىر ـــ  ئارمىيىدىكى كۇماندىرلار سوستاۋىغا مەنسۇپ  ھەربىي خىزمەتچى  ،ھەربىي  باشلىق .
پولكوۋنىك ـــ  رۇسچە ھەربى ئاتالغۇ يەنى شىتات بىرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ ،  پولىك كۇماندىرىنى كۆرسىتىدۇ .
پارتىزان ـــ دۈشمەن بېسىۋالغان جايلاردا دۈشمەنگە قارىشى ياكى بىرەر دۆلەتتە ھاكىميەتكە قارىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قۇراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى.
شىتاب ـــ ① ھەربىي قىسىملارنىڭ قۇماندانلىق ئورگىنى . ② كۆچمە . يەرلىك ئۇرۇنلاردىكى بىرەر ئىنشائات ياكى قۇرلۇش ئۇرۇنلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئورگان ؛ رەھبەرلىك ئاپپاراتى .
ئەھدە ـــ پۈتۈشكەن، بىرلىككە كەلگەن، قەتئىي سۆز، ۋەدە، لەۋزە، قارار.
چوقان سېلىش ـــ  ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىش، سۈرەن چىقىرىش.
كابىنكا ـــ ئاپتوموبىل، تاراكتۇر قاتارلىقلارنىڭ شوپۇر ئولتۇرۇپ رول باشقۇرىدىغان، كونتىرول قىلىدىغان، شوپۇر مەشغۇلات قىلىدىغان قىسمى. 
جىلە بولۇش ـــ بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن كۆڭلىدە پەيدا بولغان تىتىلداش، تېرىكىش، خاپىلىق.
چوقۇنۇش ـــ ① ئىتىقاد قىلىش. ② پۈتۈنلەي ئىشەنمەك، ئەقىدە قىلماق.  
مۇپەسسەل ــــ يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە پۈتۈن تەپسىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، باشتىن- ئاخىر، ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق، تەپسىلىي.  
ئەھيا قىلىش ـــ بەرپا قىلىش، بىنا قىلىش.  
ئافراسياب ـــ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدە تەسۋرلىنىدىغان  پادىشاھى بولۇپ ئۇ يەنە ئالىپ ئەرتۇڭا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قالماق ـــ  ① ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارنى بىر خىل ئاتىشى. ② روس فىدىراتسىيسىنىڭ بىر ئاپتۇنۇم جۇنھۇرىيتىدە ياشايدىغان بىر مىللەتنىڭ نامى.
مەدىرىسە ـــ  ئىسلام دىنى بۇيىچە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالى مەكتەپ ، بىلىم ئېلىش ئورنى .
ئىستىلا قىلىش ـــ باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى، يېرىنى قۇرال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىش، ھەم شۇنداق مەقسەتتە ئېلىپ بارغان ئىش- ھەرىكەت؛  پائالىيەت، سىياسەت، ئىشغالىيەت، تاجاۋۇزچىلىق. 
ئوشۇق ـــ  Ⅰ  ①  بەلگىلىك مىقدار ۋە ساندىن كۆپ، زىيادە، ئارتۇق. ② ئىھتياجىدىن نورمىدىن ئاشقان، ئارتۇقچە، بىھۇدە، ئېششىپ كەتكەن. Ⅱ① پۇنىڭ پاقالچەك سۆڭىكى بىلەن تۈۋەنكى قىسمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان، ئوڭ سول ئىككى تەرەپكە بۆرتۈپ چىققان سۆڭەك. ② قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ پاچىقى بىلەن ساننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىچىك سۆڭەك. ئادەتتە ئۇ قىمارۋازلارنىڭ قىمار قۇرالىمۇ قىلىنىدۇ.
پەقىر ـــ كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇل  « كەمىنە ، مەن » مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پىئل ۋە كەمتەر  تۇتىشنى بىلىدۇرىدىغان سۆز . 
سافالەت ـــ
سىفلىس كىسىلى ــــ  تاناسىل ئەزا كىسەللىكلىرىدىن بىرى. سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ، كۆپىنچە جىنسىي ئالاقىدىن يوقىدۇ.
خانىقا ـــ  ①  ئىشان سوپىلارنىڭ توپلىشىپ بىرلىكتە زىكىرىگە چۈشىدىغان، زىكىرى ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى،  ئۇرنى. ② بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ ياسالغان چوڭ مەسچىت، جامە. ③ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۈمبەزلىك خانىسى.
دۇئاگۇي ــــ پات- پات دۇئا قىلىدىغان، دۇئا تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان.
روھانىي ـــ مۇئەييەن بىر دىنغا چوڭقۇر ئىتقاد قىلغۇچى كىشى، دىنىي يىتەكچىى، دىننىڭ پىشۋاسى. 
بەزدۈرۈش ـــ بىزار قىلدۇرۇش، ۋاز كەچتۈرۈش، يالتايتىش، زىرىكتۈرۈش.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«1. بالا مىھىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