زاكا تاللىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
![]() قەغەز زاكا قولايلىق، ئىشلىتىش ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، ناھايتى تېزلا ئومۇملاشتى . بىراق زاكا تاللاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ، سۈپەتسىز زاكىلار ئاسانلا بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مەرپۇغە ھەسەندىن ئىگىلىشىچە ، ئاتا-ئانىلار زاكا تاللاشتا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ ، سۈپەتلىكنى تاللىشى كېرەك . بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا ، مىكروبقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ ، شۇڭا بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم : 1. زاكىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش . ئەگەر زاكا بەك قېلىن بولۇپ كەتكەندە ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ياخشى بولماي ، نەملىكنى تارقىتالمايدۇ -دە ، تېرىنى قىزىتىپ بالىنى بىئارام قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭدا بالىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ . 2. بوۋىقىغا ئەڭ ماس كېلىدىغىنىنى تاللاش . ئاتا-ئانىلار ئوخشاشمىغان ماركىدىكىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ بېقىش ئارقىلىق بوۋىقىغا ئەڭ ماس كەلگىنىنى تاللاپ ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ياخشى تەدبىر . 3. زاكىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە دىققەت قىلىش ، ھۆل بولغاندىن كېيىن پاختىسى بۆلۈنۈپ ، بىر يەرگە يىغىلىۋالىدىغان زاكىلارنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك لازىم . 4 . ئۆلچەملىكنى سېتىۋېلىش . بەزى زاكىلارنىڭ بوۋاق بەدىنىگە تېگىشىپ تۇرىدىغان ئورنىغا سۇلياۋ ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن بولىدۇ ، سۇلياۋ بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ ، داۋاملىق ئىشلەتكەندە ، تېگىشىپ تۇرغان ئورۇن قىزىرىش ، رېئاكسىيە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . بۇ تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ . ‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى.
|