باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-07 13:20 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 3000 ــ 4000 يىللار بۇرۇنلا تېرىق ۋە بۇغداي ئۇنلىرىدىن نان يېقىپ (پىششىقلاپ ئىشلەپ)ئىستېمال قىلغان.

قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا

ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق

 

  قاراخانىيلار خانلىقى مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمدا، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام ئېتىقادىنى قوبۇل قىلغان فېئوداللىق خانلىقتۇر. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يايلاق رايونلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تەدرىجىي ھالدا شەھەرلەرگە ۋە بوستانلىقلارغا كىرىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. نەتىجىدە، ئۆزئارا قوشۇلۇش ۋە ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈش جەريانىدا بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قەبىلىلەر، ئۇرۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئاجىزلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى قەبىلە- ئۇرۇقلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مەدەنىيىتىنى يادرو قىلغان ھالدا ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان، يېڭىچە بىر مەدەنىيەت سىستېمىسى يەنى قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئەنە شۇ مەدەنىيەت سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ رەڭدار، ئەڭ جەلپكارلىققا ئىگە مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قاراخانىيلار خانلىقىدىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن تارىخىي ۋەسىقىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن مىلادىيە 1077- يىلى يېزىلىپ تاماملانغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دەپ ئېلىندى) دە خاتىرىلەنگەن يېمەك- ئىچمەك ھەققىدىكى ئۇچۇر، مەلۇماتلار ئارقىلىق، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن ئاز- تولا خەۋەردار بولالايمىز.

    «دىۋان»دا ئەينى دەۋردىكى يېمەك- ئىچمەككە دائىر تەخمىنەن 100دىن ئارتۇق سۆزلەم خاتىرىلەنگەن، بۇ سۆزلەملەر نۆۋەتتە بىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىمىز، ئۆگىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىزدا ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

. 1 ئاشلىق يېمەكلىكلىرى

    ئارخېىئولوگىيىلىك بايقاشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭدا بۇنىڭدىن 4000 ــ 10000 يىللار ئىلگىرىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىدە دېھقانچىلىق بارلىققا كەلگەن، يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرى ياكى برونزا دەۋرى (بۇنىڭدىن 3000 ~ 4000 يىللار بۇرۇن) نىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، بۇغداي ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن پەيدىنـپەي تېرىق ۋە بۇغداي ئۇنىدىن ئېتىلگەن يېمەكلىكلەر ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئاشلىق يېمەكلىكلىرى (يەنى ئۇندىن ئېتىلگەن يېمەكلىكلەر ) ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. «دىۋان»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت ھادىسىسى، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىلا ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى «دىۋان»دىكى يېمەك- ئىچمەككە دائىر ئۇچۇر، مەلۇماتلارنىڭ زور قىسمىنى ئاشلىق يېمەكلىكلىرى ئىگىلەيدۇ، بۇ تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

1)نان

 ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن مەلۇمكى، شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 3000 ــ 4000 يىللار بۇرۇنلا تېرىق ۋە بۇغداي ئۇنلىرىدىن نان يېقىپ (پىششىقلاپ ئىشلەپ)ئىستېمال قىلغان. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە، نان ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. «دىۋان»دا، ئون بىلەن ئېتىلىدىغان (ياكى تەييارلىنىدىغان) يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە، نانغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 10 نەچچە ئورۇندا ئۇچرايدۇ. بۇ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس، قويۇق ، مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە«نان مەدەنىيىتى»نى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «دىۋان»دا، تۆۋەندىكىدەك نان تۈرلىرى خاتىرىلەنگەن:

atmak1 (ئەتمەك): نان. (1-توم، 138- بەت)

toquc2 (توقاچ): توقاچ. (1-توم، 464- بەت)

sincü3 (سىنچۇ): گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بولغان بىر خىل نان، خۇيلما. (1-توم، 544-بەت)

kavxag4 (كۆۋشەگ): kouxag atmak- بولدۇرغان نان. (1-توم، 626-بەت)

