باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

«تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-06 01:15 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
«‹گەنسۇنىڭ شەرقى› دېگەن مەنىدىكى 东甘 دىن» ياكى «‹دۇنخۇاڭ (敦煌)› دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن» دېگەن قاراش

«تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە

ئابدۇۋەلى ئايۇپ.

«تۇڭگان» سۆزى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان خەنزۇ تىللىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە «تۇڭگان» بىر مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە ئۇلار «خۇيزۇ» (مۇسۇلمان مىللەت) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «تۇڭگان» مىللىتىنىڭ زادى ئايرىم مىللەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرە قىزىپ كەتتى. تەبىئىيكى، «تۇڭگان» دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى بۇ مۇنازىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئىدى.

تەتقىقاتلاردا «تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكىچە 6 خىل ئىزاھلانغان: بىرىنچى، «گەنسۇنىڭ شەرقى دېگەن مەنىدىكى 东甘 دىن» ياكى «دۇنخۇاڭ (敦煌) دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن» دېگەن قاراش ؛ ئىككىنچى، «شەنشى (陕西) دىكى 潼关 دىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛ ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇرغان،تۇرۇپ قالغان دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛ تۆتىنچى، «屯垦 (بوز ئاچماق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛ بەشىنچى، «تۈركىيە تۈركچىسىدىكى dongen (يانغان، قايتقان) دىن كەلگەن» دېگەن قاراش. ئالتىنچى، تۇڭگان تەتقىقاتچىلىرى تەشەببۇس قىلغان «يەرلىك (ئوتتۇرا ئاسىيالىق) تۇڭگانلار قوللىنىدىغان 东岸، 东岸子 دىن كەلگەن» دېگەن قاراشلاردىن ئىبارەت. مېنىڭچە بۇ قاراشلارنىڭ ئۆزىگە خاس داۋلىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلىدىغانلىقىغا سال قارالغان.

تەتقىقاتلارغا ۋە ئۇيغۇر يازما ماتېرىياللىرىغا نەزەر سالساق، «تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن رۇسچىغا كىرگەنلىكى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى ۋە مەنىسىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە تايىنىش لازىم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە يۇقىرىقى ئالتە خىل قاراشقا باھا بېرىپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى قاراشقا قارىساق، 东甘 سۆزى ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يەر نامى ئەمەس، يەنى گەنسۇنىڭ شەرقىي ھېچقاچان 东甘 دېيىلمەيدۇ. «دۇنخۇاڭ» سۆزىنىڭمۇ «تۇڭگان» غا ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا «خ» تاۋۇشى بىلەن «گ» تاۋۇشى بىر-بىرىگە نۆۋەتلەشمەيدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكى 潼关 (tong guan) شەنشىدىكى بىر يەر نامى بولۇپ، 1862-يىلى بىر بۆلۈك خۇيزۇلار بۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق بىز ئىزدىنىۋاتقان تۇڭگانلار يالغۇز بۇ يەردىنلا ئەمەس، بەلكى شەنشىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ۋە سىچۈەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىنمۇ كەلگەن. شۇڭا، 潼关 (tong guan) ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كەلگەن تۇڭگانلارغا ئورتاق نام بولالمايدۇ. تىل نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرسەك، 潼关 دېگەن سۆزدىكى guan ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ guwen ياكى ga:n بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش كېلەلمەيدۇ. ئۈچىنچى قاراشتىكى «تۇرۇپ قالغان، تۇرغان» سۆزلىرىنىڭ «تۇڭگان» سۆزىگە ئايلىنالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى بارلىكى كىشىگە ئايدىڭ. شۇڭا، بۇ ھەقتە توختالمايمەن. تۆتىنچى قاراشتىكى 屯垦 (tun ken) (بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش) سۆزى «تۇڭگان» دىن تەلەپپۇزدا كۆپ پەرقلىنىدۇ. ئەگەر tun ken سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ tün king ياكى tüng king بولىدۇكى ، ھەرگىزمۇ «تۇڭگان» بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈ» بىلەن «ئۇ»، «ئې» بىلەن «ئا» تىل ئورنى جەھەتتە كۆپ پەرقلىق. مەسىلەن:خەنزۇ تىلىدىكى( (zhen سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا jing دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن tunken دىكى ken سۆزى king غا ئۆزگىرىدۇكى، ھەرگىزمۇ kang ياكى gan بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ، بەشىنچى قاراشتىكى «dōn gan دىن كەلگەن» دېگۈچىلەر ئاساسلىقى تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار «تۇڭگان» سۆزىنىڭ رۇسچىدا Дунган (dun gan) قىلىپ يېزىلغانلىقىغا قاراپلا، تۈركىيە تۈركچىسىدىكى dōn gan (قايتقانلار، يانغانلار)غا ئوخشىتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خۇيزۇلارنى «ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەنزۇلار» دەپ قاراپ «ئۇلار ئىسلامغا dōn gen (قايتقان)» دېگەن تونۇش بويىچە ئۆز خۇلاسىسىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇڭگان» سۆزى رۇسچىغا كىرگەندە، رۇسچىدا «ڭ» تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ن» ھەرپى رۇسچىدا «د» بىلەن يېزىلغان، ئۇيغۇرچىدىكى «ت» ھەرپى رۇسچىدا «د» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا، رۇسچىدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ تۈركچە تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىش ئىلمىي ئەمەس. ئالتىنچى قاراشتىكى ««تۇڭگان» سۆزى( 东岸 dong an) دىن كەلگەن» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى خېلى كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار «ئۆز نامىمىز» دەپ قارايدىغان dongan بىلەن «تۇڭگان» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان dong an (شەرق تەرەپ) نىڭ قانداق بولۇپ مىللەت نامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىيالمايدۇ.

مېنىڭچە، «تۇڭگان» سۆزى ئالتىنچى قاراشتا دېيىلگەندەك dong an دىن كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە dong an بىلەن تۇڭگان ئوتتۇرىسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن:

ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە بىرىنچى بوغۇم سوزۇق تاۋۇز بىلەن باشلانسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇز بىلەن باشلانسۇن، كېيىنكى بوغۇم چوقۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسايدۇ. مەسىلەن، «سوئال، تەبىئەت، قۇرئان، پائالىيەت، بىئولوگىيە» قاتارلىق سۆزلەر كىرمە سۆزلەر بولۇپ ھەممىسىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان. بۇ سۆزلەر بىز تىلغا ئالغان يۇقىرىقى فونېتىكىلىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغىنى ئۈچۈن، جانلىق تىل تەلەپپۇزىمىزدا بىر تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ياكى بىر تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ياكى ئەسلىدىكى بوغۇم تۈزۈلۈشى ئۆزگىرىش قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، سوۋال(قوشۇلۇپ قېلىش)، تەبىيەت ، بىيولوگىيە (قوشۇلۇپ قېلىش)، پا:لىيەت (چۈشۈپ قېلىش)،«قۇران» (بوغۇم تۈزۈلۈشى ئۆزگىرىش).

东岸) dong an) سۆزىمۇ تۇڭگانلار ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن، جانلىق تىلدا يۇقىرىقى فونېتىكىلىق قائىدىگە بويسۇنۇپ، بوغۇم تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، dong an (دوڭ ئەن) دېگەن خەنزۇچە بوغۇم ھالىتىدىن «دوڭەن» شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە بوغۇمغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى بوغۇم بېشىدىكى «ڭ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا بىقۇلاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا بىر «گ» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى بويىچە، «ڭ» بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشىغا، «گ» ئىككىنچى بوغۇمنىڭ بىرىنچى تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ماڭا-ماڭغا، مۈڭۈز-مۈڭگۈز، ساڭا-ساڭغا، توڭۇز-توڭگۇز. بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

كىشى مەڭۈ بولماز بو مەڭۈ ئاتى.

ئانىن مەڭۈ قالدى بۇ ئەدگۈ ئاتى.
              (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)

بۇ بېيىتتىكى «مەڭۈ» سۆزى بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭۈ»، يەنە بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭگۈ» دەپ ئوقۇلىدۇ.

