بالىلارنىڭ روھىنى‹‹ئەخلاق قۇۋۋەت تالقىنى››بىلەنمۇ ئوزۇقلاندۇرايلى مەخەت مەخمۇت بىر كۈنى چۈشتە ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم. پىيادىلەر يولىدا بىر توپ بالىنىڭ ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلار كۆپ بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار ئىدى. بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتتى. بالىلار ئاتا – ئانىنىڭ ئۈمىدى. چوڭراق مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى. ھازىر كۆپىنچە ئاتا – ئانىلار ئىككى پەرزەنتلىك بولغاچقا، بالىلىرىنى ئەقىللىق، ساغلام چوڭ قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزلىرى يېمەي بالىلىرىغا يېگۈزۈپ، ئۆزلىرى كىيمەي بالىلىرىغا كىيگۈزۈپ چوڭ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ‹‹ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى››، ‹‹بالىلار قۇۋۋەت تالقىنى››، ‹‹جياجياگەي›› قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول يېمەكلىكلەرنى يېگۈزىدۇ. ئەپسۇسكى، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا تېخىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان، ئۈمىدىنىڭ چېچەك ئېچىشىغا كاپالەت ۋە ئاساس بولىدىغان ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قارىماقتا. بىزدە ‹‹كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن، يىلنىڭ ئىشى باھاردىن›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. دېمەك، ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئەتراپلىق ئويلىنىش، ‹‹سۇ كەلگۈچە تۇغان سېلىش›› لازىم. بىز بالىلىرىمىزنىڭ چوڭ بولۇپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇدەك بولغۇچە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا بىلىم، پەزىلەت، ئىلمىي ئاڭ تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. ‹‹بالا كىچىك›› دەپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى سەزمەي قېلىشتىن، ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان نەتىجىنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك. كىچىك ۋاقىتتا ئالغان تەربىيە خۇددى ‹‹تاشقا مۆھۈر باسقاندەك›› مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ. بالىلارغا كىچىك چېغىدىن باشلاپلا، يۈرۈش – تۇرۇش، گەپ – سۆز، كىشىلىك مۇناسىۋەت، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەربىيەنى ماس ھالدا سىڭدۈرۈپ مېڭىش ناھايىتى مۇھىم. كىچىكىدىن ئەخلاقلىق تەربىيەلەنگەن بالىلار ئاتا – ئانىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ، مەكتەپكە شان – شەرەپ كەلتۈرىدۇ، جەمئىيەتكە تېگىشلىك ھەسسە قوشالايدۇ. شۇڭا، كىچىكىدىنلا بالىلارغا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەر خىل قۇۋۋەت تالقانلىرىنى بېرىپلا قالماي، بالىلىرىمىزنىڭ روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ‹‹ئەخلاق قۇۋۋەت تالقىنى››نى يېتەرلىك بېرىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇپ چىقىشىغا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى.
|