قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ۋە گىرىم قىلىش ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق . ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن ، كۈمۈش ، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم ، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان . ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار ، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل - گىياھلار خوتۇن - قىزلارنىڭ بويۇن ۋە قۇلاقلىرىدا زىننەت بويۇمى بولۇپ ئەكس ئەتكەن . تۆۋەندە بۇ زىننەت بويۇملىرى ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز : بىرىنچى : بارماققا ئالتۇندىن ئۈزۈك ياساپ ، ئۇنىڭغا ياقۇت ۋە قاشتېشىلاردىن كۆز سالدۇرۇپ ، بۇنى « ئۈزۈك» دەپ ئاتىشاتتى . كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا ، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولغان . شۇڭا ، سۈزۈك ئاق قاشتېشىدىن كۆز قويۇلغان ئۈزۈكنى ئەرلەرمۇ بارماقلىرىغا سېلىۋالاتتى . ئەرلەرنىڭ بۇ ئۈزۈكنى تاقىشى زىننەتلەش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . قاشتېشىنى بۆزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا بۆزمۇ ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ ، ئۇسسىغان ئادەم ئۇنى ئاغزىغا سالسا ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ . ئىككىنچى ، ئەرلەر ئۈزۈكتىن باشقا زىننەت بويۇمى تاقىمايدىغان بولۇپ ، كەمەرلەرگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان توقىلارنى بېكىتەتتى ، خانلارنىڭ كەمەرلىرى تېخىمۇ ئېسىل بولاتتى . ھەتتا گۆھەردىن كۆز قويۇلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا زۇلپىقار ۋە ئېگەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ساپلىرىمۇ ئېسىل تاشلار ۋە ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن زىننەتلىنەتتى ، بۇنداق زىننەتلەش ئۇسۇلى « ئۇستەم» دىيىلەتتى . ئۈچىنچى ، « بوز مۇنچاق » دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى بولۇپ ، بۇ ئىپار سۆكتىن ياسىلىپ ، قىز - ئاياللار تاقىشىدۇ . تۆتىنچى ، خوتۇنلار قۇلىقىغا سالىدىغان بىر خىل زىرە بولۇپ ، بۇ ھالقا زەنجىرلىك بولىدۇ . شۇڭا ، ئۇنى« كۈپە» دەپ ئاتىشاتتى . خۇددى زەنجىرلىك ساۋۇتنى « كۈپە يارىق» دېگەنگە ئوخشاش . بەشىنچى ، نىكاھ كېچىسى كېلىنگە تاقاپ قويۇلىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق زىننەت بويۇمى بولۇپ ، ئۇ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ ، ئۈستىگە قىممەت باھالىق تاش ۋە مەرۋايىت ئورنىتىلىدۇ . بۇ « بوغماق » دەپ ئاتالغان . ئالتىنچى ، قۇلاققا سېلىنىدىغان ھالقىنىڭ « تولغاق » سۆكە دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرقانچە خىلى بار بولۇپ ، ئۇنى « يىنچۇ تولغاق » (ئۈنچە ھالقا) دەپ ئاتاشقان . يەتتىنچى ، خوتۇن - قىزلار دوپپىلىرىغا ئالتۇن قاداق تۇتىدۇ . بۇنى« بۆرك بورتىلاندى» دەپ ئاتىلاتتى ، بۇنىڭ مەنىسى بۆككە ئالتۇن قاداق تۇتتى دېگەننى بىلدۈرەتتى . سەككىزىنچى ، يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ھەر خىل ياقۇت ۋە تاشلاردىن بوينىغا مارجان ئاسىدىغان ۋە ئالتۇندىن بۇلاپكا تاقايدىغان ئادەتلىرىمۇ بار . مەسىلەن ،« باقان » دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىننەت بويۇمى بار ئىدى . بۇ ئالتۇن ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان بويۇن ھالقا ياكى ئالتۇن چەمبەر . بۇنى «ئالتۇن باقان » دەپ ئاتىشاتتى . مارجاننى بولسا « ساتا» دەپ ، قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغىنىنى« مۇنچۇق» دەپ ئاتاشقان .ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن . ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن . بۇلارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۈلگىلەرنىڭ بىرى . قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرىدىن : 1. ئەڭلىك . بۇ ئاياللار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق . يەنە ئۇپىمۇ بار . ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدە قەدىمدىن تارتىپ مەڭىزنىڭ قىزىل بولۇشى ساغلاملىق ، گۈزەللىك ، نومۇسلۇق ۋە ئۇياتلىقنىڭ ئىپادىسى ، دەپ قارىلىدۇ . يۈزىدە قېنى بولمىغان ئادەملەر يامان خاراكتېرلىك ياكى كېسەل ، دەپ قارىلىدۇ . شۇڭا ، يۈزىنى قىزارتىدىغان كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلاتتى . 2. ئۇلاش ۋە كۆپتۈرۈش شەكلىدىكى پەرداز . ئۇيغۇرلار چاچنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلغان ھەم چاچنى قەدىرلىگەن . ھەممە كىشىنىڭ چېچى كۆڭۈلدىكىدەك قويۇق ھەم ئۇزۇن بولۇشى ناتايىن . شۇڭا ، بۇنداق كەملىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چاچنى كۆپتۈرۈش ۋە چاچقا سۈنئىي چاچ ئۇلاش ئارقىلىق تولۇقلىغان . بۇنداق چاچ ئۇلاش 2 خىل بولۇپ ، بىرى ، چېچىغا چۇپۇردىن چاچ ياساپ ئۇلاپ ، چېچىنى ئۇزۇن ھەم توم كۆرسىتەتتى . بۇنداق يالغان چاچ «ئۆڭىك» دېيىلىدىكەن . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى بولسا«ئۆرگۈچ» دەپ ئاتايدىكەن . ئەگەر چېچى يوق ياكى چېچى شالاڭلار ئۆچكە چۇپۇرىدىن ماڭلاي چاچ ياساپ ، ئاز چاچنى كۆپتۈرۈپ كۆپ قىلىپ كۆرسىتىدىكەن . 3. سىلىقلاش شەكلىدىكى پەرداز ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىدىكى ۋە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلاپ سىلىقلاشقا قەدىمدىن تارتىپ ئادەتلەنگەن . قاشلىرىنى موچىن بىلەن تېرىپ ئىنچىكلەشتۈرۈش ، يۈزىدىكى تۈكلەرگە يىپ سېلىپ سىلىقلاپ تۇرۇشنى ئۇلار «مەڭدەشتى» دەپ ئاتىغان . يۈزىگە يىپ سېلىپ تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى ، يۈزلىرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش رولىغا ئىگە بولغان . بەدەندىكى مويلارنى چۈشۈرۈشكە بولسا ، «ئودۇتال» دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس تۈك چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھاك ئارلاشمىسى بولۇپ، شۇنى ئىشلەتكەن . ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويۇشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ، چاچلىرىغا جىگدە يېلىمى سۈرتۈپ چاچلىرىنى قۇۋۋەتلەپ كەلگەن . دېمەك ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمقى گىرىم قىلىش ئادەتلىرىدىن قارايدىغان بولساق ، ئۇلاردىكى گۈزەللىككە بولغان قارىشى ئېنىق بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئۆرپ - ئادەت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئۆزلىرىدىكى چاچنىڭ توم ۋا قارا بولىشىغا ، ئۇزۇن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . ھازىرقى گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىش سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ . ئۇزۇن چاچلىقلاردىن قىسقا چاچلىقلار كۆپ . قارا چاچلىقلاردىن رەڭلىك چاچلىقلار كۆپ . گۈزەللىك ئۇ ئۆزىمىزدە . ئۆزىمىزدىكى خاسلىقنى ھەرگىزمۇ يوقىتىپ قويمايلى !
|