Qatma5 (قاتلىما) ياغدا پىشۇرۇلىدىغان نېپىز نان (1-توم، 546-بەت)

qaqurγan6 (قاتلىما): قاتلىما، ماي بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل نان. (1 -توم، 672-بەت )

aγ ïqaLay: 7تۆھمەتچى نان. بۇ، ناننىڭ نېپىزلىكىدىن قول تىگە- تەگمەيلا ئۇشتۇلۇپ، ئۇۋۇلۇپ كېتىشىگە قاراپ ئېيتىلغان. (3-توم، 31-بەت)

yarma 8 (يارما) ياكى Yarmayuγa: بىر خىل قاتلىما نان. (3-توم، 44- بەت)

cuqmin9 (چۇقمىن): ھورناننىڭ بىر خىلى، نېپىز ۋە سىڭىشلىك كېلىدۇ .

c koma10 (كۆمەچ): كۈلگە كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان (1-توم، 487- بەت)

poxkal11 (پوشكال): بىر خىل يۇپقا نان. (1-توم، 628- بەت)

kuyma12 (قۇيماق): خېمىر سۇيۇق يۇغۇرۇلۇپ، قازاندىكى ياغقا سېلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۈستىگە شېكەر سېلىنىپ يېيىلىدۇ. (3-توم، 239- بەت) .

 يۇقىرىقى بايانلاردىن، بىز قاراخانىيلار دەۋرىدە نان تۈرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، تۇرمۇشتا ناننىڭ ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

2)تاماق

 «دىۋان»دا ئۇن بىلەن ئېتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە، ناندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى تاماق بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرىمۇ ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇن تاماقلىرى، تېرىق ياكى سۆكتىن ئېتىلىدىغان تاماقلار ۋە تالقانلارغا بۆلۈنگەن. تاماق تۈرلىرىدىن «دىۋان»دا تۆۋەندىكىلەر خاتىرىلەنگەن:

cöp 1 (چۆپ): كەسمە. (1-توم، 418- بەت)

tutmaq 2 (چۆپ): تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلاردىن بىرى. (1-توم، 590-بەت)

ügra 3 (ئۈگرە): سۇيقاشنىڭ بىر تۈرى، ئۇ چۆپتىن سۇلۇق، لەززەتلىكرەك بولىدۇ. (1-توم، 171-بەت)

türmak 4 (تۈرمەل). (1-توم، 622- بەت)

qiyma5 (قىيما): قىيما ئۈگرە. سۇيقاشنىڭ بىر خىلى، بۇنىڭ خېمىرى قۇچقاچ تىلى قىلىپ كېسىلىدۇ. (3-توم،238-بەت)

sarmacuq6 (قۇشقاچ تىلى ئاش): سۇيقاشنىڭ بىر تۈرى. (1-توم، 683-بەت)

tutγuc7 (تۇتغۇچ): رەسىمى تاماق ئالدىدا يېيىلىدىغان ئىشتەي ئېچىش غىزاسى. (1-توم، 591-بەت)

kürxak8 (كۈرشەك): سۆكنى سۇ ياكى سۈتتە قاينىتىپ ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ يېيىلىدىغان بىر خىل تاماق. (1-توم، 625-بەت)

to9 (تو): بۇلماققا ئوخشاش پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ئۇن تاماق. ئۇ بىر قاچىغا سېلىنىپ، ئېچىتىلغاندىن كېيىن ئىچىلىدۇ. (3-توم، 287-بەت)

qaγut 10 (قاغۇت): تېرىقتىن قىلىنىدىغان بىر خىل تاماق. (1-توم، 528-بەت)

soγut 11 (سوغۇت): ھېسىپ. ئۈچەي ئىچىگە گۈرۈچ، گۆش ۋە دورا دەرمەك سېلىپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك. (1-توم، 462-بەت)

latǘ‹12 (لەتۈ): بىر خىل سۇيۇق تاماق. بۇ تاماق سۇ، قار، مۇزغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن سوۋۇتىلىدۇ. ئىچىگە دورا- دەرمەك سېلىنىپ سوغۇقلۇق ئۈچۈن بېرىلىدۇ. (3-توم، 326-بەت)

 مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان»دا ھەتتا بىر قىسىم تاماق تۈرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ( tutmaq چۆپ)نى تىلغا ئالغاندا، «ئۇ، تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىدىن بىرى. بۇ تاماق زۇلقەرنەين ۋاقتىدا پەيدا بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق ئىكەن: زۇلقەرنەين قاراڭغۇلۇقتىن چىققاندا، ئەسكەرلەرنىڭ ئوزۇقى تۈگەي دەپ قالغان، ئۇلار ئاچلىقتىن زۇلقەرنەينگە زارلىنىپبىزنى ئاچ قويمادېگەن مەندەbizni tutmaqدەپ خىتاب قىلغان ۋە «بىزنى قويۇۋەت ئۆز يۇرتىمىزغا كېتەيلى»دېگەن، زۇلقەرنەين دانىشمەنلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئاخىرى مۇشۇ تاماقنى تاپقان.» دەپ يازغان. مەھمۇد قەشقەرى يەنە بىر قىسىم تاماق تۈرلىرىنىڭ تەييارلىنىش، ئېتىلىش ئۇسۇلىنى، قايسى خىل تاماقنىڭ قانداق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر قىسىم تاماقلارنىڭ شىپالىق رولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ «دىۋان»دا«: «kaγut (قاغۇت): تېرىقتىن قىلىنىدىغان بىر خىل تاماق. ئۇنى قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: تېرىق ئاۋۋال قاينىتىلىپ كېيىن قۇرۇتۇلىدۇ. ئاندىن تۈگمەندە تارتىپ ئۇن قىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ياغ ۋە شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا بېرىلىدۇ (. sarmaсuq سارماچۇق): قۇشقاچ تىلى ئاش. سۇيقاشنىڭ بىر تۈرى. بۇنىڭ خېمىرى نوقۇت چوڭلۇقىدا كېسىلىدۇ. بۇ ئاش كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە بېرىلىدۇ (. Tutmaq تۇتماق): تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىدىن بىرى.« بۇ تاماق بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىپ يۈزنى قىزارتىدۇ ۋە قورساقتا ئۇزاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى يەپ، شورپىسىنىمۇ ئىچىدۇ»، دەپ يازغان.

 يۇقىرىقىلار پەقەت «دىۋان»دا، سۆزلەملەرنى ئىزاھلاش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن خاتىرىلىنىپ قالغان بىر قىسىم تاماق تۈرلىرى بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم تاماق تۈرلىرىدىن يۈزەكى بولسىمۇ ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيمىز.

 . 2 گۆش يېمەكلىكلىرى

    ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچقىرىش بازىسى شۇنداقلا يەنە ئەڭ چوڭ چارۋىچىلىق بازىسى. يازما خاتىرىلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ شىنجاڭدا دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە چارۋىچىلىق ئاساسلىقى تەڭرىتېغى، قاراقۇرۇم تېغى ۋە ئالتاي تېغى ئېتەكلىرىدىكى يايلاقلارغا مەركەزلەشكەن. تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلارمۇ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىسى ئىدى. چارۋىچىلىقتا ئاساسلىقى ئات، كالا، قوي، ئۆچكە، تۆگە، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلار بېقىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم چارۋىلار ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىنسا، يەنە بىر قىسىم چارۋىلار قاتناش ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلەتتى، يەنە بىر قىسىم چارۋىلار بولسا يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى، چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن كىيىم- كېچەك ئىشلىنەتتى. «دىۋان»دا گۆشتىن ئىشلىنىدىغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:

soqtu 1 (سوقتۇ): ھېسىپنىڭ بىر خىلى. جىگەر بىلەن گۆش دورا- دەرمەك بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئۈچەيگە تىقىلىدۇ ، ئاندىن پىشۇرۇپ يېيىلىدۇ. (1-توم، 543- بەت)

mün2 (مۈن): شورپا، (1-توم، 443- بەت)

toγril3 (توغرىل): قېزا. ئىچىگە دورا- دەرمەك ۋە گۆش تىقىلىدىغان ئۈچەي. (1-توم، 629- بەت)

topiq 4 (توپۇق)- topiksoηü: قوينىڭ توپۇق سۆڭىكىدىن قىلىنىدىغان غىزا. (1-توم، 492- بەت)

yorgamac 5 (يۆرگەمەچ ): قېرىن ۋە ئۈچەينى ئىنچىكە ئۈچەيگە تىقىپ، كاۋاپ قىلىپ ياكى پىشۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك، ھېسىپ. (3-توم، 74-، 75- بەتلەر)

yazuq6 (يازدۇق) ياكى yazuq at: كۈزدە ھەر خىل دورا-دەرمەكلەر بىلەن قۇرۇتۇپ قويۇلۇپ ، ئەتىيازدا يېيىلىدىغان قاق گۆش. (3-توم، 19- بەت)

qazi7 (قېزا): (3-توم، 309-بەت)

soglüncü8 (سۆگلۈنچۇ): كاۋاپ. (3-توم، 333- بەت)

    قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى مەيلى كۆلەم جەھەتتە، ياكى خانلىقنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىكىدە تۇتقان ئورنى جەھەتتە بولسۇن، خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. «دىۋان»دا خاتىرىلەنگەن گۆشتىن ئىشلىنىدىغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە، كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەكرەك تارتىدىغىنى ئات گۆشى يېمەكلىكلىرىدۇر. مەسىلەن، «دىۋان»دا yund:(يۇند): ئات، يىلقا. yund ati yipar ـــ ئات گۆشى ئىپار، يەنى ئات گۆشى ئىپاردەك خۇشپۇراق، پىشۇرۇلۇپ سوۋۇتۇلغاندا ئۇنىڭدىن ئىپاردەك بىر خۇشپۇراق كېلىدۇ . aziq (قېزا).yaγ Yund qazisi: يىلقىنىڭ قېزىسى ياغدۇر. تۈركلەر ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ياغ مۇشۇ»، دېيىلگەن. بۇنىڭدىن، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئات گۆشىنىڭ ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ قېزىسى ۋە مېيىنىڭمۇ ئەتىۋارلىنىپ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 . 3 ئىچىملىكلەر

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىچىملىكلەر يېمەك- ئىچمەكلەر ئىچىدە تولۇقلىما ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدۇ. «دىۋان»دا قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىكلىرىگە دائىر مەلۇماتلار 10 نەچچە ئورۇندا خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ ئىچىملىكلەرنى ئۇلارنىڭ خام ئەشيا ۋە ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، مېۋە تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر، سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ۋە ئاشلىق تۈرىدىكى (ياكى ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن) ئىچىملىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ تونۇشتۇرىمىز.

1)مېۋە تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر

    «دىۋان»دا مېۋە تۈرىدىكى ئىچىملىكلەردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر خاتىرىلەنگەن.

uhaq1 (ئوخاق): ئۆرۈك قېقىنىڭ شىرنىسى، بۇ ئىچىلىدۇ. (1-توم، 165- بەت)

bor2  (بور): شاراب. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: شاراب بولماي توزۇپ، سىركە بولما. (3-توم، 167- بەت)

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن مېۋە- چېۋە ماكانى. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە تارىم ۋادىسىنىڭ باغۋەنچىلىك ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ جايلاردا ئۆرۈك، شاپتۇل، ئامۇت، بىيە، ئۈزۈم، قوغۇن، ئالما، ياڭاق، ئانار، ئۈجمە، چىلان، ئالۇچا، جىگدە قاتارلىق مېۋە- چېۋىلەر تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر خىل ئىچىملىكلەر ئىشلىنىپ ئىستېمال قىلىنغان.

2)سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر

    سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشلىنىدىغان ياكى تەييارلىنىدىغان ئىچىملىكلەر، نۆۋەتتە مەيلى چارۋىچىلىق رايونىدىكى ياكى دېھقانچىلىق رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك تۇرمۇشىدا بولسۇن، خېلى مۇھىم بولغان قوشۇمچە ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    «دىۋان»دا ئۇيغۇرلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان ئىچىملىكلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر خاتىرىلەنگەن:

Ayran1 (ئايران): قېتىق. (1-توم، 163-بەت)

Uzitma2 (ئۇيۇتما): قېتىق. (1-توم، 195-بەت)

qimiz3 (قىمىز): تۇلۇمدا ئېچىتىپ ئىچىلىدىغان يىلقا سۈتى. (1-توم، 474-بەت)

qayaq 4 (قايماق): شېئىردا مۇنداق كەلگەن: چۇجگۇن قوناق دانلىرى سىيرەكلەشتى، سۈتتىن قايماق سۈزۈلۈپ بولدى. (3 ــ توم، 228 ــ بەت)

3)ئاشلىقتىن ئىشلىنىدىغان ئىچىملىكلەر

    «دىۋان»دا ئاشلىقتىن ئىشلىنىدىغان ئىچىملىكلەردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر خاتىرىلەنگەن.