ئەمدى «dong an» نىڭ «توڭگەن» بولماي «توڭگان» بولۇپ قالغىنىغا كەلسەك، شەنشى ۋە گەنسۇلاردىن كەلگەن تۇڭگانلار «gan, an» بوغۇملىرىدىكى «a»نى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئا»غا ئارزاق يېقىن تەلەپپۇز قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر تىلىغا تۇڭگانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن 干饭 (گاڭپەن) سۆزىدىكى gan ئۇيغۇرچىغا «گاڭ» بولۇپ ئۆزلەشكەن. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «د» بىلەن «ت»نىڭ، «ئو» بىلەن «ئۇ»نىڭ نۆۋەتلىشىشى مەۋجۇت بولغاچقا، «دوڭ ئەن» سۆزى «دوڭگان»غا، «دوڭگان» بولسا «تۇڭگان»غا ئۆزگەرگەن.

«تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ 东岸نى «جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم» دەپ قارىغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شەنشى شېۋىسىدىكى «تەرەپ» دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، 东岸 «شەرق تەرەپ، شەرق» مەنىسىنى بېرىدىكەن. لېكىن، مەزكۇر تەتقىقاتچىلار جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان 东岸 نىڭ قانداقسىگە مىللەت نامى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

تەكشۈرۈشىمىزچە «تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلۈشى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان. موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (1822 1900) يازغان «غازات دەر مۈلۈكى چىن»دە:

ئەمىر ئەيدى «ئەي ئەھلى تۇنگانىلار

گىرىفتار مېھنەت دىل ئەفكارىلار»

دەپ يېزىلغىنىدەك، بۇ سۆز باشتىن-ئاخىر «تۇنگانى» شەكلىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ دەۋردە يېزىلغان «شەرھى شىكەستە»، «زەرفارنامە» قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئۇلۇغ تارىخچى، ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ناملىق شاھانە ئەسىرىدىمۇ يۇقىرىقىدەك «تۇنگان» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە «تۇنگانى» بىلەن تۇڭگان ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ن» تاۋۇشى بىلەن «ڭ» تاۋۇشى نۆۋەتلەشكەن. «تۇنگانى» دەپ يېزىلىشىغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا «ى» قوشۇمچىسى يەر ناملىرىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ «لىق، لىك»مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قوشۇمچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلسىمۇ ئاۋام تىلىدا كۆپ قوللىنىلمايدۇ. مەسىلەن، مەھمۇد كاشغەرى،موللا يۇنۇس ياركەندى،موللا ئەلەم شاھيارى»، بۇلار «قەشقەرلىك مەھمۇد، ياركەنتلىك يۇنۇس، شاھيارلىق موللا ئەلەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئاۋام تىلىدىكى كىشى ئىسىمىنىڭ كەينىگە يۇرتىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار. لېكىن، «لىق،لىك» مەنىسىدىكى «ى» قوشۇلمىغاچقا كېرەم ئاتۇش، ئابلىز خوتەن، تۇرسۇن شاڭخەي، غەيرەت ئوپال، ئالىم تۇرپان» دېگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

مۇشۇ قائىدە بويىچە 东岸 جۇغراپىيىلىق ئۇقۇم بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى «تۇڭگان»نىڭ كەينىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە «ى» قوشۇلۇپ يېزىلغان. خەلق تىلىدا بولسا «ى» قوشۇلماي «تۇڭگان» دېيىلگەن. مەنىسى ئوخشاشلا «شەرق تەرەپتىن كەلگەنلەر، شەرقلىقلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. تۇڭگانلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنمۇ ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ شەرقىدە بولغانلىقى بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

خۇلاسلىگەندە، 东岸) dong an) سۆزى تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كەلگەندە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نامى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا كىرمە سۆز سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسىگە بويسۇنۇپ «تۇڭگان» ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە «تۇنگانى» دەپ خاتىرىلىنىپ ئۇنىڭ ئەسلىي يەر-تەرەپ نامى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى «شەرقتىن كەلگەنلەر ياكى شەرقلىقلەر» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق ئىككىنچى سانىدىن ئېلىنغان.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر