باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ‹‹تەسلىمنامە››ئېلان قىلى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-06 01:31 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياپونىيەنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى مامورۇ شىگېمىتسۇ بىلەن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى يو

ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ‹‹تەسلىمنامە››ئېلان قىلىشىنىڭ باشئاخىرى

3سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈن. بۇنىڭدىن 65 يىل ئىلگىرىكى 2 سېنتەبىر ياپونىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ توكيو قولتۇقىدا توختىغان ‹‹مىسسۇرى›› ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدا تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان، 2 دۇنيا ئۇرۇشىمۇ ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

    ئامېرىكا تەسلىمنامىگە تەڭرىقۇتنى ئىمزا قويدۇرماقچى بولغان

  1945  يىلى 2 سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيەنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى مامورۇ شىگېمىتسۇ بىلەن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى يوشىجىرۇ ئۇمېزۇ ‹‹مىسسۇرى››ناملىق پاراخوتتا تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان. ئارقىدىنلا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، مارشال ماكئارتۇر ئىمزا قويغان، ئامېرىكا ۋەكىلى، جۇڭگو ۋەكىلى(شۈ يوڭچاڭ) ھەم ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن ئىمزا قويغان.

    ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە رادىيودا ئېلان قىلغان ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ تەسلىمنامىسىدا: ‹‹شوۋانىڭ 20 يىل 7 ئاينىڭ 26 كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى پوتىسدامدا ئېلان قىلغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قاتناشقان خىتابنامىدە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ماددىلارنى قوبۇل قىلدىم، شۇڭا ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە چوڭ لاگېرنىڭ ماڭا ۋاكالىتەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئالىي قوماندانى سۇنغان تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇشىنى ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئالىي قوماندانىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئېلان قىلىشىنى بۇيرۇيمەن. پۇقرالىرىمغا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، قوراللىرىنى تاشلاپ، تەسلىمنامىدىكى بارلىق ماددىلارنى ھەم ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە چوڭ لاگېر ئېلان قىلغان ئومۇمىي بۇيرۇقنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشنى بۇيرۇيمەن››، دېيىلگەن.

    بۇ ‹‹تەسلىمنامە››نىڭ ئورىگىنالىنى ئامېرىكا تۈزگەن. 1945 يىل 8 ئاينىڭ 14 كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ‹‹پوتىسدام شەرتنامىسى››دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلىپ، شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 8 ئاينىڭ 15 كۈنى سەھەر سائەت 7 دە (چۇڭچىڭ ۋاقتى) جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى ياپونىيەنىڭ تەسلىمنامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، گېنېرال ماكئارتۇر تۇرۇۋاتقان مانىلاغا ئەۋەتىپ، بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇغان. بۇ ‹‹تەسلىمنامە››نىڭ ئورىگىنالى ياپونىيەنىڭ تەسلىمنامىسى بىلەن بىرلىكتە 8 ئاينىڭ 20 كۈنى ياپونىيە ۋەكىلى رىۋېر توراشىروغا تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، ياپونىيە تەڭرىقۇتىدىن ئىمزا قويۇشنى ھەم تەسلىمنامىنى ئىمزا قويۇلغان كۈنىلا ماكئارتۇرغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيە پۇقرالىرىغا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

    ئامېرىكا تەسلىمنامىگە ئەسلىدە ياپونىيە تەڭرىقۇتىنى ئىمزا قويدۇرماقچى بولغان. 1945 يىلى 2 ئايدا، ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش ئىشتابى ۋە دېڭىز ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق ھەمكارلىق كومىتېتى قارىمىقىدىكى بىر كومىتېت روزۋېلىت زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان ياپونىيەنى شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلاش سىياسىتىگە ئاساسەن، ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندا كېرەك بولىدىغان ئىمزا ياكى ئېلان قىلىدىغان ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى تەييارلاپ قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ياپونىيە تەڭرىقۇتى ئىمزالايدىغان بىر پارچە ‹‹تەسلىمنامە ئۇقتۇرۇشى››مۇ بار ئىدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى گېرمانىيەنى تېزرەك مەغلۇپ قىلىش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەنى تەسلىم قىلدۇرۇشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى تېخى تۈزۈلمىگەن بولۇپ، ياپونىيەنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت كونكرېت لايىھە، جۈملىدىن ياپونىيەنى تەسلىم قىلدۇرىدىغان ھۆججەتنىڭ ماددىلىرى روزۋېلىت ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلمىغانىدى.

  8  ئاينىڭ 6 كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى خىروشىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى، 8 كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، 10 كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تەسلىم بولۇپ نوتا تاپشۇردى، بىراق ‹‹تەڭرىقۇتنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك››نى تەلەپ قىلدى. تۆت دۆلەت باشلىقلىرى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بېرناس ۋەكىل بولۇپ تەسلىمنامەنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ، ياپونىيەنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلىپ، ياپونىيە تەڭرىقۇتى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىڭ ياپونىيە تەسلىم بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانىغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ‹‹ياپونىيە خەلقىنىڭ ئەركىن تاللىشى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقى››نى بەلگىلىدى. كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ئۈستىدىكى كېڭىشىشتە، يەنە بەزى كىچىك ھالقىلار بار ئىدى، يەنى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان دەسلەپكى لايىھەدە ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ (ياپونىيە چوڭ لاگېرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە) تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇشى قەتئىي تەلەپ قىلغان، لېكىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئېدىل ۋە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بېۋېن بۇ تەلەپنىڭ ‹‹ئاقىلانە›› بولغان بولمىغانلىقىدىن گۇمانلانغان ھەم ‹‹تەڭرىقۇت ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپونىيە چوڭ لاگېرىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا ھوقۇق ۋە كاپالەت بەردى››، دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. ئاخىرىدا ئامېرىكا تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن بېكىتىلگەن ئورىگىنالنى ئەۋەتكەن.

 «تەسلىمنامە››بىلەن«ئۇرۇش توختىتىش پەرمانى››نىڭ ھېچقانداق سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى يوق

    شۇنىڭ بىلەن ئالدىنئالا تەييارلانغان ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ ‹‹تەسلىم بولۇش ئۇقتۇرۇشى››نى ئىشلەتكىلى بولمىدى. لېكىن ئامېرىكا ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ ياپونىيە خەلقىنىڭ قەلبىدە تۇتقان ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ ئۇقتۇرۇش خاراكتېرىلىك ھۆججەتتىن بىرنى ئىمزالىشى يەنىلا زۆرۈر،دەپ قارىدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى ھۆججەتتە: ‹‹مەن شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمەن››دېگەن ئىلگىرىكى سۆز ئېلىۋېتىلىپ، تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياپونىيە چوڭ لاگېرىغا ‹‹ھوقۇق بېرىلگەنلىكى›› ئالاھىدە تەكىتلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيە ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ تەسلىمنامىدىكى ماددىلارغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىشى بۇيرۇلدى.

«ئۇرۇش توختىتىش پەرمانى›› تىلغا ئېلىنسا،‹‹پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى››ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ1945. يىل 7 ئاينىڭ 26 كۈنى، ئامېرىكا،ئەنگلىيە،جۇڭگو ياپونىيەنى شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدىغان‹‹پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى››نى ئېلان قىلغاندا، ياپونىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى.ئەينى چاغدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۇلتىماتومغا ‹‹پەرۋا قىلماسلىق››، ‹‹رەت قىلماسلىق›› پوزىتسىيەسى ئەمەس، ‹‹باھا بەرمەسلىك›› پوزىتسىيەسىنى تۇتقاچقا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر خاتا چۈشىنىپ قالغان ھەم بۇ ئىش ئاخىرقى ھېسابتا ياپونىيەنىڭ ھازىرغا قەدەر دۇنيادا ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان، دېگەن گەپلەر تارقالغان .

    بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى دېگەندە، باش ۋەزىر سۇزۇكى كانتارونىڭ 7 ئاينىڭ 28 كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سۇزۇكىنىڭ سۆزى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن ،سۇزۇكى بىرىنچىدىن، ‹‹پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى›› 1943 يىلىدىكى‹‹قاھىرە خىتابنامىسى››نىڭ تۆرەلمىسى؛ ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمىتىمىز ئۇنى ئالاھىدە قىممىتى بار، دەپ قارىمايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا ئىلاج يوق، دېگەن.

    قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 9 ئاينىڭ 2 كۈنىدىكى پەرمان بىلەن 8 ئاينىڭ 15 كۈنىدىكى پەرماننىڭ ھېچقانداق سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى يوق. 9 ئاينىڭ 2 كۈنىدىكى پەرماننى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان.ئامېرىكا پەقەت ياپونىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى ئالاھىدە ئىچكى ئەھۋالى ۋە تەڭرىقۇتنىڭ ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيەنىڭ تەرجىمە قىلغاندا مەلۇم تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغان.

3  سېنتەبىر نېمە ئۈچۈن «غەلىبە كۈنى›› قىلىپ بېكىتىلگەن؟

    ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى 1945 يىل 8 ئاينىڭ 15 كۈنى قوبۇل قىلغان، ياپونىيە تەسلىمنامىگە 2 سېنتەبىر ئىمزا قويغان، ئۇنداقتا 3 سېنتەبىر قانداق قىلىپ ‹‹ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنى›› قىلىپ بېكىتىلگەن؟ چۈنكى قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى بېكىتىشتە يەنىلا تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇش، يەنى تەسلىم بولۇش قانۇنىي رەسمىيىتىنىڭ تاماملىنىشى ئاساس قىلىنىدۇ.

    مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى 1945 يىل 9 ئاينىڭ 1 كۈنى ئېلىمىزنىڭ ‹‹غەلىبىنى تەبرىكلەش كۈنى››نىڭ 3 سېنتەبىر (باشلىنىدىغانلىقى)بولىدىغانلىقى، 3 سېنتەبىردىن ئىبارەت مەملىكەت بويىچە بايراق چىقىرىپ، ئۈچ كۈن تەبرىكلەش بەلگىلەنگەنلىكى ھەم 3 سېنتەبىر بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي ھۆكۈمىتى 3 سېنتەبىر چۇڭچىڭدا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن،مۇراسىمدا جياڭ جيېشى تەبرىك نۇتقى سۆزلىگەن.بىراق جياڭ جيېشى نۇتقىدا 3 سېنتەبىرنى ‹‹ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىمىغان .

    گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ئالىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1946 يىل 4 ئاينىڭ 8 كۈنى ۋاقىتلىق بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يوللىغان ‹‹غەلىبە خاتىرە كۈنى›› لايىھەسىنى قاراپ چىققان. بىراق نېمە سەۋەبتىنكى، بۇ لايىھەدە 3 سېنتەبىر تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇش كۈنى، دەپ قارالغان ھەم لايىھە ماقۇللانغان.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى 1949 يىل 12 ئاينىڭ 23 كۈنى مەملىكەت بويىچە ھەر يىللىق بايرام ۋە خاتىرىلەش كۈنىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسىنى ماقۇللىغان. 8 ئاينىڭ 15 كۈنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1951 يىل 8 ئاينىڭ 1 كۈنى، رەئىس ماۋزېدۇڭ تەستىق سېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنىنى 3 سېنتەبىرگە ئۆزگەرتىشكە قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن 3 سېنتەبىر تاكى بۈگۈنگىچە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنى قىلىنىپ كەلدى.

مەنبە شىنجاڭ گېزىتى

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر