| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تىزىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ

ۋاقىت : 2013-01-06 00:49 | مەنبەسى : 未知 | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تىزىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوق؟



كامبىرىچ  ئۇنىۋېرسىتېتى مەنزېرىسى


دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەريىلى تۈرلۈك «ئالىي مەكتەپلەر رېتى» نى تىزىپ چىقىدۇ. ئەمما يېقىندا ياۋرۇپادا بولۇپمۇ گېرمانىيەدە كىشىلەر «ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تىزىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ يوق؟» دېگەن تېمىدا بىر مەيدان قىزغىن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ياۋرۇپادىكى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەسىپ تاللىغاندا كەسپ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن  نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. مەسىلەن گېرمانىيەدە 300 ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت، پۈتۈن ياۋرۇپادا ئاز دېگەندىمۇ 4000 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، تەسىس قىلىنغان كەسپىي دەرسلىك 100 مىڭغا يېتىدۇ. ئەمما، ياۋرۇپادىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەر ئۇچۇلار ئىنتايىن ئاز، شۇڭا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تىزىملىكى ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق بولغان كونكرېت خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىيەلمىدى.
ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تىزىملىكى خەلقئارالىق ۋە مەملىكەتلىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. خەلقئارالىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شەرەپ تاختىسىدا ياۋرۇپادىكى جىق مەكتەپلەرنىڭ نامى يوق. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى. ياۋرۇپادىكى ئالىي مەكتەپلەردىن پەقەت ئەڭ ياخشىلىرى بۇ تىزىملىككە كىرەلىگەن، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ بۇ شەرەپ تاختىسى تىزىملىكىنىڭ ئوندىن كېيىنكى ئورۇنلىرىغا ئارانلا تىزىلغان. بۇ خىل رەت تىزىملىكى سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلار ياۋرۇپادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ  ئۇچۇرلىرىغا تولۇق ئېرىشەلمىگەن. خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكى ئاساسلىقى پەن تەتقىقات ساھەسىگە چېتىلىدۇ، شۇڭا كەسىپ، پەن ۋە ئوقۇتۇش جەھەتلەردە چۈشۈنۈشكە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەرلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.
ئۇنداقتا، ئەگەر كونكرېت بىر كەسىپنى چۈشەنمەكچى بولغاندا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى رەت تىزىملىكىدە ئاندىن كېرەكلىك ئۇچۇلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. گېرمانىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت تەرەققىيات مەركىزى تەرىپىدىن چىقىرىلغان رەت تىزىملىكى، ئىقتىساد كەسپىي ساھەسىگە چېتىلغان رەت تىزىملىكى بار. ئەمما، گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭدەك رەت تىزىملىكىدىن يەنىلا رازى ئەمەس. چۈنكى بۇنداق شەرەپ تاختىلىرى بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، تىزىملىكتىكى ئورنى بىلەنلا بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى ياخشى ياكى ئەسكى دېگىلى بولمايدۇ، ھەربىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دېدى :«ئەڭ مۇھىمى، كىشىلەر چوقۇم مۇلاھىزە قىلىشى كېرەك، مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىلمىي ئورگانلار بولۇپمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلمىي ئورگانلار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، بەسلىشىشلەر ئارقىلىق نۇرغۇن مەغلۇب بولغۇچىلار بارلىققا كەلگەن، بۇ خاھىشنىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرى بولسا :‹ بىزنىڭ مەكتەپكە كەلمە، بىز ھەممىدىن ناچار› دېگەندەك سەلبىي ئۇچۇرلار بولۇپ، بۇ پەقەت پۇت دەسسەپ تۇرالمەيدۇ. رەت تىزىملىك شۇ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى ناچار دېگەندەك خاتا ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ. بىر مۇكەممەل دۆلەت ۋە مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ياشلارنى سەۋىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ئۆگىنىش دەرسلىكى بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيتىمىز بار، ئالىي مەكتەپلەردىكى رىقابەت جەريانىدا ئۆز-ئارا ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنى ئامال بار توسۇپ، مەكتەپ نامىنى ياخشى كۆتۈرۈپ، شەرەپ تاختىسىغا چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك». ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىلا بۇنداق تەنقىدىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قالماستىن، گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسلىق بىرلەشمىسى ئەزا مەكتەپلەرنىڭ بۇنداق تىزىملىكلەرگە قاتناشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى بۇنداق شەرەپ تىزىملىكلىرىدىكى يوچۇقلار ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. تارىخشۇناسلار جەمئىيىتىمۇ  رەت تىزىملىكىگە قارشى تۇرۇشنى مۇراجەت قىلدى. لايپېسى ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئۆتكەن يىلى يازدا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدەك شەرەپ تىزىملىكلىرىگە قاتنىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغان.
ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق باھالاشنىڭ چىقىمى كۆپ، پايدىسى يوق دېيەرلىككەن. ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. مەسىلەن: ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىر 12 ئادەمدىن تۈزۈلگەن بىر بۆلىمى بار بولۇپ، ئۇلار باشقا ئىش قىلمايدۇ، مەخسۇس توپلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەش، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەرخىل شەرەپ تاختىسىغا چىققان چىقمىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسلىھەت سوراشلارغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئەمما ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپى تىزىملىكىنى قوللايدىغانلارنىڭ قارىشىچە، ئوقۇغۇچىلار بۇ تىزىملىك ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەس-مۇنازىرىلەر يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
ئالدىنقى ئەسەر:قوش تىل مائارىپى سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(3)
كىيىنكى ئەسەر:يوق
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>