باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

يۇرتىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-06 01:27 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇرپاندىن ئىدىقۇت تېغى ئارقىلىق گۇچۇڭغا ئۆتىدىغان ئۇلاغ يولىنىڭ قۇتاز داۋىنى (سازلىقنىڭ داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بىر چوققىنىڭ نا

يۇرتىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى

قاپاق ئاستى: بۇيەر مەكىت ناھىيە شېھىددۆڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 11 كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ جاي پايانسىز توغراقلىق ئىكەن، ئايىمخان ئىسىملىك بىر ئايال يوپۇرغىدىن بىر قاپاق سۇنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئۇ بۆرىدىن قورقۇپ قاپاقنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۆزى دەرەخكە چىقىۋاپتۇ، كەچتە بۆرىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاپتۇ، ئايال قورقۇپ كەتكىنىدىن دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بۆرىلەرگە يەم بوپتۇ. ئەتىسى يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلار دەرەخ شېخىغا ئېسىقلىق قاپاقنى كۆرۈپ، بۇ جاينى «قاپاق ئاستى»دەپ ئاتاپتۇ.

قانجۇغان: قانجۇغان ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى بىر قەدىمىي قورغاننىڭ نامى بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 2105 مېتىر ئېگىز، قانجوغان سۆزى قەدىمكى تۈركچىدە «قانغا بويالغان»دېگەن مەنىدە. قەدىمكى زاماندا بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، كۆپ قان تۆكۈلگەن ئىكەن.

ئاغىچام قىڭغاندى: بۇ قەدىمكى لۈكچۈن دۈنخۇاڭ يولىدىكى بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، لۈكچۈندىن 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا يول ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بولغاچقا، تىك يار ياقىلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، لۈكچۈنلۈك پېشقەدەم زات ئىسمائىل ھادىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىكى يېغىلىقلارنىڭ بىرىدە، لۈكچۈن ۋاڭى مۇشۇ يول بىلەن قاچقاندا، ئاغىچىسى مۇشۇ جايدىن ئۆتكىچە ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە قورقۇپ، بىر ياققا قىڭغىيىپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي«ئاغىچام قىڭغايدى»دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.

نىياز ئۇچقان چوققا: تۇرپاندىن ئىدىقۇت تېغى ئارقىلىق گۇچۇڭغا ئۆتىدىغان ئۇلاغ يولىنىڭ قۇتاز داۋىنى (سازلىقنىڭ داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بىر چوققىنىڭ نامى. پېشقەدەملەر بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ؛ ئىلگىرى چالغانتاغدىكى قوشنا ئىككى سايدا ئىككى باينىڭ ئاتلىرى ئوتلايدىكەن، بىرىنىڭ ئىسمى بارات باي بولۇپ، ئەل ئىچىدە يۈز ئابرويلۇق كىشى ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ھاجى بولۇپ، چالغانتاغنىڭ دىنىي مۆتىۋىرى ئىكەن. بۇ ئىككى زات ھەمىشە بىر بىرى بىلەن مەنمەنلىك تالىشىدىكەن. بارات باينىڭ ئايغىرى يامان ئىكەن، ئۇ دائىم ئۆز ئۇيۇرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھاجىنىڭ ئاتلىرىغا ئارام بەرمەيدىكەن، ھاجىنىڭ نىياز دىگەن بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى بارات باينىڭ ھېلىقى يامان ئايغىرىنى ئوغرىلاپ، گۇچۇڭغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەمشەلگەندە، بارات باينىڭ مالايلىرى ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ نىيازنى تۇتۇپ تاغقا ئېلىپ ماڭغانىكەن. نىياز ئۆيگە قايتىپ بارسا«ئوغرى»دېگەن ئاتاققا قېلىپ خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، تاغنىڭ تىك چوققىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چوققا «نىياز ئۇچقان چوققا»دەپ ئاتالغانىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ياۋا تۇڭگۇز لەڭگەر، ئەندىر لەڭگەر، ياۋا ئات قۇدۇقى، چىڭگىزلىك، ئوسمانباي ئۆتىڭى، تايلاق تۇتقان(تايلاق سوۋغا قىلىنغان دېگەن مەنىدە)، كالا ئاستى، يىلان كۆيدى، ئاق تاز دۆڭ، پاسلادوقا ماڭلاي، ئارغامچىنى بوش ئۆرىگەن، كالا ئۆلگەن دېگەندەك قىزىقارلىق يەر ناملىرى بار.

 

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر