باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

كولومبىيە ياپونىيەنى يۇقىرى نومۇر پەرقتە مەغلۇپ قىلدى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-25 08:32:42


data-cke-saved-src=/uploadfile/article/uploadfile/201406/20140625083416572.jpg



2014-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00دە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى س گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى ياپونىيە بىلەن كولومبىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
ئەڭ ئاخىرىدا كولومبىيە 4-1 نەتىجىدە يۇقىرى نومۇر پەرق بىلەن ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تولۇق غەلبە قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇرۇگۋاي بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
كولومبىيە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلبە قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقتى. گەرچە ئاساسلىق ئەزادىن سەككىزنى ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا ياپونىيەنى 4-1 نەتىجىدە يۇقىرى نومۇر پەرقتە مەغلۇپ قىلدى.
ياپونىيە ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ ئاۋىستىرالىيەدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشقان ئىككىنچى ئاسىيا كوماندىسى بولدى.
كولومبىيەنىڭ 43 ياشلىق پىشقەدەم قاپقىچىسى موندراگون ئەڭ ئاخىرقى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىدە مەيدانغا چىقىپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ توپچىغا ئايلاندى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 16-مىنۇتتا كولومبىيە تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، ياسۇيۇكى كوننو چەكلەنگەن رايوندا راموسنى پۇتلىۋەتتى، باش رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، گۇئاردادو نۇقتا توپنى ئوڭ ئاستى بۇلۇڭغا كىرگۈزدى. كولومبىيە 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. ياپونىيە كوماندىسى تىرىشىپ ھۇجۇم قىلدى،
ئالدىنقى يېرىم مەيدان قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىدە، باش رېپىر مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۈشتىكى چالىدىغان ۋاقىتتا ياپونىيە تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، خوندا ئوڭ تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا 45 گىرادۇسلۇق پاس تاشلىدى، شىنجى ئوكازاكى كاللا توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ ئاياقلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 55-مىنۇتتا كولومبىيە ئارقا مەيداندا توپ تارتىۋېلىپ تېزلىكتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئارىياس ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئېلىپ مېڭىپ بۆسۈپ كىرىپ توپنى ئىتتىرىپ بەردى، رودىرىگۇز چەكلەنگەن رايوندا توپ بۆلۈپ بەردى، مارتىنىس توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 2-1 گە چوڭايتتى. 82-مىنۇتتا كولومبىيە تېزلىكتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، رودىرىگۇز ئىتتىرىپ بەردى، مارتىنىس بېكتىن ئۆتۈپ توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 3-1 گە چوڭايتتى.
89-مىنۇتتا رودىرىگۇز توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 4-1 گە چوڭايتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا كولومبىيە 4-1 نەتىجىدە ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تولۇق غەلبە قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.

 





















باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号