لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەلى ئەمەت لوپنۇرلۇقلار ياكى لوپلۇقلار ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان لوپنۇر كۆلى رايونى، جۈملىدىن تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۈستىدە بىر قىسىم تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن لوپنۇرلۇقلار كىملەر، ئۇلار نەدىن كەلگەن دېگەندەك مەسىلىلەرئۈستىدىكى تەتقىقاتلار تېخى دېگەندەك چوڭقۇرلاشقىنى يوق. . 1 «لوپنۇر»، «لوپ» ئاتالغۇلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار «لوپنۇر» ئاتالغۇسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېزىلغان«مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى»، «غەربى يۇرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم»، «جۇڭغارلارنى تىنجىتىش ئومۇمىي پىلانى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن باشلاپ كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ نام 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ بۇ رايونغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە شۇنداق ئاتىشى نەتىجىسىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، 1957- يىلى جاي ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا«لوپنۇر»نىڭ ناھيە نامى قىلىپ بېكىتىلىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. «لوپنۇر» سۆزىنىڭ مەنبەسىدىن قارىغاندا«لوپ» سۆزى ئۇنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇر. «لوپ» تارىخى ئۇزاق ئاتالغۇ بولۇپ، 13- ئەسىرلەردىن بۇيانلا يەر نامى ۋە كىشىلەرنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا تىبەتچە يازمىلاردا نوب(Nob) ئاتالغان. كىيىنكى دەۋرلەردە «لوپ» ئاتالمىسىغا موڭغۇلچىدىكى«كۆل» مەنىسىنى بىرىدىغان «نۇر» سۆزىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن «لوپنۇر» ئاتالغۇسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەنىسنى مىنىڭچە«لوپ كۆلى»،«لوپتىكى كۆل» دېگەندەك ئىزاھلىساق ئەڭ مۇۋاپىق. بەزى ماتىرىياللاردا لوپنۇرنىڭ مەنىسى«سۇلارنىڭ يىغىلىدىغان جايى» دەپ ئىزاھلانغان، ھەقىقەتەنمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇھىم دەريالار بولغان تارىم، كۆنچى، چەرچەن دەريالىرىنىڭ سۈيى بۇ جايغا يىغىلىدۇ، بىراق بۇ دەل جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە قارىتا بېرىلگەن ئىزاھ بولۇپ ئەسلى سۆزگە ماس كەلمەيدۇ. «لوپ» دېگەن بۇ ئىسىم ئەڭ ئاۋۋال ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. خاتىرىدە «چەرچەندىن چىقىپ شارائىتى بەكمۇ ناچار بىر چۆللۈكتە بەش كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ چېتىدىكى لوپقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. لوپ راباتى شەرقىي شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا تەۋە، ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[1]. خاتىرىدىكى «لوپ» ھەرگىزمۇ ھازىرقى خوتەننىڭ لوپ ناھيەسى ئەمەس. قەدىمكى لوپنىڭ ئورنى توغرىسىدا نۇرغۇن كۆز قاراش بار، بەزىلەر ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مىرەننى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ؛ غالىپ بارات ئەرك ئەپەندى بولسا ۋاششەھرى خارابىسى دەل قەدىمكى لوپ دەپ قارايدۇ، مېنىڭچىمۇ ۋاششەھرى خارابىسى قەدىمكى لوپ بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ماركوپولو ئېيىتقان لوپ بازىرى مەيلى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى بولسۇن ياكى مىرەن خارابىسى بولسۇن ۋە ياكى ۋاششەھرى خارابىسى بولسۇن، ئۇنىڭ چاقىلىق تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇندىن باشقا «تارىخى رەشىدىي»نىڭ 3-بابىدا «قارا قۇرۇم خاراب بولغاندا، مەۋلانا شۇجائىددىننىڭ ئوغلى خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر كەتىك (خەنزۇچە نەشرىدە罗布·怯台Lob katak دەپ ئېلىنغان) شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ناھايىتى ئىززەتلىنىپتۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[2]. يەنە مۇشۇ كىتابنىڭ 32-بابىدا «ئۇۋەيىسخان ناھايىتى تەقۋادار ئادەم ئىكەن، ھاياتىنى پاكلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈچۈن تۇرپان، تارىم، لوپ ۋە كەتىك تەرەپلىرىگە باراتتى» دەپ خاتىرلەنگەن[3]. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يوقىرىدىكى يازما ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان «لوپ» نامى ھەرگىز تاساددىپىي قويۇلۇپ قالمىغان، چۈنكى لوپنۇرلۇقلار ئۆزىنى بۇرۇن لوپلۇق، لوپتۇق دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئەمدى بىز «لوپ» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر جاي ناملىرىغا قاراپ باقايلى: لوپنۇر ناھيەسى؛ چاقىلىق ناھىيەسىدىكى لوپلۇقلار، لوپنۇر كۆلى، لوپ لەنگەر؛ كورلىدىكى لوپئېرىق؛ پىچاندىكى لوپ كارىز؛ قومۇلدىكى لاپچۇق؛ لوپ ناھيەسى قاتارلىقلار. بۇ ناملاردىن قارىغاندا «لوپ» سۆزى بىلەن ئاتالغان جاي ناملىرى ئاساسلىق لوپنۇر ۋە چاقىلىق ناھيەسىگە تارقالغان. پىچان، قومۇلدىكى «لوپ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناملارغا كەلسەك، بۇ جايلار لوپنۇر رايونى بىلەن قوشنا رايونلار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇرلۇقلار لۈكچۈن ۋاڭى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، شۇڭلاشقا لوپنۇرلۇقلارنىڭ بۇ جايلارغا كۆچۈپ بارغان بولۇش ئېھتىماللىقى كۆپ. پىچاننىڭ دىغار يېزىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ لوپنۇردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. 2. لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر لى يىنپىڭ، لى نىڭ قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە «لوپنۇرلۇقلار ئەسلى قاراشەھەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردۇر، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشى ۋە باستۇرۇشى تەسىرىدە كىشىلەر ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى، شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر لوپنۇر رايونىغا كەلدى. تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى ئۇلار ئىپتىدائىي بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى، شۇنداقلا دىننىي ئېتىقادىدىمۇ سۇسلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان[4]. لى يىنپىڭ يەنە «خوتەن ۋە لوپنۇر رايونىدىكى قوش يۆنىلىشلىك كۆچمەنلەر» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خوتەندىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ[5]. ئەگەر بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا، قارا شەھەردىن لوپنۇرغا ئاھالە كۆچۈپ كېلىشتىن ئاۋال لوپنۇر رايونىدا باشقا ئاھالە يوق ئىدى، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. گەرچە قارا شەھەر، خوتەنلەردىن لوپنۇرغا كىشلەرنىڭ كۆچكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بولسىمۇ، لېكىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېيىشكە بولمايدۇ. لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا چەت ئەللىك بەزى تەتقىقاتچىلار ناھايىتى بۇرۇنلا توختالغان. مالوف، تېنىشىف قاتارلىقلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلىنى قىرغىز تىلىغا باغلاپ، «لوپنۇرلۇقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادىدۇر» دېگەن كۆز قاراشنى ياقلايدۇ[6]؛ يەنە بەزىلەر بولسا «لوپنۇرلۇقلار بىلەن دولانلىقلار بىر سىستېمىغا مەنسۇپ» دەپ قارايدۇ[7]. ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى زوكوتوۋ ئەپەندى 1761-يىلى لوپنۇرنى تەكشۈرگەن شۈ خېدېنىڭ دوكلاتى، «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم»، «غەربىي يۇرتنىڭ سۇ يوللىرى خاتىرىسى» ۋە «جۇڭغارلارنى تىنچىتىش» قاتارلىقلاردىكى خاتىرىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، «دولانلىقلار بىلەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئوخشاش بىر تىپقا تەۋە بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى، 1720-يىلىدىكى جۇڭغارلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر قارا شەھەر (كورلا، بۈگۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە تارىم دەرياسى بويلىرىدىكى ئاقسۇ، بارچۇق قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ دولانلىقلار دەپ ئاتالغان» دەپ قارايدۇ[8]. كېرىم رېھىم، ئابلا ئۆمەرلەر لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا بىرقەدەر بالدۇر ئىزدەنگەن بولۇپ، ئۇلار «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارغا كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا تەھلىل قىلىپ، قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ يەنىلا لوپنۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان[9]. تارىخ تەتقىقاتچىسى مياۋ پۇشىڭ ئەپەندى «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دولان ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ماقالىدە «مەيلى ‹ۋېينامە› ۋە ياكى ‹قانۇنلار قامۇسى›دا خاتىرلەنگەن ئېفتالىتلار (乙弗敌)بولسۇن، ھەممىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىردەك، بۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن قەبىلە ياكى ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ[10]. لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخ-مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان غالىپ بارات ئەركمۇ «لوپلۇقلار قەدىمدىن لوپ رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالە، كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادى سېرىق ئۇيغۇرلاردۇر» دەپ قارايدۇ[11]. تىلشۇناس، ئالىم مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟» ناملىق ماقالىسىدە تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا «چۇمۇللار لوپنۇرلۇقلارنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغان» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ[12]. يۇقىرىقى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالىدىن ئىبارەت دېگەن كۆزقاراشقا بولغان مايىللىقنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. 3. لوپنۇرلۇقلارنىڭ تەركىبى، تىل، ئېتىقات ۋە ئىگىلىك ئادەتلىرىدىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسىگە نەزەر مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە مويدىن سايىت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك، لوپنۇرلۇقلار ئۆز ئىچىدىن قارا قوشۇنلۇق، يان (ياللا، يانلار)، جوداقتا، قالماقتا (قالماقلار)، قالۇچى، قىرغىزلار دېگەندەك تەركىبلەرگە بۆلۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىردەك لوپنۇر دىيالېكىتىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ تەركىبلەرنىڭ ئىچىدە قارا قوشۇنلۇقلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىللەيدىغان بولۇپ، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى مىرەندىن تاكى لوپنۇر ناھيەسىنىڭ غەربىگە 200 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدىكى جايلارغا تارقالغان. بىز دەۋاتقان لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ تۈپكى گەۋدىسى دەل موشۇ قارا قوشۇنلۇقلاردىن ئىبارەت. قارا قوشۇنلۇقلاردىن قالسا بىر قەدەر كۆپرەكى يانلاردۇر. مىرسۇلتان ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يانلار ئاساسلىقى تۇرپان، پىچان، قومۇلدىن كەلگەن. مىنىڭچە لى يىنپىڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان قارا شەھەردىن كەلگەنلەرمۇ دەل مۇشۇ يانلار بولۇشى مۇمكىن. لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتايدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇلار لوپنۇرنىڭ غەربىگە جايلاشقان. ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزىنى قىرغىز دەپ ئاتايدۇ. مىرسۇلتان ئەپەندى ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇلار يېقىنقى دەۋرلەردە غەربتىن (ئېھتىمال باي ناھيەسى تەرەپتىن) كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ لوپنۇرنىڭ قارچۇغا يېزىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان بىر رىۋايەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇچانىڭ ياقا دېگەن يېرىدىن بۇرۇن بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى يەنى ئۆگەن دەرياسى بويىدا «قىرغىز»، «ئوپقان» دېگەن مەھەللىلەر بار. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىيگەن قالپىقىغا قاراپلا ئۇلارنى قىرغىز دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. باشقا يۇرتلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلاردىمۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ قالپىقىغا ئوخشاش قالپاق كىيىدىغان ئادەت بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە لوپنۇرلۇقلارنىڭ قالپىقى بىلەن قىرغىز قالپىقىدىمۇ مەلۇم پەرق بار. لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى توغرىسىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، يوسۇن مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «جوسۇن»، يىرگىنىش مەنىسىدىكى «جىرگەن» سۆزدىن باشقا «ي» ئورنىغا «ج» ئىشلىتىلىدىغان سۆز يوق. ھازىر بۇ سۆزلەرمۇ تولۇق يوقىلىپ ئاممىبابلىشىپ كەتتى. يۇقىرىقى 3 تەركىبدىن باشقا جوداق، قالماقتا (قالماق)، قالۇچىلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق، گەرچە بۇلار توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ بىرنەچچە ئېتنىك تەركىبنىڭ ئاھالە سانىغا قاراپ باقساق، تىلشۇناس ھاشىم تۇردى ۋە مىھراي ياقۇپلار 1980- يىلىنىڭ بېشىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېگىلىگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا «قالماق»، «جوداخ»، «قالۇچى»لارنىڭ ئومۇمى سانى 500 ئەتىراپىدا، «قىرغىز»لارنىڭ سانى 250 ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇلار يەنە «1982- يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، لوپنۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 30 مىڭدىن كۆپرەك، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بەش مىڭدىن كۆپرەك، موڭغۇللار ۋە قىرغىزلارنىڭ ئەۋلاردلىرىنىڭ سانى 800دىن ئاشمايدۇ. قالغان 24 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئاھالە باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلمىگەن، ئۇلار لوپ رايونىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يەرلىك ئاھالىلەردۇر» دەپ يازغان[13]. نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى، قالماق، قىرغىز، جوداخ، قالۇچىلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى قىلىپ قالغان 24 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس دەل قارا قوشۇنلۇقلاردىن ئىبارەت. ئەمدى لوپنۇرلۇقلارنىڭ تەشكىل قىلغۇچى بۇ تەركىبلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، لوپنۇرلۇقلار ئىلگىرى سرتتىن كەلگەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ يانلار دەپ ئاتىغان، ئۇلار بىلەن ئانچە قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەتمىگەن، شۇنداقلا ئۆزئارا قىزمۇ چىقىرىشمىغان. بۇ خىل ئەھۋاللاردىن بىز ئۇلارنىڭ سرتتىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، قارا قوشۇنلۇقلارنىڭلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، لوپنۇر رايونى ئەتراپتىكى باشقا يۇرتلاردىن نىسبەتەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتنىشى قولايسىز، ئاھالىسى تارقاق، شۇڭا ئىسلام دىنى بۇ رايونغا كېيىنرەك كىرگەن. «تارىخى رەشىدىي»دە «خان (يەنى خىزىر خاجە) شۇ كۈنلەردە خىتاي (بۇيەردە قىتانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) تەرىپىگە يۈرۈش قىلدى. تۇرپان ۋە قاراخوجا شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مەملىكىتىگە قوشۇۋېلىنغانىدى، بۇ شەھەرلەر شۇ ۋىلايەتلەردىكى شەھەرلەرنىڭ چوڭراقى ئىدى. خىزىر خاجەخان ئۆزى يۈرۈش قىلىپ ئۇ دىيارنى ئىشغال قىلىپ ئىسلامغا كىرگۈزدى، ھازىرمۇ ئۇ يەرلەر ئىسلام يۇرتلىرىدۇر» دەپ خاتىرىلەنگەن[14]. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقە 1392-يىللىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ تۇرپاندا ھەقىقىي ئومۇملاشقان ۋاقتى تەخمىنەن 15-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋەقەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قارا شەھەر رايونىدا ئىسلام دىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 15-ئەسرلەردىن بۇرۇن تولۇق ئومۇملىشىپ بولغان بولىدۇ. بىراق چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇرلۇقلار قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كۆچكەن بولسا، ئۇلاردا ئىسلام دىنىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قويوق بولۇشى كېرەك، ئەگەر خوتەن ياكى دولاندىن كەلگەن بولسا تېخمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بىراق ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. مەسلەن: «تارىخى ھەمىدى»دە «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالار بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە پارچىلىنىپ ئېقىپ بېيجىڭ تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ. ئۇلارنى مۇسۇلمان دىسە مەسچىدى يوق، كۇپار دىسە بۇتخانىسى يوق» دەيدۇ[15]. «ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» دە بولسا «مۇسۇلمانمىكىن دىسە ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، سەدىقە قىلمايدۇ؛ مۇسۇلمان ئەمەسمىكىن دىسە ئىمان ئېيتىدۇ، مۇسۇلمانچە كىيىم كىيىدۇ، مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[16]. بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، لوپنۇرلۇقلار ھەرگىزمۇ باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. لى يىنپىڭ ئاساسلانغان خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى قارا شەھەردىن كۆچكەن ئاھالە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولماستىن، لوپنۇرلۇقلاردىكى «يانلار»دۇر. بۇ خىل ئەھۋال مىرسۇلتان ئەپەندى ئېيتقان يانلار ئاساسلىقى تۇرپان، پىچان، قومۇل تەرەپلەردىن كەلگەن، دېگەن بايانغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە بىز چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىنىڭ بىرى جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئېفتالىتلارغا دائىر خاتىرىلەردۇر. «ۋىينامە» 110-جىلىدتا «تۇيغۇنلارنىڭ شىمالىدا ئېفتالىتلار بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنى ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[17]. يەنە «قانۇنلار قامۇسى» (通典·边防) دىمۇ «ئېفتالىتلارنىڭ شىمالىدا چوڭ كۆل (屈海) بار، ئەتراپىدا نۇرغۇن ئاھالە بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنى ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[18]. بەزى تەتقىقاتچىلار چوڭ كۆل بۈگۈنكى چىڭخەي كۆلىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ[19]. ئەمما مياۋ پۇشېڭ ئەپەندى تۆۋەندىكى 3 نۇقتىغا ئاساسلىنىپ يازما ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان چوڭ كۆل(屈海)نىڭ چىڭخەي كۆلىنى ئەمەس بەلكى لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى[20]. بىرىنچى، چىڭخەي كۆلى تۇيغۇنلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، شىمالىدا ئەمەس؛ ئىككىنچى، «ۋىينامە . تۇيغۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە چىڭخەي كۆلىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق خاتىرلەنگەن يەنى چىڭخەي كۆلىنىڭ ئەتراپى تۈمەن چاقىرىم كېلىدۇ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك تاغ بار، دېيىلگەن، ئوخشاش بىر تەزكىرىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن چوقۇم ئېنىق بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، تەيخې 17-يىلى (497-يىلى) شىمالىي ۋېي سۇلالىسى تۇيغۇن خانىغا غەربنى ئىدارە قىلغۇچى سانغۇن (征西将军)، غەرب لەشكىرىي تۇتۇقى (都督西垂诸军事) ۋە غەربىي كۆل ئايمىقى تۆرىسى (西海郡开公) دېگەندەك مەرتىۋىلەرنى بەردى. تۇيغۇنلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ كىروران (ئەسلى ماتېرىيالدا鄯善 دەپ ئېلىنغان، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان鄯善 كىروران بەگلىكى بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77-يىلى كىروران بەگلىكى 楼兰 نامىنى鄯善 گە ئۆزگەرتكەن، بۇ ھازىرقى پىچان ناھىيەسىنى كۆرسەتمەيدۇ)، چەرچەن قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ باردى[21]. تۇيغۇنلارنىڭ چاقىلىق، چەرچەن قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى تارىخىي ئەمەلىيەتتۇر، بىز بۇ خاتىرىلەردىن چوڭ كۆل(屈海)نىڭ لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. ئەمدى بىز چىڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان خاتىرىلەرگە نەزەر سالساق، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشىغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. مەسىلەن: جۇڭغارلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارىنىڭ مەلۇماتنامىسىدە: «لوپنۇر كەڭرى زىمىن، ئورمانلىرى بۈك-باراقسان. كەمىنە 2-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى قاشقا (哈什哈) بىلەن كۆرۈشتۈم. ئېيتشلارغا قارىغاندا، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان 2000دىن كۆپرەك ئاھالە ئاقسۇ، دولان قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ، 600 ئادەملا قاپتۇ، ئۇلار بېلىقچىلىق بىلەن جان باقىدۇ» دەپ يېزىلغان[22]. چىيەنلۇڭ 26-يىلى (1761-يىلى) شۈ خېدې لوپنۇرلۇقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن يوللىغان دوكلاتىدا: «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىككى قەبىلىسى بار، بىرى قارا كۆل، يەنە بىرى قارا قوشۇن (哈喇和卓)دۇر (بۇ يەردىكى哈喇和卓 قارا قوشۇننىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، لوپنۇر كۆلىگە يېقىن ئەتراپتا مۇشۇنداق بىر جاينىڭ بارلىقى مەلۇم، بۇ تۇرپاندىكى قاراغوجىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ توغرىلىق لى يىنپىڭ ئەپەندىمۇ ماقالىسىدە ئالاھىدە ئىزاھات بەرگەن). ئۇلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، بېلىقنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[23]. «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى»دە: «لوپنۇرلۇقلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، چارۋا باقمايدۇ، قولۋاقتا يۈرۈپ بېلىق تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ، ياكى ياۋا كەندىر، ياكى خاش قۇش تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كېيىدۇ، ياكى بولمىسا قۇندۇز تېرىسى، خاش قۇش مامۇقىنى شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ، رەخت سېتىۋىلىپ كىيىم تىكىپ كېيىدۇ» دېيىلگەن[24]. «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دىن كېيىنرەك يېزىلغان «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم»دا بۇ ھەقتە قوشۇمچە قىلىنىپ «بەزى-بەزىدە كورلىدىكى مۇسۇلمانلار شەھىرىگە كېلىپ قالىدىغانلار دانلىق ئاشلىق، گۆش يېمەيدۇ، بۇ خىل نەرسىلەرنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىدۇ، كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار كورلىغا كېلىدۇ، باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن[25]؛ موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى»دە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ... ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ، ھەتتا بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپمۇ يەيدۇ. يەتتە ياشتىن-يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر قانداق ئەر-ئايال سۇ ئۈزۇۈشنى بىلىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن[26]. پىرژىۋالىسكىي لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆلگۈچىنى قولۋاققا دەپنە قىلىپ، ئۈستىدىن يەنە بىر قولۋاقنى يېپىپ دەپنە قىلىدىغان ئادەتلىرى توغرىسىدىكى مەلۇمات بەرگەن[27]. لوپنۇر رايونىدىن بېلىقچىلىققا ئائىت بىر قىسىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقالمىلارمۇ تېپىلدى. مەسىلەن: قۇم دەريا قەبرىستانلىقىدىكى قولۋاق شەكلىدىكى جەسەت ساندۇقلىرى ۋە قەبرە بېشىغا قادالغان پالاق شەكىللىك تىكلىمە ياغاچلار[28]، گۇمۇگۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بېلىق تورى[29]. گەرچە بىر قىسىم بايقالمىلارنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى بايقالمىلار خەن، جىن دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇلارنى يازما ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلساق لوپنۇر رايونىدا بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ خىلى بۇرۇنلا ئومۇملاشقانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز. يازما ماتېرىياللار ياكى ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىكى ئەھۋال بىلەن يېقىنقى دەۋرلەردىكى لوپنۇرلۇقلار ئەھۋالى ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، شۇڭلاشقا بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كىرورانلىقلار ياكى كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئېفتالىتلار بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرالمىساقمۇ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي سىرتتىن كۆچۈپ كەلمىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى
|