ئابى بىلەن ئاكىنو Ⅲشۇ كۈنى 20 مىنۇتلۇق يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئابى سۆھبەت باشلىنىشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ، ئۆتكەن 12 ئايدا ئاكىنو Ⅲئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم كۆرۈشكەنلىكى، ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ «ناھايىتى قويۇق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئابى يەنە فىلىپپىن ياپونىيىنىڭ «ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھى»، ئىككى دۆلەت «ئورتاق قىممەت قارىشى»غا ئىگە، دەپ كۆرسەتكەن.
ئاكىنو Ⅲ، ياپونىيە فىلىپپىننىڭ «ئىككى ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھىنىڭ بىرى»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە فىلىپپىننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە فىلىپپىننى زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، بۇ قېتىمقى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ياپونىيىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ مۇھاپىزەت، ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دەپ كۆرسەتكەن.
سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئابى بىلەن ئاكىنو Ⅲبىرلىكتە خىزمەت تامىقى يېگەن.
فىلىپپىن «مانىلا ئاخباراتى»نىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاكىنو Ⅲنىڭ 2010-يىلى فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىنكى 5-قېتىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ فىلىپپىن-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاكىنو Ⅲئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە فىلىپپىننىڭ ئىككى چوڭ «ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھى»، شۇنداقلا فىلىپپىن دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يادروسى دېگەن.
«مانىلا ئاخباراتى»نىڭ دوكلاتىدا، ياپونىيە فىلىپپىننىڭ دېڭىز ئۈستى مۇھاپىزەت كۈچىنى كۈچەيتىشىدە «مۇھىم رول» ئوينايدۇ، دېيىلگەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، ئابى فىلىپپىندا زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيە يىن قەرز شەكلى ئارقىلىق فىلىپپىننى 10 دېڭىز ياقىسى مۇھاپىزەت ئەترىتى چارلىغۇچى پاراخوتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.