ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق

ۋاقىت : 2013-02-28 20:44 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق
(تېكىست  تەھلى)
مۇھم نۇقتا:ئوقۇغۇچلارغا ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «كەچ كۈزدىكى غېرىبلىق» دەپ ماۋزۇ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش
قېىين نۇقتا: ئوقۇغۇچلارغا ياشانغاندا غېرىبسنىش تۇيغۇسنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقى،بالىلرى ۋە نەۋرىللىرىنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج ئىكەنلىكنى ھېس قىلدۇرۇش.
ئىدىۋى تەرىبيە نىشانى: ئوقۇغۇچلاردا ئاتا-ئانلارنى،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،ھالىدن كۆپرەك خەۋەر ئېلىپ ۋاپادارلىق كۆرسىتش، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلش، ۋاپادار پەرزەنت بولۇش تەربىيسى بېرىش.
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىىنىش قۇراللىرى:دەرسلىك كىتاب،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش قوللانمسى،كۆپ ۋاستىلق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنسى.
تەييارلىق سنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرنىڭ توغرا-خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ
1).تۇرسۇنجان لېتىپ 1945.يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.(    )
2).بۇ ئەسەر جەمئى بەش كۆرۈنۈشتىن تەركىپ تاپقان.(    )
3).درامىمدا پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى پېرسوناژلار ھەركىتى ئارقىلق
ئېچىپ بىرىلىدۇ.(    )
2.جاۋاب بېرىڭ.
دىرامىدا بوۋاي مومايغا«ھىم،مانا مۇشۇنداق كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلپ، بالىلارنى يامان ئۆگتۋەتتىڭ.ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئويلايدۇ» دەيدۇ. سزنىڭچەبالىلرىغا زىيادە كۆيۈنۈش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلشىگە ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلەمدۇ؟ئۆز ئەمەلىيىتڭىز بىلەن بېرلەشتۈرۈپ سۆزلەڭ.
يېڭى بىلمنى ئۆگىنش جەريانى ۋە ئۇسۇلىئوقۇغۇچلاردىن سۇئال سوراش ئارقىلىق مەسلەئېڭى شەكىللەندۈرۈپ،يېڭى دەرسىكە باشلاپ كىرىمەن
  1. درامىدىكى ئانا مۇشاقەتلىك يىللاردا بىر نەچچە پەرزەنتىنى بېقىپ قاتارغا
قوشقان،ئەممابۇبىرنەچچەبالاياشانغان ئانسنى غېرىسندۇرۇپ قويدى.رېئللىقتا
مۇشۇنداق ئشلاربارمۇ؟مسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
(بۇسۇئالغا ئوقۇغۇچلارئۆزىلرىنڭ كۆرگەن –ئاڭلغانلرىغا ئاساسەن بىرقانچە مىسال ئىلىپ سۆزلەيدۇ.ئاخىردا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجىرىگە قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش ھەققدە پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى قانداق ئادا قىلىش توغىرسدا تەربىيە بىرىمەن.)
  1. سىز قايسى سۆز-ھەرىكەتلەردىن «ئانا»نىڭ يېشىنىڭ تولىمۇ چوڭ ئايال
ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىز؟
3.ئەسەرىدكى قايسى پېرسوناژلار سزنىڭ نەپرىتىڭىزنى قوزغىدى؟نېمە ئۈچۈن؟
4.«ئانا»ئاغرىق تۇرۇپمۇ شۇ كۈنلەردە نېمە ئۈچۈن دوختۇخانىغا بېرىشقا ئۇنىمايدۇ؟
5.بالىلارغازىيادە كۆيۈنۈش،كۆڭۈل بۆلۈش،ئامراق بولۇش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتدۇ؟
6.ئاتا-ئانىڭز سىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش،قاتارغا قوشۇش جەرياندا قانداق
 قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندۇ؟پەرزىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭ.
7.«بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ»دېگەن
 ھېكمەتنى قانداق چۈشىنىسز؟
8.ئەسەرگە نىېمە ئۈچۈن«كچ كۈزىدىكى غېرىبلىق»دەپ ماۋزۇقويۇلغان؟
ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئارامۇنازىرلىشىپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقىرىمەن بۇ ئەسەردەبېشىدىن نۇرغۇن ئسىسق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن بىرئانىنىڭ ھاياققاقىيالمايۋاتقانلىق ھېسياتى تولىمۇ نازۇك ئىپادىلەپ بېرىلگەن.ياشىنىپ قالغن بۇئانىنىڭ غېرىب-مىسكىنلىكى كەچ كۈز پەسلىدىكى خازاڭلارئۇچۇپ يۈرگەن،
ھەرىلەرسوغۇقتاجان تالىشۋاتقان ۋاقىتقا تولىمۇ ئوخشىشپ كېتىدۇ.«كەچ كۈز»ئانا ئۆمىرىنىڭ ساناقلىقلا كۈنلىرىنىڭ قالغانلىقغا سىمىۋول قىلىنغان بولۇپ،ئانىنىڭ مىسكىن روھى كەيپىياتىغا تولىمۇ ماس كېلدۇ.شۇڭا ئەسەرگە«كەچ كۈزىدىكى غېرىبلىق»دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
3.تۆۋەندىكى دىئالوگلارنى ئوقۇپ ئانىنىڭ خاراكتىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
ئانا: ھەيدەرمۇ سەن بالام؟بۈگۈن ئەجەپ كىچىكتىڭا؟
ھەيدەر: ياق،ئاپا كېچىكمىدىم،باشقا كۈنلەردىكىگە ئوخشاش.
ئانا:  شۇنداقمۇ؟ماڭا ئۇزاق بىلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.يېنىمدا بىردەم ئولتۇرغنا.
ھەيدەر: بىزمۇ سىزنى كۆپ خاپا قىلدۇق.
ئانا: ياق بالام،باللىرىمدىن خاپا ئەمەسمەن.بالىنڭ خاپىلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېسدە قالمايدۇ. پەقەت قېرىغان چېغىدا «ھالىڭ نېچۈك» دەپ ئىككى ئېغىز تاتلىق گېپى بىلەن ئازراق ۋاقتىنى ئايىماي ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويسا،بولدى شۇكۇپايە.
ئانا: ماڭا بىر يېڭى كۆينەك تىككۈزۈپ بەرگەن بولساڭ.ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا،يۇيغۇچىغا قويغۇدەك بولسىلابولدۇ.«ئۆلۈك نەگە باردۇ،دېسە تىرىكنىڭ گۆرىنى ئاچقىلى»دەيدىغان گە پ بار.يۇيغۇچىغا نېمە قويۇپتۇ،دېسە سىلەرگە سەت.
مۇستەھكەملەش مەشقى
بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.
(1) «كەچكۈزىدىكى غېرىبلىق»نىڭ ئاپتورى (    )بولۇپ،ئۇ (     تۇغۇلغان.
(2).قېرىمايدىغان ئادەم يوق،(                   )
(3).يەيدىغنىمنى يەپ،ياشايدىغىنمنى ياشاپ بولدۇم،بالام.دېگەن جۈملىدىكى قاراتما سۆز (            )
تاپشۇرۇق:
ئاتا-ئانا،بوۋا-مومىلىرىڭىزغا كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئىزھار قىلىپ بىرپارچە سالام خەت يېزىڭ.
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