تارىختا 5-سىنتەبىر
1566-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سۇلتان سۇلايمان بىرىنچى ئالەمدىن ئۆتكەن. سۇلايمان ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئونىنچى سۇلتانى شۇنداقلا تەختتە ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرغان سۇلتان. ئۇ قوشۇمچە ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي روھىي يېتەكچىسى خەلىپە بولغان. سۇلايمان بىرىنچى بىلىم ۋە جاسارەتتە تەڭداشسىز بولغاچقا، ئۇ غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە يۇرۇڭ سۇلتان دەپ قارالغان. 1901-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا پىرېزدېنتى مېكئىنلى بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان. ئۇ ئۈچىنچى بولۇپ قەستكە ئۇچرىغان ئامېرىكا پىرېزدېنتى. 1937-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چەكسىزلىگەن ناتسىستلار نيۇرنبېرگنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا يىغىلغان. شۇ كۈنى ئادوف گېتلىر دۆلەتلىك سوتسىيالىستىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كەلگەندە بۇ كوچىغا كەلگەن، بارلىق ناتسىستلار سەپكە تىزىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت گېرمانىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناتسىستلار يىغىلىشى بولۇپ، ناتسىستلارنىڭ كۆلىمى تولۇق نامايان قىلىنغان. يىغىننىڭ كۆلىمى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بولۇپ، گېتلىر 600 مىڭلىق ناتسىستلار قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. 1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىيۇنخېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 10-كۈندىكى مۇسابىقىسىغا قاتناشماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئون پەلەستىنلىكتىن تەشكىللەنگەن «زۇلمەتلىك توققۇزىنچى ئاي» ناملىق قوراللىق ئۇنسۇر تىۋىش چىقارماي ئولىمپىك كەنتىگە يېقىنلاشقان. ئۇلار نىقاپنى تاقاپ كېچىدە ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقماي، 31-رايوندىكى ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن. توقۇنۇش ئۇزۇن داۋاملاشقان بولۇپ، توققۇز ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچى، ئىككى ساقچى قازا قىلغان، بەش تېررورچى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان، تۆت تېررورچى قولغا ئېلىنغان. 1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كوكاكولا شىركىتى قۇرۇلغان. كوكاكولا شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچىملىك، شېكەر قىيامى، شەربەت شۇنداقلا قەھۋە، چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى.
|