Qaγir1 (چاغىر): ھاراق، شاراب. (1-توم، 470- بەت)

suqik2 (سۈچىك): ھاراق، مەي... ئىلى ۋادىسىدا ياشىغۇچى ياغما، توخسى، چىگىل قەبىلىلىرى ھاراقنى(kizil suqikقىزىل سۈچىك) دەيدۇ. (1-توم، 531-بەت)

Bagni3 (بەگنى): بۇغداي، تېرىق ۋە ئارپىغا ئوخشاش نەرسىلەردىن تەييارلىنىدىغان ئىچىملىك. (1-توم، 565- بەت)

Buhsum4 (بۇخسۇم): بورا. تېرىقتىن ياسىلىدىغان ئىچىملىك. (1-توم، 631-بەت)

Aγartγu5 (ئاغارتغۇ): بۇغداي يارمىسىدىن ياسالغان بوزىغا ئوخشاش ئىچىملىك. (3-توم، 600- بەت)

    يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىچىملىكلەر ئىچىدە، ئاشلىقتىن ئىشلىنىدىغان ئىچىملىكلەر بىلەن سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر «دىۋان»دا بىر قەدەر كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان. بۇ، ئۇيغۇرلار ياشاپ كېلىۋاتقان ئىلى، تارىم ۋادىلىرىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ دېھقانچىلىقنىڭ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىقنىڭ دېھقانچىلىققا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 . 4 ھەر خىل تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلار

    «دىۋان»دا ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرىدىن سىرت، يەنە ھەر خىل تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارمۇ خاتىرىلەنگەن. بىزگە مەلۇمكى، تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلار يېمەك- ئىچمەكلەرنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىك ۋاسىتە بولۇپ، ئۇ يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ رەڭگى بىلەن تەمىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «دىۋان»دا ئەينى دەۋردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر خاتىرىلەنگەن.

mandu1 (ماندۇ): بىر خىل تۈرك سىركىسىنىڭ ئېتى. ئۇ مۇنداق ياسىلىدۇ: ئۈزۈم شىرنىسىنى كۇپتا ئېچىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپ ھاراق قۇيۇپ، بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن سىركە بولۇپ چىقىدۇ. بۇ سىركىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (1-توم، 548- بەت)

yamata2 (ياماتا): قۇيماق خېمىرىغا ئوخشاش سۇيۇق قىلىپ چېلىنىدىغان بىر خىل خېمىر. سېمىز توخۇنى ياكى سېمىز گۆشنى قورۇغاندا ياكى كاۋاپ قىلغاندا، يېغى ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا شۇ خېمىر سۈرتىلىدۇ. (1-توم، 580- بەت)

qor3 (قور) قور، كۆنەلگۈ. بۇ قاچىنىڭ تېگىدە قالدۇرۇلغان ئازراق قېتىق ياكى قىمىز كۆنەلگۈسى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈستىگە سۈت قۇيۇپ قېتىق ئۇيۇتىلىدۇ ياكى ئېچىتىلىدۇ. (3-توم، 168-بەت)

sirka4 (سىركە): ئۈزۈم سىركىسى.

murc5 (مۇرچ): مۇچ، قارىمۇچ. (1-توم، 447- بەت)

    بۇ تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنى باشتا كۆرسىتىلگەن يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلىلا يۇقىرى يېمەك- ئىچمەك تەييارلاش ماھارىتىنى ھازىرلىغانلىقىنى، تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنىڭ يېمەك- ئىچمەكلەرنى تەييارلاشتا خېلىلا ئومۇملاشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى يېمەك- ئىچمەكلەرنى تەييارلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىلىرىنىڭ ئەنە شۇ قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئاللىقاچان مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

    ھەممىمىزگە ئايانكى، يېمەك- ئىچمەك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، تەبىئىي ھالدا مۇئەييەن بىر دەۋردىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى ئەينى دەۋر شەرق دۇنياسىدا بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بۈيۈك «يىپەك يولى» سودىسىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشى شۇنداقلا «يىپەك يولى» ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ھەم ھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە پۇختا ئاساس سېلىنغان.

    ئىزاھلار:

①②③④ مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىل نەشرى، 590-، 591-، 528-، 683-، 573-، 574- بەتلەر.

ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى تۈزگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 188-، 189- بەتلەر.

⑥⑦ مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-توم، 7-، 309- بەتلەر.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر